2024-يىل 4-ماي

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

‏«بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن»

‏«بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن»دېگەن ئايەتنىڭ تەپسىرى

توغرا يولغا باشلاش ھىدايىتى ئاللاھنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولغان ھىدايەت. بۇ ھىدايەتنى ئاللاھ مەخلۇقلىرىدىن ھېچ بىرەرسىگە بەرمىگەن.

ھىدايەت «كۆرسىتىپ قويۇش ھىدايىتى» ۋە «ياردەم بېرىش ھىدايىتى» دەپ ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ. «كۆرسىتىپ قويۇش ھىدايىتى» بارلىق كىشلەرگە ئومۇمى، «ياردەم بېرىش ھىدايىتى» مۆمىنلەرگە خاس. ھىدايەت يولىغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھ تائالا ياردەم قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىمانى ۋە تەقۋالىقىنى ئاشۇرۇپ بېرىدۇ، شۇنداقلا ئىتائەت خاراكتېرلىك ئىشلارنى ئۇلارغا سۆيۈملۈك كۆرسىتىدۇ.

‏«بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن»(سۈرە پاتىھە 6-ئايەت) دېگەن ئايەتنىڭ مەنىسى بىر قانچە مەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان:

‏1. «بىزنى توغرا يولدا مۇستەھكەم قىلغىن»، ئېزىپ كېتىپ قالمايلى. چۈنكى ئىنسان بۈگۈن توغرا يولدا ماڭسا، ئەتە ئېزىپ كېتىشى مۇمكىن.

‏2. «ھىدايىتىمىزنى كۈچلەندۈرگىن». ھىدايەت دەرىجىگە بۆلۈنىدۇ، ھىدايەت تاپقانلارمۇ بىر قانچە دەرىجىلىك بولىدۇ. بەزىسى راستچىل سەمىمى كىشلەر دەرىجىسىگە يېتىدۇ. يەنە بەزىلەر ئىسلامنىڭ ئەڭ تۆۋەن دەرىجىسىدە قالىدۇ. ھەر بىرەيلەن ھىدايەت دەرىجىسىگە قاراپ توغرا يولدىن ئورۇن ئالىدۇ. ئاللاھنىڭ ئىككى يولى بار. بىرى: دۇنيادىكى يولى،  يەنە بىرى: ئاخىرەتتىكى يولى. ئاخىرەتتىكى يولدا خاتىرجەم بولۇش دۇنيادىكى يولدا توغرا مېڭىشقا باغلىق.

‏دۇنيادىكى يول ئاللاھنىڭ يولى، ئاللاھ بۇيرۇغان نەرسىگە ئىتائەت قىلىش، توسقان نەرسىدىن يېنىش ئارقىلىق قولغا كېلىدۇ.

‏شۇنىڭغا بىنائەن«بىزنى ھىدايەت قىلغىن »دېگەن ئىمانىمىزنى زىيادە قىلسىلا ۋە بىزگە ھىدايەتنى ئۈگەتسىلە، دېگەنلىك بولىدۇ. شۇڭا ئاللاھ :«ئىلمىمنى زىيادە قىلسىلا، دېگىن»(تاھا 114-ئايەت )دەپ رەسۇلىغا يوليۇرۇق بەرگەن. دېمەك، بىلىم مەرىپەت ئىماننىڭ قاتارىدىن. ئىنسان توغرا يولنى قانچە تۇتۇپ ماڭسا، بىلىم مەرىپىتى شۇنچە ئاشىدۇ.

‏3. «ھىدايىتىمىزنى يېڭىلىغىن». توغرا يولنىڭ مەنىسى:ئىنسان ھەر ۋاقىتتا بۇيرۇلغان ئىشنى بىلىشى ۋە دەل ۋاقتىدا ئەمەل قىلىشى، چەكلەنگەن ئىشنى قىلماسلىقى،دېگەنلىك بولىدۇ. مانا بۇ ھەر ۋاقىتتا بۇيرۇلغان ۋە چەكلەنگەن ئىشلارنى بىلىش ۋە ئەمەل قىلىشنى تەقەززا قىلىدۇ. تەقەززاسىنىڭ نەتىجىسى بۇيرۇلغان ئىشنى خۇرسەنلىك بىلەن قىلىش ۋە چەكلەنگەن ئىشنى كەسكىن يامان كۆرۈشتۇر.

‏دېمەك، ئىنسان بۇ خىل ھىدايەتكە ھەر قانداق ئىشلىرىدا مۇھتاج بولىدۇ. خاتا ئىش قىلىپ سالغان بولسا تەۋبىگە مۇھتاج بولىدۇ، بەزى ئىشلاردا ھىدايەتنىڭ بىر قىسمىغا ئىرىشكەن بولسا ، ھىدايەتنى تولۇقلاشقا مۇھتاج. ئېتىقاد قىلمىغان ئىشلىرى بولسا ھىدايەتكە مۇھتاج. قىلمىغان ئىشلىرى بولسا ھىدايەت ئاساسىدا قىلىشقا مۇھتاج. توغرا ئېتىقاد ۋە توغرا ئەمەل مۇستەھكەم تۇرۇشقا مۇھتاج… ئىنسان بۇ خىل ھىدايەتلەرنىڭ ھەممىسىگە مۇھتاج بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاللاھ تائالا ئىنسانغا بىر كۈندە بىر قانچە قېتىم ھىدايەت تەلەپ قىلىشنى پەرز قىلدى.

 

‏ھىدايەتنىڭ رېئاللىققا چىقىشى ئۈچۈن ئىككى ئىش كېرەك:

 

بىرىنچىسى: توغرا كۆز قاراشنى بىلىش، يەنى بۇ مەسىلىدە ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى نېمىنى مەقسەت قىلىدۇ؟ بۇ مەسىلىدىكى ئەڭ توغرا كۆز قاراش قايسى؟ ئىكەنلىكىنى بىلىش،

ئىككىنچىسى: كۈچلۈك ئىمان ئاساسىدا مۇشۇ توغرا كۆز قاراشنىڭ چۈشەنچىسى بويىچە ئەمەل قىلىش.

‏ئىنسان« بىزنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلسىلا» دېگەندە، پەرۋەردىگارىدىن: ئىي پەرۋەردىگارىمىز ھايات ئىشلىرىمىزدا بىزگە سىللى رازى بولىدىغان ۋە ياخشى كۆرىدىغان ئىشلارنى كۆرسىتىپ قويسىلا، ئاندىن كۈچ قۇۋۋەت ئاتا قىلسىلا ۋە ياردەم بەرسىلە، دەپ تىلەيدۇ.

‏توغرا يولدىن بۇرۇلۇشنىڭ سىرى:

بىلىش ۋە ئەمەل قىلىشتىن ئىبارەت ئىككى ئىشنىڭ بىرنى يوقىتىپ قويغانلىق ۋە ئەكسىنى قىلغانلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ. ئۇ ئىككى ئىشقا ئىككى تۈر‏لۈك قارمۇ-قارشى ئىش مەۋجۇد.

بىرىنچىسى: نادانلىق، ئىنساندا ياخشى ئىش قىلىش ئارزۇسى بولسىمۇ، ياخشى ئىشنىڭ يولىنى بىلمەي قالىدىغان ئىش مەۋجۇد. نەتىجىدە ياخشىلىققا ئېلىپ بارالمايدىغان يولنى مېڭىپ، ئۆزىنى پايدىسىز جاپادا قويىدۇ.  قانچىلىغان مۇسۇلمانلار توغرا بولمىغان ئىشلاردا چارچايدۇ، شۇنداق تۇرۇقلۇق بىلىمسىزلىكى تۈپەيلىدىن خاتا قىلمىشلىرىنى ياخشى ئىش دەپ ئويلاپ قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ‏ئىنسان«بىزنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلسىلا» دېگەندە، پەرۋەردىگارىدىن توغرا يولنى كۆرسىتىپ قويۇشنى ۋە ئۆگىتىپ قويۇشنى سورايدۇ، نەتىجىدە ئېزىپ كەتمەيدۇ.

ئىككىنچىسى: ھاۋايى-ھەۋەس. بىلىم مەرىپەت بىلەن نادانلىق كۆتۈرۈلۈپ كېتىپ، ئىنسان ئالىم بولىشىمۇ مۇمكىن.لېكىن بىلىمىگە لايىق ئەمەل قىلىشقا ئىتتىرگۈچى ئىرادە بولمىسا، پەرز ئىشلارنى تاشلاپ قويىدۇ ياكى ھارام ئىشنىڭ ھۆكمىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئىمانىنىڭ ئاجىزلىقىدىن ياكى ھاۋايى-ھەۋەسكە بېرىلگەنلىكتىن ھارام ئىشنى قەستەن قىلىپ سالىدۇ.

‏ئايەت كەرىمە يوليورۇقىنى داۋاملاشتۇرۇپ:«سىللى نېمەت ئاتا قىلغان كىشىلەرنىڭ يولىغا ھىدايەت قىلغايلا» دېمەكتە. يەنى پەيغەمبەرلەر، شېھىتلەر ۋە ياخشىلاردىن ئىبارەت ئاللاھ تولۇق ھىدايەت نېمىتى ئاتا قىلغان كىشىلەرنىڭ يولىغا ھىدايەت قىلغايلا، دەپ تىلەشنى تەلىم بەرمەكتە.

‏تولۇق ھىدايەتنى تېخىمۇ تەكىتلەپ«سىلىنىڭ غەزەپلىرىگە ئۇچرىمىغانلار ۋە ئېزىپ كەتمىگەنلەر»نىڭ يولىغا باشلىسىلا، دېيىشنى كۆرسەتمە بەرمەكتە.

‏ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچرىغان كىشلەر «ھەقنى تونۇپ ئەمەل قىلمىغان» كىشىلەردۇر. يەنى توغرا يولدا ماڭمىغان كىشلەر مەقسەت. بۇلارنىڭ ھىدايەت تاپماسلىقىنىڭ سەۋەبى ھاۋايى-ھەۋەسكە بېرىگەنلىكتە. ھاۋايى-ھەۋەسكە بېرىلگەنلەر بىلىدۇيۇ، ئەمەل قىلمايدۇ.

‏ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچرىغانلارنىڭ  گۇناھى ئېغىر بولغاچقا، ئايەت بۇلارنى ئېزىپ كەتكەنلەردىن ئالدىدا قويغان. چۈنكى ئىنساننىڭ ئازغانلىقى نادانلىق سەۋەبىدىن بولسا، بىلىم مەرىپەت بىلەن يوقىلىدۇ. ئەمما ھاۋايى-ھەۋەس بىلەن بولۇپ قالسا، ئازغۇنلۇقتىن قول تارتالمايدۇ.

‏ياخشى بىلەن ياماننى بىلىپ تۇرۇپ ئەمەل قىلمايدىغانلارغا ئايەت ۋە ھەدىستە قاتتىق ئازاب بىلەن ۋەدە قىلىنغان..

‏ئايەت كىرىمىدە بايان قىلىنغان ئازغۇنلارنى پەقەتلا خىرىستىيانلارغىلا چەكلەپ قويساق توغرا بولمايدۇ. ئالىملار، دەۋەتچىلەر ۋە ھاكىملاردىن تارتىپ ھەممەيلەن قايسى ئىشتا توغرا قىلغان ۋە قايسى ئىشتا خاتا قىلغانلىقىغا نەزەر تاشلىشى كېرەك. بولمىسا ھىدايەت تاپقانلارنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالالمايدۇ. ئەقىدە، ئىدىيەدە ئازغانلارنى ھىدايەت تاپقان دېگىلى بولمايدۇ.

‏دېمەك ئالدىمىزدا ئۈچ يول بار:

‏بىرىنچى يول: توغرا يولدا ماڭغانلار، بۇلارنىڭ يولى ھەقنى بىلىش ۋە ئەمەل قىلىش ئاساسىدا شەكىللەنگەن.

‏ئىككىنچى يول: ئاللاھنىڭ غەزىپىگە يولۇققانلار، بۇلارنىڭ يولى ھەقنى بىلىپ، ھەق بويىچە ئەمەل قىلمىغانلار.

‏ئۈچىنچى يول: ئېزىپ كەتكەنلەرنىڭ يولى، بۇلارنىڭ يولى بىلىمسىزلارچە ئىش قىلىدىغانلار. شۇڭا بۈيۈك ئالىم ئىبنى ئۇيەينە:ئالىملىرىمىزدىن كىم بۇزۇلسا، ئۇ ئالىمدا يەھۇدىغا ئوخشاشلىق بار. ئاۋام مۇسۇلمانلاردىن كىم بۇزۇلسا، ئۇنىڭدا خىرستىيانلىققا ئوخشاشلىق بار، دېگەنىدى.

 

ئابدۇراخمان كاشغەرى

(دوكتۇر ئاسپرانتى)

قاھىرە شەھىرى، مىسىر.

2013 -يىلى