2024-يىل 12-ماي

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

رامىزان پەلسەپىسى

رامىزان تۇتۇشنىڭ ھېكمىتى

 

«ئى مۆمىنلەر! (گۇناھلاردىن)ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن،سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرگە (يەنى ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە)روزا پەرز قىلىنغاندەك، سىلەرگىمۇ (رامىزان روزىسى) پەرز قىلىندى»(بەقەر سۈرىسى، 183-ئايەت) دېگەن ئايەت ھەققىدە مۇلاھىزە.

ئىسلام دىنى ھەر بىر مۇسۇلمانغا پەرز قىلغان ناماز بىلەن كىبىرلىك يوقۇلۇپ كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئالدىدا باراۋەر بولىدۇ، قۇدرىتى يەتكەنلەرنىڭ ھەج قىلىشى ئارقىلىق ئىجتىمائىي پەرق يوقىلىدۇ، رامىزان ئارقىلىق مىليون پۇلى بار ئادەم بىلەن ۋە بىر يۈەن پۇلى بارلارنىڭ ھەممىسى مەنىۋى جەھەتتىن باراۋەر قىلىدۇ. بارلىق كىشلەر تۇيغۇدا باراۋەر بولغان ۋە ئەلەمنى ھېس قىلغان ۋاقىتىدا ئاندىن توغرا ھايات پەيدا بولىدۇ.

تەكشۈرۈش نەزىرى بىلەن قارايدىغان بولسىڭىز كىشلەر ئىنسانپەرۋەرلىكتە ئەقىللىرى، نەسەبلىرى، دەرىجىلىرى ياكى مال-مۈلۈكلىرى بىلەن ئىختىلاپ قىلىشمايدىغانلىقىنى كۆرەلەيسىز. ئۇلار ئىنسانپەرۋەرلىكتە قورساقلىرى بىلەن ئىختىلاپ قىلىشىدۇ، قورساقنىڭ ئەھكاملىرى ئەقىل ۋە ھېسسىياتتىن ئۈستۈن كېلىدۇ. ئىنسانىيەتنىڭ ئاپىتى قورساقتىن كېلىدۇ. ئۇ زېمىندىكى ئەمەلىي ئەقىل، ئەگەر قورساق بىلەن مېڭە بىر زۆرۈر مەسىلىدە زىددىيەتلىشىپ قالسا، قورساق ھەزىم قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىدۇ، يەنى ئەقىل ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدۇ.

شۇ سەۋەبتىن رامىزان ئەمەلىي ئەقىل(قورساق)نى تازىلايدۇ، تەربىيىلەيدۇ، ئىسلاھ قىلىدۇ ۋە كۆندۈرىدۇ. بۇ ھەرىكەتتە كىشىلەرنى باراۋەر قىلىدۇ، رامىزان ئارقىلىق ھەممەيلەن بىر خىل تۇيغۇ، بىر خىل ھېس ۋە بىر خىل خاراكتېرىدە بولىدۇ. رامىزان قورساق بىلەن ماددا ئارىسىغا توسالغۇ بولىدۇ ۋە جىسىمنىڭ تازىلايدىغان جايلىرىنى تولۇق تازىلايدۇ.

مۇشۇ ئارقىلىق رامىزان شەرق ۋە غەربتىكى ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنى بىر خىل پسىخىكىدا بىرلەشتۈرىدۇ،  ئىنسانپەرۋەلىكتە رەھىمدىللىق ۋە كۆيۈنۈش تۇيغۇسىنى ئۆگىتىدۇ ۋە ئۇنىڭغا تەشەببۇس قىلىدۇ. مۇشۇ ئارقىلىق خاراكتېر جەھەتتە باي بىلەن كەمبەغەلنى باراۋەر قىلىدۇ ۋە كەمبەغەلنى باي بىلەن خاتىرجەم قىلىدۇ.

رەھىمدىللىق ۋە كۆيۈنۈشنىڭ ئەلەمدىن پەيدا بولىدىغانلىقى كۆڭۈلنىڭ قائىدىسى، مانا بۇ رامزاننىڭ بۈيۈك ئىجتىمائىي سىرلىرىنىڭ بىرسى. شۇڭا رامىزان غىزا ۋە غىزاغا ئوخشاپ كېتىدىغان نەرسىلەرنى يېيىشتىن سەھەردىن تارتىپ كەچكىچە چەكلەيدۇ، مانا بۇ  ئىنسان كۆڭلىدە رەھمىدىللىكنى يېتىشتۈرۈشنىڭ ئەمەلىي يولى.

ئاچلىقنىڭ تەمىنى تېتىپ باققان باي ئادەم كەمبەغەل ئادەمگە كۆيۈنگەن چاغدا، ئىنسانپەرۋەرلىك دېگەن سۆزنىڭ ئەمەلىي كۈچى پەيدا بولىدۇ ۋە ئىچكى تۇيغۇ ماددىغا ھۆكۈمرانلىق قىلالايدۇ. شۇ ۋاقتىدا باي ئادەم ۋىجدانىدا كەمبەغەلنىڭ «ماڭىمۇ بەرگىن»دېگەن ئاۋازىنى ئاڭلايدۇ. بەلكى ۋىجدانىدا ئاۋاز قوشمىسا ۋە مۇۋاپىق كەلمىسە بولمايدىغان بۇيرۇقنى ئاڭلايدۇ.

رامىزان ئەمەلىي ئۇسۇلى ئارقىلىق ئىرادىنى يېتىشتۈرىدۇ ۋە كۈچلەندۈرىدۇ، ئىرادە رامىزان تۇتقان كىشىنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن شەھۋەتلىرى ۋە ھايۋانىي لەززەتلىرىدىن توسىلىدىغان ھالەتكە كەلتۈرىدۇ. ئىرادىسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەيدۇ، سەۋىرچانلىقنى ئۆگىتىدۇ ۋە مەيدان مەسىلىسىنى كۈچەيتىدۇ.

ئىرادىنىڭ ئەمەلىي جەھەتتىن كۈچلەنگەنلىكىنىڭ يوقىرى ئىجتىمائىي ئورنى بولۇپ، ھوشيارلىق ۋە بىلىمدىن يوقىرى ئورۇن ئالىدۇ. ھوشيارلىق ۋە بىلىمدە ئىدىيە ئۆتۈپ كېتىدۇ، ئەمما ئىرادىدە ئىدىيە يەرلىشىدۇ ۋە مۇقىملىشىدۇ. ھەر يىلدا 30 كۈن خەلقنىڭ ئىرادىسىنى تاۋلايدىغان ۋە بىر خىل روھى پىسخىكىدا يېتىشتۈرىدىغان ئىش قايسى مىللەت ۋە قايسى قانۇنلاردا بار؟!

مانا بۇ ئىرادىنى يېتىشتۈرۈشنىڭ ئەمەلىي پۇرسىتى ئەمەسمۇ! بىر ئادەم شەھۋەت ۋە جىنسى تۇيغۇلىرىنى كەسكىن ھالەتتە ئىدىيىسىگە بويسۇندۇرالىغاندىنمۇ يوقىرى ئىرادە بولامدۇ؟ بۈگۈنكى ئاپەت ۋە خارلىقنىڭ ھەممىسى قورساق بالاسى ۋە كۆڭۈل شەھۋەتلىرىنىڭ سەۋەبلىرى ئەمەسمۇ؟…

ئەگەر مۇشۇ ئىسلام روزىسى بارلىق زېمىندىكى كىشلەرگە يەرلىشىپ قالىدىغان بولسا، ھەر يىلدا بىر ئاي ئالەمنى رەزىللىك ۋە بۇزۇقچىلىقتىن تازىلاش، شەخسىيەتچىلىك ۋە بېخىللىقنى يوقۇتۇش…ئۈچۈن ئىنقىلاب ئېلان قىلىشقا بىرلىككە كېلىنگەن بولاتتى. ھەممە ئادەم ئۆزىنى تەكشۈرۈپ چىققان بولار ئىدى، ئىدىيىسىدە مۇھتاجلىق ۋە كەمبەغەللىكنىڭ مەنىسىنى تەجرىبە قىلىشى؛ بەدەن تەبئيىتىدە سەۋرچانلىق، مۇستەھكەم تۇرۇش ۋە ئىرادىلىك بولۇشنىڭ مەنىلىرىنى چۈشىنىشى؛ ئىنسانپەرۋەرلىك، غەمخورلۇق ۋە ياخشىلىق قىلىش دەرىجىلىرىگە يېتىشى ئۈچۈن پىسخىكا مەسىلىسىنى ئىزدەنگەن بولاتتى. ئەگەر شۇنداق ئىش ۋۇجۇتقا چىقسا قېرىنداشلىق، ئەركىنلىك ۋە باراۋەرلىك مەنىلىرى ئىشقا ئاشقان بولاتتى.

بۇ بىر ئايدا رامىزان كۆڭۈلنى ئالى ئىشلارغا ۋە ئېسىل ئەخلاقلارغا كۆندۈرىدۇ، ھاياتنى باشقىچە چۈشەندۈرىدۇ. بۇ بىر ئايلىق جەرياندا قورساق ئاپىتى ۋە كۆڭۈل شەھۋەتلىرىدىن ساقلىنىش بىلەن بىرلىكتە ئېغىز ۋە قەلب ھەسەتخورلۇق، ئىشپىيۇنلۇق، يالغانچىلىق، زۇلۇم قىلىش، زىيانكەشلىك قىلىش، ئىچى يامانلىق، شەخسىيەتچىلىك ۋە ھاكاۋۇرلۇق…تىن ساقلىنىدۇ ۋە مۇشۇ قەبىھ ئىشلاردىن ساقلىنىشقا چېنىقىدۇ. مانا بۇ رامزاننىڭ ھەقىقى پەلسەپىسى، رامىزان پەقەت قورساق ۋە كۆڭۈل شەھۋىتىنى يىغىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ، يامان ۋە رەزىل ئىشلارنىڭ ھەممىسىدىن قول يىغىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

روزا ياخشىلىق، باراۋەرلىك، كۆيۈنۈش، رەھىمدىللىق ئىدىيىسىنى يېتىشتۈرۈش، جەمئىيەتنى ماددى ئەقلىنىڭ چۈپرەندىلىكىدىن تازىلاش ۋە ھايۋانىي خاراكتېرنى نۇرلۇق قانۇنغا بويسۇندۇرۇشنىڭ ئەمەلىي يولى. بۇ بىر ئاي روزىدارنىڭ ئەقلى ياخشىلىق تۇيغۇلىرى ۋە ياخشى ئىشلار بىلەن ئالدىراش بولىدۇ. يامانلىق، زىيانكەشلىك ۋە ناچار قىلمىشلارغا زادىلا ئورۇن بەرمەيدۇ.

ئەمەلىيەتتە بۇ بىر ئاي بولۇپ قالماستىن، تەبىئەت پەسىللىرىگە ئوخشاش نۇرانە پەسىل. بۇ ئاي يامغۇر ۋە قارلارنى ياغدۇرۇپ ھاياتنى يېڭى روھ بىلەن تەمىنلەيدىغان قىش پەسلىگە ئوخشاپ كېتىدۇ.

بىر بۇ ئايدا جىسىم مەنىۋى كۈچلىرىنى ساقلىۋېلىپ روھانىيەت بانكىسىدا ئامانەت قويۇپ قويىدۇ، قىيىنچىلىق يۈز بەرگەندە بۇ ئاينىڭ سەۋرچانلىقى ۋە ئىرادىسىنى ئىشقا سالىدۇ…كۈچ-قۇۋۋەتنى ساقلىۋېلىپ، لازىم تېپىلغاندا ئىشقا سالىدىغان ئۈممەتتە بۇ كۈچنىڭ سېھرى كۈچى ھەقىقى كۆرۈنىدۇ.

رامىزان پەلسەپىسى توغرۇلۇق مانا بۇ ئويلار ئاللاھنىڭ مۇنۇ بىر ئايىتىدىن كەلگەن بەزى ئوي-پىكىرلەردىن ئىبارەت:«ئى مۆمىنلەر! (گۇناھلاردىن) ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرگە(يەنى ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە) روزا پەرز قىلىنغاندەك، سىلەرگىمۇ (رامىزان روزىسى)پەرز قىلىندى» (بەقەرە سۈرىسى، 183-ئايەت).

روزا ئىنساننى ھايۋاندەك قورساق غېمى بىلەنلا ياشاشتىن ساقلايدۇ، روزا ئارقىلىق جەمئىيەت ئىنسانپەرۋەرلىكى ۋە خاراكتېرىنى ساقلىيالايدۇ، شۇ چاغدا ئىنسان ئىنسان بىلەن كۈچ-قۇۋۋىتىنى ئازغىنا ھەلەپكە سېتىۋېتىدىغان ئېشەكتەك ياشىمايدىغان بولىدۇ.

روزا ئارقىلىق ئىنسان ئەخلاقى ۋە خاراكتېرىنى ساقلاپ قالىدۇ، شۇنداقلا مۇشۇ ئەخلاق ۋە خاراكتېرنى مىراس ئالىدىغان پەرزەنتلىرىنى قوغداپ ساقلاپ قالالايدۇ، ھازىر ئۆزىگە ئىشلىگەن بولسا، ھازىر ئارقىلىق كەلگۈسىگە خىزمەت قىلىدۇ.

دېمەك، روزا مەنپەئەتنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن زىياندىن ساقلىنىش ۋە پەزىلەتنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن رەزىلەتتىن يىراق بولۇش ئۈچۈندۇر. روزا ئىنسانپەرۋەر ئىجتىمائىي قانۇن، جەمئىيەت روزا ئارقىلىق ئۆزىنىڭ يامانلىقىدىن ساقلىنىپ قالىدۇ…

رامىزان سەن نېمە دېگەن ئۇلۇغ! ئەگەر دۇنيا سېنىڭ قەدرىڭنى تونۇغان بولسا سېنى«30 كۈنلۈك مەدرىسە»دەپ ئاتىغان بولار ئىدى!

ئى مۇسۇلمانلار روزىنىڭ بۇ بىر ئايەتتىن كېلىپ چىققان ئازغىنا پەلسەپە ۋە ھېكمەتلىرىنى ئاڭقىرىدۇقمۇ ۋە ئۆزىمىزدە ئۆزلەشتۈردۇقمۇ؟ كەلگۈسىنىڭ ئاۋانگارتلىرى بولغان پەرزەنتلەرنىڭ روھىدا يېتۈشتۈردۇقمۇ؟ ئويلاپ باقايلى، رامزاننىڭ مەقسەتلىرىنى قولدىن بېرىپ قويمايلى…

بۇ بىر ئايدا قولغا كەلتۈرگەن مەنىۋى كۈچنى كېلەركى رامزانغا قەدەر يەتكۈزەيلى!. رامزاننىڭ  خىسلىتى ۋە خاراكتېرىنى قالغان 11 ئايدىمۇ جارى قىلدۇرايلى! شۇنداق بولغاندا، رامزاننىڭ ئىبادەت، ئىجتىمائىي، ئىقتىساد ۋە تەربىيە نەتىجىسى ياخشى بولغان بولىدۇ.

 

(بۇ ماقالە 2006.9.28  كۈنى يېزىلغان )

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرى

قاھىرە شەھىرى