2024-يىل 7-ماي

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

تونۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن تۈرلۈك مىللەت قىلىپ ياراتتۇق

(تونۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن تۈرلۈك مىللەت قىلىپ ياراتتۇق) دېگەن ئايەت توغرىسىدا

ئاللاھ قۇرئاندا:«ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىز ھەقىقەتەن بىر ئەر، بىر ئايالدىن (ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن ئىبارەت) بىر ئاتا بىر ئانىدىن ياراتتۇق، ئۆز ئارا تونۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە ئۇرۇق قىلدۇق، ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۈرمەتلىك ھېسابلىنىسىلەر (يەنى كىشىلەرنىڭ بىر-بىرىدىن ئارتۇق بولۇشى نەسەب بىلەن ئەمەس، تەقۋادارلىق بىلەن بولىدۇ)، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر»دەيدۇ. (ھوجۇرات سۈرىسى، 13- ئايەت).

بۇ ئايەت دۇنياغا رەھمەت، ئادالەت، باراۋەرلىك، ھىدايەت، تىنىچلىق ۋە ياخشىلىق ئېلىپ كەلگەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋىتىنىڭ دۇنياۋى دەۋەت ئىكەنلىكىنى مۇقەررەرلەشتۈرمەكتە. شۇنداقلا ئىنسانىيەت بىرلىكى ئادالەت ۋە تەقۋالىق سايىسىدا ياخشىلىق ۋە تەرەققىياتنى رېئاللىققا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىنسانلار ھاياتىدا ھەمكارلىق، چىقىشىپ ياشاش ۋە تاكامۇللۇقنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىمەكتە. ئىسلام دىنى بارلىق ئىنسانلار ئارىسىدا دۇنياۋى بىرلىك ۋە ئورتاقلىقنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئېنىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويماقتا.

بۇ ئايەت ھۆرمەتتىكى باراۋەرلىك، مۇئامىلىدىكى ئادالەت ۋە ئۆز-ئارا مەنپەئەت ئالماشتۇرۇش ئىچىدە بارلىق ئىنسانىيەتكە خىتاب قىلىپ ئىنسان ئەسلىنىڭ بىرلىكىنى ئەسلەتمەكتە. قايسى زامان ياكى قايسى ماكاندا ياشىسۇن، قانداق مىللەت بولۇشىدىن قەتئىينەزەر باشقىلارغا ئۈستۈنلۈك قىلىش خىياللىرىنى ئىنكار قىلماقتا. شۇنداقلا كائىناتنىڭ ئەركەك ۋە چىشلىقتىن ئىبارەت قانۇنىيەت ئۈستىدە شەكىللەنگەنلىكىنى ئەسلەتمەكتە. شۇڭا ئىنسان كائىنات قانۇنىيىتى بويىچە جۇپ ۋە ھەمكارلىق ئىچىدە ياشايدۇ.

«تونۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە ئۇرۇق قىلدۇق» دېگەن ئايەت ئىنساننىڭ ئىرقى، ئىجتىمائىي ۋە تارىخى جەھەتتىن تۈرلۈك بولىدىغانلىقىنى مۇقەررەرلەشتۈرمەكتە. ئىنسانلارنىڭ تىل، رەڭ ۋە ئىرقى جەھەتتىن تۈرلۈك بولغانلىقى دىن، ئېقىم، كۆز-قاراش، سىياسەت، ئىقتىساد، ئىجتىمائىي ۋە مائارىپ جەھەتتىن تۈرلۈك بولىشىغا ئېلىپ بارىدىغانلىقى شەكسىز ھەقىقەت. خىلمۇ-خىل خەلقنىڭ داۋاملىشىشى ئۈچۈن تۈرلۈك خەلقلەر ئارىسىدا ھەمكارلىشىش مۇھىم. مانا بۇ ئاللاھنىڭ ئىرادىسى، ھېچقانداق بىر مەخلۇق ئاللاھنىڭ بۇ ئىرادىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋېتىشكە قانداقمۇ پېتىنالىسۇن!.

ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان «تونۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن» دېگەن سۆز ئىنسانلار ئارىسىدا ياخشى ئالاقە تۇرغۇزۇش، ياخشى ئىشلاردا ھەمكارلىشىش ۋە چىقىشىپ ياشاش دېگەن مەنىلەرنى بېرىدۇ. ئۆز-ئارا تونۇشۇش چىقىشىپ ياشاش، ماسلىشىش، ھەمكارلىشىش ۋە ياردەملىشىشنى تەقەززا قىلىدۇ.

«تونۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن»دېگەن ئايەت زېمىننى گۈللەندۈرۈش، زېمىننىڭ مەنپەئەتلىرىنى ئۆز-ئارا ئالماشتۇرۇش ۋە ماسلاشقان گۈزەل مۇھىتنىڭ ھاسىل بولىشى ئۈچۈن ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئالاقىنىڭ ماددى، مەنىۋى، مەرىپەت ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتىن شەكىللىنىشىنى تەقەززا قىلىدۇ.

«تونۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن»دېگەن ئايەت مەدەنىيەتلەر توقۇنۇش ئىدىيىسىنى يوقىتىش، ئۈستۈنلۈك قىلىش كۆز-قارىشىنى تۈگىتىش، مۇئامىلىدە قوش بىسلىق ئۆلچىمەسلىك ۋە پەزىلەتنى مۇئەييەن بىر رايوندا مونوپۇل قىلىۋالماسلىقنى تەلەپ قىلىدۇ.

تونۇشۇش: باشقىلارغا دۈشمەن مەيداندا تۇرۇش، پاسسىپ مەيداندا تۇرۇش ياكى توقۇنۇش پەيدا قىلىش دېگەنلىك ئەمەس. بېكىنمىچىلىك قىلىشمۇ ئەمەس، شۇنداقلا باشقىلارنىڭ كۆز-قاراشلىرىدا ئېرىپ تۈگەپ كېتىشمۇ ئەمەس.

تونۇشۇش ئۈچۈن خىلمۇ-خىل بولۇشنى ئېتىراپ قىلىش، باشقىلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى، سالاھىيىتى ۋە خۇسۇسىيەتلىرىنى ھۆرمەتلەشنى تەلەپ قىلىدۇ. بىلىم-مەرىپەتلەرنى ئالماشتۇرۇش ھاياتنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى مۈشكۈللىرىگە ھەمكارلىشىشنى تەقەززا قىلىدۇ. چۈنكى بىلىم- مەرىپەت ۋە مەلۇمات ئىنسانىي ئورتاقلىققا ئىگە. تونۇشۇش مەدەنىيەتلەر ئارا ھەمكارلىشىش، مەرىپەت ۋە ھەمكارلىقتا ئۆز-ئارا ماسلىشىش، ئىدىيە ئېقىملىرىدىن پايدىلىنىش ۋە مىللەتلەر ئارا يار يۆلەكتە بولۇش دېمەكتۇر.

دۇنيا تۈرلۈك مەدەنىيەتلەر سورۇنىدىن ئىبارەت. تۈرلۈك مەدەنىيەتلەردە ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىشقا بولىدىغان «ئومۇمىي ئىنسانىي ئورتاقلىق»رايونى تېپىلىدۇ. ھەر بىر مەدەنىيەتنىڭ  باشقىلاردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان مەدەنىيەت كىملىكى ۋە مەدەنىيەت خاسلىقى بولىدۇ. ھەر بىر مەدەنىيەتنىڭ رېئايە قىلىشقا تېگىشلىك ۋەتەن، مىللەت، مەدەنىيەت ۋە ئىقتىساد مەنپەئەتلىرى بولىدۇ.

يۇقىرىقى ئايەتتە ئىسلام دىنى ئىنسانلار ئارىسىدا تونۇشۇشقا، ھەمكارلىشىشقا ۋە چىقىشىپ ياشاش مەدەنىيىتىگە چاقىرىق قىلماقتا. چىقىشىپ ياشاش مەدەنىيىتى مەدەنىيەتلەر ئارا سۆھبەت ئېلىپ بېرىش  ۋە تونۇشۇش پرىنسىپى ئۈستىگە قۇرۇلغان. ئەلۋەتتە بۇ يەردە ھەر بىر ئۈممەتنىڭ ئۆزىگە خاس ئەقىدە، مەدەنىيەت، ئەخلاق، تىل ۋە مىللى ئارتۇقچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىش لازىم.

ئىنسانلار ئارىسىدا ئۆز-ئارا ھۆرمەتلەش مەدەنىيىتىنى يۈكسەلدۈرۈش، ئورتاق قىممەت-قاراشلارنى كەشىپ قىلىپ چىقىش، خەلقلەرنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقىش ئۈچۈن مەدەنىيەتلەر ئارىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بېرىش دىنى مەجبۇرىيەت ۋە ئىنسانىي زۆرۈرىيەت. زېمىننى گۈللەندۈرۈشتە بارلىق كىشىلەر ئورتاق. ئىنساننىڭ ھاياتى ۋە ھۆرمىتى مۇقەددەس مەسىلە. كىشىلەر ئارىسىدىكى ئورتاق پايدىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە زىياننىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىنسانىي ھەمكارلىق ۋاجىپ.

ئىسلام باشقىلار بىلەن چىقىشىپ ياشاش ئۈچۈن ئورتاقلىقنى ئاللىبۇرۇن ئوتتۇرىغا قويغان:«ئى ئەھلى كىتاب!(يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) پەقەت ئاللاھغىلا ئىبادەت قىلىش، ئاللاھغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەسلىك، ئاللاھنى قويۇپ بىر-بىرىمىزنى خۇدا قىلىۋالماسلىقتەك ھەممىمىزگە ئورتاق بولغان بىر سۆزگە (يەنى بىر خىل ئەقىدىگە) ئەمەل قىلايلى» دېگىن»(ئال ئىمران سۈرىسى،64- ئايەت).

 

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرى

2015.4.1 كۈنى

مىسىر، قاھىرە شەھىرى.