2024-يىل 27-ئاپرېل

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

ئىسلامنىڭ دۇنيا قارىشىدىكى جەڭ قىلىشنىڭ ماھىيىتى

ئىسلامنىڭ دۇنيا قارىشىدىكى جىھاد چۈشەنچىسى (2)

 (4)

ئىسلامدىكى جەڭ قىلىشنىڭ ماھىيىتى

ئىسلامدىكى جىھاد قىلىش جەڭ قىلىشتىن ئومۇمىي بولسا، جەڭ قىلىش جىھاد تۈرلىرىنىڭ بىر تۈرى. ئىسلام دىن-دۆلەت، ئۈممەت-ۋەتەن، جەمئىيەت ۋە تۈزۈم… بولغانلىقى ئۈچۈن جەڭ قىلىشقا ئالاقىدار قائىدە-تۈزۈملەرنىڭ تېپىلىشى تەبىئىي. ھەم شۇنداقلا بۇ دىن يەككە ۋە ئىجتىمائىي تەلىمات بولغانلىقى ئۈچۈن دىننى تەتبىقلايدىغان ۋەتەننىڭ بولىشى لازىم.

مۇشۇ سەۋەبتىن ئىسلام ۋەتەننىڭ ئەركىنلىكى، مۇستەقىللىقى، ئىگىدارچىلىقى ۋە ۋەتەنداشلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش قىممىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن. قۇرئان كەرىم يۇرتتىن چىقىرىلىش ياكى ۋەتەنسىزلىكنى ئۆلۈم بىلەن تەڭ ئورۇندا قويغان، ئىنساننىڭ يۇرتتىن چىقىرىلىشى جاننىڭ بەدەندىن چىقىپ كەتكىنىگە باراۋەر دەپ بايان قىلغان:«ئەگەر بىز ئۇلارغا: «ئۆزۈڭلارنى ئۆلتۈرۈڭلار ياكى يۇرتۇڭلاردىن چىقىپ كېتىڭلار»دەپ ئەمر قىلغان بولساق، ئۇلارنىڭ ئازغىنىسىدىن باشقىسى بۇنى ئىجرا قىلمايتتى»(نىسا سۈرىسى، 66-ئايەت). بۇ ئايەت ئىنساننىڭ ۋەتىنىگە بولغان سۆيگۈسى بىلەن ھاياتىنى ياخشى كۆرۈشىنىڭ تەڭ ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىغا ئىشارەت.

شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئان كەرىم ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ئەركىنلىكىنى شۇ ۋەتەندىكى كىشىلەرگە ھاياتلىق دەپ قارىغان. ۋەتىنىنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ھۆرلىكىنى قوغداشقا سەل قارىغانلارنى ئۆلۈكلەر دەپ ئىپادىلىگەن. ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى ئۆلۈكلەرگە روھنىڭ قايتىپ كەلگىنى دەپ باھا بەرگەن.

ۋەتەننىڭ ئۇلۇغلىقىدىن ئىسلام دىنى جەڭ قىلىش ئارقىلىق بولىدىغان جىھادنى يولغا قويغان، ۋەتەننى ۋە ۋەتەنداشلارنى قوغداش ئۈچۈن پەرز قىلغان، چۈنكى ۋەتەن بولمىسا شەرىئەتنى بىر پۈتۈن تەتبىقلىغىلى بولمايدۇ. دىننى قوغداش ئىسلام شەرىئىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى نىشانىدۇر، ئىسلام ۋەتىنىنى قوغداش دىننى تەتبىقلاشنىڭ شەرتىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلام جەڭ قىلىشقا تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردا بۇيرۇغان ۋە تەشەببۇس قىلغان:

1.دىننى قوغداش، دەۋەت قىلىش ئەركىنلىكىنى ھىمايە قىلىش، مۇسۇلمانلارنى زۇلۇم ۋە پىتنىدىن ئازات قىلىش.

2.ۋەتەننى ھىمايە قىلىش، ۋەتەننى ۋە ئاھالىسىنىڭ ئەركىنلىكىنى تاجاۋۇزچىلىقتىن قوغداش.

دېمەك، جەڭ قىلىش دىننى ۋە مۇسۇلمانلارنى قوغداش ياكى ئاجىزلارنى زالىم مۇستەبىت ھۆكۈمرانلاردىن ئازات قىلىش ئۈچۈن تايىنىدىغان ئايرىم ھالەتتۇر. ئىسلام دەۋىتىنىڭ تۇتۇپ ماڭغان يولى مۇشۇ مېتودنى مۇجەسسەملەشتۈرگەن.

مەككە دەۋرىدە مۇسۇلمانلار يۇرتلىرىدىن مەھرۇم قالدى ۋە دىنىنى ساقلاپ قېلىش يولىدا كۆپ ئەزىيەتلەرگە ئۇچرىدى، شۇ سەۋەبتىن ئۆزىنى قوغداش شەكلىدە جەڭ قىلىشقا بىرىنچى قېتىم رۇخسەت قىلىندى:«ھۇجۇم قىلىنغۇچىلارغا، زۇلۇمغا ئۇچرىغانلىقلىرى ئۈچۈن (قارشىلىق كۆرسىتىشكە)رۇخسەت قىلىندى، ئاللاھ ئۇلارغا ياردەم بېرىشكە ئەلۋەتتە قادىر»(ھەج سۈرىسى، 39-ئايەت)

جەڭ قىلىش رۇخسەت ھالىتىدىن بۇيرۇق ھالىتىگە تەرەققى قىلغاندا، قۇرئان كەرىم يۇرتتىن قوغلاپ چىقىرىش ياكى يۇرتتىن مەھرۇم قىلىشنى جەڭ قىلىشنىڭ سەۋەبى قىلىپ كۆرسەتتى:«سىلەرگە ئۇرۇش ئاچقان ئادەملەرگە قارشى ئاللاھ يولىدا جەڭ قىلىڭلار، تاجاۋۇز قىلماڭلار، تاجاۋۇز قىلغۇچىلارنى ئاللاھ ھەقىقەتەن دوست تۇتمايدۇ. تاجاۋۇز قىلغۇچىلارنى ئۇچراتقان يەردە ئۆلتۈرۈڭلار، سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن چىقىرىۋەتكەندەك، سىلەرمۇ ئۇلارنى يۇرتىدىن چىقىرىۋېتىڭلار، زىيانكەشلىك قىلىش ئۇرۇشتىنمۇ ياماندۇر. تاكى ئۇلار ئۆزلىرى ئۇرۇش ئاچمىغىچە مەسجىدى ھەرام ئەتراپىدا ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلماڭلار، ئەگەر ئۇلار (مەسجىدى ھەرام ئەتراپىدا)ئۆزلىرى ئۇرۇش ئاچسا، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈۋېرىڭلار، كاپىرلارنىڭ جازاسى شۇنداق بولىدۇ»(بەقەر سۈرىسى، 190-191-ئايەتلەر). دېمەك، بۇ ئايەتتىكى جەڭنىڭ سەۋەبى، مۇسۇلمانلارنى يۇرتلىرىدىن چىقىرىۋەتكەن ۋە دىنىي ئېتىقادى سەۋەبلىك بوزەك قىلغانلارغا قارشى مۇداپىئە ئۈچۈن بولغان جەڭدۇر.

ئىسلام جەڭ قىلىشنى ئەسلى قائىدە دەپ قارىمايدۇ، بەلكى ئۇنى مەجبۇرلۇق سەۋەبىدىن بولىدىغان ئايرىم بىر ھالەت دەپ قارايدۇ:«سىلەرگە جەڭ قىلىش پەرز قىلىندى. ھالبۇكى، سىلەر ئۇنى ياقتۇرمايسىلەر، سىلەر بىرەر نەرسىنى ياقتۇرماسلىقىڭلار مۇمكىن، ئەمما ئۇ سىلەر ئۈچۈن پايدىلىقتۇر…»(بەقەر سۈرىسى، 216-ئايەت). قۇرئاندا پەرز قىلىنغان بىر ئىشنىڭ «ياقتۇرۇلمايدۇ» دەپ سۈپەتلەنگىنىنى جەڭ قىلىشتىن باشقا بىر ساھەدە ئۇچراتقىلى بولمايدۇ.

رەسۇلۇللاھ بىزگە جەڭنى ئارزۇ قىلمايدىغانلىقىنى، بەلكى تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىكنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى، ئاللاھ يولىدا جەڭ قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالسا، غەلىبە ياكى شېھىت بولۇش شەرىپىگە ئېرىشىش ئۈچۈن جەڭگە جاسارەت ۋە سەۋرچانلىق بىلەن قاتنىشىدىغانلىقىنى تەلىم بەرمەكتە. رەسۇلۇللاھ مۇداپىئەدە تۇرۇۋاتقان خەندەك جېڭىدە:«دۈشمەن بىلەن جەڭ قىلىشنى ئارزۇ قىلىپ كەتمەڭلار، ئاللاھدىن ئامانلىقنى تىلەڭلار، ئەگەر دۈشمەن بىلەن جەڭ قىلىپ قالساڭلار مۇستەھكەم تۇرۇڭلار، بىلىپ قويۇڭلاركى جەننەت قىلىچنىڭ سايىسى ئاستىدا (دېيىش ئارقىلىق ئەسكەرلەرنىڭ مەنىۋى روھىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن)»دېگەن (بۇخارى رىۋايىتى).

ئىسلامدا ئەقىدە ئەركىنلىكى، دەۋەت ئەركىنلىكى ۋە ۋەتەن ئەركىنلىكىنى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن زۆرۈرىيەت سەۋەبىدىن يولغا قويۇلغان جەڭ ئۈچۈن ئەخلاق قانۇنى يولغا قويۇلغان. رەسۇلۇللاھ:«خىيانەت قىلماڭلار، كېلىشىمگە ۋاپاسىزلىق قىلماڭلار، ئۆلۈكلەرنىڭ ئەزالىرىنى كېسىپ سەتلەشتۈرمەڭلار؛ كىچىك بالىلارنى، ئاياللارنى، قېرىلارنى ۋە ئىبادەتخانىسىدىن چىقمىغانلارنى ئۆلتۈرمەڭلار»دېگەن (مۇسلىم، ئەبۇداۋۇد ۋە تىرمىزى رىۋايىتى).

 ھەزرىتى ئەبۇ بەكر قوماندانغا ئون تۈرلۈك ۋەسىيەت قىلىپ:«ئايال كىشى، كىچىك بالىلار، ياشانغانلارنى ئۆلتۈرمە. مېۋىلىك دەرەخنى كەسمە، ئاۋات شەھەرلەرنى خاراب قىلما، ھايۋانلارنى ئورۇنسىز بوغۇزلىما، دەرەخلەرنى كۆيدۈرمە، خىيانەت قىلما ۋە قورقۇنچاق بولما»دېگەن (مۇۋەتتا رىۋايىتى).

(5)

تەۋبە سۈرىسى ۋە كاپىرلارنىڭ تۈرلىرى

 

تەۋبە سۈرىسى كاپىرلارنى ئۈچ تۈرگە بۆلگەن:

بىرىنچى تۈرى: مۇسۇلمانلار بىلەن كېلىشىم تۈزگەن كاپىرلار، بۇلار كېلىشىمگە ۋاپا قىلىدۇ، ئايەت مۇسۇلمانلارنى بۇلار بىلەن تۈزگەن كېلىشىمىگە ۋاپا قىلىشقا چاقىرىدۇ:«ئەمما مۇشرىكلار ئىچىدىكى سىلەر بىلەن كېلىشىم تۈزگەن، كېلىشىمگە ھېچقانداق خىلاپلىق قىلمىغان، سىلەرگە قارشى ھېچقانداق ئادەمگە ياردەم بەرمىگەن كاپىرلارغا كەلسەك، ئۇلار بىلەن تۈزگەن بۇ كېلىشىمگە ئۇنىڭ ۋاقتى توشقانغا قەدەر رىئايە قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تەقۋادارلارنى دوست تۇتىدۇ»(تەۋبە سۈرىسى، 4-ئايەت).

ئىككىنچى تۈرى: بىر تەرەپلىمە پوزىتسىيىدە تۇرغان كاپىرلار، بۇلار قايسى مەيداندا تۇرۇشنى بەلگىلەش ئۈچۈن ھەقىقەتنى بىلىشنى ئىرادە قىلىدۇ. تەۋبە سۈرىسىدىكى ئايەتلەر مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ كاپىرلارغا ئامانلىق بىرىشىنى، ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كېپىل بولىشىنى، ھەقىقەتنى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىلىرىدا ئەركىن قويۇپ، ئۇلارنى كېتىدىغان يېرىگە قەدەر ھىمايە قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ:«ئەگەر مۇشرىكلاردىن بىرەر كىشى سەندىن ئامانلىق تىلىسە، تاكى ئۇ ئاللاھنىڭ كالامىنى (يەنى قۇرئاننى)ئاڭلىغانغا (يەنى پىكىر قىلىپ، ئۇنىڭ ھەقىقىتىگە يەتكەنگە) قەدەر، ئۇنىڭغا ئامانلىق بەرگىن. ئاندىن(ئۇ ئىمان ئېيتمىسا)، ئۇنى ئامان تاپىدىغان جايغا يەتكۈزۈپ قويغىن، بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار (ئىسلام دىنىنىڭ ھەقىقىتىنى) ئۇقمايدىغان قەۋمدۇر» (تەۋبە سۈرىسى، 6-ئايەت).

ئۈچىنچى تۈرى: مۇسۇلمانلارغا قارشى جەڭ قىلىدىغان، مۇسۇلمانلار بىلەن تۈزگەن كېلىشىمنى بۇزىدىغان كاپىرلار: «ئۇلار مۆمىنلەر ھەققىدە نە تۇغقانچىلىققا، نە كېلىشىمگە رىئايە قىلمايدۇ. ئەنە شۇلار(سىلەرگە زۇلۇم قىلىشتا) ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردۇر»(تەۋبە سۈرىسى، 10-ئايەت).

يەنە:«ئەگەر ئۇلار ئەھدە بەرگەندىن كېيىن، قەسەملىرىنى بۇزسا ۋە دىنىڭلارنى ئەيىبلىسە، ئۇلارنىڭ (بۇنىڭدىن) چەكلىنىشلىرى ئۈچۈن، كۇفرىنىڭ كاتتىباشلىرىغا ئۇرۇش ئېچىڭلار، ئۇلارنىڭ قەسىمىنىڭ ھەقىقەتەن ئېتىبارى يوق»(تەۋبە سۈرىسى، 12-ئايەت).

دېمەك، تەۋبە سۈرىسىدىكى بۇ ئايەتلەردە پۈتۈن كاپىرلار ئومۇملاشتۇرۇلمىغان، بۇ ئايەتلەردە تەشەببۇس قىلىنغان جەڭ مۇتلەق كاپىرلارغا قارىتىلمىغان. بەلكى كېلىشىمنى بۇزىدىغان، سۆزىدە تۇرمايدىغان، رەسۇلۇللاھ ۋە مۆمىنلەرنى يۇرتلىرىدىن ھەيدەپ چىقارغان تاجاۋۇزچى كاپىرلارغا رەددىيە بېرىش ئۈچۈن بايان قىلىنغان:«(ئى مۆمىنلەر جامائەسى! ئەھدە بەرگەندە)ئىچكەن قەسىمىنى بۇزغان، پەيغەمبەرنى (مەككە)دىن ھەيدەپ چىقىرىشنى قەستلىگەن ۋە سىلەرگە ئالدى بىلەن ھۇجۇم قىلغان قەۋمگە ئۇرۇش ئاچمامسىلەر؟ ئۇلاردىن قورقامسىلەر؟ ئەگەر مۆمىن بولساڭلار، قورقۇشۇڭلارغا ئاللاھ ئەڭ لايىقتۇر» (تەۋبە سۈرىسى، 13-ئايەت).

ئۇنداقتا ئىسلام دىنى ۋە ئىسلام دۆلىتىنىڭ تىنچلىق ياكى جەڭ قىلىشتىكى ئۆلچىمى ئىمان ۋە كاپىرلىق مەسىلىسى ئەمەس. بۇ يەردىكى ئۆلچەم مۇسۇلمانلارنىڭ باشقىلار بىلەن چىقىشىپ ياشاپ دىننى باشقىلارغا يەتكۈزۈش ياكى باشقىلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا رەددىيە بېرىش مەسىلىسىدۇر.

قۇرئان كەرىم ئىسلام بىلەن كاپىرلار ئارىسىدىكى ئالاقىنىڭ ئۆلچىمىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ:«بەلكىم ئاللاھ سىلەر بىلەن سىلەر ئۆچ كۆرىدىغان ئادەملەر ئارىسىدا دوستلۇق پەيدا قىلىدۇ، ئاللاھ ھەممىگە قادىردۇر، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر. (كۇففارلاردىن) سىلەر بىلەن ئۇرۇش قىلمىغان ۋە سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارمىغانلارغا كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلاردىن، ئۇلارغا ئادىل بولۇشۇڭلاردىن سىلەرنى توسمايدۇ، ئاللاھ ئادىللارنى دوست تۇتىدۇ. ئاللاھ دىن ئۈچۈن سىلەر بىلەن ئۇرۇشقان، سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارغان ۋە سىلەرنى ھەيدەپ چىقىرىشقا ياردەملەشكەنلەرنى دوست تۇتىشىڭلاردىن سىلەرنى توسىدۇ، كىمكى ئۇلارنى دوست تۇتىدىكەن، ئۇلار زالىملاردۇر»(مۇمتەھىنە سىرىسى، 7-9-ئايەتلەر).

مانا بۇلار ئىسلامدىكى جەڭنىڭ ھەقىقىتىدۇر.

(6)

جىھاد غايە ئەمەس، ۋاسىتە

ئاخىردا شۇنى ئەسلىتىشكە توغرا كېلىدۇ، ئىسلامدىكى جىھاد غايە ئەمەس، غايە-نىشانلارنىڭ ۋاسىتىسى. جىھادنىڭ مەقسىتى دىننى تۇرغۇزۇش ۋە دەۋەتنى باشقىلارغا يەتكۈزۈشتۇر، چۈنكى جەڭ قىلىشتىن مەقسەت دەۋەتكە توسقۇنلۇق قىلىش ۋە مۇسۇلمانلارغا ئەزىيەت يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت پىتنىنى چەكلەش:«پىتنە تۈگىگەن ۋە ئاللاھقا ئەركىن ئىبادەت قىلالايدىغان بولغانغا قەدەر ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇڭلار»(ئەنفال سۈرىسى، 39-ئايەت)، پىتنە تېپىلمىسا جەڭ قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق.

 جىھادنىڭ بۈيۈك غايىسى ئاللاھنىڭ سۆزىنى ئۈستۈن قىلىش، يەنى ئاللاھنىڭ سۆزىنى پۈتۈن جاھانغا يەتكۈزۈش، ئاڭلىتىش، تارقىتىش ۋە كۈچلەندۈرۈش مەقسەت. ئاللاھنىڭ سۆزىنى ئاڭلىتىش ۋە يەتكۈزۈشكە پۇرسەت تېپىلسا، نىشان ئىشقا ئاشقان ۋە مەقسەت ھاسىل بولغان بولىدۇ.

بۈگۈنكى كۈنلۈكتە ئىسلام دەۋىتىنى دۇنياغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن قوراللىق ئەسكەرلەرگە ئېھتىياج يوق،  نۇرغۇنلىغان تىنىچ ۋاسىتىلەر تېپىلىدۇ. قۇرئان ئارقىلىق«بۈيۈك جىھاد(فۇرقان سۈرىسى، 52-ئايەت)قىلىشقا ئېھتىياجىمىز بار. دەۋەتنى دۇنياغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن بىلىم-مەرىپەت، تەشۋىقات، دەۋەت قىلىش، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلىش، ئىلمىي مۇنازىرە قىلىش، ئىسلامنى تولۇق چۈشىنىش، رېئاللىقنى ياخشى چۈشىنىش ۋە ئىشنى پۇختا قىلىشقا ئېھتىياجىمىز بار.

ئاللاھنىڭ سۆزىنى ئۈستۈن قىلىشنىڭ توغرا يولى مانا بۇلاردىن ئىبارەت.

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي

2016- يىلى، ئاپرىل

alem nezeriyesi 2