2024-يىل 29-ئاپرېل

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

قۇرئاننىڭ مەقسەتلىرى‏ ۋە ئۆلىمالارنىڭ قاراشلىرى

قۇرئاننىڭ مەقسەتلىرى‏ ۋە ئۆلىمالارنىڭ قاراشلىرى

 

شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرى ئىسلامنىڭ قانۇن چىقىرىش پەلسەپىسى.  چۈنكى مەقسەتلەر ئىشلارنىڭ روھى. ‏شۇنىڭغا بىنائەن شەرىئەتنىڭ مەقسىتىنى ئاساس قىلمىغان فىقھى روھسىز فىقھى ھېسابلىنىدۇ،  شەرىئەتنىڭ مەقسىتىنى  تۇتۇپ ماڭمىغان فەقىھ روھسىز  فەقىھ دەپ قارىلىدۇ. دىننىڭ مەقسىتىنى چۈشەنمەيدىغان دىيانەتلىك كىشى جانسىز دىيانەتلىك ئىنسان دەپ تونۇلىدۇ.

شەرىئەتنىڭ مەقسىتىنى چۈشەنمەيدىغان تەشۋىقاتچىلار روھسىز تەشۋىقاتچىلاردۇر.‏ جېنى بار نەرسە بىلەن جېنى يوق نەرسىنىڭ ئارىسىدىكى پەرق ھەممەيلەنگە ئايان. دېمەك ھەر بىر نەرسىنى روھى ۋە مەقسىتى بىلەن ئېلىش زۆرۈر، شەرىئەتنى مەقسىتى ۋە روھى بىلەن چۈشىنىش ۋە ئەمەل قىلىش لازىم. ‏قۇرئاننىڭ مەقسىتى نېمە؟ ‏قۇرئان كەرىم مەقسىتىنىڭ شەرىئەتنىڭ مەقسىتى ئىكەنلىكىدە شەك يوق، قۇرئاننىڭ مەقسىتى ئىچىدە ۋە قۇرئانغا تەۋە ھالەتتە سۈننەتنىڭ مەقسىتى كېلىدۇ. ئەمەلىيەتتە شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرى قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىپنىڭ مەقسەتلىرىنىڭ دەل ئۆزى. ‏قۇرئان ۋە سۈننەتنىڭ مەقسىتىدىن سىرتقى بولغان نەرسە شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرى قاتارىدىن ئەمەس. ‏قۇرئاننىڭ ئومۇمى مەقسىتى قۇرئاننىڭ بارلىق ئەھكاملىرىدىن ھاسىل بولىدىغان يوقىرى مەقسەتلەر.

 ‏‏قۇرئان كىرىم ئۆزىنىڭ مەقسەتلىرى ھەققىدە سۆزلىمەكتە:

‏1. ئاللاھنى يەككە يىگانە دەپ تونۇش ۋە ئاللاھغا خالىس ئىبادەت قىلىش مەقستى:‏(ئېيتقىنكى) «سىلەر پەقەت ئاللاھغا ئىبادەت قىلىڭلار، شۈبھىسىزكى، مەن سىلەرگە ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن، (كاپىر بولساڭلار سىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن، (ئىمان ئېيتساڭلار ئاللاھنىڭ ساۋابى بىلەن سىلەرگە) خۇش خەۋەر بەرگۈچىمەن».‏‏ (ھۇد سۈرىسى1،2- ئايەتكە قاراڭ).

‏2. ھىدايەت قىلىش مەقسىتى:«بۇ قۇرئان ھەقىقەتەن ئەڭ توغرا يولغا باشلايدۇ، ياخشى ئىشلارنى قىلىدىغان مۆمىنلەرگە ئۇلارنىڭ چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىدۇ.»(بەنى ئىسرائىل ، 9-ئايەت).

‏3. قەلبىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە  ئۆزىنى تۈزەش مەقسىتى:«شۇنىڭدەك (يەنى سىلەرگە بەرگەن نېمىتىمنى كامالەتكە يەتكۈزگىنىمدەك) ئۆز ئىچىڭلاردىن سىلەرگە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى تىلاۋەت قىلىپ بېرىدىغان، سىلەرنى (مۇشرىكلىك ۋە گۇناھدىن) پاك قىلىدىغان، سىلەرگە كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) ۋە ھېكمەتنى (يەنى دىنىي ئەھكاملارنى) ئۆگىتىدىغان، سىلەرگە بىلمىگەنلىرىڭلارنى بىلدۈرىدىغان بىر پەيغەمبەر ئەۋەتتۇق» (بەقەر سۈرىسى، 151-ئايەت).

‏4. كۆيۈنۈش ۋە بەخت سائادەتكە ئېرىشتۈرۈش مەقسىتى:«بىز مۆمىنلەرگە (يەنى ئۇلارنىڭ دىللىرىغا) شىپا ۋە رەھمەت بولىدىغان قۇرئان ئايەتلىرىنى نازىل قىلىمىز، قۇرئان كاپىرلارغا زىياندىن باشقىنى زىيادە قىلمايدۇ (يەنى ئۇلار قۇرئاننى تەستىق قىلمىغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ كۇفرى تېخىمۇ ئاشىدۇ)» (بەنى ئىسرائىل سۈرىسى، 82- ئايەت).

‏»(ئى مۇھەممەد!) سېنى بىز پۈتۈن ئەھلى جاھان ئۈچۈن پەقەت رەھمەت قىلىپلا ئەۋەتتۇق»(ئەنىبىيا، 107-ئايەت)

‏5. ھەقىقەت ۋە ئادالەتنى ۋۇجۇتقا چىقىرىش مەقسىتى، ‏زېمىننى گۈللەندۈرۈش مەقسىتى:«بىز ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلىرىمىزنى روشەن مۆجىزىلەر بىلەن ئەۋەتتۇق ۋە ئۇلار بىلەن بىللە، ئىنسانلار ئادالەتنى بەرپا قىلسۇن دەپ، كىتابنى، قانۇننى چۈشۈردۇق»( ھەدىد سۈرىسى، 25-ئايەت).

 

‏‏ئالىملار نەزىرىدىكى قۇرئاننىڭ مەقسەتلىرى

 

بىرىنچى:ئىمام ئىززىدىن ئابدۇسالامنىڭ نەزىرىدە قۇرئاننىڭ مەقسەتلىرى:

‏ئىمام ئابدۇسالام قۇرئاننىڭ مۇتلەق كۆپ مەقسىتى«مەنپەئەتنى ۋە مەنپەئەتنىڭ سەۋەبلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش، زىياننى ۋە  زىياننىڭ سەۋەبلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش» دېگەن.

‏ئەگەر بىز قۇرئان ۋە ھەدىسنىڭ مەقسەتلىرىگە نەزەر تاشلىغىنىمىزدا، ئاللاھنىڭ بارلىق چوڭ-كىچىك ياخشىلىققا بۇيرۇغانلىقىنى، شۇنداقلا ھەر قانداق يامانلىقتىن توسقانلىقىنى بىلەلەيمىز. «ياخشىلىق»نى مەنپەئەتنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە زىياننىڭ ئالدىنى ئېلىش دەپ ئاتايمىز، «يامانلىق»نى زىياننى سۆرەپ كېلىش ۋە مەنپەئەتكە قارشى تۇرۇش دەپ ئاتايمىز.(زەلزەلە سۈرىسىنىڭ 7-ئايىتىگە قاراڭ)

‏ھەر قانداق مەنپەئەتكە قىزىقتۇرىدىغان ۋە ھەر قانداق زىيانلىق ئىشتىن چەكلەيدىغان ئايەت نەھل سۈرىسىدىكى 89-ئايەت.‏ ئاللاھ تائالا بارلىق ئادالەتكە، ھەممە ياخشىلىققا، يېقىن تۇغقانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا بۇيرۇيدۇ. ھەر قانداق سەت قىلمىشلاردىن، يامان ئىشلاردىن ۋە چېكىدىن ئېشىشتىن توسىدۇ»‏‏ دېگەن ئايەت كىرىمىدىكى «ئېھسان» دېگەن سۆز ھەر قانداق ياخشىلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. «ئېھسان»دىن مەقسەت مەنپەئەتنى قولغا كەلتۈرۈش ياكى زىياننىڭ ئالدىنى ئېلىشتۇر. شۇنداقلا ئايەتتىكى «مۇنكەر» دېگەن سۆزمۇ ھەر قانداق يامانلىقنى كۆرسىتىدۇ.‏‏

 

ئىككىنچى:مۇپەسسىر رەشىد رىزانىڭ نەزىرىدە قۇرئاننىڭ مەقسەتلىرى ئون تۈرلۈك:

ئەللامە ‏رەشىد رىزا قۇرئاننىڭ ئىنساننى تەرەققى قىلدۇرۇشتىكى مەقسەتلىرىنى تۆۋەندىكىدەك بايان قىلغان.‏

1.ئاللاھغا ئىمان كەلتۈرۈش، قىيامەت كۈنىگە ئىشىنىش ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلىشتىن ئىبارەت ‏دىننىڭ ئۈچ ئاساسى بويىچە دىنىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش.

‏2.ئىنسانلارغا پەيغەمبەرلىك، دىن ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىلىرىنى بايان قىلىش.

3.ئىسلام دىننىڭ ئىنساننىڭ تەبىئىتىگە ئۇيغۇن دىنلىقى،  ئەقىلنى ۋە كۆز-قاراشنى ھۆرمەتلەيدىغان دىنلىقى؛ بىلىم مەرىپەت، پاكىت، ۋىجدان ۋە ئەركىنلىك دىنى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىش.

‏4.ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش. بۇ ئىسلاھات 8 تۈرلۈك بىرلىك ئاساسىدا ئەمەلگە ئاشىدۇ: ئۈممەت بىرلىكى، ئىنسان تۈرىنىڭ بىرلىكى، دىن بىرلىكى، ئادالەت بىرلىكى، روھى قېرىنداشلىق بىرلىكى، سوت بىرلىكى، تىل بىرلىكى ۋە سىياسى بىرلىكتىن ئىبارەت.‏

5.ئىبادەت ۋە چەكلەنگەن ئىشلاردىن  شەخسى مەسئۇلىيەتلەردە ئىسلامنىڭ ئاممىۋى ئالاھىدىلىكىنى مۇقەررەرلەشتۈرۈش.

‏6.ئىسلامنىڭ خەلقئارالىق سىياسىتىنى بايان قىلىش

  1. ئىقتىسادى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش.

‏8. ھەربى قانۇننى ئىسلاھ قىلىش ۋە ھەربى قانۇننىڭ زىيانلىق تەرەپلىرىنى ياخشىلىققا ئۆزگەرتىش.

‏9. ئاياللارنىڭ ئىنسانىي، دىنىي ۋە مەدەنىي ھوقۇقلىرىنىڭ ھەممىسىنى بېرىش.

‏10. قوللۇقنى تۈگىتىش، ئازاتلىقنى تەشەببۇس قىلىشتىن ئىبارەت.

 

 

‏‏ئۈچىنچى:ئەللامە تاھىر بىن ئاشۇرنىڭ نەزىرىدىكى قۇرئاننىڭ مەقسەتلىرى:

‏تاھىر بىن ئاشۇر قۇرئاننىڭ مەقسەتلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ كىشلەرگە كۆيۈنۈپ قۇرئاننى كىشىلەرنىڭ بارلىق ئىشلىرىنى ئىسلاھ قىلىش ئۈچۈن چۈشۈردى. قۇرئان كىرىمدىن ئەڭ بۈيۈك مەقسەت شەخسلەرنىڭ، كوللېكتىپنىڭ ئەھۋاللىرىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە تەرەققىياتنى گۈللەندۈرۈشتۇر. بۇ ئىشنىڭ ئاساسى ئېتىقادنىڭ ساغلام بولىشىدۇر، چۈنكى ئېتىقاد ئەدەب-ئەخلاق، تەپەككۈر قىلىش ۋە قەلبىنى ئىسلاھ قىلىشنىڭ مەنبەسى. جەمئىيەتنىڭ ئىسلاھ بولىشى شەخسلەرنىڭ ئىسلاھ بولىشىغا باغلىق، چۈنكى شەخسلەر جەمئىيەتنىڭ بىر قىسمى…

‏ئەمما تەرەققىيات ئىسلاھاتى ئىسلام دۇنياسىنىڭ نىزامىنى ساقلاش، ھەممەيلەننىڭ مەنپەئەتىنى ھىمايە قىلىدىغان ۋە ئومۇمى مەنپەئەتلەرگە رېئايە قىلىدىغان يوسۇندا جەمئىيەتنىڭ ۋە رايۇنلارنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىنى نىزامغا سېلىشتۇر، بۇ جەمئىيەتشۇناسلىق ئىلمىي دەپ ئاتىلىدۇ».‏

تاھىر بىن ئاشۇر قۇرئاننىڭ مەقسەتلىرىنى تۆۋەندىكىدەك بايان قىلغان:

1.ئېتىقادنى ئىسلاھ قىلىش ۋە ساغلام ئەقىدىنى تەلىم بېرىش،

‏2. ئەخلاقنى ئىسلاھ قىلىش،

‏3. خۇسۇسىي ۋە ئومۇمى قانۇنلارنى يولغا قويۇش،

‏4. شەرئى سىياسەت، يەنى ئۈممەتنى ئىسلاھ قىلىش ۋە نىزامىنى قوغداش‏،

  1. ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنىڭ ئەھۋالىنى بايان قىلىپ، ئۇلارنىڭ ياخشى تەرەپلىرىدىن ئۆگىنىشكە تەشەببۇس قىلىش ۋە يامان تەرەپلىرىدىن ئاگاھلاندۇرۇش.

‏6. ھەر دەۋردىكى كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىغا يارىشا تەلىم بېرىش.

‏7. ۋەز-نەسىھەت، ئاگاھلاندۇرۇش ۋە بىشارەت بېرىش.

‏8.قۇرئاننىڭ ھەر ۋاقىت مۆجىزلىكىنى بايان قىلىش.

‏9. ئىسلام شەرىئىتى ئەبەدى ۋە داۋاملىق شەرىئەتتۇر، شۇڭا بۇ شەرىئەت ھەر دەۋرنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلالايدۇ.

‏10. ھەر دەۋردىكى ئالىملارنىڭ شەرىئەتنى ۋە شەرىئەتنىڭ قانۇن چىقىرىش مەقسىتىنى چۈشۈنۈپ شەرئى ئەھكاملارنى يەكۈنلەش ئىقتىدارىغا قادىر بولۇشى ئۈچۈن ئالىملار ۋە دەۋەتچىلەرنى ئىزدىنىش، تەتقىق قىلىش ۋە قىيىن دەلىللەردىن شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرىنى چىقىرىشقا ئادەتلەندۈرۈشتىن ئىبارەت.‏

 

تۆتىنچى:ئىمام دوكتۇر يۈسۈپ قەرزاۋىنىڭ نەزىرىدە قۇرئاننىڭ مەقسىتى يەتتە:

1.ئەقىدە ۋە تەسەۋۋۇرلارنى ئىسلاھ قىلىش،

2.ئىنساننىڭ ھۆرمىتى ۋە ھوقۇقىنى بېكىتىش،

  1. ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ۋە ئاللاھدىن قورقۇش،
  2. ئىنسان نەپسىنى پاك قىلىش،

5.ئائىلە شەكىللەندۈرۈش ۋە ئاياللارغا ئىنساپ بىلەن مۇئامىلە قىلىش،

6.ئىنسانىيەتكە گۇۋاھلىق بېرەلىگۈدەك ئۈممەتنى يېتىشتۈرۈش،

7.ھەمكارلىشىدىغان ئىنسانىيەت دۇنياسىغا دەۋەت قىلىشتىن ئىبارەت.

 

5.دوكتۇر تاھا جابىر ئۇلۋانىنىڭ نەزىرىدە قۇرئاننىڭ مەقسەتلىرى ئۈچ تۈرلۈك:

1.تەۋھىد

2.تەزكىيە (ئۆزىنى پاكلاش)

3.ئىمران (زېمىننى گۈللەندۈرۈش).

قۇرئاننىڭ بۈيۈك مەقسەتلىرى ۋە قىممەت-قاراش قۇرۇلمىسى«ئاللاھنى بىر دەپ ئېتىقاد قىلىش(يەنى تەۋھىد)، ئىنساننىڭ ئۆزىنى پاكلىشى ۋە كائىناتنى گۈللەندۈرۈش»تۇر. بۇ ئۈچ تۈرلۈك قىممەت-قاراش ئىنسانلارنى يارىتىشتىكى ھەقىقەتنى بايان قىلىپ بېرىدىغان مەقسەت خاراكتېرلىك مەنبەنى ۋە باشقا قىممەت-قاراشلار تارماقلىنىپ چىقىدىغان ئۆلچەم قۇرۇلمىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

بۇ ئۈچ تۈرلۈك قىممەت-قاراش ئىمان، نەپسىنى تەربىيىلەش، ئىنسان شەخسىيىتىنى قۇرۇپ چىقىش؛ ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي ۋە سىياسى تۈزۈملەر، مۇسۇلمان جەمئىيىتىنىڭ ئىچكى ۋە سىرتقى ئالاقىلىرىدىكى باشقا قىممەت-قاراشلارنىڭ ئاساسىدۇر. بۇ ئۈچ تۈرلۈك قىممەت-قاراش ئىسلامدىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەت-قاراش بولۇش بىلەن بىرگە، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە خەلقئارالىق ئىنسانىي قىممەت-قاراشتۇر.

 

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرى