2024-يىل 3-ماي

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

ئى مۆمىنلەر! قاتتىق ئېھتىيات قىلىڭلار

                   ئى مۆمىنلەر! قاتتىق ئېھتىيات قىلىڭلار




ئاللاھ قۇرئاندا :«ئى مۆمىنلەر! جىددىي تەييارلىق ھالىتىدە تۇرۇڭلار، ياكى قاتتىق ئېھتىيات قىلىڭلار» دېگەن (نىسا سۈرىسى، 71 – ئايەت). بۇ ئايەت ئۇرۇش ۋە تاجاۋۇزچىلىقتا دۈشمەندىن ئېھتىيات قىلىش توغرىسىدا كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئىنسان ئېھتىيات قىلىش ۋە ھەزەر قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلاردا سەۋەب- چارە قىلىشقا بۇيرۇپ كەلگەن.

بۈگۈن ئىنسانىيەت كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان خىتتاي ۋىرۇسىدىن ئىبارەت يېڭى بىر دۈشمەنگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. شۇڭا، ھەممىمىز بۇ ۋىرۇسنىڭ دۈشمەنلىكى ۋە يۇقۇملىنىش خەتىرى ھەققىدە ھەزەر قىلىشىمىز ۋە ئېھتىيات قىلىشىمىز لازىم، چۈنكى ئۇ  ۋابا بىر شەخستىن يەنە بىر شەخسكە، ياكى گۇرۇپپىدىن يەنە بىر گۇرۇپپىغا تېز تارقىلىپ، بەدەن ھۈجەيرىلىرىنى ۋەيران قىلىپ تاشلايدۇ ۋە نەپەسلىنىش سىستېمىسىغا ئېغىز زەربە ئۇرۇپ، تىنالماس قىلىپ قويىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىلىم-پەن تېخىچە ئۇنى يوقىتىدىغان ئۈنۈملۈك دورىغا ياكى ۋاكسىنىغا يېتەلمىدى.

ئىسلامنىڭ مەقسەتلىرىنىڭ بىرى ئىنسان تېنىنى، زېھنىنى ۋە ۋىجدانىنى قوغداش بولغانلىقى ئۈچۈن، ئىنسان بۇلارنىڭ ھەممىسىدە مەسئۇلىيىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. چۈنكى ئىسلام دىنى: «بەدىنىڭىزنىڭ ئۈستىڭىزدە ھوقۇقى بار»(بۇخارى رىۋايىتى) دېيىش ئارقىلىق مەسئۇلىيەتنى ھەربىر ئىنسانغا ئارتقان. يەنە: «ئاللاھ دۇنيادا بىر كېسەلنى پەيدا قىلغان بولسا، ئۇنىڭ شىپاسىنىمۇ بىرگە ياراتقان» دېيىش ئارقىلىق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالىنىشقا تەشەببۇس قىلىغان (ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى).

ئىسلام ئىنساننىڭ قەلب پاكىزلىقى بىلەن بەدەن پاكىزلىقىغا تەڭ ئەھمىيەت بەرگەن بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ بەدەن ساقلىقىنى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن تۈرلۈك پاكىزلىققا بۇيرۇغان، بولۇپمۇ قول پاكىزلىقى، يېمەك- ئىچمەك پاكىزلىقى، بەدەن پاكىزلىقى، كىيىم-كېچەك پاكىزلىقى، ئۆي پاكىزلىقى، يول پاكىزلىقى، شەخسىي ۋە ئىجتىمائىي مۇھىت پاكىزلىقىغا ئالاھىدە تەشەببۇس قىلغان.

يۇقىرىقى «ئى مۆمىنلەر! جىددىي تەييارلىق ھالىتىدە تۇرۇڭلار، ياكى قاتتىق ئېھتىيات قىلىڭلار» (نىسا سۈرىسى، 71 – ئايەت) ئايەتنىڭ روھىغا ئاساسەن، يۇقۇملۇق ۋابا تۈگىگەنگە قەدەر قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش، قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈش، يېقىن تۇرۇپ پاراڭلىشىش، بىر-بىرىنىڭ ئۆيگە زىيارەت بېرىش، مېھىماندارچىلىق، شەخسىي ۋە ئىجتىمائىي تازىلىققا دىققەت قىلماسلىق ۋە ماسكا تاقىماسلىق دېگەندەك كېسەل بولۇپ قېلىشقا سەۋەب بولىدىغان ئىشلاردىن ئېھتىيات قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. چۈنكى،  دىنىمىزنىڭ بەدەننى ھىمايە قىلىش ھەققىدىكى كۆرسەتمىلىرى بىلەن دوختۇرلارنىڭ بەدەن ساقلىقىنى ئاسراش ھەققىدە يولغا قويۇۋاتقان كۆرسەتمىلىرى بىر-بىرىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ.

ئەپسۇسكى، خىتتاي ۋاباسىنىڭ خەتىرى ئاياغلاشمىسىمۇ، بىر قىسىم قېرىنداشلىرىمىز دىنىمىزنىڭ ۋە دوختۇرلارنىڭ ۋابادىن ساقلىنىش كۆرسەتمىلىرىگە پەرۋا قىلماستىن ماسكا تاقىمايدىغان، قاشاڭلىق قىلىپ قول ئېلىشىپ كۆرىشىدىغان ۋە توپلىشىپ ئولتۇرىدىغان… ئەھۋاللار ھېلىھەم داۋام قىلماقتا.

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرى