2024-يىل 12-ماي

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

رامىزان روھ ۋە بەدەن ئارىسىدا

69

رامىزان روھ ۋە بەدەن ئارىسىدا

 

رامىزان ئېيى باشقا ئايلارغا قارىغاندا كۈندىلىك ھايات ۋە ئىنسانىيەت ئالاقىلىرىنى باشقىچە رەتلەشكە كۆڭۈل بۆلىدىغان رامىزان بىلەن ئالاھىدە.كىشلەر رامىزان ئېيىنى«روھنىڭ ئېيى» دەپ ئادەتلەندى، بىز ئۇنى روھ ۋە بەدەنگە ئىگە «ئىنسان ئېيى» دەپ سۈپەتلەيمىز.

رامىزان بەدەننىڭ ۋەزىپىلىرىنى رەتكە سالىدۇ، ئۇنىڭدا ئاشقازان مەجبۇرى راھەت تاپىدۇ، شەھۋەت كونترول قىلىنىدۇ، ئۇ ئىككىسى رامىزاندىن باشقا ۋاقىتتا بەدەننىڭ كۆپلىگەن چارچاشلىرىنى پەيدا قىلىدىغان كىرىش ئېغىزىدىن ئىبارەت.

يېمەك- ئىچمەك بىلەن جىنسى ئالاقە ئارىسىدا چوڭ ئالاقە بار، ئاللاھ ئۇ ئىككى نەرسىنى باغلاپ مۇنداق سۈپەتلەيدۇ: «كاپىرلار (ھاياتى دۇنيادا ئۇنىڭ لەززەتلىرىدىن)بەھرىمان بولىدۇ ۋە چاھارپايلاردەك يەپ-ئىچىدۇ، (ئاخىرەتتە) ئۇلارنىڭ جايى دوزاخ بولىدۇ»،مۇھەممەد سۈرىسى،12-ئايەت.

غىزا شەھۋەتنى كۈچەيتىدۇ ۋە يول ئېچىپ بېرىدۇ. بىز شەھۋەتنى كۈچلەندۈرىدىغان ئېغىزلارنىڭ پەقەت ئېغىز ۋە غىزا ئەمەسلىكىنى چۈشىنىشىمىز لازىم. بەلكى قۇلاق، كۆز، سۆز ۋە خىيالمۇ شەھۋەتنى كۈچەيتىش ئېغىزلىرىدىن ئىبارەت. رامىزاندا شەيتانلار باغلىنىدۇ، قىسقىسى شەھۋەتنىڭ يوللىرى تارىيىدۇ.

 

رامىزان ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش ۋە قائىدە پرىنسىپقا كۆنۈشنىڭ ئەمەلىي مەشىقى. رەسۇلۇللاھ رامىزان ئېيىدا ئايالىنى سۆيۈپ قوياتتى، كىم ئۆزىگە ئىگە بولالىسا شۇنداق قىلسۇن، ئۇنىڭدىن ئاشۇرۋەتمىسۇن، بولمىسا ئۇنىڭغىمۇ يېقىنلاشمىسۇن!

رامىزان كۈندۈزدە ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋىتىنى ئۆتكۈزۈشنىڭ جازاسى ئۈچۈن قازا قىلىش ۋە پىدىيە تۆلەش لازىم بولىدۇ، يامان يېرى شۇكى ئۇ ئىش رامىزان پەلسەپىسىنىڭ تەڭپۇڭلاشتۇرۇش مەشىق پروگراممىسىنى بۇزۇۋېتىپ قالىدۇ.

رامىزان كىچىللىرىدە ئەر-ئاياللىق ئالاقىسىدىن چەكلىنىش تەلەپ قىلىنمايدۇ، ئۇ ئاللاھ ھالال قىلغان ئىش، بىر ئىشنى قىلىش ياكى قىلماسلىق ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئاساسەن بولىدۇ. ئىتائەت ئىنساننى بويسۇندۇرۇشى، ئىنسان ئىتائەتكە مۇناسىپ ئىشنى قىلىشى ۋە مۇناسىپ بولمىغىنىنى قىلماسلىقى لازىم.

ئىسلام دىنى روھ بىلەن بەدەن ياكى ماددا بىلەن مەنىۋىيەت ئارىسىدا توقۇنۇش بار دەپ قارىمايدۇ، ئىسلام دىنى ھەر ئىككى تەرەپ ئاللاھ تەرىپىدىن يارىتىلغان، بىر بىرىنى تولۇقلايدۇ، بىر بىرىنى تولۇقلاش ئۇ ئىككىسى ئارىسىدا تەلەپ قىلىنىۋاتقان ئالاقە.

بۇنىڭ ئۆلچىمى:«بەدىنىڭنىڭ ھەققى بار، ئائىلەڭنىڭ ھەققى بار، پەرۋەردىگارىڭنىڭ ھەققى بار، ھەر بىر ھەق ئىگىسىنىڭ ھەققىنى ئۆز ئىگىسىگە بەرگىن»، رامىزان ھەق-ھوقۇقلارنى ئۆز ئىگىسىگە تاپشۇرۇش ۋە ئىشلارنى ئۆز ئۆلچىمىگە قايتۇرۇشنىڭ مۇناسىپ پەيتى.

رامىزان:سېنىڭ بەدىنىڭ بار، بۇ بەدەننىڭ ھوقۇق ۋە تەلەپلىرى بار، شۇنداقلا ئۇ بەدەننىڭ مەجبۇرىيەتلىرى ۋە مەسئۇلىيەتلىرى بار دەيدۇ. رامىزان بەدەن ۋە ئۇنىڭ رىغبىتىنى چېكىدىن ئاشۇرۇۋەتمەستىن ياكى سەل قارىماستىن مۇئامىلە قىلىش ئۈچۈن پروگىرام بەلگىلەپ بېرىدۇ. ئۇ ئىنساننىڭ شەھۋىتىگە ئىگە بولىشى ئۈچۈن كۆندۈرۈشتىن ئىبارەت.

رامىزاندا ئىنساننىڭ ئىرادىسى غەلىبە قىلىدۇ ۋە ئىشلارنى كونترول قىلىشقا قۇدرىتى ئېشىپ بارىدۇ، ئۇ ئىشەنچىسىنى يوقىتىپ قويغانلار ئۈچۈن ئۆزىگە ئىشەنچ پەيدا قىلىش پەيتىدۇر.

سۇخەنچىلىك، چېقىمچىلىق، تاماكا ۋە شەھۋەت بولالمىدىم دېگەندە: رامىزان بولالايسەن، چىدىيالايسەن، لېكىن سەندە ئىرادە يوق ۋە جىددى ئۇرۇنمايسەن، ئىقتىدارىڭغا ئىشەنمەيسەن ۋە ئۆزۈڭنى چۈشەنمەيسەن دەيدۇ.

ئىنساندا رىغبەت، ئىقتىدار ۋە ئىرادە بولىشى كېرەك. ھەممىسى بىر بىرى بىلەن بىر تۇتاش نەرسە، رامىزان ئۇنىڭ ھەممىسى بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ، كۆڭۈل رىغبەتلىرىگە ئارىلىشىپ ئۇنى رەتكە سالىدۇ، ئىرادىنى كۈچەيتىدۇ، قۇدرەتنى ئاشۇرىدۇ ۋە ئىشەنچىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. رامىزان روھ ئۈچۈن كەڭرى مەيدان ھازىرلاپ بېرىدۇ، رامىزان جىنسى ئالاقە ئامىلىنى رەتكە سېلىپ تەڭپۇڭلاشتۇرىدۇ ۋە نورماللاشتۇرىدۇ.

 

ئابدۇراھمان كاشىغەرى.

2004-10-28 كۈنى

ئىسلام ئاۋازى تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان.