2024-يىل 27-ئاپرېل

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

شەرىئەت مەقسەتلىرىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى

شەرىئەت مەقسەتلىرىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى

 

 (2)

شەرىئەت مەقسەتلىرىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى

 

(1).شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرى دىن ۋە دۇنيالىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان:

شەرىئەت مەقسەتلىرى دىن ۋە دۇنيالىق دەپ ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ. مەقسەتنىڭ دىنى بولغانلىقى ئىنسانلارنىڭ دىنىنى قوغداپ بەرگەنلىكىدە، چۈنكى ئاللاھ ئىنسانلارنى بىرىنچىدىن ئىبادەت قىلىش ۋە دىيانەتلىك بولۇش ئۈچۈن، ئىككىنچىدىن ھەر قانداق سۆز ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىدە دىننىڭ يوليورۇقى بۇيىچە مېڭىش ئۈچۈن ياراتقان.

دىننى ئىبادەت ئارقىلىق قوغداش دىندارلىقتۇر، ئاللاھنىڭ سۆزىنى ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىش دىندارلىقتۇر، گۇناھسىز ئىنساننى قوغداش دىندارلىقتۇر. ئەقىلنى، نەسلىنى، ئابروي ۋە مال-مۈلۈكنى قوغداش دىندارلىقتۇر. چۈنكى دىندارلىق كۈچىنىڭ يېتىشىچە شەرىئەتنىڭ يوليورۇقى ۋە كۆرسەتمىسىگە بويسۇنۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. رەسۇلۇللاھ:«مەن سىلەرنى بىر ئىشتىن توسقان بولسام يىراق تۇرۇڭلار، بۇيرۇغان بولسام كۈچۈڭلارنىڭ يېتىشىچە قىلىڭلار» دېگەن (بۇخارى).

مەقسەتلەرنىڭ دۇنيالىق بولغانلىقى ھايات ئىشلىرىنىڭ شۇ ئاساستا شەكىللىنىدىغانلىقى ئۈچۈندۇر، چۈنكى بۇ مەقسەتلەرنىڭ بىرەرسى يوق بولۇپ قالسا ياكى بىرەرسىدە نۇقسان تېپىلىپ قالسا ھاياتنىڭ خاتىرجەملىكىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ ياكى ھاياتنى تۈگەشتۈرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەقىل ئىگىلىرى دىننىڭ مەنپەئەت ۋە ياخشىلىققا يېتەكلەپ ماڭىدىغانلىقىغا شەك قىلمايدۇ. دىن، ياخشىلىق ۋە توغرا يولغا باشلىيالمىغان ئىنسان دۇنيا-ئاخىرەتتە زىيان تارتىدۇ:«بۇ دۇنيادا دىلى كور بولغان(يەنى دىننىڭ كۆرسەتمىسى بۇيىچە ماڭمىغان) ئادەم ئاخىرەتتىمۇ كور ۋە تېخىمۇ زىيان ئىچىدە بولىدۇ» (بەنى ئىسرائىل، 72-ئايەت). دېمەك، نەپسى خاھىشقا ئەگىشىش شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرىنى زايە قىلىۋېتىشكە باشلاپ بارىدۇ، دىننىڭ كۆرسەتمىسى بۇيىچە مېڭىش دىننىڭ مەقسەتلىرىنى ۋە زۆرۈرىيەتلىرىنى قوغداشنىڭ يولىدۇر.

 

(2).شەرىئەت مەقسەتلىرى ئىنسانپەرۋەرلىككە ئىگە:

شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرى ئىنسانپەرۋەر بولغاچقا بىر پۈتۈن ئىنسانىيەت ئائىلىسىنى قوغداشنى مەقسەت قىلىدۇ: «ئى ئىنسانلار! بىز سىلەرنى ئەر-ئايالدىن ياراتتۇق، سىلەرنىڭ ئۆز-ئارا تونۇشۇپ ھەمكارلىشىشڭلار ئۈچۈن تۈرلۈك مىللەت قىلدۇق» (نىسا سۈرىسى، 1-ئايەت).

شەرىئەت ئىنسانىيەت ئاھالىسىنى قوغداشنى مەقسەت قىلىپ خىتابنى كوللېكتىپقا قاراتقان: «سىلەر كېلىپ ئاڭلاڭلار، ئاللاھ ھارام قىلغان نەرسىلەرنى سىلەرگە ئوقۇپ بېرەي: سىلەر ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەڭلار، ئاتا-ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار، نامراتلىقتىن قورقۇپ بالاڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار، بىز ئۇلارغا ۋە سىلەرگە رىزىق بېرىمىز، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن يامان ئىشلارغا يېقىن كەلمەڭلار، ئاللاھنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىپ ناھەق ئادەم ئۆلتۈرمەڭلار، ھەقلىق رەۋىشتە ئۆلتۈرۈش بۇنىڭدىن مۇستەسنا. سىلەرنىڭ چۈشىنىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرگە بۇ ئىشلارنى تەۋسىيە قىلىدۇ. يېتىمنىڭ مېلىنى تاكى ئۇ بالا بالاغەتكە يەتكەنگە قەدەر ئۇنىڭغا ئەڭ پايدىلىق ئۇسۇلدا بىر تەرەپ قىلىپ قويۇڭلار، ئۆلچەمنى ۋە تارازىنى توغرا قىلىڭلار، ھېچقانداق ئادەمنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايمىز. سۆز قىلغان چېغىڭلاردا ئادىل بولۇڭلار، تۇغقىنىڭلار بولغان تەقدىردىمۇ، ئاللاھقا بېرىلگەن ئەھدىگە ۋاپا قىلىڭلار، ئىبرەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرگە بۇ ئىشلارنى تەۋسىيە قىلىدۇ. بۇ مېنىڭ توغرا يولۇمدۇر، شۇ يولدا مېڭىڭلار، ناتوغرا يوللاردا ماڭماڭلار، ئۇلار سىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئايرىۋېتىدۇ، ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرگە بۇ ئىشلارنى تەۋسىيە قىلىدۇ»(ئەنئام سۈرىسى، 151-153-ئايەت). مانا بۇ ھۆكۈملەر شەرىئەت مەقسەتلىرىنىڭ ئىنسانپەرۋەر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرى ئىنساننىڭ ئىنسانلىقى (ئادىميلىكىنى) قوغداشنى مەقسەت قىلىدۇ، چۈنكى شەرىئەت ئىنساننىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن يولغا قويۇلغان. شەرىئەت ئىنساننىڭ ئىنسانلىقىنى قوغداش ئۈچۈن ياراتقۇچى ئاللاھقا ئىشىنىش، ئاللاھنى يەككە-يېگانە دەپ ئېتىقاد قىلىش ۋە ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇغان. شەرىئەت ئىنساننىڭ ئادىمىيلىكىنىڭ داۋاملىشىشىغا كېپىل بولۇش ئۈچۈن ئىنساننىڭ جېنى، ئەقلى، نەسلى، ئابرويى ۋە مال-مۈلكىنى قوغداشقا بۇيرۇغان ۋە زايە قىلىۋېتىشتىن توسقان: «سىلەر ئۆزەڭلارنى(يەنى بىر بىرىڭلارنى) ئۆلتۈرمەڭلار» (نىسا سۈرىسى، 29-ئايەت). شەرىئەتتە ئىنساننىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشى ياكى بەدىنىنىڭ ئەزالىرىدىن بىرەر ئەزانى شەرئىي ئۆزۈرسىز كېرەكسىز قىلىپ قويۇش ھەققى بولمايدۇ. دېمەك، شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرى مەنپەئەتنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە زىياننىڭ ئالدىنى ئېلىش ئارقىلىق پەقەت ئىنساننىڭ پايدىسىنى كۆزلەيدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسانپەرۋەرلىك خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

شەرىئەت مەقسەتلىرى ئىنسانپەرۋەر بولغاچقا بىرىنچى قىلىپ ئىنساننىڭ ئىبادەت ئۈچۈن يارىتىلغانلىق غايىسىنى قوغدايدۇ، ئىبادەت قىلىش دىننى قوغداشنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋاستىسى. ئىككىنچى قىلىپ ئىنساننىڭ جېنى، ئەقلى، نەسلى ۋە ئابرويىنى قوغداشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئۈچىنچى قىلىپ ئىنساننىڭ ھاياتىدا مۇھتاج بولىدىغان مال-مۈلكىنى قوغداشنى كۆزلەيدۇ. شەرىئەت مۇكاپات ۋە جازا مەسىلىدىمۇ ئىنسانپەرۋەر، چۈنكى كىم شەرىئەت مەقسەتلىرىنى ھىمايە قىلسا مۇكاپاتلىنىدۇ، كىم زايە قىلىۋەتسە جازالىنىدۇ. دېمەك، ئىنسان شەرىئەتنىڭ غايىسى، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ۋاسىتىسىدۇر.

 

 (3).شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرى ئىستىلنى ئىسلاھ قىلىشىنى مەقسەت قىلىدۇ:

رەسۇلۇللاھ:«زىيان سېلىشقا ۋە زىيانلىنىشقا بولمايدۇ» دېگەن (ئىبنى ماجە رىۋايىتى). ئىنساننىڭ ئۆزىگە ياكى باشقىلارغا زىيان سېلىشى، شۇنداقلا باشقىلار بىلەن زىيان سېلىشىش چەكلىنىدۇ. زىيان سېلىش ياكى زىيان سېلىشىشنى ھارام قىلىشتىن مەقسەت ئىنساننىڭ ئىستىلىنى تەرتىپكە سېلىش، ئىجتىمائىي ئالاقىلەرنى قائىدىگە سېلىش مەقسەت. چۈنكى ئىنساننىڭ ياراتقۇچى بىلەن بولغان ئىستىلى، ياراتقۇچىنى ھەر قانداق كەمچىللىك سۈپەتلىرىدىن پاك قىلىشنى ۋە بارلىق كامالەت سۈپەتلىرى بىلەن سۈپەتلىشىنى تەقەززا قىلىدۇ. ئۆزى بىلەن بولغان ئىستىلى بارلىق زىيانلىق نەرسىلەردىن ساقلىنىشنى تەقەززا قىلىدۇ. ئىنساننىڭ ئىنسان بىلەن ئالاقىسى دىنى ياكى جېنى ياكى ئەقلى ياكى نەسلى ياكى ئابرويى ياكى مال-مۈلۈكىدە زىيانغا ئۇچرىماسلىقنى تەقەززا قىلىدۇ. دېمەك، شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرى ھىمايە قىلىنسا ۋە بارلىق دەرىجىلىرىدە رېئايە قىلىنسا  ئىنساننىڭ ئىستىلى ئىنتىزامغا چۈشىدۇ ۋە شەرىئەتنىڭ مۇرادى بۇيىچە قائىدە ئىنتىزامغا كىرىدۇ.

شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرى ئىنساننىڭ ئىستىلىنى تۈزەشنى مەقسەت قىلغاچقا شەرىئەت ئالىملىرى زىياننىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە پايدىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئىتتىپاق كەلگەن، بۇ پرىنسىپقا زىت كەلگەن نەرسە شەرىئەتنىڭ قاتارىدىن ئەمەس.

شەرىئەتنىڭ ئاساسلىق مەقسەتلىرى كەڭ ۋە ئومۇمىي بولغاچقا ھاياتنىڭ بارلىق تەرەپلىرىدىكى تۈرلۈك ھوقۇقلار ۋە مەجبۇرىيەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دىنى، دۇنياۋى، ئەخلاق، ئىقتىساد، سىياسەت ۋە ئىجتىمائىي تەرەپلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆزلەشتۈرۈپ كېتىدۇ.

 

  (4).شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرى ئومۇمىلىققا ئىگە:

شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرى ئوبيېكتىپ ۋە ئادالەت سۈپىتىگە ئىگە، دىنى ۋە دۇنيالىقى بىلەن ئالاھىدە، ئىنسانىي ۋە ئىستىلى خاراكتېرگە ئىگە بولغاچقا ئىش-ھەرىكەت قىلغۇچى شەخسكە ئەمەس، ئىش-ھەرىكەتنىڭ ئۆزىگە قارايدۇ. چۈنكى شەرئىي ھۆكۈم ئىنساننىڭ زاتىغا ئەمەس، ئىنساننىڭ ئىش ھەرىكىتىگە چېتىلىدۇ. مەسىلەن، رەسۇلۇللاھنىڭ: «ئەگەر مېنىڭ قىزىم پاتىمە ئوغرىلىق قىلىپ قالسا، ئەلۋەتتە قولىنى كەسكەن بولاتتىم»(بۇخارى رىۋايىتى) دېگەن سۆزى ئوبيېكتىپ، ئادالەت، ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە ئىستىلنى رەتكە سېلىشتىن ئارتۇق ئۇقۇمنى كۆرسىتىدۇ، دېمەك شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرى ئومۇمىيلىققا ئىگە.

شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرى ئومۇمىي بولغاچقا شەرىئەتنىڭ خىتابلىرى ئىنسانغا -ئىنسان بولۇش ئېتىبارى بىلەن- ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىگە قارىتىلغان.

شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرى ئىنسان، زامان، ماكان جەھەتتىن ئومۇمىي بولغانلىقى ئۈچۈن دىن ۋە دۇنيا ئىشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دىنى ئىشلارنىڭ بېشىدا ئەقىدە مەسىلىسىنى، دۇنيا ئىشلىرىنىڭ بېشىدا ئىنساننىڭ ئۆزى، ئەقلى، ئابرويى، مال-مۈلىكى ۋە پەرزەنتلىرىنى قوغداش لازىم.

شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرى ھەممە ئىنسانلارغا ئومۇمى بولغانلىقى ئۈچۈن ئادالەت ۋە باراۋەرلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى نىشان قىلىدۇ، چۈنكى شەرىئەتنىڭ خىتابى ھەممە كىشىلەر ئۈچۈن ئومۇمىي. مەسىلەن، ئادالەت ئىسلامدا شەرىئەت مەقسەتلىرىنىڭ ئاساسى بولۇپ، ئالماشتۇرۇش ياكى ئۆزگەرتىشنى قوبۇل قىلمايدۇ. چۈنكى شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرى ئادالەت ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ. تارماق ئەھكاملار بولسا شەرىئەتنىڭ ئادالىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن زامان ۋە ماكان شارائىتلىرى تۈپەيدىلىدىن بەزىدە ئۆزگىرىدۇ.

 

(5).شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرىنى تەتبىقلاش زۆرۈر:

شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرى ئىنسانلارنىڭ دۇنيا-ئاخىرەتلىك مەنپەئەتى ئۈچۈن يولغا قويۇلغان، كۆرسەتمىلىرى شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرىنى قوغداشنى كۆزلىگەن. ئىنساننىڭ ئىش-ھەرىكتى، ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىسى قانچىلىك چوڭ بولسا، مۇكاپات شۇنچە چوڭ بولىدۇ. مەنپەئەت كېچىك بولسا، مۇكاپات ئاز بولىدۇ. شۇ سەۋەبتىن شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرى تەتبىقلىنىش ۋە ئىجرا قىلىنىش ئۈچۈن يولغا قويۇلغان. شەرىئەتنىڭ زۆرۈر مەقسەتلىرىنى تەتبىقلاش ۋە ئىجرا قىلىش پەرز. مەنپەئەت قانچە چوڭ بولسا ھۆكۈم شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ. زىيان قانچە چوڭ بولسا، ئۇنى يوقىتىش شۇنچە ۋاجىپ بولىدۇ. دىننىڭ مەنپەئەتى ھەممىدىن كۈچلۈك ۋە چوڭ بولغاچقا ئۇنى قوغداش ئۈچۈن باشقا مۇھىم نەرسىلەر «دىن» يولىدا قۇربان قىلىنىدۇ.

شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرى تەتبىقلىنىش ۋە ئىجرا قىلىنىش ئۈچۈن يولغا قويۇلغان، ئىجرا قىلىش مەجبۇرىيەت ۋە مەسئۇلىيەت ئاساسىدا بولىدۇ. چۈنكى مەجبۇرىيەت ئىنسانلارنىڭ ئىستىلىنى ئىنتىزامغا سالىدۇ، ئالاقە ۋە مۇئامىلىرىنى كونترول قىلىدۇ. ئىلاھى خىتابنى ئاڭلاپ چۈشەنگەندىن كېيىن تەتبىقلاش لازىم. تەتبىقلىسا ۋە ئىجرا قىلسا مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ، تەتبىقلىمىسا ۋە ئىجرا قىلمىسا جازاغا ئۇچرايدۇ. شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرىدىكى مەجبۇرىيەت پەرز، ۋاجىپ، سۈننەت، مۇباھ، مەكرۇھ ۋە ھارامدىن ئىبارەت تۈرلۈك ئەھكاملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەجبۇرىيەت زۆرۈرىيەت خاراكتېرىدىكى مەقسەتلەرگە ئالاقىدار بولسا كۈچلۈك بولىدۇ، تولۇقلاش (تەھسىنات) خاراكتېرىدىكى مەقسەتلەرگە ئالاقىدار بولسا يەڭگىل بولىدۇ. مەنپەئەت قانچە چوڭ بولسا ئۇنى بەرپا قىلىش مەسئۇلىيىتى كۈچلۈك بولىدۇ، بۇزغۇنچىلىق قانچە چوڭ بولسا، ئۇنى يوقىتىش مەجبۇىيىتى شۇنچە چوڭ بولىدۇ.

دېمەك، شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرىگە ئەمەل قىلىش مەجبۇرىيەتتۇر، چۈنكى ئۇ مەقسەتلەرنى ھىمايە قىلىدىغان ئەھكاملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شەرىئەت مەقسەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئەھكاملاردۇر ۋە ئەھكاملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان مەقسەتلەردۇر.

 

(3)

شەرىئەت مەقسەتلىرىنىڭ سۈپەتلىرى

 

شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرىنى قوغدايدىغان ۋە گۈزەللەشتۈرىدىغان نەرسىنىڭ ھەممىسى سۈپەتلىرى سانىلىدۇ. مەقسەتلەرنىڭ سۈپەتلىرى تەبىئىي خاراكتېرگە ئۇيغۇن بولۇش، ئاسانلىق ۋە پۇختىلىق بىلەن سۈپەتلەنگەن.

1.تەبىئي خاراكتېرگە ئۇيغۇن:

ئىنساننىڭ خاراكتېرى ئاللاھنى تونۇش ئاساسىدا يارىتىلغان، ئىنساننىڭ ئىنسانلىقى ئاللاھنىڭ دىنىغا بويسۇنۇش ئارقىلىق ۋۇجۇتقا چىقىدۇ. ئىنسان ئاللاھنىڭ دىنىدىن قانچىلىك چەتنىسە، ئىنسانلىقىدىن شۇنچىلىك ۋاز كەچكەن بولىدۇ. شۇڭا ئىنساننىڭ تەبىئى خاراكتېرى شەرىئەت مەقسەتلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ سۈپىتى سانىلىدۇ.

ئىنسان تۇغۇلىشىدىن تارتىپ دىندار بولۇش خاراكتېرىدە تۇغۇلىدۇ، ھەر قانداق بىر بوۋاق يامان مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىسا ياراتقۇچىنى تونۇشتىن ئىبارەت تەبىئي خاراكتېر ئۈستىدە تۇغۇلىدۇ. ئىسلام دىنى ئەقلى خاراكتېرگە ئىگە يەنى ئەقىلگە ئۇيغۇن. ئىسلام ئەقىدە، شەرىئەت ۋە ئەخلاق بولۇپ ئەقىل ھېس قىلالايدىغان ئىشلاردىن ئىبارەت. دېمەك، ئىسلام دىنى ئىنساننىڭ ئاقىل، مەدەنىيەت يارىتىشقا تەييار، مەرىپەت ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارىغا ۋە ئىتائەت قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە خاراكتېردە يارىتىلغانلىقى ئۈچۈن ئىنسان تەبىئىيىتىگە ئۇيغۇن دىندۇر. ئىنساننىڭ ئىنسانلىقى پەقەت دىن ئاساسىدا ۋۇجۇتقا چىقىدۇ، ئۇنىڭ دىنى پەقەت ئىنسانلىقى (ئادىمىيلىكى) بىلەن ھىمايە قىلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئان كەرىم كاپىرلارنى ئىنسانلىقىنى يوقاتقان ھايۋانغا ئوخشاتقان، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئېتىراپ قىلغىلى ئۇنىمىغان ۋە يالغانغا چىقارغانلارنى ئىتقا ئوخشاتقان. چۈنكى ھەر بىر ئىنساننىڭ تەبىئىي خاراكتېرى بۇلغانمىغان بولسا، بۇ ئالەمنىڭ ياراتقۇچىسى ۋە تەدبىر قىلغۇچىسى بار دەپ ھېس قىلىدۇ. خاتالىق ياكى گۇناھ ئۆتكۈزۈپ سالسا خىجىل بولىدۇ، شۇڭا ئىنساننى ئارام تاپتۇرىدىغان نەرسە تەبىئى خاراكتېرىدۇر. شۇڭا ئۇنىڭ ئىچىنى سىقىپ قويىدىغان، كۆڭلىنى غەش قىلىپ قويىدىغان، ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ۋە زېمىننى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت مەدەنىيەت سەپىرىگە توسالغۇ بولىدىغان ھەر قانداق نەرسە ئىنسان خاراكتېرىگە زىت نەرسىدۇر. شەرىئەتنىڭ كۆرسەتمىلىرى ئىنساننىڭ تەبىئىي خاراكتېرىنىڭ تەقەززاسى بۇيىچە مۇشەققەتسىز ئاسان ۋە قولاي ھالدا يولغا قويۇلغان.

  1. شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرى ئاسان:

رەسۇلۇللاھ:«ئاللاھغا دىننىڭ ياخشىسى توغرا، كەڭ قورساق بولغىنىدۇر» دېگەن(بۇخارى رىۋايىتى). يەنە:«بۇ دىن ئاسان، قايسى بىر كىشى دىن ئىشلىرىدا چېكىدىن ئاشۇرۋېتىپ قالسا دىن غالىب كېلىدۇ. (يەنى دىننىڭ كۆرسەتمىسىدىن ئاشۇرۇپ قىلىمەن دىسە زىرىكىپ قېلىپ،  ئەمەل قىلىشنى تاشلايدۇ). شۇڭا دىننىڭ كۆرسەتمىسىگە توپتوغرا ئىش قىلىڭلار، يېقىنلاشتۇرۇپ ئىش قىلىڭلار، باشقىلارنى ئۈمىدۋار قىلىڭلار، كېچىلىرى ئىبادەت قىلىش ئارقىلىق مەدەت ئېلىڭلار»دېگەن (بۇخارى رىۋايىتى). دېمەك، ئىنساننىڭ خاراكتېرىگە ئۇيغۇن بولغان ئىسلام شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرالايدۇ.

شەرىئەت ئاسان بولغاچقا ئادەتتىن تاشقىرى مۇشەققەتلىك ئىنساننىڭ كۈچى يەتمەيدىغان ئىشلارغا تەكلىپ قىلمايدۇ، شۇنداقلا ئادەمگە بەك ئېغىر كەلگۈدەك كۆرسەتمىلەرگە بۇيرۇمايدۇ:«ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلىقنى خالايدۇ، تەسلىكنى خالىمايدۇ»(بەقەر سۈرىسى،122-ئايەت). «رەسۇلۇللاھ ئىككى ئىش ئارىلىقىدا ئىختىيارلىق بىرىلسە، گۇناھ بولۇپ قالمىسىلا، ئاسان ئىشنى تاللايتتى» (بۇخارى رىۋايىتى).

دېمەك، دىن ئاسان، كەڭ قورساق ۋە كۆيۈمچاندۇر. رەسۇلۇللاھ:«بۇ دىن ئاسان»دېگەن. شەرىئەتتە ئاسانچىلىق قەستەن تەسىر يەتكۈزمەستىن ياكى ھورۇنلۇق قىلماستىن بۇيرۇلغان ئىشلارنى قىلىشتا ۋە چەكلەنگەن ئىشلاردىن ساقلىنىشتا نامايان بولىدۇ. كىم بۇيرۇلغان ئىشلارغا تەسىر يەتكۈزسە ياكى ھورۇنلۇق قىلسا ياكى چەكلەنگەن ئىشلارنى ئاسانچىلىققا تايىنىپ تۇرۇپ قىلىپ سالسا، ئاسانچىلىقنىڭ مەنىسىنى بۇرمىلىغان بولىدۇ. شەرىئەتكە ئەمەل قىلىش ئاسان،  چۈنكى شەرىئەتتە ئىنساننىڭ تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشلار مەۋجۇد ئەمەس. ئاسانچلىق ئاللاھنىڭ شەرىئىتىگە ئىخلاس بىلەن ئەگىشىش ئارقىلىق ھاسىل بولىدۇ، ئەگەر ئىخلاس دائىرىسىدىن چىقىپ كەتسە، نەپسى خاھىشقا تەۋە ئاسانچلىق بولۇپ قالىدۇ.

 

3.مەقسەتلەرنىڭ ئۈچىنچى سۈپىتى ئېھسان(ئەڭ گۈزەل شەكىلدە پۇختا قىلىش):

ئاللاھ:«ئاللاھ ھەر قانداق ئىشتا ئادىل قىلىشقا ۋە ھەر قانداق ئىشلارنى ئەڭ گۈزەل شەكىلدە پۇختا قىلىشقا بۇيرۇيدۇ» (نەھل،90-ئايەت) دەيدۇ. رەسۇلۇللاھ:«ئاللاھ ھەر قانداق ئىشنى ئەڭ گۈزەل شەكىلدە پۇختا قىلىشنى ۋاجىپ قىلغان» دەيدۇ (مۇسلىم رىۋايىتى). ئىشلارنى گۈزەل شەكىلدە پۇختا بىر تەرەپ قىلىش شەرىئەتنىڭ بارلىق مەقسەتلىرىنى ۋۇجۇتقا چىقارغانلىقتۇر. مەسىلەن، دىننى پەرز ۋە نەپلە ئىبادەت بىلەن قوغداش ئېھساندۇر، ئۆزىنىڭ ھۆرمىتىنى ياخشى ئاسراش ئېھساندۇر، ئەقلىنى ئاسراش ۋە كېرەكسىز قىلىپ قويىدىغان نەرسىلەردىن ساقلىنىش ئېھساندۇر.

ئېھسان شەرىئەتنىڭ يوليورۇقلىرىنى توغرا ئىجرا قىلىش، ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىش، باشقىلارغا پايدا يەتكۈزۈش، باشقىلاردىن زىياننىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۆزىگە گۇناھ قىلىش ئارقىلىق زۇلۇم قىلماسلىق، نەپسىنىڭ كەينىگە كىرمەسلىك، كىشىلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلىش..تىن ئىبارەت ئىسلام قائىدىلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

 

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي