2024-يىل 7-ماي

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

مۇسىبەت ۋە خاپىلىقنىڭ سەۋەبى ئۆزۈڭلار

مۇسىبەت ۋە خاپىلىقنىڭ سەۋەبى ئۆزۈڭلار

سىلەر «مۇسىبەت قەيەردىن كەلدى؟ قانداق پەيدا بولدى؟»دېدىڭلار. ئېيتقىنكى،«ئۇنىڭغا سىلەر ئۆزۈڭلار سەۋەبچى. ئۇ سىلەرنىڭ ئۆزلىرىڭلاردىن (يەنى پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىڭلار ۋە غەنىمەتكە ھېرىس بولغانلىقىڭلاردىن) بولدى» (ئال ئىمران، 165-ئايەت)دېگەن ئايەت توغرىسىدا.

ئاللاھ تائالا ئىسلام ئۈممىتىنى قەدىرلەپ ئۇلارغا تەلىم-تەربىيە بېرىدىغان، ئۇلارنىڭ قەلبىنى پاكلايدىغان ۋە ئۇلارنىڭ ئەقلىنى ئاللاھنىڭ يولى بويىچە ھايات كەچۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدىغان پەيغەمبەرنى ئەۋەتىپ بەردى. ھالبۇكى ھەر دەۋردىكى ئىنسانلارنىڭ كۆپ قىسمى ھەقىقەتلەرگە قارىتا مۇئامىلە قىلغاندا تېگىشلىك مېتود (يول) بىلەن مۇئامىلە قىلمايدۇ. ئۇلاردىن كۆپلىرى بىلىم-مەرىپەتنىڭ كەمچىللىكى ياكى تەربىيلىنشتىكى نۇقسان ياكى ئىجتىمائىي مۇھىت.. سەۋەبىدىن ھەقىقەتنى تېپىپ چىقىشتا تېڭىرقاپ قالىدۇ.

بىزنىڭ دەۋرىمىزدىمۇ ھەقىقەتتىن تۈرلۈك شەكىللەرگە قاچىدىغان ئىش تەرەققى قىلماقتا. بەزىلەر مەغلۇب بولغانلىقى ۋە خاتالاشقانلىقىنى تەلەيگە ياكى ئىجتىمائىي مۇھىتقا ياكى چوڭ كۈچلەرگە ئارتىپ قويۇۋاتىدۇ. قۇرئان كەرىم بولسا مۇسۇلمان كىشىدىن سەۋەب-نەتىجە دۇنياسى بولغان ئالەم بىلەن ماسلىشىش ئۈچۈن ھەقىقەتكە قارىتا يۈزمۇ-يۈز مۇئامىلە قىلىشنى ۋە ئۆزىنى قايتا-قايتا تەكشۈرۈشنى ئىرادە قىلغان. ھەر ئىشنى ئىسلاھ قىلىش ئىمكانىيىتى بولىدۇ، ئىنسان قۇرۇپ چىقىش ۋە مۇداپىئە قىلىشتا مۇھتاج بولىدىغان ۋاسىتىلەر بەزىدە كەم بولۇپ قالىدۇ،  بەزىدە يوق بولۇپ قالىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئىشنى تۈزىتىش ئۈچۈن دىققىتىمىزنى ئۆزلۈك كەمچىللىككە قاراتساق، سىرتقى شارائىتلار ھەر قانچە ناچار بولسىمۇ ئۇنىڭ تەسىرى چەكلىك بولىدۇ.

ئىنسان بەزىدە ئۆزى ئىشەنگەن ھەقىقەتكە دەۋەت قىلالمايدۇ ياكى ھەقىقەتنى رېئال ھاياتقا چۈشۈرەلمەي قالىدۇ، بىراق بۇ مەسىلە ھەرگىزمۇ ئۇنى ئۆزى توغرىسىدا شۇ ھەقىقەتنىڭ سايىسىدا ياشاشتىن توسىيالمايدۇ. «ئۇھۇد» ئۇرۇشىدا مۇسۇلمانلارغا مۇسىبەت يەتكەندە بەزى مۇسۇلمانلار بىز ئاللاھنىڭ ئەڭ يېقىن بەندىلىرى ۋە ئەۋلىيالىرى تۇرساق، قوماندانىمىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۇرسا:«بۇ مۇسىبەت قانداق پەيدا بولدى؟» دەپ ھاڭ تاڭ قېلىشتى. قۇرئان كەرىمنىڭ بۇلارغا بەرگەن جاۋابى:«مۇسىبەت-خاپىلىققا سىلەر سەۋەبچى»(ئال ئىمران سۈرىسى، 165-ئايەت) دەپ ناھايىتى ئېنىق ۋە بىۋاستە جاۋاب بولدى. چۈنكى بىر بۆلەك مۇسۇلمانلارنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ياكى بەدرى جېڭىدە ئەسىرلەردىن تۆلەم قوبۇل قىلغانلىقى سەۋەبلىك مۇسىبەت كەلگەن ئىدى.

ئادەتتە بۇ مەيداندا باشقىچە سەۋەب كۆرسىتىش مۇمكىن ئىدى. مەسىلەن، مۇشرىك كاپىرلارنىڭ سانى مۇسۇلمانلارنىڭ سانىدىن تۆت ھەسسە كۆپ ئىكەن ياكى مۇسۇلمانلارنىڭ تەييارلىقى مۇشرىك كاپىرلارنىڭ تەييارلىقىدىن تۆۋەن ئىكەن دېگەندەك ئىنسان ئەقلى ئىجات قىلىش مۇمكىن بولىدىغان سەۋەبلەرنى ئىللەت ئورنىدا كۆرسىتىش مۇمكىن ئىدى. بىراق قۇرئان كەرىم ئۇلارغا كەلگەن مۇسىبەتنىڭ ئىچكى ئاجىزلىق سەۋەبىدىن بولغانلىقىنى ھېس قىلدۇرماقچى بولغان، بۇرۇنقى مۇسۇلمانلار بۇ دەرستىن ناھايىتى ياخشى پايدىلانغان. ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆز-ئۆزىنى تەكشۈرۈشى، ئۆز ئۆزىدىن ھېساب ئېلىشى ھادىسە ۋە نەرسىلەر بىلەن مۇئامىلە قىلىشتا ئىسلام تەسەۋۋۇرى تايىنىدىغان ئاساسلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان. ھەزرىتى ئۆمەر دۈشمەن ۋە ئۇلارنىڭ تەييارلىقلىرىدىن ئەنسىرگەندىن بەكرەك ئەسكەرلىرىنىڭ گۇناھ قىلىپ سېلىشىدىن بەكرەك ئەنسىرەيدىغان ئىدى. چۈنكى گۇناھ مەنىۋى ئاجىزلىقنىڭ سىمۋولىدۇر، ھاۋايى-ھەۋەس ۋە شەھۋەتكە بېرىلىش ئاللاھنىڭ ئىنسانلار بىلەن كارى بولماسلىق ۋە ئۇلارنى ئۆزلىرىگە تاشلاپ قويۇشىغا سەۋەب بولىدۇ. بۇرۇنقى مۇسۇلمانلارنىڭ تارىخىغا قارايدىغان بولساق ئۇلارنىڭ پۈتۈن غېمى ئۆزلىرىنى تۈزەش، كۈچىنىڭ يېتىشىچە شەرىئەتنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئۇيغۇن ھالدا ئىش-ھەرىكەت قىلىش ۋە مۇرەككەپ ياكى مۇمكىن بولمايدىغان ئىشنى دەپ مۇمكىن بولىدىغان ئىشنى زايە قىلىۋەتمەسلىككە مەركەزلەشكەن ئىدى. ئۇلار:»بۈگۈن مۇمكىن بولىدىغان ئىشنى قىلساق، مۇمكىن بولمايدۇ دەپ قارالغان ئىشلار ئەتە مۇمكىن بولىدۇ»دېگەن سۆزگە قارىتا مۇمكىن بولىدىغان ئىشلارنى قىلىشنىڭ مۇرەككەپ ۋە قېيىن ئىشلارنى بويسۇندۇرۇشنىڭ ياخشى ۋاستىسى ئىكەنلىكىنى بىلەتتى.

قۇرئان كەرىم ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا مۇنداق خىتاب قىلغان:«(ئى مۇھەممەد!) ئاللاھنىڭ يولىدا كۆرەش قىلغىن(يەنى ئۆزەڭ يالغۇز بولساڭمۇ كۆرەش قىلغىن، ساڭا غەلىبە ۋەدە قىلىنغان). سەن پەقەت ئۆزەڭگىلا جاۋابكارسەن، مۆمىنلەرنى (كۈرەشكە) قىزىقتۇرغىن، ئاللاھنىڭ كاپىرلار كۈچىنى توسىدىغانلىقىمۇ ھەقىقەتتۇر…» (نىسا سۈرىسى، 84-ئايەت).

بۇ ئايەت مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىش ۋە مەسئۇلىيەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشتا مۇسۇلمان كىشى-گەرچە يالغۇز قالسىمۇ-نىڭ قانداق قىلىشى توغرىسىدا ئېنىق كۆرسەتمە بەرمەكتە. بىز بىرەر مەسىلىگە نەزەر يۈرگۈزگەندە ياكى باھا بەرگەندە ئىككى نۇقتىدىن ھالقىپ كەتمەسلىك كېرەك:

بىرىنچى: ئۆزىمىز. ئېنىق ھەقىقەت شۇكى مۇسۇلمانلار ئارقىدا قالغان بولسا، بىزمۇ شۇ مۇسۇلمانلارنىڭ بىر قىسمى، بىزنىڭ ئىشلارغا تۇتقان پوزىتسىيلىرىمىز ئارقىدا قېلىشىمىزنىڭ بىر قىسمى. شۇڭا بىز ئەقلى ئىسراپچىلىق، قالايمىقان ئىش قىلىش، پاسسىپلىق، شەخسىيەتچىلىك.. دېگەندەك خاتا ئىستىللارغا قارىشى كۆرەش قىلىشىمىز لازىم.

ئىككىنچى: بىز ياشاۋاتقان مۇھىت. بىز دائىم ئىسلام دۇنياسىنى ئوراپ تۇرغان مۈشكۈلە ۋە كەمچىللىكىنىڭ كۆپلۈكىدىن شىكايەت قىلىمىز. ھەسرەت چېكىپ ئولتۇرغاننىڭ ئورنىغا كېچىك بولسىمۇ زېرىكمەي ئەمەلىي بىر ئىش قىلايلى، شام بولسىمۇ يورۇتايلى، يولنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرەيلى، ھەسسە قوشايلى، ئىمكانىيىتىمىز يېتىدىغان ئىشلارغا كۈچنى مەركەزلەشتۈرەيلى.

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنۇ ھەدىسنى تەھلىل قىلىپ كۆرەيلى:«مەن ئاللاھدىن ئۈچ نەرسىنى تىلىسەم، ئىككى نەرسىنى بېرىپ بىر نەرسىنى بەرمىدى. مەن ئاللاھدىن مۇسۇلمانلارغا ئۆزلىرىدىن باشقا دۈشمەننى ئىگە قىلىپ قويمىسىلا دەپ سورىسام ئۇنى بەردى. مەن ئاللاھدىن مۇسۇلمانلارنى ئومۇميۈزلۈك ئاپەت بىلەن ھالاك قىلىۋەتمەسلىكنى تىلىسەم ئۇنى بەردى. مەن ئاللاھدىن مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئىچكى توقۇنۇش يۈز بەرمىسىكەن دەپ تىلىسەم، بۇ تىلىكىم قوبۇل قىلىنمىدى» (مۇسلىم رىۋايىتى).

بۇ ھەدىسكە چوڭقۇر نەزەر تاشلىساق، مۇسۇلمانلارغا سىرتتىن كېلىۋاتقان مۇسىبەت ۋە بارلىق تاجاۋۇزچىلىقنىڭ ھەممىسى بىزدە تاجاۋۇزچىلىقنى قوبۇل قىلىش ئىدىيىسىنىڭ بارلىقىدىن بولغان.

بىز ئومۇمىي ھاياتىمىزدا چۈشەنچە كەمچىللىكى، تەربىيە كەمچىللىكى، روھسىزلىق، پرىنسىپال مەسىلىلەردە چىڭ تۇرالماسلىق ۋە روشەن ساغلام ئىدىيەنى بويلاپ ماڭالماسلىق كېسىلىگە ئۇچراۋاتىمىز. بىز بۇ خىل تۈردىكى ئاجىزلىقتىن قۇتۇلغاندا دۈشمەنلەرنىڭ ھىيلىسى ھەر قانچە كۆپ بولسىمۇ زىيان سالالمايدۇ.

 

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرى.

2015.10.20 كۈنى

مىسىر. قاھىرە شەھىرى.