ئۆزگەرتىش قانۇنىيىتى
ئاللاھ ئىنساننى ئەقىل بىلەن ئالاھىدە قىلىپ ياراتتى، ئۆزگەرتىشنى ئۇنىڭ ئىرادىسىگە مۇناسىۋەتلىك قىلدى ۋە ئىنساننى ئۆزگەرتىش ھەرىكىتىنىڭ تۈگۈنى ۋە ۋاستىسى قىلىپ بەلگىلىدى. ئۆزگەرتىش مېتودلىرى ئىنساننىڭ ئىقتىدارى، ئىمكانىيەتلىرىنى قېزىپ چىقىرىش ۋە ئىنساننىڭ كائىنات، ھايات بىلەن ماسلىشىپ ياشىشىغا پۇرسەت ھازىرلاپ بېرىش مىقدارى بىلەن ئۆلچىنىدۇ.
ئاللاھ ئىنسانغا مەدەنىيەت يارىتىش، ھاياتنى گۈللەندۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى يۈكلەپ، ئىنسانغا ئاجايىب يۇقىرى رول بەردى، تاللاش ئەركىنلىكىنى ئاتا قىلدى ۋە شۇ ئاساستا مۇكاپات-جازا بەلگىلىدى. ئاللاھ ئىنساننىڭ ھالىنى ئۆزگەرتىشنى ئىنساننىڭ ئىرادىسى، ھەرىكىتى ۋە ئىچكى دۇنياسىنى ئۆزگەرتىشكە باغلىدى. ئۆزگىرىش ۋە ئۆزگەرتىش ھەرىكىتىنىڭ ئىنساننىڭ ئىچىدىن باشلىنىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئىرادىسىگە باغلىق بولىدىغانلىقى ئاللاھنىڭ قانۇنىيتىدۇر:«ھەر بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ھالىنى ئۆزگەرتمىگىچە ئاللاھ ئۇنىڭ ھالىدىن ئۆزگەرتىپ قويمايدۇ»(رەئد سۈرىسى، 11-ئايەت).
«بۇ (يەنى ئۇلارغا نازىل بولغان ئازاب) شۇنىڭ ئۈچۈنكى، بىرەر قەۋم ئۆزلىرىنىڭ ھالىتىنى (كۇفرى ۋە گۇناھ بىلەن) ئۆزگەرتمىگىچە ئاللاھ ئۇلارغا بەرگەن نېمىتىنى ئۆزگەرتىۋەتمەيدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، قىلمىشىلىرىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر» (ئەنفال سۈرىسى، 53-ئايەت).
ئاللاھنىڭ ئىنسانلارغا بولغان ئىرادىسى ئىنسانلارنىڭ ئەھۋالى ۋە ئىستىلىغا باغلىق بولىدۇ، ئىنسان ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەيدۇ. يەنى توغرا يولنى تاللاپ جەننەتكە كىرىش ياكى خاتا يولنى تاللاپ دوزاخقا كىرىش ئىنساننىڭ ئىرادىسى ۋە ئىستىلىغا باغلىقتۇر.
ھەممىدىن قۇدرەتلىك ۋە ھەممىگە قادىر بولغان ئاللاھنىڭ قۇدرەت تەسىرىنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرۈۋاتىسىلەر، بۇ زات سىلەردىكى كەمبەغەللىك، مۇسىبەت، خورلۇق ۋە ئاجىزلىقنى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۆزگەرتىشكە قادىر. بۇ ئىش ئاللاھقا شۇنچە ئاسان بولسىمۇ، ئاللاھ بۇ ئىشقا سىلەرنىڭ ئىشنى باشتا باشلىشىڭلارنى شەرت قىلىدۇ. يەنى سىلەر ئۆزگەرتىش ئىرادىسىگە ئىگە بولساڭلارمۇ، ئاللاھ ياردەم بەرمىسە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارالمايسىلەر، شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر قانچە سەۋەبنى قولغا كەلتۈرسەڭلارمۇ قەلبىڭلار ئاللاھقا باغلانسۇن دېمەكچى.
