2024-يىل 26-ماي

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

ئىسلام مەدەنىيىتى دىن بىلەن ئىلىم-پەننى ئايرىپ قارىدىمۇ؟

ئىسلام مەدەنىيىتى دىن بىلەن ئىلىم-پەننى ئايرىپ قارىدىمۇ؟

ئوتتۇرا ئەسىردە غەرب دۇنياسىدىكى چېركاۋ ئۆزىگە قارىشى كۆز قاراشنىڭ ھەممىسىگە-گەرچە توغرا بولسىمۇ-قارىشى مەيداندا تۇرۇپ كەلگەن. بۇنىڭغا ماسلىشىپ كىشىلەرگە قانۇن ۋە شەرىئەت يولغا قويۇپ بېرىشتە ئۆزلىرىنى ئاللاھ تەرىپىدىن «ۋەكىل، كومىسسار» دەپ قارايدىغان «دىن كىشىلىرى»دەپ ئاتالغان كىشىلەر بارلىققا كەلگەن. ئۆزلىرىنى ئاللاھنىڭ ۋەكىلى دەپ گۇمان قىلىدىغان پوپلارنىڭ قىلمىشلىرىنىڭ مۇھىم نەتىجىلىرىدىن بىرسى دىن بىلەن ئىلىم-پەن ئارىسىنى ئايرىۋەتكەن. نەتىجىدە ئۆزلىرىنى ئاللاھنىڭ زېمىندىكى ۋەكىلى دەپ ئاتايدىغان پوپلار بىلەن ئالىملار ئارىسىدا توقۇنۇش شەكىللەنگەن، دىن بىلەن ئىلىم-پەن ئارىسىدىكى مۇساپە يىراقلىشىپ كەتكەن، شۇ سەۋەبتىن كۆپلىگەن ئالىملار-بۇلارنىڭ قاتارىدىن گالىلې-غا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن.

غەرب دۇنياسىدىكى دىن بىلەن ئىلىم-پەننىڭ ئايرىلىپ كېتىش يۆلىنىشى ئىسلام دۇنياسىدىكى بەزىلەرنىڭ ئاڭسىزلارچە غەرب پەيلاسوپلىرىنىڭ ئارقىدىن يۈگۈرۈشى نەتىجىسىدە ئىلمانىزىم (secularist)نىڭ يولى ئارقىلىق ئىسلام دۇنياسىغا ئىمپورت قىلىندى. ئىسلامنىڭ ئۆزگەرمەس پرىنسىپلىرىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، غەربنىڭ قاراشلىرىنى ئىلغىماستىن، ئاڭسىزلارچە قوبۇل قىلىش ئىسلام دۇنياسىنى ئىدىيە كرىزىسىگە سۆرەپ باردى. چۈنكى غەرب پەيلاسوپلىرىنىڭ ئارقىدىن ماڭىدىغان ۋە ئۇلارنىڭ مېتودىنى ئارىيەت ئالىدىغانلار ئىسلام ھەزارىتى بىلەن غەرب ھەزارىتىنىڭ ئارىسىدىكى پەرقلەرگە ۋە تۈرلۈك شارائىتلارغا رېئايە قىلماستىن ئۇلارنىڭ كۆز-قاراشلىرىنى قۇرئان كەرىم، ئىسلام ئەقىدىسى، ئىسلام شەرىئىتى ۋە ئىسلام قىممەت-قارىشىغا تەتبىقلاشقا ئۇرۇنغان.

بۇ يەردە شۇنى بايان قىلىش كېرەككى، ئەرەب ئىلمانىلىرى قوبۇل قىلغان غەربنىڭ دىنى ھۆججەتلەرنى ئىزاھلىشى(تېكىستۇئالىز) دىننى ئەسلى مەزمۇنىدىن چىقىرىۋەتكەن. دىنىي ھۆججەتلەرنى ئەسلى مەنىسىدىن كۆچمە مەنىسىگە چىقىرىپ، دىننى ئىنسانلاشتۇرۇشقا ياكى ئىلاھى كۆرسەتمىدىن يىراق ئىنسانىي قېلىپتا تۈزۈپ چىقىشقا ئۇرۇنغان.

(1)

ئىسلام ئىدىيىسىدە دىن بىلىم-مەرىپەت، بىلىم-مەرىپەت دىندىن ئىبارەت

 

ئىسلام دىنىنىڭ ئەقىدىسى:ياراتقۇچى ئاللاھ، ئىنسان، كائىنات ۋە ھاياتلىققا قارىتا پەلسەپە خاراكتېرلىك ئەقلى قاراشتىن ئىبارەت.

 ئىسلام شەرىئىتى:ھاياتنىڭ بارلىق ساھەلىرىگە قارىتا ئۆلچەم بېكىتىپ بېرىدىغان ئومۇميۈزلۈك مېتودتىن ئىبارەت.

ئىسلامدىكى بىلىم-مەرىپەتتە مۇتەپەككۇرلارنىڭ ئىدىيىسى، زىيالىيلارنىڭ مەدەنىيىتى ۋە دەۋەتچىلەرنىڭ چاقىرىقى دۇنيا پەنلىرىنى دىنىي پەنلەر بىلەن زىتلاشتۇرماستىن بىرلەشتۈرگەن. مۇسۇلمانلارنىڭ نەزەرىدە دىن بىلىم-مەرىپەت، بىلىم- مەرىپەت دىندۇر. يەنى بىز بىلىم مەرىپەت ئارقىلىق ئاللاھغا يېقىنلىشىمىز، چۈنكى بىز ئۆگىنىش ۋە بىلىم-مەرىپەتتە دۇنياغا يېتەكچىلىك قىلىشقا بۇيرۇلغان. شۇ سەۋەبتىن «بىلىم-مەرىپەت»نى دىن ۋە «دىن»نى بىلىم-مەرىپەت دەپ چۈشىنىمىز. ئىسلامدا «ئاللاھنىڭ بارلىقى ۋە پەيغەمبەرلىك»تىن ئىبارەت چوڭ ئىككى مەسىلە ئەقىل ئارقىلىق ئىسپاتلانغان. دىن بۇ نۇقتىدىن بىلىم-مەرىپەتتۇر.

ئاللاھنىڭ سۆزى، رەسۇلۇللاھنىڭ سۆزىگە، ئاندىن مۇسۇلمانلارنىڭ ئىلمىي ۋە ھەزارەت تارىخىغا ۋە داڭلىق ئالىملارغا بىر قاراپ چىقساق، ئىسلامنىڭ بۇ خىل(يەنى دىن بىلەن ئىلىم-پەننى ئايرىيدىغان) تۆھمەتتىن خالى ئىكەنلىكى نامايان بولىدۇ. كېسەلمەن ئەقىل ئىگىلىرى ۋە غەربتىكى ئىدىيە-قاراشلارنى ئاڭسىزلارچە قوبۇل قىلىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ مەدەنىيەت، شارائىت ۋە مۇھىتقا قىلچە رېئايە قىلماستىن ئىسلام دىيارلىرىغا تەتبىقلىماقچى بولغان بىنورمال ئىدىيىلەر ئىسلامغا زۇلۇم قىلغان.

(2)

قۇرئان كەرىم ۋە ئىلىم-پەن

 

رەسۇلۇللاھغا چۈشكەن بىرىنجى قېتىملىق ئىلاھىي ۋەھىي كۆرسەتمىسى بىلىم-مەرىپەت، ئويلىنىش ۋە تەپەككۇر قىلىش ئۈچۈن ئوقۇشنى پەرز قىلىپ چۈشكەن. بۇ ئايەتلەر ئاللاھنىڭ قەلەم بىلەن يېزىلغان ئايەتلىرىنى ۋە كائىناتتا كەڭرى يېيىلغان تەتقىقات ۋە تەجرىبىگە مۇناسىۋەتلىك ئايەتلىرى(مۆجىزىلىرى)نى ئوقۇشنىڭ پەرزلىكىنى تەكىتلىمەكتە:«ياراتقان پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇغىن. ئۇ ئىنساننى لەختە قاندىن ياراتتى. ئوقۇغىن، پەرۋەردىگارىڭ ئەڭ كەرەملىكتۇر. ئۇ قەلەم بىلەن ئۆگەتتى. ئىنسانغا بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلدۈردى»(ئەلەق سۈرىسى،1-5-ئايەتلەر).

بۇ بەش ئايەتتە«ئوقۇ»دېگەن سۆزنىڭ ئىككى قېتىم تەكرارلانغانلىقى ئىككى تۈرلۈك ئوقۇشقا بۇيرۇق. ھەر بىر ئوقۇشنىڭ خۇسۇسىيىتى، مەيدانى ۋە مېتودى بار.

بىرىنجى ئايەتتىكى ئوقۇش ئىمان ئاساسىدا ئوقۇشقا بۇيرۇق. ئۈچىنچى ئايەتتىكى ئوقۇشقا بۇيرۇق كائىناتنى ئوقۇش، مەخلۇقلار ھەققىدە ئىزدىنىش، ئىنسانىيەتنىڭ چۈشەنچىسى ۋە تەجرىبىسى توپلىغان نەرسىلەرنى ئوقۇشقا بۇيرۇق. دېمەك، ئىككى خىل ئوقۇش ئارقىلىق ۋەھىيىدىن پايدىلىنىپ ۋەھىيگە ئەگەشكەن مىللەتلەر بىلەن ۋەھىينى بىلمەسكە سالغان ۋە كائىنات بىلەن ۋەھىينىڭ مۇناسىۋتىگە تەلىماتىسىز مۇئامىلە قىلغان ياكى تارىخ بويى كائىنات ۋە ئىنسانىي تەجرىبىلەرگە سەل قارىغان مىللەتلەرنىڭ ئارىسىدىكى پەرقلەرنى ھېس قىلالايسىز.

قايسى بىر ئادەم قۇرئان كەرىمدىن ئىبارەت ۋەھىينى تەپەككۇر ۋە ئىزدىنىش ئىچىدە ئوقۇماقچى بولىدىكەن كائىنات بىلىملىرىنى ئوقۇشى، ئىلگىرىكى مىللەتلەرنىڭ تەجرىبىسى ھەققىدە ئىزدىنىشى ۋە بۇرۇنقى ھەزارەتلەرنىڭ قانداق كۈچىيىپ قانداق ۋەيران بولغانلىقىنى بىلىشى كېرەك. قۇرئان كەرىمدە كائىناتقا ئالاقىدار 1000 دىن ئارتۇق ئايەت بار.

دېمەك، ساۋاتسىزلىقنىڭ بارلىق تۈرلىرىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئوقۇيدىغان ئىككى كىتاب بار. بىرسى مۆجىزە خاراكتېرلىك تىلاۋەت قىلىنىدىغان قۇرئان كەرىم. يەنە بىرسى كائىنات، مەۋجۇدىيەتلەر ۋە ئىنسانلارنىڭ تەجرىبىسىدىن ئىبارەت ئوچۇق كىتاب. كېيىنكىلەرنىڭ ئىلگىرىكىلەرنىڭ تەجرىبە ۋە مەرىپەتلىرىدىن پايدىلىنىشى، مائارىپنىڭ ۋاستىسى بولغان قەلەم خاتىرىلىگەن يەكۈن ۋە ئىجادىيەتلەردىن پايدىلىنىشى «ئىنسانغا بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلدۈردى» دېگەن ئايەتنىڭ دائىرىسىگە كېرىدۇ.

ئۇنداقتا ئىنسانىيەت مەرىپىتىنىڭ مەنبەسى ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ، بۇ ئىككىسى بىرلىكتە ئىنساننى ھەزارەت مەرىپەتلىرىگە ۋە زېمىننى گۈللەندۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشقا يېتەكلەيدۇ. ئىنسان ھەر ئىككى مەرىپەت مەنبەسىنى بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇشى، بىرەرسىنى تاشلاپ قويماسلىقى لازىم. شۇ چاغدا قۇرئاندا ئىپادىلەنگەن ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتنى يارىتىشتىكى غايىسى، مەۋجۇدىيەت، ئاللاھنىڭ مەۋجۇدىيەتتىكى غەلىبە-مەغلۇبىيەت قانۇنىيىتى، مەدەنىيەت يارىتىش- مەدەنىيەتسىزلىك قانۇنىيەتلىرى ۋە ئىنسانىيەت مۇھتاج بولىدىغان ئاساسلىق ھەقىقەتلەرنى چۈشىنىدۇ. كائىناتنى چۈشىنىپ زېمىننى گۈللەندۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشتا ۋە قۇرئان كەرىم تاپىلىغان ئامانەت مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا پايدىلىنىدۇ. كائىناتنى ۋە ئىنسان پىسخىكىسىنى ئوقۇپ، ئىنساننى قايسى نەرسىنىڭ ئىسلاھ قىلىدىغانلىقى ۋە قايسى نەرسىنىڭ بۇزۇۋىتىدىغانلىقىنى ئۆگىنىدۇ.

دېمەك، مەرىپەتنىڭ ئىككى مەنبەسىنى تەڭ ئوقۇش ۋە ئىككى«ئوقۇ» دېگەن بۇيرۇقنى تەڭ ئىجرا قىلىش لازىم.

دېمەك، كائىناتنىڭ ئايەتلىرىنى ئوقۇشنىڭ پەرزلىكى بۇ ئايەتلەردە بايان قىلىنغان، چۈنكى ئۇ ياراتقۇچى ئاللاھغا ئىشىنىشىنىڭ ئەقلى يولى. ئاللاھ ئىنسانغا يازما كىتاب ئايەتلىرىنى چۈشۈرۈپ بەردى، يازما ۋە كائىنات ئايەتلىرىنى تەپەككۇر قىلسۇن دەپ ئىنسانغا ئىقتىدار ۋە ئەقىل ئاتا قىلدى. ئاللاھنىڭ ۋەھىيدىن ئىبارەت يازما كىتابى بىلەن كۆرۈلۈپ تۇرۇۋاتقان كائىنات كىتابى ئارىسىدا ئۈزۈلۈش يوق. مۇتەپەككۇر مۇھەممەد غەززالى مۇنداق دەيدۇ:«قۇرئان كەرىمنىڭ ھەقىقەتلىرى بىلەن كائىنات مەرىپەتلىرىنىڭ ئارىسىدىكى ئۇيغۇنلىشىش ئەزەلدىن تارتىپلا بېكىتىلگەن ئىش. چۈنكى قۇرئان كىتابىنى چۈشۈرگۈچى زات كائىنات ئايەتلىرىنى ياراتقان زاتتۇر. كائىنات ھەقىقىتى بىلەن قۇرئان كەرىمنىڭ ھەقىقەتلىرى ئارىسىدا زىتلىقنىڭ يۈز بېرىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. ئەمەلىيەتتە قۇرئان ئاللاھنىڭ بارلىقى ۋە بىرلىكىگە دەلىل بولۇپ سۆزلەپ تۇرىدىغان «كائىنات»، شۇنداقلا بۇ چوڭ كائىنات سۈكۈت قىلىۋاتقان «قۇرئان»دۇر. ھەر ئىككىسىنىڭ مەنبەسى بىر، نىشانىمۇ بىردۇر» (مۇتەپەككۇر شەيخ مۇھەممەد غەززالى: قۇرئانغا نەزەر، 13-بەت).

قۇرئان كەرىم ئىنسان ئۈچۈن ھىدايەت يولىنىڭ يىغىندىسىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ كەلدى. ئۇ ھىدايەتلەرنىڭ قاتارىدىن ئۆتمۈش، تارىخ ۋە كائىناتنىڭ قانداق يارىتىلغانلىقى؛ تەرەققىيات، ئۆزگىرىش قانۇنىيەتلىرى، رېئال ھايات، كەلگۈسى ۋە ئاقىۋەت مەسىلىلىرىگە نەزەر تاشلاش قاتارلىقلار بار. يۇقىرىقى مەسىلىلەرنى قۇرئان كەرىم مەدەنىيەت، ئىدىيە ۋە ئىلىم-پەنلەردە مۇكەممەل مېتود بويىچە ئېلىپ كەلدى. مانا قۇرئان كەرىم روھانىيلىقنىڭ يۇقىرى پەللىسى بولغان تەقۋالىقنى تەبىئي پەن، ماددىنىڭ سىرلىرىنى ئېچىش، ئاللاھنىڭ كائىناتتىكى ئايەتلىرى توغرىسىدا تەپەككۇر قىلىش ۋە ئىزدىنىشنىڭ نەتىجىسى دەپ ئېلان قىلدى. دېمەك، ئەقىلنىڭ بايقاشلىرى قەلبىنىڭ ئاللاھدىن قورقۇشنىڭ يولىدۇر:«ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدە ئاللاھدىن پەقەت ئالىملارلا قورقىدۇ» (فاتىر سۈرىسى، 27-28-ئايەتلەر).

(3)

سۈننەت ۋە ئىلىم-پەن

 

قايسى بىر ئادەم ئىسلامنىڭ مەقسەتلىرىگە بىر قاتار قاراپ چىقىدىغان بولسا، ئىسلام ئىدىيىسىنىڭ ئاللاھنىڭ ھەققىنى رېئاللىققا ئاشۇرىدىغان «شەرئى بىلىملەر» بىلەن ئىنسانلارنىڭ ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرىدىغان «ئىلىم- پەنلەر» ئارىسىنى ئايرىمايدىغانلىقىنى كۆرەلەيدۇ.

بەزى مۇسۇلماندىكى كەمتۈك دىيانەتچىلىك ئىسلام ئىدىيىسى نامىدا بىلىم-مەرىپەتنىڭ پەرزلىكىنى پەقەت شەرئى بىلىملەر بىلەنلا چەكلەپ قويغان. ئىنسانلارغا خىزمەت قىلىدىغان ۋە ھاياتنى گۈللەندۈرىدىغان ئىلىم-پەنگە سەل قارىغان. بۇرۇنقى ئالىملار تۈرلۈك ئىلىم-پەنلەرگە «پەرز كۇپايە» قاتارىدىن دەپ باھا بەرگەن. مۇسۇلمانلار ھەر بىر كەسىپتە ۋە ھەر بىر ساھەدە مىللەتنىڭ ئېھتىياجىدىن چىقالايدىغان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئەھمىيەت بېرىشى پەرزدۇر. بۈگۈنكى كۆپ ساندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ دىنى بىلىم-مەرىپەت بىلەن پەننى بىلىم-مەرىپەتنى ئايرىپ قارىشى ھەزارەت ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە ئارقىدا قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

قۇرئان كەرىم «چۈشىنىش» ئۇقۇمىغا ئىشارەت قىلغان. قۇرئان كەرىم بايان قىلغان بىلىم-مەرىپەت نەرسىلەرنىڭ ھەقىقەتلىرىنى ئېچىپ بېرىدىغان، ئىنساننىڭ ئەقلىدىن شەك ۋە نادانلىقنى يوقۇتىدىغان ھەر قانداق بىلىم-مەرىپەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

قۇرئان كەرىمىدىكى «فىقھى» يەنى «چۈشىنىش» دېگەن سۆز ئاللاھنىڭ كائىنات ۋە ئىنساندىكى مۆجىزە ۋە قۇدرەتلىرىنى چۈشىنىش،  كائىنات ۋە جەمئىيەتتىكى ئاللاھنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى تارىخ ۋە رېئاللىق پاكىتلىرى ئاساسىدا مۇلاھىزە قىلىش ۋە ئاللاھنىڭ مەخلۇقلىرىدىكى سىرلىرى، شەرىئىتىدىكى مەقسەتلىرىنى بىلىش ۋە چۈشىنىشكە ئالاقىدار كەلگەن. قۇرئان كەرىم:«قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدا(يەنى كېچىلىك يول يۈرگىنىڭلاردا)يول تېپىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ  سىلەرگە يۇلتۇزلارنى يارىتىپ بەردى. (ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى) بىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن،(ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ) دەلىللىرىنى ھەقىقەتەن ئوچۇق بايان قىلدۇق. ئاللاھ سىلەرنى بىر ئىنساندىن (ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن) ياراتتى، سىلەرنى ئاتاڭلارنىڭ پۇشتىدا، ئاناڭلارنىڭ بەچچىدانىدا قارارلاشتۇردى، چۈشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەرنى ھەقىقەتەن ئوچۇق بايان قىلدۇق» دەيدۇ (ئەنئام سۈرىسى، 97-98-ئايەت).

قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزدا يۇلتۇز ئارقىلىق يول تېپىش يۇلتۇزلارنىڭ ئورنى، ئايلىنىشى ۋە يوللىرىنى بىلىشكە باغلىق، شۇڭا«بىلىدىغان» دېگەن سۆز كەلگەن. ئىنسان ھاياتلىقتا كىچىكىدىن تارتىپ تۈرلۈك باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتۈپ، ساناقسىز، تۈرلۈك رەڭ ۋە تىللىق بولغانلىقىنى بىلىش «چۈشىنىش»دېگەن سۆز بىلەن كەلگەن.

رەسۇلۇللاھمۇ «چۈشىنىش» ئاتالغۇسىنى ئىشلەتكەن. رەسۇلۇللاھ:«ئاللاھ قايسى بىر ئادەمگە ياخشىلىقنى ئىرادە قىلسا، ئۇنىڭ دىنى چۈشەنچىسىنى ئاشۇرىدۇ»دېگەن (تىرمىزى ۋە مۇسلىم بايان قىلغان).

ئايەت ۋە ھەدىستە تىلغا ئېلىنغان«چۈشىنىش» ئۇقۇمى ئىسلام ۋە ھاياتنىڭ بارلىق تەرەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھەدىستىكى«چۈشىنىش» ئۇقۇمىنى يەككە ئىبادەت ۋە بەزى سودا-سېتىق فىھقىسى (ئۇقۇمى)غا خاس قىلىپ قويۇش توغرا ئەمەس. «چۈشىنىش» ئۇقۇمى ئاللاھنىڭ ئىنسان، جەمئىيەت ۋە كائىناتتىكى قانۇنىيەتلىرىنى چۈشىنىشنى ۋە سىياسى چۈشەنچىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

دېمەك، «چۈشىنىش» ئۇقۇمىنى ئەقىدە ئىلمى ۋە ھەزارەت پەلسەپىسىدىن ئايرىۋېتىش، ئىجتىمائىي ھاياتنى ئەقىدە نەزەرىيىسىنىڭ يېتەكلىشىدىن چىقىرىۋېتىش توغرا ئەمەس. بۇ ئىسلامنى خاتا چۈشىنىۋالغانلىق، ئەقىل بىلەن نەقىل ئارىسىدىكى ئالاقىنى توغرا چۈشەنمەسلىكتۇر. فىقھى«چۈشىنىش» ئۇقۇمىنىڭ تارىيىپ كەتكەنلىكى سەۋەبىدىن جەمئىيەتشۇناسلىق ئۇقۇمى ۋە سىياسى ئۇقۇمغا سەل قاراش كېلىپ چىققان، نەتىجىدە مەدەنىيەت ۋە ھەزارەت يارىتىشتا «ئەڭ مۇھىم ئىشلارنى ئالدىنقى قاتارغا تىزىدىغان ئۇقۇم» ئاجىزلىشىپ كەتكەن. مانا بۇ ئىدىيە ساۋاتسىزلىقنىڭ كاشىلىسى، يەنى ئىسلامنى خاتا چۈشىنىش ۋە رېئاللىقنى چۈشەنمىگەنلىكتۇر.

(4)

ئىسلام ھەزارىتى ۋە ئالىملاردىن نەمۇنە

ئىسلام مەدەنىيىتىدىكى دىن بىلەن ئىلىم-پەننى بىرلەشتۈرگەن ئومۇميۈزلۈك مېتود ئىسلام جەمئىيىتى ۋە ئىسلام ھەزارىتى شەكىللىنىۋاتقان دەۋرلەردىن تارتىپلا مۇجەسسەملەشكەن. مەسىلەن، قەلبنىڭ ئىمانى دۆلەت قۇرۇلمىسىنى ھەرىكەتلەندۈرگەن. ئىلاھىي ۋەھىي شۇ دۆلەتنىڭ شەرىئەت، فىقىھى ۋە قانۇنىنىڭ مەنبەسى بولغان. شەرئى پەنلەر مەدەنىيەت  يارىتىشقا تۈرتكە بولغان. قەلبلەرنى ئاۋات قىلىش مەدەنىيىتى رېئال ماددى تۇرمۇشنى تەرەققى قىلدۇرىدىغان مەدەنىيەت پەنلىرىنىڭ مۆجىزىسى بولغان. شەرئىي بىلىملەر ئىسلام ھەزارىتىدىكى ئەقلى ئىجادىيەتنىڭ مەيدانلىرى، ئالىملار ۋە مۇتەپەككۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى بولغان.

ئىسلام ھەزارىتىنىڭ تازا گۈللەنگەن چاغلىرىدا تۈرلۈك مەدەنىيەت ۋە ئىلىم-پەنلەرنى ئەمەلىي تەتبىقلىغان مۇكەممەل مېتودنىڭ پاكىتلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ. دېمەك، ئىسلام دىنى بىلىم-مەرىپەتنى دۇنيالىق بىلىم-مەرىپەت ۋە ئاخىرەتلىك بىلىم -مەرىپەت دەپ بۆلۈشتىن پاك.

مەسىلەن، مەدەنىيەت دېگەن سۆز: تۈرلۈك مەرىپەت، ئىلىم-پەن، ئەدەبىيات، پاسسىپ ئۆرپ-ئادەتلەردىن ئىنسان پسىخىكىسىنى پاكلاش ۋە گۈللەندۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان نەرسىدۇر. مەدەنىيەت ئومۇمى ھاياتىمىزنىڭ مەزمۇنى ۋە ھاياتىمىزدىكى مەنىۋى تەرەپنى شەكىللەندۈرىدىغان ئومۇمى مۇھىتتىن ئىبارەت. ئىنساننىڭ نەپسى تازىلانسا ۋە گۈللەنسە شۇ بىلىم مەرىپەتلەر-ئەقىدە ۋە شەرىئەت بىلەن-ئىسلام دىنىنىڭ ماھىيىتىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.

ئىسلام مەدەنىيىتى ئومۇمىيلىقىدا ئالاھىدە بولغان بۇ خىل خۇسۇسىيەتنىڭ ھەزارەت تارىخىمىزدىكى ئىجادىيەت، ئىزدىنىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش ساھەلىرىدە كۆزگە كۆرۈنگەن بارلىق ئالىم ۋە مۇتەپەككۇرلەردە مۇجەسسەملەشكەنلىكىنى بايقايمىز.

 مەسىلەن، ئىسلام پەيلاسوپى ئىبنى سىنا(980-1037م) شەرئى پەنلەردە ۋە تۈرلۈك تەبىئىي پەنلەردە يىتىشكەن ئالىم ۋە مۇتەپەككۇر ئىدى. ئەبۇمەنسۇر باغدادى(1037م) دىننىڭ ئاساسلىق پەنلىرى، ماتېماتىكا ۋە ئىنژېنېرلىقتىكى ئىجادىيەتلىرى بىلەن داڭ چىقارغان. ئۆمەر خەييام(1121م) تىلشۇناس، شائىر، پەيلاسوپ، تارىخشۇناس، فەقىھ، ئىنژېنېر ۋە ئاپتونومىيە ئالىمى ئىدى. ئىبنى رۇشد(1126-1198م) داڭلىق فەقىھ، تەجرىبىلىك دوختۇر، مۇتەپەككۇر، قازى ۋە پەيلاسوپ ئىدى. پەخرى رازى (1150-1210م) دىن ۋە دۇنيا بىلىم-مەرىپەتلىرىدە مۇتەپەككۇر يولباشچى ئىدى. شەرئى پەنلەردە، مېدىتسىنا ئىلمىي، پەلسەپە، ئاسترونومىيە، پىسخولوگىيە ۋە ئىنژېنىرلىقتا تونۇلغان. فارابى، بەيرۇنى، ئىبنى نەفىس، ئىبنى خەلدۇن ۋە ئىبنى ھەيسەم…لەرگە ئوخشاش تۈرلۈك دەۋرلەردىكى ساناقسىز ئالىملار دىنى ۋە تۈرلۈك ئىلىم-پەنلەردە دۇنياغا تونۇلغان.

دېمەك، ئىسلام مېتودىنىڭ خاراكتېرىدە، ئالىملارنىڭ يېتىلىشىدە ۋە ئىسلام مۇتەپەككۇرلىرى- نىڭ ئىجادىيەتلىرىدە دىنىي ۋە تۈرلۈك بىلىم-مەرىپەتلەر بىر-بىرىنى تولۇقلاپ ماڭغان. بىر مۇتەپەككۇرنىڭ بىلىم سەۋىيسىدە مەرىپەت ۋاستىلىرى ۋە ئىزدىنىش يوللىرىنىڭ تاكامۇللاشقانلىقى؛ ئەقلى، نەقلى ۋە تەجرىبە بىلىملىرىنىڭ بىرلىشىشى؛ مەرىپەت ئىجادىيەتلىرىنىڭ تاكامۇللاشقانلىقى قەلبنى يۇمشتىدىغان ۋە ئەقىلنى ئويغىتىدىغان تاكامۇللۇقتىن ئىبارەت. بەلكى قەلبى مەرىپەتلەر ئەقلى مەرىپەتلەرنىڭ يۆلىنىشىنى قوغداپ تۇرىدىغان، ئەقىلنىڭ تەپەككۇرى قەلبنىڭ ئويلىرىنى ئۆلچەملەشتۇرىدىغان، دىن بىلەن ئىلىم-پەن بىر-بىرىگە زىچ بىرلەشكەن تاكامۇللىقتىن ئىبارەت.

(5)

ئىلىم-پەن ھەزارەت قۇرۇلمىسىنىڭ ئاساسى

ئىسلام ھەزارىتى ئىنسانىيەتكە تۈرلۈك ساھەلەردە كۆپلىگەن ئىجادىيەتلەرنى تەقدىم قىلدى. ئىسلام ھەزارىتى بىلىم-مەرىپەتكە قاتتىق ھېرىسمەنلىكىدىن بىلىم-مەرىپەتنى ئەر ۋە ئاياللارغا پەرز قىلغان. ئىسلام ھەزارىتى ئىنسانىيەتنى بەختلىك قىلىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن ئىنسانىيەتكە پايدىسى يوق بىلىم-مەرىپەتلەردىن پاناھ تىلىگەن.

ئىسلام ھەزارىتى ئىنسانىيەتكە تۈرلۈك ساھەلەردە ھەسسە قوشقان. مەسىلەن، بىلىم-مەرىپەت ئۆگىتىش مەيدانىدا مۇسۇلمانلار باغداتتىكى«بەيتۇلھىكمە ئۇنىۋېرسىتېتى» (809-يىلى)، مەراكەشتىكى«قەيرىۋان ئۇنىۋېرسىتېتى»(859- يىلى)،  «ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى» (970-يىلى) قاتارلىق ئىلمىي ئۇنۋېرسىتېتلارنى بىرىنجى قېتىم قۇرۇپ چىققان. ئاندىن ئىسلام ئەللىرىنىڭ ھەر قايسى ئورۇنلىرىدا ئۇنىۋېرسىتېتلار ئارقا-ئارقىدىن قۇرۇلۇشقا باشلىغان.

مۇسۇلمان ئالىملار ئۆز ساھەلىرىدە يۇقىرى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. مەسىلەن، ئوپېراتسىيە قىلغاندا مەست قىلىش تېخنىكىسى مۇسۇلمانلارنىڭ قولى ئارقىلىق كەشىپ قىلىنغان. قاننىڭ ئايلىنىش ھەرىكىتى ۋە ئوپېراتسىيە يىپىنى ھايۋانلارنىڭ ئۈچىيىدىن ئىشلەپچىقىرىش، نېرۋا كېسىلى ۋە تاش تۇرۇپ قېلىش كېسىلىنى داۋالاش..دېگەندەك كەشپىياتلارنى بارلىققا كەلتۈرگەن.

ئۇنداقتا  بىزمۇ ھىممەتكە كېلىپ ئىلىم-پەنگە يول ئېلىشىمىز لازىم. ئىلىم-پەن ئىززەت، شەرەپ ۋە ھۆرمەتنىڭ يولىدۇر. ئىلىم-پەن بولمىسا مىللەتلەر تەرەققى قىلالمايدۇ ۋە ھەزارەت يارىتالمايدۇ.

قۇرئان كەرىم ۋە سۈننەت بىلىم-مەرىپەت ئۆگىنىشكە ۋە ئىجادىيەت يارىتىشقا تەشەببۇس قىلىدۇ، ئىلمىي ئىجادىيەتنىڭ چېكى يوق…ئىماننى ئاساس قىلىپ ئىلىم-مەرىپەتنىڭ ئىككى تۈرىگە تەڭ ئاتلىنىش مەۋجۇتلىقنى قوغداش ۋە ھەزارەت يارىتىشنىڭ ئاساسى.

 ئابدۇراھمان كاشىغەرىي