2024-يىل 3-ماي

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

ئىجابىي تەنقىد بىلەن پاسسىپ تەنقىدنىڭ پەرقى

ئىجابىي تەنقىد بىلەن پاسسىپ تەنقىدنىڭ پەرقى

تەنقىدنىڭ ئېنىقلىمىسى: مېتود خاراكتېرلىك تەنقىد مۇتلەق رەت قىلىش ۋە مۇتلەق قوبۇل قىلىش ئۇسۇلىغا تايانمايدۇ، بەلكى مەسىلىنىڭ توغرا ۋە خاتا تەرەپلىرىنى ئايرىپ بولۇپ، ئاندىن توغرىنى قوبۇل قىلىش ۋە خاتالىقنى رەت قىلىش دېگەن بولىدۇ.

باشتا  شۇنى قىستۇرۇپ ئەسكەرتىش كېرەككى، تەنقىد كەسكىن ھۆججەت بىلەن ئىسپاتلانغان دىنىمىزنىڭ ئاساسلىرىدا، ياكى بىر پۈتۈن كىملىكىمىزدە، ياكى بىرلىككە كېلىنگەن سىياسىي پىرىنسىپلىرىمىزدا قوبۇل قىلىنمايدۇ. بەلكى ھەرقايسى ساھەدىكى ئىجتىھاد ۋە ئىزدىنىش خاراكتېرلىك تارماق مەسىلىلەردە ياكى تەرەققى قىلدۇرۇشنى قوبۇل قىلىدىغان سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي پىكىرلەردە قوبۇل قىلىنىدۇ.

1. تەنقىدنىڭ تۈرلىرى

1) ئىجابىي تەنقىد: ئۇ باھالاش، توغرىلاش، تۈزىتىش ۋە ئەسكەرتىشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئىجابىي تەنقىد بىر مەسىلە ھەققىدە ئىجابىي ۋە سەلبىي باھالارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، باشقىلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشلىرى ھەققىدە توختىلىش بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ ئىشلىرىدىكى بەزىبىر نۇقسانلار ھەققىدىمۇ توختىلىدۇ، ھەمدە مەسىلىگە باھا بەرگەندە ئىلمىي ئۇسۇلدا ۋە دوستانە تۇيغۇدا باھا بىرىدۇ. شۇڭا، ئىجابىي تەنقىد جەمئىيەتكە پايدىلىق بولىدۇ، ھەمدە ھەمكارلىق تۈسىنى ئالغان ئىشلاردا ئىقتىدار ئۆلچىمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن پايدىلىق ۋاسىتە ھېسابلىنىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، مەدەنىيەت ۋە ئاڭ-سەۋىيە جەھەتتە پىشىپ يېتىلگەن جەمئىيەتلەر تۇرمۇش، جەمئىيەت ۋە سىياسەت ئىشلىرىدا پايدىلىق بولغان ئىجابىي تەنقىدلەرنى قوبۇل قىلىدۇ.

2) پاسسىپ تەنقىد ياكى بۇزغۇنچى خاراكتېردىكى تەنقىد:

 ئۇ كىشىلەر ۋە ئورگانلارنىڭ يۈزىنى تۆكۈشنى ياكى ئۇلارنى ئوسال ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇ خىل تەنقىدنىڭ جەمئىيەتكە ياكى ئاممىۋى مەنپەئەتكە ياكى ۋەتەنگە ھېچقانداق پايدىسى بولمايدۇ. چۈنكى، پاسسىپ ياكى بۇزغۇنچىلىق خاراكتېردىكى تەنقىد باشقىلارنىڭ ئەيىبلىرىنى ئېچىش، جەمئىيەتتە سەلبىي پىكىر تارقىتىش، باشقىلارنىڭ ئابرۇيىغا چېقىلىش، ياكى باشقىلارنى ئېتىبارسىزلاشتۇرۇش، ياكى باشقىلارنىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈش، ياكى باشقىلارنى تىللاش ياكى تەنە قىلىش ئارقىلىق جەمئىيەتنىڭ ئىجتىمائىي قۇرۇلمىسىنى پارچىلاشقا ھەسسە قوشىدۇ.

بۇ خىل تۈردىكى تەنقىدچىلەر ھېچكىمنىڭ پەزىلىتى ياكى ياخشى ئىشلىرىنى تىلغا ئېلىپ سالمايدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى باشقىلارنىڭ ئەيىب- نۇقسانلىرىنى توپلاش ۋە ئۇنى بازارغا سېلىشتىن ئىبارەت بولىدۇ.

بۇ خىل تۈ ردىكى پاسسىپ ياكى بۇزغۇنچى خاراكتېرىدىكى تەنقىد ئىسلام دىنى ئاگاھلاندۇرغان غەيۋەت ۋە سۈخەنچىلىككە تامامەن ئوخشاپ كېتىدىغانلىقى ئۈچۈن رەت قىلىنىدۇ. ئەپسۇسكى، بۇ خىل تىپتىكى پاسسىپ تەنقىدلەر تاراتقۇلاردا، سورۇنلاردا ۋە ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ. جەمئىيەتنىڭ بىرلىكى ۋە ھەمكارلىقىنى قوغداش ئۈچۈن بۇ خىل تۈردىكى پاسسىپ ياكى بۇزغۇنچى خاراكتېردىكى تەنقىدلەردىن ئاگاھلاندۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم.

2. ئىجابىي تەنقىد بىلەن بۇزغۇنچى تەنقىدنىڭ پەرقى قايسىلار؟

1) ئىجابىي تەنقىدچى ئىلمىي ئۇسۇللارنى قوللىنىدۇ.

 بۇزغۇنچى تەنقىدچى ھاقارەت ۋە شەخسىي تۆھمەتنى ئاساس قىلىدۇ.

2) ئىجابىي تەنقىدچى ئۆز كەسپى بويىچە ئىلمىي تەنقىد قىلىدۇ.

بۇزغۇنچى تەنقىدچى ئۆزى بىلمەيدىغان ۋە ئۆز ساھەسىدىن يىراق بولغان پىكىرلەرنى تەنقىد قىلىپ يۈرىدۇ.

3) ئىجابىي تەنقىدچى نەسىھەت قىلىشقا ۋە پۇرىتىپ ئۆتۈپ كېتىشكە كۆڭۈل بۆلىدۇ.

بۇزغۇنچى تەنقىدچى كىشىلەرنى قەستەن ئوسال ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.

4) ئىجابىي تەنقىدچىنىڭ مەقسىتى پەقەتلا ھەقىقەتكە يېتىش، تۈزىتىش ۋە شارائىتنى ياخشىلاش بولىدۇ.

 بۇزغۇنچى تەنقىدچىنىڭ مەقسىتى مەيدان ئۇتۇش ۋە ئاخىرىدا غەلىبە قىلغانلىقىنى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنۇش بولىدۇ.

5) ئىجابىي تەنقىدچى تەنقىد قىلماقچى بولغان پىكىرنىڭ ياكى ئىشنىڭ ئىجابىي تەرەپلىرىنى تەكىتلەش بىلەن بىرلىكتە، پىكىرنىڭ پىكىرنىڭ ياكى ئىشنىڭ پاسسىپ تەرەپلىرىنىمۇ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

 ئەمما بۇزغۇنچى تەنقىدچى ھەرقانداق پىكىرنىڭ سەلبىي تەرىپىدىن باشقىسىنى كۆرمەيدۇ.

6) ئىجابىي تەنقىدچى ئۆزىنىڭ پىكىرىنى قوبۇل قىلىنىشى ياكى رەت قىلىنىشى مۇمكىن دەپ قارايدۇ.

 ئەمما بۇزغۇنچى تەنقىدچى ئۆزىنىڭ پىكرىنى ئېتىراز بىلدۈرگىنى بولمايدىغان كەسكىن ھۆكۈم دەپ قارايدۇ.

7) ئىجابىي تەنقىدچى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بارلىق پىكىرلەرنى قارشى ئالىدۇ ۋە مۇلاھىزە قىلىدۇ.

ئەمما بۇزغۇنچى تەنقىدچى پىكىر ساھىبلىرىنىڭ ئىنكاسىنى ئاڭلاشنى خالىمايدۇ.

8) ئىجابىي تەنقىدچى پىكىرنىڭ ئىگىسىگە قارىمايدۇ، بەلكى پىكىرنىڭ ئۆزىگىلا قارايدۇ.

ئەمما بۇزغۇنچى تەنقىدچى قوش مىجەزلىك بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ئورنى ۋە نوپۇزىغا قاراپ تەنقىد قىلىدۇ.

9) ئىجابىي تەنقىدچى كىشىلەرنىڭ ئىدىيەسىگە قاراپ ئولتۇرماستىن ئىدىيەنىڭ ئۆزىگە ئەھمىيەت بېرىدۇ.

ئەمما بۇزغۇنچى تەنقىدچى كىشىلەرگە دىئاگنوز قويۇش ۋە كىشىلەرنى تۈرگە ئايرىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، تەنقىدنى باشقا تېمىغا كېڭەيتىدۇ.

10) ئىجابىي تەنقىدچى ھەرتۈرلۈك تاللاش يوللىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا ئۇرۇنىدۇ.

 ئەمما بۇزغۇنچى تەنقىدچى ھەل قىلىش چارىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا پەرۋا قىلمايدۇ.

11) ئىجابىي تەنقىدچى تەنقىدنى خىزمەت ۋە مۇۋەپپەقىيەت باسقۇچلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك بىر باسقۇچى دەپ قارايدۇ.

 ئەمما بۇزغۇنچى تەنقىدچى تەنقىد قىلىپلا توختاپ قالىدۇ.

12) ئىجابىي تەنقىدچى پىكىرنى باشقا مۇناسىۋىتى بولمىغان پىكىرلەردىن ئايرىيدۇ.

ئەمما بۇزغۇنچى تەنقىدچى بىر تېمىنىڭ ئۆزىنى مۇناسىۋەتسىز ئورۇنلاردىمۇ ۋە ۋاقىتلاردىمۇ تەكرار تەكرار تەنقىد قىلىۋېرىدۇ.

13) ئىجابىي تەنقىدچى بىر پىكىرنى تەنقىد قىلغان بولسا، ئۆزى تەنقىد قىلغان كىشىنىڭ باشقا ئىجابىي پىكىرلىرىنى قوبۇل قىلالايدۇ.

 ئەمما بۇزغۇنچى تەنقىدچى ئەگەر بىر ئادەمنى تەنقىد قىلسا، ئۇنىڭ پايدىلىق بولغان بارلىق پىكىرلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئىجابىي بولسىمۇ رەت قىلىدۇ.

3. بۇزغۇنچىلىق خاراكتېردىكى تەنقىدنىڭ خاراكتېرى

بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرلىك تەنقىد غەيۋەت قاتارىغا كىرىدۇ. چۈنكى بۇزغۇنچىلىق خاراكتېردىكى تەنقىد مۇتەكەببۇر، ياكى ھەسەتخور، ياكى باشقا پىكىرنى قوبۇل قىلمايدىغان مۇتەئەسسىپ نادانلاردىن پەيدا بولىدۇ.

شۇنى بىلىش كېرەككى، ئادالەتنى باشقىلارغا تۆھمەت قىلىش، ھاقارەتلەش، كەمسىتىش ۋە ئەيىبلەش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگىلى بولمايدۇ، بەلكى ئىجابىي، سەمىمىي ۋە ئىلمىي تەنقىد قىلىش ئارقىلىقلا قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. چۈنكى بۇزۇش خاراكتېرىدىكى تەنقىد بۇزسا بۇزىدۇكى، بەرپا قىلمايدۇ ياكى ئۈنۈم يارىتالمايدۇ. شۇڭا، ئۇ خىلدىكى تەنقىدنى تەشەببۇس قىلغۇچىلار ئىشلارنىڭ پەقەت سەلبىي تەرىپىنىلا تىلغا ئالىدۇ، ئىشلارنىڭ ياخشى تەرەپلىرىنى تىلغا ئېلىپ سالمايدۇ.

پاسسىپ ياكى بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرىدىكى تەنقىدچىلەر باشقىلارنىڭ خاتالىقلىرىنى ئىزدەش، ئاجىزلىق نۇقتىسىنى تېپىپ چىقىش، باشقىلارنىڭ ئىززىتىگە چېقىلىش، ئاداۋەت تېرىش، مىش-مىش پاراڭلارنى تارقىتىش، جېدەل- ماجىرا تۇغدۇرۇش قاتارلىق ئىللەتلەر بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئۈچۈن پايدىلىق ئىشلاردىن ۋە ساۋابتىن مەھرۇم قالىدۇ. شۇڭا، بۇ تۈردىكى تەنقىد بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار پەقەت ناچار نەرسىلەرگە قونىدىغان چىۋىنگە ئوخشايدۇ، ھەمدە مۇسۇلمان قېرىنداشلىرى ئۈستىدىن شەيتانغا ياردەم بېرىدۇ.  

چۈنكى، ئۇلارنىڭ پۈتكۈل ماھارىتى ئۆرۈش ياكى يىقىتىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالىدۇ، ھەمدە مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ. ئۇلار مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارغا بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرلىك تەنقىدلىرى بىلەن توختىماي ئۇرۇش ئاچىدۇ، جەمئىيەتتىكى كىشىلەرنى ئۇلارغا دۈشمەن قىلىشقا ئۇرۇنىدۇ، ياكى ئۇلار ھەققىدە يالغان ئىشلارنى ئويدۇرۇپ چىقىرىدۇ ۋە مىش-مىش گەپ-سۆزلەرنى تارقىتىدۇ.

ناۋادا ئۇ خىلدىكى تەنقىدچىلەرنى ئىلغار ياكى توغرا پىكىرلىرى بولۇپ قالسا، باشقىلارغا ھۇجۇم قىلمىغان ئىلمىي ئۇسۇلدا ئوتتۇرىغا قويالمايدۇ. شۇڭا، ئۇلار توغرا پىكىرگە ئىگە بولسىمۇ، پىكىرلىرىنى باشقىلارنىڭ بېشىغا دەسسەپ تۇرۇپ ياكى باشقىلارغا ھۇجۇم قىلىپ تۇرۇپ، ئاندىن ئوتتۇرىغا قويۇشقا تېرىشىدۇ.

 بۇ تۈردىكى پاسسىپ تەنقىدچىلەر ئۆز كۆز قاراشلىرىنى كۆپچىلىككە تېڭىشقا تىرىشىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ پىكىرى ھەمىشە توغرا بولۇپ، خاتالىشىپ قېلىش ئېھتىماللىقى يوق پىكىردەك ئۆزلىرىنىڭ پىكىرىدە چىڭ تۇرىدۇ ۋە ئۆزلىرى ئۈچۈن ئۆچ ئېلىشقا ئۇرۇنىدۇ.

بەلكىم بۇزغۇنچى خاراكتېردىكى تەنقىدنىڭ كېلىش مەنبەسى ئۆچمەنلىك ياكى ئاڭسىزلىق بولۇشى مۇمكىن. بەلكىم بۇ تەنقىدنىڭ سەۋەبى «تەتۈر يول تۇتساڭ تونۇلىسەن» دېگەن مىسالغا ئاساسەن ئۆكتىچىلىك قىلىش، ياكى تەتۈر يول تۇتۇشنى ياخشى كۆرۈش بولۇشى مۇمكىن. ياكى مۇتەكەببۇرلۇق قىلىش، ياكى ھەسەت قىلىش، ياكى ئىنساپسىزلىق، ياكى يامان گۇمان قىلىش، ياكى ھەقىقەتنى قوبۇل قىلماسلىق بولۇشىمۇ مۇمكىن. ياكى مۇناپىقلىق ۋە ساتقۇنلۇق بولۇشىمىمۇ مۇمكىن.

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرى