2024-يىل 8-ماي

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

ئۇلار قۇرئان ھەققىدە تەپەككۇر قىلمامدۇ؟

ئۇلار قۇرئان ھەققىدە تەپەككۇر قىلمامدۇ؟

 

ئاللاھ بۇ ئۈممەتكە كۆيۈنۈپ، ھەقىقەتكە يېتەكلەيدىغان پەيغەمبەر ئەۋەتىپ بەردى، ھەر قانداق زامان ۋە ماكاندا ئەقىل ئىگىلىرىگە ئەسلەتمە بولۇپ تۇرىدىغان ئۆزگەرمەس مۇقەددەس قۇرئاننى چۈشۈرۈپ بەردى. ئاللاھ قۇرئاننى  يادىغا ئالغان؛ مەسچىت، ئۆي ۋە مەكتەپلەردە تىلاۋەت قىلىپ ئوقۇۋاتقان ئىخلاسمەن مۆمىنلەرنىڭ قەلبى ئارقىلىق ھېمايە قىلماقتا. مۇسۇلمانلار  قۇرئان يادلىتىش ئۈچۈن مەكتەپ ۋە قارىيخانا ئېچىپ قۇرئان كەرىمگە قارىتا قىسمەن مەجبۇرىيەتلىرىنى ئورۇنلىدى، نەتىجىدە ئۆسمۈرلەر ۋە ياشلار ئارىسىدا قۇرئان كەرىم بىلىم-مەرىپەتلىرى تارقىدى، بۇ توغرىدا خېلى كۈچ چىقىرىلدى، بىراق يېتەرلىك ئەمەس، تېخىمۇ كۆپ كۈچ چىقىرىشقا مۇھتاج.

قۇرئان كەرىمنىڭ بىلىم مەرىپەتلىرى ئىچىدە بىز تولۇق كۆڭۈل بۆلمەيۋاتقان مۇھىم بىر تەرەپ بار، ئۇ بولسىمۇ قۇرئان كەرىمنى تەپەككۇر قىلىش، مۇلاھىزە قىلىش، ھايات يوللىرىنى يورۇتۇش ئۈچۈن خەزىنە ۋە ئۈنچە مەرۋايىتلىرىغا چۆكۈشكە ئۇرۇنۇشتىن ئىبارەت. بۈگۈنكى دۇنيا مىليونلىغان مەلۇمات ئاتالغۇلىرى ۋە كېچىك تەپسىلاتلاردا غەرق بولۇپ كېتىپ ئۆزگەرمەس ئاساسلىق مەسىلە ۋە پرىنسىپال قاراشلارنى پۇختا بىلىشنى يوقىتىپ قويماقتا. نەتىجىدە يۆلىنىش، كومپاس ۋە يۇقىرى نىشانلىرىنى يوقىتىپ قويماقتا، يۆنىلىش ۋە يۇقىرى نىشانلىرىنى يوقىتىپ قويۇش ئۆزىنى يوقىتىپ قويغانغا ئوخشاش بىر ئىش.

بۈگۈنكى ئىنسانلار مۇلاھىزە ۋە تەسەۋۋۇرلىرىدا ئۆزىنى كېچىك بىر ئېغىز ياتاققا سولىۋېلىپ ياتاقنىڭ ئىچىدىكى نەرسە كېرەكلەرگە تەكرار قاراپ چىقىپ تەپسىلى بىلىپ كەتكەن. بىراق شۇ بىر ئېغىز ياتاق ئورۇنلاشقان بىنانى، شۇنداقلا مەھەللىنى، شەھەرنى ۋە قىتئەنى بىلمەيدىغان ئىنسانغا ئوخشاپ قالدى. ئەپسۇسكى بۈگۈنكى كۆپلىگەن مۇسۇلمانلار بۇ بىچارە ھالەتكە يولۇققان بولۇپ، پائالىيىتى ۋە كۆڭۈل بۆلۈشىنى يۇقىرى غايە ۋە ئالى نىشانلاردىن يىراق بولغان كۈندىلىك ئۇششاق ئىشلارغا مەركەزلەشتۈرمەكتە. بۈگۈنكى مۇسۇلمانلار قۇرئاننى تەپەككۇر قىلىشقا ۋە قۇرئان پرىنسىپلىرى توغرىسىدا ئىزدىنىشكە بۈگۈنكىدەك مۇھتاج بولمىغان بولسا كېرەك. چۈنكى بۈگۈنكى كۆپلىگەن مۇسۇلمانلاردا ئۆزگەرمەس مەسىلىلەر بىلەن ئۆزگىرىشنى قوبۇل قىلىدىغان مەسىلىلەر ئارىلىشىپ كەتكەن، شۇ سەۋەبتىن ئۇلار ئۆزگەرمەس پرىنسىپلارنى ئۆزگەرتىپ تەرەققى قىلدۇرۇشقا ئۇرۇنغان، ئۆزگىرىشنى قوبۇل قىلىدىغان مەسىلىلەردە تەرەققى قىلماي توڭلاپ تۇرۇۋالغان. نەتىجىدە كۆپلىگەن جانلىق پرىنسىپلىرىنى يوقىتىپ قويغان، شۇڭا ھەرىكەت ۋە ئىجادىيەت ئامىللىرى ئۇلاردا شەكىللەنمىگەن.

