2024-يىل 6-ماي

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

مۇستەملىكە تەجرىبىخانىسى

مۇستەملىكە تەجرىبىخانىسى

مۇسۇلمانلارنىڭ چۈشكۈنلىشىپ كېتىشى ۋە شارائىتلىرىنىڭ يامانلىشىپ كېتىشىنىڭ سەۋەبى پەقەتلا مۇستەملىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئەمەس، بەلكى بۇ سەۋەب بىلەن بىرلىكتە «مۇستەملىكىنى قوبۇل قىلىش قابىلىيىتى» دىن ئىبارەت ئاساسلىق سەۋەبمۇ بار. بۇ ئۇقۇمنى دەسلەپتە جەمئىيەتشۇناس مۇتەپەككۇر «مالىك نەبى» ئوتتۇرىغا قويغان.

بەزى جەمئىيەتلەر ھەربى مۇستەملىكىگە يولۇقسىمۇ، مۇستەملىكە ئېڭىنى پەقەت قوبۇل قىلمايدۇ، يەنە بەزى جەمئىيەتلەردە مۇستەملىكىنى قوبۇل قىلىش پىسخىكىسى تېپىلىدۇ.

مۇسۇلمانلارنىڭ چۈشكۈنلىشىپ كېتىشىنىڭ سەۋەبلىرى ئاساسلىق ئىككى ئامىلغا مۇناسىۋەتلىك:

1.سىرتقى ئامىل، مۇستەملىكە قىلىش.

2.ئىچكى ئامىل، مۇستەملىكىنى قوبۇل قىلىش پىسخىكىسى.

ئىچكى ئامىل ئەھمىيەت جەھەتتە سىرتقى ئامىلدىن تۆۋەن تۇرمايدۇ، بەلكى ئىچكى ئامىل سىرتقى ئامىل مۇستەملىكە ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاپ بېرىدىغان سەۋەبتۇر. ئەگەر مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىنى كۈچ-قۇۋۋەت ئامىللىرى بىلەن ھىمايگە ئالغان بولسا، مۇستەملىكە كۈچلىرى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىغا سىڭىپ كىرەلمىگەن بولاتتى، زەھەرلىرىنى چېچىپ مۇسۇلمانلارنى قۇل قىلالمىغان ۋە بايلىقلىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلالمىغان بولاتتى.

ئەگەر مۇسۇلمانلار بۇ كېسەلگە قارشى تۇرۇشتا چىڭ تۇرغان بولسا، ئەھۋالىمىز دۈشمەننىڭ قورال زەربىسىدىن يامانلىشىپ كەتمىگەن بولاتتى. بىزدىكى ئاساسلىق كېسەل ئىچكى ئاجىزلىق كېسىلىدۇر، ئىچكى كېسەل سۈڭەكلىرىمىزنى چىرىتىۋەتتى، ئىچكى كېسەل مۇستەملىكە كۈچلىرىنى بىزگە باشلاپ كەلدى. مۇسۇلمانلار ئەھۋالىنىڭ چۈشكۈنلىشىشى مۇستەملىكىگە چۈشۈپ قالغان زاماندىن تارتىپ باشلانمىغان، بەلكى جەمئىيەت ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىش مەسىلىسىنى پىسخىكىسى كېسەل ئىنسانلارنىڭ باشقۇرۇشىغا تاپشۇرغانلىقتىن كېلىپ چىققان.

ئۇنداقتا مۇسۇلمانلارنىڭ چۈشكۈنلىشىش ۋە ئارقىدا قېلىش مەسئۇلىيىتىنى پەقەتلا مۇستەملىكە كۈچلىرى ئۈستىگە ئالمايدۇ، بەلكى مۇسۇلمانلارمۇ بۇ مەسئۇلىيەتنىڭ بىر قىسمىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. بۇ مەسئۇلىيەت ئىككى تەرەپكە تەڭ يۈكلىنىدۇ، چۈنكى مۇستەملىكە قىلغۇچىلار ھىيلە-مېكېر، پۇرسەتپەرەسلىك، ئالدامچىلىق ۋە ئاچكۆزلۈك سۈپىتىگە ئىگە بولسا، مۇستەملىكىنى قوبۇل قىلىش پىسخىكىسىدىكى ئىنسانلار خىيانەت، پەسكەشلىك ۋە ناچارلىق سۈپىتىگە ئىگە بولغان.

مۇستەملىكىنى قوبۇل قىلىش پىسخىكىسى پاسسىپ بىر ھالەت، مۇرەككەپ كېسەل ۋە مۇستەملىكىدىن ئىبارەت بۈيۈك خەتەردۇر. مۇستەملىكىنىڭ زۇلۇم قىلىش، خورلاش، مۇتەكەببۇرلۇق، كەمبەغەللىك، نادانلىق ۋە كېسەللىكتىن ئىبارەت ناچار ھالەتلەرنى يارىتىشتا نامايان بولىدىغان پاسسىپ قەبىھ يۈزى بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن مۇسۇلمانلارغا ئۆزىنىڭ ناچار ۋەزىيىتىنى ھېس قىلدۇرىدىغان ۋە غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغىتىدىغان ئىجابىي تەرىپىمۇ بولىشى مۇمكىن.

 

مۇستەملىكە تەجرىبىخانىسى

 

مۇستەملىكە كۈچلىرى بىر زېمىننى بېسىۋالغاندىن كېيىن مۇستەملىكە تەجرىبىخانىسىنى ئىشقا سالىدۇ. مۇستەملىكە تەجرىبىخانىسى ئۆزىگە ئۇيغۇن ھايات، ئىدىيە ۋە ھەرىكەت ئۆرنىكى يارىتىشقا ئۇرۇنىدۇ. مەنىۋى ۋە ماددى جەھەتتىن كونترول قىلىنغان ئىنسان مۇستەملىكە سىزىپ بەرگەن دائىرىنى قوبۇل قىلىدۇ، شۇ دائىرە ئىچىدە پىكىر قىلىدۇ، ئۇ دائىرىدىن چىقىپ كەتمەيدۇ، شەخسىيىتىنى شۇ دائىرىگە ئۇيغۇن ھالدا سىزىپ چىقىدۇ، بەلكى ئۇ دائىرىنى مۇداپىئە قىلىدۇ. شۇ ۋاقىتتا بۇ ئىنسان مۇستەملىكىنى قوبۇل قىلىش كېسىلىگە دۈچ كېلىدۇ.

مۇستەملىكىنى قوبۇل قىلىش كېسىلى مۇستەملىكە قىلىنىشقا ئىچكى جەھەتتىن بويسۇنغانلىقتۇر، بۇ بويسۇنۇش مۇستەملىكە كۈچلىرىنىڭ مۇستەملىكە قىلىنغۇچى خەلقلەرگە ئۆزلىرىنىڭ ئۈستۈنلۈكى، ئۇلار بولمىسا ھاياتىنى ئىدارە قىلالمايدىغانلىقى ۋە ھەر قانداق ساھەدە ئۇلاردىن تۆۋەن ئىكەنلىكىدە قانائەتلەندۈرگەنلىكىدىن كېلىپ چىققان.

مۇستەملىكە قىلغۇچىلار مۇستەملىكىگە چۈشۈپ قالغان خەلقنىڭ قەدىر قىممىتىنى باشقىلارنىڭ قىممىتىدىن تۆۋەن كۆرسىتىشكە ۋە مەنىۋى كۈچىنى يانجىپ تاشلاشقا ئۇرۇنىدۇ. مۇشۇ ئۇسۇل باشلانغان ۋاقىتتىن باشلاپ مۇستەملىكە ئاستىدىكى خەلقلەرنىڭ قىممىتى ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن تۆۋەنلەشكە باشلايدۇ.

مۇستەملىكىنى قوبۇل قىلىش پىسخىكىسى مۇستەملىكىگە چۈشۈپ قېلىش نەتىجىسىدىن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن تارىخى شارائىت سەۋەبىدىن مۇئەييەن بىر مىللەتتە يەرلىشىپ كەتكەن ئەقلى ۋە پىسخىكا سۈپەتلىرىنىڭ نەتىجىسى بولىشىمۇ مۇمكىن. بىر مىللەتتە ئۇزۇن زاماندىن بىرى يەرلىشىپ كەتكەن ئەقلى ۋە پىسخىكا سۈپەتلىرى قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنى پالەچ قىلىپ قويىدۇ، مۇستەملىكە كۈچلىرىگە قارىتا ئۆزلىرىدە تۆۋەنلىك ھېس قىلدۇرىدۇ.

مۇستەملىكە قورقۇنچ، ئەنسىرەش، ئىچكى تالاش- تارتىش، يالغانچىلىق، بىر-بىرىگە ئىشەنمەسلىك ۋە پەقەتلا ھەر بىر ئىنساننىڭ ئۆز جېنىنى ساقلاپ قېلىش تۇيغۇسىنى شەكىللەندۈرىدۇ، مىللەت ياكى ئۈممەت تۇيغۇسىنى يوقىتىدۇ، مىللەت ھالىتىنى ساقلاش ياكى جامائەتلىشىپ ھەرىكەت قىلىش ئىدىيەسىنى ئۆلتۈرىدۇ. كىشىلەر ئارىسىدىكى ئىشەنچىنى ۋەيران قىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا قورقۇنچ، ئەنسىرەش، بىر-بىرىگە يالغان سۆزلەش ۋە بىر-بىرىگە ئىشەنمەسلىك ھالىتىنى پەيدا قىلىدۇ. بۇ پىسخىكا سەۋەبلىرى تۈپەيلىدىن ئۆز ئارا سۆھبەتلىشىش، بىرلىشىش ۋە بىر بىرىمىزگە ئىشىنىش شارائىتلىرىنى يارىتالمايۋاتىمىز.

ئەمەلىيەتتە مۇستەملىكە تەجرىبىخانىسى ئاجىزلارنى ئالدايدۇ، ئۇلارنىڭ پسىخىكىسىدا قورقۇنچ ۋە خىيال پەيدا قىلىپ، ئۇلارنى قارشىلىق كۆرسىتىش روھىدىن پالەچ ھالەتكە چۈشۈرۈشكە ئۇرۇنىدۇ. ئاجىز خەلقلەرنى ئالداپ، مال-دۇنيا بىلەن ئۆزىگە جەلىپ قىلىپ مۇستەملىكە قىلغانلىقىنى چىرايلىق كۆرسىتىدۇ، مىللەتلەرنى ئۇخلىتىشقا ۋە كۈندۈزنىڭ نۇرىنى ئۆچۈرۈشكە ئۇرۇنىدۇ.

مۇستەملىكىنىڭ بىزنىڭ ئىجتىمائىي كۈچىمىزنى كېرەكسىز ئورۇنلارغا يۈزلەندۈرۈشكە ۋە بىزنىڭ قولىمىز ئارقىلىق ئىجتىمائىي كۈچىمىزنى پارچىلاشقا يوشۇرۇن تەسىرى ۋە ھۆكۈمرانلىقى بولىدىكەن، سىياسى ۋەزىيەت قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئەركىنلىك ئۈمىدى قىيىنغا توختايدۇ. بىراق ئىنساندا غايە، ساغلام ئىدىيە، ئىرادە ۋە بىرلىك بولسا شارائىت قانداق بولىشىدىن قەتئىينەزەر مۇھىت ئۈستىدىن غەلىبە قىلالايدۇ.

بەزىلەر بۇ تەجربىخانىلار توغرىسىدا سىياسەت تىلى بىلەن سۆزلەپ، مۇستەملىكە ھەزىم قىلىۋەتكەن ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىشىدۇ ۋە ئۆزلىرى ئۆتەشكە تېگىشلىك بولغان مەجبۇرىيەتلەرنى ئۇنتۇيدۇ. ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىپ، مەجبۇرىيىتىنى ئۇنتۇپ قالىدىغان ئىش بىز دۈچ كېلىۋاتقان تراگېدىيەنىڭ ئەڭ قورقۇنچلۇقى سانىلىدۇ.

بىز ئورنىمىزدىن دەس تۇرۇشىمىز ئۈچۈن دەسلەپتە چۈشكۈنلىشىش ئامىللىرى ۋە سەۋەبلىرىدىن قۇتۇلۇشىمىز لازىم، بۇ سەۋەبلەرنىڭ بېشىدا مۇستەملىكىنى قوبۇل قىلىش پىسخىكىسىدىن قۇتۇلۇشقا توغرا كېلىدۇ.

مۇستەملىكىنى قوبۇل قىلىش پىسخىكىسىدىن قۇتۇلۇش يولى نەپسىنى ئىسلاھ قىلىش ئارقىلىق بولىدۇ. يەنى باشقىلارغا قۇللۇق قىلىشتىن يالغۇز ئاللاھقا قۇللۇق قىلىش ئارقىلىق نەپسىمىزنى ئىسلاھ قىلىش، بەندىلەرگە ئىبادەت قىلىشتىن ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش، كۆڭۈل ۋە شەھۋەت كونتروللۇقىدىن ئەقىدە ۋە ئەخلاق نوپۇزىغا يۆتكىلىش، ئەقىلنى تازىلاش ۋە خاراكتېرىمىزنى پاكلاش ئارقىلىق بولىدۇ.

مۇستەملىكە قىلغۇچىنى كۆڭۈلدىن چىقارغان ۋاقتىدا، ئاندىن زېمىندىن چىقارغىلى بولىدۇ.

پايدىلانغان مەنبەلەر:

1.ئويغىنىش شەرتلىرى- مالىك نەبى

2.ئىسلام دۇنياسىنىڭ يۆنىلىشى- مالىك نەبى

3.توغرا يول ۋە ئېزىش ئارىلىقىدا- مالىك نەبى

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرى

2006- يىلى مىسىر.

2018- يىلى ئىستانبۇل