2024-يىل 5-ماي

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

نېمە ئۈچۈن ئاللاھ سۈننەتنى ساقلاشقا كېپىللىك قىلمىدى؟ دېگەن شۇبھىگە جاۋاب

نېمە ئۈچۈن ئاللاھ سۈننەتنى ساقلاشقا كېپىللىك قىلمىدى؟ دېگەن شۇبھىگە جاۋاب

 

(ئەگەر سۈننەت ھۆججەت بولىدىغان بولسا ئاللاھ ئۇنى ساقلاشقا كېپىللىك قىلغان بولاتتى دېگەن شۇبھىگە رەددىيە)

 

سۈننەت دۈشمەنلىرى ئاللاھ قۇرئان كەرىمنى ھىمايە قىلىش ۋە ساقلاشقا كېپىللىك قىلدى، سۈننەتنى ھىمايە قىلىشقا كېپىللىك قىلمىدى دەپ گۇمان قىلىشتى ۋە ئاللاھنىڭ بۇ سۆزىنى دەلىل كۆرسىتىشتى:«قۇرئاننى ھەقىقەتەن بىز نازىل قىلدۇق ۋە چوقۇم ئۇنى قوغدايمىز» (ھىجىر سۈرىسى، 9-ئايەت).

ئۇلار:ئەگەر سۈننەت قۇرئانغا ئوخشاش ھۆججەت ۋە ۋەھىي بولغان بولسا، ئاللاھ قۇرئاننى قوغداشقا كېپىللىك قىلغاندەك، ئۇنىمۇ قوغداشقا كېپىللىك قىلغان بولار ئىدى دېيىشتى.

بىز ئۇلارغا شۇنداق جاۋاب بېرىمىزكى، ئاللاھ تائالا رەسۇلۇللاھنىڭ ھەدىسلىرىدىن سەھىلىرى- چۈنكى سەھى ھەدىسلەر رەسۇلۇللاھنىڭ سۆزىدۇر-نى قوغداشقا كېپىللىك قىلدى. قۇرئان كەرىم، سۈننەت(ھەدىس شەرىپ)، ئەقىل ۋە تارىخ بۇنىڭغا پاكىتتۇر.

 

بىرىنچى: ئاللاھنىڭ قۇرئاننى قوغداشقا كېپىللىك قىلغاندەك، سۈننەتنى قوغداشقا كېپىللىك قىلغانلىقىغا قۇرئان كەرىمدىن دەلىل:

  1. ئاللاھنىڭ بۇ سۆزى دەلىل:«بىز ساڭا قۇرئاننى ئىنسانلارغا چۈشۈرۈلگەن شەرىئەتنى بايان قىلىپ بەرسۇن، ئۇلار (بۇ قۇرئاننى) پىكىر قىلىپ (ئۇنىڭدىن ۋەز – نەسىھەت ئالسۇن) دەپ نازىل قىلدۇق»(نەھل سۈرىسى، 44-ئايەت).

مۇپەسسىر دوكتۇر مۇھەممەد سەيىد نىدا بۇ ئايەتنى تەپىسر قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە سۈننەتنىڭ قۇرئان كەرىمنى بايان قىلغۇچى ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى، ئاللاھ قۇرئان كەرىمنى قوغداشقا كېپىللىك قىلىپ: «قۇرئاننى ھەقىقەتەن بىز نازىل قىلدۇق ۋە چوقۇم ئۇنى قوغدايمىز» (ھىجىر سۈرىسى، 9-ئايەت) دېدى. بۇنىڭدىن ئاللاھنىڭ سۈننەتنى قوغداشقا كېپىللىك قىلغانلىقىمۇ چىقىپ تۇرىدۇ، چۈنكى بايان قىلىنغۇچى(يەنى قۇرئان)نى قوغداش-ئىككىسىنىڭ كۈچلۈك باغلىنىشلىقى بولغانلىقى ئۈچۈن- بايان قىلغۇچىنى قوغداشنى تەقەززا قىلىدۇ.

  1. ئاللاھ:«ئۇنى توپلاش ۋە ئوقۇپ بېرىش بىزنىڭ مەسئولىيتىمىزدۇر.ساڭا ئۇنى ئوقۇپ بەرگىنىمىزدە(يەنى جىبرىئىل ساڭا ئوقۇپ بەرگەندە)ئۇنىڭ ئوقۇشىغا ئەگەشكىن. ئاندىن ئۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىش بىزنىڭ مەسئولىيتىمىزدۇر» (قىيامەت سۈرىسى، 17-19-ئايەتلەر)دەيدۇ.

مانا بۇ ئاللاھنىڭ سۈننەتنى-ئەگىشىش تەرىقىسىدە ئەمەس- ئەنئەنىۋىلىك ۋە مۇستەقىللىق شەكلىدە قوغداشقا كېپىللىك قىلغانلىقىنىڭ ئېنىق دەلىلى، چۈنكى ئاللاھ قۇرئاننى بايان قىلىپ بېرىشكە كېپىللىك قىلدى:«ئاندىن ئۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىش بىزنىڭ مەسئولىيتىمىزدۇر»يەنى قۇرئاننى بايان قىلىپ بېرىش بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىزدۇر، بايان قىلىش مەسئۇلىيىتى رەسۇلۇللاھغا ۋە رەسۇلۇللاھدىن كېيىن ئۈممىتىگە بولىدۇ. رەسۇلۇللاھنىڭ بايان قىلىش مەسئۇلىيىتى ئۇنىڭغا ۋەھىي قىلىنىش ئارقىلىق بولىدۇ:«بىز ساڭا قۇرئاننى ئىنسانلارغا چۈشۈرۈلگەن شەرىئەتنى بايان قىلىپ بەرسۇن، ئۇلار (بۇ قۇرئاننى) پىكىر قىلىپ (ئۇنىڭدىن ۋەز-نەسىھەت ئالسۇن) دەپ نازىل قىلدۇق»(نەھل سۈرىسى، 44-ئايەت). دېمەك، سۈننەت(يەنى ھەدىس شەرىپ) مۇشۇ ئايەتكە ئاساسەن مەزمۇن جەھەتتىن ئاللاھ تەرەپتىن چۈشۈرۈلگەندۇر.

ئەمدى رەسۇلۇللاھدىن كېيىن بايان قىلىپ بېرىش ئۈممىتىگە بولىدۇ دېگىنىمىزدە، مۇسۇلمانلار رەسۇلۇللاھ  يەتكۈزگەن سۈننەت(ھەدىس شەرىپ)نى قوغداش ئارقىلىق بايان قىلىپ بېرىدۇ.

دوكتۇر مۇھەممەد سەيىد نىدا مۇنداق دەيدۇ:«مانا بۇ ئىككى دەلىل ئاللاھنىڭ قۇرئاننى قوغدىغاندەك سۈننەتنى قوغدىغانلىقىغا دەلىل، ئاللاھ قۇرئان كەرىمنى قوغداشتىن ئىبارەت ۋەدىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئۇنى قوغداش ۋە ھىمايە قىلىشنىڭ سەۋەبلىرىنى تەييارلاپ بەردى. شۇڭا مۇسۇلمانلار روھىدا ئۇنى ھىمايە قىلىش ۋە قوغداش ئامىللىرىنى قوزغىدى، شۇ سەۋەبتىن ئۇلار سۈننەتكە كۆڭۈل بۆلۈش، ئۇنى قەدىرلەش ۋە ئۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىشكە ئاتلاندى.

  1. ئىمام ئىبنى ھەزم ئاللاھنىڭ سۈننەتنى قوغداشقا كېپىللىك قىلغانلىقىغا قۇرئاندىن دەلىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ:«ئى مۆمىنلەر! ئاللاھغا، پەيغەمبەرگە ۋە ئۆزەڭلاردىن بولغان ئىش ئۈستىدىكىلەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئەگەر سىلەر بىر شەيئىدە ئىختىلاپ قىلىشىپ قالساڭلار، بۇ توغرىدا ئاللاھغا ۋە پەيغەمبەرگە مۇراجىئەت قىلىڭلار، ئەگەر سىلەر ئاللاھغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە (ھەقىقىي)ئىشىنىدىغان بولساڭلار، بۇ(يەنى ئاللاھنىڭ كىتابىغا ۋە پەيغەمبىرىنىڭ سۈننىتىگە مۇراجىئەت قىلىش) سىلەر ئۈچۈن پايدىلىقتۇر، نەتىجە ئېتىبارى بىلەن گۈزەلدۇر»(نىسا سۈرىسى، 59-ئايەت).

ئىبنى ھەزم مۇنداق دەيدۇ:«بۇ ئايەت بارلىق قانۇنلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزلەشتۈرگەن ۋە ئۈچ ئاساسنى زىكىر قىلغان. بىرىنچى:«ئى مۆمىنلەر!ئاللاھغا ئىتائەت قىلىڭلار»، ئىككىنچى:«ئى مۆمىنلەر! پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار»، ئۈچىنچى:«ئى مۆمىنلەر! ئۆزەڭلاردىن بولغان ئىش ئۈستىدىكىلەرگە ئىتائەت قىلىڭلار»، مانا بۇ ئۈچىنچىسى ئىجما دەلىلىدۇر. ئەمدى تالاش-تارتىش يۈز بەرگەندە ئىككى ئاساسنىڭ بىرسىگە تايىنىش لازىم:«ئەگەر سىلەر بىر شەيئىدە ئىختىلاپ قىلىشىپ قالساڭلار، بۇ توغرىدا ئاللاھغا ۋە پەيغەمبەرگە مۇراجىئەت قىلىڭلار، ئەگەر سىلەر ئاللاھغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە (ھەقىقىي)ئىشىنىدىغان بولساڭلار، بۇ(يەنى ئاللاھ نىڭ كىتابىغا ۋە پەيغەمبىرىنىڭ سۈننىتىگە مۇراجىئەت قىلىش) سىلەر ئۈچۈن پايدىلىقتۇر، نەتىجە ئېتىبارى بىلەن گۈزەلدۇر».

قۇرئان كەرىم ۋە سەھى ھەدىس ھەر ئىككىلىسى ئاللاھ تەرىپىدىن چۈشۈرۈلگەن ۋەھىي، ئىتائەت قىلىش ساھەسىدە ھەر ئىككىسىنىڭ ھۆكمى بىر، سۈننەتنىڭ ۋەھىي ئىكەنلىكىدە ئىختىلاپ يوق.(ئىبنى ھەزمىنىڭ«ئىھكام فى ئۇسۇل ئەھكام»ناملىق كىتابىنىڭ،1-توم،96،117-بەتلىرىگە قاراڭ)

4.ئەللامە ئىبنى قەييۇم جەۋزى سۈننەتنىڭ قوغدالغانلىقىغا ئاللاھنىڭ بۇ سۆزىنى دەلىل كەلتۈرىدۇ:«بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى پۈتۈن قىلدىم، سىلەرگە نېمىتىمنى تاماملىدىم، ئىسلام دىنىنى سىلەرنىڭ دىنىڭلار بولۇشقا تاللىدىم» (مائىدە سۈرىسى،3-ئايەت).

يەنە:«كىمكى ئىسلام(دىنىدىن)غەيرىي دىننى ئىزدەيدىكەن، ھەرگىز ئۇ (يەنى ئۇنىڭ دىنى)قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئۇ ئاخىرەتتە زىيان تارتقۇچىدۇر»(ئال ئىمران سۈرىسى، 85-ئايەت).

ئىبنى قەييۇم كەلتۈرگەن بۇ دەلىللەرنىڭ تەپسىلى ئىزاھاتىنى ئىبنى قەييىمنىڭ«مۇختەسەر ساۋائىق مۇرسلە» ناملىق كىتابىنىڭ، 2-توم، 543-544- بەتلەرگە قاراڭ).

 

 

ئىككىنچى: ئاللاھنىڭ سۈننەتنى قوغداشقا كېپىللىك قىلغانلىقىغا سەھى سۈننەتتىن دەلىل:

رەسۇلۇللاھ ھەججەتۇل ۋىدادا:«ئاللاھتىن قورقۇشۇڭلارنى، سىلەرگە ئىپوپېيەلىك زەڭگى باشلىق بولۇپ قالسىمۇ ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلىشىڭلارنى ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن. كىم سىلەردىن مەندىن كېيىن ياشاپ قالسا كۆپ ئىختىلاپنى كۆرىدۇ، شۇڭا سىلەر مېنىڭ سۈننىتىمگە ۋە توغرا يولدا ماڭغان خەلىپىلەرنىڭ سۈننىتىگە ئېسىلىڭلار، ئۇنى چىڭ تۇتۇڭلار. دىندا ئاساسى يوق يېڭىدىن پەيدا بولغان بىدئەت ئىشلاردىن ساقلىنىڭلار، چۈنكى دىندا يېڭىدىن پەيدا بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىدئەت، بىدئەت دېگەن ئازغۇنلۇق»دېگەن.(ئىمام ئەھمەد 16521- نومۇرلۇق ھەدىستە، ئەبۇداۋۇد 3991- نومۇرلۇق ھەدىستە، تىرمىزى، ئىبنى ماجە ۋە ئىبنى ھىببان رىۋايەت قىلغان).

يەنە:«مەن سىلەردە ئىككى نەرسىنى قالدۇرۇپ كەتتىم، ئەگەر سىلەر ئۇ ئىككى نەرسىگە ئېسىلساڭلار ھەرگىز ئازمايسىلەر، ئۇ ئىككى نەرسە ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە مېنىڭ سۈننىتىمدۇر، ئۇ ئىككىسى قىيامەتكىچە ئايرىلمايدۇ»دېگەن، (ئىمام مالىك ۋە ھاكىم رىۋايەت قىلغان).

بۇخارى ۋە مۇسلىمدا ۋەسىيەتنىڭ كىتاب(يەنى قۇرئان)قا چەكلەنگەنلىكى توغرىسىدا كەلگەن ھەدىس ھەققىدە كاتتا ھەدىسشۇناس ھافىز ئىبنى ھەجەر مۇنداق دەيدۇ:«قۇرئان كەرىم بۈيۈك ۋە مۇھىم بولغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ كىتاۋى يالغۇز تىلغا ئېلىنغان بولسا كېرەك، كىشلەر قۇرئان بىلەن ئەمەل قىلسا رەسۇلۇللاھ سۈننىتىدە بۇيرۇغان نەرسىلەر بىلەن ئەمەل قىلغان بولىدۇ. چۈنكى ئاللاھ«پەيغەمبەر سىلەرگە ئېلىپ كەلگەننى ئېلىڭلار»دېدى(ھەشىر سۈرىسى،7-ئايەت).(بۇخارىنىڭ شەرھىسى پەتھۇل بارىدىكى 2535-نومۇرلۇق ھەدىسنىڭ شەرھىسىگە قاراڭ).

ئەبۇداۋۇدنىڭ شەرھىسى«ئەۋن مەئبۇد»نىڭ ئاپتورى 1628-نومۇرلۇق ھەدىسنى شەرھىلەپ:«بۇ ھەدىستە قۇرئانغا ئېسىلىڭلار دەپ يالغۇز قۇرئان زىكىر قىلىندى، شۇنداقتىمۇ ئۇ سۈننەت بىلەن ئەمەل قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. چۈنكى ئاللاھ:«پەيغەمبەر سىلەرگە ئېلىپ كەلگەننى ئېلىڭلار، پەيغەمبەر چەكلىگەن نەرسىدىن چەكلىنىڭلار»(ھەشىر سۈرىسى،7-ئايەت)، يەنە:«ئاللاھغا ئىتائەت قىلىڭلار، پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار»(مۇھەممەد سۈرىسى، 33-ئايەت)دەيدۇ. شۇنىڭغا ئاساسەن قۇرئان بىلەن ئەمەل قىلىش سۈننەت بىلەن ئەمەل قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ»دېگەن.(ئەبۇداۋۇدنىڭ 1628-نومۇرلۇق ھەدىسىنىڭ شەرھىسىگە قاراڭ).

مانا بۇ ۋە ئۇندىن باشقا ھەدىسلەردە رەسۇلۇللاھ ئۈممىتىگە سۈننىتىنى قالدۇرۇپ كەتكەنلىكى ۋە ئۇنىڭغا چىڭ ئېسىلىشقا بۇيرۇغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر بېرىدۇ. سۈننەتكە ئەگىشىشتە ھىدايەت بار، ئۇنى تەرك ئېتىشتە ئازغۇنلۇق بولىدۇ. ئەگەر سۈننەت قوغدالمىغان بولسا ياكى ئۇنىڭغا بۇرمىلاشنىڭ يېتىشى مۇمكىن بولۇپ، توغرىسىنى كېسىلىدىن ئايرىش مۇمكىن بولمايدىغان بولسا، رەسۇلۇللاھ  ئۈممىتىدىن سۈننەتكە ئېسىلىشنى تەلەپ قىلمىغان بولاتتى. رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىگە چىڭ ئېسىلىشقا بۇيرۇغانلىقى سۈننەتنىڭ قوغدالغانلىقىنىڭ دەلىلىدۇر.

 

ئۈچىنچى: ئاللاھنىڭ سۈننەتنى قوغدىغانلىقىغا ئەقلى دەلىل:

دوكتۇر ئابدۇلغەنى ئابدۇلخالىق«سۈننەتنىڭ ھۆججەتلىكى»ناملىق داڭلىق ئەسىرىدە مۇنداق دەيدۇ:«قۇرئاننى قوغداش سۈننەتنى قوغداشقا باغلىق، چۈنكى سۈننەت قۇرئاننىڭ مۇستەھكەم قورغىنى، ئىشەنچىلىك قاراۋۇلى ۋە روشەن شەرھىلىگۈچىدۇر. سۈننەت قۇرئاننىڭ ئىخچام ئەھكاملىرىنى تەپسىلى بايان قىلىپ بېرىدۇ، قېيىن مەسىلىلىرىنى ئىزاھلاپ بېرىدۇ، ئېنىقسىز نۇقتىلىرىنى روشەنلەشتۈرۈپ بېرىدۇ، مۇتلەق ئەھكاملىرىنى دائىرىگە ئالىدۇ، قىسقىچە بايان قىلىنغان ئەھكاملىرىنى كەڭرى بايان قىلىدۇ. سۈننەت قۇرئان بىلەن ئويناشقۇچىلارنىڭ ئويۇنلىرىنى، ھاۋايى-ھەۋەسلىرى بىلەن تەۋىل قىلغۇچىلارنىڭ تەۋىللىرىنى توسىدۇ. شۇڭا سۈننەتنى قوغداش قۇرئاننى قوغدىغانلىقتۇر، سۈننەتنى ساقلىغانلىق قۇرئاننى ساقلىغانلىق بولىدۇ. ئاللاھ قۇرئاننى قوغدىغاندەك سۈننەتنى قوغدىدى، شۇڭا سۈننەتتىن بىرەر نەرسە يوقاپ كەتمىدى». (سۈننەتنىڭ ھۆججەتلىكى ناملىق كىتابقا قاراڭ).

تۆتىنچى: ئاللاھنىڭ سۈننەتنى قوغدىغانلىقىغا تارىخى پاكىت:

ئەگەر ئىسلام دۈشمەنلىرى تارىخنى قېزىپ، رەسۇلۇللاھنىڭ تەرجىمھالىنى تەتقىق قىلىدىغان بولسا، رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىنىڭ-ھېچقانداق بىر داھىنىڭ تەرجىمىھالى ئېرىشىپ باقمىغان دەرىجىدە- ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشكە ئېرىشكەنلىكىنى ئېنىق بايقايدۇ. چۈنكى رەسۇلۇللاھ بارلىق ئىنسانلارغا ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر ۋە ئەلچىدۇر.

مانا بۇ ھەقىقەتنى ساھابىلار، تابىئىنلار ۋە ئۇلاردىن كېيىنكى مۇسۇلمانلار ھېس قىلىپ يەتتى، شۇڭا ئۇلار رەسۇلۇللاھدىن سادىر بولغان ھەر قانداق بىر نەرسىنى نەقىل قىلىش، قوغداش ۋە تەتبىقلاشقا جان كۆيدۈردى. يىغىنچاقلىغاندا ئۇنىڭ پۈتۈن ھاياتى ۋە ھەر قانداق ئەھۋالىدىكى بارلىق پائالىيەتلىرىنى ئەڭ ئىنچىكە كېچىك ئىشلىرىدىن تارتىپ نەقىل قىلدى.

مانا بۇ ئاللاھنىڭ سۈننەتنى قوغداشقا كېپىللىك قىلغانلىقىنىڭ كۈچلۈك ئىشارىتىدۇر. چۈنكى ئاللاھ سۈننەتنى قوغداش، ئۇنى توپلاش، ساقلاش، شەرھىلەش ۋە ساغلامنى ئاجىزىدىن ئايرىشقا بىر بۆلۈك ئادەملەرنى تەييارلاپ بەردى. ئۇلار سۈننەتنى ئىشەنچىلىك قەلبلەرنىڭ بەتلىرىگە ۋە كىتابلارغا نەقىش قىلىپ ئويۇشتى. ئاللاھنىڭ قۇرئاننى قوغداشتىكى ۋەدىسى سۈننەتنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، شۇڭا ئاللاھ قۇرئانغا ئىشەنچىلىك كاتتا زاتلارنى ھەر ئەسىر تەييارلاپ بەرگەندەك سۈننەتكىمۇ ئىشەنچىلىك راۋىلارنى ۋە كاتتا ئالىملارنى يېتىشتۈرۈپ بەردى.

ئەگەر ئاللاھنىڭ سۈننەتنى قوغداش ئىرادىسى بولمىغان بولسا ئىدى، سۈننەت-دۈشمەنلىرىنىڭ ۋە شۇبھىلارنىڭ كۆپلۈكىدىن-دەۋرنىڭ ئۆتىشى بىلەن كۆمۈلۈپ ھەم چېچىلىپ كەتكەن بولار ئىدى. شۇڭا ئاللاھ ھەر دەۋر، ھەر ئەۋلاد ۋە ھەر ئورۇندا ۋاپادار ئالىملارنى يېتىشتۈرۈپ بېرىش ئارقىلىق سۈننەت دۈشمەنلىرىنىڭ ھىيلىسىنى بەربات قىلماقتا.

شۇڭلاشقا سۈننەت دۈشمەنلىرى سۈننەتنى يىراقلاشتۇرۇش ۋە قۇرئان بىلەن سۈننەت ئارىسىدىكى مۇكەممەللىكنى ئۈزۈپ تاشلاش ئۈچۈن قۇرئان ئايەتلىرىنى-ھېچ بىر مۇپەسسىر تەپىسر قىلىپ باقمىغان- ھاۋايى ھەۋەسلىرى ۋە خىياللىرى بىلەن ئىزاھلاشقا ئۇرۇنغان ھەم ئۇرۇنماقتا.

قۇرئاننىلا تۇتۇپ ماڭساق بولىدۇ دەپ ئاشكارا ياكى يوشۇرۇن تەشۋىق قىلغۇچىلار، سۈننەتنى ھۆججەت ئەمەس دەپ قارىغۇچىلار ئەھل سۈننى يولىدىن چىققۇچى ئازغۇنلاردۇر، شۇڭا ئۇلار قۇرئاننى ئورۇنسىز ھەم پاكىتسىز ھالدا ھەۋىسىگە تايىنىپ ئىزاھلاپ ئېزىشتى ھەم باشقىلارنى ئازدۇرۇشتى.

 

 

 

(2006- 12- 6 كۈنى يېزىلغان).

 

ئابدۇراخمان جامال كاشىغەرى (ئەزھەرى)

مىسىر، قاھىرە شەھىرى.