2023-يىل 29-يانۋار

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

ئىسلام ئەقىدىسى ۋە ھايات

تەرجىماندىن

بسم الله الرحمن الرحيم

ئالەملەرنىڭ ياراتقۇچىسى جانابى ئاللاھقا ھەمدۇ سانا، ئىنسانىيەتكە رەھمەت بولۇپ كەلگەن پەيغەمبەرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا دۇئا ۋە سالاملار بولسۇن.

ئىسلام ئەقىدىسى − دىنىمىز ئىسلامنىڭ ئاساسى، ساغلام ئىدىيەنىڭ مەنبەسى، توغرا يولنىڭ خەرىتىسى، گۈزەل ئەخلاقنىڭ نېگىزى، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە نىجات تېپىشنىڭ بىردىنبىر يولىدۇر.

ئىسلام ئەقىدىسى − قۇرئان ۋە سۈننەتتىن ئىبارەت ئىلاھىي ۋەھىينى مەنبە قىلغان؛ ساغلام ئاساسقا ئىگە بولغان؛ زاماننىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ئۆزگىرىپ قالمايدىغان؛ ياراتقۇچى، ئىنسان، تەبىئەت، پەيغەمبەرلىك ۋە ئاخىرەت مەسىلىلىرىگە ئېنىق جاۋاب بېرەلەيدىغان؛ ئىنسان ھاياتىنىڭ پىكرىي، ئەخلاقىي، ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ساھەلىرىنىڭ ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان، بىردىنبىر ئەتراپلىق ئەقىدىدۇر. پۈتۈن ئەقىدە ۋە ئېتىقادلار ئىچىدە ئوتتوراھال يول تۇتقان؛ ئىنساننىڭ تەبىئىتىگە، ئەقلىگە ۋە رېئاللىققا ئۇيغۇن؛ روشەن، ئېنىق ھەم چۈشىنىشلىك؛ ئەقىل بىلەن نەقىلنى، ئىمان بىلەن ئىش – ھەرىكەتنى بىرلەشتۈرگەن؛ تەپەككۇر، ئىجادىيەت ۋە مەدەنىيەتكە تەشەببۇس قىلىدىغان؛ باشقا دىندىكىلەرگىمۇ ئېتىقادىي ئەركىنلىك بېرىدىغان ۋە تۇنجى بولۇپ ئوخشىمىغان ئېتىقادتىكىلەرگە كەڭ قورساق بولۇش يولىنى ئاچقان؛ ئىنساننىڭ ئاسايىشلىق ئىچىدە ياشىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى ئاساسىي نىشان ۋە ئالىي غايە قىلغان ئەقىدىدۇر.

قۇرئان ۋە سۈننەتنى مەنبە قىلغان ئىسلام ئەقىدىسى ئىنساننى ئاللاھتىن باشقىسىغا چوقۇنۇشتىن ئازاد قىلىش، ئەقىلدىن خۇراپاتلارنى تازىلاش، قەلب ۋە نەپسنى پاكلاش، ئويغاق ۋىجدان ئىگىلىرىنى تەربىيەلەش، ئىستىل ۋە ئەخلاقنى ئەقىدە بىلەن جىپىسلاشتۇرۇش، ئىنساننىڭ ھەق ۋە ھۆرمىتىنى قوغداش، ئىنساننىڭ ئىنسان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ۋە جەمئىيەت بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى رەتكە سېلىش، ئەقىل ئشلىتىش ۋە ئىلىم-مەرىپەتلىك بولۇشقا تەشەببۇس قىلىش، كۆڭۈللەرگە ھۇزۇر ۋە ئۈمىد بېغىشلاش قاتارلىق بىر قاتار ئىشلارنى نىشان قىلغان ئەمەلىيەتچان ئەقىدىدۇر.

شۇڭا، ئىسلام دىنى مۇسۇلماننىڭ خاراكتېرىنى يېتىلدۈرۈشتە دەسلەپ ئەقىدىدىن باشلىغان. چۈنكى، ئۇ مۇسۇلماننىڭ ھېسسىياتىنى ئۇرغۇتۇپ، ئىرادىسىنى توغرا يۆنىلىشكە بۇرايدىغان ۋە ئەمەلگە يۈزلەندۈرىدىغان ئاساسلىق ئامىل ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، ئىمان ساغلام بولغاندىلا، ئاڭ ۋە چۈشەنچ ساغلام بولىدۇ؛ ھەقىقەت ئۈستىدە ماڭغىلى بولىدۇ؛ ئىستىل ۋە يۈرۈش – تۇرۇشىنى ئەقىدىنىڭ تەلىپىگە ماسلاشتۇرغىلى بولىدۇ؛ ئەقىدىسى ئارقىلىق زىيانلىق ۋە يامان ئىشلارغا قارشى تۇرۇپ، پايدىلىق ۋە مەنپەئەتلىك ئىشلارغا يۈزلەنگىلى بولىدۇ.

ئىسلامنىڭ بىرىنچى مەنبەسى بولغان قۇرئان كەرىم ئەقىدە ئاساسلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، ئىنساننىڭ دۇنيا قارىشى، بۇ دۇنيادىكى تۇرمۇشى ۋە تىرىكچىلىك ئۈچۈن خىلمۇخىل ئىش – پائالىيەتلەردە بولۇشى قاتارلىق دۇنيالىق ئىشلارنى ئىمان ئېيتىش، ئاللاھنى سۆيۈش ۋە ئاللاھتىن قورقۇشتىن ئىبارەت ئەقىدىگە باغلاپ، ھەممىنى ئەقىدىنىڭ مېۋىسى ۋە تەسىرىگە مەركەزلەشتۈرگەن؛ شۇنىڭدەك، ئاللاھنى سۆيۈشكە ۋە ئاللاھتىن قورقۇشقا تۈرتكە بولىدىغان، ئەقلىي ۋە قەلبىي جەھەتتىن قانائەتلىنەرلىك ئىمان ئېڭى يېتىلدۈرۈشكە كۆڭۈل بۆلگەن.

بۇنىڭغا ئاساسەن، ئىسلام ئەقىدىسىنى تونۇشتۇرغاندا قۇرئان ۋە سۈننەت مەركەزلەشكەن ئاساسلىق نۇقتىلارغا مەركەزلىشىش، ئەقىدىنى روشەن ۋە ئاددىي شەكىلدە چۈشەندۈرۈش، ئەقىدىنىڭ روھىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بىرىش، بۇ ھەقتە يېڭى ئىلىم – پەن نەتىجىلىرىدىنمۇ پايدىلىنىش ناھايىتى مۇھىم. شۇنداقلا، ئەقىدىنى چۈشەندۈرگەندە ئەقىدىنىڭ شەخسىي ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى تەسىرى ۋە رولىنى خۇنۈكلەشتۈرۈپ قويىدىغان زۆرۈرىيەتسىز دەتالاشلاردىن، مۇسۇلمانلارنىڭ بۆلۈنۈشىگە سەۋەب بولۇپ قېلىۋاتقان تارماق مەسىلىلەردىكى دەتالاشلاردىن، دەۋرگە مۇناسىپ كەلمەيدىغان كونا زاماننىڭ مۇرەككەپ ئىزاھاتلىرىدىن ساقلىنىش لازىم. ئىسلام ئەقىدىسىنى بايان قىلغاندا، قۇرئان كەرىم ۋە سۈننەتنىڭ دەلىللىرىنى چىقىش قىلىپ، ئەھلى سۈننە ۋەلجەمائەنىڭ ئەقىدىۋى پىرىنسىپلىرىدىن چەتنەپ كەتمەسلىك لازىم.

شۇ ۋەجىدىن، ئەقىدە كىتابلىرىدا زۆرۈر بىر قىسىم ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىش جىددىي ئېھتىياجغا ئايلانماقتا. چۈنكى، زامان ئۆزگەردى؛ يېڭى دەۋردە ئاتېئىزم، ئەلمانىزم (Secularism) ۋە خىرىستىيانلاشتۇرۇش دېگەندەك يېڭى ئازغۇن ئېقىملار ئەۋج ئالدى؛ دەۋرىمىزدىكى يېڭىدىن پەيدا بولغان ئازغۇن ئېقىملار، خاتا چۈشەنچىلەر ۋە ئىسلامغا چاپلىنىۋاتقان قارا بەتناملار ھەققىدە بەكرەك توخىتلىش تەخىرسىز زۆرۈرىيەتكە ئايلاندى؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇرۇنقى دەۋرنىڭ زېھىننى چارچىتىدىغان، ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىدىغان بەزى ئايىغى چىقماس دەتالاشلىرى بۈگۈنكى كۈندە كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتمايدىغان، ھازىرقى زامانغا ماس كەلمەيدىغان بولۇپ قالدى. بۇ سەۋەبتىن، بۇرۇن پەيدا بولۇپ، تارىخ بەتلىرىگە كۆمۈلۈپ كەتكەن ئازغۇن ئېقىملارنىڭ قاراشلىرىنى قايتىدىن كۆتۈرۈپ چىقىش ئەقىلگە ۋە ئەقىدىنىڭ تەقەززاسىغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ.

بۇ يەردە ئەسكەرتىشكە تېگىشلىك مۇھىم نۇقتىلاردىن بىرى شۇكى، ئەقىدە ساھەسىدە توغرا يول تۇتۇپ كەلگەن ئەھلى سۈننە ۋەلجەمائە مۇسۇلمانلىرى ئۈچ ئېقىم ياكى ئۈچ مەزھەپتۇر: بىرىنچىسى، ھەدىسشۇناسلار بولۇپ، بۇلارنىڭ پېشۋاسى ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل؛ ئىككىنچىسى، ئەشئەرىيلەر بولۇپ، بۇلارنىڭ پېشۋاسى ئىمام ئەبۇلھەسەن ئەشئەرىي؛ ئۈچىنچىسى، ماتۇرىيدىيلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ پېشۋاسى ئىمام ئەبۇ مەنسۇر ماتۇرىيدىيدۇر. (سەفارىينىي: «لەۋامىئ ئەنۋارىل بەھىييە»،1/ 173–بەت).

ئەھلى سۈننە ۋەلجەمائە ئالىملىرى ۋە مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھەممىسى شاھادەت كەلىمىسىنىڭ مەنىسى ۋە ئەقىدە ئاساسلىرىدا ئىتتىپاقتۇر. بارلىق ئەھلى سۈننە ئۆلىمالىرى پەرز ئەمەللەرنى ئادا قىلىشنىڭ پەرزلىكى ۋە نەپلە ئەمەللەرنى قىلىشنىڭ مۇستەھەپلىكىدە ئىتتىپاقتۇر. شۇڭا، بۇلار ئارىسىدا ئىمان ياكى ئەقىدە ئاساسلىرىدا تالاش – تارتىش يوق. پەقەت بەزى دەلىللەرنىڭ ئۇقۇمى كەسكىن بولمىغانلىقتىن، «سۈپەت ئايەتلىرى»گە ئوخشاش ئەقىدىنىڭ بىر قىسىم تارماق مەسىلىلىرىدە بەزى ئوخشىمىغان قاراشلار مەۋجۇت. ئىلىم – مەرىپەتلىك بىر مۇسۇلمان ئەھلى سۈننە ۋەلجەمائەگە تەۋە مەزكۇر ئۈچ مەزھەپنىڭ قايسىسى بويىچە ماڭسا ياكى بىرىنى يەنە بىرىدىن كۈچلەندۈرسە ياكى ئۈچ ئېقىمنىڭ پاسسىپ تەرەپلىرىنى تاشلاپ، ئىلغار تەرەپلىرىنى ئېلىپ، ئىمكانقەدەر ئۈچ ئېقىمنى بىرلەشتۈرۈپ ئورتاق چۈشەنچە ھاسىل قىلالىسا، بىرلىكنى ساقلاپ قېلىشقا كۆپ پايدىسى بولىدۇ.

ئەلۋەتتە بۇ ئۈچ ئېقىمنىڭ ھەربىرىدە قىسمەن پاسسىپلىق ۋە مۇتەئەسسىپلىكلەرمۇ يوق ئەمەس. ھەر ئېقىم ئۆزىدىكى بۇ ئەھۋالدىن قولىدىن كېلىشىچە ساقلىنىپ، پايدىسىز دەتالاشلاردىن ھالقىيالىسا، مىللەت بىرلىشەلەيدۇ، زۆرۈرىيەتسىز دەتالاشلار بىلەن ئۈممەتنى بۆلۈۋېتىشكە سەۋەب بولمايدۇ، ئەمەلىي قىممىتى بولمىغان مەسىلىلەردە ۋاقىتنى زايە قىلىپ يۈرمەيدۇ.

شۇ ۋەجىدىن، ئاڭلىق مۇسۇلمان كىشى ئەھلى سۈننە ۋەلجەمائەگە تەۋە بولغان يۇقىرىقى مەزھەپلەر ئىچىدىن ئۆزى بەكرەك قانائەت ھاسىل قىلغىنىنى تاللىسا بولىدۇ، لېكىن باشقا ئەھلى سۈننە ۋەلجەمائە ئېقىملىرىنى ئورۇنسىز ئەيىبلىسە ياكى كەمسىتسە ياكى خالىغان بىرىنى ئەھلى سۈننە قاتارىدىن چىقىرىۋەتسە توغرا بولمايدۇ. شۇنىڭدەك، پەقەت ئۆزىنىلا ئەھلى سۈننە ۋەلجەمائە ئەقىدىسىدە دەپ قاراپ، باشقىلارنى ئەھلى سۈننە ۋەلجەمائە دائىرىسىدىن چىقىرىۋەتسە تېخىمۇ بولمايدۇ.

بۈگۈنكى كۈندە بىز ئەقىدىنىڭ ئىختىلاپلىق، تارماق مەسىلىلىرىدە تالىشىپ ئولتۇرغىنىمىزدا، ئىماننىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە ئەقىدە ئاساسلىرى دىن دۈشمەنلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراۋاتىدۇ، ئىسلامنىڭ يوليورۇقلىرى ھاقارەتلىنىۋاتىدۇ، كىشىلەر مۇرتەدلىككە مەجبۇرلىنىۋاتىدۇ. شۇڭلاشقا، بىزنىڭ نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىپىمىز ئىماننى ساقلاپ قېلىش، ئىماننىڭ ئاساسلىرىنى تىرىلدۈرۈش، ئىماننىڭ تەسىرىنى خۇسۇسىي ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا تېخىمۇ جانلاندۇرۇشتۇر. ھازىرقى جىددىي ۋەزىپە قۇرئان كەرىمنىڭ ئىنسانىيەتكە تەقدىم قىلماقچى بولغان ۋىجدان ھىدايىتى، ئەقىل ھىدايىتى، ئىستىل ھىدايىتى ۋە دۇنيا خاراكتېرلىك ئىنسانىي ھىدايەتلىرىنى مەركىزى نۇقتا قىلىپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەت دۇچ كېلىۋاتقان دىنسىزلىق ۋە ئاتىئېزمغا قارشى تۇرۇشتۇر. بۈگۈنكى مۇھىم مەسىلە ئەھلى سۈننە ۋەلجەمائەگە تەۋە بىرەر ئېقىمنىڭ يەنە بىرى ئۈستىدىن غالىپ كېلىش مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى ئىماننىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ۋە ئاساسلىرىنى ساقلاپ قېلىش مەسىلىسىدۇر.

ھۆرمەتلىك كىتابخان! قولىڭىزدىكى بۇ كىتاب ئىسلام ئەقىدىسىنى قۇرئان ۋە سۈننەتنىڭ دەلىللىرى ئاساسىدا روشەن يورۇتۇپ بېرىشنى نىشان قىلغان بىر ئەسەردۇر. شۇنداقلا بۇ كىتاب ئىدىيە، ئىستىل، ئەخلاق ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشنى ئىسلام ئەقىدىسىگە چەمبەرچاس باغلاپ، ھەرقانداق ئىش – ھەرىكەت بىلەن ئەقىدىنى مەھكەم جىپىسلاشتۇرۇش تەشەببۇسىدىكى كىتابتۇر.

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي

ئىستانبۇل

20022 – يىلى