2022-يىل 1-دېكابىر

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان كاشغەرى ماقالىلىرى

قارا رەڭلىك بايراق ئىشلىتىش شەرت ئەمەس

قارا رەڭلىك بايراق ئىشلىتىش شەرت ئەمەس

 

ھەر قانداق بىر ئۈممەت ياكى ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ ئۆزلىرىگە خاس بىر بايرىقى بولىدۇ، بۇ بايراق لەپىلدىگەندە ئىززەت-شەرەپنىڭ بەلگىسىنى ئىپادىلەيدۇ، چۈشۈپ كەتكەندە ياكى لەپىلدىمىگەندە خارلىقنىڭ بەلگىسىنى ئىپادىلەيدۇ.

بايراق بىرلىكنىڭ بەلگىسى، بايراق توپلىنىشنىڭ ۋاسىتىسى، بايراق مۇستەقىللىقنىڭ ئىپادىسىدۇر…. بايراقلار بۇرۇن جەڭ سەۋەبىدىن قوللىنىلغان بولسا، بىراق بۈگۈنكى كۈنلەردە بىرەر دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىدىيىۋى ۋە ھەربى ئۇقۇمىنى ئىپادىلەيدىغان سىمۋولغا ئايلانغان.

بىز بۇ يەردە پەقەت رەسۇلۇللاھنىڭ دەۋرىدىكى ۋە ئىسلام تارىخىدىكى بايراقلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىمىز. رەسۇلۇللاھ قوللانغان بايراقلارغا قاراپ چىقىشتىن ئىلگىرى ھەدىسلەردە «رايە ۋە لىۋا» دېگەندىن ئىبارەت بايراق توغرىسىدا كەلگەن ئىككى ئاتالغۇنى ئېنىقلاشتۇرۇش لازىم.

رايە (بايراق): تۈرلۈك ھەربى قوماندانلار ياكى ئەسكەرلەر قوللىنىدىغان بايراق.

ئەلەم ياكى لىۋا: بۈيۈك بايراق ياكى دۆلەت بايرىقى. بۇنى ئەمىر ياكى خەلىپە ياكى سۇلتان قوللىنىدۇ.

1.بايراق جەڭدىكى ھەربى تۈزۈمدىن ئىبارەت:

بايراق ئاتالغۇسى جەڭ قىلىشقا ئالاقىدار ھۆججەتلەردە كەلسە، جەڭدە ئەسكەرلەرنى تەرتىپكە سالىدىغان ھەربى تۈزۈمنىڭ بىر پارچىسىدۇر، بۇ ئۇقۇم ھۆججەتلەردىن ئېنىق بىلىنىپ تۇرىدۇ. مەسىلەن، رەسۇلۇللاھ:«كىم مۇتەئەسسىپلىك (باتىلغا يان بېسىش) ئۈچۈن ئاچچىقلاپ ياكى مۇتەئەسسىپلىككە چاقىرىپ سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغان بايراق (غايە)نىڭ ئاستىدا جەڭ قىلىپ ئۆلۈپ كەتسە، جاھىلىيەتتە ئۆلگەندەك ئۆلگەن بولىدۇ (يەنى ئازغۇن يولدا ئۆلۈپ كەتكەن بولىدۇ)»دېگەن (ئىمام مۇسلىم  ۋە ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى).

مۇھەددىس ھەيسەمىنىڭ ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباستىن رىۋايەت قىلىشىچە:«رەسۇلۇللاھنىڭ بايرىقىنى ھەزرىتى كۆتۈرەتتى، ئەنسارىلارنىڭ بايرىقىنى سەئىد بىن ئۇبادە كۆتۈرەتتى. جەڭ تازا قىزىغان ۋاقتىدا رەسۇلۇللاھ ئەنسارىلارنىڭ بايرىقى ئاستىدا بولاتتى». مۇھەددىس ئىبنى ھەجەر: بۇ ھەدىستىكى بايراق جەڭدە بىر بىرىنى تونۇتىدىغان بايراقتىن ئىبارەت، بۇنى بەزىدە قوماندان كۆتۈرىدۇ، بەزىدە باشقىسى كۆتۈرىدۇ، دېگەن.( ئىبنى ھەجەر: پەتھۇل بارى، 7-توم، 314-بەت).

دېمەك، بايراق جەڭنىڭ بىر ۋاستىسى بولغانلىقى ئۈچۈن بايراقلارنىڭ بىر قانچە بولۇشى ۋە باشقىلاردىن پەرقلىنىپ تۇرۇشى تېگىشلىك. چۈنكى بايراقنىڭ غايىسى قومانداننىڭ ئورنىنى بىلدۈرۈش ۋە ئەسكەرلەرنىڭ ئارىلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىدى. سىياسەتشۇناس ماۋەردى:« ھەر بىر قەبىلە ياكى ھەر بىر مىللەتنىڭ بايرىقى باشقىلارنىڭ بايرىقىدىن پەرقلىق بولىدۇ» دېگەن (ماۋەردى: ھاۋى: 8-توم، 461-بەت).

2.بايراق قوللىنىش ۋاجىپ ئەمەس، سۈننەت:

جەڭدە بايراق قوللىنىش ۋاجىپ ئەمەس، بەلكى سۈننەت دەرىجىلىك ئىش. ئىبنى قەييىم: ئەسكەرلەنىڭ بايراق قوللىنىشى مۇستەھەپ، بايراقنىڭ ئاق بولىشىمۇ مۇستەھەپ، بايراق قارا رەڭلىك بولۇپ قالسا مەكروھ ئەمەس، دېگەن.(ئىبنى قەييىم: زادۇلمائاد، 3-توم، 523-بەت).

3.رەسۇلۇللاھنىڭ قوللانغان بايراقلىرى تۈرلۈك بولغان:

مۇسۇلمانلار رەسۇلۇللاھنىڭ دەۋرىدە جەڭ مەزگىللىرىدە بىرلا بايراق قوللانمىغان، بەلكى بىر قانچە تۈرلۈك بايراق قوللانغان. مۇھاجىرلارنىڭ ۋە ئەنسارىلارنىڭ ئايرىم بايرىقى بار ئىدى، ھەر بىر قەبىلىنىڭ ئايرىم بايرىقى بار ئىدى. ئىمام شافىئى«ئۇم»ناملىق كىتابىدا:«رەسۇلۇللاھ مۇھاجىرلارغا ئايرىم بەلگە (بايراق)، ئەۋس قەبىلىسىگە ئايرىم بەلگە، خەزرەج قەبىلىسىگە ئايرىم بەلگە قىلىپ بەرگەن. رەسۇلۇللاھ ھىجرىيىنىڭ سەككىزىنچى يىلى چوڭ بايراق قوللانغان، ھەر بىر قەبىلىگە ئايرىم ئايرىم بايراق قىلىپ بەرگەن. بۇنىڭ سەۋەبى كىشىلەرنىڭ جەڭ ۋە باشقا ۋاقىتلاردا ئۆز-ئارا تونۇلىشى، شۇنداقلا ئۆزلىرىگە خاس بايرىقى ئاستىدا ئاسان توپلىنىشى مەقسەت قىلىنغان…»دېگەن(ئىمام شافىئى: ئۇم، 4 توم،  167 بەت).

مەغازى ۋە سىيرە كىتابلىرىدا ئابباسنىڭ بايان قىلىشچە:«مەككە پەتھىسى ئۈچۈن كېتىۋاتقان ئەسكەرلەر قەبىلە، قەبىلە بولۇپ ئايرىم بايراقلىرى بىلەن ئۇنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەن». بۇ سەۋەبتىن ئالىملار ئەسكەرلەر بايرىقىنىڭ ئوخشىمىغان رەڭدە بىر قانچە تۈرلۈك بولۇشىنى دۇرۇس دەپ قارىغان.

 

4.بايراق دۆلەتنىڭ ئىدارە جەھەتتىكى تەشكىللىنىشىدۇر:

لىۋا (ئەلەم) دۆلەتكە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، جەڭ ياكى تىنچلىق ھالىتىدە بولسۇن دۆلەتنىڭ ئىدارە ئىشلىرىنى رەتكە سېلىش ۋاسىتىلىرىنىڭ بىر قىسمى سانىلىدۇ.  ئالىملار رايە بىلەن لىۋانى پەرقلەندۈرگەن. ئىبنى ھەجەر: لىۋا (ئەلەم) ھاكىمنىڭ ئىدارىسىغا ئېسىلىدىغان بەلگىدۇر، رايە (بايراق) ھەربى قوماندان قوللىنىدىغان بەلگىدۇر، دېگەن. (ئىبنى ھەجەر: پەتھۇلبارى، 6-توم، 147-بەت).

  1. بايراق قوللىنىش يوللۇقتۇر:

بايراق قوللىنىشنىڭ ئەسلى ھۆكمى ئىدارە تۈزۈم جەھەتتىكى مەسىلە بولغانلىقى ئۈچۈن يوللۇق مەسىلىدۇر، بۇ «نەرسىلەر ھاراملىقىغا دەلىل كەلمىسە ئەسلىدە مۇباھ بولىدۇ» دېگەن قائىدىگە بويسۇنىدۇ. ئىدارە تۈزۈمگە ئالاقىدار مەسىلىلەر ئەۋرىشىملىككە ئىگە بولۇپ، ئۆزگىرىشىنى قوبۇل قىلىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن ئىسلام پەقەت بىر رەڭلىك بايراقنى ۋاجىپ قىلغان، دەپ قاراش خاتا. شۇنداقلا بايراقنى دىننىڭ ئۆزگەرمەس پرىنسىپ مەسىلىسىگە كۆتۈرۈش بىدئەتتۇر.

 

  1. رەسۇلۇللاھ بايراقنىڭ رەڭگىنى بەلگىلەپ بەرمىگەن:

رەسۇلۇللاھ بايراقنىڭ مۇئەييەن شەكلىنى بەلگىلەپ بەرمىگەن، چۈنكى رەسۇلۇللاھ جەڭلەردە پەقەت بىر خىل رەڭدىكى بايراقنى قوللانمىغان. رەسۇلۇللاھنىڭ قارا رەڭلىك، ئاڭ رەڭلىك، سېرىق رەڭلىك ۋە قىزىل رەڭلىك بايراق قوللانغانلىقى تەرجىمىھال كىتابلىرىدا ئىسپاتلانغان. دېمەك، رەسۇلۇللاھنىڭ بۈيۈك بايرىقى (دۆلەت بايرىقى) ئاق رەڭلىك ئىدى، جەڭدە قوللانغان بايرىقى قارا ۋە باشقا رەڭلىك ئىدى، بۇ بايراقلارغا تەۋھىد سۆزى يېزىلمىغان. بۇنىڭ دەلىللىرى تۆۋەندىكىچە:

(1). ئىبنى ئابباستىن رىۋايەت قىلىنىشچە:«رەسۇلۇللاھنىڭ جەڭ بايرىقى قارا ئىدى، بۈيۈك بايرىقى(دۆلەت بايرىقى) ئاق ئىدى» (ئىمام ئەھمەد، تىرمىزى ۋە ئىبنى ماجە رىۋايىتى).

(2).جابىردىن رىۋايەت قىلىنىشىچە:«رەسۇلۇللاھنىڭ مەككە پەتھى بولغان كۈنى قوللانغان بۈيۈك بايرىقى ئاق ئىدى» (ئەبۇداۋۇد، تىرمىزى ۋە نەسەئى رىۋايىتى).

(3).بەرا ئىبنى ئازىبتىن رەسۇلۇللاھنىڭ جەڭ بايرىقى قانداق ئىدى دەپ سورالغاندا:«تۆت چاسا قارا رەڭلىك ئىدى»دەپ جاۋاب بەرگەن (ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى).

(4). سەماكتىن رىۋايەت قىلىنىشىچە ئۇ:«مەن رەسۇلۇللاھنىڭ بايرىقىنىڭ سېرىق ئىكەنلىكىنى كۆردۈم» دېگەن (ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى).

(5). كۇرەز بىن سامىنىڭ رىۋايەت قىلىشىچە:«رەسۇلۇللاھ بەنى سۇلەيم قەبىلىسىنىڭ بايرىقىنى قىزىل رەڭلىك قىلىپ چىگىپ بەرگەن ئىدى» (ئىبنى ئەبى ئاسىم رىۋايىتى) ۋە (ئەينى: ئۇمدەتۇل قارى، 14-توم، 2731-بەت).

ئەللامە ئىبنى ھەجەر رەسۇلۇللاھنىڭ قوللانغان بايراقلىرىنىڭ رەڭلىرىنىڭ تۈرلۈك بولۇش سەۋەبلىرى ھەققىدە توختىلىپ، ۋاقىت ۋە شارائىتنىڭ ئوخشىماسلىقى دەپ يەكۈنلىگەن.

ئىمام سەرەخسى«بۈيۈك سىيرەنىڭ شەرھىسى» ناملىق كىتابىدا: رەسۇلۇلۇللاھنىڭ قارا رەڭلىك بايراق قوللانغانلىقى، قارا رەڭلىك بايراق قوللىنىشنىڭ ۋاجىپلىقىنى كۆرسەتمەيدۇ، بەلكى مۇستەھەبلىكنى كۆرسىتىدۇ. سېرىق ۋە قىزىل رەڭلىك بايراق قوللىنىش دۇرۇس. قارا رەڭلىك بايراقنىڭ باشقا رەڭگە قارىغاندا جەڭ مەيدانلىرىدا بولۇپمۇ چاڭ توزانلاردا ئاسان تونۇلىدىغان بولغاچقا قارا رەڭ مۇستەھەپ دەپ قارالغان. شەرئى نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا بايراقنىڭ رەڭگى ئاق، سېرىق ياكى قىزىل بولسا مەسىلە يوق، بىراق ئاق رەڭنى تاللاش رەسۇلۇللاھنىڭ سۆزىگە ئاساسەن ياخشىراق:«ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان كىيىم-كېچەكلەر ئاق رەڭلىكتۇر، ھايات ۋاقتىڭلاردا ئۇنى كىيىڭلار ۋە مېيىتلارنى ئۇنىڭ بىلەن دەپنە قىلىڭلار»دېگەن. بۈيۈك بايراق پۈتۈن ئەسكەرلەر بويىچە پەقەت سۇلتان ياكى ئەمىرنىڭ قېشىدا بىر دانە بولىدۇ، شۇڭا بۈيۈك بايراقنىڭ ئەسكەرلەرنىڭ قارا بايراقلىرىدىن پەرقلىنىشى ئۈچۈن ئاق رەڭلىك بولۇشى تاللانغان»(3-توم، 76-بەت).

ئىسلام تارىخىغا قارايدىغان بولساق بايراقلارنىڭ رەڭلىرى تۈرلۈك بولغان، كۈچلۈك كۆز قاراشقا ئاساسەن ئۇمەۋىلار دۆلىتىنىڭ بايرىقى يېشىل ئىدى، بەزىلەر ئاق ئىدى دەپ بايان قىلغان. ئابباسىيلار دۆلىتىنىڭ بايرىقى قارا ئىدى. كىتابلاردا ئابباسىيلار بايرىقىنىڭ قارا بولغانلىقى توغرىسىدا تۈرلۈك سىياسىي سەۋەبلەر بايان قىلىنغان. ئوسمانلىلار دۆلىتىنىڭ بايرىقى قىزىل ئىدى. شۇنداقلا ئىسلام تارىخىدا ئۆتكەن ھەر رايوندىكى ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ بايراق رەڭلىرى تۈرلۈك بولغان. مەسىلەن، قاراخانىيلار، غەزنەۋىيلەر، سەلجۇقىيلار ۋە باشقىلار…غا ئوخشاش.

  1. ئىسلام ۋەتەنپەرۋەرلىكنى تەشەببۇس قىلغان:

بايراق دۆلەتنىڭ ئىدارە جەھەتتىكى تۈزۈمى بولۇشى بىلەن بىرلىكتە ئىسلام ئېتىراپ قىلغان ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ بەلگىسىدۇر، ئىسلامغا زىت كەلمەيدىغان ۋەتەنپەرۋەرلىك ئالقىشلىنىدۇ، ھەرگىز چەكلەنمەيدۇ (ۋەتەنپەرۋەرلىك دېگەن ماقالەمگە قاراڭ). http://www.azheri.com/az

8.بايراققا تەۋھىد سۆزىنى يازغانلىق كەسكىن يول بىلەن ئىسپاتلانمىغان:

بايراققا تەۋھىد سۆزى يېزىلغان ئىدى، دېگەن رىۋايەتنى تەبرانى ھەييان ئىبنى ئۇبەيدۇللاھ ئارقىلىق ئىبنى ئابباستىن قىلغان رىۋايەت قىلغان:«رەسۇلۇللاھنىڭ بايرىقى قارا ئىدى، بۈيۈك بايرىقى ئاق ئىدى، بۈيۈك بايرىقىغا تەۋھىد سۆزى يېزىلغان ئىدى». بۇ رىۋايەت كۆپلىگەن ئالىملارنىڭ تەنقىد قىلىشىغا ئۇچرىغان، بۇ ھەدىسنى ھەييان ئىبنى ئۇبەيدۇللاھدىن باشقا ھېچكىم رىۋايەت قىلمىغان. ھەييان ئىبنى ئۇبەيدۇللاھ ھەدىسشۇناس ئىبنى ھەجەر، ئىبنى ئەدى، ھەيسەمى ۋە شەۋكانى تەرىپىدىن ئىشەنچىلىك ئەمەس، بەلكى «ئاجىز» لار قاتارىدا تىلغا ئېلىنغان.

دېمەك، رەسۇلۇللاھنىڭ بۈيۈك بايرىقى (دۆلەت بايرىقى) ئاق رەڭلىك ئىدى، جەڭدە قوللانغان بايرىقى قارا رەڭلىك ئىدى، بۇ بايراقلارغا تەۋھىد سۆزى يېزىلمىغان. شۇنداقتىمۇ بايراققا ئىسلامغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بىرەر سۆز يازسا ياكى ھىلال ئايغا ئوخشاش بەلگە سىزسا دۇرۇس، بىراق ۋاجىپ ئەمەس.

بايراقنىڭ تۈرلۈك رەڭدە بايان قىلىنغانلىقى بۇ مەسىلىنىڭ ئىدارە تۈزۈمگە ئالاقىدار كەڭرى ئىجتىھاد مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بىرەرسى رەسۇلۇللاھنىڭ بايراق رەڭگىنى قوللىنىمەن دەپ قاراپ قالسا ياخشى، بىراق ئۇ  رەڭگە ئەمەل قىلىش ۋاجىپ ياكى شەرت ئەمەس. ئىسلام تارىخىدىكى بايراق رەڭگىنىڭ تۈرلۈك تاللىنىشى مەنپەئەت نۇقتىسىدىن بولغان.

رەسۇلۇللاھنىڭ پالانى رەڭلىك بايراق قوللىنىڭلار دەپ بۇيرۇغانلىقىغا ياكى تەشەببۇس قىلغانلىقىغا دەلىل كەلمىگەن، شۇنداقلا پالانى رەڭلىك بايراقنى ئىشلەتمەڭلار دەپ توسقانلىقىغىمۇ دەلىل كەلمىگەن. شۇڭا رەسۇلۇللاھ قوللانغان بايراقنىڭ رەڭگى ياكى شەكلىگە ئوخشىمايدىغان بايراقلارنى رەت قىلىش ياكى ئۇنى ئىسلامغا زىت دەپ قاراش خاتا.

مۇستەملىكىچىنى ياكى دىنسىزلىقنى تەمسىل قىلىدىغان بايراق بولمىسىلا، مۇسۇلمانلار بىرلىكى ۋە ئىززىتىنى تەمسىل قىلىدىغان قايسى رەڭدىكى بايراق بولسۇن چەكلەنمەيدۇ.

 

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي

2018-يىلى، 5-ئاي

ئىستانبۇل

bayrak