2024-يىل 28-ئاپرېل

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

ئىدىيەنى تۈزۈتۈش قۇرئاننىڭ مۇھىم مەقسىتى

ئىدىيەنى تۈزۈتۈش قۇرئاننىڭ مۇھىم مەقسىتى

 

‏پىكىر (ئىدىيە)نى تۈزۈتۈشمۇ قۇرئاننىڭ مۇھىم مەقسەتلىرىنىڭ بىرى. شۇنىسى  ئېنىقكى قۇرئان كەرىم ئىنسان تەبىئىيىتى، ھېكمەت، ئەقىل، ئىدىيە، بىلىم-مەرىپەت ۋە پاكىتنىڭ قىممىتى ھەققىدە كۆپ توختالغان. قۇرئاننىڭ يۇقىرىقىلارنى بايان قىلىشتىكى مەقسىتى بۇ ئىشلارنىڭ ئورنىنى مۇستەھكەملەش ۋە ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈشكە رىغبەتلەندۈرمەكچى. ‏شەرىئەت ئالىملىرى ئەقىلنى ھىمايە قىلىش ئىسلام شەرىئىتىنىڭ مەقسەتلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىدە ئىتتىپاق. شەرىئەت مەقسەتلەرنىڭ قۇرئاننىڭ مەقسىتى ئىكەنلىكىدە ۋە ئۇنىڭ ئاساسىنىڭ قۇرئاندا بارلىقىدا شەك يوق. بۇ يەردە كۆزلەنگەن ئەقىلنى قوغداشتىن مەقسەت ئەقىل يۈرگۈزۈش ۋە تەپەككۈر قىلىش مېتودىنى تۈزەش ۋە ئىسلاھ قىلىشتۇر.

‏ئاللاھ كۆپلىگەن ئايەتلەردە پەيغەمبەرلىرىگە قۇرئان ۋە ھېكمەت  چۈشۈرگەنلىكىنى بايان قىلدى، ھېكمەت دېگەن ئىشلارنى توغرا چۈشىنىش ۋە شۇنىڭ تەقەززاسى بۇيىچە ئەمەل قىلىش دېگەندىن باشقا نەرسە ئەمەس. دېمەك، ھېكمەت دېگەن بىلىم-مەرىپەت ۋە ئەمەلنى پۇختا قىلىش دېگەنلىك بولىدۇ. ھېكمەت دېگەن سۆز، ھۆكۈم ۋە ئىشلارنى مۇناسىپ ئورنىغا چۈشۈرۈش دېمەكتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ «كىمگە ھېكمەت بېرىلسە يەنى كىم ھېكمەتكە ئېرىشسە چوقۇم كۆپ ياخشىلىققا ئېرىشكەن بولىدۇ» دېگەن (بەقەر، 269-ئايەت).

‏دېمەك، ھېكمەت دېگەن توغرا مېتود ۋە ساغلام ئىدىيىدىن ئىبارەت. پەيغەمبەرلەر مانا مۇشۇ ھېكمەتنى قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن كەلگەن. مۇشۇ مەزمۇن كۆپلىگەن ئايەتلەردە ئېنىق تىلغا ئېلىنغان.‏ ئايەتلەردىكى ھېكمەت سۆزىدىن مەقسەت دىن ۋە ئەقىلگە توغرا يول تۇتۇش ۋە سۆزنى توغرا قىلىش دېمەكتۇر. شۇنداقلا ساغلام ئەقىل، توغرا كۆز-قاراش، توغرا مەرىپەتمۇ ھېكمەتنىڭ دەل ئۆزىدۇر. بەزىلەر ھېكمەتنى«نەرسىلەرنى ئۆز ماھىيىتى بۇيىچە تونۇش» دەپ تونۇشتۇرغان. ھېكمەت ئىلمى ۋە ئەمەلىي نۇقتىدىن دەسلەپتە تەقەززا قىلىدىغان دەسلەپكى نەرسە ئىدىيە ۋە ھۆكۈمنىڭ بىلىم مەرىپەت ۋە پاكىت ئۈستىدە مەۋجۇد بولىشىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئان كەرىم بىر كۆز-قاراشقا كەلگەن ياكى بىر نەرسىگە ئىشەنگەن ياكى بىر نەرسىگە ھۆكۈم چىقارغان ئادەمنىڭ شۇ خىل كۆز-قارىشىغا ھۆججەت ۋە دەلىل كەلتۈرۈشىگە چاقىرغان«ئەگەر كۆز-قارىشىڭلاردا راستچىل بولساڭلار پاكىت كەلتۈرۈڭلار» (بەقەر، 111-ئايەت).

مەسىلىنى چۈشىنىش، بىلىش ۋە تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئەقىل، قۇلاق ۋە كۆزنى ئىستىمال قىلىشقا چاقىرغان ئايەتلەرمۇ كۆپ بولۇپ، تۈرلۈك ئىپادىلەشلەر بىلەن كەلگەن. ئەقىل، قۇلاق ۋە كۆزدىن ئىبارەت بۇ ئۈچ نېمەت ئىنساننىڭ بىلىش، ئىزدىنىش، چۈشىنىش ۋە ئاڭقىرىشى ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم ۋاسىتىلەر ئىكەنلىكى ئېنىق. ‏ئاللاھ  قايسى بىر ئىنساننىڭ ئەقلى، قۇلىقى ۋە كۆزىنى توغرا ئىشلەتمەي كېرەكسىز قىلىپ قويۇپ ئۈنۈملۈك پايدىلانمىغانلارنى ھايۋانغا ئوخشاش دەپ سۈپەتلىگەن. (نەھل سۈرىسى، 78-ئايەت، ئەئراپ سۈرىسى، 179-ئايەتلەرگە قاراڭ).‏

قۇرئان كەرىمنىڭ كۆپ مىسال كەلتۈرگەنلىكى ۋە شۇ مىساللارنى ئويلىنىشقا، مەنىسى ۋە مەقسەتلىرىنى چۈشىنىشكە چاقىرغانلىقى ھەممىگە ئايان. مىسال كەلتۈرۈش كىشلەرگە خاس كۆز-قاراشتىن ئومۇمى قاراشقا، تارماق قاراشتىن پرىنسىپال قاراشقا يۆتكىلىشنى ئۆگىتىدۇ. مىسال كۆرسىتىش شەخس، سۈپەت، سەۋەب، ئىش-ھەرىكەتلەردىن ئىبارەت مۇئەييەن قىسمەن ھالەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. لېكىن ئۇ ياخشى ياكى يامان بولسۇن تەكرارلىنىدىغان ياكى تەكرارلىنىشى قوبۇل قىلىدىغان ‏ئۆرنەك خاراكتېرگە ئىگە. ئاللاھنىڭ مەخلۇقلىرىدا مۇنتىزىم جارى بولۇۋاتقان قانۇنىيەتلىرى قىسمەن مىساللارنىڭ پرىنسىپال ئۇقۇمغا ئىگە ئۆرنەك بولۇشقا رۇخسەت قىلىدۇ. دېمەك، مۇئەييەن مىسال كەلتۈرۈش ھۆكۈم چىقىرىش، تەپەككۈر قىلىش ۋە ئىبرەت ئېلىشنىڭ ئۆلچىمى بولىدۇ.

ئىسلام ئەقىدىسى چېگرىسى ۋە بەلگىلىرى ئېنىق بولغان ئىلاھىي ۋەھىي. ئىدىيە بولسا ئىنساننىڭ ئىجتىھاتى كۆز-قارشى. ئىنساندىكى ئىدىيە بولسا ئەقىدە ئاساسىدا شەكىللىنىدىغان نەتىجە. مەرىپەت بولسا پەلسەپىنىڭ نەتىجىسى، بۇ پەلسەپە ئەقىدە ئاساسىدا شەكىللىنىدۇ. ئۇنداقتا مەرىپەت ئۈممەتنىڭ مەدەنىيەت مەھسۇلاتى. قۇرئان كەرىم تەپەككۈر قىلالايدىغان، نەزەر يۈرگۈزەلەيدىغان مۇسۇلمانغا نىسبەتەن مەرىپەت مەنبەسىدۇر.

ئىسلام دىني مۇسۇلمانلارنىڭ ئىدىيە تەرەپلىرىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردى. ئىسلام دىنىي چاقىرغان ئىدىيە ۋە پرىنسىپنىڭ ئېنىق، ئەمەلىيەتچان ۋە ئىنسان تەبىئىتىگە ئۇيغۇن كېلىشىگە كۆڭۈل بۆلدى. شۇنداقلا قۇرئان كەرىم ئەقىدە پرىنسىپلىرىنى بايان قىلدى ۋە ئۇنى تۈرلۈك ئازغۇنلۇق كۆرۈنۈشلىرىدىن ساقلاشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.

ئەقىدىنى قوغداش ئىدىيە بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىملىرىنىڭ بىرسى ۋە ئاساسىي. ئەقىدە مۇسۇلماننىڭ ھەزارەت كىملىكىنى ئايرىپ بېرىدىغان تۈۋرۈك. ئىدىيىنى ئىسلاھ قىلىش ھەر قانداق ئىسلاھاتنىڭ ئاچقۇچى. ئازغۇن ئەقىدە ۋە خاتا ئىدىيە بىلەن بۇلغانغان خەلقنى ئىسلاھ قىلىشتىن ئۈمىد كۈتكىلى بولمايدۇ.

 

‏‏ئىدىيە ۋە تەپەككۈر مېتودىدىكى نۇقسان تەرەپلەر

 

‏قۇرئان كەرىم ساغلام پىكىر قىلىش مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يۇقىرىقى پرىنسىپ خاراكتېرلىك ئاساسلارنى بايان قىلغاندىن كېيىن، ئىدىيە ۋە تەپەككۈر مېتودى دۈچ كىلىدىغان بىر قىسىم ئاپەت ۋە ئىللەتلەردىن قاتتىق ئاگاھلاندۇرغان.

 

‏1.دورامچىلىق ۋە مەيدانسىزلىق:

 

‏ئاللاھ ئىنسانغا ئەقىل ۋە پىكىر قىلىش نېمىتىنى ئاتا قىلىپ، ئۇنىڭغا شەخسى كىملىك ۋە ئۆزلۈك ۋەزىپە قىلىپ بەلگىلىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر بىر ئادەم ھالقىلىق مەسىلىلەردە ئۆزى ئۈچۈن ئۆزى شەخسى تەپەككۈر قىلىشى لازىم. ھالقىلىق ۋە ئاقىۋەتلىك جىددى مەسىلىلەردە ئويلىنىش ۋاكالەتچىلىكنى ياكى قولدىن بېرىپ قويۇشنى قوبۇل قىلمايدۇ. بىلىمسىز كىشىلەر ئىشەنچىلىك ئالىملاردىن  پايدىلانسا، ئىقتىدارى يەتمەيدىغان ۋە ياخشى قىلالمايدىغان ئىشلاردا ئۇلارنى دورىسا بولىدۇ، لېكىن بۇ  ئىش ئۇ ئادەملەرنى كۈچىنىڭ يېتىشىچە نەزەر يۈرگۈزۈش ۋە ئىزدىنىشتىن كەچۈرۈۋېتەلمەيدۇ ياكى توساپ قويسا بولمايدۇ.

‏قۇرئان كەرىم كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ئەقلىنى ئىشلەتمەسلىكى، ئويلانماستىن ۋە پەرقلەندۈرمەستىن باشقىلارنىڭ كەينىگە ئەگىشىپ كىرىپ  كېتىشىدىن قاتتىق ئاگاھلاندۇرغان:«ھەر قاچان ئۇلارغا (يەنى مۇشرىكلارغا): «ئاللاھ نازىل قىلغان نەرسىگە (يەنى ئاللاھ پەيغەمبىرىگە نازىل قىلغان ۋەھىيگە، قۇرئانغا) ئەگىشىڭلار» دېيىلسە، ئۇلار:«ياق، ئاتا-بوۋىلىرىمىزدىن قالغان دىنغا ئەگىشىمىز» دېيىشىدۇ. ئاتا-بوۋىلىرى ھېچ نەرسىنى چۈشەنمىگەن ۋە توغرا يولدا بولمىغان تۇرسا، يەنە ئۇلارغا ئەگىشەمدۇ؟»(بەقەر ، 170-ئايەت).

 

‏2. پەرەز ۋە گۇمانغا ئەگىشىش:

 

كۆپلىگەن  كىشلەر ئۆزىدە ئادەتكە ئايلىنىپ كەتكەن ياكى مىجەزىدىن كېلىپ چىقىۋاتقان ‏گۇمان ۋە خىيالنىڭ كەينىدە ماڭىدۇ، ئىشلارنى دەلىلى بىلەن ۋە ئەسلى مەنبەسىدىن تەكشۈرۈشكە سەۋر قىلمايدۇ:«ئەگەر سەن يەر يۈزىدىكى كۆپچىلىك كىشىلەر (يەنى كۇپارلار)گە ئىتائەت قىلساڭ، ئۇلار سېنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرىدۇ، ئۇلار پەقەت گۇمانغىلا ئەگىشىدۇ، ئۇلار پەقەت يالغاننىلا سۆزلەيدۇ»(ئەنئام سۈرىسى، 116-ئايەت).

‏«بۇ بۇتلار پەقەت سىلەر ۋە ئاتا-بوۋاڭلار ئاتىۋالغان قۇرۇق ناملاردىنلا ئىبارەت، ئاللاھ بۇنى ئىسپاتلايدىغان ھېچ بىر دەلىل-پاكىت چۈشۈرگىنى يوق، ئۇلارغا پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن شەك-شۈبھىسىز ھىدايەت (يەنى پەيغەمبەر ۋە قۇرئان) كەلگەن تۇرۇقلۇق، ئۇلار پەقەت گۇمانغىلا ۋە نەپسىلىرىنىڭ خاھىشىغىلا ئەگىشىدۇ.‏ ئىنسان نېمىنى ئارزۇ قىلسا شۇ بولامدۇ؟» (نەجم سۈرىسى، 23،25- ئايەت).

 

3.ئوخشىمايدىغان نەرسىلەرنى باراۋەر قىلىپ قويۇش، ئوخشايدىغان نەرسىلەرنى ئايرىۋېتىش:

‏مانا بۇمۇ يۈزەكى كۆز-قاراشنىڭ نەتىجىسى. ئاللاھنىڭ قانۇنىيىتى ۋە ئادالىتى ھەر بىر ھەقنى ئۆز ئىگىسىگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئوخشىمايدىغان نەرسىلەرنى پەرقلەندۈرۈشكە، ئوخشاش نەرسىلەرنى جەملەش ئۈستىگە قۇرۇلغان. ئاللاھ پەرقلىق نەرسىلەرنى ئارىلاشتۇرىۋېتىدىغان، بەزىدە ئوخشاش نەرسىلەرنى ئايرىۋېتىدىغان كىشىلەرنى ئەيىبلىگەن :«سىلەر ھاجىلارنى سۇ بىلەن تەمىنلەشنى، مەسچىتى ھەرەمنى ئاۋات قىلىشنى ئاللاھغا، ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان ۋە ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلغانلارنىڭ(ئىمانىغا) ئوخشاش ھېسابلامسىلەر؟ ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئۇلار ئوخشاش ئەمەس. ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ.‏ ئىمان ئېيتقانلارنىڭ، ھىجرەت قىلغانلارنىڭ ۋە ماللىرى ھەم جانلىرى بىلەن ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلغانلارنىڭ دەرىجىسى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ كاتتىدۇر، ئەنە شۇلار (ساۋاب تېپىش بىلەن) مەقسىتىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر» (تەۋبە، 19، 20-ئايەت).

‏يەنە«يامان ئىشلارنى قىلغانلار (يەنى گۇناھكار كۇپارلار) ئۆزلىرىنى ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلاردەك قىلىشىمىزنى، ھاياتلىقتا، ماماتلىقتا ئۇلار بىلەن ئوخشاش قىلىشىمىزنى ئويلامدۇ؟ (يەنى ئۇلارنى ئوخشاش قىلىشىمىز مۇمكىن ئەمەس) ئۇلارنىڭ چىقارغان ھۆكمى نېمىدېگەن يامان!‏» دېگەن (جاسىيە، 21- ئايەت).

‏قۇرئان كەرىم ئىلمىي ئەقىلنى يېتىشتۈرۈشنىڭ قىممەت-قاراشلىرىنى تۆۋەندىكىدەك بەلگىلىگەن:

‏ئىشەنچ ئورنىدا گۇماننى رەت قىلىش،

‏ھاۋايى-ھەۋەس، نەپسى خاھىش ۋە ھېسسىياتقا ئەگەشمەسلىك،

‏ئاتا بوۋىلارنىڭ تۇتۇپ ماڭغان يولىنى تەكشۈرمەي تۇرۇپ، كۆزنى يۇمۇپ ئەگىشىشنى رەت قىلىش،

‏چوڭلارغا ھۆججەتسىز ئەگىشىشنى ئىنكار قىلىش،

‏پاكىتسىز ئىدىيە ۋە كۆز-قاراش قوبۇل قىلماسلىق،

‏ئاللاھنىڭ كائىناتتىكى قانۇنىيىتىگە رېئايە قىلىشتىن ئىبارەت.

 

 

قۇرئاننىڭ مەقسەتلىرىنى بىلىشتىن كېلىپ چىقىدىغان مۇھىم پايدىلار

 

‏1.قۇرئان كەرىمنىڭ مەقسەتلىرىنى بىلىش قۇرئاننىڭ تەلىماتى ۋە كۆرسەتمىلىرىنى ئاشۇرۇۋەتمەي ۋە كېمەيتىپ قويماي توغرا چۈشىنىشنىڭ  ساغلام يولى. قۇرئاننىڭ مەقسەتلىرىنى قۇرئان ئۆزى بايان قىلغان ۋە قۇرئان شۇ سەۋەب ئۈچۈن چۈشكەن ۋە مەزمۇنلىرىدىن يەكۈنلەنگەن مەقسەتلەردۇر.

‏2.قۇرئاننى ئوقۇغاندا قۇرئاننىڭ ئومۇمى مەقسەتلىرىنى بىلىش ۋە  داۋاملىق ئېسىگە كەلتۈرۈش، قۇرئاننىڭ تەپسىلى مەزمۇنلىرى ۋە خاس مەقسەتلىرىنى توغرا چۈشىنىش شارائىتىغا ئىگە قىلىدۇ.

‏3.قۇرئاننىڭ مەقسەتلىرىنى بىلىش ئارقىلىق ھەدىس شەرىپىنىڭ مەقسەتلىرىنى توغرا چۈشەنگىلى بولىدۇ.

‏4.قۇرئاننىڭ مەقسەتلىرى يەككە ۋە كوللېكتىپ ئىشلارنى، شەخسى ۋە ئاممىۋى ھاياتىمىزنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم. قۇرئاننىڭ مەقسىتىنى تۇتۇپ ماڭمايدىغان قەلبكە ياكى ئەخلاققا ياكى ئىقتىسادقا ياكى سىياسەتكە ياكى مەدەنىيەتكە چېتىشلىق قايسى بىر ئىش بولسۇن، ئۇ قۇرئاننىڭ كۆرسەتمىسىدىن چەتنىگەن ئىشتۇر.

‏مەسىلەن، قۇرئاننىڭ ئادالەتنى تىكلەش مەقسىتىنى ئېلىپ ئېيتساق، بۇ شەخسى پوزىتسىيە ۋە ئىقتىسادى كېلىشىملەرنى، شۇنداقلا ئادىل سوت ۋە ئادىل سىياسەتنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم.

‏5.قۇرئاننىڭ مەقسىتى تەپسىرشۇناسلارنىڭ مېتودىدا بولمىسا بولمايدىغان ئۆلچەم، شۇنداق بولغاندا تەپسىرشۇناسلار قۇرئاننىڭ مەقسەتلىرى دائىرىسىدە ھەرىكەت قىلىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇلنى قۇرئان كەرىمنى مەقسەتلىرى ئاساسىدا تەپسىر قىلىش دەپ ئاتىساق بولىدۇ.

‏مانا بۇ ئىلمى پايدا تەپسىرشۇناسنى قۇرئاننىڭ مەقسەتلىرىدە ئورۇن بولمىغان ئىشلارنىڭ كەينىدە سۆرۈلۈپ يۈرۈشتىن ساقلايدۇ. تەپسىرشۇناسلارنىڭ تەپسىر قىلىشتىكى مېتودى ساغلام بولسا، بۇنىڭ ياخشى نەتىجىسى ئوقۇرمەنلەرگە ياخشى تەسىرى بولىدۇ. ئەگەر مېتودى ساغلام بولمىسا بۇنىڭ سەلبىي تەسىرى ئوقۇرمەنلەرگە يۆتكىلىدۇ. شۇڭا تەپسىرشۇناسلارنىڭ مەقسىتى ۋە بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدىغان دائىرىسى  بولسا قۇرئان كەرىمنىڭ مەقسەتلىرىنىڭ دەل ئۆزى بولىشى لازىم.

‏قۇرئاننىڭ بىۋاستە ئالاقىسى بولمىغان پەنلەر بىلەن شۇغۇللىنىش قۇرئاننىڭ قەلبىنى پاكلايدىغان، ئەقىلنى نۇرلاندۇرىدىغان يۇقىرى مەقسەتلىرىدىن توسۇپ قويىدۇ. تەپسىر بىرىنچى قىلىپ قۇرئان كەرىمنىڭ ھىدايىتىنى ۋە مەقسىتىنى ئېچىشى ۋە تونۇشتۇرۇشى كېرەك.

‏تەپسىرشۇناس ئىمام ئىز بىن ئابدۇسالام «قۇرئاننى تەپسىر قىلىشتىن مەقسەت قۇرئاننىڭ مەقسەتلىرىنى تونۇش»دەپ كۆرسەتمە بەرگەن.

‏قۇرئان كەرىمنى تەپسىر قىلغاندا قۇرئاننىڭ مەقسەتلىرىنى ئاساس قىلىپ تەپسىر قىلىش ئەسلى پرىنسىپتۇر. بۇ ئايەت-ھەدىسلەر مەقسىتى بويىچە چۈشىنىلىدۇ، دېگەن قائىدىگە ئۇيغۇندۇر.

 

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرى