2024-يىل 28-ئاپرېل

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

ئۆلىمالارنىڭ رولى ۋە ئورنى

ئۆلىمالارنىڭ رولى ۋە ئورنى

رەببانى ئۆلىمالار ئىلاھىي ۋەھىينىڭ مۇتەۋەلىلىرى، شەرىئەتنىڭ ھامىيلىرى، ئۇممەتنىڭ يۇلتۇزلىرى  ۋە يېتەكچىلىرى. ئۇلار ئىنسانىيەتنىڭ يېتەكچىلىرى بولغان پەيغەمبەرنىڭ ئىزباسار مىراسخورلىرى ۋە كىشىلەرگە توغرا يولنى يورۇتۇپ بېرىدىغان ھىدايەت مەشئەللىرى. شۇ سەۋەبتىن ئىسلام دىنى ئۆلىمالارنىڭ قەدىر-قىممىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن، ئۇلاردىكى ئىلىمنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن ئۇلارنى ھۆرمەتلەشنى ئۈممەتكە ۋاجىپ قىلغان.[1]  ئۆلىمالارنىڭ قەدىر-قىممىتى يۇقىرى بولغانلىقتىن قۇرئان كەرىم ئۈممەتنى ئۆلىمالارغا ئىتائەت قىلىشقا بۇيرۇغان ۋە بىلمىگەن ئىشلىرىدا ئۆلىمالارغا تايىنىشنى پەرز قىلغان. شۇنداقلا ئاللاھ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا كەلگەن ۋەھىينىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۆلىمالارغا يۈكلىگەن ۋە ئۇلارغا ئامانەت قالدۇرغان.

بىلىم-مەرىپەت پەيغەمبەر مىراسخورلىرى بولغان ئۆلىمالارنىڭ جىھادىدۇر، ئۇ تىل ۋە قول بىلەن قىلغان جىھادتىن مەنپەئەتلىكتۇر:«ئۇلارغا قارىشى قۇرئان ئارقىلىق كاتتا جىھاد قىلغىن»(فۇرقان سۈرىسى،52-ئايەت).

ئاللاھ يولىدىكى كۈرەشنىڭ تۈرلىرى كۆپ بولۇپ، باتىلغا قارىشى تۇرۇپ ھەقىقەتنى نامايان قىلىش، دەۋەت قىلىش ئارقىلىق بولىدىغان كۈرەشتۇر. دەۋەت قىلىش، پاكىت كۆرسىتىش ۋە بايان قىلىپ بېرىش كۆرۈشىنىڭ مەنپەئەتى چوڭدۇر ۋە دۈشمەنلىرى كۆپ بولغانلىقتىن قىلىچ ئارقىلىق بولىدىغان كۈرەشتىن مۇھىمدۇر. پاكىت ۋە  ھۆججەتنىڭ كۈچى بولمىسا، ئاللاھنىڭ يولىدىكى كۈرەش ھىدايەت ۋە ئىسلاھ قىلىشتىن ئىبارەت مەقسەتلىرىنى ئادا قىلالمايدۇ. شۇڭا دەۋەت قىلىش ۋە ۋەھىي ئارقىلىق مۇنازىرىلىشىش قىلىچ ئارقىلىق بولىدىغان كۈرەشتىن بۇرۇن بولىدۇ ۋە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.

ئازغۇن ئېقىم ۋە خاتا ئىدىيە قانچە كۆپ تارالغان بولسا، ئۆلىمالارنىڭ ئۇلارغا قارىشى كۈرەش قىلىشقا قارىتا ئېھتىياجى تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ. بۇزۇق ئىدىيە ۋە ئىدىيە ھۇجۇملىرىغا قۇرئاننىڭ پرىنسىپال ئاساسلىرى ۋە ئۆزگەرمەس نىشانلىرىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق كۈچنىڭ يېتىشىچە تاقابىل تۇرۇش لازىم. مانا بۇ تۈردىكى كۈرەشنى ئۆلىمالاردىن باشقىلاردىن ئۈستىگە ئالالمايدۇ.

قۇرئاندا «بۈيۈك جىھاد»دەپ ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان بۇ كۈرەش ھايات كۆرۈشىدىن ئىبارەت. ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، ياخشىلىقنى قانات يايدۇرۇش، ئادالەتنى بەرپا قىلىش، تەقۋالىق باسقۇچىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇش ۋە باشقىلار بىلەن ئىسلامنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئالاقە ئورنىتىشتىن ئىبارەت ھايات مەيدانلىرىدىكى كۈرەشتۇر.

قۇرئان ئارقىلىق بولىدىغان كۈرەش«ئىلمىي نەزەرىيە كۆرۈشى، ئەمەلىي تەتبىقلاش كۆرۈشى»دەپ ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ. ئىككىنچى تۈرلۈك كۈرەش بىرىنچى تۈرلۈك كۈرەشنىڭ مېۋىسى سانىلىدۇ، چۈنكى ياراملىق ئەركەكلەر  رەببانىي ئۆلىمالارنىڭ قولى ئارقىلىق تەربىيلىنىدۇ.

كۆپىنچە ۋاقىتلاردا پاكىت ئارقىلىق كۈرەش قىلىش مەيدانلىرى كۈچ ئارقىلىق بولىدىغان مەيدانلاردىن قېيىن بولىدۇ، چۈنكى ئەقىلنى بويسۇندۇرماق ۋە قايىل قىلماق بەدەنلەرنى بويسۇندۇرماقتىن قېيىندۇر.

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىزباسارلىرى بولغان ئۆلىمالار رەسۇلۇللاھنىڭ يولىدا مېڭىپ، ئۇنىڭ ھەر تەرەپلىمە بارلىق سۈننەتلىرىنى تىرىلدۈرۈشى، كىشىلەرنىڭ دىنى چۈشەنچىلىرىنى ئىلاھىي ۋەھىي ئاساسىدا يېڭىلاش ۋەزىپىسىنى ئېلىپ بېرىشى ۋە ھەر تۈرلۈك قىيىنچىلىقلىرىنى شەرىئەت نۇقتىسىدىن ھەل قىلىپ بېرىشى لازىم.

ئىسلامدا ئۆلىمالارنىڭ ئورنى ۋە ھوقۇقى ھاكىملارنىڭكىدىن يۇقىرى

 

ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە:«ئى مۆمىنلەر ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە ۋە سىلەردىن بولغان ئىش ئۈستىدىكى مەسئۇللارغا ئىتائەت قىلىڭلار»دېگەن(نىسا سۈرىسى، 59-ئايەت).

بۇ ئايەت مۇسۇلمانلاردىن بولغان مەسئۇللارغا ئىتائەت قىلىشقا بۇيرۇغان. ئايەتتىكى ئىش ئۈستىدىكى مەسئۇللار سىياسەت ۋە ئىجرا قىلىش ساھەسىدە ھاكىملاردۇر.

ئىجتىھاد، پەتىۋا بېرىش ۋە يول كۆرسىتىش ساھەسىدە مۇجتەھىد ئۆلىمالاردۇر.

ھاكىملار مۇجتەھىد ئۆلىمالارنىڭ ئىجتىھادى ۋە ئىزدىنىشىغا ئەگىشىشى، شۇنداقلا ئۇلار چىقارغان ھۆكۈملەرنى ئىجرا قىلىشى لازىم. چۈنكى ئۆلىمالار يول باشچى ۋە يېتەكچى، ھاكىملار بولسا ئەگەشكۈچى ۋە ئىجرا قىلغۇچىدۇر.

بۇنىڭ دەلىلى شۇكى:«مۆمىنلەرگە ئائىت ئامانلىقنىڭ ياكى قورقۇنچىنىڭ بىرەر خەۋىرى ئۇلارغا يەتسە، ئۇنى تارقىتىۋېتىدۇ. ئەگەر ئۇنى پەيغەمبەرگە ۋە ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھۆكۈم چىقىرالايدىغان ۋە يەكۈن ئالالايدىغانلارغا مەلۇم قىلسا، شۇ خەۋەرنىڭ ھەقىقى ئەھۋالىنى ئۇلاردىن ئەلۋەتتە بىلىۋالاتتى»(نىسا سۈرىسى، 83-ئايەت).

بىلىم-مەرىپەتتىنمۇ ئەۋزەل نەرسە يوقتۇر، پادىشاھلار كىشىلەرگە ھاكىم بولسا، ئۆلىمالار پادىشاھلارغا ھاكىمدۇر. بۇرۇنقى ئىسلام جەمئىيەتلىرىدە ھاكىم سىياسەت ۋە دۇنيا ئىشلىرىدا ئۆلىمالارنىڭ مەسلىھەتى بىلەن ئىش قىلاتتى، ئۆلىمالار ھاكىملارنى توغرا يولغا يۈزلەندۈرۈپ يول كۆرسىتىپ تۇراتتى. ئۆلىمالار يېتەكچى، ھاكىملار ئەگەشكۈچى ئىدى، بۇ ئۆلىمالارنىڭ تەبىئىي ھوقۇقىدۇر، چۈنكى قۇرئان كەرىم ئۆلىمالارغا ھاكىملاردىن يۇقىرى ھوقۇق بەرگەن. ئۆلىمالار يېتەكلەيدۇ، ھاكىم-سۇلتانلار ئۆلىمالارنىڭ يول كۆرسىتىشى ئاساسىدا ئىش ئېلىپ بارىدۇ.

ئۆلىمالارنىڭ قەدرىنى كۆتۈرگەن، ئۇلارنىڭ يولىنى تۇتۇپ ماڭغان ۋە ئۇلارغا جەمئىيەتنى يېتەكلەش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرغان مىللەت ياكى ئۇممەت ئېزىپ كەتمەيدۇ ياكى زىيان تارتمايدۇ.

ئەمەلىيەتچان ئۆلىمالارنىڭ يۇقىرى مەرتىۋىسىنى ھېچ بىر ئىنسان ئىنكار قىلالمايدۇ:«ئاللاھ سىلەردىن ئىمان ئېيتقان ۋە بىلىم-مەرىپەتلىك ئۆلىمالارنىڭ ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ»(مۇجادىلە سۈرىسى، 11-ئايەت).

ئۆلىمالارنىڭ قەدرى-قىممىتى توغرىسىدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام:«ئاسمان-زېمىندىكى ھەر قانداق نەرسە، ھەتتا سۇدىكى يىلانمۇ ئالىمنىڭ گۇناھىنىڭ كەچۈرۈلۈشىنى تىلەپ ئىستىغپار ئېيتىدۇ، ئالىمنىڭ مۇتتەقى ئابىدغا نىسبەتەن پەزىلىتى ئاينىڭ يۇلتۇزلارغا قارىتا ئارتۇقچىلىقىغا ئوخشايدۇ. ئۆلىمالار بولسا پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىزباسارىدۇر»دېگەن(تىرمىزى ۋە ئەبۇداۋۇد رىۋايەت قىلغان).

رەسۇلۇللاھ يەنە:«قايسى بىر كىشى بىلىم-مەرىپەت ئېلىش ئۈچۈن ئاتلانغان بولسا، ئۇنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى قايتقانغا قەدەر ئاللاھنىڭ يولىدا(جىھاد قىلغاندەك)بولىدۇ» دېگەن (تىرمىزى رىۋايىتى).

ئىمام مالىك:«بىر بۆلەك كىشىلەر نەپلە ئىبادەت بىلەن بولۇپ كېتىپ، بىلىم-مەرىپەتنى تاشلاپ قويۇش نەتىجىسىدە «ئۇممىتى مۇھەممەد»كە قارىشى قىلىچ كۆتۈرگەن. ئەگەر ئۇلار بىلىم-مەرىپەت ئالغان بولسا، مۇنداق خاتا ئىشنى قىلماس ئىدى»دېگەن (ئىبنى قەييۇم- مىفتاھ دارۇ سائادە،1- توم، 392-بەت).

ئۆلىمالار ئىنسانلارنىڭ دوختۇرلىرى، چۈنكى قەلبنىڭ كېسەللىرى بەدەننىڭ كېسەللىرىدىن كۆپ بولىدۇ. بىلىمسىزلىك كېسەلدۇر، بىلىم-مەرىپەت شىپاسىدۇر.

ئىمام ئىبنى تەيمىيە:«مۇسۇلمانلار ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا مۇھەببەت بېغىشلىغاندىن كېيىن مۇسۇلمانلارغا، بولۇپمۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ مىراسخورلىرى بولغان ئۆلىمالارغا مۇھەببەت بېغىشلىشى لازىم. ئاللاھ ئۇلارنى يۇلتۇزنىڭ ئورنىدا قىلدى. بۇرۇنقى ئۇممەتنىڭ ئۆلىمالىرى ئەڭ ناچار ئىنسانلار ئىدى. ئەڭ ئۇلۇغ پەيغەمبەرگە مىراسخور بولغان مۇسۇلمان ئۆلىمالار  مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى، چۈنكى ئۇلار پەيغەمبەرنىڭ ئىزباسارلىرى ۋە بارلىق سۈننىتىنى گۈللەندۈرگۈچىلەردۇر. قۇرئان شۇلار ئارقىلىق مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلاپ تۇرىدۇ، ئۇلارمۇ قۇرئان ئارقىلىق مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلاپ تۇرىدۇ»دېگەن (ئىبنى تەيمىيە«بۈيۈك ئىماملارنى مالامەت قىلماسلىق»، 11-بەت).

[1].رەسۇلۇللاھ:«چوڭلىرىمىزنى ھۆرمەتلىمىگەن، كېچىكلەرنى ئىززەتلىمىگەن ۋە ئالىمنىڭ ھۆرمىتىنى قىلمىغان كىشى بىزدىن ئەمەس دېگەن»(ئىمام ئەھمەد ۋە تەبرانى رىۋايىتى).

 

 

ئابدۇراھمان كاشىغەرى

2017-يىلى، 1-ئاينىڭ، 4-كۈنى