2024-يىل 30-ئاپرېل

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

تەشكىلات روھىنىڭ تەقەززاسى

تەشكىلات روھىنىڭ تەقەززاسى

تەشكىلاتلار ئىنسانغا ئوخشاش ئۆسۈپ يېتىلىدۇ، چوڭ بولىدۇ، تەرەققىي قىلىدۇ، ئاندىن ئاجىزلىشىشقا باشلايدۇ. تەشكىلات ئىدىيەسىنى، ئىستىراتېگىيەسىنى، نىشانلىرىنى ۋە ۋاسىتىلىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇپ، تۈزىتىپ تۇرمىغاندا، ئارقىغا چېكىنىشكە باشلايدۇ. بۇ سەۋەبتىن تەشكىلات ئاجىزلىشىش ياكى قېرىش باسقۇچىغا دۇچ كەلمەسلىكى ئۈچۈن تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىلاردا ئۆزىنى يېڭىلاپ تۇرۇشقا ۋە يولىنى توغرىلاپ تۇرۇشقا موھتاج بولىدۇ.

1. ئىمان ۋە ئەخلاق روھىنى يېڭىلاپ تۇرۇش

ئىسلامغا مەنسۇپ بولغان سىياسىي ھەرىكەت ئەربابلىرى ھەردائىم ئىمانىنى ۋە ئەخلاقىنى كۈچلەندۈرۈشكە، قەلبىنى پاكلاپ تۇرۇشقا ۋە شەرىئەتنىڭ روھىي بويىچە ھەرىكەت قىلىشقا موھتاج بولىدۇ. شۇنىڭدەك سىياسىي ھەرىكەت ئەزالىرى جانلىق ئىمان، ساغلام ئىدىيە، گۈزەل ئەخلاق، كەسكىن ئىرادە ۋە سىياسىي زېرەكلىككە ئىگە بولمىسا، ئىش-ھەرىكەتلىرىدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ.

2. پىكىرىنى يېڭىلاپ تۇرۇش

سىياسىي ھەرىكەتلەر مىللەتنىڭ كىملىكى ۋە قىممەت قاراشلىرىغا ۋەكىللىك قىلالايدىغان سىياسىي پىرىنسىپلارنىڭ روھىي ئاساسىدا دەۋرنىڭ تەقەززاسىغا قاراپ پىكىرىنى، ئۇسۇلىنى، ۋاسىتىلىرىنى ۋە قۇرۇلمىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا موھتاج بولىدۇ. شۇنىڭدەك سىياسىيۇنلار، پىكىر ساھىبلىرى، جەمئىيەتشۇناسلار، ھەر ساھە مۇتەخەسسىلىرى ۋە تەجرىبىلىك كىشىلەردىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ۋە ئەزالىرىنى يېتىلدۈرۈشكە موھتاج بولىدۇ.  

بولۇپمۇ سىياسىي ھەرىكەت قىلىۋاتقان تەشكىلاتلار ھەردائىم سىياسىي ئاڭ، ئىدىيە كۆرىشى، دۆلەت ۋە كىملىك چۈشەنچىسى، ھەمدە يېتەكچىلىك ماھارىتى…قاتارلىق چۈشەنچىلەرنى ئۆزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇپ تۇرۇشقا موھتاج بولىدۇ.

سىياسىي ھەرىكەتتە ئىلىم- مەرىپەت بىلەن ئىش-ھەرىكەتنىڭ ۋە نەزەرىيەچىلەر بىلەن پائالىيەتچىلەرنىڭ ئۇيۇشۇپ ھەرىكەت قىلىشى ھەمدە سىياسىي ھەرىكەتنىڭ ئالىملار ۋە مۇتەپەككۇرلەرنىڭ ئەقلىدىن پايدىلىنىشى ئىنتايىن مۇھىم.

3. ئىستىراتېگىيە قۇرۇلمىسىنى يېڭىلاپ تۇرۇش

سىياسىي تەشكىلاتلار بۇرۇن تۈزگەن ئىستىراتېگىيەلىك پىلانلىرىغا دائىم قايتىدىن قاراپ چىقىشقا موھتاج. شۇڭا، بۇرۇن تۈزگەن ئىستىراتېگىيەلىك پىلانلىرى ھېلىھەم كۈچكە ئىگىمۇ ياكى ئۆزگەرتىدىغان جايلىرى بارمۇ؟ تېز ئۆزگىرىۋاتقان بۇ زاماندا ئاساسلىق نىشانلار قايسىلار؟ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن قايسى خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىشقا موھتاج بولىدۇ؟… دېگەندەك ئىستىراتېگىيىلىك چۈشەنچىلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا موھتاج.

4. تەشكىلات قۇرۇلمىسىنى يېڭىلاپ تۇرۇش

21 – ئەسىردە تەشكىلاتچىلىق ۋە ئىدارە باشقۇرۇش نەزەرىيەلىرى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلماقتا. بۇ سەۋەبتىن، تەشكىلاتلار ئىدارە باشقۇرۇش ئۇسۇللىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا، پىرىنسىپ ئاساسىدا رىئاللىق بىلەن ماسلىشىپ ھەرىكەت قىلىشقا ھەمدە نىشانىغا بەلگىلىگەن مۇددەتتە يېتەلىشى ئۈچۈن قۇرۇلما ھەيكىلىنى ئۆزگەرتىپ تۇرۇشقا ۋە كادىرلىرىنى ياشلاشتۇرۇشقا موھتاج.

5. ئىجرا قىلىش ئۇسۇللىرىنى يېڭىلاپ تۇرۇش

سىياسىي ھەرىكەت پىلان ۋە ھەرىكەت نەزەرىيەلىرىنى تەتبىقلاش ئۈچۈن ئىجرا قىلىش ۋاسىتىلىرىنى ئۆزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇپ تۇرۇشقا موھتاج. ئەگەر سىياسىي ھەرىكەت ئىجتىھادىي ئىدىيەلىرى، ئىستىراتېگىيەلىرى ۋە قۇرۇلما ھەيكىلىنى يېڭىلاپ تۇرمىسا، دەۋرگە مۇناسىپ رەۋىشتە ھەرىكەت ئېلىپ بارالمايدۇ.

دېمەك، تەشكىلاتلار ياكى سىياسىي ھەرىكەتلەر يۇقىرىقى بىرقانچە نۇقتىلاردا دائىم دېگۈدەك يېڭىلىق يارىتىپ تۇرۇشقا موھتاج. تەشكىلاتلار پىرىنسىپال نۇقتىلاردىن باشقا مەسىلىلەردە يېڭىلىق يارىتىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ تۇرۇشتىن ئەنسىرىمەسلىكى كېرەك، چۈنكى دەۋر ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، دۈشمەن تەرەققىي قىلىپ تۇرىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن يېڭى پىكىر، يېڭى ئۇسۇل، يېڭى ئىستىراتېگىيە ۋە يېڭى قۇرۇلما ئارقىلىق يېڭىلىق يارىتىپ تۇرۇش ھاياتنىڭ، سىياسەتنىڭ، تەشكىلاتنىڭ ۋە ھەرىكەتنىڭ تەقەززاسىدۇر.

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرى