مۇسۇلمانلاردا بىر ئەسىردىن بۇيان مەركىزى دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ شەكىللەنمەسلىكىنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبى
ئۆتكەن بىر ئەسىر مابەينىدە، مۇسۇلمانلاردىكى ئۈممەت ئۇقۇمى (سىياسىي ۋە مەدەنىيەت بىرلىك ئېڭى) ئاجىزلاشقانلىقى سەۋەبلىك، ئىسلام دۇنياسىدىكى ھازىرقى زامان مىللىي دۆلەتلىرى پەقەت ئۆز مەنپەئەتىنىلا كۆزلەيدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قالدى. ئەسلىدە، ئىسلام پىرىنسىپلىرى ۋە ئىسلامىي قېرىنداشلىق روھى بويىچە ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۈممەت ئېڭى بىلەن مىللىي مەنپەئەت ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق زىددىيەت بولماسلىقى كېرەك ئىدى. لېكىن، سايكىس-پىكوت (Sykes-Picot) كېلىشىمى مۇسۇلمانلارنىڭ سىياسىي بىرلىكىنى پارچىلاش ئۈچۈن، مۇستەملىكە ئاستىغا چۈشۈپ قالغان دىيارلاردا ئۈممەت ئۇقۇمىغا قارشى «تار مىللەتچىلىك» ۋە «مىللىي دۆلەت» (رايون خاراكتېرلىك دۆلەت) ئۇقۇمىنى سىڭدۈرۈشتە مۇۋەپپەقىيەت قازاندى.
بۇ سەۋەبتىن، ئىسلام دۇنياسى يۈز يىلدىن بېرى سىرتقى كۆرۈنۈشى مۇستەقىل، ئەمما ماھىيىتى ئىشغالىيەت بولغان كۈلرەڭ بىر رايوندا ياشاپ كەلمەكتە.
مۇسۇلمانلارنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈش جەريانى بىر ئەسىردىن ئېشىپ كەتتى. تارىخقا نەزەر سالساق، موڭغۇللار ئىسلام دۇنياسىنىڭ سىياسىي مەركىزى بولغان باغدادنى ۋە باشقا مەركەزلىرىنى ۋەيران قىلغاندا، قاھىرەدە تېزلا يېڭى بىر ئىسلام پايتەختى قەد كۆتۈرگەن ئىدى. ئەھل سەلب ئۇرۇشلىرىدىمۇ شۇنداق بولغان ئىدى.
ئۇ زامانلاردا مۇسۇلمانلارنىڭ بىر مەركىزىي دۆلىتى ۋەيران بولسا، باشقا بىر يەردە يېڭى بىر مەركىزىي دۆلەت تېزلا قۇرۇلاتتى. چۈنكى ئۇ چاغدىكى دۈشمەنلەر پەقەت ھەربىي ۋە سىياسىي جەھەتتىن ھۇجۇم قىلىپ غەلىبە قىلغان بولسىمۇ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىدىيەۋى بىرلىكىگە دەز كەتكۈزەلمىگەن ئىدى.
شۇڭا، ئۇ چاغدىكى مۇسۇلمانلار ئىدىيە جەھەتتىن تېز ئەسلىگە كېلىپ، ئەنئەنىۋى ئىسلامىي ئىدىيە كۈچى بىلەن قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ، ئۇممەت ئۇقۇمىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان مەركىزىي خاراكتېردىكى قۇدرەتلىك دۆلەتلەرنى يېڭىدىن قۇرۇپ چىقالىغان ئىدى.
بۈگۈنكى كۈندە، نۇرغۇنلىغان ئىسلام جەمئىيەتلىرىدىكى مىللىي دۆلەتلەر ھەربىي مۇستەملىكىچىلىك كىشەنلىرىدىن قۇتۇلغان بولسىمۇ، لېكىن ھوقۇق قاتلىمىدا ساغلام ئىسلامى ئىدىيە ۋە بىر پۈتۈن كىملىك شەكىللەنمىگەنلىكى، بەلكى ئىدىيەۋى ۋە سىياسىي بېقىندىلىق (ئاسارەت) ئىچىدە تۇرۇۋاتقانلىقى ئۈچۈن، ئىسلام دۇنياسىنىڭ قايسىبىر ئەللىرىدە بولمىسۇن يېڭى بىر «مەركىزىي دۆلەت» قۇرۇش پىلانى ھازىرغىچە ئەمەلگە ئاشمايۋاتىدۇ.
بۈگۈنكى كۈندە، ئىسلام دۇنياسىدىكى نۇرغۇنلىغان مىللىي دۆلەتلەر ھەربىي مۇستەملىكىچىلىك كىشەنلىرىدىن قۇتۇلغان بولسىمۇ، لېكىن ھاكىمىيەت قاتلىمىدا سىياسىي ۋە ئىدىيەۋى جەھەتتىكى بېقىندىلىق (ئاسارەت) داۋاملىشىۋاتقانلىقى ھەمدە ساغلام ئىسلامىي پىكىر سىستېمىسى ۋە بىر پۈتۈن كىملىك ئېڭى يەنىلا شەكىللەنمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئىسلام جۇغراپىيەسىنىڭ قايسىبىر رايونىدا بولمىسۇن، كۈچلۈك بىر «مەركىزىي دۆلەت» قۇرۇش پىلانى ھازىرغىچە ئەمەلىيەتكە ئايلىنالماي كەلمەكتە.
ئەپسۇسكى، مىللىي دۆلەت تەشۋىقاتچىلىرى، بۈگۈنكىدەك يەر شارىلىشىش دەۋرىدە، مىللىي دۆلەت قانچىلىك چوڭ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۆزىدىن تېخىمۇ چوڭ بولغان بىر كۈچنىڭ ھىمايىسى ئاستىدىكى قورۇق بولۇشتىن نېرى ئۆتەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلمايۋاتىدۇ.
شۇنىڭغا ئىشەنچ قىلىش كېرەككى، ئىسلامنىڭ ھەق دىن ئىكەنلىكى، ئىسلام پىرىنسىپلىرىنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن ھىمايە قىلىنىدىغانلىقى، ھەق بىلەن باتىل ئارىسىدىكى كۈرەشنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىدىغانلىقى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىشارەتلىرىگە ئاساسەن ئىسلام دۇنياسىدا يېقىن كەلگۈسىدە ئۈممەتنىڭ سىياسىي ۋە مەدەنىيەت بىرلىك ئېڭى بويىچە يېڭى بىر مەركىزىي قۇدرەتنىڭ قايتىدىن قەد كۆتۈرىدىغانلىقىدا ھېچقانداق شەك يوق.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.