2024-يىل 27-ئاپرېل

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

مۇستەملىكىنى قوبۇل قىلىش پىسخىكىسى

مۇستەملىكىنى قوبۇل قىلىش پىسخىكىسى

1.مۇستەملىكىنى قوبۇل قىلىش ئۇقۇمىي

مۇستەملىكىنى قوبۇل قىلىش پىسخىكا كېسەللىكىدۇر. بۇ پىسخىكا كېسەللىكى بىرىنچىدىن، ۋەتەن ۋە مىللەت سۆيگۈسىنىڭ ئاجىزلىقىغا، ئىككىنچىدىن، دۆلەت، مىللەت ۋە ئۈممەت مەسىلىسىگە قىزغىن پوزىتسىيەدە بولماسلىققا، ئۈچىنچىدىن كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە ئائىلە ھاياتىغا كۆڭۈل بۆلۈش بىلەن چەكلىنىپ قېلىشقا ئېلىپ بارىدۇ.

مۇستەملىكىنى قوبۇل قىلىش پىسخىكىسى ئىجادىيەت يارىتىشقا توسالغۇ بولىدۇ. چۈنكى داۋالغۇش، قالايمىقانچىلىق، زىتلىق، ئنېىقسىزلىق ۋە ئۇندىن باشقا پاسسىپ بەزى پىكرى نەتىجىلەر بۇ جەمئىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ قەلبىدە يەر ئالغان مۇستەملىكىنى قوبۇل قىلىش پىسخىكىسىغا بىۋاستە مۇناسىۋەتلىكتۇر. بۇ پىسخىكا ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى تۆۋەن كۆرۈشىگە ۋە ئاڭقىرىماستىن مۇستەملىكە قىلغۇچىلارنى دوراپ ياشاشقا ئىتتىرىدۇ.

ئىنسان جەمئىيەتتە يېتەكچىلىك قىلىش روھىدىن ۋاز كەچكەندە، يېتەكچىلىك قىلىش سالاھىيىتى باشقىلارغا يۆتكىلىپ كېتىدۇ. دېمەك، مۇستەملىكە شەكلى ۋە سىرتقى بىر كۆرۈنۈش بولۇپ، ئارقىدا قېلىش ۋە باشقىلارغا باش ئىگىشنىڭ بىرىنچى سەۋەبى ئەمەس.

مۇستەملىكە بىزدىكى مۇستەملىكىنى قوبۇل قىلىش پىسخىكىسىدىن ئىبارەت ئاساسلىق كېسەلنىڭ نەتىجىسىدىن پەيدا بولغان، بىزدە مۇستەملىكىنى قوبۇل قىلىش پىسخىكىسى مۇستەملىكە كېلىشتىن ئىلگىرى شەكىللىنىپ بولغان، مۇستەملىكە بۈگۈنگە قەدەر بىزدىكى ئىدىيە توقۇنۇش نەتىجىسىدىن پايدىلىنىپ كەتكەن. بۈگۈن ئۆزىمىزگە ئەتراپلىق قارىساق بىزدە ئىدىيە توقۇنۇشى يەتكىچە تېپىلىدۇ. مۇستەملىكە بىزگە قارىتا تارماق مەسىلىلەرگە چىراق ياندۇرۇپ، ئاساسلىق مەسىلىلەرنى چەكلەش ئارقىلىق تارىخ ئالدىدا يول ئېچىپ بېرىدىغان ساغلام مېتود خاراكتېرلىك ھەر قانداق كۆز قاراشلارنى قاراڭغۇدا قالدۇرغان.

قايسى بىر مىللەت ئىچكى ئىدىيە توقۇنۇشى ۋە تالاش-تارتىش سەۋەبلىرىدىن ئاجىز بولۇپ قالمىسا، مۇستەملىكە بۇ مىللەتنى كونترول قىلالمايدۇ. مۇستەملىكىنى قوبۇل قىلىش كېسىلى ئاجىزلىقىمىزدىن كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.

2.مۇستەملىكىنى قوبۇل قىلىش كۆرۈنۈشلىرى

مۇستەملىكىنى قوبۇل قىلىش كۆرۈنۈشلىرىنىڭ بىرىنچى كۆرۈنۈشى مۇستەملىكچى دۆلەتنىڭ قانۇنلىرىنى قوبۇل قىلىشتۇر. مەسىلەن، مۇستەملىكىگە چۈشكەن ئىنسان «يەرلىك، ئۆز» دېگەن ئاتالغۇنى قوبۇل قىلغانلىقىنى، قىممىتى تۆۋەنلىتىسە ۋە ئىسمى ئۆزگەرتىلسە ئۇنىڭغا ئېتىراز بىلدۈرمىگەنلىكىنى كۆرىمىز. ئەسلىدە «يەرلىك، ئۆز» دېگەن ئاتالغۇ «مۇستەملىكە قىلىنغۇچى» مىللەت دېگەن ئاتالغۇنىڭ ئورنىغا مۇستەملىكە قىلغۇچىلار تەرىپىدىن قويۇلغان ئاتالغۇدۇر. بۇ ئىسىمنى قوبۇل قىلغانلىق مۇستەملىكە تاڭغان ۋەزىيەتنى قوبۇل قىلغانلىقتۇر، بۇ ئۇقۇم ئۇنىڭ قىممىتىنى چۈشۈرۈۋېتىدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئاكتىپچانلىقى، ئۆزى ۋە دۇنيا قارىشىغا چەكلىمە قويىدۇ.

مۇستەملىكچىنىڭ تەجرىبىخانىسى سىرتقى ئامىل بولۇپ، يەرلىك دەپ ئاتالغان مۇستەملىكە قىلىنغۇچى مىللەتكە تۇرمۇش، پىكىر قىلىش ۋە ھەرىكەت قىلىش ھەققىدە (لېپىڭ روھىغا ئوخشاش) بەلگىلىك ئۆرنەك تاڭىدۇ. بۇ ئۆرنەك تولۇق يارىتىلغاندا ئىنساننىڭ ئىچىدىن مۇستەملىكىنى قوبۇل قىلىش تەجرىبىخانىسى ئاشكارا بولىدۇ. مۇستەملىكە قىلىنغۇچىنىڭ «يەرلىك» دېگەن ئىسىمنى، شۇنداقلا يۇرتىنىڭ ئىسمىنى «شىنجاڭ» دەپ ئاتىشىنى قوبۇل قىلغانلىقى بۇ تەجرىبىخانىنىڭ بىرىنچى ھەرىكىتى ھېسابلىنىدۇ.

مۇستەملىكىنى قوبۇل قىلىش پىسخىكىسى -سىرتقى ئامىل بولغان مۇستەملىكىنى قوبۇل قىلغۇچى- ئىچكى ئامىلدۇر، ئۇ مۇستەملىكىگە ئىچكى جەھەتتىن چوڭقۇر تەسلىم بولغانلىقتۇر. مۇستەملىكىگە چۈشۈپ قالغان مىللەتلەردىكى مۇستەملىكىگە بويسۇنۇش پسىخىكا ھالىتى، مۇستەملىكىنىڭ ئۇزۇن زامان داۋاملىشىشىنىڭ كۈچلۈك ئامىلىدۇر.

شەخسىيەتچىلىك، پرىنسىپنىڭ زىيىنىغا بولسىمۇ مەنسەپپەرەسلىك قىلىش، ئەخلاق بۇزۇقلۇقى، مىللەتنىڭ پايدا-زىياننى ئايرىيالماسلىقى، مەدەنىيەت جەھەتتىن ئارقىدا قېلىش ۋە بىرلىشىپ ئىجتىمائىي ھەرىكەت قىلالماسلىق مۇستەملىكىنى قوبۇل قىلىش ئامىللىرىنىڭ قاتارىدىن سانىلىدۇ.

مۇستەملىكىنى قوبۇل قىلىش پىسخىكىسى ئويغىنىشقا توسالغۇ بولىدىغان پاسسىپلىق ۋە پائالىيەتسىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، چۈنكى بۇنداق مىللەت سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن قول ئىلكىدىكى ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلانمايدۇ. بەزىلەر كەمبەغەللىكنى باھانە قىلىپ ئۈنۈملۈك ئىش-ھەرىكەت قىلشىتىن قول تارتىۋالىدۇ، مۇستەملىكە ئىدىيەسىنى ياكى پىسخىكىسىنى قوبۇل قىلغان بەزى زىيالى تەبىقىلەر مۇستەملىكە قىلغۇچى زالىملارنىڭ مەقسەتلىرىنى ئۇلاردىن تېز سۈرئەتتە ئىجرا قىلىدۇ.

مۇستەملىكىنى قوبۇل قىلىش ئاتالغۇسى ساۋاتسىزلىق، ئارقىدا قېلىش ۋە كەمبەغەللىكنىڭ تارقىلىپ كېتىش سۈپىتىنىلا كۆرسەتمەيدۇ، بەلكى قىممەت قاراشنى ئۆزگەرتىپ، ئەنئەۋىلىكنى ئارقىدا قالغانلىق، يېڭى نەرسىلەرنى تەرەققىيات دەپ قارايدىغان پىسخىكا ۋە ئىدىيەدىكى كۆپ نەرسىلەرنى كۆرسىتىدۇ. شۇ سەۋەبتىن بۇ ئىنسانلارنىڭ زېھىنى قابىلىيىتى دۆتلىشىدۇ، ئەقىل ئىجادىيەت يارىتىشتىن قاتماللىشىدۇ، قىممەت قاراش قۇرۇلمىسىنىڭ يىقىلغانلىقى سەۋەبىدىن ئىجتىمائىي ئالاقىلەر پارچىلىنىدۇ، بۇ كىشىلەر بولسا ئاجىزلىق ۋە ھورۇنلۇق نەتىجىسىدە مەجبۇرىيەتلىرىنى ئىجرا قىلماستىن ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇنداقلا جەمئىيەتنىڭ جىددى مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن پايدىلىق بولغان ئىشنى ئەمەس، ئاسان بولغان يولنى ئىزدەشكە مايىل بولىدۇ. شۇنداقلا شەخسى مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن باتىل ۋە زۇلۇم بىلەن چىقىشىپ ياشاشقا، زۇلۇم ۋە باتىل بىلەن سوقۇشۇپ قالماسلىققا مايىل بولىدۇ.

بۇ كېسەللەر بىرەر جەمئىيەتتە ئەۋج ئېلىپ كەتسە، بۇ جەمئىيەت مۇستەملىكىنى قوبۇل قىلغان بولىدۇ. بۇنداق جەمئىيەتنىڭ رېئاللىقى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئەسكەرلىرىنى كىرگۈزۈشكە ياكى سىياسىي قۇرۇلمىلىرىنى چاقىرىپ كېلىشكە ياكى ھېچ بولمىغاندا ئۆزىگە تەۋە ئىتتىپاقداشلارنى تىكلەشكە سەۋەب بولىدۇ. بۇ سەۋەبتىن ھۆر ئىنسانلار قىينىلىدۇ، بۇزۇقچىلىق تارقىلىدۇ ۋە ئابرويلار دەپسەندە قىلىدۇ. رەسۇلۇللاھ بۇنىڭ سەۋەبىنى«ئاجىزلىق ياكى بوشاڭلىق» دەپ ئاگاھلاندۇرغان ئىدى. رەسۇلۇللاھنىڭ «ئاجىزلىق» ئاتالغۇسىدىن مەقسەت قىلغان ئۇقۇم بىلەن مۇستەملىكىنى قوبۇل قىلىش پىسخىكىسى ئارىلىقىدا مەزمۇن يېقىنلىقىنىڭ بارلىقىدا شەك يوق.

بىزدىكى ئاجىزلىق، بۆلۈنۈش، كەمبەغەللىك، ساۋاتسىزلىق، ئارقىدا قېلىش، تەلىم-تەربىيە سەۋىيسىنىڭ تۆۋەنلىشىپ كېتىشى، مائارىپنىڭ كىملىكىمىزگە زىت كېلىشى ۋە دۈشمەن بىزدىن كۈچلۈك دېگەن خىياللاردىن قۇتۇلالماسلىق مۇستەملىكىنى قوبۇل قىلىش پىسخىكىسى دېمەكتۇر. دۈشمەننىڭ كۈچى پەقەت بىزنىڭ غاپىللىقىمىز ۋە ئاجىزلىقىمىزدا يوشۇرۇنغان بولىدۇ، بۇ يەردىكى مەسىلە خىيالدىن غالىپ كېلىش مەسىلىسىدىن ئىبارەت.

3.مۇستەملىكىنى قوبۇل قىلىش پىسخىكىسى ئۆزىدىكى سەلبى چۈشەنچىنىڭ نەتىجىسىدۇر

مۇستەملىكىنى قوبۇل قىلىش پىسخىكىسى سەۋەبىدىن پىسخىكا ئاجىزلىقى ياكى ئاجىزلىق ۋە ھورۇنلۇقنى ھېس قىلىشى ئۇنىڭ پىسخىكىسىدا شەكىللەنگەن سەلبى ئۇقۇمنىڭ نەتىجىسىدۇر. بۇ سەلبى ئۇقۇم ئۇنىڭ ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈش تۇيغۇسىغا ئېلىپ بارىدۇ ۋە ئىجتىمائىي رېئاللىق ھاياتىغا سەلبى تەسىر كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، ئۇ تۇيغۇدىكى شەخسلەر مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشتىن كۆپرەك ھوقۇقىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ، بەلكى ئىجتىمائىي مەجبۇرىيىتىگە ھېچ ئېتىبار بەرمەيدۇ. شۇنداقلا ئۇنىڭ تۈرلۈك ھايات تەلەپلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشتە مەنسەپ ۋە ھوقۇق ساھىبلىرىغا يۆلىنىۋالغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

بۇ ھالەتتىكى شەخسنىڭ پىسخىكا جەھەتتىن ئۈمىدسىزلىكى ۋە تولۇق ئاجىزلىق ھېس قىلغانلىقىنى كۆرەلەيمىز، بۇ ئاجىزلىق ئۇنى چېچىلاڭغۇ ۋە مېتودسىز ئويلايدىغان ھالغا كەلتۈرۈپ قويىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئۇ ئۆزىنى يوقىتىش ھالىتىدە ياشايدۇ، بۇ ۋەجىدىن سەلبى ئۇقۇم شەكىللىنىدۇ، ئۆزى توغرىسدىكى ئىيجابىي قاراشلارنىڭ ھەممىسى ۋە ئۆزلۈك پائالىيەتچانلىق ئىقتىدارى پالەج ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ، نەتىجىدە يەككە ۋە ئىجتىمائىي رولىنى ئادا قىىلىشتىن ئوخشاشلا ۋاز كېچىدۇ.

بىر شەخستىكى ئىيجابىي ئۆزلۈك ئۇقۇمنىڭ بىۋاستە رېئاللىق ھاياتقا ئىيجابىي شەكىلدە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىدا شەك يوق. ئىيجابىي ئۆزلۈك ئۇقۇمىي بىر شەخسنىڭ ئۆزىنى قوبۇل قىلىشى ۋە ئۆزىدىن رازى بولىشىدا نامايان بولىدۇ. ئىيجابىي شەخستە دائىم ئۆزىنى ھۆرمەتلەش، ئىجتىمائىي ئورنى، رولى ۋە ئەھمىيىتىنى قوغداش، ئۆزىگە ئىشەنچ قىلىش، شەرىپى ۋە ئۆزىنىڭ مۇستەقىللىقىگە چىڭ ئېسىلىش روھىي نامايان بولىدۇ.

ئەمما سەلبىي ئۆزلۈك ئۇقۇمىي ئىككىلىنىش ۋە ئۆزلۈكىگە تەھدىت سېلىش تۇيغۇسىغا سەۋەب بولىدۇ. ئىيجابىي ئۆزلۈك ئۇقۇمىغا ئىگە شەخسلەردە پىسخىكا ساغلاملىقى بولىدۇ، سەلبىي ئۆزلۈك ئۇقۇمىغا ئىگە شەخسلەردە پسىخىكا داۋالغۇشى بولىدۇ، پىسخىكا داۋالغۇشىغا ئۇچرىغان كىشىلەر ئۆزلىرى ھەققىدە سەلبى ئۇقۇم نامايان قىلىدۇ.

دېمەك، بىر ئىنساندا ئىيجابىي ئۇقۇم بولسا، ئۇنىڭ ئۆزلۈك پائالىيەتچانلىقىدا ئەكىس ئىتىدۇ، شۇ سەۋەبتىن ئۆزىگە ئالاقىدار ئىجتىمائىي رولىنى ئادا قىلىدۇ. ئەگەر بىر ئىنساندا سەلبىي ئۇقۇم بولسا ئۇنىڭ ئۆزلۈك پائالىيتىدە سەلبى ئەكىس ئىتىدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت رولىنى ئادا قىلىشتىن ئاجىز ۋە بوشاڭ ئىكەنلىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ، بۇ سەۋەبتىن ئۇ ئارقىدا قېلىش كېسىلىگە دۈچ كېلىدۇ، ھەممىدىن ئىلگىرى مۇستەملىكىنى قوبۇل قىلىش ئىدىيەسىگە دۇچار بولىدۇ.

مۇستەملىكىنى قوبۇل قىلىش پىسخىكىسىگە دۇچار بولغان ئىنسان بىچارە ئىنساندۇر. ئۇ كىمىلىكىنى، ئۆزى بىلەن پەخىرلىنىشنى ۋە ئەنئەنىۋىلىكىنى يوقاتقان ئىنساندۇر. چۈنكى ئۇ ئىنسان ئۆزى ھەققىدە سەلبىي ئۇقۇم ۋە قاپقاراڭغۇ شەكىل كۆتۈرۈپ يۈرىدۇ، بۇ ئۇقۇم شەكسىز ھالدا ئۇنىڭ نەرسىلەر دۇنياسىغا تەسىر كۆرسىتىش ۋە ئۇنىڭدا ئۆزگەرتىش پەيدا قىلىش تەسەۋۋۇرىغا سەلبى تەسىر كۆرسىتىدۇ. سەلبىي تەسەۋۋۇر ئۇنىڭ شەخسىيىتىنى يوقىتىپ قويىدۇ ۋە ھايات پوسۇنى ھەققىدە ئۆرنەك تۇتقان ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى مۇستەملىكىنى دوراشقا سەۋەب بولىدۇ. مەسىلەن، ئۇنىڭ مەدەنىيىتى، تىلى، پورمىلىرى، كىيىم-كېچەكلىرى ۋە ئويۇن ۋاسىتىلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇ ئىنساننىڭ يۇقىرى ئۆرنىكى سانىلىدۇ، مۇستەملىكىنى قوبۇل قىلىش پىسخىكىسىغا يولۇققان ئىنسان بۇ ئۆرنەكلەرنى ئۆزىدە مۇجەسسەملەشتۈرۈشكە ئۇرۇنىدۇ.

مۇستەملىكىنى قوبۇل قىلىش پىسخىكىسى شەخسنىڭ ئۆزىدە كۆتۈرۈپ يۈرگەن سەلبىي چۈشەنچىنىڭ نەتىجىسىدۇر. سەلبىي چۈشەنچە ۋە پائالىيەتسىزلىك ئىنساننى ئۆز ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىدىغان، ئۇنىڭ قارشىلىقىدا ئۆزىنىڭ ۋە ئىجتىمائىي مەجبۇرىيەتلىرىگە سەل قارايدىغان بوشاڭ ۋە ھورۇن ھالغا كەلتۈرۈپ قويىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە مەجبۇرىيەتلەرنى ھۆرمەتلەش ۋە ئۆلچەملىك ئادا قىلىش ئاساسىدا شەكىللىنىدىغان ئىجتىمائىي ئالاقە تورى پارچىلىنىدۇ. دېمەك، ئۆزىنى ئويلاش ۋە ئۆزدىكى سەلبى ئالاقە مۇستەملىكىنى قوبۇل قىلىش كېسىلىنى شەكىللەندۈرىدىغان سەۋەبتۇر.

مۇستەملىكىنى قوبۇل قىلىش پىسخىكىسى بويسۇنۇش، تەۋە بولۇش ۋە قارىغۇلارچە ئەگىشىش پىسخىكا تەييارلىقىدا، شۇنداقلا پرىنسىپ، قىممەت قاراش ۋە ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتلەردىن دەۋرگە مۇناسىپ تەرەققى قىلىش باھانىسى بىلەن پەردىلەنگەن مەدەنىيەتنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ۋاز كېچىشتە كۆرۈنىدۇ. نەتىجىدە پرىنسىپ ۋە قىممەت قاراشلار مەزمۇنلىرىدىن بۇرۇلۇپ كېتىدۇ. مەسىلەن، ئەنئەنىۋىلىكنى تۇتۇپ مېڭىش ئارقىدا قالغانلىق، دىننىڭ تەلىماتلىرىنى تۇتۇپ مېڭىش ئەسەبىيەت ۋە ئاشقۇنلۇق، ئاياللارنىڭ يېرىم يالىڭاچ كىيىملىرى مودا، باشقىلارنىڭ كىيىم-كېچەكلىرى، تۇرمۇش قېلىپى ۋە يۈرۈش-تۇرۇش پوسۇنلىرى تەرەققىياتقا ماسلاشقانلىق سانىلىدۇ.

 پرىنسىپلار ۋە قىممەت قاراشلاردىن ۋاز كېچىش مۇستەملىكىنى قوبۇل قىلىشتا ياكى مۇستەملىكىچى شارائىتقا قارىتا قوللىنىدىغان ھۆكۈمرانلىقنىڭ بىر شەكلىدە كۆرۈنىدۇ. مۇستەملىكىنى قوبۇل قىلىش پىسخىكىسىگە يولۇققان ئىنسان پىسخولۇگىيە ئىلمىدا «ھۆكۈمراننىڭ ئەھكاملىرى بىلەن پەخرلىنىش» دەپ ئاتىلىدىغان مىكرۇپىغا دۇچار بولىدۇ. بۇنىڭغا كۆرە بۇ ئىنسان دۈشمەنلىكىنى گۇناھ ھېس قىلىش، ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈش ۋە ئۆزلۈك قىممىتىنى تۆۋەنلىتىش شەكلىدە ئۆزىگە قارىتىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ قىممىتىنى ۋە ئۆز مىللىتىنىڭ قىممىتىنى تۆۋەنلىتىشكە قاتنىشىدۇ. بۇ يۆنىلىشتە ئىچكىرلىگەنسېرى مۇستەملىكە قىلغۇچىنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئېتىبارىنى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ھەر قانداق بىر نەرسىنى مۇبالىغلاشتۇرىدۇ.

مۇستەملىكە قىلغۇچىنىڭ قانۇنلىرى بىلەن پەخىرلىنىشنىڭ مۇقەددىمىسى بويسۇنۇش باسقۇچىدا كېڭىيىشكە باشلىنىدۇ ۋە ئۇنى تەبىئي كۆرىدىغان ھالغا كەلتۈرۈپ قويىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە مۇستەملىكە قىلغۇچى بىلەن مۇستەملىكە قىلىنغۇچى ئىنسان ئارىسىدىكى مۇساپە ياكى ھاڭ بەك چوڭقۇر كۆرۈنىدۇ. مۇستەملىكىگە يولۇققان ئىنسان بۇ خىل ئەھۋالدا ئۆزىنى ئىنكار قىلىش، ئۆزىنى ئېتىراپ قىلماسلىق ۋە مەغلۇب بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆزىنى ئەيىبلەش شەكلىدە جىددى كرىزىس ئىچىدە ياشايدۇ.

بۇ ئىنسان بىر بۆلەك سەلبىي قانۇنلار سايىسىدا قەدەم باسىدۇ، بۇ قانۇنلار ئۇنىڭ ئۆزىدە ياخشىلىق ياكى ئىززەت تۇيغۇسىنى كۆرەلمەيدىغان قىلىپ قويىدۇ، چۈنكى بۇ قانۇنلار كەمچىللىك، ئەيىب، خورلۇقنىڭ مەنبەسىدۇر، ئاجىزلىقى ۋە دۈشمەنگە تاقابىل تۇرۇشتىكى مەغلۇبىيىتى ئۈچۈن ئۆزىنى يامان كۆرۈشنىڭ مەنبەسىدۇر. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۆزىنى ۋەيران قىلىش مايىلچانلىقى تۇغۇلىدۇ ۋە مەسىلە تەدرىجى ھەقىقى ئۆزلۈك بىلەن دۈشمەننىڭ (مەن ھەممىدىن ئۈستۈن) دەپ قارايدىغان ئىچكى ھۆكۈمرانلىق ئارىسىدا پارچىلىنىشقا باشلايدۇ. ئىنسان ئۆزىگە قارشى بۇ ئىچكى ھۆكۈمرانلىق سەۋەبىدىن تامامەن پەخىرلىنىپ، ھەتتاكى ئۆزىنى ئىنكار قىلغۇدەك سەۋىيگە يېتىپ قالىدۇ ۋە بۇ ئۆزىنى ئىنكار قىلىشنى مىللىتىگە قارىتا پوزىتسىيىسىدە ئومۇملاشتۇرىدۇ، شۇڭا بۇ مىللەتكە ئەزا بولغانلىقىدىن خىجىل بولغىلى تاس قالىدۇ.

مۇستەملىكە بۇ كۆرۈنۈشتىن پايدىلىنىدۇ، ئۇنى بارلىق مۈمكىن بولىدىغان يول بىلەن غىزالاندۇرىدۇ. ئۇنىڭ قەدىر قىممىتىنى چۈشۈرىدۇ. ئۇنىڭ مەدەنىيىتى، قىممەت قارىشى، ئادەتلىرى ۋە ئىمكانىيەتلىرىنى تۆۋەن كۆرسىتىدۇ. مەغلۇب بولغان ئىنساننىڭ قەدرى قىممىتى چۈشكەنسېرى، مۇستەمىلىكىچى مەغلۇب بولغان ئىنساننى ھەيران قالدۇرغۇدەك ۋە ئۇنى ئۈمىدسىزلەندۈرگىدەك دەرىجىدە ئۆزىنىڭ ئەھمىيىتىنى چوڭايتىشقا، ئۆز دۇنياسى، ۋاسىتلىرى ۋە تەۋەلىكىنى بۈيۈك كۆرسىتىشكە ئۇرۇنىدۇ. بۇ باسقۇچتا مەغلۇب بولغان ئىنسان ئۆزىنى ئىنكار قىلىشقا ۋە ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىگە قارشى جەڭ قىلىشقا باشلايدۇ. بۇ جەڭ كۈچەيگەنسېرى ئۆزىنى مۇستەملىكىدىن ئايرىلالمايدىغان كىشەنلەرگە باغلايدۇ.

بۈگۈنكى رېئاللىققا قارىساق، ياشلارنىڭ كۆپىنچىسىدە مۇستەملىكىنى قوبۇل قىلىش پىسخىكىسى تېپىلىدۇ، چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرى، مەدەنىيىتى ۋە تارىخىغا سەلبىي قارايدۇ، بەلكى ئۆزلىرىنىڭ ئۇلاردىن بولۇپ قالغانلىقىدىن خىجىل بولىدۇ. بۇلار ئۆزلىرىدە بار بولغان ئىمكانىيەتلىرى ئارقىلىق مىللىتى ياكى جەمئىيىتىنىڭ كۈچلۈك جەمئىيەت قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشقا قىزىقمايدۇ.

بۈگۈن بىز ئۆزىمىزگە قارىتا سەلبىي قاراشتىن قۇتۇلايلى، ئىشنى يېڭىدىن باشلاش ئىمكانىيىتىگە قادىر ئىكەنلىكىمىزگە ئىشىنىدىغان يېڭى نەزەرىيە شەكىللەندۈرەيلى. بىز ئۆزىمىزدىكى مۇستەملىكىنى قوبۇل قىلىش پىسخىكىسىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن دىنىمىزنى ئازاتلىق ۋە تەرەققىياتنىڭ توسالغۇسى كۆرمەيلى، شۇنداقلا مەدەنىيىتىمىز ۋە تارىخىمىزدىن خىجىللىق ھېس قىلمايلى، بەلكى پەخىرلىنەيلى.

پايدىلانغان كىتابلار:

  1. مۇلاھىزىلەر- جەمئىيەتشۇناس ۋە مۇتەپەككۇر مالىك نەبى
  2. مۇستەملىكە قىلىنغان ئەللەردىكى پىكىر (ئىدىيە) توقۇنۇشى- مالىك نەبى
  3. جەمئىيەتنىڭ تۇغۇلىشى- مالىك نەبى
  4. توغرىلىق ۋە ئېزىش ئارىسىدا- مالىك نەبى
  5. جەڭ قايناملىرىدا- مالىك نەبى

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي