2024-يىل 4-ماي

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

«ھەدىسلەر ئارىسىدا زىتلىق بار» دېگەن شۇبھىگە جاۋاب

«ھەدىسلەر ئارىسىدا زىتلىق بار» دېگەن شۇبھىگە جاۋاب

 

ئاللاھنىڭ دىنى زىتلىق ۋە قارىمۇ-قارشىلىقتىن قوغدالغانلىقى، شەرىئەتنىڭ زىتلىقتىن پاكلىقى ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ نەزىرىدە ئېنىق مەسىلە. چۈنكى شەرىئەت سۆزلىرى ۋە ئەھكاملىرى سوقۇشۇپ قالمايدىغان ۋە زىتلىشىپ قالمايدىغان ھەممىنى بىلگۈچى ۋە ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى زات تەرىپىدىن چۈشۈرۈلگەن.

شۇڭا ئىسپاتلىنىشى سەھى، كۆرسەتمىسى ئوچۇق بولغان ئىككى دەلىل ئارىسىدا- ئىككى دەلىلنى بىرلەشتۈرگىلى ۋە بىر بىرىدىن كۈچلەندۈرگىلى مۇمكىن بولمايدىغان دەرىجىدە- بىر بىرى بىلەن زىتلىشىدىغان ئەھۋال مۇمكىن ئەمەس.

رەسۇلۇللاھنىڭ سۆزلىرى ئارىسىدا زىتلىق بار دېگەن گەپلەر ھەدىس ئىلمىنى بىلمەسلىك(يەنى ئوقۇرمەن سەھى ھەدىس بىلەن ئاجىز ھەدىسنى پەرقلەندۈرەلمەي، ئاساسى يوق ھەدىسلەر ئارىسىدا زىتلىق بار دەپ قاراپ قالىدۇ ياكى سەھى ھەدىسىگە توقۇلما ھەدىسنى زىتلاشتۇرۇپ قويىدۇ) ياكى ھەدىسلەرنى چۈشەنمەسلىكتىن سەۋەبىدىن پەيدا بولىدۇ.

ھەدىسشۇناس ئىمام ئىبنى خۇزەيمە زاھىرىي(يەنى سىرتقى كۆرۈنۈشىدە زىتلىق ھېس قىلىنغان) ھەدىسلەرنى بىرلەشتۈرگەن مەشھۇر ئالىمدۇر، ئۇ:«بىر- بىرىگە زىت سەھى ئىككى ھەدىسنى بىلمەيمەن، كىمنىڭ قېشىدا بىر بىرىگە زىت ئىككى ھەدىس بولسا، مېنىڭ قېشىمغا ئېلىپ كەلسۇن، مەن ئىككى ھەدىس ئارىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېرەي»دېگەن.

شۇڭا شەرقشۇناسلار ۋە ئۇلارنىڭ قۇيرۇقلىرى ھەدىسكە ۋە ھەدىسشۇناسلارغا چاپلىغان تۆھمەتلىرىنىڭ بىرسى رىۋايەتلەر (يەنى ھەدىسلەر)ئارىسىدا زىتلىق بار دېگەن قۇرۇق گەپتۇر، بۇلار بۇ يالغان داۋاسىنى ھەدىستىن شەكلەندۈرۈشكە يۈزلۈك ۋاسىتە قىلىۋالغان.

شەرقشۇناس»جوينىل»مۇنداق دەيدۇ:«ھەدىسنىڭ ماددىسى ئەمەلىيەتتە تالاش- تارتىشنىڭ ئاساسىدۇر، كۆپىنچە ھەدىس تېمىسىدىكى ھاۋايى-ھەۋەس داۋاملىق زىتلىقنى پەيدا قىلىدۇ، شۇڭا ئاخىرقى ھۆكۈم(يەنى ھەدىسنىڭ دەرىجىسىگە ھۆكۈم قىلىش) ھەدىسنىڭ قىممىتىنى كۆزلىمىگەن».. بەلكى رىۋايەت يولىنى مەقسەت قىلغان».

شەرقشۇناس «ماكدونالد»  ئۆز گۇمانىچە بىر بىرىگە زىت بىر قانچە ھەدىسلەرنى مىسال كەلتۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ:»بەزى ھەدىسلەرگە قارىساق ئېنىق ھالەتتە مۇھەممەد دىندا جېدەل قىلىشقا رازى بولمايدۇ دەپ بەلگىلىمە بېرىدۇ، لېكىن بەزى ھەدىسلەر مۇھەممەدنى جېدەلگە بەك ئامراق ئىدى دەپ تەسۋىرلەيدۇ. بۇ ئىككى تۈرنىڭ ھەر بىرىدە ئوخشاشلا شەك بار، بەلكىم بىرىنچى تۈرىنى ئۇزۇن زاماننىڭزى ئەقلىنى ئىشلىتىشنى رەت قىلىپ، نەقىل ئارقىلىق يېتىپ كەلگەن ھەدىسلەر بىلەن قانائەتلەنگەنلەر توقۇپ چىققان ھەدىسلەر بولسا كېرەك».

ئۇ يەنە:»ھەدىستە ئويدۇرمىچىلىق يۈز بەرگەنلىكى سەۋەبىدىن ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىدىمۇ قاتتىق زىتلىق كۆرۈلدى. بەزى ھەدىس:«مېنىڭ رەھمىتىم غەزىپىمدىن ئۈستۈن كەلدى»دەيدۇ(تىرمىزى رىۋايەت قىلغان).

مانا بۇلارغا باشقا شەرقشۇناسلار ۋە ئۇلارنىڭ قۇيرۇقلىرى بولغان ئىلمانىلار ئەگىشىپ، ھەدىسشۇناسلارنىڭ بۇ تۈردىكى ھەدىسلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىشتىكى قائىدىلىرىنى بىلمەي ياكى كۆز يۇمۇپ شەرقشۇناسلارنى دوراشتى.

ئەمەلىيەتتە، بەزى ھەدىسلەر ئارىسىدا زاھىرىدا(يەنى سىرتقى كۆرۈنۈشىدە) زىتلىقنىڭ مەۋجۇد بولىشى يات ئىش ئەمەس، چۈنكى ھەدىسلەر ئىچىدە: ئام(ئومۇمى ھۆكۈم)- خاس(خاس ھۆكۈم)، مۇتلەق(مۇتلەق ھۆكۈم)- مۇقەييەد(دائىرىگە ئېلىنغان ھۆكۈم)، مۇجمەل(ئىخچام بايان قىلىنغان)- مۇپەسسەر(تەپسىلى بايان قىلىنغان)، مەنسۇخ(ھۆكمى ئەمەلدىن قالغان)- ناسىخ(سابىق ھۆكۈمنى ئەمەلدىن قالدۇرغۇچى) ھەدىسلەر بار. شۇڭا ھەدىسلەر ئىچىدە زاھىرىدە زىتلىقنىڭ مەۋجۇتلۇقى ھەدىسنىڭ ئويدۇرما ھەدىس ئىكەنلىكىنىڭ پاكىتى ئەمەس، ھەدىسشۇناس ئالىملار ھەدىسنىڭ ئىختىلاپ سەۋەبلىرىنى تۆۋەندىكىدەك بايان قىلىشتى:

1. ساھابە ئىككى قېتىم رىۋايەت قىلغان ئىشنىڭ ئوخشىمىغان ئىككى شارائىتتا يۈز بەرگەنلىكى. شۇڭا بۇ ساھابە ئاشۇ شارائىتتا كۆرگىنى بويىچە رىۋايەت قىلغان، يەنە بىر ساھابە يەنە بىر شارائىتتا كۆرگىنى بويىچە رىۋايەت قىلغان. مەسىلەن:«ئەۋرەتنى تۇتسا تاھارەت ئېلىش لازىم»،«ئەۋرىتىڭ سېنىڭ بىر  ئەزايىڭغۇ» دېگەن بۇ ئىككى ھەدىسكە قاراڭ.

2. رەسۇلۇللاھنىڭ بىر ئىشنى-قايسىنى قىلسا دۇرۇسلىقىغا ئىشارەت بېرىپ-ئىككى قېتىم قىلغانلىقى. مەسىلەن، رەسۇلۇللاھ ۋىتىر نامىزىنى 7رەكەت ئوقۇغان، 9 ۋە 11 رەكئەتمۇ ئوقۇغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان ھەدىسلەرگە ئوخشاش.

3. ساھابلارنىڭ رەسۇلۇللاھدىن كۆرگەن بىر ئىشنى رىۋايەت قىلىشتا ئىختىلاپنىڭ يۈز بېرىشى. مەسىلەن، ساھابىلار رەسۇلۇللاھنىڭ ھەج پائالىيىتى توغرىسىدا «ھەج قىران: ياكى «ھەج مۇفرەد» ئىكەنلىكى توغرىسىدا تۈرلۈك قاراشتا بولغان. مۇشۇنداق ئەھۋالىدا ساھابىلارنىڭ چۈشەنچىلىرىنىڭ تۈرلۈك بولىشى يوللۇق ئىش، چۈنكى ھەجنىڭ «قىران: ياكى «ھەج مۇفرەد: ياكى «ھەج تەمەتتۇ» دىن ئىبارەت تۈرلىرىدىكى نىيىتىنى كىشلەر كۆرەلمەيدۇ.

4. بىر ساھابە دەسلەپكى ھۆكۈمنى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋەتكەن يېڭى بىر ھۆكۈمنى ئاڭلايدۇ، يەنە بىر ساھابە بۇ يېڭى ھۆكۈمنى ئاڭلىماي قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرىنچى ھۆكۈمنى رىۋايەت قىلىدۇ.

مانا بۇ سەۋەبلەردىن باشقا سەۋەبلەرمۇ بار…

شۇنداقتىمۇ ھەدىسشۇناسلار بۇ تۈردىكى ھەدىسلەر بىلەن مۇئامىلە قىلغان ۋە ئۇنىڭغا رەسۇلۇللاھنىڭ سۆزلىرى ئارىسىدا زىتلىق كۆرەلمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىدىغان قائىدە ۋە پرىنسىپلارنى قويۇشقان. بۇ ئىلىم«مۇختەلەف ھەدىس»(يەنى بىر بىرىگە زىت ھەدىسلار ئىلمى) دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ ئىلىم قەدىرى يوقىرى ۋە مەنپەئەتى زور بىلىم. ئالىم ۋە فەقىھمۇ بۇ ئىلىمگە مۇھتاج بولىدۇ. ئىلمى ساھەسى كەڭرى، چۈشەنچىسى يوقىرى ۋە پىكىرى ئۆتكۈر ئادەم بولمىسا بۇ ئىلىمدە بىر باشقا چىقالمايدۇ.

مۇشۇ قائىدىلەر ۋە پرىنسىپلار ھەدىسشۇناسلارنىڭ پرىنسىپى قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ، بۇ قائىدىلەرنىڭ ھەدىسنى قوبۇل قىلىش بىلەن بىۋاستە ئالاقىسى بار، شۇڭا ھەدىس ئىلىملىرى ئىچىدىن شاز(ئىشەنچىلىك ئادەمنىڭ ئۆزىدىنمۇ بەك ئىشەنچىلىك ئادەمنىڭ رىۋايىتىگە زىت ھەدىس رىۋايەت قىلىشى)، سەھى ھەدىس، مۇنكەر (ئاجىز ئادەمنىڭ ئىشەنچىلىك ئادەمنىڭ رىۋايىتىگە زىت ھەدىس رىۋايەت قىلىشى)، مەرۇف(ئىشەنچىلىك ئادەمنىڭ ئاجىز ئادەمنىڭ رىۋايىتىگە قارىشى ھەدىس رىۋايەت قىلىشى)، ناسىخ-مەنسۇخ، مۇزتەرىب(يەنى راۋىنىڭ بىر سۆز ياكى بىرەر شەخسنى ئېنىق ئىپادىلەپ بېرەلمەسلىكى)، مۇئەللەل(ئىللەتلىك ھەدىس) تۈرلىرى شاخچىلاندى.

مەسىلەن، قوبۇل قىلىنىدىغان بىر ھەدىسىگە ئاجىز ھەدىس قارشىلىشىپ قالسا، ئاجىز ھەدىس رەت قىلىنىدۇ ۋە «مۇنكەر» دەپ ھۆكۈم قىلىنىدۇ. قوبۇل قىلىنغان ھەدىس «مەرۇف» دەپ ئاتىلىدۇ.

ئەمما قوبۇل قىلىنىدىغان ھەدىسىگە ئىشەنچىلىك راۋىلارنىڭ ھەدىسى قارشىلىشىپ قالسا، ئۇ چاغدا ئىككى ھەدىسنىڭ خاراكتېرى ۋە كۆرسەتمىسىگە قارايمىز. نەتىجىدە كۆرسەتمىسى ئوخشىمايدىغان بۇ ئىككى ھەدىسنى بىرلەشتۈرۈش مۇمكىن بولسا، قېيىن ھەدىسكە ئىزاھات بېرىلىدۇ ۋە ھەدىسنىڭ قىيىنچىلىقى يوقىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ قېيىن(يەنە بىرسى بىلەن زىتلىشىپ قالغان) ھەدىس بىلەنمۇ ئەمەل قىلىنىدۇ.

مەسىلەن،رەسۇلۇللاھ:«سۇ ئىككى كۈپ مىقدارى بولسا نىجىس بولمايدۇ»دەيدۇ، يەنە:«ئاللاھ سۇنى پاك ياراتتى، ئۇنى ھېچ نەرسە نىجىس قىلالمايدۇ، لېكىن ئۇنىڭ تەمى ياكى رەڭگى ياكى پۇرىقى ئۆزگىرىپ كېتىپ قالسا نىجىس بولىدۇ»دەيدۇ…

بىرىنچى ھەدىسنىڭ زاھىرىي ئىككى كۈپ مىقداردىكى سۇنىڭ ئۆزگەرسۇن ياكى ئۆزگەرمىسۇن پاكلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئىككىنچى ھەدىسنىڭ زاھىرىي ئىككى كۈپ مىقدارىدىن كۆپ ياكى ئاز سۇنىڭ-ئۆزگىرىش بولمىغان بولسا-پاكلىقىنى كۆرسىتىدۇ. دېمەك، بۇ ئىككى ھەدىستىكى ئومۇملۇق يەنە بىرسىنى خاسلاشتۇرغان.

يەنە بىر مىسال، رەسۇلۇللاھ:«ساق ھايۋانلارنى كېسەل ھايۋانلارغا قوشماڭلار» دېگەن، يەنە بىر ھەدىستە:«پىسى كېسەلدىن شىردىن قاچقاندەك قاچقىن»دېگەن ھەدىس بىلەن«يۇقۇملىنىش ۋە شۇملۇنۇش يوق»دېگەن ھەدىسنىڭ ھەر بىرى سەھى ھەدىسلەردۇر. ئالىملار بۇ ھەدىسلەرنىڭ ئارىسىدىكى زىتلىقنى يوقۇتۇش ئۈچۈن بىرلەشتۈرۈش ئۈچۈن تۈرلۈك يوللارنى مېڭىشتى.

ھەدىسلەرنىڭ زاھىرىي زىتلىشىپ قالغاندا مۇمكىن بولسا ئىككى ھەدىسنى بىر بىرى بىرلەشتۈرۈش، بىرلەشتۈرۈلۈپ ھەر ئىككى ھەدىس بىلەن ئەمەل قىلىنىدۇ. ئەگەر ئىككى ھەدىسنى بىرلەشتۈرۈش مۇمكىن بولمىسا، تۆۋەندىكى ئىككى خىل ئىشنىڭ بىرسى بولىدۇ:

بىرىنچىسى: ھەر ئىككى ھەدىسنىڭ تارىخىغا قارايمىز، چوقۇم ئىككى ھەدىسنىڭ بىرى يەنە بىرىدىن كېيىن بولىدۇ، ئەگەر ئىككى ھەدىسنىڭ تارىخى ئاشكارىلانسا زىتلىق كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ، چۈنكى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئىلگىرىكى ھۆكۈمنى كېيىنكى ھۆكۈم بىلەن ئەمەلدىن قالدۇرۇۋەتكەن بولىدۇ، ئۇ چاغدا كېيىنكى ھۆكۈم بىلەن ئەمەل قىلىنىدۇ.

ئىككىنچىسى: ئىككى ھەدىسنىڭ بىرىنىڭ ئەمەلدىن قالغانلىقىغا پاكىت بولمىسا، ئۇ چاغدا ئىككى ھەدىسنى بىر بىرىدىن كۈچلەندۈرۈش يولىنى تۇتىمىز، قايسى كۈچلۈك بولسا شۇنىڭ بىلەن ئەمەل قىلىنىدۇ ۋە بۇ ھەدىس سەھى دەپ قارىلىدۇ، يەنە بىرسى «شاز» ياكى «ئىللەتلىك» دەپ قارىلىدۇ ۋە بۇ ھەدىس رەت قىلىنىدۇ.

ئالىملار بىر بىرى بىلەن زاھىرىي زىت كۆرۈنگەن ھەدىسلەرنى كۈچلەندۈرۈش ئامىللىرىغا ۋە تۈرلىرىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردى، ئۇنىڭ بارلىق قىسىملىرىنى تەكشۈرۈپ چىقتى، شۇ سەۋەبتىن كۈچلەندۈرۈش ئامىللىرى 100 يولدىن ئېشىپ كېتىدۇ. ئىمام سۇيۇتى»تەدرىب راۋى» ناملىق كىتابىدا ئاساسلىق يەتتە تۈرىنى زىكىر قىلىدۇ: راۋىلارنىڭ ئەھۋالىغا قارىتا كۈچلەندۈرۈش، نەقىل قىلىنىش يولى، رىۋايەت شەكلى، خەۋەر قىلىش سۆزىگە قارىتا كۈچلەندۈرۈش؛ سىرتقى ئامىل بىلەن كۈچلەندۈرۈش…كە ئوخشاش.

ھەدىسشۇناس ئالىملار بۇ تېمىدا قائىدە ۋە پرىنسىپلارنى قويۇش بىلەنلا كۇپايىلىنىپ قالمىغان، بەلكى ھەدىسلەرنى بىر بىرلەپ تەتقىق قىلغان، ھەر بىر ھەدىسنى ھەر تەرەپتىن شەرھىلىگەن، بىر بىرى بىلەن زىتلىشىپ قالغان قىيىنچىلىقلارغا جاۋاب بەرگەن. مانا بۇ ئىلىملار ھەدىسلەرنىڭ شەرھى كىتابلىرىدا تېپىلىدۇ، ئۇلار زاھىرىي بىر بىرىگە قارىشى ھەدىسلەر توغرىسىدا قىيىنچىلىقنى يوقىتىپ، توغرا تەرىپىنى بايان قىلىپ، قالايمىقان سۆزلەيدىغانلارغا رەددىيە بېرىپ ئايرىم كىتاب يازغان

مەسىلەن:

* ئىمام شافىئىينىڭ» ئىختىلاپ ھەدىس» يەنى ھەدىسلەرنىڭ ئىختلاپلىشىپ قېلىشى،

* ئىبنى قۇتەيبىنىڭ»ئىختىلاپلاشقان ھەدىسلەرنىڭ ئىزاھلاش يولى»،

* تاھاۋىنىڭ»مۈشكىل ئاسار»(يەنى ھەدىسلەرنىڭ قىيىنچىلىقلىرى)،

* ئەبى بەكرى فوركنىڭ»مۇشكىل ھەدىس» ناملىق كىتاۋى.

بۇلار ئەينى دەۋرلەردە يېزىلغان كىتابلاردۇر، بۇ دەۋرلەر بۇ تېمىلاردا يېزىلغان كىتابلار ناھايىتى كۆپ.

دېمەك، ھەدىسلەرنىڭ بىر بىرىگە زىت كېلىپ قېلىش تېمىسىنى تەتقىق قىلىش ھەدىسنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە سەھى ھەدىس ئەتراپىدا لەيلەپ يۈرگەن ھەر قانداق شۇبھىلەرنى يوقىتىپ مەسىلىنى داۋالىغان.