2024-يىل 3-ماي

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

ئىجابىي تەنقىد ھەققىدە بەزى مۇلاھىزىلەر

ئىجابىي تەنقىد ھەققىدە بەزى مۇلاھىزىلەر

ئىجابىي تەنقىد ھەققىدە بەزى مۇلاھىزىلەر

تەنقىدنىڭ ئىجابىي بولۇشى، پايدىلىق بولۇشى، ھەمدە سەلبىي ئىللەتلەردىن ساقلىنىشى ئۈچۈن تۆۋەندىكى بىر بۆلەك قائىدىلەرگە رىئايە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ:

1. باشقىلارغا ئىجابىي تەنقىد قىلىشتىن بۇرۇن دەسلەپتە ئۆزىڭىز ھەققىدە سەمىمىي بولۇڭ، تەنقىد قىلماقچى بولغان نىشانىڭىزنى ئېنىق بەلگىلەڭ. مەسىلەن، باشقىلارغا ئىش-ھەرىكەتلىرىنىڭ نەتىجىسىنى بىلدۈرۈپ قويۇش، ياكى قارشى تەرەپكە ياردەم بېرىش، ياكى ئۇنىڭ خىزمىتىنى ياخشىلىشىغا تۈرتكە بولۇش.

2. تەنقىدىڭىزدە باشقىلار ئۆزگەرتەلەيدىغان ياكى كۈچى يېتىدىغان نۇقتىلارغا مەركەزلەشتۈرۈڭ.

3. تەنقىد قىلىشتىن ئىلگىرى ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە ۋە ئۇنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە چوڭقۇر ئىزدىنىڭ. مەسىلەن، مەسىلىنىڭ ماھىيىتى، قەيەردە، قاچان، قانداق، نېمىشقا، كىم؟ دېگەندەك تەرەپلىرى ھەققىدە ئىزدىنىڭ ۋە ئىنساپتىن چەتنىمەڭ.

4. سىز تەنقىد قىلماقچى بولغان كىشىگە ھېسداشلىقىڭىزنى بىلدۈرۈڭ، ھەمدە سىز تەنقىد قىلماقچى بولغان مەسىلىنى تىلغا ئېلىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ ياخشى ئىشلىرى بولسا، بىر ئاز تىلغا ئېلىڭ.

5. تەنقىدىڭىزنى ئومۇملاشتۇرۇپ قىلىشتىن ساقلىنىڭ، تەنقىدىڭىز ئېنىق ۋە كونكرېت بولسۇن. مەسىلەن، مەلۇم بىر تەشكىلاتتىن بىرسى خاتالىشىپ قالسا، بىر كىشىنىڭ سۆزىنى باھانە قىلىپ تەشكىلاتنى بىر پۈتۈن ئومۇملاشتۇرۇپ تەنقىد قىلماڭ. خاتالاشقان بىر كىشىنىڭ قىلمىشىنى ياكى سۆزىنى تەنقىد قىلىڭ. دېمەكچى بولغان سۆزىڭىزگە دەلىل كەلتۈرۈڭ ۋە ئەمەلىي يۈز بەرگەن كونكرېت مىساللارنى كۆرسىتىڭ.

6. تەنقىدىڭىزنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ئۈچۈن، تەنقىدىڭىزنى مۇئەييەن خاتا سۆز ياكى مۇئەييەن ئىش- ھەرىكەتكە قارىتىڭ. تەنقىدىڭىزدە كىشىلەرنىڭ شەخسىيىتى ياكى ئىززەت- ئابرۇيىغا چېقىلماڭ.

7. تەنقىدىڭىزنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇشى ئۈچۈن مۇناسىپ ۋاقىت ۋە ماكان تاللاڭ. مەسىلەن، ئاشكارا سورۇندا ياكى جامائەت سورۇنىدا تەنقىد قىلماڭ. تەنقىدنى ئاچچىقلاپ تۇرۇپ قىلماڭ.

8. سىز تەنقىد قىلغان كىشى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭىزنى بۇرۇنقىدەك ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن قوللىنىدىغان پىلانىڭىزنى تەنقىد قىلىشتىن ئىلگىرى بەلگىلىۋېلىڭ.

9. تەنقىد قىلغاندا كەمتەر بولۇڭ. تەنقىد قىلغاندا ئۆزىڭىزنىڭ يىراقنى كۆرەلەيدىغان ئىنسان ئىكەنلىكىنى، ياكى كۆپ بىلىملىك ئىنسان ئىكەنلىكىڭىزنى، ياكى نوپۇزىڭىزنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىشتىن ساقلىنىڭ.

10. كۈندىلىك مۇناسىۋىتىڭىزدە، تەنقىدچىدەك كۆرۈنمەڭ، مۇناسىۋەتسىز تېمىدا ياكى مۇناسىۋەتسىز ئورۇندا تەنقىدچى بولۇۋالماڭ.

11. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، تەنقىدىڭىز ئەدەب – ئەخلاق ياكى ئىنساپتىن چەتنىگەندە، بولۇپمۇ تەنقىدىڭىز بىر كىشىنىڭ ئېنىق خاتا پىكىرى ياكى روشەن خاتا ئىش-ھەرىكىتگە قارىتىلماستىن، بەلكى ئۇ كىشىنىڭ شەخسىيىتى ۋە ئابرۇيىغا قارىتىلغاندا، رەت قىلىنىدۇ.

 12. يەنە تەنقىدىڭىز قۇرئان كەرىم ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىدىن ئىبارەت قىممەت قاراشلرىمىزغا ياكى دىنى كىملىكىمىزگە ھاقارەت قىلغاندا، ياكى مىللىي كىملىكىمىزگە ۋە ساغلام مىللىي سىمۋولىمىزغا ھاقارەت قىلغاندا، رەت قىلىنىدۇ.

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي