2024-يىل 5-ماي

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

مۇسۇلماننىڭ ھەرىكەت قىلىش ئۆلچىمى





مۇسۇلماننىڭ ھەرىكەت قىلىش ئۆلچىمى
 
قۇرئان كەرىم مۆمىنلەرنى ئىمانىي، پىكرىي، ۋىجدانىي، ھېس- تۇيغۇسى، ئەخلاقىي، ئىش-ھەرىكەتلىرى، گەپ – سۆزلىرى، تۇيغۇلىرى، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلىرى، سىياسىي دەۋالىرى ۋە بارلىق پوزىتسىيەلىرىدە راستچىل بولۇشقا ياكى تەقۋا بولۇشقا چاقىرماقتا. يۇقىرىقىلاردا راستچىل ياكى سەمىمىي بولماي تۇرۇپ، مۆمىنلىك سۈپىتىگە ئېرىشكە بولمايدۇ.
قۇرئان كەرىم مۆمىنلەرگە يەنە ئىنسانلار ياكى تەشكىلاتلار ياكى ئېقىملارغا قانداق مۇئامىلىدە بولۇشنىڭ لازىمىلىقىنى تەكىتلەپ ئىمان، ئىدىيە، ئەخلاق، ئىش-ھەرىكەت ۋە جەمئىيەت ئىشلىرىدا راستچىل بولۇشقا بۇيرۇغان، ھەمدە شەخسلەر، ئېقىملار ياكى تەشكىلاتلارنى قانداق تاللاش توغرىسىدا يول خەرىتىسى كۆرسىتىپ بەرگەن: «يا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُواْ اتَّقُواْ اللَّهَ وَكُونُواْ مَعَ الصَّادِقِينَ» (تەۋبە سۈرىسى، 119 – ئايەت). ئايەتنىڭ مەنىسى: ئىمانىدا ۋە ئىدىيەسىدە راستچىل بولغان ھەي مۆمىنلەر! گەپ – سۆزلىرىڭلار، ئىش-ھەرىكىتىڭلار، ئەخلاقىڭلار، پوزىتسىيەڭلار ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋىتىڭلاردا ئاللاھدىن قورقۇڭلار. سىلەر ئىمان، ئىدىيە، تۇيغۇ، سىياسىي دەۋا ۋە ھەر تۈرلۈك ئىش-ھەرىكەتلەردە راستچىل بولغان كىشىلەر بىلەن بىر سەپتە تۇرۇڭلار، ئۇلار بىلەن بىرلىشىپ ياكى ھەمكارلىشىپ ئىش قىلىڭلار، مەيدانىڭلارنى ئېنىق قىلىپ ياشاڭلار، ساغلام ئىدىيەدىن بۇرۇلۇپ كەتمەڭلار، ساغلام ئىدىيەڭلەرگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان شوئارلارغا ئالدانماڭلار ۋە ئازغۇن پىكىردىكى كىشىلەردىن يىراق تۇرۇڭلار، دېگەن بولىدۇ.
بۇ ئايەتنىڭ روھىغا ئاساسەن مۇسۇلمان كىشى ئۆزى بىرلىشىپ ئىش قىلماقچى بولغان كىشىلەرنىڭ ياكى تەشكىلاتنىڭ نىشانى، ئىدىيەسى ۋە ئۇسۇلى ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئىسلام ئىدىيەسىگە ئۇيغۇن كەلسە، ھەمكارلىشىپ ئىش قىلسا ياكى ئەزا بولسا بولىدۇ.
مۇشۇنداق يول تۇتقاندا ئىدىيە جەھەتتىن ئېزىپ كېتىشىن ياكى ئىسلام ئىدىيەسىدىن چەتنەپ كېتىشتىن ياكى ئاشقۇن ئېقىمغا كىرىپ قېلىشتىن ياكى ساغلام يولدىن ئېزىپ كېتىشتىن ئۆزىنى ساقلاپ قالالايدۇ. كىرىدىغان ئېقىم ياكى تەشكىلاتنى تەكشۈرۈپ، ئۇيغۇن بولسا ئەزا بولۇش ئىمان، ئىدىيە، ئەخلاق ۋە ھايات لىنيەسىنىڭ بىر پۈتۈن سالامەتلىكىنى ھىمايە قىلىدۇ.
ئەگەر مۇسۇلمان ئىدىيەسى، ئەخلاقىي، گەپ – سۆزلىرى، ئىش-ھەرىكەتلىرى، قىممەت قاراشلىرى ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلىرىگە دىققەت قىلماي خاتا ئېقىمغا ياكى خاتا ئىدىيەگە كىرىپ قالسا، قىيامەت كۈنى ھەر بىر ئېغىز سۆزىدىن، ھەر بىر ئىش-ھەرىكىتىدىن ھېسابقا تارتىلىدىغانلىقىنى بىلىشى كېرەك.
بۇنىڭغا ئاساسەن بىر مۇسۇلمان قوشۇلۇپ ھەرىكەت قىلماقچى بولغان تەشكىلاتنىڭ تۆۋەندىكىدەك سۈپەتلىرىگە دىققەت قىلىشى كېرەك بولىدۇ.
1. سىياسىي ھەرىكەتنىڭ ئىدىيە مەنبەسى قۇرئان- سۈننەتنىڭ روھىغا ئۇيغۇن بولۇش.
2. سىياسىي ھەرىكەت نىشان- مەقسەتلىرىدە ئىسلام، ۋە ۋەتەن- مىللەت دەۋاسىنىڭ مەنپەئەتلىرىنى ئاساس قىلىشى، ھەمدە مىللەتنىڭ بىر پۈتۈن كىملىكىگە رىئايە قىلىشى.
3. سىياسىي ھەرىكەتنىڭ قىممەت قاراشلىرى ۋە ھەرىكەت تەسەۋۋۇرلىرى ئىسلام ئىدىيەسى ۋە شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرىگە ئۇيغۇن كېلىشى، ھەمدە ئاشقۇنلۇق ۋە پاسسىپلىقتىن خالىي ئوتتۇرھال يول تۇتقان بولۇشى.
4. سىياسىي ھەرىكەتنىڭ ئىدېئولوگىيەسى روشەن بولۇشى، خىزمەت تەسەۋۋۇرى ئېنىق بولۇشى، رىئاللىققا ئۇيغۇن بولۇشى، پەقەتلا ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن پىداكارلىق بىلەن خىزمەت قىلىدىغان بولۇشى.
5. سىياسىي ھەرىكەت ساھىبلىرى بىلىم-مەرىپەتكە، سىياسىي ئاڭغا، سىياسىي تەجرىبىگە ۋە ئەخلاققا ئىگە بولۇشى.
6 سىياسىي ھەرىكەت ساھبىلىرى راستچىل بولۇشى يالغان گەپ قىلماسلىقى، ئىشەنچىلىك بولۇشى خىيانەت قىلماسلىقى، ئادىل بولۇشى زۇلۇم قىلماسلىقى، كەمتەر بولۇشى بىلەرمەنلىك قىلماسلىقى، سەۋرچان بولۇشى ئالدىراڭغۇلۇق قىلماسلىقى، ئىپپەتلىك بولۇشى ھارام ئىشلاردىن يىراق تۇرۇشى ۋە جۈرئەتلىك بولۇشى قورقۇنچاق بولماسلىقى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
مانا بۇلار مۇسۇلماننىڭ ئىجتىمائىي ھاياتتىكى ھەرىكەت قىلىش ئۆلچىمىدۇر.
 
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرى