2024-يىل 3-ماي

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

ساتقۇن بولۇپ قالماسلىق ئۈچۈن ئەقىللىق بولۇش لازىم

ساتقۇن بولۇپ قالماسلىق ئۈچۈن ئەقىللىق بولۇش لازىم

مۇستەملىكىنى قوبۇل قىلىش پىسخىكىسى مۇستەملىكچىگە مەنىۋى جەھەتتىن چوڭقۇر بويسۇنغانلىقنىڭ نەتىجىسىدۇر. بۇ نەتىجە مۇستەملىكچى جاللاتلارنىڭ ئۆزلىرىنى مۇستەملىكە قىلىنغان كىشىلەردىن ھەر قايسى جەھەتتىن ئۈستۈن ئىكەنلىكى، مۇستەملىكە قىلىنغۇچىلارنىڭ ھەر قانداق ئىشلاردا ئۇلاردىن تۆۋەن تۇرىدىغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ مۇستەملىكچى بولمىسا تۇرمۇش ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىشقا قادىر بولالمايدىغانلىقىغا قانائەتلەندۈرگەنلىكنىڭ نەتىجىسىدۇر. بۇ تۈردىكى قانائەتكە كېلىپ قېلىش مۇستەملىكچىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىشپىيونلۇق قىلىشقا يول ئاچىدۇ.

دۈشمەنگە ئىشپىيونلۇق قىلغان كىشىنىڭ پسىخىكىسىدا دۈشمەن بىلەن ھەمكارلىشىشقا سەۋەب بولۇۋاتقان تۈرلۈك پىسخىكا ئامىللىرى تېپىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ تۈردىكى ئىنسان ئەقلىنى ئىشلەتمىگەندە ھېس قىلمىغان ھالدا ئۆزىنى دۈشمەن مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىشپىيونلۇققا خىزمەتكە سېلىپ بېرىدۇ.

بىر ئىنساندا مال-دۇنيا سۆيگۈسى ياكى ئابرويپەرەسلىك سەۋداسى ياكى مال-دۇنيا ۋە ئابروي بىلەن پەخىرلىنىش تۇيغۇسى ياكى ئەخلاقى جەھەتتىن بۇزۇلۇش تېپىلسا، ئۇ ئىنساندا ئىشپىيونلۇق خاراكتېرى ياكى قىزىقىشى يۇقىرى بولىدۇ.

ئىشپىيونلۇق خاراكتېرى يۇقىرى تېپىلىدىغان ئىنساندا ئەخلاق قىممەت قارىشى تېپىلمايدۇ. ئۇ خاراكتېردىكى ئىنساندا ۋەتەن-مىللەت سۆيگۈسى ياكى مىللەت كىملىكى تۇغۇلمىغان ئىنساندۇر، ئۇنىڭ پىسخىكىسىدا كىملىك، مەدەنىيەت ۋە ئەخلاق قىممەت قارىشى شەكىللەنمىگەن ئىنساندۇر.

ئىشپىيونلۇقنى قوبۇل قىلىدىغان كىشىنىڭ شەخسىيىتى كېچىكىدىن تارتىپ ساغلام يېتىلمىگەن شەخستىن ئىبارەت، چۈنكى ئۇ كىشى كېچىكىدىن تارتىپ ۋەتەن ۋە مىللەت سۆيگۈسى ھەققىدە ھېچ توغرا تەربىيە ئالمىغان ئىنساندۇر. چۈنكى ئاتېئىزىم ياكى مۇستەملىكە تەجرىبىخانىسى مىللەتلەرنىڭ ئۆزلۈك كىملىك قىممەت قاراشلىرىنى ئۆلتۈرۈپ تاشلاشقا ئۇرۇنىدۇ.

مۇستەملىكىچىنىڭ پەرمانلىرىنى ئويلانماستىن ياكى ئەقىلنى ھېچ ئىشلەتمەستىن قوبۇل قىلىدىغان مەكتەپ مۇدىرلىرى، كادىرلار، ئوقۇتقۇچىلار، خىزمەتچىلەر ۋە باشقىلار ئۆزلىرى ھېس قىلمىغان ھالەتتە ئىشپىيونلۇق رولىنى قوبۇل قىلىدىغان شەخسلەرنى يېتىشتۈرۈپ چىقىدۇ. چۈنكى دۈشمەنلەر مەھكۇم مىللەتلەرنىڭ قابىلىيەتلىك، ئەقىللىق ۋە مىللىي كىملىكىگە ئىگە ھالدا ساغلام ئىدىيە بىلەن يېتىشىپ چىقىشىنى خالىمايدۇ ۋە ئۇنىڭغا پۇرسەت يارىتىپ بەرمەيدۇ، بەلكى پۇرسەت تېپىلىپ قالسا پۈتۈن كۈچى بىلەن چەكلەشكە ياكى بۇ پۇرسەتنى ئۆزلىرىگە خىزمەت قىلىدىغان ئىدىيەگە يۈزلەندۈرىدۇ.

مۇستەملىكە قىلغۇچىلار دائىم مەھكۇم ئىنسانلارنىڭ تۈرلۈك ئېھتىياجلىرىنى تەتقىق قىلىپ تۇرىدۇ، مەھكۇم ئىنسانلارنىڭ پىسخىكىسىغا قارىتا مال-دۇنيا، مەنسەپ، ئابروي، شۆھرەتپەرەسلىك، جىنسى بۇزۇقلۇق ئاجىزلىقىلىرى، شۇنداقلا خۇراپات، نادانلىق، دۆتلۈك ۋە ساختىلاشتۇرۇلغان ئىدىيە ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىش ئارقىلىق ئۇلارنى ئىشپىيونلۇققا قىستايدۇ ياكى قوبۇل قىلدۇرىدۇ. مۇستەملىكچى دۈشمەننىڭ پەرمانلىرىنى ئىككىلەنمەستىن ياكى ئاقىۋىتى ھەققىدە ھېچ ئويلانماستىن ياكى مىللەتنىڭ كىملىكىگە قىلچە رېئايە قىلماستىن ئىجرا قىلىدىغان ئىنسان ئىشپىيون ئىنساندۇر.

مەھكۇملۇققا دۇچار بولغان ھەر قانداق بىر ئىنسان جانلىق ئىمان، گۈزەل ئەخلاق، ساغلام ئىدىيە، ۋەتەنپەرۋەرلىك سۆيگۈسى، مەدەنىيىتى ۋە مىللىي كىملىك قورغانلىرى ئارقىلىق ھىمايىلىنىشى كېرەك. دۈشمەن بۇيرۇغان ھەر بىر ئىشنى قىلماقچى بولغان كادىرلار ياكى مۇدىرلار بۇ ئىشنىڭ مىللەتكە قانداق تەسىرى بولىدۇ؟ بۇ ئىش ئىشپىيونلۇققا كىرەمدۇ ياكى كىرمەمدۇ؟ دېگەننى ئويلاپ بېقىشى كېرەك.

مۇتەپەككۇر ئالىم مۇھەممەد غەزالى:«دۈشمەنگە خىزمەت قىلىش ئۈچۈن رەسمىي ئىشپىيون بولۇشۇڭ شەرت ئەمەس، دۆت بولساڭ ئىشپىيون بولۇشقا يېتەرلىكتۇر» دېگەنىكەن.

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي

2018-08- 13 كۈنى

ئىستانبۇل