2024-يىل 8-ماي

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

ئىسلام ۋە مەدەنىيەت (3)

 (4)

ئىسلام ۋە ھەزارەت (مەدەنىيەت)

ئىسلام دىن، دۆلەت ۋە ھەزارەت بولغانلىقى ئۈچۈن مەيدانغا كەلگەندىن تارتىپ ئىنسانلارنى ھىدايەت قىلىش بىلەن بىرگە«ھەزارەت ئىجادىيىتى»نى شەكىللەندۈردى.

خرىستىئان دىنى ياۋروپادا  تۆتىنجى ئەسىردە باشلانغاندىن تارتىپ، 10 ئەسىر زۇلمەت ۋە جاھالەتتە ياشىغان ياۋرۇپا 16-ئەسىرگە كەلگەندە تارىخىدا بىرىنجى قېتىم  «كوبىرنىكىس»(1473-1543م)نى كۆرەلىدى، ئۇنىڭ«ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ئايلىنىشى»ناملىق كىتابى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئاندىن نەشىر قىلىندى، نەشىر قىلىنغان بىلەن 1758م-يىلغىچە چېركاۋ تەرىپىدىن مۇسادىرە قىلىنىپ كەلدى. ياۋرۇپا مەدەنىيەت ۋە تەبىئى پەنلەردە 10 ئەسىر ئارقىدا قالدى..

ئىسلام دىنى بولسا مەيدانغا كەلگەندىن تارتىپ ئەقىدە، شەرىئەت، تەپسىر ۋە ھەدىس پەنلىرى بىلەن بىرلىكتە مەدەنىيەت پەنلىرىدە ھەزارەت ئىجادىيەتلىرىنى بارلىققا كەلتۈردى.

چۈنكى ئىسلامنىڭ «تەبىئەت» ۋە«ئالەم»گە بولغان كۆز قارىشى خرىستىئان دىنىدىن پەرقلىنىدۇ، چېركاۋ كۆز-قارىشىدا تەبىئەت ۋە ئالەم «مەينەت، كىر»نەرسە دەپ قارىلىدۇ، شۇڭا تەبىئى ۋە تەجرىبە پەنلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش شەيتاننىڭ قىلمىشى، چۈنكى ئۇ بىلىم-مەرىپەتنى ئىنجىل ۋە دىنىي ئېتىقادنىڭ سىرتىدىن تەلەپ قىلغانلىق، دەپ قارايدۇ. چېركاۋنىڭ دىنىي ئېتىقادى سايىسىدا تەجرىبە ئېلىپ بېرىش ھۆر ۋە شەرەپلىك كىشىلەرگە ياراشمايدىغان، قۇللار قىلىدىغان قول ھۈنىرىگە ئوخشاش بىر ئىش ھېسابلىناتتى.

شۇ سەۋەبتىن چېركاۋ تەجرىبە ۋە ئىلىم-پەن بىلەن شۇغۇللانغانلارنىڭ ھەممىسىنى ئەزگەن ۋە قىيىن قىستاققا ئالغان، ياۋرۇپا ئويغىنىشىدىكى تەجرىبە ۋە بىلىم-مەرىپەتنىڭ غەلبىسى قىلىشى چېركاۋنىڭ كۈچى ۋە پوپلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارىشى ئىنقىلاب قوزغاش ئارقىلىق قولغا كەلگەن، نەتىجىدە ياۋرۇپا ئالەم ۋە تەبىئەتنى بىردىنبىر مەرىپەت مەنبەسى قىلىپ بەلگىلىگەن، تەبىئەتنى ئۇلۇغلاپ، ئىلاھ ئورنىغا كۆتۈرگەن، تەبىئەتنى ئېتىراپ قىلىپ غەيىب دۇنياسىنى ئىنكار قىلغان. دېمەك، تەبىئىي پەن ياۋروپادا مانا مۇشۇنداق كېچىكىپ مەيدانغا كەلگەن.

ئىسلام دىنىغا كەلسەك، ئىسلام دىنىدا ئىمان بىلەن ئەمەل(خىزمەت) تەڭ ماڭىدۇ، ئىسلام دىنى تەبىئەتنى باشقا مەخلۇقلارغا ئوخشاش ئاللاھنىڭ مەخلۇقى دەپ قارايدۇ. ئىسلام كۆز-قارىشىدا تەبىئەت ياراتقۇچىسىغا ئىشىنىدۇ، ياراتقۇچىسى بولغان ئاللاھنى ئۇلۇغلاپ-گەرچە بىز چۈشەنمىسەكمۇ-تەسبىھ ئېيتىدۇ.

ئاللاھ بۇ تەبىئەتنى بارلىق كۈچى ۋە ئېنېرگىيىسى بىلەن بىللە ئىنساننىڭ خىزمىتىگە بويسۇندۇرۇپ بەردى، شۇڭا تەبىئەتنى گۈللەندۈرۈش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش ئىنسانغا نىسبەتەن ئۆز ئۈستىگە ئالغان مەسئۇلىيەتنى ئىجرا قىلغانلىق دەپ قارالدى:«ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتتى، بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بەردى، يامغۇر سۈيى بىلەن سىلەرگە رىزق قىلىپ نۇرغۇن مېۋىلەرنى ئۆستۈرۈپ بەردى، ئاللاھ سىلەرگە ئۆز ئەمرى بويىچە دېڭىزدا قاتنايدىغان كېمىلەرنى بويسۇندۇرۇپ بەردى، سىلەرگە دەريالارنى بويسۇندۇرۇپ بەردى. سىلەرگە ئاي بىلەن كۈننى تەرتىپلىك دەۋر قىلىپ تۇرىدىغان قىلىپ بويسۇندۇرۇپ بەردى، سىلەرگە كېچە بىلەن كۈندۈزنى بويسۇندۇرۇپ بەردى. ئاللاھ سىلەرگە سورىغان نەرسەڭلارنىڭ ھەممىسىنى بەردى، سىلەر ئاللاھنىڭ نېمىتىنى ساناپ تۈگىتەلمەيسىلەر، كاپىر ئادەم شەك-شۈبھىسىزكى، زۇلۇم قىلغۇچىدۇر،(ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە) كۇفرىلىق قىلغۇچىدۇر» (ئىبراھىم سۈرىسى، 32-34- ئايەت).

دېمەك، ئاللاھ ياراتقان، ئاللاھ خىتاب قىلغان ۋە ئىنسانغا بويسۇندۇرۇپ بەرگەن تەبىئەت ھەققىدە ئىزدىنىش، تەبىئەتنىڭ قانۇنىيەتلىرىگە قاراپ چىقىش ۋە سىرلىرىنى ئېچىش ئاللاھغا ئىبادەت قىلغانلىق سانىلىدۇ، شۇنداقلا ئىسلامنىڭ «ئوقۇش ۋە ئىزدىنىش»تىن ئىبارەت بىرىنجى قېتىم چۈشۈرگەن پەرزىنى ئورۇندىغانلىق ھېسابلىنىدۇ:«ياراتقان پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇغىن. ئۇ ئىنساننى لەختە قاندىن ياراتتى. ئوقۇغىن، پەرۋەردىگارىڭ ئەڭ كەرەملىكتۇر. ئۇ قەلەم بىلەن (خەت يېزىشنى) ئۆگەتتى. ئىنسانغا بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلدۈردى»(ئەلەق سۈرىسى، 1،5-ئايەتلەر).

ئايەت كەرىمىدىكى ئوقۇش ئىككى تۈرلۈك ئوقۇش:بىرى، ئاللاھنىڭ كائىنات ۋە تەبىئەت خاراكتېرلىك قۇدرەتلىرىنى ئوقۇش (يەنى بىلىش)، يەنە بىرى، پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن ئايەتلىرىنى ئوقۇشتۇر، يەنى ئاللاھنىڭ كۆزگە كۆرۈلىدىغان كىتابى بولغان كائىناتنى ۋە كىتابقا يېزىلغان قۇرئان كەرىمنى ئوقۇشتىن ئىبارەت.

قۇرئان كەرىم تەبىئى ۋە تەجرىبە پەنلىرى ئارقىلىق تەبىئەت ۋە كائىنات سىرلىرىنى ئېچىش، ئىزدىنىش ۋە تەتقىق قىلىشنى ئىمان ۋە دىنىي ئېتىقادنى كۈچەيتىدىغان سەۋەبلەرنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن قىلىپ بەلگىلىدى: «كۆرمەمسەنكى، ئاللاھ بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇردى. ئۇنىڭ بىلەن تۈرلۈك، رەڭگارەڭ مېۋىلەرنى چىقاردى، (شۇنىڭدەك ئاللاھ تاغلارنى ياراتتى) تاغلارنىڭ ئاق، قىزىللىرى، ھەر خىل رەڭدىكى يوللۇقلىرى ۋە قاپقارىلىرىمۇ بار. شۇنىڭدەك ئىنسانلارنى، ھايۋانلارنى، چاھار-پايلارنىمۇ خىلمۇ-خىل رەڭلىك قىلىپ ياراتتى، ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدە ئاللاھدىن پەقەت ئالىملارلا قورقىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، (بەندىلىرى ئىچىدە تەۋبە قىلغانلارنى) مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر» (فاتىر سۈرىسى، 27-28-ئايەتلەر).

مانا قارايدىغان بولساق تەبىئەت ۋە تەجرىبە پەنلىرى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار چېركاۋنىڭ نەزىرىدە ئىنجىلنى تاشلاپ قويۇپ، مەينەت تەبىئەت ۋە تەجرىبە پەن بىلەن شۇغۇللانغان دىنسىز ۋە ئاتىزىمچىلار ھېسابلىناتتى. ياۋرۇپا خرىستىئان دىنىغا كىرگەندىن كېيىن غەربى رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ (476م) گۇمران بولىشى بىلەن باشلانغان قاراڭغۇ زۇلمەت ھاياتىنى 10 ئەسىر بېشىدىن كەچۈردى. ياۋروپادا دىنى ئىسلاھات «مارتىن لوسىر» (1483-1546م)نىڭ قولى ئارقىلىق باشلاندى.

ئىسلام دىنىنىڭ تەبىئەتكە قارىتا كۆز-قارىشى ئالاھىدە بولۇپ، ئىسلام بىرلا ۋاقىتتا دىن، دۆلەت ۋە ھەزارەت بولغانلىقى ئۈچۈن ئوخشىمايدىغان باشقا بىر يولدا ماڭدى. شۇنداقلا شەرىئەت پەنلىرىدە يېڭىلىق يارىتىش بىلەن بىرگە تەبىئى پەن، تەجرىبە ۋە مەدەنىيەت پەنلىرىدە ھە يېڭىلىق ياراتتى. ئىسلامدا تەبىئەت، تەبىئەت پەنلىرى ۋە ئىجادىيەت قوراللىرى ئاللاھنى، ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ۋە قۇدرىتىنى تونۇشنىڭ يولى دەپ قارىلىدۇ. چېركاۋنىڭ تەبىئەتكە بولغان كۆز-قارىشىغا قارشى ئىنكاس شەكلىدە پەيدا بولغان ئىلمانىزم(دىننى جەمئىيەتتىن ئايرىپ قاراش)نىڭ چېكىدىن ئېشىشى بىلەن ياۋرۇپالىقلار تەبىئەتنى ئىلاھنىڭ ئورنىغا قويۇپ، «ئىلاھ ئۆلدى»دەپ چۇقان سېلىشتى!.

ئىسلام دىنى تەبىئەتنى كەمسىتىش ۋە ئىلاھ دەرىجىسىگە كۆتۈرۈۋېتىشتىن پاكتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمان ئالىملارنىڭ ئەقلى ۋە ئىدىيە قۇرۇلمىسىدا شەرئى پەنلەرنىڭ تەبئىي ۋە تەجرىبە پەنلەردىكى ئىجادىيەت بىلەن بىرگە گۈللەنگەنلىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئىسلام ئالىملىرى ئىچىدە شەرئى پەن ئالىملىرى ۋە تەبئىي پەن ئالىملىرى دېگەن بۆلۈنۈشنى كۆرۈپ باقمىدۇق. مۇسۇلمان ئالىملاردا ۋەھىي كىتابىنىڭ ئايەتلىرىنى ئوقۇش بىلەن كائىنات كىتابىنىڭ مۆجىزلىرىنى تونۇشنى جەملەپ، غەيبى دۇنيا بىلەن ماددى دۇنيانى بىرلەشتۈرگەن ئىسلام كۆز-قارىشىنىڭ مۇجەسسەملەشكەنلىكىنى بايقىدۇق. مۇشۇ ماددا بىلەن روھ بىرلەشتۈرۈلگەن نەزىرىيەنىڭ كۆپلىگەن ئىسلام ئالىملىرىنىڭ ئىدىيە قۇرۇلمىلىرىدا مۇجەسسەملەشكەن-لىكىنى ھېس قىلدۇق، شۇڭا ئۇلار تەجرىبەشۇناس مۆئمىنلەر ۋە ماددى روھانىيلار ئىدى. چۈنكى ئىسلام دىنى ئىنساننى ۋەھىي ۋە مەۋجۇدىيەت كىتابىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ، ئاللاھغا ئىبادەت قىلىش ۋە زېمىننى گۈللەندۈرۈشكە چاقىرىدۇ.

ئىسلام دىنى ئىنسانغا ئىنساننى يارىتىشكى مەقسەت يەككە-يىگانە ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن كەلگەن:«مەن جىن ۋە ئىنساننى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈنلا ياراتتىم»(زارىيات، 56-ئايەت)  ئەمما ئىسلام ئىبادەتنى ئىبادەت شوئارلىرى ۋە مەسچىتكىلا چەكلەپ قويمىدى، بەلكى زېمىن ۋە تەبىئەتنىڭ ھەممىسىنى مېھراب ۋە مەسچىت قىلىپ بەلگىلىدى! شەرئى ۋە پەننى بىلىملەر بىلەن زېمىننى تەرەققى قىلدۇرۇش ۋە دۇنيانى ئىسلاھ قىلىشنى ئەۋزەل ئىبادەت دەپ قارىغان. دېمەك، دۇنيا ۋە تەبىئەت خرىستىئان دىنىغا ئوخشاش «نىجىس» نەرسە ئەمەس، بەلكى زېمىنمۇ ئاللاھنىڭ مەخلۇقى بولۇپ ئاللاھغا تەسبىھ ئېيتىدۇ. دىننىڭ راۋاجلىنىشى دۇنيانىڭ ئىسلاھ بولىشى ۋە راۋاجلىنىشىغا باغلىق، چۈنكى دۇنيا بىلىملىرى ۋە خاتىرجەملىك ئىبادەتلەرنىڭ ساغلام بولىشى ۋە دىننىڭ توغرا بولىشى ئۈچۈن شەرتتۇر. مۇتەپەككۇر، مۇجتەھىد ئىمام غەزالى مۇنداق دەيدۇ:«دۇنيانىڭ تۈزۈمى ئىسلاھ بولمىسا دىننىڭ تۈزۈمى ئىسلاھ بولمايدۇ. دىننىڭ تۈزۈمى مەرىپەت ۋە ئىبادەت بىلەن بولىدۇ، جىسىم ساغلام ۋە خاتىرجەم بولمىسا مەرىپەت ۋە ئىبادەتكە ئىمكانىيەت بولمايدۇ. يىمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك ۋە ئامانلىقتىن ئىبارەت زۆرۈرىيەتلەر ۋۇجۇتقا چىقمىسا دىن سىستېمىلاشمايدۇ. دېمەك، دۇنيانىڭ تۈزۈمى دىننىڭ تۈزۈمى ئۈچۈن شەرتتۇر»(ئىتىقادتا ئوتتۇرا يول، 135-بەت).

دېمەك، تەبىئەت دۇنياسى ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىدىغان مەخلۇق، تەبىئەت پەنلىرى بىلەن شەرئى پەنلەرنى بىرلەشتۈرۈش ئىسلام پەلسەپىسىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنىڭ قاتارىدىن. تەبىئەت بولسا ئاللاھنىڭ بارلىقى ۋە بىرلىكىگە دەلىلدۇر، تەجرىبە ۋە تەتقىقات بولسا مۇشۇ دەلىلنى ئىسپاتلاشنىڭ يولىدۇر. تەبىئىي پەننى كەمسىتىش ۋە تەجرىبە بىلىملىرىدىن ۋاز كېچىش ئاللاھنى بىلىش ۋە ئاللاھنىڭ كامالەت سۈپەتلىرىنى تونۇش پاكىتلىرىنى يوققا چىقارغانلىقتۇر.

كاشىغەرى