2024-يىل 29-ئاپرېل

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

شىئەلەرگە قانداق پوزىتسىيە تۇتۇش كېرەك؟

شىئەلەرگە قانداق پوزىتسىيە تۇتۇش كېرەك؟

 (1)

شىئەلەرنىڭ ئەھلى سۈننىگە قارىتا خەتەرلىرى

شىئەلەر دۇنيادىكى بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئاران 11% تەشكىل قىلىدۇ، (يەنى دۇنيا بويىچە 150 مىليون شىئە مەۋجۇد).  مۇتلەق كۆپ نىسبەتتىكى ئەھلى سۈننى مۇسۇلمانلار دۇنيادىكى11% شىئەلەردىن ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ئەقىدە، ئەخلاق، تارىخ ۋە سىياسى قائىدىلىرىگە رېئايە قىلىشنى تەلەپ قىلماي، شىئەلەرنى ئىسلام جەمئىيىتى ئىچىدە ساقلاپ قالىمىز دەپ ئۆزگەرمەس پرىنسىپلىرىدىن ۋاز كېچىشى ئوچۇق زۇلۇمدىن ئىبارەت.

ئەمەلىي رېئاللىققا نەزەر سالىدىغان بولساق، شىئەلەرنىڭ پىتنىسى ئويغاق ۋە يالقۇنلاپ تۇرماقتا، ئۇلارنىڭ تەسىرى كۆپلىگەن ئىسلام دىيارلىرىدا قاينىماقتا. مەسىلەن، ئىراق ۋە سۈرىيەدە ئەھلى سۈننى مۇسۇلمانلارنىڭ قېنى شىئەلەر تەرىپىدىن ھەقسىز تۆكۈلمەكتە.

مەسىلىنىڭ يىلتىزىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ھازىرقى دەۋر ئەھلى سۈننى مۇسۇلمانلىرىغا شىئەلەرنىڭ بەش تۈرلۈك خەتىرىنى چۈشەنسەك كۇپايە:

(1). شىئەلەر ساھابىلەرگە توختىماي ھۇجۇم قىلماقتا، ساھابىلەرگە ھۇجۇم قىلىش شىئەلەرنىڭ نەزىرىدە دىننىڭ ئاساسىغا ئايلىنىپ قالغاندەك كۆرۈنىدۇ. ساھابىلەرنىڭ بولۇپمۇ ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى، ئۆمەر ۋە ئوسمانلارنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنسا شىئەلەرنىڭ ئوغىسى قاينايدۇ. شىئەلەرنىڭ ساھابىلەرگە قىلغان جىنايەتلىرىگە سۈكۈت قىلىش دىننىڭ پرىنسىپىنى زايا قىلىۋەتكەنلىك بولىدۇ.

ساھابىلەرگە تەنە قىلغانلىق ئەمەلىيەتتە بىۋاستە دىنغا قىلىنغان تەنىدىن ئىبارەت، چۈنكى بىز دىننى مۇشۇ ساھابىلەردىن ئالدۇق. ئەگەر ساھابىلەرنىڭ ئەخلاقى،نىيەتلىرى ۋە ئەمەللىرى توغرىسىدا شەك-گۇمانلار تاشلانسا، رەسۇلۇللاھنىڭ ھەدىسلىرى ۋە كۆرسەتمىلىرى يوقاپ كېتىدۇ. قۇرئاننى بىزگە يەتكۈزگەنلەر ساھابىلەر ئەمەسمۇ؟  قۇرئاننى پارچە ماتېرىياللاردىن دەسلەپتە توپلاپ چىققان ساھابە ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ئەمەسمۇ؟

رەسۇلۇللاھ:«سىلەر مېنىڭ يولۇمنى ۋە مەندىن كېيىن توغرا يول تۇتۇپ ماڭغان خەلىپىلەرنىڭ يولىنى تۇتۇپ مېڭىڭلار»(تىرمىزى، ئىبنى ماجە ۋە ئەھمەد بايان قىلغان)دەپ كۆرسەتمە بەرمىدىمۇ؟. دېمەك، تۆت خەلىپىنىڭ يولى ئىسلام دىنىنىڭ پارچىلانماس بىر قىسمى. ھەزرىتى ئەبۇبەكرى، ئۆمەر، ئوسمان ۋە ئەلى چىقارغان ھۆكۈملەر قىيامەتكىچە ھەر ۋاقىت ۋە ھەر ئورۇندىكى مۇسۇلمانلارغا ھۆججەت ئورنىدا. قانداقمۇ بۇ ساھابىلەرگە تەنە قىلىشنى قوبۇل قىلغىلى بولسۇن؟!.

2007- يىلى «راپسانجانى» بىلەن «دوكتۇر يۈسۈپ قەرزاۋى» ئارىسىدا بىۋاستە ئېلىپ بېرىلغان نەخ مەيدان مۇنازىرىدە، راپسانجانى دېگەن رافىزى ساھابە توغرىسىدا بىر ئېغىز ياخشى سۆز قىلغىلى ئۇنىمىغان. شىئە ئىقىلاۋىنىڭ داھىسى «ھۇمەينى» ساھابىلەرنى تىللاش توغرىسىدا سوئال سورالغاندا خاتا ياكى ھارام دېمەي جىم تۇرۇۋالغان.

(2). شىئەلەر ئىسلام دۇنياسىدا شىئەلەشتۈرۈش ئەقىدىسىنى قوللانماقتا. شىئەلەشتۈرۈش شىئەلەر ياشاپ كېلىۋاتقان ئىران، ئىراق ۋە لىۋان بىلەن چەكلىنىپ قالماستىن، ھازىر بەھرەين، دۇبەي، سۈرىيە، ئىئوردانىيە، سەئۇدىي ئەرەبىستان، ئافغانىستان، پاكىستان ۋە باشقا ئەللەرگە شىددەت بىلەن ھۇجۇم قىلماقتا. كۆپلىگەن مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىنى شىئە دەپ ئويلىماي تۇرۇپمۇ، شىئەلەرنىڭ ئىدىيىسى ۋە پرىنسىپلىرىنى قوبۇل قىلماقتا.

شىئەلەرنىڭ مېتودى بىلەن سوپىلارنىڭ مېتودى ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقى ئۈچۈن بۇ مەسىلە تېخىمۇ مۇرەككەپ. سوپىزىم ئېقىملىرىنىڭ كۆپىنچىسى شىئەنىڭ بەزى پرىنسىپلىرى بىلەن ئورتاقلىشىپ قالىدۇ، شۇڭا سوپىزىم تارقالغان يۇرتلاردا شىئە ئېقىمنىڭ تارقىلىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى كۈچلۈك.

(3).پەقەت 2003- يىلدىن تارتىپ 2006- يىلغىچە ئىراقتىكى 150 مىڭدىن ئارتۇق ئەھلى سۈننى مۇسۇلمان ئىراق ۋە ئىران شىئەلىرىنىڭ قولى بىلەن شېھىت قىلىنغان. ئىراقتا سۈننى مۇسۇلمانلارنى پەقەت سۈننى بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئۆلتۈرىدىغان ئىش شىئەلەر تەرىپىدىن تەكرار يۈز بەرمەكتە.

شىئەلەر «ئەھلى سۈننى»نى دۈشمەن دەپ قارايدۇ، مەسىلەن ھۇمەينى مۇنداق دەيدۇ:«ئەھلى سۈننىلەرنى دۈشمەن قاتارىغا كىرگۈزۈش كۈچلۈك كۆز قاراش، ئۇلاردىن قولغا كەلگەن غەنىمەت مۇباھ، بەلكى قەيەردە بولسا، ئۇلارنىڭ ماللىرىنى ئېلىۋالسا دۇرۇس»(ھۇمەينى: «ۋاسىتىنى ئېنىقلاش»، 1-توم، 352-بەت).

شىئەلەرنىڭ شەيتان موللىسى سىستانى:ئامېرىكىلىقلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشنى ھارام قىلغان ۋە ئەھلى سۈننى مۇسۇلمانلارنىڭ قېنىنى ھالال قىلغان.

(4). ئىران شىئەلىرى ئىراقنى شىئەلەشتۈرۈپ ھەر قايسى تەرەپتىن ئەھلى سۈننى سىقىۋاتىدۇ. ئەھلى سۈننىلەرنى چەتئەلگە ھىجرەت قىلىشقا قىستاپ، شىئە دائىرىسىنى كېڭەيتمەكتە. غەرب كۈچلىرى بۇ يۆلىنىشنى ئەلۋەتتە قوللايدۇ ھەم قوللاپ كەلمەكتە.

(5). ئىران شىئەلىرى ئەتراپىدىكى ئىراق، سەئۇدى ۋە بەھرەين ئەھلى سۈننى ئەللىرىگە بىۋاستە تەھدىت سېلىۋاتىدۇ.

دېمەك، شىئەلەرنىڭ خەتىرى بۇنىڭدىن چوڭ، تارىخقا نەزەر تاشلىساق بۇلارنىڭ خەتىرى تېخىمۇ ئېنىق نامايان بولىدۇ. مەسىلەن، شىئەلەرنىڭ بۇۋەيھىيە دۆلىتى(933-1066م) خرىستىيان بىزانتىنىيە دۆلىتىگە قارىشى ئۇرۇش قىلماي، ئابباسىيە خەلىپىلىكىگە قارىشى ئۇرۇش قىلغان. تارىختا «پاتىمىيە» دەپ ئاتالغان «ئۇبەيدىيۇن»(926م)ئىسمائىلىيە شىئەلىرى مىسىرنى 200يىل بېسىۋالغان. خرىستىيانلار سۈرىيە ۋە پەلەستىنگە ھۇجۇم قىلىپ كەلگەندە خرىستىيانلار بىلەن ئۇرۇش قىلماي، مۇشۇ رايونلاردىكى سۈننى سەلجۇقىلارغا قارىشى خرىستىيانلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ئۇرۇش قىلغان.

شىئەلەرنىڭ «سەپەۋى»دۆلىتى(1502-1722م)فرانسىيە،ئەنگىلىيە ۋە روسىيەگە قارىشى ئۇرۇش قىلماي، سۈننى ئوسمانلىلار دۆلىتىگە قارىشى ئۇرۇش قىلغان. «سەپەۋى» شىئەلىرى سۈننى ئىران زېمىنىنى شىئە زېمىنىغا ئايلاندۇرۋەتكەن، قالغىنىنى ھازىرقى ئىران شىئەلىرى تاماملىغان. شىئەلەر كۈچەيگەن ھامان ئەھلى سۈننىگە بېسىم ۋە زۇلۇم قىلىپ كەلگەن.

دېمەك، مۇشۇ تارىخلارغا نەزەر سالساق، ئىران يەھۇدى ياكى ئامېرىكىغا قارىشى ئۇرۇشقا ھەرگىزمۇ كىرمەيدۇ. ئۆزى ھۇجۇمغا ئۇچراپ قالسا ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىش ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىشى مۇمكىن.

«ئەھمەد نەجاد» ئىراقنى ئامېرىكنىڭ ھىمايسى ئاستىدا زىيارەت قىلغانلىقى ئامېرىكا بىلەن ئىران ئالاقىسىنىڭ يامان ئەمەسلىكىنى كۆرىسىتىپ بېرىدۇ. ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرقتە ئەسكەرلىرىنى داۋاملىق تۇرغۇزۇش ئۈچۈن ئىراندىن ئىبارەت  بۆبۆش»كە مۇھتاج.

(6). سۈرىيەگە قارايدىغان بولساق 40 يىلنىڭ مابەينىدە «پەيغەمبەرلىكنى دەۋا قىلىپ ۋە ئەلىنى ئاللاھنىڭ ئۆزى شۇ دەپ دەۋا قىلىغان نۇسەيرى مەزھىپى»گە تەۋە «ئەلىۋەييىن» دەپ ئاتالغان شىئەلەر سۈرىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلماقتا.

گەرچە سۈرىيەدىكى نۇسەيرى شىئەلىرى 10% نى تەمسىل قىلمايدىغان بولسىمۇ، ھاكىمىيەتنى كونترول قىلىپ كەلمەكتە. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىران، ئىراق، سۈرىيە ۋە لىۋان شىئەلىرى ئىسلام ئۈممىتىنىڭ شەرقىنى غەربىدىن ئايرىۋېتىدىغان خەتەرلىك توسالغۇ بولۇپ كۆرۈنمەكتە.

(7). سۈننى ئىسلام دۇنياسىدا شىئەلەرنىڭ داھىيسى «ھەسەن نەسرۇللاھ» بىلەن ئىراننىڭ سابىق رەئىسى«ئەھمەد نىجاد»بىلەن ئەجەبلىنىش پىتنىسىگە ئۇچراش ئەھۋالى مەۋجۇد. سۈننى ئىسلام ئەللىرىدە مۇشۇ ئىككى رافىزىغا ئوخشاش سۈننى داھىيلارنىڭ يوقلىقى، بۇ ئىككى شىئەنىڭ ئۆز مەسىلىسىدە قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلىرى سۈننى مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن پىتنە پەيدا قىلماقتا.

