2024-يىل 3-ماي

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

ئىسلامنىڭ كائىنات كۆز قارىشى (1)

ئىسلامنىڭ كائىنات كۆز قارىشى

-1-

ئىسلامنىڭ ئالەم نەزىرىيىسى تەۋھىد ۋە ئىنسانىيەت بىرلىكى ئاساسىدا شەكىللەنگەن بولۇپ، ئىسلام ۋەزىپىسىنىڭ دۇنياۋى ئىكەنلىكىنى تەقەززا قىلىدۇ. شۇنداقلا تىنچلىقنىڭ ئىسلام تەلەپ قىلىۋاتقان دۇنياۋى قۇرۇلمىنىڭ مۇستەھكەم ھەيكىلى بولۇشنى تەقەززا قىلىدۇ. شۇڭا تىنچلىق ئەسلى قائىدە، ئۇرۇش ئايرىم ھالەت.

ئىسلام ھىدايىتى ھەر زامان ۋە ھەر ماكاندىكى بارلىق ئىنسانىيەت ئۈچۈن كەلگەن بولۇپ، قىيامەت بولغۇچە ھەر بىر شەخس ۋە ھەر بىر ئەۋلاتنىڭ ھەققىدۇر. ئىسلام ھىدايىتى ھەر زامان ۋە ھەر ماكان ئۈچۈن ھىدايەت بولغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ قىيامەت كۈنىگىچە قوغداشقا كېپىل بولغان. ئىسلام ھىدايىتى تەڭپۇڭلۇق ۋە مۇكەممەللىككە ئىگە مەدەنىيەت رىسالىسى بولۇپ، ئاساسىي بىلىم-مەرىپەت ۋە ئىماندۇر. ئىسلام ھىدايىتى ئىنساننىڭ زېمىننى گۈللەندۈرۈشى، ياخشىلىق ۋە تىنچلىقنى قانات يايدۇرۇشى ئۈچۈن ئىنسانغا ئەۋزەل ھايات مېتودىنى سىزىپ بېرىش ئۈچۈن كەلگەن:«ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىز ھەقىقەتەن بىر ئەر، بىر ئايالدىن، (ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن ئبارەت)بىر ئاتا بىر ئانىدىن ياراتتۇق، ئۆز ئارا تونۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە ئۇرۇق قىلدۇق، ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۈرمەتلىك ھېساپلىنىسىلەر (يەنى كىشىلەرنىڭ بىر-بىرىدىن ئارتۇق بولۇشى نەسەب بىلەن ئەمەس، تەقۋادارلىق بىلەن بولىدۇ)، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر» (ھوجۇرات سۈرىسى، 13- ئايەت).

بۇ ئايەتتە بارلىق ئىنسانلارغا ئەسلىنىڭ بىرلىكى توغرىسىدا ئەسكەرتمە بار، ئۇلار بىر ئاتا-ئانىدىن تۇغۇلغان. كۆپلىگەن سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بىر قانچە مەسىلىلەردە پەرقلىق بولسىمۇ، بۇنى بىرلىك ئىچىدىكى تۈرلۈك بولۇش دەپ قارىغىلى بولىدۇ. بىرلىك ئىچىدىكى تۈرلۈك بولۇش توقۇنۇشنى ئەمەس، ھەمكارلىقنى تەقەززا قىلىدۇ.

ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئوخشىماسلىق ۋە تۈرلۈك بولۇش زېمىننى گۈللەندۈرۈش، ھەقىقەت ۋە ياخشىلىقنى قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن چۈشىنىشىش ھاسىل قىلىش ۋە ئۈنۈملۈك ھەمكارلىشىشقا چاقىرىدۇ. ئىسلامنىڭ ئومۇمىي پرىنسىپى بىر قانچە نۇقتىدىن دۇنياۋى زىددىيەت ۋە ئەنسىزلىكنى خالىمايدۇ:

1.چۈنكى ئىسلام دىنى دۇنيانى ئىسلاھ قىلىش ۋە قۇتقۇزۇش ئۈچۈن كەلگەن چاقىرىق.جىددىي ۋەزىيەت ۋە ئەنسىزلىك پرىنسىپ ۋە ئىدىيىنىڭ تارقىلىشىغا ئەشەددى دۈشمەندۇر.

2.دۇنياۋى ئەنسىزلىك ۋە جىددىي ۋەزىيەت كۈچ-قۇۋۋەت ئىگىلىرىگە خىزمەت قىلىدۇ. مۇسۇلمانلاردىكى ئەڭ ئەۋزەل نەرسە پرىنسىپ، قىممەت-قاراش، ئۆتكۈر ئومۇمىي قاراش ۋە ئالەم نەزىرىيىسى ئاساسلىرىدىن ئىبارەت. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلامغا كىرگەن مۇسۇلمانلار قىلىچنىڭ بېسىمىدا ئەمەس، قانائەتلىنىش ۋە ياخشى كۆرۈش ئاساسىدا كىرگەن.

3.دۇنياۋى زىددىيەت ۋە ئەنسىزلىك تەبىئىي ھاياتنىڭ ۋەيران بولىشىغا، مۇھىتنىڭ بۇزۇلۇشىغا ۋە زېمىندىكى تۇرمۇش كەچۈرۈش مەنبەلىرىنىڭ قۇرۇپ تۈگەپ كېتىشىگە ئېلىپ بارىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلام دىنى يەر شارىدىكى بارلىق ئىنسانلارنى تونۇشۇش، ھەمكارلىق، چۈشىنىش ھاسىل قىلىشقا ۋە ئورتاقلىق نۇقتىلىرى ھەققىدە ئىزدىنىشكە تەشەببۇس قىلىدۇ. شۇڭا بۇ ئايەت دۇنياۋى ساھەدىكى پەزىلەت ۋە ئارتۇقچىلىقنى كۈچ-قۇۋۋەت ۋە نوپۇزغا باغلىماي ياراتقۇچى ئاللاھدىن قورقۇشقا باغلىغان.

شۇڭا تۈرلۈك بولۇپ ياشاش ۋە مەدەنىيەت خاسلىقى رېئايە قىلىنمىسا؛ ئادالەت ۋە ھەق ھوقۇق قوغدالمىسا، مەزلۇملارغا ياردەم بىرىلمىسە ۋە زېمىندىكى قولايلىق تۇرمۇش كەچۈرۈش مەنبەلىرى توغرا ئىستىمال قىلىنمىسا بارلىق دۇنياۋى تۈزۈملەرنىڭ ئاقىۋىتى مەغلۇبىيەت ۋە زاۋاللىققا يۈزلىنىدۇ.

دۇنياۋى تىنچلىقنىڭ توغرا كىرىش ئېغىزى پەيغەمبەرلەرنىڭ مىراسىدىن پايدىلىنىش ۋە ئاخىرقى دىننىڭ كۆرسەتمىسىنى ئۆرنەك قىلىش ئارقىلىق يېقىنلىشىدۇ ۋە روشەنلىشىدۇ.

شۇنداقلا بۇ ئايەت دۇنياغا رەھمەت، ئادالەت، باراۋەرلىك، ھىدايەت، تىنچلىق ۋە ياخشىلىق ئېلىپ كەلگەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋىتىنىڭ دۇنياۋى دەۋەت ئىكەنلىكىنى مۇقەررەرلەشتۈرمەكتە. ئىسلام دەۋىتى كائنات ۋە ھاياتنىڭ ئىشلىرىنى ھەقىقەت، ئادالەت ۋە باراۋەرلىك ئاساسىدا تەدبىر قىلىۋاتقان رەھىمدىل ۋە ئادىل ئاللاھنىڭ مېتودى. ئىسلام دەۋىتى يارتىلىش، غايە ۋە ئاقىۋەت جەھەتتىن ئىنسانىيەت بىرلىكىنىڭ تەبىئىي ئىپادىسى. بۇ ئىنسانىيەت بىرلىكى ئادالەت ۋە تەقۋالىق ئارقىلىق ياخشىلىق ۋە تەرەققىياتنى رېئاللىققا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىنسانلار ھاياتىدا ھەمكارلىق، چىقىشىپ ياشاش ۋە تاكامۇللۇقنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەيدۇ. ئىسلام بارلىق ئىنسانلار ئارىسىدا دۇنياۋى بىرلىكنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئېنىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويغان.

بۇ ئايەتنىڭ روھىغا ئاساسەن ئىنسانىيەت ئارىسىدا ھەقىقى تىنىچ چىقىشىپ ياشاش شەكلىنى تېپىپ چىقىشتا بىلىم-مەرىپەتنىڭ دۇنياۋى ئىكەنلىكىگە مەركەزلەشتۈرۈش لازىم. چۈنكى بىلىم-مەرىپەت ۋە مەلۇمات ئىنسانىي ئورتاقلىققا ئىگە. ئىنسانىي مەدەنىيەت مىۋىسىدە ھەسسە قوشقانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ھەققى بار.

ئىسلام دىنىنىڭ نىشانى ھەر زامان ۋە ھەر ماكانغا يارايدىغان تەڭپۇڭلۇققا ئىگە پرىنسىپلارغا تايىنىپ ھەممە ئىنسانلار خاتېرجەملىككە ئېرىشىدىغان يۇقىرى ئىنسانىي مەدەنىيەتنى قۇرۇپ چىقىشتۇر. ئىسلام دىنى يۇقىرى كۆرسەتمىلىرى ئارقىلىق ئىنساننىڭ ياراتقۇچى ئاللاھ بىلەن بولغان ئالاقىسىدا، ئىنساننىڭ ئۆزى بىلەن بولغان ئالاقىسىدا، ئىنساننىڭ قېرىندىشى ئىنسان بىلەن بولغان ئالاقىسىدا ۋە ئەتراپىدىكى كائىنات بىلەن بولغان ئالاقىسىدا ئالى نەمۇنىنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشقا ئۇرۇنىدۇ. ئىنساننىڭ قېرىندىشى ئىنسان بىلەن بولغان ئالاقىسى قېرىنداشلىق ۋە باراۋەرلىك ئۈستىگە قۇرۇلغان.

ئىنساننىڭ ئاللاھ بىلەن ئالاقىسى:ئىنساننىڭ ھاياتتىكى بىرىنچى ۋەزىپىسى بولغان دىنىي پەرزلەر ۋە ئىبادەتلەرنى ئىخلاس بىلەن ئادا قىلىش ئارقىلىق خالىس تەۋھىد ئۈستىگە قۇرۇلغان:«جىنلارنى ۋە ئىنسانلارنى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈنلا ياراتتىم» (زارىيات سۈرىسى، 56-ئايەت).

ئىنساننىڭ ئۆزى بىلەن بولغان ئالاقىسى ھىدايەت ۋە ئازغۇنلۇق يولىنىڭ بىرنى تاللاش ئۈستىگە قۇرۇلغان. ئىنساننىڭ ئۆزىگە قارىتا ۋەزىپىسى نەپسىنىڭ پاسسىپ تەرەپلىرىگە قارىشى كۆرەش قىلىپ، ئۆزىنى پاكلاش ئۈستىگە قۇرۇلغان.

ئىنساننىڭ قېرىندىشى ئىنسان بىلەن بولغان ئالاقىسى قېرىنداشلىق ۋە باراۋەرلىك ئۈستىگە قۇرۇلغان:«ئى ئىنسانلار!سىلەرنى بىر ئىنساندىن(يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن)ياراتقان، شۇ ئىنساندىن(يەنى ئۆز جىنسىدىن)ئۇنىڭ جۈپتىنى (يەنى ھەۋۋانى)ياراتقان ۋە ئۇلاردىن (يەنى ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن)نۇرغۇن ئەر-ئاياللارنى ياراتقان پەرۋەردىگارىڭلاردىن قورقۇڭلار، بىر-بىرىڭلاردىن نەرسە سورىغاندا نامى بىلەن سورايدىغان ئاللاھدىن قورقۇڭلار، سىلە-رەھىمنى ئۈزۈپ قويۇشتىن ساقلىنىڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرنى(يەنى پۈتۈن ئەھۋالىڭلارنى) كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر» (نىسا سۈرىسى، 1-ئايەت).

رەسۇلۇللاھ:«ئى ئىنسانلار پەرۋەدىگارىڭلار بىر، ئاتاڭلار بىر، مىللەتلەر ئارىسىدا تەقۋالىقتىن باشقا ئارتۇقچىلىق يوق. قايسىڭلار ئاللاھدىن قورقساڭلار ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئەڭ ھۆرمەتلىكتۇر»دېگەن. (ئەبۇداۋۇد رىۋايەت قىلغان).

ئىنساننىڭ زېمىن ۋە كائىنات بىلەن ئالاقىسى: ئەقلى ۋە تەپەككۇرىنى ئىشلىتىپ، ئىشلىرى ۋە ئىستىلىنى ئىسلاھ قىلىپ زېمىننى تەرەققى قىلدۇرۇش ۋە مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش ئاساسىدا شەكىللەنگەن.

ئاللاھ زېمىن ۋە كائىناتنى ئىنساننىڭ مەقستىگە يېتىشى ئۈچۈن بويسۇندۇرۇپ بەرگەن.:«ئۇ سىلەرنى زېمىندىن(يەنى تۇپراقتىن)ياراتتى، سىلەردىن زېمىننى گۈللەندۈرۈپ تەرەققى قىلدۇرۇشىڭلارنى تەلەپ قىلدى» (ھۇد سۈرىسى، 61- ئايەت).

ئىنساننىڭ مەۋجۇد بولىشىدىكى بىۋاستە نىشان بۇ دۇنيانى ئاۋات قىلىش ۋە گۈللەندۈرۈشتۇر. گۈللەندۈرۈشنىڭ بىرىنچى پىلانى ئۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، خاراب قىلىش ۋە ۋەيرانچىلىققا پۇرسەت بەرمەسلىكتە نامايان بولىدۇ. خاتىرجەملىك گۈللەندۈرۈشنىڭ تۈرتكىسى. شۇنداقلا ئىنساننىڭ ھاياتى، ھۆرمىتى، ئەركىنلىكى ۋە ئىرادىسىنىڭ كېپىلى.

بۇ نىشان ۋە غايىلەر مۇسۇلمانلارنىڭ ئىدىيە، تۇيغۇ ۋە ئىستىل بىرلىكىنى ئەقىدە، ئىبادەت، ئەخلاق، تۈزۈم ۋە شەرىئەتلىرىدە مۇجەسسەملەشتۈرۈپ بېرىدىغان ئەڭ ئاخىرقى ئىلاھى دىننىڭ ئاساسلىق قائىدىلىرىنى بەلگىلەپ بېرىدۇ.

ئىسلام تەسەۋۋۇرىدىكى مەدەنىيەتلىك كائىنات نەزىرىيەسى ئاللاھ بىلەن، ئۆزى بىلەن، قېرىندىشى ئىنسان بىلەن ۋە كائىنات بىلەن توغرا ئالاقە ئورنۇتۇشنى تەقەززا قىلىدۇ. شۇنداقلا بۇ ئالاقىلەر ئىنسان ئۈچۈن گۈزەل ھايات شەكىللەندۈرۈشنىڭ پېلانىنى تەمسىل قىلىپ بېرىدۇ. مانا بۇ توغرا ئىنسان خاراكتېرىنى ئىپادىلەپ بېرىدىغان ۋە ئوتتۇراھاللىق ئىچىدە ئىنساننىڭ بارلىق تەلەپلىرىگە ئاۋاز قوشىدىغان مەدەنىيەتلىك، ئەخلاقلىق ۋە غايىلىك تەۋھىد كۆز قارىشىدۇر.

ئىسلامنىڭ كائىنات كۆز قارىشى تۆۋەندىكى پرىنسىپلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: تەۋھىد، ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىزباسار بولۇش، ئادالەت ۋە ئوتتۇراھاللىق، ئەركىنلىك، مەسئۇلىيەتچان بولۇش، غايىلىك بولۇش، ئەخلاقلىق بولۇش، كېڭەش ئاساسىدا ئىش قىلىش، ئىلىمي قانۇنىيەتلەرگە رېئايە قىلىش، ئىسلامنىڭ دۇنياۋىلىقى، دۇنياۋى تىنىچلىق، ئىسلاھات-گۈللەندۈرۈش ۋە گۈزەللىكتىن ئىبارەت. پات ئارىدا «ئىسلامنىڭ ئالەم نەزىرىيەسى»ناملىق ماقالىدا بۇ تېمىلاردا تەپسىلى توختىلىمىز.

 

ئابدۇراخمان جامال كاشىغەرى

2015.6.15 كۈنى

مىسىر . قاھىرە شەھىرى.