2024-يىل 5-ماي

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

نېمە ئۈچۈن بۇخارى ۋە مۇسلىمغا ھۇجۇم قىلىنىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن بۇخارى ۋە مۇسلىمغا ھۇجۇم قىلىنىدۇ؟

 

گەرچە «سەھى بۇخارى»- بارلىق ھەدىسشۇناسلارنىڭ تەكىتلىشىچە- ھەدىس كىتابلىرى ئىچىدە ئەڭ سەھى(توغرا) ھەدىس كىتاۋى بولسىمۇ دىن دۈشمەنلىرىنىڭ شۇبھە ۋە شەكلەندۈرۈشتىن قۇتۇلالمىدى. رەسۇلۇللاھ ھەدىس يېزىشتىن توسقان دېگەن سۆزدىن باشلاپ، ھەدىسلەرنى-توپلاش بىلەن رەسۇلۇللاھنىڭ ۋاپاتىنىڭ ئارىلىقى ئۇزۇن بولغانلىقى ئۈچۈن- توپلاش مېتودىنى شەكلەندۈرۈشتىن ئۆتۈپ، «سەھى بۇخارى» ۋە «سەھى مۇسلىم» قۇرئان كەرىمگە زىت كېلىدىغان ئويدۇرما ھەدىسلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دېگەن سۆزگىچە شۇبھە تارقىتىشتى. بۇ شۇبھىلارنى ھەدىسىشۇناسلىق پەنلىرىنى بىلمەيدىغانلار ۋە شەرقشۇناسلارنىڭ كۆز قاراشلىرىدىن تەسىرلەنگەن ئىلمانىي ((secularism ئېقىمدىكىلەر قوزغاپ چىقىشتى.

بۇلارنىڭ بۇخارى ۋە مۇسلىمغا ھۇجۇم قىلىش مەقسىتى ناھايىتى ئېنىق، ئەڭ مۆتىۋەر ھەدىس كىتاۋى بۇخارىنى ئىناۋەتسىز قىلىۋىتەلىسە قالغان ھەدىس كىتابلىرىنى ئىناۋەتسىز قىلىۋېتىش ۋە دەلىل ئېتىبارىدىن ساقىت قىلىش ئاسانغا چۈشىدۇ. شۇڭا دەسلەپكى ھۇجۇم بۇخارى ۋە مۇسلىمدىن باشلانغان.

 

(1)

رەسۇلۇللاھنىڭ ھەدىس يېزىشتىن چەكلىگەن ھەدىسى توغرىسىدا

 

ھەدىس يېزىشتىن چەكلەش ھەدىسى، قۇرئان كەرىم يېزىۋاتقان كاتىپلارغا قارىتا ئېيتىلغان ھەدىستۇر، بىراق ھەدىسنى يېزىش ۋە ئۇنى توپلاشتىن رەسۇلۇللاھ توسقان ئەمەس. چۈنكى ھەدىسنى يېزىشتىن چەكلەش سۈننەتنى قوغداش ۋە يەتكۈزۈش ۋاسىتىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋەتكەنلىك بولىدۇ. رەسۇلۇللاھ: «بىر ئايەت بولسىمۇ يەتكۈزۈڭلار»، يەنە:«مېنىڭ سۆزۈمنى ئاڭلىغان كىشلەر ئاڭلىمىغان كىشلەرگە يەتكۈزسۇن» دېگەن.

رەسۇلۇللاھ:«قۇرئاندىن باشقا نەرسىنى يازماڭلار، كىم قۇرئاندىن باشقا نەرسىنى يازغان بولسا ئۆچۈرۋەتسۇن»دېگەن بولسا، باشقا ھەدىسلىرىدە ھەدىسلەرنى يېزىشقا يول قويغان ۋە بۇيرۇغان.

رەسۇلۇللاھ ئابدۇللاھ بىن ئەمرۇ بىن ئاسقا:»ئابدۇللاھ يېزىۋەرگىن. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مېنىڭ ئاغزىمدىن ھەق سۆزدىن باشقىسى چىقمايدۇ، ماڭا قۇرئان ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسە بېرىلدى»دېگەن.(ئەبۇداۋۇد رىۋايەت قىلغان).

بۇ ھەدىس بىلەن يۇقىرىقى ھەدىس ئارىلىقىدا زىتلىق يوق، چۈنكى چەكلىگەن بىرىنچى ھەدىس ۋەھىي كاتىپلىرىغا خاستۇر، سەۋەبى ھەدىسنىڭ قۇرئان كەرىم بىلەن ئارىلىشىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈندۇر.

(2)

سۈننەتنىڭ توپلىنىشى

سۈننەتنىڭ توپلىنىشى رەسۇلۇللاھنىڭ دەۋرىدىن تارتىپ باشلانغان، چۈنكى «ئابدۇللاھ بىن ئەمرۇ بىن ئاس»نىڭ يېزىۋالغان ھەدىسلىرى 200 ھەدىسنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇنداقلا «ھەممام بىن مۇنەببىھ»نىڭ يېزىۋالغان ھەدىسى 139 ھەدىسنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇ بۇ ھەدىسلەرنى ئەبۇھۈرەيرىنىڭ دەۋرىدە توپلىغان. ئۇنىڭدىن سىرت ئەنەس بىن مالىك، ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ۋە ھەزرىتى ئەلىنىڭ يېزىۋالغانلىرى؛ رەسۇلۇللاھنىڭ خۇتبىلىرىدىن سىرت رەسۇلۇللاھنىڭ پادىشاھلارغا ۋە ئىشچىلىرىغا يوللىغان مەكتۇپلىرى قوشۇلۇپ نۇرغۇن ھەدىسلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ھەدىس شەرىپ رەسۇلۇللاھ ۋاپات بولۇپ كېتىپ 200 يىلدىن كېيىن باشلانغان دېگەن گەپ ساغلام گەپ ئەمەس، چۈنكى ساھابىلار ۋە تابىئىنلار ھەدىسلەرنى يادلىۋالغان، يېزىۋالغان ۋە مۇئامىلە ئىشلىرىدا تەتبىقلىغان. خەلىپە ۋە ھاكىملار مۇشۇ مەزگىللەردە ھەدىسلەرگە تايىنىپ ھۆكۈم يۈرگۈزگەن؛ ۋەز-تەبلىغ، ئىلمى مۇنازىرە ۋە ئىسلامنى غەيرى مۇسۇلمانلارغا يەتكۈزۈشتە ئىستىمال قىلغان. دېمەك، ھەدىس شەرىپ بىر قىسىم ھەدىسشۇناسلار ۋە يادلىغۇچىلارنىڭ ئالدىدا يېزىقلىق ئىدى.

ئاندىن تابىئىن ئىمام مالىكنىڭ«مۇۋەتتا»ناملىق ھەدىس كىتاۋى، سۇفيان سەۋرىنىڭ«جامى» ناملىق ھەدىس كىتاۋىدىن باشلاپ ئىلىم-پەنلەرنى توپلاش، يىلتىزلاشتۇرۇش ۋە ھەدىسلەرنى مەخسۇس قائىدىلەر ئاساسىدا مەخسۇس كىتابلارغا توپلاش ۋە خاتىرىلەش دەۋرى باشلاندى. بۇ ئىماملاردىن كېيىن بۇ قائىدىلەرنى بۇخارى ۋە مۇسلىم ئاشكارا بولغانغا قەدەر باشقا ئىماملار ۋە ھەدىس ئىلىملىرى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار تەتبىقلاپ كەلدى. ئىمام بۇخارى پەقەت سەھى ھەدىسلەرنى تاللاپ چىقتى، ئۇنىڭدىن كېيىنكىلەر ھەدىس توپلىغاندا ئىمام بۇخارى قالدۇرۇپ قويغان سەھى ھەدىسلەرنى توپلىدى، شۇنداق قىلىپ بارلىق سەھى (توغرا) ھەدىسلەرنى ئاندىن ھەسەن(ياخشى) ئاندىن ئاجىز ئاندىن ئويدۇرما ھەدىسلەرنى تولۇق توپلاشتى ۋە خاتىرىلەشتى.

شۇ ئارقىلىق سۈننەت(ھەدىس)قوبۇل قىلىنىدىغان ۋە قوبۇل قىلىنمايدىغان بارلىق تۈرلىرى بىلەن ئۈممەتنىڭ ئالدىدا بار بولدى. ئۇلار سۈننەت ھەققىدىكى تەتقىقات ۋە ئىزدىنىشلىرىنى ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى.

 

(3 )

ھەدىس توپلاشنىڭ قائىدىلىرى ۋە ئاساسلىرى بار

 

ھەدىسلەرنى توپلاش ۋە راۋىلاردىن نەقىل قىلىش ئاسان ئىش ئەمەس. مەسىلەن، بۇخارى ئۆزىدىن ئىلگىرىكىلەردىن يېزىقلىق ھالىتىدە قوبۇل قىلاتتى، داۋاملىق ئېغىز رىۋايىتىگە تايانمايتتى. ھەدىس توپلاش ھەرىكىتىنى ھىمايە قىلىدىغان ۋە راۋىلارنىڭ راستچىل ياكى ئۇنداق ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدىغان بىر قانچە قائىدە-پرىنسىپلار رەسۇلۇللاھنىڭ دەۋرىدىن تارتىپ يولغا قويۇلغان. شۇنداقلا رىۋايەتلەرنى تەكشۈرۈش، سېلىشتۇرۇش ۋە ھەدىسلەرنىڭ ماددىسىنى تەكىتلەش پرىنسىپى بار ئىدى.

ئىمام بۇخارىنىڭ سەھى بۇخارىدىكى تەكرار ھەدىسلەردىن باشقا 4000 ھەدىسنى 600 مىڭ ھەدىستىن تاللىغانلىقى باشقا ھەدىسلەرنىڭ سەھى ئەمەسلىكىنى كۆرسەتمەيدۇ، بەلكى بۇخارىنىڭ پەقەتلا ئەڭ سەھى دەپ باھالانغان ھەدىسلەرنى تاللىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

 

(4)

سەھى بۇخارى ۋە سەھى مۇسلىمدا قۇرئانغا زىت ھەدىسلەر بارمۇ؟

 

سەھى بۇخارى ۋە سەھى مۇسلىمنىڭ بەزى ھەدىسلىرى دىن دۈشمەنلىرىنىڭ تەنە ۋە شۈبھىدىن خالى بولالمىدى، بەزىلەر بەزى ھەدىسنى قۇرئان كەرىمدىكى ئېنىق ئەھكاملارغا زىت كېلىدۇ، دەپ گۇمان قىلىشتى. مەسىلەن، ھەدىسشۇناسلىق ئىلىملىرىدىن خەۋىرى يوقلارنىڭ شۇبھە قوزغىغان ھەدىسلەر قاتارىدىن چوڭ ئادەمنىڭ ئېمىلداش بولۇش مەسىلىسىدىكى ھەدىستۇر. چوڭ ئادەمنى ئېمىتسە ئېمىلداش بولۇش مەسىلىسى شۇ ۋاقىتتا رەسۇلۇللاھغا تەڭلەنگەن بىر قېيىن مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى ئىدى، رەسۇلۇللاھ بۇ ھەل قىلىش چارىسىنى شۇ ۋەقەگە خاس يولغا قويغان ۋە ھەممەيلەنگە ئومۇملاشتۇرمىغان. ئۇنىڭ دەلىلى شۇكى، ھەزرىتى ئائىشە بۇ ھۆكۈمنى ئومۇملاشتۇرماقچى بولغاندا ساھابىلار ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ باشقا ئاياللىرى ھەزرىتى ئائىشىنىڭ كۆز قارىشىغا قارىشى تۇرغان.

سەھى بۇخارىدىن شۇبھە قوزغايدىغانلارنىڭ يەنە بىر ھەدىسى قاچىغا چىۋىن چۈشۈپ قېلىش ھەدىسىدۇر، رەسۇلۇللاھ:«سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ قاچىسىغا چىۋىن چۈشۈپ كەتسە، ئۇنى چۈمدۈرۈۋىتىپ ئاندىن ئېلىپ تاشلىسۇن، چۈنكى ئۇنىڭ بىر قانىتىدا زەھەر يەنە بىر قانىتىدا شىپا بار» دېگەن.

رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ ھەدىستىكى بۇيرۇق شەكلى ۋاجىپنى كۆرسەتمەيدۇ، بەلكى مەسلىھەتنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا كىم چىۋىن چۈشۈپ قالغان تاماقنى ئىستىمال قىلىشنى كۆڭلى تارتسا ئىستىمال قىلسۇن، كىمنىڭ كۆڭلى ئۇنى تارتمىسا، شەرىئەت ئۇ تاماقنى يېيىشنى ۋاجىپ قىلمىدى.

چىۋىننى قاچىغا چۈمدۈرۈۋىتىش توغرۇلۇق كەلگەن ھەدىس دۇنيالىق ئىشلاردىكى كۆرسەتمە خاراكتېرلىك ھەدىس. چۈنكى تۇرمۇشى تۆۋەن، ئاددى-ساددا ۋە يېمەك-ئىچمەك ئەھۋالى چەكلىك بولغان مۇھىتتا، چىۋىن چۈشۈپ قالغان ھەر قانداق تاماقنى تاشلىۋەتمەسلىك كېرەك بولىدۇ. بولۇپمۇ قوللىغۇچىلىرىنى يىرىك ۋە قېيىن تۇرمۇشقا كۆندۈرۈۋاتقانلار تېخىمۇ شۇنداق قىلىشى كېرەك.

مەزكۇر ھەدىستىكى«چىۋىننىڭ بىر قانىتىدا زەھەر، يەنە بىر قانىتىدا شىپا بار»دېگەن ھەدىس ئەرەب مۇھىتىنىڭ تەجرىبىسىدىن ئۈستۈن كېلىدۇ، شۇڭا بۇ خەۋەرنى ئەقىلغا سىغمايدۇ، دەپ رەت قىلماسلىقىمىز كېرەك.(چىۋىننىڭ قاچىغا چۈشۈپ كېتىشى توغرىسىدىكى ھەدىسكە ئىزاھات) دېگەن ماقالىمىزگە قاراڭ).

شۇنداقلا سەھىھەينىدە تەنە ۋە شۇبھىگە ئۇچرىغان ھەدىسلەرنىڭ قاتارىدىن تىببى ساھەگە ئالاقىدار ھەدىسلەردۇر. شۇنى بىلىش كېرەككى، رەسۇلۇللاھ بەدەن دوختۇرى ئەمەس، ئۇ تەجرىبىگە ئاساسەن بەزى كۆرسەتمە ۋە مەسلىھەتلەرنى بەردى، بەزى كىشلەرگە تەتبىقلىدى ۋە ئۇلارغا پايدا قىلدى. ھازىر ئۇ تەبئىي دورىلارنى تەدبىقلاش دورىنىڭ خۇسۇسىيىتى، قانچىلىك مىقداردا ئىستىمال قىلىنىدىغانلىقى، كېسەللىكنىڭ خاراكتېرى ۋە كېسەلنىڭ ئەھۋالىنى بىلىشكە باغلىق بىر ئىش. بۇ ئىشلار سۈننەتتە تەپسىلى بايان قىلىنمدى، بەلكى دوختۇرلارنىڭ ئىزدىنىشى ۋە تەتقىقاتىغا قويۇپ بېرىلدى. دوختۇرلىقتىن خەۋىرى يوق، كېسەلنىڭ خاراكتېرى، دورىنىڭ ئۆلچىمى ۋە باشقا تەلەپلىرىدىن مەرىپىتى يوق ئادەملەر تىببى ساھەگە ئالاقىدار ھەدىسنى تەتبىقلايمەن دەپ داۋالاش ساھەسىگە كىرىۋالغانلىقتىن خاتا نەتىجىلەر چىقىپ بۇ شۇبھىلار قوزغالدى. (بىز ئىلگىرى«قانۇن چىقىرىشقا ئالاقىدار سۈننەتلەر ۋە قانۇن چىقىرىشقا ئالاقىدار بولمىغان سۈننەتلەر» دېگەن تېمىدا بۇ ساھەدە خېلى كەڭرى توختالدۇق، مەزكۇر ماقالىگە مۇراجىئەت قىلىڭ).

(5)

تەشكىللىك ھۇجۇم پىلانى

 

نېمە ئۈچۈن ئىسلام ئۈممىتى ئەڭ سەھى دەپ قاراپ بىرلىككە كەلگەن سەھى بۇخارى ۋە مۇسلىم ھۇجۇمغا ئۇچرايدۇ؟ نېمە ئۈچۈن بۇخارى ۋە مۇسلىمغا قىلىنغاندەك باشقا ھەدىس كىتابلىرىغا ھۇجۇم ۋە شۇبھىلار قوزغالمىدى؟

 

جاۋاب شۇكى، بۇخارى ۋە مۇسلىم ھەدىس كىتابلىرىنىڭ ئىچىدە ئەڭ سەھى ھەدىس كىتابىدۇر، ئەگەر بۇخارى ۋە مۇسلىم يىقىلسا باشقا ھەدىس كىتابلىرى پۇت تېرەپ تۇرالماي يىقىلىدۇ ۋە ئۆرۈلىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ھۇجۇم ۋە شۇبھىلار بۇخارى ۋە مۇسلىمغا قارىتىلغان.

ھەدىسلەرگە باھا بېرىش مۇتەخەسسىس ھەدىسشۇناسلارنىڭ كەسپى. بۇ ئىلىمنىڭ قائىدە-قانۇنىيەتلىرىنى ياخشى بىلمەيدىغان ئادەملەر بۇ ساھەگە كىرىۋېلىپ، ئۇ ھەدىس ئەقىلغا زىت، بۇ ھەدىس قۇرئانغا زىت دېگىلى تۇرسا خۇددى سېسترا مېڭە ئوپېراتسىيىسى قىلغاندەك بىر ئىش بولۇپ قالىدۇ. ھەر ئىشنى ئۆز كەسپىدىكى ئادەم قىلىش لازىم.

دېمەك، ھەدىس شەرىپكە ھۇجۇم قىلىۋاتقانلار ۋە شۇبھە قوزغاۋاتقانلار ھەدىس ئىلمىنىڭ قائىدە-قانۇنىيەتلىرىنى بىلمەيدۇ. شۇڭا بەزىلىرى قەستەن قۇسۇر ئىزدەش ئۈچۈن ۋە سۈننەتنى ئۆرۈپ تاشلاش ئۈچۈن شۇبھە قوزغايدۇ، يەنە بەزىلىرى ھەدىسشۇناسلىقتىن خەۋىرى يوق تۇرۇپ ئەقلىمگە سىغمىدى دەپ تەنە قىلىدۇ. مۇنداق قارايدىغانلار فەقىھ ياكى مۇپەسسىر ياكى ھەدىسشۇناس بولغان بولسا كاشكى!

بىز«ھەدىسلەر ئارىسىدا زىتلىق بار»دېگەن شۇبھىگە جاۋاب ناملىق ماقالىمىزنىڭ ئاخىرىدا:«بۇخارى ۋە مۇسلىمدا قۇرئان ۋە ئىسلام روھىغا زىت ھەدىسلەر يوق دەپ كېسىپ ئېيتالايمىز. ئەگەر ئۇ ئىككى كىتابتا قۇرئان ۋە ئىسلام روھىغا زىت ھەدىسلەر بار دەپ قارىغۇچىلار بولسا، شۇ ھەدىسلەرنى كۆرسەتسۇن؟ ئۇلار بىلەن پاكىت ئاساسىدا مۇنازىرىلىشىشكە تەييارمىز»دېگەن ئىدۇق…

 

 

(2006- 12- 12  كۈنى يېزىلغان)

 

ئابدۇراخمان جامال كاشىغەرى