2024-يىل 3-ماي

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

رامىزان ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ تۇغۇلۇشى

رامىزان ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ تۇغۇلۇشى

(1)

رامىزان ئۈممەت ياكى مىللەت يېتۈشتۈرىدىغان بىر ئاي

رامىزاندىكى ئىمانى روھ، قىممەت-قاراشلار ۋە رامزاننىڭ بۈيۈك مەقسەتلىرى  بۇ ئاينىڭ ئۈممەت ياكى مىللەت تەربىيىلەيدىغان بىر ئاي ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. قۇرئان كەرىمنىڭ رامىزان ئېيىدا نازىل بولۇشقا باشلىغانلىقى بۇ ئۈممەتنىڭ تۇغۇلۇش باسقۇچىنىڭ مۇقەددىمىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ، چۈنكى بۇ ئۈممەت كائىناتنى ياراتقان ئاللاھنىڭ:«سېنى ياراتقان پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇ» (ئەلەق سۈرىسى، 1-ئايەت)دېگەن ئايىتى بىلەن تەڭ تۇغۇلغان. ئاللاھنىڭ ئىنسانىيەت مەنپەئەتى ئۈچۈن چۈشۈرگەن قۇرئان كىتابىنى شۇنداقلا ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىپ تۇرىدىغان كائىنات كىتابىنى ئوقۇ دېگەن بۇ بۇيرۇقى بىلەن ئىسلام ئۈممىتى تۇغۇلغان. بۇ ئۈممەت قۇرئان ۋە كائىناتنى تەڭ ئوقۇپ زېمىننى ئاۋات قىلىشقا باشلىغان، سەۋەب-نەتىجە قانۇنىيىتى بويىچە زېمىننىڭ بايلىقلىرىدىن پايدىلانغان، زېمىندا ئادالەت نىزامىنى تۇرغۇزغان ۋە ئىنسانلارغا ئۆرنەك ياراتقان.

رامىزان ئۈممەت ياكى مىللەت بىرلىكىنى ۋە ئۈممەت مەدەنىيىتىنىڭ ئالغا قاراپ مېڭىشىنى تەمسىل قىلىدىغان ئاي ئىدى. بۇ ئاي مەنىۋىيەتنى كۈچلەندۈرۈش، كۆڭۈل تۇيغۇلىرىنى پاكلاش، ئۆزىنى ۋە ئەزالىرىنى كونترول قىلىشنى مەقسەت قىلغان بىر ئاي ئىدى. رامزاننىڭ بۇ مەقسەتلىرىگە رېئايە قىلغان مۇسۇلمانلار يېڭىدىن تۇغۇلغاندەك تۇيغۇغا كېلىپ، ھەر قايسى جەھەتتىن ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەن ۋە مەدەنىيەت ياراتقان ئىدى. بىز رامزاننىڭ ئىمانى روھىي، كۆڭۈل ۋە ئەزالارنىڭ پاكلاشتىكى رولى، مۇسۇلمانلار بىرلىكى، ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىش ۋە بىر-بىرىگە كېپىل بولۇشتەك ئىجتىمائىي قىممەت-قاراشلىرى ۋە رامىزان تۇتۇشتىكى مەقسەتلەرنى ئۇنۇتقان چاغدا، رامىزان ئۈممەت ئېيى بولماستىن، يەككە ئىبادەت قىلىدىغان ۋە يەككە تۇيغۇدا ياشايدىغان بىر ئايغا ئۆزگىرىپ قالدى.

بىز ھەر يىلى رامىزان مەكتىپىدە 30 كۈن ئىمان، ئەخلاق، ئىستىل، ۋىجدان، ئىرادە، سەمىمىيەت ۋە بىرلىك روھى ھەققىدە دەرس ئۆگىنىشىمىز كېرەك ئىدى. ئەقىدىنىڭ ئاجىزلىقى ۋە چۈشەنچىنىڭ بۇرۇلۇپ كېتىشى سەۋەبلىك مەنىۋىيىتىمىز ئاجىزلاشقان ۋە ئىرادىمىز چۈشكۈنلەشكەن بولسا، رامىزان ئېيىدا ئىمانىمىزنى كۈچەيتىپ، ئىرادىمىزنى جانلاندۇرۇپ، ئەخلاقىمىزنى يۈكسەلدۈرۈپ ۋە بىرلىك روھىمىزنى قانات يايدۇرىدىغان دەرسلەرنى ئېلىشىمىز كېرەك.

ئىسلام دىنى رامىزان ئېيىدا رامىزان تۇتۇش بىلەن بىرلىكتە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا رېئايە قىلىش، ئۇلارنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى ھوقۇقلىرىنى قوغداشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىمەكتە:«سىلەردىن بىرىڭلار رامىزان تۇتقان بولسا، بۇزۇق گەپ-سۆز قىلمىسۇن ۋە جاقىراپمۇ سۆز قىلمىسۇن، ناۋادا بىرەرسى بىلەن خاپۇلىشىپ قالغان بولسا، مەن رامىزان تۇتقان ئىدىم»(بۇخارى رىۋايىتى)، سەن بىلەن تەڭ بولمايمەن، دېيىش ئارقىلىق رامزاننىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىسۇن ۋە ئىستىلىدا رامزاننىڭ تەسىرىنى نامايان قىلسۇن.

رامزاننىڭ مەقسەتلىرى ئىماننى كۈچەيتىش، قەلبىنى پاكلاش ۋە ئەخلاقنى تۈزىتىش بولغانلىقى ئۈچۈن يالغان سۆز ۋە يالغان ئىش-ھەرىكەتلەردىن ئالاقىسىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈش كېرەك. شۇنداقلا بىرلىك ۋە ئۈممەت روھىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان بۇ رامىزان ئېيى يوقسۇللارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان، موھتاجلارغا ياردەم بېرىدىغان، ئۆز-ئارا بىر بىرىگە ئىگە بولىدىغان، كىشىلەرنىڭ ھوقۇق ۋە ئابرۇيلىرىنى قوغداشقا ئوخشاش باشقىلارغا پايدىسى يېتىدىغان ئىشلارنى كۆپ قىلىش لازىم.

رامىزان ئېيى روھى ئوزۇق ئالىدىغان، ئىدىيە ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىمىزگە قايتا قاراپ چىقىش ئارقىلىق ئۆزىمىزنى تەكشۈرۈپ چىقىدىغان، مەنىۋى كۈچنىڭ ئېشىشى بىلەن ھەرىكەت روھىنى جانلاندۇرىدىغان، سېخىلىق قىلىدىغان، ھەر تۈرلۈك جىھاد قىلىدىغان، كوللېكتىپ ھالدا ئىش قىلىش روھىنى يېتىلدۈرىدىغان، رامىزان روھىي ۋە مەقسەتلىرى ئاساسىدا رېئاللىقىمىزغا قايتا قاراپ چىقىدىغان بىر ئايدۇر.

قۇرئان نازىل بولغان ۋە روھى مەنىۋىيەت بىلەن توشۇپ كەتكەن بۇ ئايدا ھەربىرىمىز يېڭىدىن تۇغۇلغاندەك تۇيغۇغا كېلەلىسەك ۋە ئۈممەت-مىللەتكە قارىتا مەسئۇلىيىتىمىزنى ھېس قىلالايدىغان سەۋىيىگە يېتەلىسەك، ئۇ چاغدا ھاياتىمىزدىكى مەغلۇبىيەت، ئاجىزلىق ۋە خورلۇق…تىن قۇتۇلۇشقا توغرا قەدەم باسقان بولاتتۇق.

(2)

30 كۈنلۈك رامىزان مەكتىۋى

كۈچلۈك روھىي ھالەت، يۈكسەك مەقسەت ۋە تۈرلۈك قىممەت-قاراشقا ئىگە رامزاننىڭ دەرۋازىلىرى ھەر يىلى بىر ئاي ئېچىلىدۇ. بۇ بىر ئاي بېسىپ تەربىيىلىنىدىغان، چېنىقىدىغان ۋە ئۆزىمىزنى يېتىشتۈرىدىغان بىر ئايدۇر. بۇ ئاي ئۆزىمىزنى تۈزىتىدىغان، ناچار ئىللەتلەردىن قۇتۇلىدىغان، ئۈمىدسىزلىكتىن قۇتۇلۇپ روھلىنىدىغان، ئىرادىنى يېڭىلايدىغان ۋە ئىمان دەرىجىمىزنى يۇقىرىغا كۆتۈرىدىغان بىر ئايدۇر. رامىزان مەكتىپى 30 كۈنلۈك كۇرس ئېچىپ قويۇق تەربىيە ۋە ھەر خىل چېنىقتۇرۇش ئېلىپ بارىدۇ. بۇ مەكتەپ تاڭ ئاتقاندىن تارتىپ كۈن پاتقانغا قەدەر كۆڭۈل، قورساق ۋە جىنسى ئەزالارنىڭ مۇباھ بولغان ئېھتىياجلىرىدىن ۋاز كېچىپ، تەقۋالىققا ئەمەلىي چېنىقىش تەربىيىسىنى بېرىدۇ. تەقۋالىقنىڭ ماھىيىتى ھارام ۋە چەكلەنگەن ئىشلارغا قارىتا دائىم دېگۈدەك سەگەك بولۇش ۋە ئېھتىيات قىلىش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ئىستىل يولىدۇر. بۇ ئىستىل يولىدا ھەر بىر مۇسۇلمان قىلماقچى بولغان ھەر بىر ئىشنىڭ شەرىئەتنىڭ مەقسىتىگە ئۇيغۇن ياكى ئۇيغۇن ئەمەسلىكىگە قاراپ چىقىپ، ئۇيغۇن بولسا ئالغا ئىلگىرىلەپ ماڭىدۇ، ئۇيغۇن بولمىسا قەدەم باسمايدۇ.

رامزاننىڭ بىر تامچە سۈ ۋە بىر قوشۇق نەرسە سەۋەبلىك بۇزۇلۇپ كېتىشىدىن سەگەك تۇرغان مۇسۇلمان ئەلۋەتتە ئېغىز، قورساق ۋە جىنسى ئەزالىرى ئارقىلىق بۇزۇلۇپ كېتىشىدىن سەگەك تۇرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن يالغان گەپ، غەيۋەت ياكى يالغان گۇۋاھلىق بېرىش ياكى ھارام نەرسىلەرگە قاراپ سېلىشتىن ئېھتىيات قىلىدۇ، ھارام ۋە گۇناھ بولىدىغان ئىشلاردا تىكەننىڭ ئۈستىدە ماڭغاندەك ماڭىدۇ. مانا بۇ تەقۋالىقتۇر، مانا بۇ رامزاننىڭ ئادەمنى پاكلاش خۇسۇسىيىتىدۇر.

مۇسۇلمان رامزاندا ھايات خەرىتىسى بولغان قۇرئان كەرىمنى ئوقۇش، چۈشىنىش، تەپەككۇر قىلىش ۋە شۇ ئاساستا ئەمەل قىلىشقا كۆپ ئەھمىيەت بېرىدۇ، چۈنكى رامىزان ئېيى قۇرئان نازىل بولۇشقا باشلاپ ئۈممەتنى تۇغۇشقا باشلىغان بىر ئاي. رامىزان ئېيى باشقا ۋاقىتلارغا قارىغاندا بەكرەك قۇرئان بىلەن ۋاقىت كەچۈرۈش ئارقىلىق ئىماننى يېڭىلايدىغان ۋە قۇرئان بىلەن تونۇشۇپ چىقىدىغان بىر ئايدۇر. رامىزان ئېيى ئۆز-ئارا ئارىنى ئىسلاھ قىلىدىغان، ئاداۋەتنى تۈگىتىدىغان، ياخشى ئىشلارغا ئالدىرايدىغان، بىر-بىرىنى كەچۈرۈۋېتىدىغان، بىر-بىرى بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچلەندۈرىدىغان ۋە كەڭ قورساق بولىدىغان بىر ئايدۇر.

رامىزان مەكتىپىگە كىرگەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسى يۇقىرى نەتىجە ئېلىپ چىقالمايدۇ. بەزىلەر تولۇق نەتىجە ئېلىپ قازىنىدۇ، بەزىلەر نورمال نەتىجىگە ئېرشىدۇ، يەنە بەزىلەر نەتىجە ئالالماي قۇرۇق چىقىپ كېتىدۇ. كىم قۇرئان، ناماز ۋە زىكىردىن كۆپرەك دەرس ئېلىشقا تىرىشقان بولسا ۋە رامزاننىڭ مەقسەتلىرىنى چۈشۈنۈپ شۇنىڭغا ئەمەل قىلىشقا ئۇرۇنغان بولسا نەتىجە قازىنالايدۇ. كىم رامزاننىڭ مەقسەتلىرىنى چۈشەنمەستىن ئالۋاڭغا رامىزان تۇتقان بولسا ياكى رامزاندىن پايدىلانماي چىقىپ كەتكەن بولسا، ئۇ ئۆزىنى ئارتۇق ئاۋارە قىلغان بولىدۇ.

(3)

رامزاننىڭ نىشانلىرى

رامىزان تۇتقاندا نېمە ئۈچۈن رامىزان تۇتىدىغانلىقىمىزنى بىلىپ تۇتۇشىمىز كېرەك، رامزاننىڭ مەقسەتلىرىنى بىلمەي روزا تۇتساق روھسىز بەدەنگە ئوخشاپ قالىدۇ. تۆۋەندە رامزاننىڭ مۇھىم مەقسەتلىرى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىمىز:

1.تەقۋالىق ۋە ئىمانى روھنى ئاشۇرۇش:قۇرئان كەرىم رامىزان تۇتۇشنىڭ مەقسىتىنى تەقۋالىقنى ئاشۇرۇش ۋە نەپسى شەھۋەتنى باشقۇرۇش دەپ يەكۈنلەپ بەرگەن. دېمەك، رامىزان تەقۋالىقنى ئۆگىتىدۇ، ھەقىقى تەقۋالىق بولسا گۇناھ ئىشلارنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. رامىزان تۇتۇش كۆڭۈل، قورساق ۋە جىنسى شەھۋەتلەرنى باش ئەگدۈرىدۇ، كۆڭۈل، قورساق ۋە جىنسى شەھۋەتنى ھالال نەرسىلەردىن باشقۇرالىغان ئىنسان، ئەلۋەتتە ھارام ئىشلاردىن باشقۇرالايدۇ. رامىزان شۇنداقلا ئاچكۆزلۈك، چوڭچىلىق قىلىش، تۈرلۈك سەت قىلىق ۋە ھەر خىل قەبىھ ئىش-ھەرىكەتلەردىن توسىدۇ.

2.رامىزان تۇتۇش قالقان: رەسۇلۇللاھ:«رامىزان تۇتۇش قالقاندۇر»دېگەن (بۇخارى رىۋايىتى) يەنى رامىزان بۇزغۇنچىلىق، گۇناھ ۋە ئاپەتلەردىن ساقلىنىش ۋاسىتىسىدۇر، چۈنكى رامزاننىڭ مەقسىتى بولغان تەقۋالىق گۇناھ ۋە ناچار ئىش-ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىش ۋە ئېھتىيات قىلىشتىن ئىبارەت. رامىزان گۇناھقا چۈشۈپ قېلىشتىن قالقاندۇر، ئاخىرەت ئازابىدىن قالقاندۇر ۋە تۈرلۈك شەيتاننىڭ قىلتاقلىرىدىن قالقاندۇر.

3.رامىزان سەۋر قىلىشنى ئۆگىتىدۇ: رامىزان تۇتۇش سەۋر قىلىشنى ئۆگىتىدۇ. رامىزان كۆڭۈل تارتىدىغان نەرسىلەرگە سەۋر قىلىشنى ئۆگىتىدۇ، مال-دۇنياغا قۇل بولۇشتىن ساقلايدۇ، شۇنداقلا ياخشى ئىش-ھەرىكەتلەرنى قىلىشتا سەۋر قىلىشنى ئۆگىتىدۇ.

4.رامىزان قۇرئان ئېيىدۇر: رامىزان قۇرئان چۈشكەن ئاي بولۇش ئېتىبارى بىلەن قۇرئاننى كۆپ ئوقۇيدىغان ۋە كۆپ تەپەككۇر قىلىدىغان ئايدۇر.

  1. رامىزان ياخشىلىقنى كۆپ قىلىدىغان ئايدۇر: رەسۇلۇللاھ رامىزان ئايلىرىدا باشقا ئايلارغا قارىغاندا كۆپ ياخشىلىق قىلاتتى. بۇ ئاي ئىمان قېرىنداشلىقى ۋە ئۈممەت بىرلىكىنى ئەمەلىي ئىپادىلەيدىغان بىر ئايدۇر. شۇڭا كۆپلىگەن مۇسۇلمانلار سەدىقە، زاكات ۋە تۈرلۈك خەيرى ئېھسانلىرىنى بۇ ئايدا كۆپرەك بېرىدۇ.

دېمەك، رامىزاندىكى ھەر بىر كۈن ئىلگىرىكى كۈنگە قارىغاندا مەقسىتىنى كۆپرەك ئىشقا ئاشۇرسا رامىزان تۇتۇش پايدا قىلغان بولىدۇ. بولمىسا ۋاقىت ئۆزىنى ئاۋارە قىلغان بولىدۇ.

(4)

رامىزان نىجاتلىق ئېيىدۇر

كىم رامىزاننى چىن قەلبىدىن پەرزلىكىگە ئىخلاس قىلىپ، ساۋاب تەلەپ قىلغان ھالدا تۇتسا، ئۇنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلىرى ئەپۇ قىلىنىپ كېتىدۇ، كىم كېچىلىرى چىن قەلبىدىن ئىخلاس قىلىپ ساۋاب ئېلىش نىيىتىدە قىيامدا تۇرسا ئىلگىرىكى گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ. دېمەك، رامىزان قەلبنىڭ پەرۋەردىگارىغا بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇش، دىنىغا بولغان ساداقىتى ۋە ئىخلاسىنى مۇستەھكەملەش ۋە تۈرلۈك گۇناھلاردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ياخشى بىر پۇرسەتتۇر. بىز رامىزاننىڭ بەرىكەتلىرىدىن ۋە روھانىي ھالىتىدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن قەلبىمىزدىن قانچىلىك ئورۇن ھازىرلىدۇق، قانچىلىك ۋاقىت ئاجراتتۇق! مەسىلە بۇ يەردە.

شۇنى بىلىش كېرەككى، رامىزاننىڭ بەرىكىتى كىرلىشىپ كەتكەن، ئىللەت، ھەسەت ۋە ئاداۋەت بىلەن توشۇپ كەتكەن قەلبلەرگە چۈشمەيدۇ. كىرلىشىپ كەتكەن قەلبلەر رامىزاننىڭ روھانىيىتىدىن پايدىلىنالمايدۇ.

شۇنداقلا رىزق مەنبەسى ھالال بولمىغان يېمەك-ئىچمەكلەر رامىزاننىڭ بەرىكىتى ۋە مەقسىتىنى بۇزۇپ تاشلايدۇ، دۇئانىڭ ئىجابەت بولۇشىغا توسالغۇ بولىدۇ. يېمەك-ئىچمەك ھالال بولمىسا ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ رامىزىنىنىڭ ساۋابىنىڭ يوق بولىشى ياكى قوبۇل بولماسلىقىغا سەۋەب بولىدۇ. رەسۇلۇللاھ:«بەزىلەر رامىزان تۇتقان بىلەن قورسىقىنىڭ ئاچ قېلىشى ۋە ئۇسسۇز قېلىشىدىن باشقا نەتىجىگە ئېرىشەلمەيدۇ»دېگەن (ئىبنى ماجە ۋە ئەھمەد رىۋايىتى). رەسۇلۇللاھ بۇ ھەدىستە ئىبادەتنىڭ شەكلى ۋە سۈرىتى بىلەن چەكلىنىپ قالماستىن، بەلكى ئىبادەتنىڭ ماھىيىتى، روھى ۋە مەقسىتىگە قاراشقا تەشەببۇس قىلغان.

رەسۇلۇللاھ يەنە:«ئاللاھ پاكتۇر، پاك نەرسىدىن باشقىسىنى قوبۇل قىلمايدۇ… ئۇنىڭ يېمەك-ئىچمىكى ھارام تۇرسا، قولنى سوزۇپ دۇئا قىلسىمۇ، دۇئاسى قانداقمۇ ئىجابەت بولسۇن!»دېگەن (مۇسلىم رىۋايىتى)، بۇ ھەدىس گۇناھ ئىشلارنىڭ ئىتائەتنىڭ ساۋابىنى يوقتىۋېتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي

2018-يىلى، 5- ئاينىڭ، 20- كۈنى