بۇ يەردە سۈننى مۇسۇلمانلارغا شۇنى ئەسكەرتىش كېرەككى، شىئەلەرنىڭ بىرەر مەسىلىسىدە غەلىبە قىلغانلىقى ئەقىدىسىنىڭ ساغلاملىقى ۋە تۇتقان يولىنىڭ توغرىلىقىنى ئىپادىلىمەيدۇ. چۈنكى بىز ھەقىقى ئىسلام يېتەكچىسىنىڭ: ئەقىدە، ئەخلاق، بىلىم-مەرىپەت، شەرىئەتكە ئۇيغۇن ئەمەل قىلىش، ئىسلام دىنىغا ياردەم بېرىش ۋە ئىسلام شەرىئىتىنى بۇرمىلىماستىن مۇستەھكەملەش ساھەسىدە تەڭپۇڭلۇقنى، ئوتتۇراھاللىق ۋە مۇكەممەللىكنى ئىشقا ئاشۇرغان يېتەكچى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمىز.

ئىسمائىل سەفەۋى ئىراندا(1502-1524م) كۈچلۈك دۆلەت تىكلەپ، ئىدارە ۋە تەشكىللەش جەھەتتىن ھەيران قالارلىق شەكىلدە قۇرۇپ چىقتى. بۇ دۆلەتنىڭ ئاساسلىرى مۇكەممەللەشكەندە نېمە ئىش قىلدى؟ بۇ دۆلەت ئوسمانىلار دۆلىتىگە ئارقا تەرەپتىن خەنجەر سانجىمىدىمۇ؟ ئىراقلىقلارنى شىئەلىشىشكە مەجبۇرلىمىدىمۇ؟ ئەھلى سۈننى ئوسمانىلار دۆلىتىگە قارىشى پورتۇگالىيە بىلەن بىرلەشمىدىمۇ؟. ئەقىدىسى ساغلام بولمىغان ۋە دىنى چۈشەنچىسى خاتا بولغان ئازغۇنلارنى قانداقمۇ ئۈلگە ئورنىدا كۆرگىلى بولسۇن؟

(8). 150 مىليون مۇسۇلمان داۋاسىنى قىلىدىغان ئادەملەرنى خاتالىقىدىن ئاگاھلاندۇرماي، توغرا ئىشقا بۇيرۇپ ۋە يامان ئىشلاردىن توسماي تاشلاپ قويۇش ھېكمەتكە ئۇيغۇنمۇ؟ بۇلارنىڭ ئىچىدە ھەقىقەتنى تونۇسا توغرا يولغا قايتىدىغانلىرى بار ئەلۋەتتە…

(9). ئىراندا ياشاۋاتقان 20 مىليوندىن ئارتۇق ئەھلى سۈننى مۇسۇلماننى كىم ھىمايە قىلىدۇ؟ ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندا مىليون سۈننى مۇسۇلمان بىر سۈننى مەسچىت سېلىش ئۈچۈن كۆرەش قىلماقتا، بۇلار ھازىرغىچە رۇخسەتكە ئېرىشەلمىدى. ئۇنىڭدىن سىرت ئەھلى سۈننىنىڭ مەسچىتلىرى ۋەيران قىلىنماقتا. مەسىلەن، 1994- يىلى خۇراساندىكى شەيخ پەيزىنىڭ مەسچىتىنى ئاندىن بىلۇشتاندىكى چوڭ مەسچىتنى ئىچىگە كىرىۋالغان 200 ياش بىلەن ئۆرۈپ تاشلىغان.

ئىراندىكى 20 مىليون ئەھلى سۈننى مۇسۇلمان مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇش ماتېرىياللىرى ئەھلى سۈننىڭ ئەقىدىسى ۋە پرىنسىپى بىلەن ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. بەلكى شىئەلەرنىڭ ئىدىيىسى ۋە بىدئەتلىرىدىن ئىبارەت. ئىراندىكى ئەھلى سۈننىڭ كۈنى بەك تەس، ئىراقتىكى ئەھلى سۈننىڭ كۈنىمۇ تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىدە تەس. كىم تەرىپىدىن ئازغۇن شىئەلەر تەرىپىدىن… مۇشۇنداق خەتەرلەر تۇرسا شىئەلەردىن ئاگاھلاندۇرماي تاشلاپ قويساق، ھېكمەتكە ئۇيغۇن ئىش بولارمۇ؟

 

(2)

شىئەلەرگە قانداق پوزىتسىيە تۇتۇش لازىم؟

1.بارلىق ئەھلى سۈننى ئالىملار شىئەلەرنىڭ 12 ئىماملىق تارمىقىنى ئازغۇن ۋە بىدئەتچى مۇسۇلمان، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارغا ئىسلام ئەھكاملىرى ئومۇمى شەكىلدە جارى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.

شۇنداقلا كۆپچىلىك ئەھلى سۈننى ئالىملار شىئەلەرنىڭ بەزى ئېقىملىرىنى «كاپىر» دەپ قارايدۇ. مەسىلەن، ئىسمائىلىيە ۋە نۇسەيرىيە ئېقىملىرىغا ئوخشاش.

  1. شىئە مېتودلىرىدىكى ئېغىر بۇرۇلۇش سەۋەبىدىن، ئۇلار بىلەن ئەھلى سۈننى ئارىسىدا ئەقىدە ۋە پىقھى جەھەتتىن يېقىنلىشىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى كېسىپ ئېيتالايمىز. چۈنكى شىئەلەر بەزىلەر خىيال قىلغاندەك شەرىئەتكە ئۇيغۇن مەزھەپ ئەمەس، ئۇ توغرا يولدىن بۇرۇلۇشتىن ئىبارەت. توغرا يول بىلەن بۇرۇلۇش ئارىسىنى يېقىنلاشتۇرۇش بۇرۇلۇشتىن باشقا نەتىجە بەرمەيدۇ، بۇ ئىسلام شەرىئىتىدە قوبۇل قىلىنمايدۇ.

ئەھلى سۈننى بىلەن شىئەلەرنى يېقىنلاشتۇرۇش دېگەنلىك بەزى ئۇلۇغ ساھابىلەرنى تىللاشنى قوبۇل قىلىش دېگەنلىكمۇ؟، يېقىنلاشتۇرۇش دېگەنلىك رەسۇلۇللاھنىڭ ھەدىس كىتابلىرىنى تاشلاش دېگەنلىكمۇ؟ يېقىنلاشتۇرۇش دېگەنلىك ئىران، ئىراق، لىۋان ۋە سۈرىيەدىكى ئەھلى سۈننىلەرنى بوزەك قىلىش ۋە ئىزىشنى قوبۇل قىلىش دېگەنلىكمۇ؟… دېمەك، يول توساق!!.

شىئە بىلەن ئەھلى سۈننىنى ئەقىدە ۋە پىقھى جەھەتتىن يېقىنلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇش، دىننى ئۆزگەرتىش ۋە بۇرمىلاشقا ئۇرۇنۇشتىن باشقا ئىش ئەمەس. شىئە بىلەن ئەھلى سۈننىنى يېقىنلاشتۇرۇش مەسىلىسى قۇرئان ۋە سۈننەتنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە يېقىنلاشتۇرۇش مۇمكىن بولمىدى. سۈرىيەلىك كاتتا ئالىم دوكتۇر مۇستاپا سىبائى(1915-1964م) «سۈننەت ۋە سۈننەتنىڭ ئىسلام قانۇنشۇناسلىقىدىكى ئورنى» ناملىق كىتابىدا:«يېقىنلاشتۇرۇشتىن مەقسەت، خۇددى ئەھلى سۈننىنى شىئە مەزھەبلىرىگە يېقىنلاشتۇرۇشتەك ئىش بولىۋاتىدۇ» دېگەن، («سۈننەت ۋە سۈننەتنىڭ ئىسلام قانۇنشۇناسلىقىدىكى ئورنى» ،24-بەت). شىئە بىلەن ئەھلى سۈننىنى يېقىنلاشتۇرۇشقا كۆپ ئۇرۇنغان ئالىم دوكتۇر يۈسۈپ قەرزاۋىمۇ  ھازىر مۇشۇ قاراشتا.

3.شىئەلەرنىڭ ئازغۇن ئەقىدىسى ۋە مېتودلىرىنى ئىنكار قىلىش باسقۇچىدا توختاپ قالماي، ئەھلى سۈننى مۇسۇلمانلىرىنى شىئەلەرنىڭ ئازغۇن ئەقىدىسىدىن ھىمايە قىلىدىغان پايدىلىق بىلىم-مەرىپەت بىلەن قورغان ئىچىگە ئېلىش لازىم. ئەھلى سۈننى مۇسۇلمانلىرىغا توغرا يولنى، رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننەتلىرى ۋە بۈيۈك ساھابىلەرنىڭ تارىخىنى تونۇتۇش زۆرۈر. تارىخىنى ياخشى ئوقۇيالمايدىغان ئۈممەت ياكى مىللەتنىڭ كەلگۈسىنى تۈزۈپ چىقالمايدىغانلىقىنى ھەممەيلەن بىلىشى كېرەك.

4.شىئەلەر قوزغاپ چىقىۋاتقان گۇمانلاردىن قورقماسلىقىمىز ياكى خىجىل بولماسلىقىمىز كېرەك.

شىئە مەسىلىسىدە سۈكۈت قىلىش، شىئەلەرنىڭ تىلىنى گاچا قىلىدۇ، دەپ ئويلاپ، بېشىمىزنى يۆگىۋالساق بولمايدۇ. شىئە مەسىلىسىنى جۈرئەت بىلەن ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇشىمىز كېرەك. چۈنكى بۇ ئەقىدە مەسىلىسى، بۇ ئۇلارنىڭ ئازغۇنلىقىنى تۈزۈتۈش مەسىلىسى، ئىستىلىنى ئىسلاھ قىلىش مەسىلىسى.

شىئەلەرنىڭ ئازغۇنلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا توغرا ئىسلام ئىدىيىسىدە تۇرۇپ ئىزاھلاشقا توغرا كېلىدۇ. شۇنداقلا ئەھلى سۈننى مۇسۇلمانلىرىنىڭ رەسۇلۇللاھنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى شىئەلەردىن بەكرەك ياخشى كۆرىدىغانلىقى ۋە قەدىرلەيدىغانلىقىنى ئېنىق ئىزاھلاش كېرەك.

  1. شىئەلەرگە نەسىھەت قىلىشىمىز، تارىخى ۋە ئەقىدىلىرىنى پاكىز ئىلمىي ئۆلچەم بىلەن تەكشۈرۈشكە چاقىرىشىمىز زۆرۈر. چۈنكى ئۇلارنىڭ نەزرىدىكى رىۋايەتلەرنىڭ ئاساسىي ناھايىتى ئاجىز ۋە ئۈزۈك. ئۇلارنىڭ كۆپلىگەن مېتودلىرى ۋە ئىدىيىلىرى ھىجرىيە 3-ئەسىردە تۈزۈلگەن، ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئاساسىي يوق ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىخلاسمەنلىرىنىڭ توغرا يولغا قايتىدىغانلىقىدا شەك يوق.
  2. ياۋرۇپا ۋە باشقا ئەللەردىكى ئاز سانلىق مۇسۇلمانلار شىئەلەشتۈرۈش خەتەرلىرىدىن قاتتىق ئاگاھ بولىشى لازىم، چۈنكى شىئەلىشىش توغرا يولدىن بۇرۇلۇشتىن ئىبارەت.
  3. بۇرۇندىن تارتىپ شىئە ياشاپ كەلگەن ئىران ۋە ئىراققا ئوخشاش ئەللەردە تىنىچ ياشاش مۇمكىنچىلىكىنى ئىنكار قىلمايمىز. ئەمما ھازىرقىدەك بەزى مۇسۇلمانلارنىڭ ئاجىزلىقىدىن پايدىلىنىپ شىئەلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئارقا دەرۋازىدىن كىرىۋاتقان شىئەلەرگە قاتتىق دىققەت قىلىش لازىم. بولمىسا مىللەتنىڭ ئىدىيە بىرلىكىنى پارچىلاپ تاشلايدۇ…
  4. 8. شىئە بىلەن ئەھلى سۈننى يېقىنلىشىدىغان ئىش بولسا، ئەھلى سۈننىلەر ئەقىدە ياكى شەرئى پرىنسىپتىن قەتئىي ۋاز كېچىشكە بولمايدۇ.

ئاللاھ ئىسلام ئۈممىتىنى ھەر قانداق يامانلىقتىن ھىمايە قىلغاي، يولىنى توغرا يول بىلەن نۇرلاندۇرۇپ بەرگەي، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئىززەت-شەرەپ ئاتا قىلغاي…. ئامىن.

قۇرئان، سۈننەتكە، ساغلام ئەقىدە ۋە توغرا ئىدىيىگە قايتماي غەلىبىگە ئېرىشكىلى بولمايدۇ.

 

2014- يىلى، 5- ئاي.