2024-يىل 5-ماي

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

تۆرگە ئىنتىلىش ۋە مەنسەپ سەۋدالىق كېسىلى

تۆرگە ئىنتىلىش ۋە مەنسەپ سەۋدالىق كېسىلى

ئىسلام ئەخلاقىدا تۆرگە ئىنتىلىش، رەھبەر بولۇش تەلىپى ياكى مەنسەپكە چىقىش ئىستىكى ئەيىب سانىلىدىغان ناچار قىلىمىش سانىلىدۇ، چۈنكى پەيغەمبىرىمىز: «بىز مەنسەپ ياكى رەھبەرلىككە ئۆزى تەلەپ قىلغان ياكى ئۇنىڭغا ھېرىسمەن ئادەمنى ئورۇنلاشتۇرمايمىز» دېگەن (بۇخارى رىۋايىتى).

ئەبۇزەر غىفارى رەسۇلۇللاھقا: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ماڭا بىر مەنسەپ بەرگەن بولسىلا! دەپ تەلەپ قىلغان ۋاقتىدا، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا: «ئەبۇ زەر، سەن بۇ مەنسەپنىڭ مەسئۇلىيەت ھۆددىسىدىن ئاجىز كېلىسەن، مەنسەپ دېگەن ئامانەتتۇر. مەنسەپ مەسئۇلىيەتنىڭ ھۆددىسىدىن جايىدا چىقالمىغان كىشى ئۈچۈن قىيامەت كۈنى پۇشمان ۋە رەسۋالىق ئېلىپ كېلىدۇ» دېگەن (مۇسلىم رىۋايىتى).

مانا بۇلار ئىسلامنىڭ تۆرگە چىقىشقا ئىنتىلىش ۋە مەنسەپ سەۋدالىقىغا قارىتا تۇتقان پوزىتىسيىسىدۇر.

ئەمما بىرەر جەمئىيەتتە ھەقىقەتكە تەشەببۇس قىلىدىغان، ھەقىقەتنى مۇداپىئە قىلىدىغان ۋە جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشقا مۇناسىپ ئادەم تېپىلمىغاندا، جەمئىيەتنىڭ قالايمىقان ھالەتكە چۈشۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن قابىلىيىتى بار ئىقتىدارلىق ۋە ئىشەنچلىك كىشىلەر ئۆزلىرىنى مەنسەپكە لايىق دەپ قارىسا، ئۇ چاغدا مەنسەپ تەلەپ قىلسا ۋە مەنسەپكە چىقسا بولىدۇ. ئاللاھ بۇ توغرىدا يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەقەلىكىنى بايان قىلغان. يۈسۈپ ئەلەيھىسسالام فىرئەۋىنگە: «مېنى ئىقتىساد ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل قىلغىن، مېنىڭ بۇ ئىشقا قارىتا ئىقتىدارىم ۋە ئىلمىي قابىلىيىتىم بار» دېگەن (يۈسۈف سۈرىسى، 55- ئايەت).

 


 

تۆرگە ئىنتىلىش ۋە مەنسەپ تەلەپ قىلىشنىڭ سەۋەبلىرى

 

1.باشقىلارنىڭ كونتروللۇقى ۋە ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇش ئارزۇسى:

تۆرگە چىقىشقا ئىنتىلىش، مەنسەپ ياكى رەھبەرلىك تەلەپ قىلىش ئىستىكىنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى باشقىلارنىڭ قول ئاستىدا ھەرىكەت قىلىشتىن قۇتۇلۇش ئارزۇسى بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى ھاياتلىقتا باشقىلارغا ئىتائەت قىلىش تەمىنى تېتىپ باقماي چوڭ بولۇپ قالىدىغان بەزى كىشىلەر بولىدۇ. بۇ خىل خاراكتېردىكى كىشىلەر كوللېكتىپ ئىچىدە ئىش – ھەرىكەت قىلغاندا، باشقىلارنىڭ يېتەكلىشى ياكى باشقۇرۇشى ئىچىدە ئىش-ھەرىكەت قىلىشنى ئېغىر كۆرىدۇ. بۇ سەۋەبتىن ئۇ تۈردىكى كىشىلەرنىڭ باشقىلارنىڭ باشقۇرۇشى ياكى يېتەكلىشىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن تۆرگە چىقىشقا ئىنتىلىدىغانلىقىنى ۋە رەھبەرلىكنى قولغا كەلتۈرۈش ئىستىگىدە جىددىي ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

  1. دۇنيالىق بەزى نەرسىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئارزۇسى:

تۆرگە چىقىشقا ئىنتىلىش، مەنسەپ ۋە رەھبەرلىك تەلەپ قىلىش ئىستىكىنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى دۇنيالىق بەزى نەرسىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئارزۇسى ئۈچۈن بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى بەزىلەر ھالال –ھارام بىلەن ھېسابلاشماستىن قانداقلا قىلىپ بولمىسۇن، دۇنيا ھاياتىغا باغلىنىپ قالىدۇ. بۇ تۈردىكى كىشىلەر ئۆزلىرىنى تۆردە ياكى يېتەكچى رەھبەر سۈپىتىدە كۆرسە، بەزى كىشىلەرنىڭ دۇنيالىق ئاز-تولا نەرسە كېرەكلەرگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. شۇڭا ئۇ تۈردىكى كىشىلەرنىڭ تۆرگە چىقىشقا ئىنتىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى ۋە رەھبەرلىك مەنسىپىنى تەلەپ قىلىشقا بەك كۈچەيدىغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

  1. تۆرگە چىقىش ۋە رەھبەر بولۇش مەسئۇلىيىتىنى ھېس قىلماسلىق:

تۆرگە ئىنتىلىش ۋە رەھبەرلىك ياكى مەنسەپ تەلەپ قىلىش ئىستىكىنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى تۆرگە چىقىش ۋە رەھبەرلىك مەنسىپى مەسئۇلىيىتىنىڭ ئېغىرلىقىنى ھېس قىلماسلىق بولۇشى مۇمكىن.

ئەلۋەتتە رەھبەرلىك مەنسىپىنىڭ مەسئۇلىيەتلىرى بۈيۈك بولىدۇ، شۇڭا تۆرگە ياكى مەنسەپكە چىققان كىشى باشقىلار تويسا ، ئۇ ئاچ قالىدۇ، باشقىلار ئۇسسىزلىققا قانسا، ئۇ ئۇسسۇز قالىدۇ، باشقىلار ئۇخلىسا، ئۇ ئۇخلىيالمايدۇ، باشقىلار ئارام ئالسا، ئۇ ئارام ئالالمايدۇ.

يىغىپ ئېيتقاندا، تۆرگە چىققان ياكى رەھبەرلىك مەنسىپىگە ئېرىشكەن كىشى قىيىنچىلىق زامانلىرىدا ئۆزىنى پىدا قىلىدۇ، كەڭتاشا زامانلاردا ئۆز نەپسىدىن ۋاز كېچىپ باشقىلارنى ئۆز نەپسىنىڭ ئالدىدا قويىدۇ.

مانا بۇ تۆرگە چىقىش ۋە رەھبەرلىك مەنسىپىنىڭ مەسئۇلىيىتىدۇر. بۇ مەسئۇلىيەتنى ھېس قىلالمىغان كىشىنىڭ كۆڭلى تۆرگە چىقىشقا ئېسىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ ۋە قانداقلا قىلىپ بولمىسۇن، رەھبەرلىك مەنسىپىنى قولغا كەلتۈرۈشكە بەك كۈچەيدۇ.

  1. تۆر ۋە رەھبەرلىك مەنسىپىدە يېتەرسىزلىك ئۆتكۈزۈپ قېلىشنىڭ ئاقىۋېتىنى ھېس قىلالماسلىق:

تۆرگە چىقىشقا ئىنتىلىش ۋە رەھبەرلىك تەلەپ قىلىش ئىستىكىنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى تۆر، مەنسەپ ۋە رەھبەرلىكتە يېتەرسىزلىك ئۆتكۈزۈپ قېلىشنىڭ ئاقىۋىتىنى ھېس قىلالماسلىقتۇر. چۈنكى مەنسەپ ۋە تۆرگە چىققاندا يېتەرسىزلىك ئۆتكۈزۈپ قالسا، ناھەقچىلىق تەرەپدارلىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا، ئىنسانلارنى ۋە مەدەنىيەتنى ھالاك قىلىشىغا مەيدان ھازىرلاپ بەرگەن بېرىدۇ.

پەيغەمبەرىمىز بۇ توغرىدا: «ئاللاھ قايسى بىر كىشىنى بىر جامائەتنىڭ ياكى بىر مىللەتنىڭ رەھبىرى قىلغان بولسا، ئۇ كىشى خەلقىنى ئالداپ بۇ دۇنيادىن كەتكەن بولسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا جەننەتنى ھارام قىلىدۇ» دېگەن (بۇخارى رىۋايىتى). يەنە:«قايسى بىر كىشى ئەمىر ياكى مەسئۇل بولسا، قىيامەت كۈنى ئىشكەلگە باغلانغان ھالىتىدە كېلىدۇ، ئۇنى پەقەت ئادالەت ئازات قىلالايدۇ ياكى زۇلۇم ھالاك قىلىپ تاشلايدۇ» دېگەن (ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى). يەنە:«كىم قازى بولۇشنى تەلەپ قىلغان بولسا، قازىلىققا ئېرىشكەندىن كېيىن ئادالەت بىلەن ھۆكۈم چىقارغان بولسا جەننەتكە كىرىدۇ، ئەگەر زۇلۇم ئادالەتنى بېسىپ چۈشكەن بولسا دوزاخقا كىرىدۇ» دېگەن (ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى).

  1. كۈچ كۆرسىتىش ۋە باشقىلارنى خورلاش ئىستىكى:

تۆرگە چىقىشقا ئىنتىلىش ۋە رەھبەرلىك مەنسىپىنى تەلەپ قىلىش ئىستىكىنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى كۈچ كۆرسىتىش ۋە باشقىلارنى خورلاشنى مەقسەت قىلغان بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى بەزى كىشىلەر تەلىم-تەربىيە جەريانىدا قاتتىق بېسىم كۆرگەن ياكى مۇستەبىت بولغۇدەك دەرىجىدە سەل قارالغان بولسا، بۇ تۈردىكى كىشىلەر ناچار تەربىيەنىڭ نەتىجىسىدە تۆر ۋە رەھبەرلىك مەنسىپىنى ئۆزلىرىنىڭ ئاچچىغىنى چىقىرىۋېلىش ۋە كۆڭلىنى قاندۇرۇۋېلىشنىڭ بىر ئۇسۇلى دەپ قارايدۇ. شۇڭا بۇ تۈردىكى كىشىلەر تۆرگە چىقىشقا ئىنتىلىدۇ ۋە مەنسەپ تەلەپ قىلىشتا كۈچەيدۇ.


 

تۆرگە ئىنتىلىش ۋە مەنسەپ تەلەپ قىلىش ئىستىكىنىڭ تەسىرلىرى

 

1.مۇۋەپپەقىيەت ۋە ئىلاھىي ياردەمدىن مەھرۇم قېلىش:

تۆرگە چىقىشقا ئىنتىلىش ۋە رەھبەرلىك تەلەپ قىلىش ئىستىكى ئاللاھنىڭ ياردىمىگە تايانماستىن ئۆزىگە ئىشىنىش ۋە ئۆزىدىكى ئىمكانىيەتلەرگە تايىنىش خاراكتېرىنى كۆرسىتىدۇ. ئاللاھنىڭ قانۇنىيىتىدە، ئاللاھنىڭ كۈچىگە پىسەنت قىلمايدىغان پەقەتلا ئۆزىنىڭ كۈچىگە تايانغان كىشىلەرگە ئاللاھ ياردەم بەرمەيدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئابدۇراھمان ئىبنى سەمۇرەگە: «ئابدۇراھمان، سەن مەنسەپ ياكى رەھبەرلىك تەلەپ قىلمىغىن، چۈنكى سەن رەھبەرلىك مەنسىپىنى ئۆزۈڭ تەلەپ قىلىپ ئېرىشكەن بولساڭ، ئۆزۈڭگە تاشلىنىپ قالىدۇ. ئەگەر سەن تەلەپ قىلماستىن مەنسەپ ساڭا كەلگەن بولسا، ياردەمگە ئېرىشىسەن» دېگەن (بۇخارى رىۋايىتى).

  1. ئۆزىنى پىتنىگە ۋە ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچرىتىۋالىدۇ:

تۆرگە ئىنتىلگەن ۋە مەنسەپ تەلەپ قىلغان ئادەم ئۆزىنى پىتنە بورانلىرىغا تەڭلىگەن بولىدۇ، چۈنكى سالاھىيىتى يوق تۇرۇپ تۆرگە چىقىشقا ئىنتىلىش ياكى مەنسەپ تەمەسىگە كىرىش ئاللاھنىڭ ئالدىدا ھېساب بېرىش ۋە سوراققا تارتىلىدىغانلىقىنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ. بۇ سەۋەبتىن ئۇ تۈردىكى كىشىلەر دۇنياغا بېرىلىپ كېتىپ، رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئۇنتۇپ قېلىشى، بەلكى تېخى زۇلۇم قىلىشى ۋە ئادالەتسىزلىك قىلىشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ غەزىپىگە دۇچار بولۇشقا سەۋەب بولىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ توغرىدا:«سىلەر مەنسەپ ۋە ھوقۇققا ئىنتىلىپ قالىسىلەر. ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، مەنسەپكە ئىنتىلىش قىيامەت كۈنى پۇشمان قىلىشقا سەۋەب بولىدۇ، چۈنكى مەنسەپ دېگەن ھوقۇقتىكى ۋاقىتتا بەك ياخشى نەرسىدۇر، ھوقۇقتىن ئايرىلغاندىن كېيىن بەك يامان نەرسىدۇر» دېگەن (بۇخارى رىۋايىتى).

  1. گۇناھ ئېغىرلىشىدۇ:

مەنسەپكە ئۆزى تەلەپ قىلىپ ئېرىشكەن كىشى ۋە ئىنتىلىپ تۆرگە چىققان كىشى مەنسەپ پىتنىسىگە ئۇچرىشىشى مۇمكىن، باشقىلار ئۇنىڭ مەنسەپپەرەس كېسىلىنى دوراپ سېلىشى مۇمكىن. بۇنداق بولۇپ قالسا، ئۇلار ئۆزلىرىنى پىتنىگە تاشلاشقا سەۋەب بولىدۇ ۋە گۇناھ ئېغىرلىشىدۇ. توغرا يول تۇتمىغان كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ۋە ئۆزلىرى ئازدۇرغان ياكى ئېزىشىغا سەۋەب بولغان كىشىلەرنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئاللاھ بۇ توغرىدا: «ئۇلار قىيامەت كۈنى ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىرىغا تولۇق جاۋابكار بولىدۇ ۋە ئۆزلىرى تەرىپىدىن بىلمەستىن ئازدۇرۇلغانلارنىڭ بىر قىسىم گۇناھلىرىغىمۇ ئۆزلىرى جاۋابكار بولىدۇ» دېگەن (نەھل سۈرىسى، 25- ئايەت).

  1. ئىچكى زىددىيەت ۋە بۆلۈنۈشكە سەۋەب بولىدۇ:

تۆرگە چىقىشقا ئىنتىلىش ۋە مەنسەپ تەمەسىدە بولۇش بەزىدە ئىچكى زىددىيەت، بۆلۈنۈش ياكى تالاش-تارتىشقا سەۋەب بولىدۇ. بەزىدە ئىشلارنىڭ قاملاشماسلىقى، ئۆز ئارا ئۆچمەنلىك قىلىش ياكى بىر-بىرىگە زىيانكەشلىك قىلىش ھالىتىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئېلىپ بارىدۇ. بۇنىڭ ئەمەلىي مىساللىرى تارىختا  كۆپ ئۇچرايدۇ، ھازىرمۇ بۇنىڭ مىسالى كۆز ئالدىمىزدا كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ.

  1. ھېرىسمەنلىك بىلەن تۆرگە چىقىشقا ئىنتىلىش ۋە مەنسەپ تەمەسىنى قىلىش سىياسىي دەۋا ھەرىكىتىگە ۋە ئىسلام ئەخلاقىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ. دەۋا ھەرىكىتىدە ئۆزئارا ئۆتۈنۈش، كەڭ قورساق بولۇش، كەمتەر بولۇش ۋە سالاھىيىتى بار ئىقتىدارلىق كىشىلەرنى ئالدىغا چىقىرىش ئەخلاقلىرى راۋاجلانمىسا، دەۋا ھەرىكىتى توغرا يۆنىلىشتە داۋاملىشالمايدۇ.

تۆرگە چىقىشقا ئىنتىلىش ۋە مەنسەپكە سەۋدا بولۇش كېسىلىنى داۋالاش چارىلىرى

  1. مەسئۇلىيەتنىڭ ئېغىرلىقىنى ۋە دۇنيا- ئاخىرەتتىكى ئاقىۋېتىنى دائىم ئەسلىتىپ تۇرۇش.
  2. ئىمان ۋە ئەخلاق تەربىيىسىنى كۈچلەندۈرۈش.

 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ يولىدا جەڭ تەييارلىقىدا تۇرغان كىشىگە مۇبارەك بولسۇن، بۇ كىشىگە ئالدىنقى سەپتە ھىمايە قىلىش خىزمىتى بېرىلسە، ھىمايە قىلىش خىزمىتىنى قىلىدۇ، ئەگەر ئارقا سەپتە تۇرۇپ خىزمەت قىلىش ۋەزىپىسى بېرىلسە، ئارقا سەپتە تۇرۇپ خىزمەت قىلىدۇ» دېگەن (بۇخارى رىۋايىتى).

  1. بۇ توغرىدا ساھابىلەرنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ تارىخىنى ئەسلىتىش.
  2. دۇنيا مەنپەئەتلىرىنىڭ ئورنىنى ئەسلىتىشتىن ئىبارەت.

 

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي