ۋەھىيلەردىكى لەۋزىنىڭ مەنە بىلەن بولغان ئالاقىسى
قۇرئان ۋە سۈننەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋەھىي بىزگە يېتىپ كەلگەن نەس ۋە لەۋزدىن ئىبارەتتۇر. ئەمەلىي سۈننەتنى بىز پەقەت ئەمەل دەپلا قارىمايمىز، بەلكى ئۇمۇ بىزگە نەقىل قىلىنغان لەۋزلەردىن ئىبارەتتۇر. مۇجتەھىدنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى مۇشۇ لەۋزلەردىن ئەھكام ئىستىنبات قىلىش بولغان ئىكەن، ئۇ ھالدا ۋەھىي چۈشكەن تىلنىڭ گىرامماتىكىلىق، ئىستىلىستىكىلىق ۋە مورفولوگىيەلىك قانۇنىيەتلىرىنى بىلىش بىلەن بىرگە، لەۋز بىلەن مەنىنىڭ ئارىسىنى باغلايدىغان قائىدە – پىرىنسىپلارنى پۇختا بىلىشى كېرەك.
لەۋزنىڭ مەنە بىلەن بولغان ئالاقىسى:
لەۋزنىڭ مەنە بىلەن بولغان ئالاقىسىنى تۇراقلاشتۇرىدىغان قائىدە – پىرىنسىپلارنى مۇنداق ئۈچ نۇقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ:
1. لەۋزنىڭ شۇ لەۋزگە بەلگىلەنگەن مەنىنىڭ تامامىنى دەلمۇدەل ئىپادىلەشتە ئىشلىتىلىشى بولۇپ، ئەھلى ئىلىملەر بۇنى «تەۋاتۇئ» ياكى «تەتابۇق»، يەنى «لەۋز بىلەن مەنىنىڭ دەلمۇدەل ئۇيغۇنلۇقى» دەپ ئاتىغان. مەسىلەن، بىر ئىسىمنى شۇ ئىسىم بىلەن ئاتالغۇچىغا ئىشلىتىش. «مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىدۇر» دېگەن ئايەتنى بۇنىڭغا مىسال قىلىشقا بولىدۇ. بۇ ئايەتتىكى «مۇھەممەد» دېگەن ئىسىم بىلەن ئۇ ئىسىمنىڭ ئاتالمىسى بولغان «مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام»نىڭ دەل ئۆزى مەقسەت قىلىنغان، يەنى لەۋز ئۆزىگە بەلگىلەنگەن مەنىنىڭ تامامىنى دەلمۇدەل ئىپادىلەپ بەرگەن.
2. لەۋزنىڭ شۇ لەۋزگە بەلگىلەنگەن مەنىنىڭ مەلۇم قىسمىنى ئىپادىلەشتە ئىشلىتىلىشى ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئومۇمىيراق مەنىدە ئىشلىتىلىشىدۇر.
بىرىنچىسىنىڭ مىسالى: «كىشىلەر ئۇلارغا: ‹شەك ـ شۈبھىسىزكى، كىشىلەر سىلەرگە قارشى قوشۇن توپلىدى، ئۇلاردىن قورقۇڭلار› دېيىشتى» . بۇ ئايەتتە «كىشىلەر» دېگەن سۆز ئىككى قېتىم تەكرارلانغان بولۇپ، بىرىنچى قېتىم «كىشىلەر» دېگەن سۆز زىكىر قىلىنغاندا، ئۇنىڭدىن پۈتكۈل كىشىلەر ئەمەس، بەلكى مۇسۇلمانلارغا مۇشۇ خەۋەرنى يەتكۈزگەن مەلۇم كىشىلەر كۆزدە تۇتۇلغان؛ ئىككىنچى قېتىم زىكىر قىلىنغاندىمۇ ئۇنىڭدىن پۈتۈن كىشىلەر كۆزدە تۇتۇلماستىن، مۇشرىكلارنىڭ مۇسۇلمانلارغا قارشى توپلانغان ئەسكەرلىرىلا كۆزدە تۇتۇلغان. دېمەك، ھەر ئىككى ئورۇندا «كىشىلەر» دېگەن سۆزدىن ئۇنىڭ ئۈچۈن بەلگىلەنگەن مەنىنىڭ تامامى دەلمۇدەل كۆزدە تۇتۇلماستىن، بىر قىسمىلا كۆزدە تۇتۇلغان، يەنى لەۋز ئۇنىڭ ئۈچۈن تەيىنلەنگەن مەنىنىڭ بىر قىسمىنىلا بىلدۈرگەن.
ئىككىنچىسىنىڭ مىسالى: «(داۋان ئېشىش دېگەن) گەردەننى (يەنى قۇل) ئازاد قىلماقتۇر» . بۇ ئايەتتە «گەردەن» دېگەن سۆز ئىشلىتىلگەن بولسىمۇ، بۇنىڭدىن بىر پۈتۈن شەخس كۆزدە تۇتۇلغان، يەنى بۇ ئورۇندا لەۋز مەنىدىن ئومۇمىيراق مەنىدە ئىشلىتىلگەن.
3. لەۋزنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن تەيىنلەنگەن مەنىدە ئىشلىتىلمەستىن، بەلكى لەۋز تەيىنلەنگەن ئەسلىي مەنىگە مۇناسىۋەتلىك بىر مەنىدە قوللىنىلىشىدۇر. بىر لەۋزدىن شۇ لەۋزىگە بەلگىلەنگەن مەنىگە مۇناسىۋەتلىك باشقا بىر مەنىنى ئىرادە قىلىش ئۈچۈن لەۋزنىڭ ئەسلىي مەنىسى بىلەن ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەنە ئارىسىدا زىچ مۇناسىۋەت بولۇشى كېرەك. مەسىلەن، ئاللاھ تائالا قىبلىنى بەيتۇلمەقدىستىن كەبىگە ئۆزگەرتكەندە مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىمانىڭلارنى (يەنى نامىزىڭلارنى) زايە قىلىۋەتمەيدۇ» . بۇ ئايەتتە «ئىمان» دېگەن سۆز ئومۇمىي ئىشلىتىلىپ «ناماز» دېگەن مەنە كۆزدە تۇتۇلغان.
بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلارنى بىلمەكچى بولساق، تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىشىمىز لازىم:
1) ھەقىقەت ۋە مەجاز:
بىر سۆز ئۆزى تەيىنلەنگەن مەنىنىڭ دەل ئۆزىدە ئىشلىتىلسە، يەنى بىر سۆزدىن ئۇ تەيىنلەنگەن مەنىنىڭ دەل ئۆزى كۆزدە تۇتۇلغان بولسا، بۇ ئىستېمال «ھەقىقەت» دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، «ئەما» دېگەن سۆزنى «كۆزى كۆرمەيدىغان، كور ئادەم» ئۈچۈن ئىشلىتىش. «ئەمالارغا (ئۇرۇشقا چىقمىسا) ھەرەج يوق» دېگەن ئايەتتىكى «ئەما» دېگەن سۆز ئەسلىي لۇغەتتە «كۆزى كۆرمەيدىغان، كور ئادەم»نى بىلدۈرۈش ئۈچۈن تەيىنلەنگەن بولۇپ، بۇ ئايەتتىمۇ شۇ مەنىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن ۋە بۇ يەردە «ئەما» دېگەن سۆزنىڭ ئىستېمالى «ھەقىقەت» دېيىلىدۇ.
ناۋادا بىر سۆز ئەسلىدە تەيىنلەنگەن مەنىدە ئىشلىتىلمەستىن، ئارىدىكى مەلۇم بىر مۇناسىۋەت تۈپەيلى باشقا بىر مەنىدە ئىشلىتىلگەن بولسا، بۇ ئىستېمال «مەجاز» (كۆچمە مەنە) دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، «ئەما» دېگەن سۆز يۇقىرىدىكىدەك «كور» دېگەن مەنىدە ئىشلىتىلسە، «ھەقىقەت» بولىدۇ، ئەمما «ئەما» دېگەن سۆزدىن «غاپىل، ئازغۇن» دېگەن مەنە كۆزدە تۇتۇلغان بولسا، بۇ ئىستېمال «مەجاز»دۇر. مەسىلەن، «بۇ دۇنيادا كور بولغان (يەنى دىلى كور، غاپىل، ئازغۇن) ئادەم ئاخىرەتتىمۇ كور ۋە تېخىمۇ گۇمراھ بولىدۇ» دېگەن بۇ ئايەتتىكى «كور» دېگەن سۆزدىن ئەسلىدە ئۇنىڭ ئۈچۈن بېكىتىلگەن مەنە بولغان «ئەما، كۆزى كۆرمەيدىغان ئادەم» دېگەن مەنە كۆزدە تۇتۇلمىغان، بەلكى «غاپىل، بىخۇد، ئازغۇن كىشى» كۆزدە تۇتۇلغان بولۇپ، «ئەما» دېگەن سۆزنىڭ بۇ ئايەتتىكى ئىستېمالى «مەجاز»دۇر.
يەنە بىر مىسال: «ئۇنتۇش» دېگەن سۆزنى ئالساق، بۇ سۆز لۇغەتتە «مەلۇم نەرسىنى بىلگەندىن كېيىن بىلمەس بولۇپ قېلىش، بىلگەندىن كېيىن ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىش» دېگەن مەنىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن تەيىنلەنگەن بولۇپ، شۇ مەنىنىڭ ئۆزىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلسە، بۇ ئىستېمال «ھەقىقەت» بولاتتى. مەسىلەن، «مۇسا ئېيتتى: ئۇلار توغرىسىدىكى مەلۇمات پەرۋەردىگارىمنىڭ دەرگاھىدا لەۋھۇلمەھفۇزدا (خاتىرىلەنگەندۇر)، پەرۋەردىگارىم ھەم خاتالاشمايدۇ ھەم ئۇنتۇمايدۇ» دېگەن ئايەتتە بۇ سۆز لۇغەتتە ئۇنىڭ ئۈچۈن تەيىنلەنگەن «ئۇنتۇش، ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىش» دېگەن مەنىنىڭ ئۆزىدە ئىشلىتىلگەن ۋە بۇ ئىستېمال «ھەقىقەت»تۇر. ناۋادا «ئۇنتۇش» دېگەن سۆز «تەرك ئېتىش» دېگەن مەنىدە ياكى باشقا مەنىلەردە ئىشلىتىلسە، بۇ چاغدا بۇ ئىسېتمال «مەجاز» (كۆچمە) مەنىدە ئىشلىتىلگەن بولىدۇ.
«ئۇلار ئاللاھنى ئۇنتۇدى (يەنى ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشنى تەرك ئەتتى)، ئاللاھمۇ ئۇلارنى ئۇنتۇدى (يەنى ئاللاھ ئۇلارنى ئۆز پەزلىدىن ۋە رەھمىتىدىن مەھرۇم قىلدى)» دېگەن بۇ ئايەتتە «ئۇنتۇش» دېگەن سۆز ئىككى قېتىم تەكرارلانغان بولۇپ، بىرىنچى قېتىمدا «مۇناپىقلارنىڭ ئاللاھقا ئىتائەتمەنلىكنىڭ ئىپادىسى بولغان ئەمەلنى تەرك ئەتكەنلىكى»، ئىككىنچى قېتىمدا بولسا «ئاللاھنىڭ ئۇلارنى رەھمىتىدىن مەھرۇم قىلغانلىقى» دېگەن مەنە كۆزدە تۇتۇلغان. چۈنكى، ئاللاھنىڭ بىر نەرسىنى ئۇنتۇپ قېلىشى مۇمكىن ئەمەس. شۇ جۈملىدىن، ھەمزە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ «ئاللاھنىڭ يولۋىسى»، خالىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ «ئاللاھنىڭ قىلىچى» دەپ سۈپەتلەنگەن بولۇپ، بۇ ئىككى سۈپەتتىمۇ ئۇ ئىككىسىنىڭ لۇغەتتە تەيىنلەنگەن ئەسلىي مەنىسى كۆزدە تۇتۇلمىغان، بەلكى ئۇلاردىكى «جاسارەت ۋە باتۇرلۇق» كۆزدە تۇتۇلغان ۋە بۇ ئىستېماللار «مەجاز» (كۆچمە مەنە) دېيىلىدۇ.
2) گۇمانغا سېلىش ئالاقىسى:
بەزىدە سۆز ئەسلىي مەنىسى ئوخشايدىغان، ئەمما سۈپەتلىرى ئوخشىمايدىغان بىرقانچە مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن، «نۇر» سۆزى «قۇياش نۇرى، ئاي نۇرى، چىراغ نۇرى، شام نۇرى» دېگەندەك ھەرقانداق يورۇقلۇقنى ئىپادىلەيدىغان مەنىلەردە ئىشلىتىلىدۇ، ئەمما بۇ نۇرلار بىر – بىرىدىن پەرقلىنىدۇ. قۇياش نۇرى ئەڭ كۈچلۈك بولسا شام نۇرى ئەڭ ئاجىز بولۇپ، بىر سۆزنىڭ خىلمۇخىل مەنىلىرى ئارىسىدىكى بۇ خىل ئالاقە «گۇمانغا سېلىش ئالاقىسى» دەپ ئاتىلىدۇ.
ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئۆزىنى «ئىنتايىن كۆيۈمچان، مېھرىبان» دەپ سۈپەتلەيدۇ: «ئاللاھ كىشىلەرگە ھەقىقەتەن مېھرىباندۇر، ناھايىتى كۆيۈمچاندۇر» . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىمۇ «مېھرىبان ۋە كۆيۈمچان» دەپ سۈپەتلەيدۇ: «(ئى ئىنسانلار!) شۈبھىسىزكى، سىلەرگە ئۆز ئىچىڭلاردىن پەيغەمبەر كەلدى. سىلەرنىڭ كۈلپەت چېكىشىڭلار ئۇنىڭغا ئېغىر تۇيۇلىدۇ؛ ئۇ سىلەرنىڭ (ھىدايەت تېپىشىڭلارغا) ھېرىستۇر، مۆمىنلەرگە مېھرىباندۇر، ناھايىتى كۆيۈمچاندۇر» . قارايدىغان بولساق، بۇ ئىككى ئايەتتە «كۆيۈمچان ۋە مېھرىبان» دېگەن سۈپەتلەر بىلەن ئاللاھ تائالامۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ سۈپەتلەنگەن، ئەمما ئاللاھ تائالادىكى مېھىر – شەپقەت بىلەن پەيغەمبىرىمىزدىكى مېھىر – شەپقەت بىر – بىرىدىن پەرقلىق.
يەنە بىر ئايەتتە ئاللاھ تائالا ئۆزىنى «كەرىم (سېخىي)» دەپ سۈپەتلەيدۇ، زېمىندىن چىققان ئۆسۈملۈكلەرنىمۇ «كەرىم» دەپ سۈپەتلەيدۇ: «ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىم ئەلۋەتتە ھەممىدىن بىھاجەتتۇر، كەرىمدۇر» ؛ «ئۇلار زېمىننى (يەنى زېمىننىڭ ئاجايىباتلىرىنى) كۆزەتمىدىمۇ؟ زېمىندا تۈرلۈك كەرەملىك (يەنى پايدىلىق) ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈردۇق» .
بۇ ئايەتلەردە بىر سۆز مەنىسى ئوخشايدىغان، ئەمما خاراكتېرى، ماھىيىتى ۋە سۈپەتلىرى ئوخشىمايدىغان خىلمۇخىل مەنىدە ئىشلىتىلگەن.
شۇنداق ئىكەن، بەزىلەرنىڭ رامىزاننى «كەرەملىك ئاي، بەرىكەتلىك ئاي» دەپ سۈپەتلەشنى ئەيىبلىگەنلىكى تولىمۇ ئەجەبلىنەرلىك ئىش. ئۇلار ئۆزلىرىچە رامىزاننى «كەرەم» دەپ سۈپەتلەش ئاللاھنى «كەرەم» دەپ سۈپەتلەش بىلەن ئوخشاپ قالىدۇ، دەپ گۇمان قىلسا كېرەك، ھالبۇكى سۆزلەرنىڭ ئارىسىدىكى بۇ ئالاقىنى بىلگەن ئادەم ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرى بىلەن باشقا نەرسىلەرنىڭ سۈپەتلىرىنى بىر – بىرىگە ئارىلاشتۇرۇپ سالمايدۇ.
3) شەكىلداش سۆزلەر:
شەكىلداشلىق بىر سۆزنى ئوخشىمىغان مەنىلەردە قوللىنىشتۇر. مەسىلەن، «ئوت» دېگەن سۆز كۆيۈۋاتقان ئوتقىمۇ، زېمىندىن ئۆسۈپ چىققان ئوت – چۆپكىمۇ ئىشلىتىلىدۇ، «ئۆيگە ئوت كەتتى»، «قوي ئوت يېدى» دېسەك، بۇ ئىككى مىسالدا «ئوت» دېگەن سۆز ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئىككى سۆز شەكىل ۋە تەلەپپۇز قىلىنىشتا ئوخشاش بولسىمۇ، بىرىنچى مىسالدىكى «ئوت» دېگەن سۆز بىلەن ئىككىنچى مىسالدىكى «ئوت» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى پەرقلىق. بۇنداق سۆزلەر «شەكىلداش سۆزلەر» دەپ ئاتىلىدۇ.
ئەرەب تىلىدا «العين» دېگەن سۆز «بۇلاق، جاسۇس ۋە كۆز» دېگەندەك مەنىلەردە ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن، ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: «وَٱلْعَيْنَ بالْعَيْنِ»، «كۆزگە كۆز (يەنى كىشىنىڭ كۆزىنى ناھەق قۇيۇۋەتكەن ئادەمنىڭ كۆزى قۇيۇۋېتىلىدۇ)» ؛ «وَفَجَّرْنَا ٱلْأَرْضَ عُيُونًا»، «زېمىندىن بۇلاقلارنى ئېتىلدۇرۇپ چىقاردۇق» . بۇ يەردە «العين» دېگەن سۆز بىرىنچى ئايەتتە «كۆرىدىغان كۆز» دېگەن مەنىدە، ئىككىنچى ئايەتتە بولسا «بۇلاق» دېگەن مەنىدە ئىشلىتىلگەن.
فىقھ مەسىلىلىرىگە مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر مىسال كەلتۈرىدىغان بولساق: «وَٱلْمُطَلَّقَـٰتُ يَتَرَبَّصْنَ بِأَنفُسِهِنَّ ثَلَـٰثَةَ قُرُوٓءٍ»، «تالاق قىلىنغان ئاياللار ئۈچ ھەيز ئۆتكۈچە ئىددەت تۇتىدۇ» . بۇ ئايەتتىكى «قُرُوٓءٍ» دېگەن سۆز «ھەيز ۋە پاكلىق» دېگەن مەنىدە ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، ئالىملار مەزكۇر ئايەتتە بۇ ئىككى مەنىنىڭ قايسىسى كۆزدە تۇتۇلغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشتە خىلمۇخىل قاراشتا بولغان؛ ھەنەفىي مەزھەپ ئالىملىرى: «بۇ سۆز ‹ھەيز› دېگەن مەنىدە ئىستېمال قىلىنغان» دېگەن بولسا، شافىئىي مەزھەپ ئالىملىرى «‹پاكلىق› دېگەن مەنىدە ئىستېمال قىلىنغان» دېگەن.
4) سۆزلەر ئارىسىدىكى مەنىداشلىق ئالاقىسى:
مەنىداشلىق شەكىلداشلىقنىڭ دەل ئەكسى بولۇپ، ئىككى سۆزنىڭ بىر مەنىدە ئىشلىتىلىشى «مەنىداشلىق» دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، «ئىنسان» ۋە «ئادەم» بۇ ئىككى سۆزنىڭ مەنىسى بىر، «قىلىچ» ۋە «شەمشەر» بۇ ئىككى سۆزنىڭ مەنىسىمۇ بىر. ئەرەب تىلى ۋە قۇرئان كەرىمدە بۇنىڭ مىساللىرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، بۇ تىلنىڭ گۈزەللىكى ۋە ئىپادىلەشتىكى سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلىدۇ، بەزىلەرنىڭ سۆزلەرنىڭ ئارىسىدىكى بۇ خىل ئالاقىنى ئىنكار قىلىشقا ئورۇنۇشى كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ.
كاشىغەرىي ئىلىم- تەتقىقات مەركىزى نەشىر قىلغان (قۇرئان-سۈننەتنى چۈشىنىش ۋە يەكۈن چىقىرىش قائىدىلىرى) ناملىق كىتابتىن