2024-يىل 6-ماي

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىشتا باشلىنىش نۇقتىسى دائىم قىيىن بولىدۇ

ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىشتا باشلىنىش نۇقتىسى دائىم قىيىن بولىدۇ

 

ئاللاھ:«سەندىن ئىلگىرى ئۈممەتلەرگە (نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى) ئەۋەتتۇق (ئۇلار پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى). ئۇلارنى ئاللاھقا تەۋبە قىلىپ يېلىنسۇن دەپ نامراتلىق ۋە ئاغرىق-سىلاق بىلەن جازالىدۇق»دەيدۇ (ئەنئام سۈرىسى،42-ئايەت).

بۇ يۇقىرىقى قانۇنغا تەۋە يەنە بىر قانۇن بولۇپ، قايسى بىر ئويغىنىش خاراكتېرىدىكى ئۆزگەرتىش ھەرىكىتى پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىش ئارقىلىق ئىمان، ئىستىل ۋە ھەزارەتنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى بىلەن بولىدىغانلىقىنى مۇقەررەرلەشتۈرمەكتە. بۇ ئويغىنىش ھەرىكىتىدە دائىم دېگۈدەك ئىقتىسادىيي كرىزىس ۋە ئىجتىمائىي مۈشكۈلىلەر بىرگە ھەمرا بولۇپ ماڭىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى كىشىلەرنىڭ قەلبىنىڭ يۇمشىشى ئۈچۈندۇر. چۈنكى نېمەتنىڭ كۆپەيگىنى ئىنساننى ھەددىدىن ئېشىشقا ئېلىپ بارىدۇ: «ئىنسان ئۆزىدە بىھاجەت بولغانلىقىنى كۆرگەندە ھەددىدىن ئاشىدۇ»(ئەلەق سۈرىسى، 6-7-ئايەت).

دېمەك، سىناقلار ئىنسان ئۈچۈن ئاللاھقا بولغان ئاجىزلىقى ۋە ئېھتىياجىنى ئەسلىتىدۇ، ئاللاھنىڭ مۇسىبەتنى كۆتۈرۈۋېتىشى ئۈچۈن يالۋۇرۇش ۋە سېغىنىشقا ئىتتىرىدۇ. شۇنداقلا خاپىلىقلار مىللەتلەردە قارشى تۇرۇش ئىرادىسىنى كۈچلەندۈرىدۇ.

رەسۇلۇللاھنىڭ ھاياتىغا قارايدىغان بولساق، رەسۇلۇللاھ ۋە ساھابىلەر مەككە مەزگىلىدە قىيىنچىلىقتا ياشىدى. رەسۇلۇللاھ مەدىنىگە ھىجرەت قىلغاندىن كېيىنمۇ مەدىنىدىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئاجىزلىقتىن خالىي بولالمىدى، كاپىرلار مەدىنىنىڭ ئەتراپلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ تۇراتتى، رەسۇلۇللاھ مەخسۇس قوغداش ئەترىتىنىڭ ھىمايىسىدە ئارام ئالالايتتى. شۇنداقلا كۆپ ساندىكى كىشىلەر مال-مۈلۈكلىرىنى قويۇپ مەدىنىگە ھىجرەت قىلغان بولغاچقا ئىقتىسادىي سەۋىيە تۆۋەن ئىدى. يېزا-سەھرالاردىن مەدىنىگە كەمبەغەل ئۆمەكلەر كەلسە، دۆلەت مالىيەسىدە ئىقتىساد يوق بولغاچقا ساھابىلەر مېھمان قىلىۋالاتتى. بەزىلەر مەسچىتنىڭ ئارقا ھويلىسىدا يېتىپ قوپاتتى.

دېمەك، ئاللاھنىڭ قانۇنىيىتىنىڭ ئۆزگەرمەي داۋاملىشىدىغانلىقىنى كىشىلەر بىلىشى كېرەك. بۈگۈنكى كرىزىس ۋە مۈشكۈلىلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ. كرىزىس ۋە مۈشكۈلىلەرگە قارىتا قۇرئان كەرىم تەلىم بەرگەندەك «ئاللاھقا يالۋۇرۇش ۋە سېغىنىش» ئاساسىدا مۇئامىلە قىلىشىمىز، پىرئەۋىننىڭ قەۋمىگە ئوخشاش ياخشىلىقنى ئۆزىمىزگە نىسبەت بېرىپ، قىيىنچىلىقنى باشقىلارغا نىسبەت بېرىدىغان كىشىلەردەك مۇئامىلە قىلماسلىقىمىز كېرەك:«ئۇلار ئەگەر (پاراۋانلىق-مولچىلىقتەك) بىرەر ياخشىلىققا ئېرىشسە، بىز بۇنىڭغا ھەقلىقمىز، دەيدۇ. ئەگەر ئۇلارغا بىرەر يامانلىق كەلسە، ئۇلار: مۇشۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان مۆمىنلەرنىڭ شۇملۇقىدىن كەلدى، دەيدۇ. ئۇلارغا يەتكەن ياخشىلىق بىلەن يامانلىق ئاللاھنىڭ تەقدىرىدۇر، لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى بۇنى (يەنى ئۇلارغا كەلگەن بالا-قازانىڭ ئۆز گۇناھلىرى تۈپەيلى ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەنلىكىنى) ئۇقمايدۇ»(ئەئراف سۈرىسى، 131-132-ئايەتلەر).

ئۆزگەرتىش قانۇنىيىتى سەۋەب-نەتىجە قانۇنىيىتىنىڭ ئەمەلىي مىسالىدۇر.

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرى