2024-يىل 29-ئاپرېل

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

نېمە ئۈچۈن مۇسۇلمانلار كەئبىنى مەركەز قىلىپ ئىبادەت قىلىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن مۇسۇلمانلار كەئبىنى مەركەز قىلىپ ئىبادەت قىلىدۇ؟

(1)

كەئبە (بەيتۇللاھ) يەر شارىدا ئاللاھقا بىرىنچى قېتىم ئىبادەت قىلىنغان دەسلەپكى ئورۇن بولۇپ تەۋھىدنىڭ ئۇلى، دىن شۇ يەردىن باشلانغان. شۇ تارىختىن باشلاپ بۇ ئورۇن»مۇقەددەسلىكنىڭ سىمۋولى ۋە زېمىنغا قادالغان ئاللاھنىڭ بايرىقى»غا ئايلىنىپ، ئاللاھنىڭ ئۆيى دەپ ئاتالغان. ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن تارتىپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قەدەر ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ بىرلىكىنى مۇجەسسەملەشتۈرۈش ئۈچۈن مۇسۇلمانلارنىڭ ھەج پائالىيىتىمۇ كەئبىدىن باشلىنىدۇ. ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ قۇرۇلمىسى ئىسلام شەرىئىتى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. ئاللاھ كەئبىنى مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى مەنىۋى بىرلىكنىڭ سىموۋلى قىلىپ بەلگىلىگەن. مۇسۇلمانلارنىڭ ھايات ئىشلىرى نىشان يولىدىكى ھەرىكەتكە ئايلىنىشى ئۈچۈن چوقۇم ئاللاھنىڭ ئىرادىسى ئەتراپىدا ئايلىنىشقا ئۆزگىرىشى لازىم.

پەيغەمبەرلەنىڭ بوۋىسى بولغان ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام كەئبىنى قۇرۇپ چىققانلىقى ئۈچۈن، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ دىننى ياخشى كۆرگەن مۇسۇلمانلارنىڭ ھەج پائالىيىتى ئاللاھ دىنىنىڭ بىرلىكىنى مۇجەسسەملەشتۈرۈشنى ئىرادە قىلغان:«ئېيتقىنكى،«ئاللاھ راست ئېيتتى، (ئىسلام دىنىدىن ئىبارەت)ئىبراھىمنىڭ توغرا دىنىغا ئەگىشىڭلار، ئۇ(يەنى ئىبراھىم) مۇشرىكلاردىن ئەمەس ئىدى». ھەقىقەتەن ئىنسانلارغا(ئىبادەت ئۈچۈن) تۇنجى سېلىنغان ئۆي(يەنى بەيتۇللا)مەككىدىدۇر، مۇبارەكتۇر، جاھان ئەھلىگە ھىدايەتتۇر. ئۇنىڭدا ئوچۇق ئالامەتلەر باركى، ماقامى ئىبراھىم شۇلارنىڭ بىرى، بەيتۇللاغا كىرگەن ئادەم ئەمىن بولىدۇ. قادىر بولالىغان كىشىلەرنىڭ ئاللاھ ئۈچۈن كەبىنى زىيارەت قىلىشى ئۇلارغا پەرز قىلىندى. كىمكى ئىنكار قىلىدىكەن(يەنى ھەجنى تەرك ئېتىدىكەن, زىيىنى ئۆزىگە). شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئەھلى جاھاندىن(يەنى ئۇلارنىڭ ئىبادىتىدىن) بىھاجەتتۇر. ئى مۇھەممەد!ئېيتقىنكى:«ئى ئەھلى كىتاب! (يەنى يەھۇدىيلار، ناسارالار)نېمە ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ ۋاھالەنكى، ئاللاھ قىلمىشىڭلارغا شاھىتتۇر»(ئال ئىمران سۈرىسى،94-98-ئايەتلەر).

ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام كىشىلەرنىڭ قەلبىنىڭ بەيتۇللاھ(كەئبە)غا ئىنتىلىشىگە دۇئا قىلغان ئىدى، بۇ دۇئانىڭ جاۋابى قەلبلەرنى بەيتۇللاھغا باغلىغان ۋە ئىشتىياق ئىچىدە سېغىنىدىغان ناماز ۋە ھەج پائالىيىتىدە نامايان بولدى.  پەيغەمبىرىمىز ۋە مۇسۇلمانلار ھەج پائالىيەتلىرىنى تاماملىغاندا، پەيغەمبىرىمىز ئاللاھنىڭ ئىنسان ئۈستىدىكى ھوقۇقلىرى ۋە ئىنسان ھوقۇقلىرى توغرىسىدا خەلقئارالىق شەرتنامە ئېلان قىلغان. ھەج پائالىيىتى ئارقىلىق بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ دىنى بولغان ئىسلامنىڭ پۈتۈن قۇرۇلمىسى تولۇق پۈتۈپ چىققان.

كەئبىنىڭ ئەتراپىدا ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبەرگە ئىلاھى ۋەھىي نازىل بولغان، مۇشۇ ۋەھىي ئارقىلىق مەدەنىيەتسىز كىشىلەر  دۇنيا ۋە مەدەنىيەتنىڭ يۆلىنىشىنى ئۆزگەرتىدىغان يەككە-يېگانە ئەۋلادقا ئايلانغان. پەيغەمبەر مەكتىپىدە يېتىشىپ چىققان بۇ ئەۋلادلار كىسرا ئىمپىرىيسىنىڭ زومگەرلىكى ۋە رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ مۇستەبىتلىكىدىن ئىنسانلارنى ئازادلىققا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن ئاتلانغان. مۇستەبىت سەۋەبلىك تارلىشىپ كەتكەن دۇنيانىڭ تارلىقىدىن دۇنيانىڭ كېڭىرلىكىگە، دىنلارنىڭ زورلاش بېسىمىدىن ئىسلامنىڭ ئادالىتىگە، مەخلۇقلارغا قۇلچىلىق قىلىپ خارلىنىشتىن پەقەتلا ياراتقۇچى ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىش ئۈچۈن ئىنسانلارنى ئازادلىققا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغان. زومىگەر ۋە دىكتاتورلارنى يوقاتقان ئاللاھنىڭ يولۋاسلىرى شۇنداق مېھرىبان ۋە رەھىمدىل بولۇپ، ئىنساندىن ھالقىپ ھايۋان، ئۆسۈملۈك ۋە باشقا نەرسىلەرگىمۇ مېھرىبان ئىدى. چۈنكى دەرسلىرى خاتىرجەم ھەرەمدە باشلانغان بۇ مەكتەپ، مۇسۇلمانلارغا بۇ كائىناتتىكى بارلىق ھاياتلىققا تەۋە نەرسىلەر ئاللاھغا تەسبىھ ئېيتىدۇ دەپ تەلىم بەرگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمانلار «ئىسلام نېمىتى»دىن ئىبارەت ئەڭ كاتتا نېئمەت باشلانغان مۇشۇ ئورۇنغا ئىنتىلىدۇ، شۇ يەرگە يۈزلىنىدۇ.

ئىسلام ئاللاھنىڭ ئىنسانغا چۈشۈرگەن شەرىئىتىنىڭ ئاخىرقىسىدۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسىدۇر، كەئبە (بەيتۇللاھ)تەۋھىد ئاساسىدا ئىبادەت ئۈچۈن تۇرغۇزۇلغان بىرىنچى ئورۇندۇر: «ھەقىقەتەن ئىنسانلارغا (ئىبادەت ئۈچۈن) تۇنجى سېلىنغان ئۆي(يەنى بەيتۇللا) مەككىدىدۇر، مۇبارەكتۇر، جاھان ئەھلىگە ھىدايەتتۇر»(ئال ئىمران سۈرىسى،96- ئايەت). ئاخىرقى ئۈممەتنىڭ دەسلەپكى ئۈممەت بىلەن ۋە چوقىسىنىڭ يىلتىز بىلەن باغلىنىشى ئۈچۈن مۇسۇلمانلارنىڭ ھەج ئاپالىيىتىنى زېمىندا دەسلەپتە سېلىنغان ئورۇندا بولىشىنى ئىرادە قىلغان. مانا بۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن ئىسلامنىڭ ئاللاھنىڭ دىنىنى مۇتلەق تولۇق ئۆزلەشتۈرگەنلىكىنىڭ بەلگىسىدۇر.

(2)

كەئبە يالغۇز ئاللاھقا ئىبادەت قىلىنىش ئۈچۈن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئارقىلىق سېلىنغان ئۇلۇغ ئورۇن. كەئبە تەۋھىدنىڭ بەلگىسى، كەئبىگە باغلىنىپ ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىبادەتلەرنىڭ ھەممىسى تەۋھىد ئېتىقادىنى تەمسىل قىلىپ بېرىدۇ. مۇسۇلمانلار تەۋھىدنىڭ سىموۋلى بولغان كەئبىنى ئاساس قىلىپ، بىر پەرۋەردىگارغا ۋە بىر قىبلىگە يۈزلىنىدۇ.

ئىسلامدىكى ئىبادەت بويسۇنۇش ۋە ئىتائەت قىلىش مەزمۇنلىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئىنسان بىر نەرسىگە چوقۇنسا ئۇنىڭغا بويسۇنۇشى، ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى ئاجىز ۋە بىچارە تۇتۇشقا تېگىشلىك. كىم بىر نەرسىگە ئىبادەت قىلسا ئۇنىڭ رېئاللىققا تەسىر كۆرسىتەلىگۈدەك غەيبى كۈچى بار دەپ قارايدۇ. دېمەك، ئىنسان پايدىنى كۆزلەپ ۋە زىياندىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىبادەت قىلغان نەرسىگە يېقىنلىشىدۇ. شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە قىلمىسا زىيان كېلىپ چىقىدىغان ۋە جازا بەلگىلەنگەن بىر ئىبادەتنى تاشلاپ قويۇشنى كەمچىللىك ئۆتكۈزگەنلىك دەپ قارايدۇ.

ئىبادەتنىڭ بۇ ئۇقۇمىدىن مۇسۇلمانلارنىڭ كەئبىگە ئىبادەت قىلمايدىغانلىقىنى ھېس قىلالايمىز. ئۇلار كەئبىنى ھۆرمەتلەيدۇ، بىراق كەئبىدىن ياكى قاراتاشتىن كۆرسەتمە ۋە يوليورۇق ئالمايدۇ، چۈنكى كەئبە ۋە قاراتاش پايدا- زىيانغا ئىگە ئەمەس، ئۇ ئىككىسىدىن كۆرسەتمە ياكى يوليورۇق چىقمايدۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ ئېتىقادىدا مەخلۇقلاردا ئۆزلۈك ھۆكۈمرانلىق مەۋجۇت بولمايدۇ، شۇنداقلا مۇسۇلمانلار ياراتقۇچى بىلەن مەخلۇق ئارىسىدىكى ئالاقىنىڭ ۋاستىسىز ئىكەنلىكىنى ئېتىقاد قىلىشىدۇ. ئىنسانلار ئاللاھقا يېقىنلىشىشتا شاپائەت قىلىدۇ دەپ بىرەر نەرسىگە مۇھتاج بولمايدۇ.

كەئبە مەنىۋى ھەقىقەتلەرنىڭ بەلگە خاراكتېرلىك ھېسسى سۈرىتىدۈر. كەئبە ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتا ئۇلۇغلاشنىڭ ۋە ھۆرمەتلەشنىڭ مەركىزى قىلىپ بەلگىلەنگەن. يالغۇز ئاللاھغىلا ئىبادەت قىلىش ئۇقۇمىنى بېرىش ئۈچۈن ئىنسانلار ياشايدىغان يەر شارىدا پەقەتلا بىرلا كەئبە بەلگىلەنگەن. كەئبىگە يۈزلىنىپ قىلىنغان ئىبادەت ئاللاھ ئۈچۈن بولىدۇ. ئىنساننىڭ تۇيغۇلىرىنى ھېسسى شەكىلدە ئىپادىلەشتىكى خاراكتېرى بىلەن بەزى ئىبادەت ئۇقۇمىنىڭ ئۇيغۇن كېلىش ئۈچۈن ئاللاھ ئىبادەتلەرنىڭ بەزى بىر مەزمۇنلىرىنى ھېسسى شەكىلدە نامايان بولىدىغان قىلىپ بەلگىلىگەن.

پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قاراتاشنى سۆيىشىدىكى مەقسەت رەسۇلۇللاھ بىلەن مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى روھى ۋە ھېسسى ئالاقىلىشىشتىن ئىبارەت خاس ئالاقىلىشىش ۋاسىتىسىدە يوشۇرۇنغان.  پەيغەمبىرىمىزنىڭ قاراتاشنى سۆيگەنلىكى ئۆزى بىلەن مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى ماددى ۋە ھېسسى ئالاقىنىڭ ئورنىدا بولۇشى مۇمكىن. قىيامەت كۈنىگە قەدەر بارلىق مۇسۇلمانلار پەيغەمبىرىمىزنىڭ يولىنى تۇتۇپ ماڭىدىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ پائالىيەت قىلىدۇ. پەيغەمبىرىمىز ھايات ۋاقتىدا ھەر بىر ساھابىلەر بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشەتتى. پەيغەمبەرنى كۆرمەي تۇرۇپ مۇسۇلمان بولغانلارغا كەلسەك، پەيغەمبىرىمىز ئۇلارنىڭ بۇ دىنغا ئىمان ئېيتقانلىقىنى ھۆرمەتلەپ قاراتاشنى سۆيۈش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ پېشانىسىغا مېدال ئورنىدا ئىز قالدۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بولسا كېرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ قاراتاش پەيغەمبىرىمىز بىلەن مۇسۇلمانلار ئارىسىدا بۇ تۇيغۇنى يەتكۈزۈش ۋە ئۇلارغا يۇقىرى مېدالنى ئېسىشتا ۋاسىتە بولغان بولىشى مۇمكىن.

قاراتاش ئاللاھنىڭ زېمىندا بەلگىلەپ بەرگەن بەلگىسى، كىم ئۇ تاشنى تۇتسا ياكى سۆيسە ياكى ئىشارەت ئارقىلىق تۇتسا ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئىتائەت قىلىشقا قەسەم بەرگەن بولىدۇ. قاراتاشنىڭ قېشىدا قەسەم بېرىش كائىناتنىڭ ياراتقۇچىسى ئاللاھقا بولىدۇ، ئىشىنىش تاشقا ئەمەس، ئاللاھقا بولىدۇ، تەستىقلاش ئاللاھنىڭ كىتابىغا بولىدۇ.

بۇنىڭدىن مۇسۇلمانلارنىڭ قاراتاشقا ئىبادەت قىلمىغانلىقى ۋە ئۇنى مۇقەددەس بىلمىگەنلىكىنى، بەلكى پەيغەمبىرىمىزنىڭ يولىغا ئەگىشىپ، ئۇنى ھۆرمەتلىگەنلىكىنى ھېس قىلالايمىز.

دېمەك، كەئبىگە قاراپ ناماز ئوقۇش ۋە كەئبە ئەتراپىدا تاۋاب قىلىش، ئىبادەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان پەقەت بىر ئىلاھقا چوقۇنغانلىق ۋە ئىبادەت قىلغانلىقنىڭ سىموۋلىدۇر.

  (3)

ئىسلامدىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئىبادەت بولغان نامازدىن ئەسلى مەقسەت ئاللاھ بىلەن ئالاقە باغلاشتۇر. كەئبىگە قاراپ ناماز ئوقۇش نامازنىڭ شەرتىدۇر. كەئبە بولسا مۇسۇلمانلارنىڭ يۆلۈنىشىنى بىر نىشانغا بىرلەشتۈرۈش، ئىبادەت ۋە باشقا ئىشلاردا مۇسۇلمانلارنى باشقىلاردىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن يولغا قويۇلغان بەلگە. شۇنىڭ ئۈچۈن دۇنيادىكى بارلىق مەسچىتلەردىكى مېھرابلار كەئبە تەرەپنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. كەئبە ياكى قىبلە تەرەپ مۇسۇلمانلارنىڭ تەسەۋۋۇرى، شەخسىيىتى، نىشانى ۋە مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئۆزگىچە خاس بولىشى ۋە باشقىلاردىن پەرقلىنىپ تۇرۇشىدىكى بەلگىدۇر.

يەر شارىدا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن ياسالغان بىرىنچى ئورۇنغا مۇسۇلمانلارنى باغلاش؛ ئىسلام دىنىنى كەئبىنى ياساپ نامىزىدا يۈزلەنگەن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا باغلاش پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنى ئىمانى جەھەتتىن، روھى جەھەتتىن، پىسخىكا جەھەتتىن، ئىجتىمائىي جەھەتتىن، ئىنسانىي جەھەتتىن ۋە خەلقئارالىق جەھەتتىن باغلاشتىن ئىبارەت.

مۇسۇلمانلارنىڭ نامازلىرىدا كەئبە تەرەپكە يۈزلىنىشى، كەئبىنى چۆرىدەپ ئىبادەت قىلىشى نامازنى ئىخلاس بىلەن ئوقۇشقا، سەپ ۋە قەلبلەرنىڭ بىرلىشىشىگە ياردەم بېرىدۇ. بۇ مۇسۇلمانلارنىڭ نىشان-غايە بىرلىكىنى كۈچلەندۈرىدۇ، ھەر دەۋردە قېرىنداشلىق تۇيغۇسىنى روھلاندۇرىدۇ، كېيىنكىلەرنى ئىلگىرىكىلىرىگە تۇتاشتۇرىدۇ.

ئابدۇراھامان جامال كاشىغەرى

مىسىر، قاھىرە شەھىرى.

2016-3. 1-كۈنى