2024-يىل 5-ماي

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

قۇرئان تەسەۋۋۇرىدىكى جاھىلىيەت ئۇقۇمى

ئىسلامدىكى جاھىلىيەت ئۇقۇمى

(1)

جاھىلىيەت ئادەتلىرى

ئىسلامدىن ئىلگىرى ئازغىنا ئىنسانلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا ئەقىدە ۋە ئىستىلى جەھەتتىن بۇرۇلۇش ئەھۋالى جەمئىيەتلەردە ئەۋج ئېلىپ كەتكەن ئىدى، ئەھل كىتابلار پوپلىرىنى ئىلاھنىڭ ئورنىدا كۆرىدىغان باسقۇچقا يەتكەن، پوپلار خالىغانچە ھۆكۈم يولغا قويۇپ، ھالال-ھارامنى ئالماشتۇرۇۋېتەتتى. مۇشرىكلار بۇتلارنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدىغان ۋاسىتە ۋە ئاتا-بوۋىمىزنىڭ مىراسىي دەپ ئېتىقاد قىلىپ، ئۇنىڭغا چوقۇناتتى.

بۇ دەۋردىكى ئىنسانلار ئەقىدە ۋە ئىستىل بۇزۇقچىلىقى، ساۋاتسىزلىق، قالايمىقانچىلىق ۋە ئاڭسىزلىق ئىچىدە ياشىغانلىقى ئۈچۈن جاھىلىيەت دەۋرى دەپ نام قويۇلغان. جاھىلىيەت سۆزى كۆپىنچە ئىسلامدىن ئىلگىرىكى بىر مەزگىلنى شۇنداقلا بىر ھالەتنى سۈپەتلەش ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ، بەزىدە ئەھۋالى بۇ ھالەتكە ئوخشاپ قالغان كىشىلەرگە قارىتىلىدۇ.

جاھىلىيەت ئۇقۇمى ئىسلامدىن ئىلگىرىكى كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىنى باشقىلاردىن پەرقلەندۈرۈپ بېرىدىغان ئادەتنى كۆرسىتىدۇ، ئۇلار نادانلىقىدىن تەقلىدچىلىك قىلىش ياكى نەپسى خاھىشىغا ئەگىشىش سەۋەبىدىن ئۇ ئادەتلىرىگە ئېسىلىپ ماڭاتتى. ۋەھىينىڭ بىلىم-مەرىپەت نۇرى كەلگەندە جاھىلىيەتتىكى ناچار ئادەتلەر ئاڭسىزلىق دېگەن ئۇقۇم بىلەن سۈپەتلەنگەن.

جاھىلىيەتنىڭ ئادەتلىرىگە ئەگىشىش ئىسلامدا چەكلىنىدۇ، چۈنكى جاھىلىيەتنىڭ ئادەتلىرى ئىنساننىڭ تەبىئىي خاراكتېرىگە زىت كېلىدۇ. ئىسلام ئىنساننىڭ قىممىتىنى يۈكسەلدۈرۈش، ئىنسانلارنى مەدەنىيەتسىزلىك، قالايمىقانچىلىق ۋە مەخلۇقلارغا قۇلچىلىق قىلىشتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن كەلگەن.

جاھىليەتتىكى ئىنسان تەبىئىتىگە ۋە گۈزەل ئەخلاققا زىت كېلىدىغان ئادەتلەرنىڭ قاتارىدىن: ئاللاھ ھەققىدە ساغلام تەسەۋۋۇرغا ئىگە بولماسلىق، قىزلارنى تىرىك كۆمۈۋېتىش، ئاياللارنىڭ يېرىم يالىڭاچ يۈرۈش ھالەتلىرى، پاھىشىنىڭ ئەۋج ئېلىش، نەسەب ۋە ئابرۇيلىرى بىلەن پەخىرلىنىش، سەت لەقەملەرنى قويۇش، قەبىلە ياكى يۇرت قىزغىنلىقى، بىرەرسى ئۆلۈپ كەتكەندە ۋارقىراپ يىغلاش، كاچاتلاش، كىيىم-كېچەكلىرىنى يىرتىپ تاشلاش…تىن ئىبارەت.

(2)

قۇرئان تەسەۋۋۇرىدىكى جاھىلىيەت ئۇقۇمى

 

جاھىلىيەتنىڭ لۇغەتتىكى مەنىسى: بىلىمسىزلىك، ئەقىلسىزلىق ۋە ئېقىم مەنىسىدە كەلگەن.

جاھىلىيەتنىڭ ئاتالغۇدىكى مەنىسى: ئېتىقاد ياكى ئىستىل ياكى ئىدىيە ئازغۇنلۇقىدىن ئىبارەت.

جاھىلىيەت ئېتىقاد، تەسەۋۋۇر، ئەخلاق ۋە شەرىئەتكە خىلاپ ئىستىلدىن ئىبارەت. ئىسلام تەسەۋۋۇرى دەسلەپكى كۈندىن تارتىپ جاھىلىيەت تەسەۋۋۇرى ۋە ئەقىدىسى  بىلەن سۈپەتلەنگەن جەمئىيەتكە دۈچ كەلگەن. جاھىلىيەت جەمئىيىتىنىڭ پرىنسىپلىرى ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ پرىنسىپلىرى ۋە ئاساسلىرىغا زىت كېلىدۇ. شۇ سەۋەبتىن قۇرئان كەرىم ئەقىدە بۇزۇقلۇقى، ھاكىمىيەت بۇزۇقلۇقى، ئەخلاق بۇزۇقلۇقى ۋە باتىلغا يان باسىدىغان مۇتەئەسسىپلىكنى جەمئىيەت ياكى مىللەتلەر ھالاكىتىنىڭ ئاساسلىرى سۈپىتىدە بايان قىلغان.

  1. ئەقىدە ئازغۇنلۇقى:

قۇرئان كەرىم جاھىلىيەت ئاتالغۇسىنى تەسەۋۋۇر ۋە ئېتىقادقا باغلاپ ئىزاھلىغان، ئىلاھنىڭ ھەقىقىتى ۋە خۇسۇسىيەتلىرىنى بىلمەسلىكنى جاھىلىيەت سۆزى سۈپەتلىگەن:« ئۇلارنىڭ بىر قىسمى (يەنى مۇناپىقلار) ئۆزلىرىنىڭ غېمى بىلەنلا بولۇپ كەتتى. بۇلار، جاھىلىيەت دەۋرى كىشىلىرىگە ئوخشاش، ئاللاھقا قارىتا ناتوغرا گۇمانلاردا بولدى، ئۇلار: «بىزگە ئاللاھ ۋەدە قىلغان غەلىبىدىن نېسىۋە بارمۇ؟» دەيدۇ. ئېيتقىنكى، «ھەممە ئىش ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ ئىلكىدە»(ئال ئىمران سۈرىسى، 154-ئايەت).

مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدىكى يەھۇدىلار بۇتقا چوقۇنىۋاتقان بىر مىللەتنىڭ قېشىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ:«ئى مۇسا! بىزگىمۇ ئۇلارنىڭ بۇتلىرىغا ئوخشاش بۇت ئورنىتىپ بەرگىن»دېگەندە، مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا رەددىيە بېرىپ: «سىلەر ھەقىقەتەن نادان قەۋم ئىكەنسىلەر» دېگەن (ئەئراف سۈرىسى، 138-ئايەت) يەنى ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى بىلمەيدىغان نادان ئىكەنسىلەر.

ئاللاھ ھەققىدە ناتوغرا گۇماندا بولۇش، تەۋھىد ئاساسىدا ئىمان كەلتۈرمەسلىك، ئاللاھنىڭ ۋەدىسىگە ئىشەنچ قىلماسلىق، تەقدىرگە ئىشەنمەسلىك، ئىسلام ھەققىدە قۇرۇق گەپ-سۆز تارقىتىش، دىن، ئەقىدە ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ غېمىنى قىلماي پەقەتلا ئۆزلىرىنىڭ غېمىنى قىلىش جاھىلىيەتنىڭ سۈپىتىدۇر. ئاللاھ ھەققىدە يامان گۇماندا بولۇش ئۆلۈمدىن قورقۇدىغان ۋە مال-مۈلۈكنىڭ قولدىن كېتىشىدىن ئەنسىرەيدىغان كېسەل پەيدا قىلىپ قويىدۇ. بۇنداق ئىنسانلار ئۆزىدىن باشقىسىنى ئويلىمايدۇ ۋە باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ.

  1. ھاكىمىيەت ئازغۇنلۇقى

 

شەرىئەتنى تەتبىقلاش ئەقىدىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلە. شەرىئەتنىڭ كەسكىن كۆرسەتمىسىنى رەت قىلىدىغان ياكى ئىنكار قىلىدىغان كىشى ئىسلامدىن چىقىپ كېتىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئاللاھ چۈشۈرگەن ئېنىق ھۆكۈم بىلەن ھۆكۈم قىلماي باشقىسى بىلەن ھۆكۈم قىلىشمۇ جاھىلىيەت دەپ سۈپەتلەنگەن:« ئۇلار جاھىلىيەت دەۋرىنىڭ ھۆكمىنى تەلەپ قىلامدۇ؟ (ئاللاھقا) چىن ئىشىنىدىغان قەۋمنىڭ نەزىرىدە ھۆكۈمدە ئاللاھدىنمۇ ئادىل كىم بار؟» (مائىدە سۈرىسى، 50-ئايەت).

شەرىئەت بويىچە ھۆكۈم يۈرگۈزمەسلىك كۇپۇرلۇق ياكى زۇلۇم ياكى پاسىقلىقنىڭ تارقىلىشىغا سەۋەب بولىدۇ. شەرىئەت بىلەن ھۆكۈم يۈرگۈزمىگەن جەمئىيەت زۇلۇم ۋە ئادالەتسىزلىككە يول ئېچىپ بېرىدۇ، پاسىقلىق ۋە گۇناھ ئىشلارنىڭ ئەۋج ئېلىپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدۇ.

 شەرىئەت بويىچە ھۆكۈم يۈرگۈزمەسلىك يا ئېتىقادى جاھىلىيەتكە باشلاپ بارىدۇ ياكى ئىستىلى (ئەمەلىي) جاھىلىيەتكە سەۋەب بولىدۇ. شەرىئەتنىڭ سالاھىيىتى يوق دەپ ئېتىقاد قىلسا ياكى شەرىئەتنىڭ ئېنىق ھۆكىمىنى ئىنكار قىلسا كاپىر بولۇپ كېتىدۇ.  شەرىئەتنى ئىنكار قىلمىغان ئاساستا تەتبىقلىمىسا، دىندىن چىقىپ كېتىدىغان كاپىر بولۇپ كەتمەيدۇ، بەلكى گۇناھكار بولىدۇ. شەرىئەتنى ھەممىدىن ئەۋزەل ياكى ھەق دەپ ئېتىقاد قىلىپ تۇررۇپ،  شارائىت تۇرسىمۇ تەتبىقلىمىسا زالىم ياكى پاسىق بولىدۇ. ئىبنى ئابباس بۇ توغرىدا:«كىم شەرىئەتنى ئىنكار قىلىپ، شەرىئەت بىلەن ھۆكۈم يۈرگۈزمىسە كاپىر بولۇپ كېتىدۇ، كىم تانمىغان ياكى ئىنكار قىلمىغان ئاساستا شەرىئەت بىلەن ھۆكۈم يۈرگۈزمىسە پاسىق ياكى زالىم بولىدۇ»دېگەن (تەپسىر تەبەرى، 6-توم، 256-بەت).

  1. ئەخلاق ياكى ئىستىلنىڭ بۇزۇلۇشى

قۇرئان كەرىم كىبىرلىك قىلىش، تەبىئىي خاراكتېرىدىن بۇرۇلۇش ۋە ئاياللارنىڭ يېرىم يالىڭاچ يۈرۈش ھالىتىنى شەخس ۋە جەمئىيەتلەرگە تەسىر كۆرسىتىدىغان جاھىلىيەت كېسىلى دەپ سۈپەتلىگەن. ئىسلامدىن ئىلگىرىكى ئەرەب جەمئىيەتلىرى ئايال كىشىنى لەززەتلىنىش ۋە كۆڭۈل قاندۇرۇش ۋاسىتىسى دەپ قارايدىغان ئىدى. بۇ سەۋەبتىن جىنسى ئالاقە مەسىلىسىدە قالايمىقانچلىق ۋە ئەخلاقسىزلىق شەكىللەنگەن.

قۇرئان ئاياللارنىڭ يېرىم يالىڭاچ ھالىتىدىن توسقان ۋە ئۇنى پاكلىنىشقا تېگىشلىك سەت قىلىق ۋە يامان ئاپەت دەپ كۆرسەتكەن: «جاھىلىيەتتىكى ئاياللار يېرىم يالىڭاچ ياسىنىپ چىققىنىدەك ياسىنىپ چىقماڭلار…ئاللاھ سىلەردىن ئازابقا سەۋەب بولىدىغان گۇناھنى ساقىت قىلىشنى ۋە سىلەرنى تامامەن پاك قىلىشنى خالايدۇ» (ئەھزاب سۈرىسى، 33-ئايەت).

 بۇ ئەخلاقسىزلىق ۋە يامان ئاپەتتىن قۇتۇلۇش دورىسى سۈپىتىدە يۈز ۋە قولدىن باشقا ئەزالارنى يۆگەيدىغان شەرئى ھىجابنى يولغا قويغان ۋە بۇ ئارقىلىق ئىپپەتلىك ۋە پاك جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى مەقسەت قىلغان. ئىسلام دىنى ئاياللارنىڭ يېرىم يالىڭاچ ياسىنىپ سىرتقا چىقىشتىن قاتتىق ئاگاھلاندۇرغان، يېرىم يالىڭاچ ياسىنىپ چىققان ئاياللارنىڭ پىتنىسىنى جەمئىيەتنى بۇزۇشتا ئەڭ زىيانلىق دەپ بېكىتكەن. رەسۇلۇللاھ:«مەن ئەرلەرگە نىسبەتەن ئاياللاردىنمۇ زىيانلىق نەرسىنى قالدۇرۇپ كەتمىدىم» (بۇخارى رىۋايىتى) دېيىش ئارقىلىق يېرىم يالىڭاچ ياسىنىدىغان ئاياللاردىن قاتتىق ئاگاھ بولۇشقا بۇيرۇغان.

  1. ئىدىيە ۋە قىممەت قاراش ئازغۇنلۇقى

شەرىئەتنىڭ كۆرسەتمىلىرىدىن يىراق ھالدا ئىرق ۋە مىللەتچىلىككە تەشۋىق قىلىش باتىلغا يان باسىدىغان مۇتەئەسسىپلىكىگە تەشۋىق قىلغانلىقتۇر:« كاپىرلار غۇرۇرى-جاھىلىيەت دەۋرىنىڭ غۇرۇرىنى دىللىرىغا پۈككەن چاغدا، ئاللاھ پەيغەمبىرىگە ۋە مۆمىنلەرگە تەمكىنلىكنى چۈشۈردى »( فەتىھ سۈرىسى، 26-ئايەت). ئادالەت ۋە ئىنساپتىن چەتنەش، ئۆز مىللىتى زۇلۇم قىلىۋاتسىمۇ مىللىتى ياكى جەمەتىگە يان بېسىش جاھىلىيەت غۇرۇرىنىڭ قاتارىدىن سانىلىدۇ.

ئەقىدە كۆرسەتمىسىدىن يىراق بولغان ياكى ئەقىدىگە قارشى بولغان مىللەت غۇرۇرى جاھىلىيەت سۈپىتىدۇر، چۈنكى بۇلار بۇ غۇرۇرنى زۇلۇم ۋە شەخسى مەنپەئەت ئۈستىگە قۇرۇپ چىققان، شۇنداقلا دىن ياكى ئىنسانپەرۋەرلىك تۇيغۇسىدىن يىراقلاشتۇرغان. ئۇلار بۇتلىرى بىلەن قەسەم قىلىپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە مۇسۇلمانلارنى بەيتۇللاھقا كىرگۈزمەسلىك ۋە ئاللاھنىڭ ئىسمىنى كېلىشىمگە يازماسلىقتا كىبىرلىك قىلغان.

رەسۇلۇللاھ  ئىسلام تەسەۋۋۇرىغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئېتىقاد ۋە تەسەۋۋۇر ئوخشىماسلىقىنى جاھىلىيەت دەپ سۈپەتلىگەن:« كىم ئەمىرىنىڭ بىر مىجەزىنى ياقتۇرمىسا، سەۋر قىلسۇن، چۈنكى بىرلىكتىن بىر غېرىچ ئايرىلغان كىشى جاھىلىيەتتە ئۆلگەندەك ئۆلگەن بولىدۇ»دېگەن(بۇخارى رىۋايىتى) يەنى بىرلىكنى بۇزغان كىشى جاھىلىيەتنىڭ قىلىقىنى قىلغان بولىدۇ، دېمەكچى.

بۈگۈنكى كۈنلۈكتىمۇ جاھىلىيەت سۈپىتى بىلەن ياشاۋاتقان ئىنسانلار تېپىلىدۇ. مەسىلەن، ئۆزىنى بىكاردىن بىكار ئۆلتۈرۈۋېلىش، ئىرقى قىرغىنچىلىق، كوللېكتىپ قىرغىنچىلىق، مۇستەملىكە قىلىۋېلىش، ئىنساننى خورلاش، ئەقىدىگە چەكلىمە قويۇش، دىندىن چىقىرىشقا زورلاش، يۇرتلارنى ۋەيران قىلىۋېتىش، ئاشكارا زالىمغا يان بېسىش، مىللەتنىڭ خۇسۇسىيىتى ۋە خاراكتېرىنى ئۆزگەرتىۋېتىش، دۇنياۋى ئۇرۇشلار، قىمار سورۇنلىرى، پاھىشە بازارلىرى… قا ئوخشاش قىلمىشلار ئىنسان خاراكتېرىگە زىت قىلمىشلار بولۇپ جاھىلىيەت قىلمىشلىرى ھېسابلىنىدۇ.

بۇ ئەسىردە ئىسلامدىن ئىلگىرىكى قىسمەن ناچار ئىللەتلەر بەزى مۇسۇلمانلاردا تېپىلسىمۇ، بۇرۇنقى جاھىلىيەتكە سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن جاھىلىيەت ئۇقۇمىنى مۇتلەق قىلىپ ئىستىمال قىلىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئىسلام دىنى ئىسلام جەمئىيەتلىرىنى جاھىلىيەت دەۋرىگە قايتىشتىن قوغدايدۇ. ئىسلامدىن ئىلگىرىكى دەۋردە بۇتلارغا، پوپلارغا ۋە نەپسى خاھىشىغا ئىبادەت قىلىش بار ئىدى. بۈگۈنكى كۈنلۈكتە قىسمەن بەزى ئوخشاش سۈپەتلەر بەزى ئىسلام جەمئىيەتلىرىدە كۆرۈنگەن بولسىمۇ، مۇتلەق جاھىلىيەت دېگەن سۈپەتكە ھەرگىز ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. رەسۇلۇللاھ دەۋرىدىمۇ قىسمەن جاھىلىيەت سۈپەتلىرى بەزى ساھابىلەردە تېپىلغان، ئۇ دەۋر جاھىلىيەت دەپ سۈپەتلەنمىگەن. مەسىلەن، ئەبۇزەر غىفارى بىر مۇسۇلماننى قارىۋاي دەپ سۈپەتلىگەندە، رەسۇلۇللاھ ئەبۇزەرنى ئەيىبلەپ: سەندە جاھىلىيەتنىڭ قىلىقى بار ئادەمكەنسەن، دېگەن (ئىمام بۇخارى رىۋايىتى).

مۇھاجىرلار بىلەن ئەنسارلار يۇرت- يۇرتقا بۆلۈنۈپ بولۇپ تالاش-تارتىش قىلغاندا، رەسۇلۇللاھ:«مەن ئاراڭلاردا تۇرسام جاھىلىيەتنىڭ قىلىقىنى قىلامسىلەر، ئۇنداق سېسىق ئىشنى تاشلىۋېتىڭلار» دېگەن (بۇخارى رىۋايىتى). رەسۇلۇللاھ بۇ يەردە ھەر ئەھۋالغا مۇناسىپ ھەل قىلىش چارىسىنى قوللانغان، بىراق ئۇلارنى جاھىلىيەت ئىنسانلىرى دەپ سۈپەتلىمىگەن.

ئىسلام دىنى تارقىغان جەمئىيەتتە جاھىلىيەت مۇتلەق شەكىلدە پەيدا بولمايدۇ، بۇ جەمئىيەتنى جاھىلىيەت جەمئىيىتى دەپ سۈپەتلەش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى قىيامەت كۈنىگە قەدەر ھەقىقەتتە چىڭ تۇرىدىغان بىر تۈركۈم ئادەملەر مەۋجۇد بولۇپ تۇرىدۇ. قىسمەن جاھىلىيەت بەزى يۇرتلاردا ياكى بەزى مۇسۇلمانلاردا بولىشى مۇمكىن، بىراق بارلىق ئىسلام ئەللىرىدە جاھىلىيەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ.

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي