2024-يىل 26-ماي

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

پەتىۋا بېرىش ماھارىتى

پەتىۋا بېرىشنىڭ پەزىلىتى ئۇلۇغ، شەرىپى يۇقىرى بىر ئىش. پەتىۋا بېرىش ئاللاھنىڭ ھۆكۈملىرىنى بايان قىلىپ بېرىش ۋە كىشىلەرنىڭ ئىشلىرىغا تەتبىقلاشتىن ئىبارەت.

1. مۇپتىنىڭ شەرئى مەنىلەرنى بىلىشى،

2. رېئال ھاياتنى چۈشىنىش،

3. شەرئى مەنبە بىلەن رېئال ھاياتنى باغلاش.

1. ئوتتۇرىغا تاشلانغان مەسىلىنى تەسەۋۋۇر قىلىش باسقۇچى:

يەنى مەسىلىنى ياكى سوئالنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن تەسەۋۋۇر قىلىش پەتىۋانىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن چىقىشىنىڭ ئاساسلىق شەرتى. شۇنىڭ ئۈچۈن سوئال ياكى مەسىلە سورىغان كىشى سوئالنى ئېنىق چۈشىنىشلىك قىلىپ سورىشى كېرەك. ئەمما مۇپتى پەتىۋالارنىڭ ئۆزگىرىشىگە سەۋەب بولىدىغان ئامىللار ئاساسىدا سوئالنى تەتقىق قىلىپ جاۋاب بېرىدۇ.

2. تۈرگە ئايرىش باسقۇچى:

تۈرگە ئايرىش دېگىنىمىز سورالغان سوئالنى تۈرگە ئايرىشتىن ئىبارەت. يەنى ئەقىدىگە تەۋە سوئالمۇ ياكى ئىبادەتكىمۇ دېگەندەك قايسى تېمىدىكى مەسىلىگە ئالاقىدار ئىكەنلىكىنى بىلىش لازىم.  

3. شەرئى ھۆكۈمنى بايان قىلىش باسقۇچى:

شەرئى ھۆكۈم ئاللاھ تائالانىڭ مەسئۇلىيەت دەرىجىسىگە يەتكەن ھەر بىر ئىنساننىڭ ئىشىغا چېتىشلىق بولغان خىتابىدۇر. شەرئى ھۆكۈم قۇرئان كەرىم، ھەدىس شەرىپ، ئىجمادىن ئېلىنىدۇ. شۇنداقلا قىياس ۋە ئىجتىھاد ئارقىلىقمۇ يەكۈنلىنىدۇ.

مۇپتى ئەلۋەتتە قۇرئان كىرىم، ھەدىس شەرىپ، ئىجما، قىياسنىڭ تۈرى، ئىجتىھاد ئاساسلىرى، يەكۈنلەش مېتودىنى ياخشى بىلىشى ۋە رېئاللىقنى توغرا ھېس قىلالىشى لازىم.

پەتىۋا بېرىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن ۋاسىتە بىلىملەرنى ۋە شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرىنى ياخشى ئۆزلەشتۈرۈش ئارقىلىق ھاسىل بولىدۇ.

4. پەتىۋا چىقىرىش باسقۇچى:

يەنى يەكۈنلىگەن شەرئى ھۆكۈمنى ھېس قىلغان رېئال ھاياتقا تەتبىقلاش باسقۇچى. دەل مانا مۇشۇ پەيتتە پەتىۋا بەرگۈچى پەتىۋاسى ئارقىلىق شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرىنى بۇلغىمايدىغانلىقى ياكى ئىناۋەتسىز قىلىۋەتمەيدىغانلىقى، شۇنداقلا كەسكىن پاكىت ياكى كەسكىن ئىجما ياكى مۇقەررەر مۇقىملىشىپ بولغان فىقھى قائىدىگە خىلاپلىق قىلماسلىقى كېرەك. ئەگەر چىقارغان پەتىۋاسى شەرىئەتنىڭ روھى ۋە مەقسەتلىرىگە خىلاپ ياكى زىت بولۇپ قالسا پەتىۋاسىنى قايتۇرۇۋېلىشى ۋە قايتا تەكشۈرۈپ چىقىشى لازىم.

1. قۇرئان كىرىم ۋە ھەدىس رەسۇلۇللاھقا ئالاقىدار بىلىملەرنى بىلىش،

2. ئىجما (بىرلىككە كەلگەن مەسىلە) ۋە ئىختىلاپ ئورۇنلىرىنى، ئەھلى سۈننىي مەزھەپلىرى ۋە پىقھى كۆز قاراشلارنى بىلىش.

3. ئۇسۇل فىقھى قائىدىلىرى، شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرى ۋە ئەرەب تىلىغا ئالاقىدار ۋاسىتە بىلىملەرنى بىلىش.

«ئۇسۇلى فىقىھ بىلىمى» مەنپەئەتى كۆپ، قەدرى قىممىتى يۇقىرى شەرىپى ئۈستۈن بىر پەن. چۈنكى ئۇ شەرئى ئەھكاملارنىڭ مۇنارى ۋە ئىجتىھاتى پەتىۋانىڭ ئاساسى ۋە دىننى ساغلام چۈشىنىشنىڭ يولى.

‏ئۇسۇلى فىقىھ ئىجتىھاد قىلىش ۋە ئەھكام ئېلىشنىڭ ماھىيىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان پەن. يەنى ھايات مەسىلىلىرى ۋە دەۋرنىڭ يېڭى قىيىنچىلىقلىرىنى ئىسلامغا ئۇيغۇن ھەل قىلىش يولىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان پەن.

‏ئۇسۇلى فىقىھ شەرئى ئەھكام ۋە ھەل قىلىش چارىلىرىغا يېتەكلەپ ماڭىدىغان ئاساسلىق قائىدە ۋە پىرىنسىپال ھەل قىلىش چارىسىدىن ئىبارەت.

‏ئۇسۇلى فىقىھ دېمەك ئىسلامنى چۈشىنىش ئاساسلىرى دېمەكتۇر. ئۇسۇل فىقھىنى بىلگەن كىشى شەرئى ئەھكاملارنى يەكۈنلىيەلەيدۇ ۋە ئىسلامغا ئۇيغۇن ھەل قىلىش چارىلىرىنى چىقىرالايدۇ. نەتىجىدە مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش، كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قامداش، كىشىلەرنىڭ مەنپەئەتىنى رېئاللىققا ئاشۇرۇش، شەرىئەتنىڭ ئاكتىپچانلىقى، ئەۋرىشىملىكى ۋە ھەر دەۋردە كۆرسەتمە بېرىش، يوليورۇق بېرىش سالاھىيىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى يورۇتۇپ بېرىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتۈرىدۇ.

‏ئۇسۇلى فىقىھ شەرىئەتنىڭ مەڭگۈلۈك ئىكەنلىكى، ئەمەلىيەتچانلىقى، ھەر دەۋردە سالاھىيىتىنىڭ بارلىقى، ئىنساننىڭ تەبىئىتىگە ماس كېلىدىغانلىقى، تەرەققىياتقا ماسلىشالايدىغانلىقى ۋە ھەر قانداق رىقابەتكە پۇت دەسسەپ تۇرالايدىغانلىقىغا ئوخشاش خۇسۇسىيەتلىرىنى تەكىتلەشكە ئالاقىدار پەن.

‏دېمەك ئۇسۇلى فىقىھ بىلىمىنىڭ مەنىلىرىنى بىلىش چۈشەنچىنىڭ چوڭقۇرلۇقى ، تەتبىقلاشنىڭ گۈزەللىكى، ھۆكۈم ئېلىشنىڭ مۆتىدىللىقى ۋە ئىجتىھاد قىلىشنىڭ ئۆلچەملىك ئىكەنلىكىگە پاكىت.

‏شەرئى بىلىم ئۆگىنىشكە قەدەم قويغان ئوقۇغۇچىنىڭ دىننى چۈشىنىشنىڭ ئاساسى بولغان «ئۇسۇلى فىقىھ» بىلىمنى ئۆگىنىشى ۋاجىپ.

4. كىشىلەرنىڭ ئەھۋالى، ئۆرپ- ئادىتى، دەۋردە يۈز بەرگەن يېڭى مەسىلىلەرنى بىلىش ۋە پەتىۋانىڭ بىر قانچە تۈرلۈك ئامىللار سەۋەبىدىن ئۆزگىرىدىغانلىقىنى بىلىش.

5. ئايەت ۋە ھەدىسلەردىن ھۆكۈم يەكۈنلەش ئىقتىدارىنىڭ تېپىلىشى.

6. ئۆزىنىڭ كەسپىي بولمىغان مەسىلىلەردە (يەنى مېدىتسىنا ۋە ئاسترونومىيە…گە ئالاقىدار بىلىملەردە) مۇتەخەسسىس ئىگىلىرىگە مۇراجىئەت قىلىش.

7. ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەش، ئېغىر بېسىق بولۇش، ئەتراپىدىكى ۋەزىيەتنى ياخشى تونۇش، تەقۋا ۋە ئىپپەتلىك بولۇش ۋە چىقارغان پەتىۋاسىغا ئۆزى ئەمەل قىلىش. شەك ۋە گۇمانلىق ئورۇنلاردىن يىراق تۇرۇش، ئالىملار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ تۇرۇش ۋە ھارماي- تالماي كىتاب كۆرۈپ تۇرۇشتىن ئىبارەت.

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي

2015- قاھىرە