قۇرئان كەرىم بىلىم- مەرىپەت ئاچقۇچى
ئاللاھ رەسۇلۇللاھنى بىرىنچى قېتىم چۈشكەن ئايەتتە ئىككى خىل ئوقۇشقا بۇيرۇدى. قۇرئان كىرىمنىڭ ئايەتلىرى تەكىتلەشكە مۇھتاج ئەمەسلىكى ئېنىق بىر مەسىلە، شۇنىڭ ئۈچۈن بەش ئايەتتە ئىككى قېتىم تەكرارلانغان «ئوقۇش» توغرىسىدىكى بۇيرۇق ئىككى خىل ئوقۇشنى كۆرسىتىدۇ، ھەر بىر ئوقۇشنىڭ خۇسۇسىيىتى، مەيدانى ۋە مېتودى بار.
بىرىنچى ئايەتتىكى ئوقۇش ياراتقۇچى ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇشقا بۇيرۇغان. دېمەك، ئوقۇش ۋە ئۆگىنىشنى ئاللاھدىن ياردەم تىلىگەن ئاساستا ھاسىل قىلىشقا بۇيرۇق. ئىنساننىڭ يارىتىلىشىدىن تارتىپ ھاياتىنىڭ ئاخىرغىچە بارلىق باسقۇچلىرىنى ئوقۇشنىڭ زۆرۈرلىكىگە ئىشارەت. دېمەك، يارىتىلىش ھەققىدە ئوقۇش مېتودى ئىنساندىن باشلىنىپ، كائىنات يۆلىنىشىگە قاراپ يۈزلىنىدۇ. مانا بۇ ئىلمىي مېتودغا ئۇيغۇن ساغلام ئوقۇشتىن ئىبارەت.
بىرىنچى ئوقۇش:
بىرىنچى ئايەتتىكى ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن «ئوقۇش»قا بۇيرۇش قۇرئان ئوقۇشقا بۇيرۇق. چۈنكى قۇرئان كائىناتقا يېتەكلەپ بارىدۇ ۋە كائىنتاتىكى ھىدايەت رولىنى يۈرگۈزىدۇ.
ئىككىنچى ئوقۇش:
كائىناتنى ئوقۇش، مەخلۇقلارغا نەزەر يۈرگۈزۈش ۋە ئىنسانىيەت قەلەم ئارقىلىق توپلىغان تەجرىبىلەرنى ئوقۇشتىن ئىبارەت. بۇ ئىككى خىل ئوقۇش ئارقىلىق ۋەھىي بىلەن پايدىلانغان مىللەتلەر بىلەن ۋەھىينى بىلمەسكە سالغان ۋە كائىناتنى ۋەھىي نۇرىدىن يىراق ئوقۇغان، ياكى كائىنات ۋە تارىختىكى ئىنسانىيەت تەجرىبىلىرىگە سەل قاراپ رەسۇلۇللاھغا چۈشۈرۈلگەن ۋەھىينى ئوقۇش بىلەن چەكلىنىپ قالغان مىللەتلەر ئارىسىدىكى پەرقلەرنى ھېس قىلالايسىز. قايسى بىر ئادەم قۇرئاندىن ئىبارەت ۋەھىيىنى ئىنچىكە ۋە تەپەككۇر ئىچىدە ئوقۇشنى ئىرادە قىلىدىكەن كائىناتنى ئوقۇشتىن، ئىلگىرىكى مىللەتلەرنىڭ تەجرىبىلىرىگە نەزەر يۈرگۈزۈشتىن ۋە بۇرۇنقى ھەزارەتلەرنىڭ قانداق گۈللىنىپ، قانداق ۋەيران بولغانلىقىنى بىلىشتىن بىھاجەت بولالمايدۇ.
(1)
ئىككى كىتابنى ئوقۇش
ئۇنداقتا ساۋاتسىزلىقنىڭ بارلىق كۆرۈنۈشلىرىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن قۇرئاندىن ئىبارەت مۆجىزە خاراكتېرلىك تىلاۋەت قىلىنىدىغان كىتاب بىلەن كائىنات، يارىتىلىش ۋە ئىنسانىيەت تەجرىبىسىدىن ئىبارەت ئوچۇق كىتابنى تەڭ ئوقۇش لازىم.
ئىنسان ئۆز ئۈستىگە ئالغان مەسئۇلىيەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشى، ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىشى، زېمىننى گۈللەندۈرۈشى ۋە ئېمتىھان سىناقلىرىدىن نەتىجە قازىنىشتا يېتەرلىك مەرىپەتنىڭ تېپىلىشى ئۈچۈن ئىككى كىتابنى تەڭ ئوقۇشى كېرەك. يېتەرلىك مەرىپەتكە ئىگە بولۇش ئۈچۈن باشقىلاردىن پايدىلىنىشى، تەجرىبە ئالماشتۇرۇشى ۋە مەرىپەت مەسىلىسىدە كىمدىن چىقىشتىن قەتئىي نەزەر زاھىدلىق قىلماسلىقى كېرەك.
كېيىنكىلەر ئىلگىرىكىلەرنىڭ تەجرىبىسىدىن پايدىلىنىشى ۋە ئاللاھ مەرىپەتنىڭ ۋاستىسى قىلىپ بەرگەن قەلەمنى ئىستىمال قىلىشى زۆرۈر. باشقا ئىنسانلاردىكى تەجرىبە ۋە مەرىپەت «ئىنسانغا بىلمىگەن نەرسىلەرنى ئۆگەتتى»دېگەن ئايەتنىڭ دائىرىسىگە كېرىپ كېتىدۇ.
دېمەك، ئىنساننى ھەزارەت مەرىپەتلىرىگە ۋە زېمىننى گۈللەندۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشقا يەتكۈزىدىغان مەرىپەت مەنبەلىرى بىر بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان ئىككى مەنبەدۇر. ئىنسان بۇ ئىككى مەنبەنى بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇشى، بىرەرسىدىن غاپىل قالماسلىقى، ئىككى خىل ئوقۇش بۇيرۇقىنى تەڭ ئورۇنلىشى لازىم. شۇنداق بولغاندا قۇرئاننى ئوقۇش ئارقىلىق يارىتىلىش، مەۋجۇدىيەت ۋە مەۋجۇدىيەت ھەرىكەتلىرىنى كونترول قىلىپ تۇرىدىغان قانۇنىيەتلىرىنى چۈشىنىدۇ. كائىناتنى ئوقۇش ئارقىلىق كائىناتنى چۈشىنىدۇ، زېمىننى گۈللەندۈرۈش، تەرەققى قىلدۇرۇش ۋە قۇرئاننىڭ يوليورۇقى بويىچە مەسئۇلىيەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشتىن ئىبارەت ۋەزىپىنى ئورۇنلاشتا توغرا يول تاپىدۇ.
قۇرئان كىرىمدىن ئىبارەت ۋەھىيىنى ئوقۇش يارىتىلىشتىكى غايىنى بەلگىلەپ بېرىدۇ. ئىنسانىيەت مۇھتاج بولىدىغان قانۇن، يول ۋە ئاساسلىق ھەقىقەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندىن سىرت مەۋجۇدىيەتنىڭ ھەرىكىتىنى كونترول قىلىپ تۇرىدىغان قانۇنىيەتلەرنى بايان قىلىپ بېرىدۇ.
(2)
ئىككى كىتابنى بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇش پەرز
دېمەك، قۇرئان ۋە كائىناتنى ئوقۇش ئاللاھ بۇيرۇغان پەرز، بۇ ئىككى ئوقۇشنى بىرلەشتۈرۈش زۆرۈر، بولمىسا ئەيىب نۇقسان يۈز بېرىدۇ.
بىرىنچى ئوقۇشقا سەل قاراش:
قايسى بىر ئادەم قۇرئان كىرىمدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، كائىنات بىلىملىرىنى تەمسىل قىلىدىغان ئىككىنچى تۈردىكى ئوقۇشقا ئاللاھدىن ئالاقىنى ئۈزۈپ كىرىپ كەتسە، ئاللاھ بىلەن بولغان ئالاقىنى يوقىتىپ قويىدۇ، مېتافىزىكا مەسىلىلەرنى بىلەلمەي قالىدۇ. ياراتقۇچى بىلەن مېتافىزىكا (غەيبى مەسىلىلەر)نى بىلمەسكە سېلىپ، ئىنسان بىلەن تەبىئەتنى مۇتلەق بىرلەشتۈرۈشكە ئۇرۇنىدىغان مەنبەسى كەمتۈك قارىغۇ پەلسەپە بىلەن قەدەم باسقان بولىدۇ.
ئىنسان ياراتقۇچى ئاللاھدىن غاپىل قېلىپ، ۋەھىي ھىدايىتى بىلەن ئىلاھىي قۇدرەتنى كۆرەلمىسە، توغرا يول كۆرسىتىپ بېرىدىغان كومپاسنى يوقىتىپ قويىدۇ، ئۆزىنىڭ كائىنات ئامانەت قويۇلغان مەخلۇق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشتىكى رولىنى يوقىتىدۇ. ئىماندىن چەتنىگەن ئىلىم-پەن مۇستەبىتلىك ۋە ھەددىدىن ئېشىشقا ئېلىپ بارىدۇ، تەڭپۇڭسىزلىق نامايان بولىدۇ، ئەخلاقسىزلىق ئەۋج ئالىدۇ، جىنايەتلەر كۆپىيىپ، تۇرمۇش خاتىرجەمسىزلىككە قاراپ يول ئالىدۇ.
ئىككىنچى خىل ئوقۇشقا سەل قاراش:
مەۋجۇدىيەت ۋە كائىناتنى ئوقۇشقا سەل قاراپ، مەۋجۇدىيەتنى تاشلاپ قويۇپ يالغۇز ۋەھىينى ئوقۇشقا قىسقارتىش دۇنيادىن نەپرەتلىنىشكە ئېلىپ بارىدۇ، ئىنساننىڭ گۈللىنىش ۋە ھەزارەت ئېنېرگىيىسىنى پالەچ قىلىپ قويىدۇ، ئامانەت ۋە گۈللەندۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاشتىن كېرەكسىز قىلىپ قويىدۇ، كائىناتتىن بەھرىمەن بولۇشقا توسالغۇ بولىدۇ، ئىدىيىسىنى بوغۇپ، ئىش ھەرىكىتىنىڭ قىممىتىنى تۆۋەنلەشتۈرۈپ قويىدۇ. شۇ چاغدا ئىنسان ھاياتلىقتا گۈللىنىش ۋە زامانىۋىلىشىشنىڭ مەنىسى بار دەپ قارىمايدۇ، ھالبۇكى بۇ قاراشلارنىڭ ھەممىسى قۇرئاننىڭ مېتودىغا تامامەن زىت كېلىدۇ.
شۇنداقلا كائىناتقا نەزەر تاشلاشتىكى ئىككىنچى ئوقۇشقا سەل قاراش ھەزارەت ئاجىزلىق ھالىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئىنساننىڭ ئېنېرگىيىسىنى كېرەكسىز قىلىپ قويىدۇ ۋە بۇ كۆرۈلۈپ تۇرۇۋاتقان ئالەم بىلەن مېتافىزىكا ئالەم ئارىسىنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىشكە ئېلىپ بارىدۇ.
دېمەك، ۋەھىينى ئوقۇش بىلەن مەۋجۇدىيەتنى ئوقۇش ئارىلىقىنى بىرلەشتۈرۈش ۋە شۇ ئاساستا ئىنسان ئەقلىنى قۇرۇپ چىقىش لازىم.
(3)
ئوقۇش پەرز
نېمە ئوقۇساڭ ئوقۇغىن، پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇغىن، ئىمان ئاساسىدا ئوقۇغىن، ياراتقۇچىنى ئېتىراپ قىلغان ئاساستا ئوقۇغىن.
دىن ياكى دۇنيالىق پايدىلىق ئىلىم-پەنلەرنى ئوقۇغىن، مىللەت مۇھتاج بولىدىغان بىلىم-مەرىپەتنى ئوقۇغىن، مىللەت مۇھتاج بولىۋاتقان بىلىم- مەرىپەتلەرنىڭ بەزىسى پەرز ئەينى بولسا، يەنە بەزىسى پەرز كۇپايە. بىلىم-مەرىپەت ئېلىش ھەر بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن پەرز.
دەسلەپتە چۈشكەن «ئوقۇ»دېگەن ئايەت ئىككى دۇنيانىڭ بەخت سائادىتىنى دىنىي ۋە پەننى بىلىملەرنى ئۆگىنىش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۆرسەتمە شەكلىدە كەلگەن. شەرىئەت پەنلىرىنى ئۆگىنىش دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ يولى بولسا، تەبىئىي پەنلەرنى ئۆگىنىش تەرەققىيات، ھەزارەت ۋە گۈللىنىشنىڭ يولى. تەرەققى قىلماي تۇرۇپ دۇنيادا بەختلىك بولغىلى بولمايدۇ. دەسلەپتە چۈشكەن ئايەت ئوقۇش، ئۆگىنىش، ئىزدىنىش ۋە تۈرلۈك مەرىپەت بۇلاقلىرىدىن ئوزۇقلىنىشقا بۇيرۇش ئۈچۈن چۈشكەن.
دەسلەپكى ئىسلام دەۋرىدە مۇسۇلمانلار قۇرئاننىڭ كۆرسەتمىسىگە بويسۇنۇپ، نۇرغۇن ئىلىم-پەنلەردە ئۇتۇق قازانغان، شۇ دەۋردىكى باشقا مىللەتلەردىن ئۈستۈن ئورۇندا تۇرغان ۋە كىشىلەرگە قانات يايدۇرغان.
مانا قۇرئانغا قارىساق دۇنيا مەنپەئەتلىرىدىمۇ بىلىم-مەرىپەت ئۆگىنىش ۋە تەپەككۇر قىلىشقا چاقىرىق قىلىپ يېزا ئىگىلىك، سانائەت، قۇرۇلۇش مېمارچىلىقى، تېخنىكا ۋە باشقا ساھەلەرنى راۋاجلاندۇرۇش ھەققىدە توختالغان. شۇنداق تۇرۇقلۇق مۇسۇلمانلارنىڭ بۈگۈنكىدەك ئارقىدا قېلىشى ھەيرانلىقنى قوزغايدۇ.
رەسۇلۇللاھ ھەدىس شەرىپتە:«ئاللاھ بىر كېسەلنى چۈشۈرسە ئۇنىڭ دورىسىنىمۇ چۈشۈرگەن، ئۇنى بىلگەنلەر بىلدى، بىلمىگەنلەر بىلمىدى»(ئەھمەد، ئىبنى ماجە بايان قىلغان)دەپ دوختۇرلۇق ۋە دورىگەرلىكنى بىلىم-مەرىپەت، ئۇنى بىلمەسلىكنى نادانلىق دەپ ئاتىغان. ھەر تۈرلۈك كېسەللەرنىڭ دورىسىنى كەشىپ قىلىپ چىقىش، ئىزدىنىش، ئۆگىنىش ۋە تەجرىبە قىلىشقا تەشەببۇس قىلغان. دېمەك، ئۆلۈم ۋە قېرىلىقتىن باشقا ھەر قانداق كېسەلنىڭ چارىسى ۋە دورىسى بار، ئۇنى ئىزدەنسە تاپقىلى ۋە كەشىپ قىلغىلى بولىدۇ.
گەرچە ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلارغا مەرىپەت ۋە تەلىم-تەربىيەگە ئاتلىنىدىغان ئاساس بەلگىلەپ بەرگەن بولسىمۇ، قۇرئاننىڭ يوليورۇقى ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ كۆرسەتمىسىدىن ئۈزۈلۈپ قالغانلىق سەۋەبىدىن، شۇنداقلا بەزى ئىشلارغا ھەددىدىن زىيادە بېرىلىپ، يەنە بەزى ئىشلارغا سەل قارىغانلىق سەۋەبتىن مەدەنىيەت كارۋىنىنىڭ ئارقىدا قالدۇق. بىر مەيداندا ئىسراپچىلىق بولىدىكەن، چوقۇم ھەقتىن بىرسى غايىب بولۇپ كېتىدۇ.
بىلىم-مەرىپەتسىز ئىبادەت قىلىش ئازغۇنلۇق، بىلىم-مەرىپەتسىز دەۋەت قىلىش نادانلىققا دەۋەت قىلغانلىق، بىلىم-مەرىپەتسىز كۆرەش قىلغانلىق ئادالەتنى تۈگەشتۈرگەنلىك. دېمەك، يوللۇق ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىلىم-مەرىپەت ۋە ئەقىل كۆزى بىلەن يورۇمىسا، نەتىجە بېرەلمەيدۇ.
مەزكۇر ئايەت دىن بىلەن ئىلىم-پەن ئارىسىدا باغلىنىشنىڭ بارلىقىغا ئىشارەت قىلىپ تۇرىدۇ. چۈنكى ئىلىم-پەن دىندىن ئايرىلسا، خىمىيىلىك ۋە مىكروبلۇق قورال، ئىنساندىكى كېلون تېخنىكىسى، ئىنسان ۋە ھايۋاننىڭ گېنىنى ئۆزگەرتىشكە ئوخشاش كرىزىس ھەققىدە سىگنال بېرىپ تۇرىدۇ.
دېمەك، بىلىم-مەرىپەتنى ئاللاھنىڭ ئىسمىغا باغلاش مەرىپەتنىڭ ئاللاھ تەرەپتىن ئىنسانغا بېرىلگەن نېمەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش، ئىنسانىيەتكە مەنپەئەت يەتكۈزۈش ۋە ئىنسانغا خىزمەت قىلىشنى غايە قىلىشتىن ئىبارەت ئىلىم-پەننىڭ ئەخلاق پرىنسىپىگە چاقىرىقتىن ئىبارەت.
«ئىنسان»دېگەن سۆز بەش ئايەتتە ئۈچ قېتىم تەكرارلانغان. بىرىنچىسى: ئىنساننىڭ يارىتىلىشنىڭ بايانى، ئىككىنچىسى: ئىنساننىڭ تەلىم-تەربىيە ۋە مەرىپەتنى قوبۇل قىلىدىغانلىقى، ئۈچىنچىسى: بىلىم-مەرىپەت ئارقىلىق ھەددىدىن ئېشىشتىن ئاگاھلاندۇرۇش مەقسەت. شۇنداقلا بىلىم-مەرىپەت قىممەت قاراش ۋە ئەخلاقتىن ئايرىلسا ھەددىدىن ئاشىدىغانلىقىغا ئىشارەت.
مەزكۇر ئايەت بىلىم-مەرىپەتنىڭ ئەڭ چوڭ نېمەت ئىكەنلىكىگە ئىشارەت. شۇنداقلا بۇ ئايەتلەر تېخنىكا ۋە ئۇچۇر دەۋرىدىمۇ قەلەمنىڭ ئەھمىيىتىگە ئىشارەت قىلغان، چۈنكى قەلەم بولمىغان بولسا، تۈرلۈك مىللەتلەرنىڭ مىراسىنى كۆرەلمىگەن بولاتتۇق. بۈگۈنكى دەۋردە باسمىخانا، كومپيوتېر ۋە ئىنتېرنېتتىن ئىبارەت مەلۇمات ساقلاش ۋاسىتىلىرىنىڭ ھەممىسى قەلەم ۋە يېزىش ئۇقۇمىدىن چىقىپ كەتمەيدۇ.
ئوقۇشقا بۇيرۇش ۋە قەلەم بىلەن يېزىشقا ئىشارەت قىلغانلىق مۇسۇلمانلارنى ئوقۇش، ئۆگىنىش، مەرىپەت بۇلاقلىرىنى ئېچىشقا، ساۋاتسىزلىقتىن قۇتۇلۇشقا ۋە ئىلىم- پەننىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە ئىلمىي ھاياتىنى باشلاشقا چاقىرىقتىن ئىبارەت. دېمەك، مۇسۇلمانلار بىرىنچى قېتىم چۈشكەن 5 ئايەتتە ئوقۇش، ئۆگىنىش، يېزىش، ئەقىل يۈرگۈزۈش ۋە تەپەككۇر قىلىشقا ئاللاھ تەرىپىدىن بۇيرۇلغان.
بۇ ئايەتلەر مەرىپەت نەزەرىيىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، بىلىم-مەرىپەتنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىگەن ۋە مەرىپەت ۋاستىلىرىغا ئىشارەت قىلغان:
1.ۋەھىي:مېتافىزىكا ۋە ئىنسانلار بىلەلمەيدىغان مەلۇماتلارنى بىلىشنىڭ يولى. بىلىم-مەرىپەت دائىرىسى كېڭىرگەنچە ئىنسان ئەقلىنىڭ ۋەھىيدىن ئىبارەت يەنە بىر مەنبەگە قارىتا ئېھتىياجى تەكىتلەنمەكتە.
2.ئەقىل: ھايات ۋە كائىناتنى كەشىپ قىلىش، ۋەھىي ۋە شەرىئەتنى چۈشىنىشنىڭ ۋاستىسى.
- بىز تەپەككۇر قىلىشقا بۇيرۇلغان «كائىنات». بۇ كائىنات ئەقىلنىڭ ھەرىكىتى ۋە تەجرىبىسىدىن كېلىپ چىقىدىغان مەرىپەت مەنبەسى.
- ھېسسى ئەزالار: يۈرەك ئىنساننىڭ ھېسسى ئەزالىرى قوبۇل قىلغان نەرسىلەرنى چۈشىنىدۇ ۋە ھېس قىلىدۇ.
(4)
ئىمان ئاساسىدا ئوقۇش، ئۆگىنىش بىردىن بىر چىقىش يولى
ئوقۇش ھەر بىر ئىنساننى كامالەت ۋە يۇقىرى قازىنىشقا ئېلىپ بارىدىغان يول. ھەر بىر ئۇلۇغ ئادەمنىڭ كەينىدە ئوقۇغان ۋە تەپەككۇر يۈرگۈزگەن نۇرغۇن كىتابلىرى بولىدۇ. زېمىندا نامايان بولغان ھەزارەتلەرمۇ ئوقۇش ئارقىلىق شەكىللەنگەن. مانا ياپۇنىيە پۈتۈن ۋەيران بولغاندا مەسئۇللاردىن بىرى كىشىلەرنى توپلاپ، ۋەيران بولغان كېرەكسىز تۆمۈرنىڭ ئۈستىگە چىقىپ تۇرۇپ «ئوقۇڭلار» دېگەن بىر ئېغىز سۆزنى قىلغان ئىكەن. ياپۇنىيە ئوقۇپ ھەزارەت ياراتتى.
گىتلېرنىڭ قوشۇنى قايسى بىر ئەرەب دۆلىتىگە يېقىنلاشقاندا، قوماندانغا مەكتۇپ يوللاپ، روسىيە تەرەپكە قاراپ يۈرۈش قىلىڭلار، ئەرەبلەرنى قويۇپ تۇرۇڭلار، ئۇلارنى ئۇرۇش قىلماي مەغلۇب قىلىش ئاسان، چۈنكى ئۇلار ئوقۇمايدىغان خەلقلەر دېگەن ئىكەن.
ئوقۇش ئىنساننى يۇقىرى ئاڭ سەۋىيىگە يەتكۈزىدىغان بىردىن بىر ۋاسىتە، ئوقۇمايدىغان خەلق ھەزارەت يارىتالمايدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرى
2014- 6- 19 كۈنى
قاھىرە شەھىرى، مىسىر.