 

ئىلمىي تەرەققىيات ۋە قۇرئان كەرىمنى مۇلاھىزە قىلىش:

پىسخولوگىيە، ئىجتىمائىي ۋە تەبىئىي پەن ساھەلىرىدىكى ئىلمىي تەرەققىيات قۇرئان كەرىمنى مۇلاھىزە ۋە تەپەككۇر قىلىشقا يېڭى پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بەرمەكتە. بىلىم مەرىپەت ۋە ئىلمىي سەۋىيەنىڭ تەرەققى قىلىشى مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئېلىپ بارماقتا. بۇ ھالەت قۇرئان كەرىمنىڭ ئاتالغۇلىرى، چۈشەنچىلىرى، ئىپادىلىرى ۋە ئىشارەتلىرىنى ياخشى چۈشىنىشتە تېخىمۇ قولايلىق شارائىت يارىتىپ بەرمەكتە .

ھايات سەھنىسىدىكى ئىلمىي ۋە مەدەنىيەت نەتىجىلىرىنىڭ ھەممىسى قۇرئان كەرىمنىڭ ھەممە نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچى ۋە ھەممە نەرسىدىن خەۋەردار ئاللاھ تەرىپىدىن چۈشكەنلىكىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە. ئىلمىي ۋە مەدەنىيەت كەشپىياتلىرى ئاللاھنىڭ بۇ سۆزىنى ئىزاھلاپ بېرىش ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەكتە: «ئۇلارغا بىز تاكى ئۇلارغا قۇرئاننىڭ ھەق ئىكەنلىكى ئېنىق بولغۇچە، (ئاسمان-زېمىن) ئەتراپىدىكى ۋە ئۆزلىرىدىكى (قۇدرىتىمىزگە دالالەت قىلىدىغان) ئالامەتلەرنى كۆرسىتىمىز، پەرۋەردىگارىڭنىڭ ھەممە نەرسىنى كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقى (سېنىڭ راستلىقىڭنىڭ دەلىلى بولۇشقا) ئۇلارغا كۇپايە ئەمەسمۇ » فۇسسىلەت سۈرىسى، 3- ئايەت.

 

جىددى ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەردىن بىر قانچە مىساللار:

بۈگۈنكى مۇسۇلمانلارنىڭ قۇرئان كەرىمنىڭ بارلىق سۈرىلىرى ۋە ئايەتلىرى ھەققىدە ئويلىنىش ئېھتىياجى ناھايىتى جىددى. كېسەل داۋالايدىغان دوختۇر جىددى مۇھىم دورىلارنى شارائىتقا قاراپ يېزىپ بەرگەندەك، جىددى شارائىت سەۋەبىدىن قۇرئان كەرىمنىڭ بەزى نۇقتىلىرىنى چۈشىنىش، مۇلاھىزە قىلىش ۋە ئويلىنىشقا جىددى ئېھتىياجىمىز بار. بۈگۈنكى مۇسۇلمانلار مەدەنىيەت جەھەتتىن تۇرغۇنلۇق كېسىلىگە دۈچ كەلمەكتە، چۈنكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مەھسۇلاتى ئاجىزلاپ كەتتى، ئۆلچەملىرى خەلقئارا ئۆلچەمدە يەڭگىل كېلىپ قالدى ۋە بىر تەمەخورنىڭ بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشىغا يولۇقتى. شۇڭا بىزنى مۇشۇ ھالغا كەلتۈرۈپ قويغان سەۋەب ۋە ئامىللارنى  بەلگىلەپ، ھەل قىلىش ۋە داۋالاش چارىلىرىنى تېپىپ چىقىشىمىز، شۇنداقلا قايسى دورا ۋە قايسى چارىنى بۇرۇن ئىشلىتىشىمىز لازىملىقىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇشىمىز كېرەك. مۇشۇ دائىرىدە تۆۋەندىكى بىر قانچە ئىشلاردا قايتا ئويلىنىشمىز لازىم.

1. بىر ئەسىر مابەينىدە مۇسۇلمانلار دۈچ كېلىۋاتقان دۇنياۋى سۈيىقەست ۋە زۇلۇم سەۋەبىدىن كۆپلىگەن مۇسۇلمانلار نەزىرىدە بىزنىڭ بۈگۈنكى كۈنگە قېلىشىمىزنىڭ سەۋەبى بىز دۈچ كېلىۋاتقان سىرتقى دۈشمەن دەپ قارايدىغان كۆز قاراشتۇر. بۇ دۇنيا سىناق دۇنياسى ۋە مەۋجۇتلۇقىنى قوغداشقا ئۇرۇنۇش دۇنياسى بولغانلىقى ئۈچۈن باشقىلارنىڭ بىزگە ئەزىيەت يەتكۈزۈشكە ئۇرۇنۇشى چۈشىنىشلىك بىر مەسىلە. قۇرئان كەرىم بىزنى بۇ مەسىلىدە توغرا كۆز قاراشقا يۈزلەندۈرۈپ، دۈشمەنلەرنىڭ سۈيىقەست تەسىرى چەكلىك بولىدۇ، دەپ كۆرسەتمەكتە: «ئۇلار سىلەرگە ئازار بېرىشتىن باشقا ھېچقانداق زىيان- زەخمەت يەتكۈزەلمەيدۇ؛ ئەگەر سىلەر بىلەن ئۇرۇشسا، سىلەرگە ئارقىسىنى قىلىپ قاچىدۇ، ئاندىن ئۇلارغا ياردەم بېرىلمەيدۇ» (ئال ئىمران سۈرىسى، 111- ئايەت).

يەنە :«ئەگەر سىلەر (ئۇلارنىڭ ئەزىيىتىگە) سەۋر قىلساڭلار ۋە (سۆزۈڭلاردا، ھەرىكىتىڭلاردا ئاللاھدىن)قورقساڭلار، ئۇلارنىڭ ھىيلىسى سىلەرگە قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ھەقىقەتەن تولۇق بىلگۈچىدۇر» (ئال ئىمران سۈرىسى، 120- ئايەت).  بۇ مەسىلىدە توختىلىۋاتقان قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىگە خەلقئارا مەسىلىلەر بىلەن بىرلىكتە چوڭقۇر نەزەر يۈرگۈزۈش-ئىچكى ۋە سىرتقى خىرىسقا دۈچ كېلىۋىتىپمۇ-ئەقلى ۋە پىسخىكا تەڭپۇڭلۇقى ئىچىدە ياشاش ئىمكانىيىتىنى يارىتىپ بېرىدۇ.

2.بۈگۈنكى كۆپلىگەن مۇسۇلمانلار تەنقىدنى سىرتقى دۈشمەنگە قارىتىلغان لازىر نۇردىن ئىبارەت دەپ قارايدۇ. مۇسۇلمانلار ئىچىدىكى ھەر بىر ئېقىم ۋە جامائەتلەر قىيىنچىلىق مەسئۇلىيەتلىرنى يەنە بىر ئېقىمغا ئىتتىرىپ قويىدۇ، بەلكى پۈتۈن بىر ئەۋلاد ئۆزلىرى دۈچ كېلىۋاتقان كىرىزىسنى ئۆزىدىن ئىلگىرى ياشىغان ئەۋلادلارغا ئارتىپ قويىدۇ. قۇرئان كەرىمگە چوڭقۇر نەزەر يۈرگۈزسەك پەيغەمبەرلەر مەسۇم (خاتالاشمايدىغان) تۇرۇقلۇق ئۆزلىرى توغرىسىدا ئېلىپ بارغان ئۆزلۈك تەنقىد ۋە تەكشۈرۈش ئەھۋاللىرى توغرىسىدا بىر قانچە ۋەقەلىكلەرنى سۆزلەپ بەرمەكتە. سەۋەبى ھەر دەۋردىكى ئەۋلادلارنىڭ پەيغەمبەرلەنىڭ يولىغا ئەگىشىپ، پەرۋەردىگارى ۋە ئۆزلىرىگە قارىتا كەلتۈرۈپ چىقارغان خاتالىقلىرىنى ھەل قىلىشقا دىققىتىنى قاراتماقچى.  مەسىلەن، بوۋىمىز ئادەم بلەن ئايالى ھەۋۋا ئانىمىزنىڭ چەكلەنگەن مىۋىنى يەپ سېلىپ خاتالىق ئۆتكۈزگەندىن كېيىنكى سۆزىگە قاراڭ:« ئۇلار:«پەرۋەردىگارىمىز! بىز ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز زۇلۇم قىلدۇق، ئەگەر سەن بىزگە مەغپىرەت قىلمىساڭ، بىزگە رەھىم قىلمىساڭ، بىز چوقۇم زىيان تارتقۇچىلاردىن بولىمىز،دېدى» (ئەئراف سۈرىسى، 23- ئايەت). يۈنۈس ئەلەيھىسسالام كەچۈرۈم سورىماقتا ۋە شەپقەت تىلىمەكتە:«يۇنۇسنىڭ (قىسسىنى بايان قىلغىن) ئۆز ۋاقتىدا ئۇ (قەۋمىنىڭ ئىمان ئېيتمىغانلىقىدىن) خاپا بولۇپ (شەھىرىدىن) چىقىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ بىزنى (بېلىقنىڭ قارنىدا) ئۆزىنى قىسمايدۇ دەپ ئويلىدى، ئۇ قاراڭغۇلۇقتا (يەنى بېلىقنىڭ قارنىدا): «(پەرۋەردىگارىم) سەندىن بۆلەك ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، سەن (جىمى كەمچىلىكلەردىن) پاكتۇرسەن، مەن ھەقىقەتەن (ئۆز نەپسىمگە) زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن بولدۇم» دەپ نىدا قىلدى» (ئەنبىيا سۈرىسى، 87-ئايەت). مانا قۇرئان كەرىمدىكى بۇ مىساللار بىزگە ئۆز-ئۆزىمىزنى تەنقىد قىلىش ۋە تەكشۈرۈش مەدەنىيىتىنى تەلىم بەرمەكتە. بۇرۇلۇش شەكىللىرىدىن قۇتۇلۇشىمىز ئۈچۈن قۇرئان كەرىمنىڭ ئۆزىنى ئۆزى تەكشۈرۈش مەدەنىيىتى توغرىسىدا تېخىمۇ كەشىپ قىلىپ چىقىشىمىز ۋە بۇ كۆز قاراشلىرى بىلەن تەسىرلىنىشىمىز لازىم.

3.ئىسلامنىڭ كۆرسەتمىلىرى كۆپ، ھاياتىمىزدىكى نۇقسان تەرەپلىرىمىز تېخىمۇ كۆپ. ئىسلاھاتقا چاقىرىدىغان دەۋەتچىلەرمۇ كۆپ، بىراق ئۇلارنىڭ بەزىلىرى بەزى ئىشلاردىكى بۇرۇلۇش خەتىرىنى چوڭايتىۋتىشكە مايىل بولۇپ، باشقا ئىشلاردىكى بۇرۇلۇشلارنى ئىسلاھ قىلىشتىن غاپىل قالغان. قۇرئان كەرىم كۆپ كۆڭۈل بۆلگەن ۋە تۈرلۈك ئۇسۇللاردا تەكرار بايان قىلغان نەرسىلەر پرىنسىپ ۋە ئاساسنى شەكىللەندۈرىدۇ، ئەگەر بىز مۇشۇ پرىنسىپ ۋە ئاساسىي مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بۆلسەك  شۇنىڭغا چېتىشلىق نۇرغۇن قىيىنچىلىقلىرىمىز ھەل بولۇپ كېتىدۇ. مەسىلەن، ئۆزىمىزنى ئاللاھقا تاپشۇرۇش، قىيامەت كۈنىدىن قورقۇش، ئىمان ئېيتىش، ناماز، زاكات، ئادىل ئىش قىلىش، بىلىم-مەرىپەت، تەقۋالىق ياخشىلىقنى قانات يايدۇرۇش ۋە كىشىلەر ئارىسىدا ياخشىلىق قىلىش مەسىلىلىرى ئاساسلىق پرىنسىپال مەسىلىلەر بولغانلىقى ئۈچۈن قۇرئان كەرىمدە كۆپ تەكرارلانغان. بۇ مەسىلىلەر پرىنسىپال مەسىلىلەر بولۇپ، ئىنساننىڭ دىيانىتى ۋە دۇنيا قاراشلىرى مۇشۇ ئاساستا ئىسلاھ بولىدۇ.

قۇرئان كەرىمگە قارايدىغان بولساق غەيۋەت قىلىش مەسىلىسى بىر قېتىم تىلغا ئېلىنغان، ئوغرىلىق قىلىش مەسىلىسى ئۈچ قېتىم تىلغا ئېلىنغان. ئەرلەرگە ئالتۇن ۋە يىپەك كىيىملەرنىڭ ھاراملىقى تىلغا ئېلىنمىغان… بۇ دېگەنلىك قۇرئان كەرىمنىڭ ئىنسانلارنىڭ مال مۈلكى، ئابرويىنى ساقلاشقا ھېرىس ئەمەسلىكىنى ياكى ئىسراپخورلۇق قىلىشقا سەل قارىغانلىقىنى كۆرسەتمەيدۇ. چۈنكى ئىمان مۇسۇلماننىڭ قەلبىدە مۇقىم ئورنىسا ۋە قىيامەت كۈنىدىكى ھېساب-كىتاب ئەقىدىسى ئىمانغا ھەمرا بولۇپ تۇرسا، مۇسۇلمان يۇقىردا تىلغا ئېلىنغان قەبىھ قىلمىشلارنى ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەنلىرىنىمۇ قىلىپ سېلىشتىن قول يىغىدۇ. ئىمان ئاساسلىرى ئىنساننىڭ قەلبى ۋە كۈندىلىك ھاياتىدا مۇستەھكەم بولمىسا، بەزى ھارام ئىشلاردىن قول تارتىش شەكلى مەسىلە بولۇپ قېلىپ، شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرىگە زىت كېلىدىغان بەزى گۇناھلارغا چۈشۈپ قېلىشقا سەۋەب بولىدۇ. شۇڭا قۇرئان كەرىمنى تەپەككۇر قىلىش ۋە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈش ھەل قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى مۇھىملىق تەرتىپى بويىچە رەتلەپ چىقىشقا ياردەم بېرىدۇ، شۇنداقلا ھەر  بىر قىيىنچىلىققا مۇناسىپ ھالدا  كۆڭۈل بۆلۈشتە پايدا يەتكۈزىدۇ.

4.ئاللاھ ئىنسان بالىلىرىنى قايسىنىڭ ياخشى ئىش قىلىدىغانلىقىنى سىناش ئۈچۈن ياراتقان، بۇ سىناق ئىككى ئىشتا نامايان بولىدۇ. بىرىنچىسى: ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە بويسۇنۇش ۋە چەكلىگەن ئىشلىرىدىن يىراقلىشىش. ئىككىنچىسى: زېمىننى خەزىنىلىرىنى كەشىپ قىلىش، يوشۇرۇن كۈچلەرنى قېزىش ۋە يوشۇرۇن كۈچلەر ئارىسىدىكى ئالاقىنى كەشىپ قىلىش ئارقىلىق گۈللەندۈرۈشتۇر. ئىسلاھات يولىدىكىلەر يۇقىرىقى ئىككى يولنى تەڭ قەدەمدە ئېلىپ مېڭىشقا ھەرىكەت قىلىشى كېرەك.

زېمىننى گۈللەندرۈرۈش ۋە ھاياتنى تەرەققى قىلدۇرۇش دىنىمىزنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن ماس قەدەمدە ماسلىشىشى لازىم. ئىلگىرىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخىغا قارايدىغان بولساق ئۇلارنىڭ ۋەيران بولۇپ كېتىشى زېمىننى گۈللەندۈرۈش ۋە ھاياتنى تەرەققى قىلدۇرۇشتا سەل قارىغانلىقى سەۋەبىدىن بولمىغان، بەلكى ئاللاھنىڭ يولى ۋە پەيغەمبەرگە ئاسىيلىق قىلىش سەۋەبىدىن بولغان. شۇنىڭ ئۈچۈن مەدەنىيەت يارىتىش ۋە ئويغىنىش پىلانلىرىدا شەرىئەت ۋە ئەخلاق مەسىلىلىرىگە كەڭرى مەيدان ئېچىپ بېرىلمىسە ئىلاھى كۆرسەتمىگە ئالاقىدار تەرەپ قەستەن سەل قارىلىپ قالىدۇ. قۇرئان يادلىتىش بىلەن قۇرئاننى مۇلاھىزە قىلىشقا بولغان ئېھتىياجىمىز بىر بىرىدىن تۆۋەن كېلىپ قالمايدۇ. دېمەك، قۇرئان يادلىتىشقا قانچىلىك كۆڭۈل بۆلسەك، قۇرئان ھەققىدە مۇلاھىزە ۋە تەپەككۇر يۈرگۈزۈشكە شۇنچىلىك ئېھتىياجىمىز بار.

 

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرى

25.12.2015 كۈنى

قاھىرە شەھىرى