مەسچىت مېھرابى ۋە ھايات مېھرابى
مەھكۇملۇقتىن قۇتۇلۇش، مەدەنىيەت كارۋىنىنىڭ ئالدىدا مېڭىش ۋە باشقىلارغا ھەق يولنى توغرا كۆرسىتىش ئۈچۈن، مەسچىت مېھرابىدىكى ئىبادەت بىلەن ھايات مېھرابىدىكى كىملىك، قىممەت قاراش، ھۆرلۈك، ئادالەت، باراۋەرلىك، خاتىرجەملىك، ئىززەت-ھۆرمەت، بىلىم-مەرىپەت، ئىشنى پۇختا قىلىش، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش، سانائەت بەرپا قىلىش…قا ئوخشاش تۈرلۈك ئىبادەتلەرنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ ئېلىپ مېڭىش لازىم.
مەسچىت مېھرابىدىكى ئىبادەت بىلەن ھايات مېھرابىدىكى ئىبادەت ئايرىلىپ قالسا، مەدەنىيەتتە ئارقىدا قالىمىز؛ كىملىك پارچىلىنىدۇ، قىممەت قاراشلار ئاجىزلاپ كېتىدۇ، ئىدىيە بۇزۇلىدۇ، مەسئۇلىيەت روھى تۆۋەنلەيدۇ، ساۋاتسىزلىق ئەۋج ئالىدۇ، مۇستەبىتلىك كۈچىيىدۇ، ئىجتىمائىي ئادالەت ئاجىزلايدۇ، ساختىلىق كۆپىيىدۇ ۋە تۈرلۈك ئىمكانىيەتلەر ئورۇنسىز زايە بولىدۇ.
ئۇ چاغدا، دەۋرگە ماسلىشىش ئۈچۈن يا باشقىلارغا بېقىندى بولۇپ ئېرىپ تۈگەيمىز، ياكى دەۋرنىڭ ئىمكانىيەتلىرىدىن پايدىلانالمايدىغان قاتماللىققا چۈشۈپ قالىمىز. بۇنىڭ ئاچچىق نەتىجىسى ۋە رېئال ۋەزىيىتى بۈگۈن كۆز ئالدىمىزدا يارقىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ.
بۇ ئەھۋال، دىنىمىزنى قۇرئان ۋە سۈننەت كۆرسەتمىلىرى بويىچە تولۇق چۈشەنمەسلىك، ئەقىدىنىڭ تەقەززاسىنى بىلمەسلىك ۋە ئەمەل قىلماسلىق، ئۇنىڭ مەقسەتلىرى ۋە قىممەت قاراشلىرىنى تولۇق تونۇپ يەتمەسلىك ۋە دىننى تار بىر رامكىغا كىرگۈزۈپ قويۇشتىن كېلىپ چىققان.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي