2024-يىل 3-ماي

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

ئىسلام ئەقىدىسىنىڭ ماھىيىتى

ئىسلام ئەقىدىسىنىڭ ماھىيىتى

aqide

 

ئىسلام ئەقىدىسى ئىنسانغا نىسبەتەن سۇ بىلەن ھاۋا زۆرۈر بولغاندەك لازىم. ئىنسان ئەقىدىسىز بولسا ئۆزىنىڭ ۋۇجۇدىنى يوقاتقان ھالدا قىممىتى يوق نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ.

ھازىر ئىنسانىيەت دۇنياسى بالايۇ -ئاپەت گىردابىغا بېرىپ ھەممە يەردە ئۇرۇش، ئېكسپلاتسىيە، مۇستەبىدلىك، ئىككى يۈزلىمىچىلىك، مەرتسىزلىك ۋە ساختىپەزلىك ئەۋج ئېلىپ كەتتى. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنسانىيەتتىكى كېسەللىك كۆرۈنۈشلىرى بولۇپ، ھەرگىزمۇ كېسەللىكنىڭ مەنبەسى ياكى يىلتىزى ئەمەس. بۇنىڭ سەۋەبى دەل ئىنسانلارنىڭ ئىدىيە-ئاڭ سېستېمىسىنىڭ   بۇزۇلۇشى، ئىنسانپەرۋەرلىكىنىڭ پەسكەشلىشىپ چۈشكۈنلىشىشى ۋە قىممەت قارىشىنىڭ پاسسىپلىقى ۋە توغرا بولمىغانلىقىدا.

ئىنسانىيەت ھاياتى پەقەت توغرا قىممەت قارىشىنىڭ يېتەكلىشى ۋە كونتروللىقى ئاستىدا بولغاندا ئاندىن ساغلام تەرەققى قىلالايدۇ ۋە يۈكسىيەلەيدۇ. توغرا قىممەت قارشى پەقەت توغرا ئېتىقادتىن ھاسىل بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە ھازىر ئىنسانلارنىڭ قىممەت قارىشىنىڭ توغرا بولماسلىقى تېگى تەكتىدىن ئېيتقاندا بۇ دۇنيادا ياشاشتىكى مۇددىئانى بىلمىگەنلىكىدە، يەنى ئاللاھنىڭ بىز ئىنسانلارنى يارىتىشتىكى ھىكمىتىنى چۈشەنمىگەنلىكىدە. كىشلەر يوقۇرقى ئۇقۇملاردىن مەھرۇم بولغاچقا ئىنسانىيەت دۇنياسىدا مەنىۋى نامراتلىق باش كۆتۈردى. مانا بۇلار ئوخشىمىغان نىقاپ بىلەن ئۆزىگە يول ئىزدەۋاتقان ئىنسانىيەتنى، ئۆزىدىكى مەنىۋى روھىيەت ئاجىزلىقلىرىنى سەزمەيدىغان، ئۇنىڭغا دىئاگنوز قويۇلمايدىغان ۋە ئۇنى داۋالىيالمايدىغان پاسسىپ ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن ئىنسانىيەت ئىدېئولوگىيىسىدە يەنە بىر زور چېكىنىش بارلىققا كەلدى.

ئىلىم-پەننىڭ يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققى قىلىشى كىشىلەرنىڭ ماددى تۇرمۇشىنى يۈكسەكلىككە كۆتۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئېچىنارلىق يېرى شۇكى ئىنسانىيەتنىڭ روھىيىتىنى قۇپقۇرۇق قالدۇرۇش بىلەن بىرگە ئىنسانىيەتنى تېخىمۇ رەزىللەشتۈرىۋەتتى. دەل مۇشۇنداق گاڭگىراش پەيتلىرىدە ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرىدىغان دەۋرى يېتىپ كەلدى.

ئىسلام پەن تېخنىكا نەتىجىلىرىنى قوللاپ قالماستىن، بەلكى ئۇنى ئىنسانلارنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى دەپ بېكىتتى. چۈنكى ئاللاھ زېمىننى گۈللەندۈرۈشنى ئىنسانلارغا مەجبۇرىيەت سۈپتىدە يۈكلىگەن، ھەمدە ئىسلام ئۇنى ئاللاھغا ئىبادەت قىلىشنىڭ شەكىللىرىدىن بىرى، ھەم ئىنسانىيەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىلدۈرۈشنىڭ ئۇسۇلى، دەپ قارايدۇ.

ئەپسۇسكى، ئىسلام ئۈممىتى ئىسلام شەرىئىتىنى ۋەتەنلىرىدە ئىجرا قىلماي تاشلىۋەتكەنلىكى سەۋەبىدىن دۇنيادىن غايىپ بولۇشقا باشلىدى. تېخىمۇ ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا يەر شارىدىن يوقۇلۇپ كېتىش گىردابىغا بېرىپ قالدى. شۇ سەۋەپلىك ئىسلام دىننىڭ رەھبەرلىك ئورنىنى باشقا ئىدىيە-ئاڭ ۋە سىياسى ئېقىملار ئىگىلىدى.

بىز چوقۇم ئەجدادلىرىمىزنىڭ خاتا-ئىدىيە ئاڭلىرى، شارائىت، ۋەزىيەتنىڭ سەلبىي ئىنكاسلىرى ۋە سىياسى تۈزۈملەرنىڭ تەسىرى كۆمۈۋەتكەن ساغلام ئىسلام ئەقىدىلىرىنى قايتىدىن جانلاندۇرشىمىز لازىم.

ئىسلام ئۈممىتى ھازىر ئىلىم–پەن كەشپىياتى جەھەتتە ئارقىدا قالغان بولسىمۇ، يەنىلا بۇ ئۈممەتتە غەرب مەدەنىيىتى ھازىرلىيالمىغان بىر مەنىۋى ئەڭگۈشتەر بار. بۇ ئىسلام ئۈممىتىدىكى ھەل قىلغۇچ ئۈستۈنلۈك. بۇ ھەرگىزمۇ ماددى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بەرمىسەكمۇ بولىدۇ، دېگەنلىك ئەمەس.

ئىسلام دۇنيا قارىشىغا ئاساسلانغاندا بۇ«ماددى مەدەنىيەت» ئاللاھنىڭ ئىنسانىيەتكە زېمىننى گۈللەندۈرۈش ۋە دۇنيانى ئىسلاھ قىلشتا پايدىلىنىشقا تەشەببۇس قىلغان بىر مەجبۇرىيەت.

مانا بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، مەنىۋى مەدەنىيەت ۋە ماددى مەدەنىيەت ئىنسانلار ھاياتىدا بىر-بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ. بىر-بىرىنى تەقەززا قىلىدۇ، بىر-بىرنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ۋە بىر -بىرنى تولۇقلايدۇ. بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىش كېرەككى، ئىنسانىيەتكە رەھبەرلىك قىلىشتىكى ئەڭگۈشتەر پەن-تېخنىكا كەشپىياتى ئەمەس، بەلكى توغرا ئېتىقاد ۋە شۇ توغرا ئېتىقاد يېتەكچىلىكىدىكى ھايات مېتودى.

مۇسۇلمانلار ئەنە شۇ ئېتىقادنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۆزىنىڭ پەن تېخنىكا تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىرگە غەرب ماددى-مەدەنىيىتىنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنى ئىسلامغا ئۇيغۇن تەرەققىيات ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرسا ھېچ قانداق چاتاق يوق، چۈنكى ئۇ ئىنسانىيەت ئەقلىنىڭ نەتىجىسى.

ئىسلام دىنى، ئىنسانىيەتنى ئۆزىنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تەرەپكە ئۈندەيدۇ. ئىنسانىيەت مەۋجۇتلۇقى ۋە ھاياتىنى ئاللاھدىن قوبۇل قىلغىنىدەك، ئۆزىنىڭ تۇرمۇش ئۆلچىمى ۋە قىممەت قاراشلىرىنى ئاللاھدىن قوبۇل قىلىشقا چاقىرىدۇ. شۇنداقلا كىشلەر بۇ دۇنياغا ئۇنىڭ ئىرادىسى بىلەن كېلىپ، ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتقاندەك، تۈزۈم ۋە مۇناسىۋەت ئىشلىرىدىمۇ ئۇنىڭ تەلىماتىغا قايتىشى كېرەك.

ئىسلام دىنى كىشىلەرنى ئاللاھغا تۇتاشتۇرىدىغان بىردىنبىر توغرا ئالاقە لىنيەسىنى مۇقەررەرلەشتۈرىدۇ. بۇ ئالاقە يولى ئۈزۈلسە كىشلەر ئوتتۇرسىدىكى ئادىل توغرا مۇناسىۋەت ئۈزۈلۈپ دوستلۇق ئالاقىسى يوقۇلۇپ كېتىدۇ.

شۇنداقلا ئاللاھنىڭ شەرىئىتىدىن ئىبارەت بىرلا توغرا شەرىئەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى مۇقەررەرلەشتۈرىدۇ.

مۇسۇلماننىڭ تەۋەلىكى ئۇنىڭ ئەقىدىسى بولۇپ، ئەقىدە ئۇ مۇسۇلماننى ئىسلام جەمئىيىتىدىكى مۇسۇلمانلار گەۋدىسىنىڭ بىر ئەزاسى سۈپتىدە قوبۇل قىلىدۇ. مۇسۇلمان بىلەن ئۇنىڭ ئائىلىسى ئارىسىدىكى ئالاقە مانا مۇشۇنداق ئورنىتىلىدۇ. بىراق ئەقىدە ئوخشىماسلىقى، بالىنى ئاتا-ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشتىن توسۇپ قالمايدۇ. ئەگەر ئاتا-ئانا ئىسلامغا قارشى ھەرىكەتلەردە بولۇپ قالسا، ئۇ ئىككىسى ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت دەرھال ئۈزۈلىدۇ.

مانا بۇ ئىسلام… ئىسلام دېگەن ئېغىزدىلا ئېيتىپ قويىدىغان قۇرۇق سۆز ئەمەس، شۇنداقلا ئىسلام زېمىنىدا تۇغۇلۇشمۇ ئەمەس ۋە ئىسلام نامىنى كۆتۈرۋىلىشمۇ ئەمەس.

ئىسلام دىنى ئىنسانىيەتنى يەر شارى ئالىمىدىن كۆتۈرۈپ ئۈستۈنكى ئالەمگە تۇتاشتۇردى. ھايۋانلار تەبىقىسىدىن ئايرىپ ئىنسانلار تەبىقىسىگە ئېلىپ چىقتى. جاھالەت قاراڭغۇلۇقتىن قۇتقۇزۇپ ئىسلام نۇرىغا باشلىدى.

ئىسلام ئېلىپ كەلگەن ئېتىقاد، كائىناتنىڭ ئاقىۋەت ۋە ھەقىقىتىنى تونۇشتىكى ئەڭ مۇكەممەل مېتود. بىز بۇ خىل ئېتىقاد مېتودى بىلەن دۇنيادىكى تۈرلۈك دۇنيا قاراش ۋە ئېتىقاد ئېقىملىرىنى سېلىشتۇرغان ۋاقتىمىزدا، ئىسلام دىنىنىڭ ئۇلۇغلىقى گەۋدىلىنىپ چىقىدۇ.

مۇسۇلماننىڭ ھاياتىنى، بارلىق ۋەقە ۋە ئادەملەرنى ئۆلچەشتىكى ئۆلچىمى ئەڭ ئىلغار. ئۇنىڭ ئېتىقادى ئىسلام ئېلىپ كەلگەن ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ سۈپەتلىرىگە بولغان تونۇشىدىن كەلگەن. تەبىئىيكى بۇ خىل ئېتىقاد مۆمىنگە ھېلىقى رەڭگارەڭ كىشلەر ئۆزى پەيدا قىلغان قىممەت قارىشىدىن تېخىمۇ ئەۋزەل، تېخىمۇ مۇقىم ساغلام قىممەت قاراش ئاتا قىلىدۇ.

ئەقىدىنى سۈزۈكلەشتۇرۈپ ئاللاھ بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىش كېرەك. چۈنكى ئەقىدە ئىنسان ئۈچۈن ھەقىقى ھايات ھېسابلىنىدۇ، ئۇ ئىنسان ھاياتىدا كەم بولسا بولمايدىغان ئەڭ مۇھىم نەرسە. ئۇ ئىنساننىڭ ھايات سەپىرىنى توغرا يولغا يۈزلەندۈرۈپ تۇرغۇچى ئاساسلىق ئېنېرگىيە سانىلىدۇ. ئۇ ئەخلاق ۋە ئىستىل ئۆلچىمى. ئىنسان ساغلام ئەقىدە ئارقىلىق ھايات لىنيەسىنى تۈزلىيەلەيدۇ. شۇ سەۋەپتىن دۇنيا ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ غايىسىگە ئايلىنىپ قالمايدۇ ۋە ئۇنى ھەقىقى ھايات بولغان ئاخرەتتىن مەشغۇل قىلىپ قويمايدۇ.

ئەقىدە ئىنساننىڭ كۆڭلىدە ۋە ۋىجدانىدا ياخشىلىق ئېنىرگىيەلىرىنى، گۈزەل ئىشلارنى ۋە پەزىلەتلىك ئەخلاقلارنى يېتىلدۈرۈپ، ئىنساننى ماددى ۋە مەنىۋى تەرەپتىن يوقىرى سەۋىيىگە ئۆرلەشكە ۋە تەرەققى قىلىشقا ئۈندەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مۆمىن ئىنسان روھلۇق ۋە ئاكتىپ پائالىيەتچان بولۇپ قىسقىغىنە مۇددەت ئىچىدە، ئازغىنە كۈچ بىلەن غايەت زور نەتىجىلەرنى-ئاللاھدىن مەدەت تىلىگەن ۋە ئۈمىدسىزلىك ياكى ئاجىزلىقنى ھېس قىلمىغان ھالەتتە- ۋۇجۇتقا كەلتۈرەلەيدۇ. ئۇنىڭ ھاياتى قىسقا بولسىمۇ تەشۋىقات ساھەسى ۋە كۆرەش ساھەسىدە كۆزگە كۆرىنەرلىك نەتىجىلىرى كۆپ بولىدۇ. ساغلام ئەقىدە ئىنسانغا سەۋرچانلىق، چىداملىق ۋە ئىرادە ئاتا قىلىدۇ. ئەقىدە ئىنساننىڭ ۋىجدانىنى ئۇرغۇتۇپ ۋە ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرۇپ توغرا يولغا باشلايدۇ.

ئەقىدە مەدەنىيەت قۇرۇلۇشنىڭ ئاساسى ۋە قەلبلەرنىڭ ئاچقۇچى. ئۇ ئىنساندىكى يوشۇرۇن كۈچلەرنى ھەرىكەتلەندۈرۈش رولىغا ئىگە. ئۇ پارچىلىنىپ كەتكەن كۈچلەرنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قارمۇ-قارىشى ھالەتتىكىلەرنى كېلىشتۈرۈپ، ھەممىسىنى بىر يۆنىلىشكە چاقىرىدۇ. ئەقىدە ساپ بولغاندا، ئاللاھ ئۇ كىشىگە زېمىندا ماڭىدىغان نۇر ئاتا قىلىدۇ، ئۇنىڭغا بىلمىگەن نەرسلەرنىڭ ئۆگىتىدۇ ۋە ئۇ ئادەمدىن شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىلىرىنى يىراقلاشتۇرىدۇ. ئەقىدىلىك ئىنسان خاتىرجەملىك ۋە مەنىۋى راھەت بىلەن ھوزۇرلىنىـــــدۇ. ئاللاھ «ئىمان ئېيتقانلارنىڭ دىللىرى ئاللاھنى ياد ئېتىش بىلەن ئارام تاپىدۇ، بىلىڭلاركى دىللار ئاللاھنى ياد ئېتىش بىلەن ئارام تاپىدۇ» دەيدۇ(رەئدە سۈرىسى28-ئايەت).

ئەقىدە ئىنساننىڭ ئىدىيىسى، ئىستىلى، ئەمىلى ۋە ئالاقە نەزىريەلىرىنىڭ   ھەممىسىدە چوڭقۇر ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ. ئەقىدە مەدەنىيەتنىڭ ئوخشىماسىلىقىدىكى ئاساس. ئۇ ئىنسان ھاياتىدىكى مەدەنىيەت يارىتىشتىن ئىبارەت مۇھىم خىزمەتنى ئورۇنلاش ئۈچۈن ئاساسلىق مەركىزى كىرىش ئېغىزى.

ئەقىدە ئىسلاھاتى ئىدىيىۋى، مەنىۋى ۋە ئەخلاقى ساھەلەردە تەرەققىيات قۇرۇلۇشىنىڭ ھۇلىدىن ئىبارەت. ئەگەر ئەقىدىدە ئازراق ئەيىب-نوقسان تېپىلسا، ئۇنىڭ تەسىرى ئىنساننىڭ پىسخىكىسى، ئىدىيىسى، ئستىلى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئالاقىلىرىدە كۆرۈنىدۇ. ئەقىدە تارىختىن بۇيان ئۆزگەرتىش ۋە ئىسلاھات ھەرىكىتى نەزەرىيىسىنىڭ ئاساسلىق بۆسۈش ئېغىزى بولۇپ كەلمەكتە.

مۇسۇلمان ئىنسان ئاللاھغا تايانغان ۋاقتىدا نېمىدىن ئىككىلەنسۇن! ئۇ ئاللاھنىڭ ھىمايىسىدە تۇرۇپ نېمىدىن قورقسۇن؟ دىنى ئەقىدىسى بىلەن پەخىرلىنىدىغان مۇسۇلمان كىشى ھايات كۆرشىگە«ئىسلام چوقۇم غەلىبە قىلىدۇ»دېگەن ئاڭ بىلەن كىرەلەيدۇ. ئاللاھ كىم بىلەن بىللە بولسا، ئۇ ئىنسان ھەر قانچە قىيىنچىلىقتا قالسىمۇ ئاللاھدىن باشقا بىرسىگە ئېھتىياجى بارلىقىنى ھېس قىلمايدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ تۇرغۇچى زاتتۇر. ئۇ ئۇنى قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇۋېلىشقا قادىر. ھەقىقى پاك ئەقىدىلىك ئىنسانغا شەك-شۇبھە، ۋەسۋەسە، ئىككىلىنىش ۋە داۋالغۇش ياكى غەم قىلىش دېگەندەك ئىشلار ھەرگىزمۇ تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ.

بىز بۇ تەسەۋۋۇرغا كەلگەن ۋاقتىمىزدا ئەلۋەتتە ۋىجدانىمىزنى تەسىرلىنىش تىترەكلىرى باسىدۇ ۋە ھېس-تۇيغۇلىرىمىزدا ماسلىش ھالىتى كۆرۈلىدۇ. ئۇ تەسەۋۋۇرنىڭ ئۇقۇمى ئەزالىرىمىزدا كۆرۈنىدۇ ۋە ئۇنىڭ تەسىرى ئەمەلىي ھاياتىمىزدىمۇ نامايەن بولىدۇ. ئەقىدىنىڭ ساغلام بولىشى مۇسۇلمان ئالاھىدە ئېتىبارغا ئېلىشقا تېگىشلىك مەسىلە. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە:«كىم ئىلاھ جەھەتتە ئاللاھ بىلەن، پەيغەمبەر جەھەتتە مۈھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن، دىن جەھەتتە ئىسلام دىنى بىلەن رازى بولسا، ئۇ ئادەم جەننەتكە كېرىشى لايىق بولدى»دېگەنىدى.(مۇسلىم بايان قىلغان).

ئىمان دېگىنىمىز پەقەتلا تىل بىلەن دەپلا قويسا بولىدىغان، قولنىڭ ئۇچىدا قىلىپ قويسىلا ئاياغلىشىدىغان، زېھنى بىلەن چۈشۈنۈپ قويسىلا بولىدىغان نەرسە ئەمەس. ئىمان ھەقىقەتتە كۆڭۈلنىڭ چوڭقۇرغا چۆكىدىغان، ئىرادىنى كۈچلەندۈرۈپ ۋە ۋىجداننى قوزغايدىغان مەنىۋى نەرسە. ئەقىدە ئىنساننى ئەمەل ۋە ھەرىكەتكە ئېنتىلدۈرىدۇ. قەلىب ئىماننىڭ تەمىنى تېتىپ، ئىمان كۆڭۈلدە رەسمى يەرلەشكەن ۋاقتىدا، ئىمان ئۆز ھەقىقىتىنى بەدەننىڭ ئەزالىرىدا، كىشىلىك دۇنيادا ۋە ئەمەلىي ھاياتتا كۆرسىتىشكە باشلايدۇ.

ئەقىدە ھەقىقەتنىڭ چوغى، ئىماننىڭ مەشئىلى. ئۇ دىلغا ئورۇنلاشقان ۋاقتىدا، بۇزۇقچىلىق ۋە رەزىللىك يامراپ كەتكەن مۇنداق پەيىتتە ئادەمنى شۇڭ تۇرغىلى قويمايدۇ. ئۇ ئىنساننى موتۇردەك ھەرىكەتلەندۈرۈپ تۇرىدۇ. ئەقىدە، روھلۇق قەلبلەرنى، ئۇچقۇنداپ تۇرغان جەسۇر يۈرەكلەرنى ۋە يوقۇرىغا ئىنتىلىدىغان ئارزۇ-ئۈمىدى يوقىرى روھلارنى تەربىيلەپ چىقىدۇ .

ئىسلام ئەقىدىسى ئىنسانغا نىسبەتەن سۇ بىلەن ھاۋا زۆرۈر بولغاندەك لازىم. ئىنسان ئەقىدىسىز بولسا ئۆزىنىڭ ۋۇجۇدىنى يوقاتقان ھالدا قىممىتى يوق نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ.

راستچىل ئەقىدە بىلەن ساغلام ئىدىيە مەدەنىيەت بەرپا قىلالايدۇ، مىللەتنى ئىسلاھ قىلالايدۇ، توغرا سىستمىلارنى تۇرغۇزۇپ، ئىنسانىيەت جەمىيىتنى تەرەققى قىلدۇرىدۇ. ھەقىقى ئىماننىڭ ئالدىدا ھېچقانداق نەرسە توسالغۇ بولۇپ تۇرىۋالالمايدۇ. تارىختىكى ۋەقەلەر، پىداكارلىقلار ۋە قۇربان بېرىشلەرنىڭ ئاساسى ئىمان ئىدى. تەشۋىقاتچىلارنىڭ تارىخى شۇنىڭغا دەلىل بولالايدۇ. ئىمام ئىبنى تەيمىيە:«دۈشمەنلىرىم مېنى تۇتىۋالغان تەقدىردىمۇ نېمە قىلالىسۇن؟ مېنى ئۆلتۈرسە شېھىت بولىمەن، تۈرمىگە تاشلىسا ئاللاھ بىلەن مۇڭدىشىدىغان خالى پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ، پالىۋەتسە ساياھەت بولىدۇ» دەيدۇ.

مۇسۇلماندىكى چوڭقۇر ئىمان ئۇ كىشى ھەر قانچە خاپىلىق ياكى قىيىنچىلىقتا قالسىمۇ تەۋرەپ قالمايدۇ.

ئىسلام ئەقىدىسىنىڭ تەقەززاسى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسلام ئىدىيىسي ئاستىغا ئۇيىشىشىدۇر. ئەقىدىنىڭ ئورنى قەلب بىلەن ئەمەلىي ھايات. ئىسلام ئەقىدىسى ئەقىلنى قۇرۇق خىياللاردىن ۋە قەلبلەرنى خۇراپاتلىقتىن ئازات قىلىدۇ.

2007- يىلى

 

ئابدۇراخمان جامال كاشغەرى