2024-يىل 16-ماي

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

ئىسلامدىكى مەسئۇلىيەت ئۇقۇمى

ئىسلامدىكى مەسئۇلىيەت ئۇقۇمى

ئاللاھ ئىنسانغا سىناق ئۈچۈن مۇناسىپ شارائىت يارىتىپ بەردى، ئىنسانغا ئەقىل- شەھۋەت، ياخشىلىق ۋە يامانلىق ئامىللىرى ئىچىدە ئەركىنلىكنى بەردى. ئىنساندا ئىتائەت نۇقتىسىنى تەكىتلەپ پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتى، ھىدايەت كىتابىنى چۈشۈرۈپ بەردى.

بۇ سىناق ھاياتى ئىنساندىن ياراتقۇچىسى ئاللاھغا ئىبادەت قىلىشنى تەقەززا قىلىدۇ. ئىبادەت: ئىمان، ئەمەل قىلىش ۋە كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئىتائەت قىلىش دېمەكتۇر.

سىناق ئىنساننىڭ ئىرادىسى ۋە ئەقلىگە قارىتىلغانلىقى ئۈچۈن مۇكاپات ياكى جازا ئىنساننىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قىلغان ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك.

ئاللاھ تائالا ھەر ئىنسانغا قارىتا بەلگىلەنگەن سىناق ۋە ئىمتىھاننى ھەر بىر ئىنساننىڭ ئىقتىدارى كۈچى ۋە ئىمكانىيىتىگە قارىتا ئورۇنلاشتۇردى.

ئاللاھ ئاتا قىلغان نېمەت قانچىلىك بولسا مەسئۇلىيەتمۇ شۇنچىلىك بولىدۇ، شۇڭا ئاللاھنىڭ ئاتا قىلغىنىغا قاراپ كىشىلەرنىڭ مەسئۇلىيەت دەرىجىسىمۇ پەرقلىق بولىدۇ.

دېمەك، مەرىپەت ساھەسىدە گالۋاڭ ۋە ئانچە زېرەك ئەمەس ئادەمنىڭ مەسئۇلىيىتى زېرەك ۋە ھۇشيار ئادەمنىڭ مەسئۇلىيىتىدەك ئوخشاش بولمايدۇ.

دەۋەت ۋە تەشۋىقات مەيدانىدا راۋان سۆزلەيدىغان زۇۋانداراز ئادەمنىڭ مەسئۇلىيىتى بىلەن نۇتۇق قابىلىيىتى ئاجىز ئادەمنىڭ مەسئۇلىيىتى باراۋەر بولمايدۇ.

خىزمەت مەيدانىدا كېسەل ياكى توكۇر ئادەمنىڭ مەسئۇلىيىتى بىلەن ساغلام ئادەمنىڭ مەسئۇلىيىتى ئوخشاش بولمايدۇ.

بىلىم- مەرىپەت مەركىزىدىن يىراق يېزا-قىشلاقلاردا ياشىغان ئادەم بىلەن مەرىپەت بۇلاقلىرى كۆپلەپ تېپىلىدىغان شەھەردە ۋە ئىسلامغا ئۇيغۇن مۇھىتتا ياشىغان ئادەمنىڭ مەسئۇلىيىتى ئوخشاش بولمايدۇ.

ئىقتىسادىي ياخشىلىق قىلىش ساھەسىدە باي ئادەم بىلەن كەمبەغەل ئادەمنىڭ مەسئۇلىيىتى ئوخشاش بولمايدۇ. كەمبەغەل ئادەم ئۆزى ۋە بالىلىرىنى بېقىشتا سەۋر قىلىش ۋە ھالال يولدىن پۇل تېپىشتا ئىقتىدارىنىڭ يېتىشىچە مەسئۇل.

ئەمما پۇلى كۆپ بايغا كەلسەك:ئاللاھغا شۈكرى ئېيتىشتىن، مال- مۈلۈكنى قەيەردىن تاپقانلىقتىن، ھالال يولغا ئىشلىتىشتىن ۋە ئىقتىسادى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتىن مەسئۇل. باينىڭ مال-مۈلكى ئاشقانسېرى مەسئۇلىيەت كۆتۈرۈلىدۇ. نېمەت قانچە كۆپ بولسا، مەسئۇلىيەت شۇنچە كۆپىيىدۇ. دېمەك، ئىككى يۈز مىڭ يۈۋەن پۇلى بار ئادەم بىلەن بىر مىليۇن پۇلى بار ئادەمنىڭ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتى ئوخشاش بولمايدۇ.

ئاللاھ تائالا قايسى بىر ئادەمگە ئەقىل ۋە زېرەكلىك ئاتا قىلغان بولسا، بۇ ئادەم ئەخمەق، دۆت ۋە گالۋاڭنىڭ ئەكسىچە بۇ نېمەتتىن مەسئۇل بولىدۇ.

ئاللاھ قايسى بىر ئادەمگە ئۇزۇن ئۆمۈر ئاتا قىلغان بولسا، ئۇ ئادەم ئۆمرىنىڭ مىقدارىدىن مەسئۇلىيەتكە تارتىلىدۇ.

ئاللاھ تائالا قايسى بىر ئادەمگە بىلىم- مەرىپەت ئاتا قىلغان بولسا، بىلىم- مەرىپەتنىڭ مىقدارىدىن مەسئۇلىيەتكە تارتىلىدۇ. مەسىلەن، 10 پارە قۇرئان كەرىم يادلىغان كىشى بىلەن بىر پارە يادلىغان كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى باراۋەر بولمايدۇ. 3 كىتاب ئوقۇغان ئوقۇغۇچى بىلەن 50 كىتاب ئوقۇغان ئوقۇغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئوخشاش بولمايدۇ. تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن كىشى بىلەن ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى تەڭ بولمايدۇ. ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئالىم بىلەن ماگىستىرلىققا ئېرىشكەن ئالىمنىڭ ياكى دوكتۇر بولغان ئالىمنىڭ مەسئۇلىيىتى ھەرگىزمۇ تەڭ بولمايدۇ. بىلىم- مەرىپەت نېمىتى قانچە ئاشسا، مەسئۇلىيەت دەرىجىسى شۇنچە كۆپىيىدۇ ۋە ئاشىدۇ.

ئاللاھ قايسى بىر ئادەمگە جىسمانىي كۈچ- قۇۋۋەت ۋە قەيسەرلىك روھىنى ئاتا قىلغان بولسا، بۇ ئادەم بۇ نىمەتنىڭ مىقدارىدىن مەسئۇلىيەتكە تارتىلىدۇ.

ئاللاھ تائالا كىمگە كادىرلىق ۋە ۋالىلىقتىن مەنسەپ ۋە ھوقۇق ئاتا قىلغان بولسا، بۇ نېمەتتىن مەسئۇلىيەتكە تارتىلىدۇ.

دېمەك، ئاللاھ ئىنسانغا ئاتا قىلىۋاتقان باشقا نېمەتلەرمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش. مەسئۇلىيەت دائىم نېمەتنىڭ مىقدارى بىلەن ماس كېلىدۇ، نېمەت مىقدارىدا ھېساب بولىدۇ.

قۇرئان ۋە ھەدىس شەرىپتە بۇنىڭ  پاكىتلىرى كۆپ، ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: «(جىھادقا چىقالمىسا)قارىغۇ، توكۇر ۋە كېسەلگە ئوخشاش ئۆزرىسى بار ئادەملەرگە گۇناھ يوق» دەيدۇ.)نۇر سۈرىسى، 61-ئايەت).

بۇ ئايەت، يۇقىرىقى تۈرگە كىرمەيدىغانلارنىڭ ئۆزرىسى يوق، ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيىتى بار دېگەن ئۇقۇمنى بەرمەكتە.

دېمەك، مەسئۇلىيەت قانچە ئېغىرلاشسا، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ مۇكاپات ۋە جازامۇ شۇنچە ئېغىرلىشىدۇ.

يەنە ئاللاھ تائالا:« ئىمكانىيىتى يۇقىرى ئادەملەر ئىمكانىيىتىگە يارىشا چىقىم قىلسۇن. كىمنىڭ ئەھۋالى تۆۋەن بولسا، كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلسۇن. ئاللاھ ھەر ئادەمنىڭ كۈچىنىڭ يېتىشىچە مەسئۇلىيەتكە تارتىدۇ»دەيدۇ، ) تالاق سۈرىسى، 7-ئايەت).

دېمەك، بۇ ئايەت مەسئۇلىيەتنى كۈچىنىڭ يېتىشىچە قىلىش لازىم، دېگەن كۆرسەتمىنى بەرمەكتە.

نېمەتنىڭ تۈرلۈك ۋە ئوخشىمىغان شەكىلدە بېرىلىشىدە ئاللاھنىڭ ھېكمىتى بار. ئىنسانىيەت ھاياتنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش كۆزدە تۇتۇلغان ۋە بىر بىرىنى تولۇقلاش مەقسەت قىلىنغان.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:« ئاللاھ تائالا سىلەرنى زېمىننىڭ ئىزباسارى قىلدى، سىلەرنىڭ بەزىڭلارنى يەنە بەزىڭلاردىن بىر قانچە دەرىجە ئۈستۈن قىلدى. مەقسەت سىلەرگە بەرگەن نېمەت ۋە رىزىق ئارقىلىق سىلەرنى سىنىماقچى» (سۈرە ئەنئام، 165-ئايەت).

*****

قۇرئان كېرىم ئىنسان توغرىسىدا كۆپ ئايەتلەردە توختالدى، قۇرئان كېرىم ئىنساننى ئەقىدە، ئىدىيە، تەربىيە، مەدەنىيەت، تارىخ، سىياسەت، ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتىن تەربىيىلەشكە ئەھمىيەت بېرىدۇ.

‏«شەخسى مەسئۇلىيەت» شەرئى جەھەتتىن مەسئۇلىيەتكە تارتىشنىڭ نۇقتىسى ۋە ھېسابقا تارتىلىشنىڭ ئاساسىي. قەيەردە شەخسى مەسئۇلىيەت تېپىلىدىكەن، شۇنداقلا بۇ مەسئۇلىيەتكە قارىتا مۇكاپات ياكى جازادىن ئىبارەت ھېسابقا تارتىش تېپىلسا ۋەتەننىڭ گۈللىنىشى رېئاللىققا ئاشىدىغانلىقىنى تارىخ ئىسپاتلاپ بەرمەكتە. ئىسلام دۇنياسىنىڭ يەر شارىدىكى مەۋجۇتلىقىمۇ شەخسى مەسئۇلىيەتكە باغلىق.

‏ئاللاھ تائالا:«ئاللاھ ۋە پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئەگەر يۈز ئۆرۈسەڭلار، پەيغەمبەرگە يۈكلەنگەن ۋەزىپە بار، سىلەرگىمۇ يۈكلەنگەن مەسئۇلىيەت بار» دەيدۇ، ( نۇر سۈرىسى، 54- ئايەت). بۇ ئايەتكە نەزەر تاشلىغىنىمىزدا ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭمۇ يۇقىرى شەرەپكە ئېرىشكەن تۇرۇقلۇق مەسئۇلىيەتتىن خالى ئەمەسلىكىنى كۆرەلەيمىز.

‏«شەخسى مەسئۇلىيەت»ئىنسانىيەت جەمئىيىتى تايىنىدىغان ئاساسىنىڭ ئۇلى. بۇ قائىدە ئىنساننى«خىزمەت قىلساڭ، ئىشلىسەڭ نەتىجىگە ئېرىشىسەن»دېگەن ئۇقۇم ئاساسىدا تەربىيىلەيدۇ. كىم ياخشىلىق قىلسا ياخشىلىقنى قولغا كەلتۈرىدۇ، كىم يامان ئىش قىلسا يامان نەتىجىگە ئېرىشىدۇ. كىم تەرەققىيات ئۈچۈن ھەرىكەت قىلسا تەرەققىياتنىڭ مېۋىسىنى قولغا كەلتۈرىدۇ، كىم تەرەققىياتقا ئىنتىلمىسە قالاقلىق ۋە مەدەنىيەتسىزلىكنىڭ دەردىنى تارتىپ پاسسىپ ۋە خار ھالدا ياشايدۇ.

‏قۇرئان كىرىم:«بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ، ئىنسان نېمىگە ئىنتىلسە شۇنىڭغا ئېرىشىدۇ، ئىنسان ئىنتىلىشى ۋە ھەرىكىتىنىڭ نەتىجىسى پات ئارىدا كۆرۈلىدۇ» دەيدۇ، (نەجىم سۈرىسى، 38-40(.

‏مەزكۇر ئايەتنىڭ روھىغا قارىساق، ھەر بىر ئىنسان قىلمىشىنىڭ نەتىجىسىنى كۆتۈرىدۇ، ھەر بىر ئادەمگە مەسئۇلىيەت بار. ئىنساننىڭ قولغا كەلتۈرىدىغان نەتىجىسىنىڭ قىلمىشىغا باغلىق ئىكەنلىكى مەسئۇلىيەتنىڭ تەقەززاسى. ئىنسان پات ئارىدا قىلمىشىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ ۋە شۇنىڭغا ئاساسەن مۇكاپاتلىنىدۇ ياكى جازالىنىدۇ.

‏ئەگەر بىر ئادەم تەرەققىياتقا باشلاپ بارىدىغان بىرەر ئىشنى قىلغان بولسا تەرەققىيات ئۇزۇنغا قالماي رېئاللىققا ئاشىدۇ. قالاقلىق ۋە ئارقىدا قېلىشقا ئالاقىدار بىرەر ئىشنى قىلغان بولسا، ئۇزۇنغا قالماي ئارقىدا قالىدۇ ۋە نەس باسىدۇ.

‏دېمەك، بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمنىڭ نەتىجىسىنى كۆتۈرمەيدۇ، ئىنساننىڭ قولغا كەلتۈرۈدىغان نەتىجىسى قىلمىشىغا باغلىق. ھەر بىر ئادەم شەخسى مەسئۇلىيەتكە قارىتا جەمئىيەتتە قىلمىشىنىڭ نەتىجىسىنى شەكسىز كۆرىدۇ.

‏ھەر بىر ئىنسان باشقىلاردىن قىلمىشلىرىدىن مەسئۇلىيەتكە تارتىلمايدۇ، ئۆزىنىڭ شەخسى قىلمىشىدىن مەسئۇلىيەتكە تارتىلىدۇ. ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: «زالىملارغا يان باسماڭلار، مايىل بولماڭلار، (مايىل بولساڭلار)دوزاخ ئازابىغا قالىسىلەر، سىلەرگە اﷲ دىن باشقا(دوزاختىن قۇتۇلدۇرىدىغان)ھېچ ياردەمچى يوقتۇر، ئاندىن كېيىن ھېچ ياردەمگە ئېرىشەلمەيسىلەر».(ھۇد، 113-ئايەت).

‏ئايەتنىڭ مەنىسى: زالىم تەرەپتە تۇرغانلا، زالىمنىڭ دۇمبىقىنى چالغانلار جەمئىيەتتە يۈز بەرگەن بارلىق مۇسىبەت، خاپىلىق ۋە زۇلۇمغا سەۋەب بولىدۇ. بۇ زالىم تەرەپتە تۇرغان ئادەمنىڭ شەخسى مەسئۇلىيىتى، بۇ ئادەم جەمئىيەتنىڭ ۋەيران بولۇپ كېتىشىدىن مەسئۇل.

‏زالىم تەرەپتە تۇرۇش، زالىمنىڭ ئىش ھەرىكىتىنى قوللاش، زالىمنىڭ زۇلۇملىرىغا سۇكۇت قىلىش بالايى-ئاپەتنىڭ سەۋەبىدۇر. زالىم تەرەپتە تۇرغان، زالىمنىڭ ئىش ھەرىكىتىنى قوللىغان ئادەم زۇلۇم قىلغان بولىدۇ ۋە شەخسى مەسئۇلىيەتتە كەمچىللىك قىلغان بولىدۇ.

دېمەك، ھەر قانداق بىر مۇسۇلمان مۇسۇلماندارچىلىق مەسئۇلىيىتىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. ھەر بىر ئادەم قولىدىن كېلىشىچە مەسئۇلىيىتى بار. تىجارەتچى، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچى، دېھقان، ھۈنەرۋەن، ئوقۇغۇچى، ئالىم، كادىر… ھەممىسىنىڭ ئىسلامنى ئۆزىگە تەتبىقلاش، ئىسلام كۆرسەتمىسى بويىچە ياشاش ۋە باشقىلارغا يەتكۈزۈش مەسئۇلىيىتى بار. شۇنداقلا جەمئىيەتتە باشقىلارنى ياخشى ئىشلارغا يېتەكلەش ۋە جەمئىيەتتىكى رەزىل، ناچار ۋە پاسسىپ ئىشلاردىن چەكلەش مەسئۇلىيىتىمۇ بار. مۇسۇلمان دەپ دەۋا قىلسىڭىز مەسئۇلىيىتىڭىزنى بىلىڭ ۋە ئىجرا قىلىڭ. مەن مۇسۇلمان ئەمەس دېسىڭىز، ئۇ ۋاقتىدا سىز پەقەت ئۆزىڭىزدىنلا مەسئۇل بولىسىز… ھېسابى قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ ئالدىدا بولىدۇ…

ئاللاھ بۇ توغرىدا:«كىم قىلچىلىك ياخشىلىق قىلسا نەتىجىسىنى بۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە كۆرىدۇ. كىم قىلچىلىك يامان ئىش قىلسا زىينىنى بۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە كۆرىدۇ» دەيدۇ.( زەلزەلە سۈرىسى، 7-ئايەت).

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرى

2014- 4- 7 كۈنى

 قاھىرە.