2024-يىل 30-ئاپرېل

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

ئىسلامنىڭ دۇنيا قارىشىدىكى جىھاد چۈشەنچىسى (1)

ئىسلامنىڭ دۇنيا قارىشىدىكى جىھاد چۈشەنچىسى

(1)

جىھادنىڭ مەنىسى

سۇسلۇق ۋە بىپەرۋالىقنى پرىنسىپ قىلىۋالغان بەزى ئېقىملار ئۈممەت ھاياتىدىن جىھاد روھىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ بوشاڭلىق، ئاجىزلىق ۋە تەسلىم بولۇش روھىنى تارقىتىشقا ئۇرۇنماقتا.

  بۇنىڭ قارشىسىدا چېكىدىن ئاشۇرۇۋەتكەن يەنە بىر تۈركۈم كىشىلەر جىھادنى پۈتۈن دۇنياغا ئۇرۇش ئوتى ئېچىش ئىدىيىسى سۈپىتىدە تارقىتىشقا ئۇرۇنماقتا. بۇلار مۇسۇلمانلارنىڭ باشقىلار بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۇرۇش قىلىش ئالاقىسى دەپ ئويلايدۇ ۋە بارلىق ئىنسانلارنى مۇسۇلمانلارنىڭ دۈشمىنى دەپ قارايدۇ.

«جىھاد»سۆزى قۇرئاندا ئىسلام دەۋىتىنى تارقىتىش ۋە ئۇنى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىش دېگەن مەنىدە كەلگەن. كېينكى فىقھى ئۆرپىدە دىنغا ياردەم بېرىش ۋە ئۈممەتنى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن «قتال» قوراللىق جەڭ قىلىش مەنىسىدە مەشھۇر بولۇپ كەتكەن. بىراق قۇرئان ۋە سۈننەتكە قارايدىغان بولساق، جىھاد ئۇقۇمى قوراللىق جەڭ قىلىشتىن كەڭرى بولۇپ كۆپ دائىرىلەرنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ. دۈشمەنگە قارشى قوراللىق جەڭ قىلىش جىھادنىڭ يۈكسەك بىر تارمىقىدىن ئىبارەت.

جىھاد قىلىشنىڭ ھۆكمى بارلىق مۇسۇلمانلارغا جېنى، مېلى، تىلى، قەلبى، قەلىمى ۋە بارلىق ئىمكانىيىتى بىلەن پەرزدۇر. كەڭ مەنىدىكى جىھاد ئۇقۇمى بۇ ئۈممەتنىڭ خاراكتېرىدۇر. چۈنكى بۇ ئۈممەت نەپسى بىلەن، شەيتان بىلەن، دۈشمەن بىلەن ۋە مۇستەبىت زالىملار بىلەن جىھاد قىلىدىغان ئۈممەتتۇر. بۇ دېگەنلىك ھەر بىر مۇسۇلمان مۇجاھىد بولىشى لازىم، بىراق ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ ھەر زامان جەڭ قىلىشى زۆرۈر ئەمەس.

دۈشمەن بىرەر ئىسلام ۋەتىنىگە ياكى مۇسۇلمانلارغا تاجاۋۇز قىلىپ قالسا، ئۇ چاغدا دۈشمەنگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن قوراللىق جىھاد قىلىش شۇ ۋەتەندىكى ئەر-ئايال مۇسۇلمانغا پەرز ئەينى بولىدۇ. ئۇلار ئۆزىنى قوغداشتىن ئاجىز كىلىپ قالسا، يېقىندىكى قوشنىلىرىغا پەرز بولىدۇ.

جىھادنىڭ پەرزلىكى تاجاۋۇز قىلىش ياكى بوزەك قىلىش ياكى باشقىلارنىڭ دىنىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئەمەسلىكى قۇرئان كەرىمدە ئېنىق. قۇرئان كەرىمدە جىھاد دەۋەتنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن باشقىلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش، ئۇلار بىلەن ياخشى ئۆتۈشكە ھېرىس بولۇش، ئاندىن ئۇلاردا تاجاۋۇزچىلىق نىيىتى بولۇپ قالسا، تاجاۋۇزچىلىقىنى توسۇش ئۈچۈن ھەر زامان جەڭ قىلىشقا تەييار تۇرۇش ۋە نىيىتى بۇزۇقلارنىڭ ئەدىپىنى بېرىش دېمەكتۇر. جىھادنىڭ ئاساسىي تۆۋەندىكى بۇ بىر قانچە ئايەتتە ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

بىرىنچى ئايەت:«ھۇجۇم قىلىنغۇچىلارغا، زۇلۇمغا ئۇچرىغانلىقلىرى ئۈچۈن، (قارشىلىق كۆرسىتىشكە) رۇخسەت قىلىندى، ئاللاھ ئۇلارغا ياردەم بېرىشكە ئەلۋەتتە قادىر»(ھەج سۈرىسى، 39-ئايەت). يەنى ئۇرۇش قىلىش رۇخسىتى زۇلۇمغا ئۇچرىغانلار ئۈچۈن يولغا قويۇلدى.

ئىككىنچى ئايەت:«دۈشمەنلىرىڭلار(بىلەن ئۇرۇش قىلىش)ئۈچۈن، قولۇڭلاردىن كېلىشىچە قورال كۈچى، جەڭ ئېتى تەييارلاڭلار، بۇنىڭ بىلەن ئاللاھنىڭ دۈشمىنىنى، ئۆزۈڭلارنىڭ دۈشمىنىڭلارنى ۋە ئۇلاردىن باشقا دۈشمەنلەرنى قورقىتىسىلەر»(ئەنفال سۈرىسى، 60-ئايەت) يەنى ئۇلارنىڭ تاجاۋۇز  قىلىشنى ئويلاپ سېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، پىسخىكا قورقۇنچىسى پەيدا قىلىش ئۈچۈن ھەر زامان جەڭگە تەييار تۇرۇڭلار.

ئۈچىنچى ئايەت:«سىلەرگە ئۇرۇش ئاچقان ئادەملەرگە قارشى ئاللاھ يولىدا جەڭ قىلىڭلار، تاجاۋۇز قىلماڭلار، تاجاۋۇز قىلغۇچىلارنى ئاللاھ ھەقىقەتەن دوست تۇتمايدۇ. تاجاۋۇز قىلغۇچىلارنى ئۇچراتقان يەردە ئۆلتۈرۈڭلار، سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن چىقىرىۋەتكەندەك، سىلەرمۇ ئۇلارنى يۇرتىدىن چىقىرىۋېتىڭلار، زىيانكەشلىك قىلىش ئۇرۇشتىنمۇ ياماندۇر»(بەقەر سۈرىسى، 190-ئايەت).

تۆتىنچى ئايەت:«ئى مۆمىنلەر!سىلەر ئۆزەڭلارغا يېقىن جايدىكى دۈشمەن كاپىرلار بىلەن ئۇرۇش قىلىڭلار(يەنى سىلەرگە خەتەر بولماسلىق ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئەتراپىڭلاردىكى دۈشمەن كۇففارلارنى ئۇجۇقتۇرۇڭلار)» (تەۋبە سۈرىسى، 123-ئايەت). يەنى مۇسۇلمانلارنىڭ دۈشمىنى بىر قانچە بولسا، ۋەتەننى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن جۇغراپىيە ۋە ئورۇن جەھەتتىن ئەڭ يېقىن بولغان دۈشمەن كاپىر بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، يېقىن دۈشمەننى قويۇپ قويۇپ، يىراق دۈشمەن بىلەن ئۇرۇش قىلىش شەرىئەتنىڭ مەقسىتى ۋە ئەقىلغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ.

رەسۇلۇللاھنىڭ بارلىق ئۇرۇشلىرى مانا مۇشۇنداق بولۇپ، يا دىننىڭ مەركىزى بولغان ھەرەم چېگرىسىنى بۇددىزىملىقتىن تازىلاش يا باشقىلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا رەددىيە بېرىش ئۈچۈن بولغان ئىدى.

 

 (2)

جىھادنىڭ مەقسەتلىرى

 

ئىسلامدىكى جىھاد ئاللاھنىڭ رىزالىقى ئۈچۈن بولىدۇ. ئۇ كۆڭلىنى قاندۇرۇۋىلىش يا ئۆچىنى ئېلىۋىلىش ياكى شەخسى مەنپەئەتنى ۋۇجۇتقا چىقىرىۋىلىشقا ئوخشاش تۇيغۇلار سەۋەبىدىن ئېلىپ بېرىلمايدۇ، بەلكى شەرىئەتنىڭ يۈكسەك مەقسەتلىرىگە يېتىش ۋە بۈيۈك ئىنسانىي نىشانلارنى ۋۇجۇتقا چىقىرىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدۇ. يەنى ئاللاھنىڭ يولىدا، ئاللاھنىڭ سۆزىنى ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ئىسلام ئارقىلىق بەختكە ئېرىشىشى ئۈچۈن بولىدۇ.

قۇرئان ۋە سۈننەتكە قارايدىغان بولساق ئاللاھ جىھادنى مۇئەييەن مەقسەت ۋە نىشانلار ئۈچۈن يولغا قويغان:

  1. دىن، مۇسۇلمان ۋە ئىسلام ۋەتىنىنى ھىمايە قىلىش.
  2. ئېتىقاد ۋە ئىبادەت ئەركىنلىكىنى قوغداش.

3.دەۋەت قىلىش ئەركىنلىكى ئۈچۈن بازار ئېچىش ۋە پىتنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش. پىتنە دېگەن: دىننى ئۆزگەرتىشكە زورلاش، دەۋەتكە توسقۇنلۇق قىلىش ۋە مۇسۇلمانلارغا تۈرلۈك ئەزىيەت يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت.

4.مەزلۇم ئىنسانلارنى زالىم مۇستەبىت ھۆكۈمرانلارنىڭ زۇلمىدىن قۇتۇلدۇرۇش ۋە ئۇلاردىن زۇلۇمنى كۆتۈرۈۋېتىش.

5.جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھىمايە قىلىش.

6.كېلىشىم ۋە ئەھدىنامىلەرنى بۇزىدىغان بۇزغۇنچىلارنىڭ ئەدىپىنى بېرىش.

بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، دۇنيادىن كۇپۇرلۇقنى تۈگىتىش، كىشىلەرنى دىنغا كىرىشكە زورلاش ۋە ئىقتىسادى نىشان ئۈچۈن غەنىمەتنى دەپ جەڭ قىلىش جىھادنىڭ مەقسىتى قاتارىغا كىرمەيدۇ.

جىھادنىڭ يۇقىرىقى مەقسەتلىرىگە رېئايە قىلمىغاندا ئىنسانلارنىڭ جان ۋە ماللىرىغا سەل قارايدىغان، جەمئىيەت ۋە ئاممىنىڭ مال-مۈلكىگە زىيان سالىدىغان، پىتنە پەيدا قىلىدىغان، جەمئىيەتنىڭ ئامانلىقىنى بۇزىدىغان ۋە ئىسلامنىڭ دۇنياۋى مەدەنىيەتلىك دىن ئىكەنلىك ئۇقۇمىنى سەتلەشتۈرۈۋىتىدىغان ئىشلار كېلىپ چىقىدۇ.

مەقسەت ئۇقۇمىغا رېئايە قىلغاندا يۇقىرىقى سەلبىي ئىشلاردىن ساقلانغىلى، دەلىل- پاكىتلارنى شەرىئەتنىڭ مەقسىتى بويىچە چۈشەنگىلى، تەپەككۈر قىلىش ھەرىكىتىنى خاتالىقتىن ساقلىغىلى، ئۈممەتنىڭ ئەقلىنى توغرا يۆنىلىشكە يۈزلەندۈرگىلى، ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلار ھەققىدىكى خاتا چۈشەنچىلەرنى تۈزەتكىلى ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى دىنغا دەۋەت قىلغىلى بولىدۇ.

توغرا جىھاد قىلىش ئۈچۈن ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتىگە قاراش چۈشەنچىسى، ئەۋزەللىك چۈشەنچىسى، رېئاللىقنى چۈشىنىش چۈشەنچىسى ۋە ھەقىقى ئۆلىمالارغا تايىنىپ ئىش قىلىشتىن ئىبارەت ئامىللارنىڭ تېپىلىشى لازىم.

(3)

جىھادنىڭ ماھىيىتى

ئىسلامدىكى جىھاد «جهاد» دېگەن سۆز جەڭ قىلىش «قتال» دېگەن سۆزدىن ئومۇمىي سۆزدۇر. جەڭنىڭ ھەممىسى جىھاد قاتارىغا كىرىدۇ، جىھادنىڭ ھەممىسى جەڭ ئەمەستۇر، چۈنكى جەڭ قىلىش جىھادنىڭ قوراللىق تارمىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

جىھاد دېگەن ئاتالغۇ ھايات ساھەلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىش ۋە ھەر زامان تەييار تۇرۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىش دېگەن مەنىدە كېلىدۇ. جىھاد ئاتالغۇسى قۇرئاندا ئىسلام دەۋىتىنى قانات يايدۇرۇش ۋە ئۇنى مۇداپىئە قىلىش مەنىسىدە كۆپ كەلگەن. ئىسلام دەۋىتىنىڭ يولى ھېكمەت بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىش، چىرايلىق نەسىھەت قىلىش ۋە ئىلمىي مۇنازىرە ئارقىلىق بولىدۇ. ئىسلام دەۋىتى جەڭ قىلىش، مەجبۇرلاش ۋە زورلاش ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلمايدۇ. ئىسلامغا دەۋەت قىلىش جىھادى تونۇشۇش، قانائەتلەندۈرۈش، سۆھبەت ئۆتكۈزۈش، پاكىتلىق تونۇشتۇرۇش ۋە پىكىر دۇنياسىنى ئازات قىلىش ئارقىلىق بولىدۇ.

دېمەك، بىلىم-مەرىپەت، تەلىم-تەربىيە مەيدانلىرىدا كۈچ چىقىرىش ۋە ھەرىكەت قىلىش جىھاد ھېسابلىنىدۇ:«مۆمىنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ قوراللىق جىھادقا چىقىشى لايىق ئەمەس(ئۇلارنىڭ بىر تۈركۈمى جىھادقا چىقتى)، نېمە ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھەر بىر جامائەدىن بىر تۈركۈم ئادەملەر دىنىي ئالىم بولۇپ، قەۋمىنىڭ قېشىغا قايتقاندىن كېيىن، قەۋمنى توغرا يولغا باشلاش مەقسىتىدە نېمىشقا(ئىلىم تەلەپ قىلىشقا) ئاتلانمىدى؟»(تەۋبە سۈرىسى، 122-ئايەت).

شۇنداق بولغاندا دىننى دەلىل-پاكىت ئارقىلىق مۇداپىئە قىلىش مەنپەئەتى بىلەن قىلىچ ئارقىلىق مۇداپىئە قىلىش مەنپەئەتىنى بىرلەشتۈرگىلى بولىدۇ. رەسۇلۇللاھ:«كىم بىلىم-مەرىپەت ئېلىش يولىدا چىققان بولسا، ئۇ قايتقانغا قەدەر ئاللاھ يولىدا بولىدۇ»دېگەن (تىرمىزى رىۋايىتى)

يەنە رەسۇلۇللاھ:«كىم بۇ مەسچىتكە ياخشىلىقنى ئۆگىنىش ياكى ئۆگىتىش ئۈچۈن كىرسە، ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغان بولىدۇ»دېگەن(بۇخارى رىۋايىتى).

 ئاللاھنىڭ يوليورۇقى بويىچە ئىزباسارلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش يۈزىسىدىن زېمىننى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشمۇ جىھاد ھېسابلىنىدۇ:«ئۇ سىلەرنى زېمىندىن پەيدا قىلدى ۋە سىلەرنىڭ زېمىننى گۈللەندۈرۈشۈڭلارنى تەلەپ قىلدى»(ھۇد سۈرىسى، 61-ئايەت).

ئىنسانلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىش، ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقان ۋە قەۋم-قېرىنداشلارغا سىلە رەھىم قىلىش جىھاد سانىلىدۇ.رەسۇلۇللاھ:«يىتىم ۋە مىسكىنلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغانغا ئوخشاش بولىدۇ»دېگەن (بۇخارى رىۋايىتى).

ئاللاھدىن قورقۇش ۋە ئاللاھنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتقاندەك ئىبادەت قىلىش ئىسلام پەرز قىلغان جىھادنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى ھېسابلىنىدۇ. رەسۇلۇللاھ:«ھەقىقى مۇجاھىد دېگەن ئاللاھ يولىدا نەپسى بىلەن جىھاد قىلغان كىشىدۇر»دېگەن (تىرمىزى ۋە ئەھمەد رىۋايىتى).

جىھاد: ئاشكارا دۈشمەن بىلەن جىھاد قىلىش، شەيتان بىلەن جىھاد قىلىش، نەپسى بىلەن جىھاد قىلىش دەپ بىر قانچە تۈرگە بۆلىنىدۇ:«ئاللاھ يولىدا ھەقىقى رەۋىشتە جىھاد قىلىڭلار(يەنى ھەقىقى كۈچ چىقىرىڭلار)»(ھەج سۈرىسى،78-ئايەت). رەسۇلۇللاھ:«مۇشرىكلارغا قارىشى مال-مۈلىكىڭلار، جېنىڭلار ۋە تىلىڭلار ئارقىلىق جىھاد قىلىڭلار»دېگەن(ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى).

ۋەتەننى قوغداش ۋە چېگرىلارنى ھىمايە قىلىش جىھاد سانىلىدۇ. رەسۇلۇللاھ: «جەننەتكە دەسلەپتە كىرىدىغانلار چېگرا قوغدايدىغان ۋە تاجاۋۇزچىلىقنى توسىدىغان مۇھاجىرلاردۇر»دېگەن (ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى).

دېمەك، ئىسلامدىكى جىھادنىڭ ھەقىقىتى ھايات ساھەلىرىنىڭ قايسى بىر ساھەسىدە بولسۇن كۈچ چىقىرىش ۋە ھەرىكەت قىلىشتۇر. جىھاد قىلىش پەقەتلا قورال ئارقىلىق جەڭ قىلىشقا چەكلىنىپ قالمايدۇ. مۇشۇ سەۋەبتىن جىھاد قىلىش ھەر بىر ئەر-ئايال مۇسۇلمانغا پەرزدۇر، جىھاد قىلىش مۇسۇلمانلارنىڭ خاراكتېرىدۇر، چۈنكى بۇ جىھادنى ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ كۈچى يەتكەن مىقداردا قىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. بىراق جەڭ قىلىشتىن ئىبارەت جىھادنىڭ تارمىقىنىڭ شەرتلىرى ۋە بەلگىلىك مەيدانلىرى بار. قوراللىق جەڭ قىلىش ھەر زامان ۋە ھاياتنىڭ بارلىق ساھەلىرىدە پەرز ئەمەس.

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي

alem nezeriyesi 2