رەسۇلۇللاھنىڭ ھاياتىغا قارىساق، رەسۇلۇللاھ مەدەنىيەت قۇرۇپ چىقىشتا قولايلىق بولغان بارلىق ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىشقا چاقىرغان، ھەر قانداق بىر ئەھۋالدا پۇرسەتتىن پايدىلىنىشنى تاشلاپ قويمىغان ۋە قىيىنچىلىقنى يېڭىشتە تۈرلۈك ئازابنى كۆتۈرگەن: «ئىش-ھەرىكەت قىلىڭلار، ھەممە ئىش نېمە ئۈچۈن يارىتىلغان بولسا، شۇ ئىش ئاسان بولىدۇ»(بۇخارى رىۋايىتى). پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ ئادەتتىن تاشقىرى قانۇنىيەتلەرنى كۈتۈپ تۇرماي، نورمال جارى بولۇپ تۇرىدىغان قانۇنىيەتلەر يولىنى تۇتۇپ ماڭغان.
شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر قانداق بىر ئۆزگەرتىش ھەرىكىتى دەسلەپتە ئىنساندىن، ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسىدىن ۋە ئىدىيە ساھەسىدىن باشلىنىشى كېرەك. ئەپسۇسكى بۈگۈنكى ئۆزگەرتىش مېتودلىرى پىكرىي ئالەمنىڭ مەنپەئەتىگە قارشى، ماددى ئالەمگە مەركەزلىشىۋالدى. ئاللاھنىڭ قانۇنىيىتى ئىنساننى ھاياتتىكى ئۆزگەرتىشنى پەيدا قىلغۇچى ۋە ئۇنىڭ ئىرادىسىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ دەپ مۇقەررەرلەشتۈردى. ئۆزگىرىش ۋە ئۆزگەرتىش قانۇنىيىتى ئىجتىمائىي قانۇنىيەت بولۇپ، مىللەت ۋە ئۈممەت خاراكتېرلىك بولمىسا، ئۈنۈم بەرمەيدۇ. چۈنكى ئايەت ئۆزگىرىش ۋە ئۆزگەرتىشنى قەۋم (مىللەت)گە باغلىماقتا. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلام دىنى ئىجتىمائىي ئۆزگىرىش مەسئۇلىيىتىنى كوللېكتىپ شەكىلدە بەلگىلىگەن، شۇنداقلا يىقىلىش ۋە زاۋاللىققا يۈزلىنىش مەسئۇلىيىتىنىمۇ مىللەت خاراكتېرلىك قىلىپ بەلگىلىگەن.
ئۆزگىرىش ۋە ئۆزگەرتىش ھەرىكىتى گەرچە ھەر-بىر ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسىدىن باشلىنىدىغان بولسىمۇ، ئاخىرقى باسقۇچتىكى نەتىجىسى تەرەققىي قىلىش، قىممەت-قاراشلىرىنى ئۈستۈن قىلىش ۋە جەمئىيەتنى شەرىئەت بىلەن تۈزەشنى ئارزۇ قىلغان بىر مىللەت بولۇش سانىلىدۇ.
ئىدىيە(كۆز-قاراش)ياكى ئىدىيە قۇرۇلمىسىنىڭ ساغلام بولىشى ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىشنىڭ ئاساسىدۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ قۇرئان ئارقىلىق كۈرەش قىلىشنى ۋە ئىدىيە قۇرۇلمىسىنى قۇرۇپ چىقىشنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بۈيۈك كۈرەش دەپ ئېتىبارغا ئالغان. نەمۇنە خاراكتېرلىك ئىسلام ئۆزگىرىش ھەرىكىتىمۇ قۇرئاننىڭ كۆز-قارشى ئاساسىدا قولغا كەلگەن:«ئۇلارغا قارشى قۇرئان بىلەن كاتتا كۈرەش قىلغىن» (فۇرقان، 52-ئايەت).
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرى