2024-يىل 2-ماي

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

مىللەت ۋەكىللىرى سايلىمى

ئەھلۇل ھىللى ۋەلئەقد (مىللەت ۋەكىللىرى)

«ئەھلۇل ھىللى ۋەلئەقد» دېگەن سىياسىي ئىشلارنى رەتكە سېلىشتا قەدىمدىن بىرى ئىشلىتىلىۋاتقان ئاتالغۇ. بۇ ئاتالغۇ قۇرئان ۋە سۈننەتتە تىلغا ئېلىنمىغان بولۇپ ئىجتىھادنىڭ مەھسۇلىدۇر.

ئۈممەت خەلىپىلەر دەۋردىن باشلاپلا، ئۆزلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان رەھبەرنى تاللاشتا، جەمئىيەتتىكى قابىل كىشىلەرگە تايىنىپ كەلگەن. رەسۇلۇللاھ ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ساھابىلەرنىڭ سەرخىللىرى رەسۇلۇللاھقا ئىزباسار بولۇپ، ئۈممەتكە ئەمىر بولىدىغان كىشىنى تاللاش ئۈچۈن، بەنىي سائىدە قورۇسىغا توپلانغان ئىدى. بۇنىڭدىن بىلىنىدۇكى، ھاكىم ھوقۇقنى ئۈممەتتىن ئالىدۇ. ئۈممەتنىڭ ھاكىمدىن رازى بولۇشى ھاكىمغا شەرىئەت ئەھكاملىرىنى ئىجرا قىلىدىغان سالاھىيەت بېرىدۇ.

ئەھلۇل ھىللى ۋەلئەقد ئۇقۇمى بۈگۈنكى كۈندىكى «سىياسىي قاتلام» دېگەن ئۇقۇم بىلەن ئوخشايدۇ. سىياسىي قاتلام جەمئىيەتتە سىياسىي ئىشلارغا ئەھمىيەت بېرىپ، سىياسىي سەھنىنى ھەرىكەتلەندۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چوڭ رول ئويناش بىلەن بىرگە، جەمئىيەتنىڭ مۇقىم، بىخەتەر بولۇشىدىمۇ تەسىرى كۈچلۈك بولغان سەرخىلللاردىن تەشكىللىنىدۇ.

ئۇقۇمدىكى ئېنقسىزلىق:

ئەھلۇل ھىللى ۋەلئەقد ئۇقۇمى ۋە بۇ ئۇقۇمدىن مەقسەت قىلىنغان كىشىلەرنىڭ كىم ئىكەنلىكى ھەققىدە بىرقانچىلىغان سوئاللار بار. ئەمەلىيەتتە، ئەھلۇل ھىللىنىڭ خىزمەتلىرىنى رامكا ئاساسىدا ئىدارە قىلىدىغان ئورگاننىڭ بولماسلىقى، بۇ سالاھىيەتكە ئىگە كىشىلەرنىڭ ئۆلچەم ۋە سۈپەتلىرىنى بېكىتىپ چىقىشقا ۋە ئۇلارنىڭ خىزمەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا توسالغۇ بولماقتا.

شەرئى سىياسەتتىن خەۋەردار ئالىملارنىڭ بۇ ھەقتە بىرقانچىلىغان پەرقلىق چۈشەنچىسى بار: بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىدا، ئۇلار شەرىئەت ئۆلىمالىرى ۋە تۈرلۈك ساھەلەردە توغرا پىكىر، تەجرىبە ۋە ئىلىمگە ئىگە بولغان كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ. يەنە بەزىلەرنىڭ قارشىدا، ئۇلار قەبىلە ئاقساقاللىرى، ھەربىي قوماندان، يۇرتتىكى ئابرۇيلۇق مۆتىۋەرلەردىن شەكىللەنگەن بىر توپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاۋام – خەلق ئالدىدا مەلۇم ئىجرائىيە ھوقۇقى ياكى كۈچلۈك ئابرۇيى بولىدۇ. يەنە بەزىلەرنىڭ قارىشىدا، ئۇلار ئىلىم ئەھلىلىرى ۋە كۈچ ساھىبلىرىدىن تەشكىللىنىدۇ. مېنىڭچە بۇ يۇقىرىقى ئىككى قاراشتىن كۈچلۈك.

كۆپ ھاللاردا ئەھلۇل ھىللى ۋەلئەقد دېگەن ئاتالغۇ «ئەھلى شۇرا» (كېڭەش ئەزاسى) دېگەن ئىسىم بىلەن ئوخشاش مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ. بەلكى ئەھلى شۇرا دېگەن ئىسىم ئەھلۇل ھىللى دېگەن ئىسىمدىن بالدۇر پەيدا بولغان ۋە بالدۇر قوللىنىلغان بولۇشى مۇمكىن. شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىيە ئەھلۇل ھىللى ۋەلئەقدىنى ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان ئىش ئىگىلىرى دەپ قارىغان. ئاللاھ بۇ توغرىدا: «يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا أَطِيعُوا اللَّهَ وَأَطِيعُوا الرَّسُولَ وَأُولِي الْأَمْرِ مِنكُمْ ۖ فَإِن تَنَازَعْتُمْ فِي شَيْءٍ فَرُدُّوهُ إِلَى اللَّهِ وَالرَّسُولِ إِن كُنتُمْ تُؤْمِنُونَ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ ۚ ذَٰلِكَ خَيْرٌ وَأَحْسَنُ تَأْوِيلًا»، «ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە ۋە ئۆزۈڭلاردىن بولغان ئىش ئۈستىدىكىلەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئەگەر سىلەر بىر ئىشتا ئىختىلاپ قىلىشىپ قالساڭلار، سىلەر ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ھەقىقىي ئىشىنىدىغان بولساڭلار، بۇ توغرىدا ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە (يەنى قۇرئانغا ۋە ھەدىسكە) مۇراجىئەت قىلىڭلار، بۇ سىلەر ئۈچۈن پايدىلىقتۇر، نەتىجە ئېتىبارى بىلەن گۈزەلدۇر»( نىسا سۈرىسى، 59 – ئايەت)

ئايەتتە تىلغا ئىلىنغان ئىش ئىگىلىرى ئەمىرلەر، سۇلتاننىڭ ۋەكىللىرى، قازىلار، قوماندانلار، ئىقتىساد مەسئۇللىرى، كاتىپلار ۋە زاكات يىغقۇچى خادىملار… نى كۆرسىتىدۇ. شەيخۇلئىسلامنىڭ ئەھلۇل ھىللىنى ئىش ئىگىلىرى دەپ تەپسىرلىگىنى بويىچە بولغاندا، ئەھلۇل ھىللى ئىجرائىيە ھوقۇقىغا ئىگە كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ. شۇنداقلا شەيخۇلئىسلامنىڭ سۆزى ئەھلۇل ھىللى ئۇقۇمىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ،  جەمئىيەتتىكى سەرخىللاردىن سىرت ئۈچىنچى، تۆتىنچى دەرىجىدىكى مەمۇرىي خادىملارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

بۇنىڭدىن مەلۇمكى، ئەھلۇل ھىللى ئۇقۇمى تارىختىن بىرى ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەر تەرىپىدىن تېگىشلىك كۆڭۈل بۆلۈشكە ئېرىشەلمىگەن. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى، ئۇلارنىڭ خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئورگان بولمىغاندىن سرىت، تۆت خەلىپە دەۋرىدىن كېيىن ئەھلۇل ھىللىنىڭ رولى بەكمۇ ئاجىزلاشقانلىقى، بەلكى كۆپ ۋاقىتلاردا بۇ ئۇقۇم سەھنىدىن غايىب بولغانلىقى ئۈچۈن ئىدى.

ئەھلۇل ھىللى ۋەلئەقدىنى (مىللەت ۋەكىللىرىنى) رەتكە سېلىش:

مېنىڭچە، شۇرا ئەھلى ياكى ئەھلۇل ھىللى ۋەلئەقد مەسىلىسىدىكى ئاساسىي قىيىنچىلىق ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسىنى رەتكە سېلىشقا مۇناسىۋەتلىك. ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسىنى رەتكە سېلىش تۆۋەندىكى ئىككى ئىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

1. ئۇلارنى تاللاپ چىقىش:

 بىر دۆلەتتە ئەھلۇل ھىللى سۈپىتىگە توشىدىغان ئادەم نەچچە ئون مىڭ ئەتراپىدا بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئېھتىياج چۈشمەيدۇ. بەلكى يۈز ياكى ئىككى يۈز، كۆپ بولغان تەقدىردە مىڭ ئادەمنىڭ بۇ مەسئۇلىيەتنى ئورۇندىشىغا موھتاج بولىدۇ. ئۇنداقتا ئۇلارنى كىم تاللاپ چىقىدۇ؟

ناۋادا بىز ئۇلارنى ئۈممەت تاللايدۇ دېسەك، ئۇ ھالدا ھىندونېزىيەگە ئوخشاش 250 مىليون ئاھالىگە ئىگە دۆلەتتە بۇ مەسئۇلىيەت قانداق ئورۇندىلىدۇ؟ ئۇلارنى ھاكىم بېكىتىدۇ دېسەك، بۇ ساھابىلەرنىڭ قىلغان ئىشىغا مۇخالىپ. چۈنكى، ئەھلۇل ھىللى ئۇلارنىڭ دەۋرىدە ئۈممەتكە ۋەكىللىك قىلاتتى. ئۇلارنى ھاكىم بېكىتىدۇ دېگەندە، ھاكىملار تەرىپىدىن بېكىتىلگەن بۇ كىشىلەر قانداقمۇ ھاكىملاردىن ھېساب ئېلىش، ئۇلارنى نازارەت قىلىش، ئۇلارنى تاللاش ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش دېگەندەك ئىشلارنى ئورۇندىيالايدۇ؟ تەبئىكى، بۇنى ئورۇنداش قانداقلا بولمىسۇن تەس. ئۇلار ھاكىم تەرىپىدىن بېكىتىلگەندە بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنداش تېخىمۇ تەسلىشىدۇ ياكى مۇمكىن بولمايدىغان ئىشقا ئايلىنىپ قالىدۇ.

2. ئەھلۇل ھىللى ۋەلئەقدىدە ھازىرلىنىشقا تېگىشلىك سۈپەت:

بىز ئىلگىرىكىلەرنىڭ سۆزىگە قايتىپ كېلەيلى، ماۋەردىنىڭ قارشىدا، ئەھلۇل ھىللى تۆۋەندىكى ئۈچ تۈرلۈك شەرتنى ئۆزىدە ھازىرلىغان بولۇشى كېرەك: بىرىنچى، ئادىل بولۇش. ئىككىنچى، ئىماملىققا سالاھىيىتى توشىدىغان كىشىلەرنى تونىغۇدەك ئىلىم – مەرىپەتلىك بولۇش. ئۈچىنچى، پىكرى ئۆتكۈر، پاراسەتلىك بولۇش. نەۋەۋىينىڭ قارىشىدا، ئۇلار ئۆلىمالار ۋە رەئىسلەردۇر. بۇنىڭدىن مەلۇمكى، ئەھلۇل ھىللى ئىش ئىگىلىرى بولۇشى كېرەك. خەتىب باغدادىي شۇرا ئەھلى ياكى ئەھلۇل ھىللى دېگەن ئىجتىھاد ئەھلى بولۇشى كېرەك، دەپ قارىغان. ئۇنىڭچە بولغاندا، ئەھلۇل ھىللى بولماقچى بولغان كىشىدە مۇجتەھىد فەقىھتە تېپىلىشى زۆرۈر بولغان سۈپەتلەرنىڭ ھەممىسى تېپىلىشى كېرەك.

ئەھلۇل ھىللى ھەققىدە دېيىلگەن قاراشلارغا قارىساق، بۇ ھەقتە ئون نەچچە تۈرلۈك كۆزقاراش بارلىقىنى بايقايمىز. بەزى تەتقىقاتچىلار بۇ قاراشلارغا ئاساسەن، ئەھلۇل ھىللىنىڭ سۈپەتلىرىنى مۇنداق بايان قىلغان: ئادىل، بىلىملىك، ئۆتكۈر پىكىرلىك، دانا، زېرەك، تەدبىرلىك، ئىشەنچلىك، راستچىل بولۇشى ھەمدە ھەسەتخورلۇق ۋە بەسلىشىشتىن ئىبارەت يامان خۇيدىن يىراق بولۇشى، ھاۋايى – ھەۋەسكە بېرىلمەسلىكى، شۇنداقلا كىشىلەر بىلەن ئۆچ – ئاداۋەتلىشىپ قېلىشتىن خالىي بولۇشى كېرەك.

بۇلاردىن مەلۇمكى، ئالىملىرىمىز رېئاللىقتا مەۋجۇت ئەمەس، بەلكى تارىختا ئاڭلىغان، ئەمما ئۆز كۆزى بىلەن كۆرمىگەن ئىشلار ھەققىدە سۆزلىگەن.

تەنقىدىي پىكىر:

ھەزرىتى ئەبۇ بەكرىگە بەيئەت قىلغاندا، بەيئەت ئەھلى ۋە ئەھلۇل ھىللى ۋەلئەقد رەسۇلۇللاھنىڭ ساھابىلىرى ئىدى دېگەن قاراش ئومۇملاشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاقساقاللىرى ھەممىگە تونۇشلۇق ئىدى. ساھابىلەر ئىچىدىكى ئەھلۇل ھىللى سالاھىيىتىگە كىمنىڭ بەك لايىق ئىكەنلىكى،  ئۇلارنىڭ مەرتىۋىلىرىگە ئاساسەن بېكىتىلەتتى. مەسىلەن، بەدر ئەھلى، مۇھاجىرلار، ئەقەبە بەيئىتىگە قاتناشقان كىشىلەر… شۇنىڭ بىلەن بىرگە،  ساھابىلەرنىڭ تەقۋادار، دىيانەتلىك ۋە رەسۇلۇللاھقا بولغان يېقىنلىقى ئۇلارنى چوڭ ۋەزىپىلەرگە نامزات قىلىدىغان ئالاھىدىلىك ئىدى.

بۈگۈنكى كۈندە ھاكىمىيەت ئىشلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان چوڭ ئۆزگىرىشلەر بۇ ساھەلەردە شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، دەۋرگە لايىق ئۇسۇل – چارە قوللىنىشقا ئۈندەيدۇ.

پىرېزىدېنت (دۆلەت رەئىسى)، كېڭەش مەجلىسى، پارلامېنت ۋە ئالىي مەھكىمىگە ئوخشاش دۆلەتتىكى ئەڭ يۇقىرى مەنسەپنى ئىگىلەيدىغانلارنى تاللاش ئۇسۇللىرىغا كەلسەك، ئالدىمىزدىكى بىردىنبىر يول ئۇلارنى سايلام ئارقىلىق تاللاش. ئەلۋەتتە، نەزەرىيە نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، خەلق ئۆز ئىچىدىن بىر ئادەمنى رەئىس قىلىپ تاللاپ چىقىشى مۇمكىن، ئەمما رېئال ئەمەلىيەتكە قارىساق، جەمئىيەتنىڭ مۇرەككەپلىكى بۇ نەزەرىيەنىڭ ئەمەلىيلىشىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرىدۇ.

سايلامدىن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمىغان ئىكەن، شەرئى نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، رەئىسنى خەلقنىڭ بىۋاسىتە ئاۋاز بېرىپ سايلىشى بىلەن شۇرا ياكى پارلامېنتتىكى ۋەكىللىرى ئارقىلىق سايلاپ چىقىشنىڭ پەرقى يوق. بۇ نۇقتىدىكى ئەمەلىي مول تەجرىبىگە ئاساسەن ئۇ ئىككى تۈرنىڭ ھېچقايسىسىدا يەنە بىرىگە قارىتا ئەۋزەللىكى يوق. چۈنكى، بۇ يەردىكى مەقسەت ئۈممەتنىڭ ھاكىم بولىدىغان كىشىگە قارىتا رازىلىقىنى ئىپادىلىشىدۇر.

ئەلۋەتتە، سايلام ھەر ۋاقىت ئەڭ سالاھىيەتلىك كىشىنى تاللىيالمايدۇ. بەلكى بەزىدە ئەڭ لاياقەتلىك كىشى شاللىنىپ، لاياقەتسىز كىشى تاللىنىشى؛ ياخشى كىشى شاللىنىپ، يامان كىشى تاللىنىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. قانداقلا بولسۇن، سايلام نەتىجىسىنى قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك. ئۇنى قوبۇل قىلمىغاندا، ئالدىمىزدا مۇستەبىتلىك ياكى ئىچكى ئۇرۇش قىلىشتىن باشقا يول قالمايدۇ. ئەگەر سايلامدىكى ئىللەتتىن خالىي ھالدا، ئۈممەتنىڭ رازىلىقىنى ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان چارە تېپىلسا، ئەلۋەتتە، شۇ چارىنى ئىشلىتىش شەرئى جەھەتتىن  ۋاجىبقا ئايلىنىدۇ. چۈنكى، بىز ئىمكانقەدەر كۆپ مەنپەئەتنى قولغا كەلتۈرۈپ، زىياندىن ساقلىنىشقا بۇيرۇلغان.

مۇسۇلمان خەلقلەر سايلام مەزگىلىدە بەزى قىيىنچىلىقلارغا دۇچار بولىۋاتىدۇ. بۇ قىيىنچىلىقلارنىڭ سەۋەبىنى تۆۋەندىكى ئىككى نۇقتىغا يېغىنچاقلاشقا بولىدۇ:

1) نامراتلىق: باي نامزاتلار ۋە ئۇلارنىڭ قوللىغۇچىلىرى كەمبەغەللەرنىڭ سايلام بېلىتىنى سېتىۋالماقتا.

2) ئاڭسىزلىق: ئاۋام خەلقنىڭ سايلامنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشەنمەسلىكى ۋە توغرا سىياسىي ھاياتنىڭ شەرتلىرىنى ئاڭقىرالماسلىقى.

ھەممىگە ئايانكى، بۈگۈنكى كۈندە مىللەتنىڭ ئىرادىسىنى ئىپادىلەيدىغان ئەركىن ۋە ئادىل سايلام ئۆتكۈزۈش سىياسىي ھاياتنى رەتكە سېلىشنى تەقەززا قىلىدۇ. يەنى ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات پروگراممىلىرى ئارقىلىق دۆلەتكە مۇلازىمەت قىلىشتا رىقابەتلىشىدىغان پارتىيەلەرنىڭ بولۇشى تولىمۇ زۆرۈر. ئەگەر بۇ مۇمكىن بولمىسا، كىشىلەر ئاقنى قارىغا،  ھەقنى ناھەقكە ئايلاندۇرىدىغان كىرالىق ئاخباراتنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىدۇ. بۈگۈن نۇرغۇن دۆلەتلەردە كۆرگىنىمىزدەك، ئاخبارات ئاقنى قارىغا ئايلاندۇرۇپ قويماقتا. بەزى كىشىلەر: سايلام خەلقنىڭ رازىلىقىنى ئىپادىلىيەلمەيدۇ. چۈنكى، بېلەت تاشلىغانلار بەزىدە بېلەت تاشلاش ھوقۇقىنىڭ % 30 دائىرىسىدە بولۇشى مۇمكىن، دەيدۇ.

مېنىڭچە بۇ گەپ توغرا، لېكىن ئاۋاز بېرىش سالاھىيىتىگە ئىگە ئادەم يىگىرمە مىليون دېسەك، ئۇ ھالدا بۇنىڭ 30 پىرسەنتى ئالتە مىليوندىن ئاشىدۇ، دېگەن گەپ. ئالتە مىليون ئىنسانلارنىڭ پىكرى خەلقنىڭ مۇددىئاسىنى ئىپادىلەپ بېرىشكە يېتىدۇ. مانا بۇ ھازىر قولايلىق بولغان ئەڭ ياخشى چارە. بۇ يەردە مۇھىم بولغىنى كىشىلەرنىڭ ھېچقانداق بېسىمغا ئۇچرىمىغان ئەھۋال ئاستىدا بېلەت تاشلاش ساندۇقلىرىنىڭ قېشىغا بېرىپ بېلەت تاشلىشى ياكى مۇستەقىل ئىرادىسى بىلەن بېلەت تاشلاشتىن ۋاز كېچىشىدۇر.

ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئەھلۇل ھىللىنىڭ سۈپەتلىرى ھەققىدىكى بايانلىرىغا قارساق، بۇ گەپلەر ئىجتىھاد بىلەن دېيىلگەن بولۇپ، قۇرئان ۋە سۈننەتتە ئۇلارنىڭ سۈپەتلىرى، تاللاش ئۇسۇلى ۋە ئۇلارنىڭ خىزمەت دائىرىسىگە مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق ھۆججەت يوق.

شەرئى سىياسەت ئۆلىمالىرىنىڭ گېپىگە قارايدىغان بولساق، ئۇلار ئەھلۇل ھىللى ھەققىدە تىلغا ئالغان سۈپەتلەرنىڭ مۇجمەل ئىكەنلىكىنى، ئۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشنىڭ تەسلىكىنى بايقايمىز. مەسىلەن، ئۇلارنىڭ مەلۇم بىرىدە زېرەكلىك، ئىشەنچلىك بولۇش، راستچىللىق، ئىجتھاد قىلىش، كۆڭلى ھەسەت ۋە ئاداۋەتتىن خالىي بولۇش دېگەندەك سۈپەتلەرنى ئۆلچەم قىلىش تەس. چۈنكى، بۇ سۈپەتلەر نىسپىي نەرسە بولۇپ، بۇلارنىڭ بىر قىسمى كۆپىنچە كىشىلەردە تېپىلىدۇ. شۇڭا، بۇ سۈپەتلەرنى ئۆلچەم قىلىش ئەھلۇل ھىللىنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتىشتە توغرا ئەمەس. بەلكى بۇ تۈگىمەس تالاش – تارتىش ۋە پىتنىگە سەۋەب بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. شۇنداقلا ئۇ بۈگۈن ئىسلام دۇنياسىدا كۆرۈۋاتقىنىمىزدەك، مەنسەپپەرەس، ھوقۇقپەرەس كىشىلەرنىڭ ئاددىي خەلقتىن پايدىلىنىپ كېتشىنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىدىن بىرى بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن.

 شۇرا ياكى پارلامېنتقا ئەزا بولىدىغان كىشىلەرنىڭ كونكېرت شەرتلىرى بېكىتىلىشى كېرەك ئىدى. ئەپسۇسكى، بۇ ساھەدىكى ئىشلار ئىنتايىن چەكلىك بولماقتا. مەسىلەن، ياش ۋە ئىلمىي سەۋىيەسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان دىپلوم ۋە ئۇلارنىڭ ئەدلىيە ئارخىپىدا جىنايەت خاتىرلەنمىگەن بولۇش دېگەندەك…مەزكۇر ئىشلارنى ئىنتىزامغا كىرگۈزگىلى ۋە ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرگىلى بولىدۇ. ئەسكەرتىش مۇھىم بولغان ئىش شۇكى، ئەھلۇل ھىللى ۋەلئەقدىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈممەتنىڭ ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى رولىنى كىچىكلەتمەسلىكى ياكى چەتكە قاقماسلىقى كېرەك. ئۈممەت ئۇلارنى تاللاپ چىققان ئىكەن، تاللانغان بۇ كىشىلەر زىممىسىگە چۈشكەن ۋەزىپىنى ئورۇندىيالمىغاندا، ئەلۋەتتە، ئۈممەتنىڭ ئۇلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھوقۇقىمۇ بولىدۇ.

شۇنداقلا ئەھلۇل ھىللى ۋەلئەقدىلىككە تاللانغان كىشىلەر تاللىغۇچىلار بىلەن ياخشى ئالاقە ئورنىتىپ، ئۇلارنىڭ تەكلىپ – پىكىرلىرىگە قۇلاق سېلىشى ۋە ئۇلارنى نېمىلەرنى قىلغانلىقىدىن خەۋەردار قىلىشى كېرەك. مانا بۇ سىياسىي جەھەتتىن پىشىپ – يېتىلگەن ۋە مول شۇرا تەجرىبىسىگە ئىگە بىرقانچىلىغان دۆلەتلەردە داۋام قىلىۋاتقان ئەنئەنىدۇر.

سايلامنىڭ ھۆكۈمدارلارنى تاللاشتا كىشىلەرنىڭ ئىرادىسىنى ئىپادىلەيدىغان ئەڭ ياخشى تەدبىر ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان بولسىمۇ، بۇ بىزنىڭ بۈگۈنكى سايلام نىزامىغا تولۇق بويسۇنۇش كېرەكلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. بەلكى ئىمكانىيەتنىڭ يېتىشىچە، ئۇنىڭ سەلبىي تەرەپلىرىنى ئازايتىش كېرەك. ئالايلۇق، دۆلەتتە شەرئى ۋە ئىلمىي ئورگانلار تەرىپىدىن تاللانغان «دانىشمەنلەر كېڭىشى»گە ئوخشاش ئورگان تەسىس قىلىنىپ، دۆلەتنىڭ ئومۇمىي سىياسىتىنى يۈزلەندۈرىدىغان، مەدەنىيەت يۆنىلىشىنى ئىدارە قىلىدىغان مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالسا، شۇنداقلا جىددىي ئەھۋال يۈز بەرگەندە ياكى قالايمىقانچىلىق كۆرۈلگەندە، دۆلەتنىڭ مۇقىملىقىغا مەلۇم دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان بولسا بولىدۇ. شۇنداقلا، سايلامدا ئاۋاز بەرگۈچىلەرنىڭ ياش چەكلىمىسىنى يىگىرمە ياكى يىگىرمە ئىككى ياشقا كۆتۈرۈپ، سايلىغۇچىلارنىڭ ئەقىل بىلەن ئىش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش مۇمكىن.

يەنە سايلامنى ئىككى تۈرگە بۆلۈپ ئېلىپ بېرىشقىمۇ بولىدۇ، ئالدى بىلەن دوكتور، ماگىستىر ۋە ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەردىن تەركىپ تاپقان سايلىغۇچىلار خاس سايلام ئۆتكۈزۈپ، نامزاتلارنى بېكىتكەندىن كېيىن، بۇ نامزاتلاردىن بىرىنى تاللاش ئۈچۈن ئاۋام خەلقنى ئاساس قىلغان ئومۇمىي سايلام ئۆتكۈزۈشكىمۇ بولىدۇ.

ئەھلۇل ھىللى ۋەلئەقد مەسىلىسىدىكى ئاخىرقى مۇلاھىزە:

بىز يۇقىردا بەزى ئالىملارنىڭ ئەھلۇل ھىللى ۋەلئەقد ئەزالىرى قاتارىغا ھەربىي ئەمەلدارلار، قازى، پۈتۈكچى ۋە زاكات يىغقۇچى دېگەنگە ئوخشاش ۋەزىپىلەرنى ئورۇندايدىغان كىشىلەرنىمۇ ئەھلۇل ھىللى ۋەلئەقد دائىرىسىگە كىرگۈزگەنلىكىنى كۆردۇق. ئۇ ئالىملار بۇ كىشىلەرنى ئەھلۇل ھىللى ۋەلئەقدىگە كىرگۈزۈشتە ئەھلۇل ھىللىنىڭ خەلىپە ياكى رەئىس تاللاش رولىغا ئاساسلانغان بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى، ئەھلۇل ھىللى خەلىپە ياكى رەئىسكە ھەمكارلىشىپ دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا، ئىچكى مۇقۇملۇقنى تۇراقلاشتۇرۇشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ ھەمدە خەلق تەرىپىدىن ئېتىراپقا ئېرىشكەن خەلىپىدىن ھوقۇقنىڭ تارتىۋېلىنىشىغا قارشى تۇرىدۇ.

ئەمما ئەھۋال بۈگۈن تۈپتىن ئۆزگەردى، ئاۋام خەلق ۋە دۆلەتنىڭ مەنپەئەتى ھەربىيلەرنى سىياسىي ساھەدىن پۈتۈنلەي يىراقلاشتۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسىگە مەسئۇل بولۇشنى تەقەززا قىلىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى. شۇنداقلا پۈتۈن دۇنيادا پارلامېنت، ئەدلىيە ۋە ئىجرائىيە ئورگانلىرىنى بىر – بىردىن ئايرىپ، ھەر بىرىگە مۇستەقىل سالاھىيەت بېرىشنى تەقەززا قىلىۋاتىدۇ. ئاخىرىدا شۇنى بىلىش كېرەككى، ئەھلۇل ھىللى ۋەلئەقدىنىڭ مەسئۇلىيىتى پەقەت ھاكىم تاللاشلا ئەمەس، بەلكى ھاكىمنىڭ پائالىيەتلىرىنى كۆزىتىش، نازارەت قىلىش ۋە زۆرۈر بولۇپ قالسا، مەنسىپىدىن ئېلىپ تاشلاشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا، بۇرۇنقى ئالىملار ئەھلۇل ھىللى ۋەلئەقد توغرىسىدا ئوتتۇرىغا قويغان كۆپلىگەن قاراشلار بۈگۈنكى كۈندە مۇناسىپ كەلمەيدىغان بولۇپ قالدى.