2024-يىل 3-ماي

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

ئىسلامنى قانداق چۈشىنىمىز؟

ئىسلامنى قانداق چۈشىنىمىز؟

 

(1)

ئىسلام دىنى قانداق دىن؟

 

ئىسلام تەۋھىد دىنى، ئاللاھنى ھەر جەھەتتىن يەككە-يىگانە دەپ ئېتىقاد قىلىدىغان دىن، ئىسلامنىڭ جەۋھىرى تەۋھىد. تەۋھىد ھەقىقەت، كائىنات، زامان، ماكان، ئىنسانىيەت تارىخى ۋە ئاقىۋىتىگە نىسبەتەن ئومۇمىي كۆز-قاراشتۇر.

ئىسلام شەرىئىتى پەيغەمبەرلەر شەرىئەتلىرى ھالقىسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى يۇقىرى دەرىجە. ئىسلام شەرىئىتى ئىلگىرىكى شەرىئەتلەرنىڭ ئەسلى ھالىتىنىڭ ساپلىقىنى تەستىقلاپ، ئۆزگىرىپ كەتكەن ئورۇنلىرىنى تۈزىتىپ زامان ۋە ماكان ئۆزگىرىشىگە يېڭىلىق قوشۇپ كەلدى. شۇنداقلا يەرلىكتىن خەلقئارالىققا، ۋاقىتلىقتىن مەڭگۈلۈككە، پەقەتلا دىنى دەۋەتتىن دىن، دۆلەت، ئۈممەت، ھەزارەت ۋە جەمئىيەتكە كېڭىيىپ ئىلاھى قانۇن ئېلىپ كەلدى. بۇ شەرىئەت دۇنيا بىلەن ئاخىرەتنى، شەخس بىلەن جەمئىيەتنى ۋە ئۆزلۈك بىلەن باشقىلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ كەلدى«بىز سېنى بارلىق ئالەملەرگە رەھمەت قىلىپ ئەۋەتتۇق» (ئەنبىيا، 107-ئايەت). «ئۇ(قۇرئان) بارلىق ئالەم ئۈچۈن باياندۇر» (يۈسۈف، 104-ئايەت).

مىلادىيە 622-يىلى مەدىنە مۇنەۋۋەر دۆلىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىدا: «يەھۇدىلار مۇسۇلمانلار بىلەن بىر ئۈممەت، يەھۇدىلارنىڭ دىنى ئۆزىگە ھېساب، مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىمۇ ئۆزىگە ھېساب. مۇشۇ كېلىشىمنامىگە ئىمزا قويغان قايسى بىر يەھۇدى بىزگە ئەگەشسە ئۇنىڭغا ياردەم قىلىنىدۇ، ئۇلار ھەرگىز زۇلۇمغا ئۇچرىمايدۇ ۋە ئۇلارغا قارىشى باشقىلارغا ياردەم بېرىلمەيدۇ. مۇشۇ كېلىشىمنامىگە ئىمزا قويغۇچىلارنىڭ قايسى بىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىسا ئۆز-ئارا ياردەم قىلىنىدۇ. ئۆز-ئارا ھەمكارلىق، نەسىھەت ۋە ياخشىلىق قىلىشقا بولىدۇ، گۇناھ سادىر قىلىشقا بولمايدۇ»دېيىلگەن.

ئىسلام دۆلىتىنىڭ سىرتقى ئالاقىسى باشلانغان مىلادىيە 628-يىلى خرسىتىئانلار بىلەن بىرىنجى قېتىم ئۇچراشقاندا، ھاتەب ئىبنى بەلتە دېگەن ساھابە مىسىردىكى قىبتىلارنىڭ داھىيسى مۇقەۋقىسغا قىلغان خىتابىدا ئىسلامنىڭ ئىلگىرىكى شەرىئەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىسىنى شەرھىلەپ:«سېنىڭ دىنىڭ بار، سەن بۇ دىننى ئۇنىڭدىن ياخشىسى بولمىسا تاشلىمايسەن، ئىسلام دىنى سەن ئۈچۈن ياخشى، ئاللاھ ھېمايە قىلىشنى ئۈستىگە ئالغان دىن. مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەزرىتى ئىيسا ئەلەيھىسسالام بىلەن بىشارەت بېرىشى، ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن بىشارەت بېرىشىگە  ئوخشاشتۇر. بىزنىڭ سېنى قۇرئانغا دەۋەت قىلىشىمىز، سېنىڭ يەھۇدىلارنى ئىنجىلغا دەۋەت قىلغىنىڭغا ئوخشايدۇ. بىز سېنى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنىدىن توسمايمىز»دېگەن. (د.مۇھەممەد ھۇمەيدۇللاھ ھەيدەرنىڭ:«رەسۇلۇللاھ ۋە ساھابىلەرنىڭ دەۋرىدىكى سىياسى ھۆججەتلەر توپلىمى»، 111- بەت).

رەسۇلۇللاھ مىلادىيە631-يىلى نەجران خرسىتىئانلىرى ئۆمەكلىرىنى مەسجىدى نەبەۋىدە كۈتۈۋالغاندا، ئىسلام شەرىئىتى ۋە ئىسلام دۆلىتىنىڭ خرىستىئانلار بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ ئىسلام دۆلىتى ۋە بىر ئۈممەت سايىسىدىكى تولۇق ۋەتەنداشلىق ئالاقىسى ئىكەنلىكىنى قانۇن بېكىتىپ بەرگەن. ئىسلام شۇ تارىختىن باشلاپ ئۇلارنىڭ ئەقىدە ئەركىنلىكى ۋە دىنىي ئېتىقادىغا قىلچە چېقىلماستىن ئىسلام ئەقىدىسى ئاساسىدا تولۇق ۋەتەنداشلىق ھوقۇقلىرىنى قانۇنلاشتۇرۇپ بەرگەن.

***

ئىسلام ئىنسانىيەتنى توغرا يولغا يېتەكلەيدىغان دىندۇر. شۇنداقلا ئادالەت ۋە توغرا يولنى تۇتۇپ ماڭىدىغان ئۈممەتنىڭ دىنىدۇر. ئىسلام شەرىئىتىدىكى قىممەت-قاراش ۋە ئەخلاق دائىرىسى قانۇن مەنبەسىدۇر ۋە بۇ قانۇننىڭ ئىسلامغا ئۇيغۇن بولۇش ئۆلچىمىدۇر.

ئىسلام دىنى ئېنىق، روشەن دەلىل ئۈستىگە قۇرۇلغان دىن. روشەن دەلىل دېگەن سۆز قۇرئان كەرىمدە 357 ئورۇندا تىلغا ئېلىنغان«ئاللاھنىڭ مۇنداق قىلىشى ھالاك بولىدىغانلارنىڭ روشەن دەلىلىنى كۆرۈپ ئاندىن ھالاك بولۇشى، ياشايدىغانلارنىڭ روشەن دەلىلىنى كۆرۈپ ئاندىن ياشىشى ئۈچۈن ئىدى. ئاللاھ (بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى)، ئەلۋەتتە ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (نىيەتلىرىنى)بىلىپ تۇرغۇچىدۇر»(ئەنفال 42-ئايەت).

ئىسلام دىنى ھۆججەت ۋە پاكىت ئۈستىگە قۇرۇلغان دىن. ئىسلام ئەقىدە ۋە ھەقىقەتلىرىگە پاكىت تۇرغۇزىدىغان، باشقىلارنىمۇ كۆز قاراش ۋە تەسەۋۋۇرلىرىغا ھۆججەت كەلتۈرۈشكە چاقىرىدىغان دىن«ئى ئىنسانلار! سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن(شانلىق مۆجىزىلەر بىلەن كۈچلەندۈرۈلگەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن ئىبارەت)ئوچۇق دەلىل كەلدى، سىلەرگە روشەن نۇرنى(يەنى قۇرئاننى) نازىل قىلدۇق»(نىسا سۈرىسى، 174-ئايەت). «ئۇلار:«يەھۇدىي ياكى ناسارا بولمىغان ئادەم (يەنى يەھۇدىيلار يەھۇدىي بولمىغان ئادەم، ناسارالار ناسارا بولمىغان ئادەم) ھەرگىزمۇ جەننەتكە كىرمەيدۇ»دېيىشتى. بۇ، ئۇلارنىڭ قۇرۇق ئارزۇسىدۇر.«ئەگەر (سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، دەلىلىڭلارنى كەلتۈرۈڭلار» دېگىن» (بەقەرە،111-ئايەت).

ئىسلام دىنى بىلىم-مەرىپەت دىنى«سەن ئىيسا توغرۇلۇق ھەقىقىي مەلۇمات ۋە بىلىمگە ئىگە بولغىنىڭدىن كېيىن، كىملەركى سەن بىلەن مۇنازىرىلەشسە، سەن ئۇلارغا:«كېلىڭلار، ئوغۇللىرىمىزنى ۋە ئوغۇللىرىڭلارنى، ئاياللىرىمىزنى ۋە ئاياللىرىڭلارنى، ئۆزلىرىمىزنى ۋە ئۆزلىرىڭلارنى يىغىپ، ئاللاھنىڭ لەنىتى يالغانچىلارغا بولسۇن، دەپ ئاللاھغا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلايلى» دېگىن»(ئال ئىمران، 61-ئايەت).

ئىسلام دىنىدا بىلىم-مەرىپەتلىك كىشىلەر ئاللاھ بىلەن، پەرىشتىلەر بىلەن ۋە ئادىل ئىش قىلغۇچىلار بىلەن بىرگە بولىدۇ«ئاللاھ ئادالەتنى بەرپا قىلغان ھالدا گۇۋاھلىق بەردىكى، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق)يوقتۇر. پەرىشتىلەرمۇ، ئىلىم ئەھلىلرىمۇ شۇنداق گۇۋاھلىق بەردى» (ئال ئىمران، 18-ئايەت)

كائىناتتىكى ئىلاھى قۇدرەت ۋە ئىجادىيەتنى ھېس قىلغان ئالىملار ئاللاھدىن بەك قورقىدىغانلاردۇر «ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدە ئاللاھدىن پەقەت ئالىملارلا قورقىدۇ»(فاتىر سۈرىسى، 28-ئايەت).

شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلام دىنى بىر نەرسىنى مۇھاكىمە قىلماقچى بولسا بىلىم مەرىپەت ئاساسىدا مۇھاكىمە قىلىدۇ«ئەگەر راستچىل بولساڭلار، قېنى ماڭا بىلىپ (بىلىم ئاساسىدا)ئېيتىپ بېرىڭلار!»(ئەنئام، 143-ئايەت). «سۆزۈڭلارنىڭ راستلىقىغا پاكىتىڭلار بولسا، بىزگە چىقىرىپ كۆرسىتىڭلار» (ئەنئام،148-ئايەت). «بۇ (قۇرئان) دىن ئىلگىرى (سىلەرگە نازىل قىلىنغان) كىتاب ياكى (ئىلگىرىكىلەردىن) قالغان ئىلىم بولسا ماڭا ئېلىپ كېلىڭلار، ئەگەر سىلەر راستچىل بولساڭلار» (ئەھقاف سۈرىسى، 4- ئايەت).

ئىسلام نۇر ۋە نۇرلىنىشتۇر، قۇرئان نۇردۇر«ئاللاھ مۆئمىنلەرنىڭ ئىگىسىدۇر، ئۇلارنى(كۇفرىنىڭ) زۇلمىتىدىن (ئىماننىڭ)يورۇقلىقىغا چىقىرىدۇ» (بەقەر، 257- ئايەت). ھېكمەتمۇ نۇر، رەسۇلۇللاھ«ئاللاھ ھېكمەت نۇرى بىلەن قەلبلەرنى تىرىلدۈرىدۇ»دېگەن (ئىمام مالىك رىۋايەت قىلغان). ئىسلام پەيغەمبىرىمۇ نۇر «سىلەرگە ئاللاھ تەرىپىدىن نۇر(يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) ۋە روشەن كىتاب (يەنى قۇرئان) كەلدى» (مائىدە 15-ئايەت).

 

 (2)

ئىسلام ئادالىتى

 

ئاللاھ ھەر قانداق ئىشتا ئادالەتكە بۇيرۇيدۇ«ئاللاھ ھەقىقەتەن (كىشىلەر ئارىسىدا) ئادىل بولۇشقا، (جىمى خەلققە) ياخشىلىق قىلىشقا، خىش-ئەقرىبالارغا سىلە-رەھىم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، قەبىھ (سۆز-ھەرىكەتلەر)دىن، يامان ئىشلاردىن ۋە زۇلۇم قىلىشتىن توسىدۇ. نەسىھەتنى قوبۇل قىلسۇن دەپ، ئاللاھ سىلەرگە پەند-نەسىھەت قىلىدۇ»(نەھل سۈرىسى، 90-ئايەت). چۈنكى ئادالەت زۇلۇمنىڭ قارمۇ-قارشىسى، ئاللاھ زۇلۇمنى ئۆزىگە ۋە ئىنسانلارغا ھارام قىلغان «شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئىنسانلارغا قىلچە زۇلۇم قىلمايدۇ» (يۇنۇس، 44-ئايەت).

شۇنىڭ ئۈچۈن ئادالەت ئىسلام مەدەنىيىتى ۋە ئىسلام ھەزارىتىدە جارى بولۇۋاتقان روھتىن ئىبارەت. ئىسلام دىنى بىر ئىنساننىڭ ئۆزىگە زۇلۇم قىلىشنىمۇ ھارام قىلغان يەردە، باشقىلارغا زۇلۇم  قىلىشنى ھارام قىلىشى ئېنىقلا گەپ.

ئىسلام ھەر قانداق مۇئامىلە ۋە ئالاقىدە ئادىل ئىش قىلىشنى پەرز قىلدى «بىرەر قەۋمگە بولغان ئۆچمەنلىكىڭلار(ئۇلارغا)ئادىل بولماسلىقىڭلارغا سەۋەب بولمىسۇن، (دۈشمىنىڭلارغا)ئادىل بولۇڭلار، بۇ(يەنى ئۇلارغا ئۆچ تۇرۇپ ئادىل بولۇشۇڭلار)تەقۋادارلىققا ئەڭ يېقىندۇر» (مائىدە، 8-ئايەت).

ئىسلام باشقىلار بىلەن ئادىل مۇئامىلە قىلىشنى ئاللاھنىڭ ئۆزگىرىپ قالمايدىغان كائىنات قانۇنىيىتى ئاساسىدا پەرز قىلدى. بىرلىك ۋە يەككە-يېگانىلىق ئاللاھنىڭ ئۆزىگە خاس سۈپەت. ئىنسان، ئىدىيە، شەرىئەت، مىللەت، مېتود، مەدەنىيەت، ھەزارەت، تىل، تۈر، رەڭ، خەلق، ئۆسۈملۈك، ھايۋان ۋە جانسىز نەرسىلەردىن تارتىپ تۈرلۈك ۋە خىلمۇ-خىل بولۇش كائىناتتىكى ئاللاھنىڭ ئۆزگەرمەس قانۇنىيىتى. ھەمكارلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان تونۇشۇش خىلمۇ-خىل بولۇشتىكى ئالىي مەقسەتتۇر«ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىز ھەقىقەتەن بىر ئەر، بىر ئايالدىن، (ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن ئىبارەت)بىر ئاتا بىر ئانىدىن ياراتتۇق، ئۆز-ئارا تونۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە ئۇرۇق قىلدۇق، ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېسابلىنىسىلەر (يەنى كىشىلەرنىڭ بىر-بىرىدىن ئارتۇق بولۇشى نەسەب بىلەن ئەمەس، تەقۋادارلىق بىلەن بولىدۇ)،ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر»(سۈرە ھوجۇرات، 13-ئايەت).

ئىسلام دىنى ئاسماننىڭ ئىنسان بىلەن بولغان ئالاقىسى ئارقىلىق ئارقىمۇ- ئارقا كەلگەن پەيغەمبەرلەر، كىتابلار ۋە شەرىئەتلەرنى ئېتىراپ قىلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ساماۋى شەرىئەتلەرنىڭ تۈرلۈك بولىشىنى ئاللاھنىڭ بىر دىنى ئىچىدىكى پەرقلىق بولۇشى دەپ قارار قىلغاندا «باشقىلار»نى «ئۆزى»نىڭ بىر قىسمى دەپ بەلگىلىگەن. ئاللاھ بەلگىلىگەن دىن بىر، شەرىئەت ئوخشىمايدۇ. پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسى قېرىنداش، شەرىئەتلىرى تۈرلۈك، دىنى بىر.

مۇشۇ ھەقىقەت سەۋەبىدىن ئىسلام ئادالىتى دائىم «باشقىلار»غا تەۋە تۈرلۈك ئېقىم، مەزھەب ۋە تائىپىلەرنى پەرقلەندۈرۈپ قاراپ، ئومۇملاشتۇرۇشتا زۇلۇم بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن ھەممىسىنى بىر چالمىدا ھەيدىمەيدۇ ۋە بىر سېۋەتكە سالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەھلى كىتاب توغرىلىق توختالغاندا «ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى» ۋە «ئۇلاردىن بىر بۆلىكى»دېگەن سۆزنى كەلتۈرگەن «ھەممىسى ئوخشاش ئەمەس»(ئال ئىمران،113-ئايەت). «ئەھلى كىتاب ئىچىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزلىرىگە ھەقىقەت (يەنى دىنىڭلارنىڭ ھەقلىقى) ئاشكارا بولغاندىن كېيىن، ھەسەت قىلىش يۈزىسىدىن سىلەرنى ئىمانىڭلاردىن قايتۇرۇپ كاپىر قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئاللاھنىڭ ئەمرى كەلگەنگە قەدەر(يەنى ئاللاھ سىلەرگە ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا رۇخسەت قىلغۇچە) ئۇلارنى ئەپۇ قىلىڭلار ۋە كەچۈرۈڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىردۇر»(بەقەرە سۈرىسى، 109-ئايەت). ئۇلار بىردەك بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى جازاسىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.

مۇسۇلمانلار باشقا ئېقىمدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئورتاق تەۋھىد كەلىمىسىگە چاقىرىدۇ«ئى ئەھلى كىتاب! (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) پەقەت ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىش، ئاللاھقا ھېچنەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەسلىك، ئاللاھنى قويۇپ بىر- بىرىمىزنى ئىلاھ قىلىۋالماسلىقتەك ھەممىمىزگە ئورتاق بولغان بىر سۆزگە (يەنى بىر خىل ئەقىدىگە) ئەمەل قىلايلى»دېگىن، ئەگەر ئۇلار يۈز ئۆرۈسە (يەنى بۇنى قوبۇل قىلمىسا):«(ئى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار جامائەسى!) بىزنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىمىزگە گۇۋاھ بولۇڭلار»(ئال ئىمران سۈرىسى، 64-ئايەت). ئورتاق سۆز: تەۋھىد، غەيبكە ئىشىنىش ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشتىن ئىبارەت ئىماننىڭ ئاساسىدۇر.

مۇشۇ ئىسلام ئادالىتى سەۋەبىدىن قۇرئان كەرىم ئەھلى كىتابلاردىكى «بۇرۇلۇش ۋە ئۆزگەرتىشكە» ئومۇمىي بىردەك ھۆكۈم چىقارمىدىغان. دېمەك، ئىسلام باشقا ئېقىمدىكىلەرگە ئادالەت بىلەن مۇئامىلە قىلىشتا يۇقىرى پەللىگە يەتكەن.

 

(3)

ئىسلامنىڭ كەڭ قورساقلىقى

 

ئىسلامدىكى ئىمان ئېيتىش كەسكىن ئىشەنچ دەرىجىسىگە يەتكەن قەلبى تەستىقلاش بولغانلىقى ئۈچۈن، مەجبۇرلاش ئاساسىدا بۇ خىل ئىشەنچكە يېتىش مۇمكىن ئەمەس. شۇنىڭ  ئۈچۈن قۇرئان كەرىم بۇ توغرىدا كەسكىن پرىنسىپال قائىدە بېكىتىپ:«دىندا مەجبۇرلاشقا بولمايدۇ، ھەقىقەت بىلەن ئازغۇنلۇق ھەممەيلەنگە ئېنىق ئايرىلدى»دېگەن(بەقەرە سۈرىسى، 256- ئايەت).

شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلامنىڭ قەلبكە كىرىش يولى ھېكمەت ۋە چىرايلىق ئۇسۇلدا دەۋەت ئېلىپ بېرىش دەپ قارالدى. كىم ئىمان كەلتۈرسە مۇسۇلمان دەپ قارىلىدۇ، كىم يۈز ئۆرۈسە، يەنى ئىمان ئېيتمىسا:«سىلەرنىڭ دىنىڭلار ئۆزۈڭلار ئۈچۈن،  مېنىڭ دىنىممۇ ئۆزۈم ئۈچۈن»(كافىرۇن، 6-ئايەت)، «ھەقىقەت پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن كەلدى، خالىغان ئادەم ئىمان ئېيتسۇن، خالىغان ئادەم كاپىر بولسۇن» (كەھف، 29-ئايەت) دەپ ئۇلارغا قارىتا كۆرسەتمە بەلگىلەندى، كاپىر بولغان ئادەمنىڭ ھېساباتىنى ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئۆزى بىر تەرەپ قىلىدۇ. بىراق دۇنيا ھاياتىدا، ئىسلام دىيارىدا ۋەتەنداش بولۇپ ياشايدىكەن، «مۇسۇلمانلارغا نېمە مەنپەئەت كەلسە  مۇسۇلمانلار بىلەن تەڭ بەھرىمەن بولىدۇ، قانداق زىيان كەلسە تەڭ كۆتۈرۈشۈپ بېرىدۇ».

مۇشۇ ھەقىقەت بىلەن ئىسلام دىنى تىنچ ئۇسۇل بىلەن تارقالغان، مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئىسلام ئەللىرى تىنچ دەۋەت ئۇسۇلى ئارقىلىق ئىسلام دىنىغا كىرگەن. ئىسلامدا يۈز بەرگەن ئۇرۇشلارنىڭ مەقسىتى ئېتىقاد ئەركىنلىكى، ۋىجدان ئەركىنلىكى ۋە مۇسۇلمانلار ياشايدىغان ۋەتەن ئەركىنلىكىنى مۇداپىئە قىلىش ئۈچۈن بولغان ئۇرۇشلاردىن ئىبارەت. رەسۇلۇللاھنىڭ دەۋرىدە يۈز بەرگەن ئۇرۇشلارنىڭ ھەممىسى ئۆزىنى قوغداش ئۇرۇشىدىن ئىبارەت:«(ئۇلار) پەقەت پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھ دېگەنلىكلىرى ئۈچۈنلا ئۆز يۇرتلىرىدىن ناھەق ھەيدەپ چىقىرىلدى، ئەگەر ئاللاھ ئىنسانلارنى بىر-بىرىگە قارشىلىق كۆرسەتكۈزمىگەن بولسا، راھىبلارنىڭ ئىبادەتخانىلىرى، چېركاۋلار، يەھۇدىيلارنىڭ ئىبادەتخانىلىرى ۋە ئاللاھنىڭ نامى كۆپ يادلىنىدىغان مەسچىتلەر ئەلۋەتتە ۋەيران قىلىناتتى، كىمكى ئاللاھنىڭ دىنىغا ياردەم بېرىدىكەن، ئەلۋەتتە ئاللاھ ئۇنىڭغا ياردەم بېرىدۇ، ئاللاھ ئەلۋەتتە كۈچلۈكتۇر، غالىبتۇر»(ھەج سۈرىسى، 39، 40-ئايەت)

«(كۇففارلاردىن)سىلەر بىلەن ئۇرۇش قىلمىغان ۋە سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارمىغانلارغا كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلاردىن، ئۇلارغا ئادىل بولۇشۇڭلاردىن سىلەرنى توسمايدۇ، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئادىللارنى دوست تۇتىدۇ. ئاللاھ دىن ئۈچۈن سىلەر بىلەن ئۇرۇشقان، سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارغان ۋە سىلەرنى ھەيدەپ چىقىرىشقا ياردەملەشكەنلەرنى دوست تۇتۇشۇڭلاردىن سىلەرنى توسىدۇ، كىمكى ئۇلارنى دوست تۇتىدىكەن، ئۇلار زالىملاردۇر»مۇمتەھىنە، 7-9-ئايەت).

ئىسلام دىنىدا باشقىلارنى دىنغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن «دىنى ئۇرۇش» دەيدىغان ئۇرۇش مەۋجۇد ئەمەس. رەسۇلۇللاھنىڭ دەۋرىدە 10 يىل ئىچىدە كاپىر ۋە مۇسۇلمانلاردىن ئۆلگەن ئادەملەرنىڭ سانى 386ئادەم، مۇسۇلمانلاردىن 183 ئادەم شېھىت بولغان، كاپىرلادىن 203 ئادەم ئۆلگەن.

خرىستىئان دىنى ئىچىدىكى كاتولىك بىلەن پىروتىستانت مەزھىبى ئارىسىدا يۈز بەرگەن «دىنى ئۇرۇش»تا قوربان بولغانلارنىڭ سانى فرانسىيلىك «ۋولتېر» Voltarire (1694-1778م)نىڭ سىتاتىستىكىسىغا ئاساسەنلانغاندا 10 مىليونغا يەتكەن. يەنى ئوتتۇرا ياۋرۇپا خەلقىنىڭ %40 ئىككى ئەسىر داۋاملاشقان دىنى ئۇرۇشتا ھالاك بولغان.

ھىجرىيە بىرىنجى ئەسىردە يۈز بەرگەن ئىسلام تارىخىدىكى ئۇرۇشلارنىڭ ھەممىسى شەرقنى سىياسىي، ھەزارەت، دىنى ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن ئەزگەن رىم ۋە پارىس ئىمپېرىيىسىنىڭ مۇستەملىكە كۈچلىرىگە قارىشى ئېلىپ بېرىلغان جەڭلەردىن ئىبارەت. ئىسلام تارىخىدا دىنغا مەجبۇرلاش ئۈچۈن ئۇرۇش يۈز بەرگەن ئەمەس.

ئىسلام قوشۇنى بىلەن ئازات قىلىنغان ئەللەر قوشۇنى ئارىسىدا بىرەر قېتىممۇ ئۇرۇش يۈز  بېرىپ باقمىدى، بەلكى ئازات قىلىنغان ئەللەر قوشۇنى ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى دىنىدا كاپىر تۇرۇقلۇق ئىسلام قوشۇنى بىلەن بىرگە ئۇرۇشقا قاتناشقان. چۈنكى ئۇلار ئىسلام قوشۇنى بىلەن بىرگە ئۇرۇشقا قاتنىشىشنى ئۆزلىرىنىڭ ۋەتەنلىرىنى رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ مۇستەملىكىسىدىن قۇتۇلدۇرۇش، ۋىجدانى ۋە ئەقىدىسىنى دىنى ۋە ھەزارەت جەھەتتىن ئېزىلىشتىن ئازات قىلىش دەپ قارىغان، شۇنداقلا بۇنى رىم مۇستەبىت كۈچلىرىگە ئىلاھى جازا ۋە ئۆزلىرىگە  نىسبەتەن مۇسۇلمانلارنىڭ قولى ئارقىلىق  ياردەم بېرىلگەن ئىلاھى قۇتقۇزۇش دەپ قارىغان.

مىسىرغا كىرگەن ئىسلام قوشۇنىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن مسىىرلىق خرىستىئان پاپاسى»يۇھەننا نىيقۇسى» بۇ ھەقىقەتكە  مۇنداق گۇۋاھلىق بەرگەن: «ھەقىقەتنى قوغداپ، ئالەمنى تاشلاپ قويمىغان ۋە زالىملارغا رەھىم قىلمىغان ئاللاھ، ئەرەب مۇسۇلمانلارنىڭ قولى ئارقىلىق مۇستەبىت كۈچلەرگە زەربە بەردى، ئاندىن مۇسۇلمانلار  مىسىرنىڭ ھەممە شەھەرلىرىنى ئۇلاردىن ئازات قىلدى. ھىرەقىل (610-641م) مىسىردىكى مەغلۇبىيىتى سەۋەبىدىن غەمگە چۆمۈپ، كېسەل بولۇپ ھالاك بولدى.. مۇسۇلمانلار قوشۇنىنىڭ قوماندانى ئەمىر بىن ئاس كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىشكە باشلىدى، بەلگىلىگەن باجنى ئالدى، لېكىن چېركاۋنىڭ مال-مۈلكىدىن بىرەر نەرسىنى ئالمىدى، بۇلاڭ-تالاڭ قىلمىدى، ئۆمرىنىڭ ئاخىرغىچە چېركاۋلارنى قوغداپ بەردى» (د.ئۆمەر سابىر جىلىل: مىسىر تارىخى، 201-بەت).

پوپ مىخائىل سىريانىمۇ گۇۋاھلىق بېرىپ مۇنداق دېگەن:«رىم ئېمپېراتۇرلىقى چېركاۋلىرىمىزنىڭ ئاشكارا پائالىيەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلمىدى، چېركاۋنىڭ بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنغان مال-مۈلۈكلىرى توغرىسىدىكى شىكايەتلەرگە قۇلاق سېلىپ قويمىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار رىملىقلاردىن ئىنتىقام ئالدى. رىملىقلار چېركاۋلىرىمىزنى رەھىمسىزلەرچە بۇلىغان ئىدى، بىزگە تۆھمەت قىلىپ تۈرلۈك قالپاقلارنى كىيدۈرگەن ئىدى. جەنۇب تەرەپتىن ئەرەب مۇسۇلمانلار بىزنى رىم ئىمپېرىيىسىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن كەلدى، ئەرەب مۇسۇلمانلار بىزگە ئەقىدە ئەركىنلىكىمىزنى بەردى، بىز تىنچ ئامان ياشىدۇق» (د.سەبرى سەلىم: بىزانتىن دەۋرىدىكى مىسىر تارىخى، 62- بەت).

دېمەك، ئىسلام ئازادلىق ھەرىكەتلىرى شەرق ئەللىرىنى رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ مۇستەملىكىسى، قۇللۇق تۈزۈمى ۋە بوزەك قىلىشىدىن، شۇنداقلا شەرق خرسىتىئانلىرىنى ھەم رىملىقلارنىڭ بوزەك قىلىشىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئىدى. ئىسلام ئازادلىق ھەرىكىتى زېمىننى ۋە كىشىلەرنىڭ ۋىجدانىنى ئازات قىلىپ، تولۇق دىنى ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى بەرگەن.

 

 (4)

ئىسلام ۋە ھەزارەت (مەدەنىيەت)

 

ئىسلام دىن، دۆلەت ۋە ھەزارەت بولغانلىقى ئۈچۈن مەيدانغا كەلگەندىن تارتىپ ئىنسانلارنى ھىدايەت قىلىش بىلەن بىرگە«ھەزارەت ئىجادىيىتى»نى شەكىللەندۈردى.

خرىستىئان دىنى ياۋروپادا  تۆتىنجى ئەسىردە باشلانغاندىن تارتىپ، 10 ئەسىر زۇلمەت ۋە جاھالەتتە ياشىغان ياۋرۇپا 16-ئەسىرگە كەلگەندە تارىخىدا بىرىنجى قېتىم  «كوبىرنىكىس»(1473-1543م)نى كۆرەلىدى، ئۇنىڭ«ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ئايلىنىشى»ناملىق كىتابى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئاندىن نەشىر قىلىندى، نەشىر قىلىنغان بىلەن 1758م-يىلغىچە چېركاۋ تەرىپىدىن مۇسادىرە قىلىنىپ كەلدى. ياۋرۇپا مەدەنىيەت ۋە تەبىئى پەنلەردە 10 ئەسىر ئارقىدا قالدى..

ئىسلام دىنى بولسا مەيدانغا كەلگەندىن تارتىپ ئەقىدە، شەرىئەت، تەپسىر ۋە ھەدىس پەنلىرى بىلەن بىرلىكتە مەدەنىيەت پەنلىرىدە ھەزارەت ئىجادىيەتلىرىنى بارلىققا كەلتۈردى.

چۈنكى ئىسلامنىڭ «تەبىئەت» ۋە«ئالەم»گە بولغان كۆز قارىشى خرىستىئان دىنىدىن پەرقلىنىدۇ، چېركاۋ كۆز-قارىشىدا تەبىئەت ۋە ئالەم «مەينەت، كىر»نەرسە دەپ قارىلىدۇ، شۇڭا تەبىئى ۋە تەجرىبە پەنلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش شەيتاننىڭ قىلمىشى، چۈنكى ئۇ بىلىم-مەرىپەتنى ئىنجىل ۋە دىنىي ئېتىقادنىڭ سىرتىدىن تەلەپ قىلغانلىق، دەپ قارايدۇ. چېركاۋنىڭ دىنىي ئېتىقادى سايىسىدا تەجرىبە ئېلىپ بېرىش ھۆر ۋە شەرەپلىك كىشىلەرگە ياراشمايدىغان، قۇللار قىلىدىغان قول ھۈنىرىگە ئوخشاش بىر ئىش ھېسابلىناتتى.

شۇ سەۋەبتىن چېركاۋ تەجرىبە ۋە ئىلىم-پەن بىلەن شۇغۇللانغانلارنىڭ ھەممىسىنى ئەزگەن ۋە قىيىن قىستاققا ئالغان، ياۋرۇپا ئويغىنىشىدىكى تەجرىبە ۋە بىلىم-مەرىپەتنىڭ غەلبىسى قىلىشى چېركاۋنىڭ كۈچى ۋە پوپلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارىشى ئىنقىلاب قوزغاش ئارقىلىق قولغا كەلگەن، نەتىجىدە ياۋرۇپا ئالەم ۋە تەبىئەتنى بىردىنبىر مەرىپەت مەنبەسى قىلىپ بەلگىلىگەن، تەبىئەتنى ئۇلۇغلاپ، ئىلاھ ئورنىغا كۆتۈرگەن، تەبىئەتنى ئېتىراپ قىلىپ غەيىب دۇنياسىنى ئىنكار قىلغان. دېمەك، تەبىئىي پەن ياۋروپادا مانا مۇشۇنداق كېچىكىپ مەيدانغا كەلگەن.

ئىسلام دىنىغا كەلسەك، ئىسلام دىنىدا ئىمان بىلەن ئەمەل(خىزمەت) تەڭ ماڭىدۇ، ئىسلام دىنى تەبىئەتنى باشقا مەخلۇقلارغا ئوخشاش ئاللاھنىڭ مەخلۇقى دەپ قارايدۇ. ئىسلام كۆز-قارىشىدا تەبىئەت ياراتقۇچىسىغا ئىشىنىدۇ، ياراتقۇچىسى بولغان ئاللاھنى ئۇلۇغلاپ-گەرچە بىز چۈشەنمىسەكمۇ-تەسبىھ ئېيتىدۇ.

ئاللاھ بۇ تەبىئەتنى بارلىق كۈچى ۋە ئېنېرگىيىسى بىلەن بىللە ئىنساننىڭ خىزمىتىگە بويسۇندۇرۇپ بەردى، شۇڭا تەبىئەتنى گۈللەندۈرۈش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش ئىنسانغا نىسبەتەن ئۆز ئۈستىگە ئالغان مەسئۇلىيەتنى ئىجرا قىلغانلىق دەپ قارالدى:«ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتتى، بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بەردى، يامغۇر سۈيى بىلەن سىلەرگە رىزق قىلىپ نۇرغۇن مېۋىلەرنى ئۆستۈرۈپ بەردى، ئاللاھ سىلەرگە ئۆز ئەمرى بويىچە دېڭىزدا قاتنايدىغان كېمىلەرنى بويسۇندۇرۇپ بەردى، سىلەرگە دەريالارنى بويسۇندۇرۇپ بەردى. سىلەرگە ئاي بىلەن كۈننى تەرتىپلىك دەۋر قىلىپ تۇرىدىغان قىلىپ بويسۇندۇرۇپ بەردى، سىلەرگە كېچە بىلەن كۈندۈزنى بويسۇندۇرۇپ بەردى. ئاللاھ سىلەرگە سورىغان نەرسەڭلارنىڭ ھەممىسىنى بەردى، سىلەر ئاللاھنىڭ نېمىتىنى ساناپ تۈگىتەلمەيسىلەر، كاپىر ئادەم شەك-شۈبھىسىزكى، زۇلۇم قىلغۇچىدۇر، (ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە) كۇفرىلىق قىلغۇچىدۇر» (ئىبراھىم سۈرىسى، 32-34- ئايەت).

دېمەك، ئاللاھ ياراتقان، ئاللاھ خىتاب قىلغان ۋە ئىنسانغا بويسۇندۇرۇپ بەرگەن تەبىئەت ھەققىدە ئىزدىنىش، تەبىئەتنىڭ قانۇنىيەتلىرىگە قاراپ چىقىش ۋە سىرلىرىنى ئېچىش ئاللاھغا ئىبادەت قىلغانلىق سانىلىدۇ، شۇنداقلا ئىسلامنىڭ «ئوقۇش ۋە ئىزدىنىش»تىن ئىبارەت بىرىنجى قېتىم چۈشۈرگەن پەرزىنى ئورۇندىغانلىق ھېسابلىنىدۇ:«ياراتقان پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇغىن. ئۇ ئىنساننى لەختە قاندىن ياراتتى. ئوقۇغىن، پەرۋەردىگارىڭ ئەڭ كەرەملىكتۇر. ئۇ قەلەم بىلەن (خەت يېزىشنى) ئۆگەتتى. ئىنسانغا بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلدۈردى»(ئەلەق سۈرىسى، 1،5-ئايەتلەر).

ئايەت كەرىمىدىكى ئوقۇش ئىككى تۈرلۈك ئوقۇش:بىرى، ئاللاھنىڭ كائىنات ۋە تەبىئەت خاراكتېرلىك قۇدرەتلىرىنى ئوقۇش (يەنى بىلىش)، يەنە بىرى، پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن ئايەتلىرىنى ئوقۇشتۇر، يەنى ئاللاھنىڭ كۆزگە كۆرۈلىدىغان كىتابى بولغان كائىناتنى ۋە كىتابقا يېزىلغان قۇرئان كەرىمنى ئوقۇشتىن ئىبارەت.

قۇرئان كەرىم تەبىئى ۋە تەجرىبە پەنلىرى ئارقىلىق تەبىئەت ۋە كائىنات سىرلىرىنى ئېچىش، ئىزدىنىش ۋە تەتقىق قىلىشنى ئىمان ۋە دىنىي ئېتىقادنى كۈچەيتىدىغان سەۋەبلەرنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن قىلىپ بەلگىلىدى: «كۆرمەمسەنكى، ئاللاھ بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇردى. ئۇنىڭ بىلەن تۈرلۈك، رەڭگارەڭ مېۋىلەرنى چىقاردى، (شۇنىڭدەك ئاللاھ تاغلارنى ياراتتى) تاغلارنىڭ ئاق، قىزىللىرى، ھەر خىل رەڭدىكى يوللۇقلىرى ۋە قاپقارىلىرىمۇ بار. شۇنىڭدەك ئىنسانلارنى، ھايۋانلارنى، چاھار-پايلارنىمۇ خىلمۇ-خىل رەڭلىك قىلىپ ياراتتى، ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدە ئاللاھدىن پەقەت ئالىملارلا قورقىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، (بەندىلىرى ئىچىدە تەۋبە قىلغانلارنى) مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر» (فاتىر سۈرىسى، 27-28-ئايەتلەر).

مانا قارايدىغان بولساق تەبىئەت ۋە تەجرىبە پەنلىرى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار چېركاۋنىڭ نەزىرىدە ئىنجىلنى تاشلاپ قويۇپ، مەينەت تەبىئەت ۋە تەجرىبە پەن بىلەن شۇغۇللانغان دىنسىز ۋە ئاتىزىمچىلار ھېسابلىناتتى. ياۋرۇپا خرىستىئان دىنىغا كىرگەندىن كېيىن غەربى رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ (476م) گۇمران بولىشى بىلەن باشلانغان قاراڭغۇ زۇلمەت ھاياتىنى 10 ئەسىر بېشىدىن كەچۈردى. ياۋروپادا دىنى ئىسلاھات «مارتىن لوسىر» (1483-1546م)نىڭ قولى ئارقىلىق باشلاندى.

ئىسلام دىنىنىڭ تەبىئەتكە قارىتا كۆز-قارىشى ئالاھىدە بولۇپ، ئىسلام بىرلا ۋاقىتتا دىن، دۆلەت ۋە ھەزارەت بولغانلىقى ئۈچۈن ئوخشىمايدىغان باشقا بىر يولدا ماڭدى. شۇنداقلا شەرىئەت پەنلىرىدە يېڭىلىق يارىتىش بىلەن بىرگە تەبىئى پەن، تەجرىبە ۋە مەدەنىيەت پەنلىرىدە ھە يېڭىلىق ياراتتى. ئىسلامدا تەبىئەت، تەبىئەت پەنلىرى ۋە ئىجادىيەت قوراللىرى ئاللاھنى، ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ۋە قۇدرىتىنى تونۇشنىڭ يولى دەپ قارىلىدۇ. چېركاۋنىڭ تەبىئەتكە بولغان كۆز-قارىشىغا قارشى ئىنكاس شەكلىدە پەيدا بولغان ئىلمانىزم(دىننى جەمئىيەتتىن ئايرىپ قاراش)نىڭ چېكىدىن ئېشىشى بىلەن ياۋرۇپالىقلار تەبىئەتنى ئىلاھنىڭ ئورنىغا قويۇپ، «ئىلاھ ئۆلدى»دەپ چۇقان سېلىشتى!.

ئىسلام دىنى تەبىئەتنى كەمسىتىش ۋە ئىلاھ دەرىجىسىگە كۆتۈرۈۋېتىشتىن پاكتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمان ئالىملارنىڭ ئەقلى ۋە ئىدىيە قۇرۇلمىسىدا شەرئى پەنلەرنىڭ تەبئىي ۋە تەجرىبە پەنلەردىكى ئىجادىيەت بىلەن بىرگە گۈللەنگەنلىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئىسلام ئالىملىرى ئىچىدە شەرئى پەن ئالىملىرى ۋە تەبئىي پەن ئالىملىرى دېگەن بۆلۈنۈشنى كۆرۈپ باقمىدۇق. مۇسۇلمان ئالىملاردا ۋەھىي كىتابىنىڭ ئايەتلىرىنى ئوقۇش بىلەن كائىنات كىتابىنىڭ مۆجىزلىرىنى تونۇشنى جەملەپ، غەيبى دۇنيا بىلەن ماددى دۇنيانى بىرلەشتۈرگەن ئىسلام كۆز-قارىشىنىڭ مۇجەسسەملەشكەنلىكىنى بايقىدۇق. مۇشۇ ماددا بىلەن روھ بىرلەشتۈرۈلگەن نەزىرىيەنىڭ كۆپلىگەن ئىسلام ئالىملىرىنىڭ ئىدىيە قۇرۇلمىلىرىدا مۇجەسسەملەشكەن-لىكىنى ھېس قىلدۇق، شۇڭا ئۇلار تەجرىبەشۇناس مۆئمىنلەر ۋە ماددى روھانىيلار ئىدى. چۈنكى ئىسلام دىنى ئىنساننى ۋەھىي ۋە مەۋجۇدىيەت كىتابىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ، ئاللاھغا ئىبادەت قىلىش ۋە زېمىننى گۈللەندۈرۈشكە چاقىرىدۇ.

ئىسلام دىنى ئىنسانغا ئىنساننى يارىتىشكى مەقسەت يەككە-يىگانە ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن كەلگەن:«مەن جىن ۋە ئىنساننى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈنلا ياراتتىم»(زارىيات، 56-ئايەت)  ئەمما ئىسلام ئىبادەتنى ئىبادەت شوئارلىرى ۋە مەسچىتكىلا چەكلەپ قويمىدى، بەلكى زېمىن ۋە تەبىئەتنىڭ ھەممىسىنى مېھراب ۋە مەسچىت قىلىپ بەلگىلىدى! شەرئى ۋە پەننى بىلىملەر بىلەن زېمىننى تەرەققى قىلدۇرۇش ۋە دۇنيانى ئىسلاھ قىلىشنى ئەۋزەل ئىبادەت دەپ قارىغان. دېمەك، دۇنيا ۋە تەبىئەت خرىستىئان دىنىغا ئوخشاش «نىجىس» نەرسە ئەمەس، بەلكى زېمىنمۇ ئاللاھنىڭ مەخلۇقى بولۇپ ئاللاھغا تەسبىھ ئېيتىدۇ. دىننىڭ راۋاجلىنىشى دۇنيانىڭ ئىسلاھ بولىشى ۋە راۋاجلىنىشىغا باغلىق، چۈنكى دۇنيا بىلىملىرى ۋە خاتىرجەملىك ئىبادەتلەرنىڭ ساغلام بولىشى ۋە دىننىڭ توغرا بولىشى ئۈچۈن شەرتتۇر. مۇتەپەككۇر، مۇجتەھىد ئىمام غەزالى مۇنداق دەيدۇ:«دۇنيانىڭ تۈزۈمى ئىسلاھ بولمىسا دىننىڭ تۈزۈمى ئىسلاھ بولمايدۇ. دىننىڭ تۈزۈمى مەرىپەت ۋە ئىبادەت بىلەن بولىدۇ، جىسىم ساغلام ۋە خاتىرجەم بولمىسا مەرىپەت ۋە ئىبادەتكە ئىمكانىيەت بولمايدۇ. يىمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك ۋە ئامانلىقتىن ئىبارەت زۆرۈرىيەتلەر ۋۇجۇتقا چىقمىسا دىن سىستېمىلاشمايدۇ. دېمەك، دۇنيانىڭ تۈزۈمى دىننىڭ تۈزۈمى ئۈچۈن شەرتتۇر»(ئىتىقادتا ئوتتۇرا يول، 135-بەت).

دېمەك، تەبىئەت دۇنياسى ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىدىغان مەخلۇق، تەبىئەت پەنلىرى بىلەن شەرئى پەنلەرنى بىرلەشتۈرۈش ئىسلام پەلسەپىسىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنىڭ قاتارىدىن. تەبىئەت بولسا ئاللاھنىڭ بارلىقى ۋە بىرلىكىگە دەلىلدۇر، تەجرىبە ۋە تەتقىقات بولسا مۇشۇ دەلىلنى ئىسپاتلاشنىڭ يولىدۇر. تەبىئىي پەننى كەمسىتىش ۋە تەجرىبە بىلىملىرىدىن ۋاز كېچىش ئاللاھنى بىلىش ۋە ئاللاھنىڭ كامالەت سۈپەتلىرىنى تونۇش پاكىتلىرىنى يوققا چىقارغانلىقتۇر.

 

(5)

ئىسلام ۋە ئەقىل

 

ئىسلام دىنى ئەقىل بىلەن نەقىل، يەنى ئەقىل بىلەن ۋەھىي ئارىسىدا زىتلىقنى ئوتتۇرىغا قويمىدى. مەسىلەن، قۇرئان كەرىم ئەقلى مۆجىزە بولۇپ ئەقىلگە تەڭلەندى، قۇرئان توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزۈشنى ئەقىلگە مۇتلەق ئېچىۋەتتى. قۇرئاندا ئەقىل ۋە چۈشەنچىگە بىۋاستە ئالاقىدار كەلگەن ئايەتلەر 300 دىن ئاشىدۇ.

ئىسلامدا نەقىل(قۇرئان) ئەقلى مۆجىزە. ئىسلامدا ئەقىل نەقىلنى چۈشىنىش يولى، دىننىڭ ئاساسىي، ئەقىل مەۋجۇت بولمىسا دىن مەۋجۇت بولمايدۇ. مۇتەپەككۇر ماۋرىدىنىڭ ئىپادىلىشى بويىچە :«شەرىئەتنىڭ ئاساسلىرىنى بىلىش ۋە شەرىئەتنىڭ كۆرسەتمىلىرى بۇيىچە ئەمەل قىلىشقا ئېلىپ بارىدىغان نەرسە ئەقىلدۇر، ئەقىلنىڭ پاكىتلىرى شەرىئەت ئاساسلىرىنى بىلىشنىڭ ئاساسىدۇر».

«نەقىل»نۇر بولسا، «ئەقىل»كۆزگە ئوخشايدۇ، ئەقىل بولمىسا كىشىلەر  شەرىئەتنىڭ نۇرىدىن پايدىلىنالمايدىغان قارىغۇ بولۇپ قالىدۇ. ئىسلامدا قۇرئاننىڭ كۆرسەتمىسى ۋە بۇيرۇقىغا ئاساسەن تەپەككۇر قىلىش،ئانالىز قىلىش ۋە ئويلىنىش ئىنسانغا بەلگىلەنگەن بىرىنجى پەرزدۇر. پىكىر يۈرگۈزۈش ئارقىلىق ئاللاھنى تونۇغىلى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.

ئىسلام ئوتتۇرىغا قويغان بىرىنجى ئاساس ئەقلى پىكىر يۈرگۈزۈش، ئىسلامدا ئەقلى پىكىر يۈرگۈزۈش ساغلام ئىماننىڭ ۋاستىسى. ئىسلامدا سەھىھ نەقىل بىلەن كەسكىن ئەقلى ئۇقۇم زىتلىشىپ قالمايدۇ. ئىسلامدا ئەقىل بىلەن نەقىل ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرمەيدۇ. چۈنكى ھەر ئىككىسى ئاللاھنىڭ ئىنسانغا ئاتا قىلغان نېمىتى، ئاللاھنىڭ نېمەتلىرى بىر-بىرى بىلەن زىتلاشمايدۇ، ئەقىل نەقىلنىڭ ئاساسىي، ۋەھىينىڭ مۇمكىنلىكى ئەقىل يولى ئارقىلىق ئىسپاتلاندى.

ئىسلام دىنى ئەقىلگە خىتاب قىلىدۇ، ئەقىل ئاساسىدا مەسئۇلىيەت ئارتىدۇ. نەقىل ياكى ۋەھىي ئەقىلگە كائىنات ۋە ھايات ئىشلىرىنى كەڭرى قويۇپ بەردى، ئەقىلگە چەكلىمە قويۇۋالمىدى، بەلكى ئەركىن ئىزدىنىش ۋە يېڭىلىق يارىتىشنى تەشەببۇس قىلدى. چۈنكى ئەقلى تەپەككۇر تەرەققى قىلىشنىڭ باشلانمىسى، ئەقىل قانچە ئىلغار بولسا، قەدىر قىممىتى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ.

ئىمام غەزالىي:«شەرىئەت بىلەن  كۇپايىلىنىپ ئەقىلدىن بىھاجەت بولغىلى بولمايدۇ، ئەقىل بىلەن كۇپايىلىنىپ شەرىئەتتىن بىھاجەت بولغىلى بولمايدۇ. چۈنكى ئەقلى بىلىملەر غىزانىڭ ئورنىدا بولسا، شەرئى بىلىملەر دورىنىڭ ئورنىدا»

«ئەقىل شەرىئەت بولمىسا ھىدايەت تاپالمايدۇ، شەرىئەت ئەقىل بولمىسا نامايان بولمايدۇ. ئەقىل ئاساس، شەرىئەت بىناغا ئوخشايدۇ»دېگەن.

دېمەك، ئىسلامنىڭ ئاقىلانىلىقى قۇرئان كەرىمنىڭ ھەر بىر ئايەتلىرىدە كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان ئېنىق ھەقىقەت. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ ئىسلامنىڭ مۆجىزىسىنى ئەقلى مۆجىزە قىلىپ بەلگىلىدى. مانا بۇ ئىسلامنىڭ ئەقىلنىڭ ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرگەنلىكىنىڭ ئىسپاتى…

 

 (6)

تېز سۈرئەتتە ئىجادىيەت يارىتىش نېمە ئۈچۈن؟

 

ئىسلام دىنى يۇقىرىقى ھەقىقەتلەرگە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن مەسچىتلەردە ناماز بەرپا قىلىش بىلەن بىرلىكتە، رېئال ھاياتتا تەبىئىي پەنلەردە مەدەنىيەت ۋە ئىجادىيەت بەرپا قىلالىدى. ئىسلام دىنى دىنى نۇقتىغا تايىنىپ، دىننىڭ مەقسەتلىرىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ۋە ئاللاھنى رازى قىلىش ئۈچۈن تەبىئي پەنلەردە مەدەنىيەت، ھەزارەت ۋە ئىجادىيەت يارىتىش قاتارلىق ئالاھىدىلىككە ئىگە.

خرىستىئان دىنىنى قوبۇل قىلغان خرىستىئان دۇنياسى مەدەنىيەت يارىتىشتا 10 ئەسىر ئارقىدا قالدى. غەرب دۇنياسى خرىستىئان دىنىغا قارىشى ئىنقىلاب قوزغاپ، دىننى چۇۋۇپ تاشلاپ، ئىلمانىزىم(Secularism) ھالىتىنى شەكىللەندۈرۈپ «تەبىئەت دىنى»نى تەمسىل قىلغاندىن كېيىن مەدەنىيەت يارىتىشقا باشلىدى.

مۇشۇ ھەقىقەتلەر سەۋەبىدىن ھىجرىيە بىرىنجى ئەسىردىن تارتىپلا ئىسلامدا ئىلمىي ۋە ئىدىيىۋى ئىشلەپچىقىرىش ھەرىكىتى باشلاندى، يەنى ھىجرىيە بىرىنجى ئەسىرنىڭ يېرىمىدا ئىسلام جەمئىيىتى شەكىللىنىشكە باشلىدى، بۇ جەمئىيەت تۈرلۈك مۇھىت، خىلمۇ- خىل مەدەنىيەت ۋە ئوخشاشمىغان تىللاردىن تەركىب تاپقان ئىدى. شۇڭا ئىسلام جەمئىيىتى تۈرلۈك ئېقىم ئىگلىرىنىڭ ئۆز-ئارا ئالاقىلىشىش ۋە ئىدىيىلەرنىڭ تەسىرلىشىش مەركىزىگە ئايلاندى.

ئىسلام جەمئىيىتىدىكى مەدەنىيەت ۋە تەبىئىى پەنلەردە تېز يېڭىلىق يارىتىش ئىسلام دىنىنىڭ نەتىجىسى ئىدى. ئىسلامنىڭ بىلىم-مەرىپەتكە تۇتقان پوزىتسىيىسى پەقەت دىنىي ھايات ئۈچۈنلا بولماستىن، بەلكى ئىنسانىيەت ھاياتىنىڭ بارلىق ساھەلىرىگە قارىتا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى ئامىل ئىدى. ئىسلامنىڭ بۇ پوزىتسىيىسى مۇسۇلمانلارنىڭ بىلىم-مەرىپەتكە كۈچلۈك ئىنتىلىشىدە ۋە ئىنسانىيەت مەرىپەتلىرىگە يېتىشتە توسالغۇلارنى ئېچىۋىتشتىكى چوڭ تۈرتكىلىك سەۋەب ئىدى. دېمەك، ئىسلامنىڭ پوزىتسىيىسى تەبىئي پەن، كائىنات بىلىملىرى ۋە ھەزارەت پەنلىرىدە تېز يېڭىلىق يارىتىشنىڭ كۈچلۈك ئامىلى ئىدى(گرمانىيلىك دوكتۇر فرانز روزنتال(Franz Rosenthal)«قەدىمى گرېك بىلىملىرىنىڭ ئىسلامدا داۋاملىشىشى» 37-بەت).

ئىلگىرىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىي مىراسلىرى ھەققىدىكى ئىزدىنىش، قاراپ چىقىش ۋە ماتېرىيال توپلاش ھىجرىيە بىرىنجى ئەسىرنىڭ يېرىمىدا-مۇئاۋىيە ئىبنى سۇفيان(603-680)نىڭ دەۋرىدە باشلىنىپ بولغان(ئىبنى نەدىم:مۇندەرجىلەر،89-بەت).

تەبىئي پەنلەرنى تەرجىمە قىلىش ۋە ئىسكەندەرىيە كۈتۈپخانىسى مىراسلىرىنى تىرىلدۈرۈش چوڭ ئىسلام ھەرىكىتىگە ئايلاندى. مىلادىيە 708-يىلنىڭ باشلىرىدا ئەمىر خالىد بىن يەزىد يېڭىلاش، تەمسىل قىلىش ۋە ئىلمى ئىجادىيەت ئېلىپ بارغۇچى ئالىملارنىڭ بىرى ئىدى. خالىد بىن يەزىد مېدىتسىنا، ئاسترونومىيە ۋە خىمىيە پەنلىرىنى تەرجىمە قىلىشقا باشلىغان دەسلەپكى كىشىدۇر (مۇندەرىجىلەر: 242،244- بەتلەر).

پەيلاسوپ ئىبنى رۇشد:«ئىلگىرىكىلەردىن مەيلى بىر دىندا بولايلى ياكى باشقا دىندا بولايلى پايدىلىنىشىمىز كېرەك، ئۇلارنىڭ دېگەن سۆزلىرىگە قارايمىز، ئەگەر توغرا بولسا قوبۇل قىلىمىز، ئەگەر خاتا بولسا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىمىز»دەپ ئىسلامنىڭ ئىلىم- پەن تارىخىدىكى مېتودىنى روشەنلەشتۈرۈپ بەرگەن.

 

 (7)

ئاخىرقى سۆز

 

مانا بۇ ئىسلام دىنى، ئىسلام ئاللاھنى پاكلاشتا ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەن تەۋھىد دىنى، ئىسلام ئىلگىرى ساماۋى كىتابلارنى تەستىقلىغۇچى ۋە ئىسلاھ قىلغۇچى دىندۇر. ئۇ قىممەت-قاراش، پاكىت، بىلىم-مەرىپەت ۋە ھۆججەت دىنىدۇر. ئۇ ئۆزى بىلەن باشقىلار ئوتتۇرىسىدا ئادىل يول تۇتىدىغان دىندۇر. ئەقىدە ۋە ئىدىيىدە تۈرلۈك بولۇشنى قوبۇل قىلىدىغان دىندۇر. ئېتىقادتا ئەركىنلىككە ئىگە دىندۇر.

ئۇ ئۈممەت، دۆلەت، ۋەتەن ۋە مەدەنىيەت يارىتالىغان بىردىنبىر دىندۇر، ئىسلامدىكى بىرلىك تۈرلۈك بولۇش ئاساسىدا شەكىللىنىدۇ. ئۇ مەرىپەت مەنبەسىدە مېتافىزىكا دۇنياسى بىلەن كۆرۈلۈپ تۇرۇۋاتقان دۇنيانى بىرلەشتۈرگەن؛ مەرىپەت يولىدا ئەقىل، نەقىل، تەجرىبە ۋە ۋىجداننى بىرلەشتۈرگەن دىندۇر. شۇڭا ئىسلامدا شەرىئەت بىلەن مەدەنىيەت، روھ بىلەن ماددا بىرلەشكەن. ھەتتاكى پەلسەپە دىيانەتلەشكەن، دىن پەلسەپىلەشكەن.

ئۇ ئىنسان، ئۈممەت، مەدەنىيەت ۋە ئىلگىرىكىلەر ياراتقان ئىلمىي مىراسلار ئۈچۈن ئومۇمىي گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىنسانىيەت ئىلمىي مىراسلىرىنى زايا بولۇپ كېتىشتىن ساقلاپ قالغان دىندۇر.

ئازادلىق ھەرىكەتلىرى مۇستەبىت ۋە زالىم ھۆكۈمرانلارنى باش ئەگدۈرگەن، كىشىلەرنىڭ ۋىجدانلىرىنى ئازات قىلغان، كىشىلەرنى ئەركىن ئېتىقاد قىلىشقا يول ئېچىپ بەرگەن دىندۇر. مەدەنىيىتىدە ئىلاھىي ۋەھىي ئايەتلىرى بىلەن كائىنات ئايەتلىرى قېرىنداش بولغان دىندۇر. مانا بۇ ئىسلام دىنىدىن ئىبارەت.

 

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي