2024-يىل 4-ماي

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

«سۈننەت قۇرئانغا زىت»دېگەن شۇبھىگە جاۋاب

«سۈننەت قۇرئانغا زىت»دېگەن شۇبھىگە جاۋاب

 

ھازىرقى زاماندىكى «سۈننەتنى ئىنكار قىلغۇچىلار» سۈننەت قۇرئانغا زىت كېلىدۇ، دېگەن شۇبھىنى كۆپ بايان قىلىشىدۇ. سۈننەتنى ئىنكار قىلغۇچىلار ئىسلامنىڭ ئۆزگەرمەس پرىنسىپلىرىغا قارىشى شۇبھە قوزغاش ئارقىلىق نىجىس مەقسەتلىرىگە يېتىش ئۈچۈن سۈننەت قۇرئانغا قارىشى كېلىدۇ، دېگەن شۇبھىنى ھارماي ئېلان قىلىپ تۇرىدۇ.

ئۇلار، بۇ شۇبھە ئىسلامنىڭ ئىككىنچى قانۇنچىلىق مەنبەسى بولغان سۈننەتنى ئۇرۇپ تاشلايدۇ، دەپ خىيال قىلىشىدۇ. قۇرئانغا قارىشى تۇرۇش بارلىق مۇسۇلمانلار نەزەرىدە رەت قىلىنىدۇ. ئۇنداقتا سۈننەت قۇرئانغا زىت دېگەن داۋا بىلەن نېمە ئۈچۈن سۈننەتنى سورۇپ ۋە ئۇرۇپ تاشلىمىسۇن؟! زىندىقلارنىڭ يولىدا ماڭىدىغانلار ئۈچۈن بۇ ئالتۇندەك پۇرسەت ئەمەسمۇ!.

ئاغزىدا ئىمان ئېيتىپ قەلبىدە ئىمان ئېيتمىغان زىندىقلار ئىلگىرى بۇ داۋانى كۆتۈرۈپ چىققان، ئۇلار بۇ شەيتانىي شۇبھىسىنى كۈچكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن يالغان بىر ھەدىسنى دەلىل قىلىپ كەلتۈرگەن، ئۇ يالغان ھەدىستە رەسۇلۇللاھ:«سىلەرگە مەندىن يەتكەن ھەدىسلەرنى ئاللاھنىڭ كىتابىغا تەڭلەڭلار، ئەگەر ئۇ نەرسە ئاللاھنىڭ كىتابىغا ئۇيغۇن كەلسە، ئۇنى مەن دېگەن بولىمەن، ئەگەر ئاللاھنىڭ كىتابىغا خىلاپ كەلسە، ئۇنى مەن دېمىگەن بولىمەن»دېگەنمىش.

ھەدىسشۇناس ئالىملار ئۇلارنىڭ ھۆججەت قىلىپ كەلتۈرگەن بۇ ھەدىسىنى يالغان ۋە ئويدۇرما ھەدىس، ئۇ ھەدىسنى زىندىقلار ۋە خاۋارىچلار ئۆزلىرى ئويدۇرۇپ چىقارغان، دېگەن. ئىمام بۇخارىنىڭ ئۇستازى ئىمام ئابدۇراخمان بىن مەھدى بۇ ھەدىسنى ئويدۇرما ھەدىس دەپ باھا بەرگەنلەرنىڭ بىرىدۇر.

بەزى ئالىملار  بۇ ئويدۇرما ھەدىسنى توقۇپ چىققان زىندىقلار ۋە خاۋارىچلارنىڭ داۋاسىنى مات قىلىش ئۈچۈن ئۇلار بىلەن مۇنازىرىلىشىپ: سىلەرنىڭ بۇ ھەدىسڭلارنى ئاللاھنىڭ كىتابىغا تەڭلەپ باقساق، قۇرئانغا زىت كەلدى، چۈنكى بىز قۇرئاندا «رەسۇلۇللاھنىڭ ھەدىسىنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن چوقۇم سۈننەت  قۇرئانغا ئۇيغۇن بولۇش كېرەك، دېگەن ئايەتنى تاپالمىدۇق، بەلكى ئاللاھنىڭ كىتاۋى رەسۇلۇللاھغا مۇتلەق ئىتائەت قىلىشقا ۋە ئۇنىڭغا مۇتلەق ئەگىشىشكە بۇيرۇيدىغانلىقىنى، ھەر قانداق ئەھۋالدا ئۇنىڭ بۇيرۇقىغا قارىشى تۇرۇشتىن ئاگاھلاندۇرغانلىقنى تاپتۇق دېگەنىدى».

ئۇلارنىڭ يۇقىرىقى قارىشىغا ئاساسەن بەزى مەسىلىلەردە تەتبىقاتلىرى (ئەمەلىي مىساللىرى) بار، ئۇلارنىڭ بۇ تەتبىقاتلىرى ئىككى ئىشنىڭ بىرىدىن خالى ئەمەس:

بىرى:ئەگەر ئۇلار دەۋاتقان دەۋالىرىدا راستچىل بولسا نادانلىق.

يەنە بىرى: ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئازغىنا پۇلغا سېتىش ياكى ئابروي قوغلىشىش ئۈچۈن تەرسالىق ۋە جاھىللىق قىلىشتۇر. تۆۋەندە ئۇلارنىڭ تەتبىقاتلىرىدىن بىر قانچىنى كەلتۈرىمىز.

 

(1)

توي قىلىپ تۇرۇپ زىنا قىلغان ئادەمنى رەجىم قىلىش مەسىلىسى

 

ئىسلامنىڭ ئادالىتى بارلىق دۇنيالىق جازالارنىڭ جىنايەتلەرگە مۇناسىپ بولىشىنى تەقەززا قىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئان كەرىم يەڭگىل جىنايەتكە ئېغىر جازا بېكىتمىدى ۋە ئېغىر جىنايەتكە يەڭگىل جازا بەلگىلىمىدى، مانا بۇ ئىسلامدىكى ئومۇمى پرىنسىپ.

بەزىدە جازالانغان جازا ھەقىقىتى ۋە سۈپەتلىرىدە بىر بولىدۇ، ئاندىن ئۇنىڭغا قويۇلغان جازا جىنايەت سادىر بولغان شارائىتقا قارىتا تۈرلۈك بولىدۇ.

بىز بۇنى «زىنا»جىنايىتىدە توي قىلمىغان ئادەم تەرىپىدىن سادىر بولۇپ قالسا ياكى توي قىلغان ئادەم تەرىپىدىن سادىر بولۇپ قالسا ئېنىق ئاشكارا كۆرەلەيمىز. ياشلار ھېسسىياتىنى بېسىش ۋە كونترول قىلىشتا بەزىدە ئاجىز كېلىپ قالىدۇ، شۇڭا بۇ شارائىت كۆزدە تۇتۇلۇپ توي قىلمىغان ياشلىق ھاياتىدا سادىر بولۇپ قالغان زىناغا بېرىلىدىغان جازا يەڭگىلرەك بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلام دىنى بۇ جازانىڭ بەلگىلىمىسىنى يۈز دەررە  قىلىپ بېكىتتى:«زىنا قىلغۇچى ئايال ۋە زىنا قىلغۇچى ئەرنىڭ ھەر بىرىنى يۈز دەررىدىن ئۇرۇڭلار»،( نۇر سۈرىسى، 2-ئايەت).

ئەمما توي قىلىپ تۇرۇپ زىنا قىلغان ئەر ياكى ئايالدىن سادىر بولىدىغان بۇ جىنايەتتە ئۇلارغا ئۆزرە يوق، چۈنكى ئۇلارنىڭ قېشىدا جىنسى ئارزۇسىنى قاندۇرىدىغان  جۇپتىلىرى بار. شۇڭا ئىسلام بۇ جىنايەتكە  جازاسىنى ئۆلگۈچە تاش ئېتىپ رەجىم قىلىش جازاسىنى بەردى.

بىرىنچى جازا(يەنى يۈز دەررە ئۇرۇش) قۇرئان كەرىمدە مۇقەررەر ۋە ئېنىق.

ئىككىنچى جازا (يەنى رەجىم قىلىش) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆز ۋە ئەمەلىي سۈننىتى ئارقىلىق ئىسپاتلانغان.

رەسۇلۇللاھ:»… توي قىلمىغان يىگىت بىلەن قىز زىنا قىلىپ قالسا يۈز دەررە ئۇرۇش، توي قىلغان ئەر بىلەن توي قىلغان ئايال زىنا قىلىپ قالسا يۈز دەررە ۋە رەجىم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ»دېگەن،(بۇخارى رىۋايەت قىلغان).

يەنە:«بىر مۇسۇلماننىڭ قېنى ھالال بولمايدۇ، لېكىن ئۈچ تۈرلۈك ئىشنىڭ بىرىنى قىلىپ سالسا ھالال بولىدۇ. ئۇلار:توي قىلىپ تۇرۇپ زىنا قىلغۇچى، يولسىز جانغا زامىن بولغۇچى ۋە دىنىدىن يېنىپ مۇسۇلمانلار جامائىتىگە قارىشى چىققۇچى» دېگەن.

رەسۇلۇللاھ دەۋرىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەردە توي قىلىپ تۇرۇپ زىنا قىلغانلارنى رەجىم قىلغان ۋەقە مەشھۇر، ئۇ ۋەقەلەرنىڭ ئىككىسى بەكرەك مەشھۇر. رەسۇلۇللاھ «مائىز» ئىسىملىك بىر ئادەم زىنا قىلغانلىقىنى ئۆزى ئېتىراپ قىلىپ كەلگەندە ئۇنى ۋە «غامىدىيە»لىك ئايالنى رەجىم قىلغان، رەسۇلۇللاھ ئۇ ئايالنىڭ جىنازا نامىزىنى چۈشۈرگەن ۋە ئۇنىڭ تەۋبە قىلغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان.

ئاندىن كېيىن خەلىپىلەر توي قىلغان زىناخورلارنى رەجىم قىلىشتا رەسۇلۇللاھنىڭ ئىزىنى بېسىپ ماڭدى، رەجمىنىڭ جازاسىغا ئۈممەت ئالىملىرى بىرلىككە كەلدى. فىقھى كىتابلىرىدىكى «جازا بەلگىلىمىلىرى» دېگەن بابقا قارىغان ئادەم توي قىلغان ئادەمنى رەجىم قىلىشنىڭ ئىسلامدا سۆز ۋە ئەمەلىي جەھەتتىن مۇقەررەر مەسىلە ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىدۇ. بەزى ئىسلام ئەللىرى بۇ جازانى ھازىرغىچە تەتبىقلاپ كەلمەكتە.

(2)

سۈننەتنى ئىنكار قىلغۇچىلار گەرچە بۇ ھەدىسلەر سەھى بۇخارى ۋە سەھى مۇسلىمدا كەلسىمۇ: توي قىلغانلارنى رەجىم قىلىش توغرىلىق كەلگەن ھەدىسلەر يالغان ھەدىسلەر، ئۇ ھەدىسلەرنى رەسۇلۇللاھ دېمىگەن، رەسۇلۇللاھ بىرەر زىناخورنى رەجىم قىلمىغان، دەيدۇ.

ئۇلارنىڭ بۇ ھەدىسلەرگە يالغان ۋە ئويدۇرما ھەدىسلەر دەپ باھا بېرىشىدىكى سەۋەب، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە بۇ ھەدىسلەر قۇرئانغا خىلاپ ۋە زىت. چۈنكى قۇرئان كەرىم زىنانىڭ جازاسىنى يۈز دەررە دەپ بەلگىلىدى، نۇر سۈرىسىنىڭ ئىككىنچى ئايىتىدە توي قىلغان ئادەم بىلەن توي قىلمىغان ئادەمنى پەرقلەندۈرمىدى، دىيىشىدۇ.

دېمەك، بۇ ھەدىسلەر ۋە ۋەقەلىكلەر قۇرئانغا زىت بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ھەدىسلەر باتىل ۋە يالغاندۇر.

 

بۇ شۇبھىگە جاۋاب:

 

بىز سۈننەت قۇرئانغا زىت دېگەن شۇبھىگە ئىككى نۇقتىدىن جاۋاب بېرىمىز:

بىرىنچى: سۈننەت قۇرئانغا زىت دېگەن شۇبھىنىڭ ئۆزىگىلا رەددىيە بېرىمىز، بۇ رەددىيەنى گېپىمىزنىڭ ئاخىردا بايان قىلىمىز.

ئىككىنچى: بۇ شۇبھىنىڭ ئەمەلىي مىساللىرىغا بىر بىرلەپ رەددىيە بېرىمىز، بۇ رەددىيەنى ھازىر باشلايمىز:

ئۇلارنىڭ: توي قىلغان ئادەمنى رەجىم قىلىش توغرىلىق كەلگەن ھەدىسلەر باتىل ۋە يالغان دېگەن سۆزى قۇرئان كەرىمگە خىلاپ ۋە زىت. بۇ سۆز ئىككى تۈرلۈك ئادەمدىن سادىر بولىدۇ:

بىرى:نىيىتى ياخشى،لېكىن قۇرئان ۋە سۈننەتنى بىلمەيدىغان ئادەم. يەنە بىرى: نىيىتى نىجىس، نىيىتىنىڭ نىجىسلىقىغا نادانلىق قوشۇلغان ئادەم. شۇنى ئېنىق بىلىش كېرەككى، بۇ ئەمەلىي ۋەقەلەر بىلەن قۇرئان كەرىم ئارىسىدا زىتلىق يوق، لېكىن زىتلىق نادانلار ۋە تەرسالارنىڭ خىيالىدا بولسا كېرەك.

 

بۇزغۇنچىلىقنىڭ جىنايەتلىكى:

قۇرئان كەرىم زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى بىر قانچە ئورۇندا جىنايەت دەپ قارايدۇ. قۇرئان كەرىم بەقەرە سۈرىسىدە:«ئىچىڭلار، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار»( بەقەرە سۈرىسى، 60-ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

ئەئراف سۈرىسىدە:«(پەيغەمبەرلەر ئەۋەتىپ)يەر يۈزىنى تۈزىگەندىن كېيىن، يەر يۈزىدە بۇزۇقچىلىق قىلماڭلار»،(ئەئراف سۈرىسى، 56-ئايەت).

قەسەس سۈرىسىدە:«يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىقنى تىلىمىگىن»،(قەسەس سۈرىسى، 77-ئايەت).

 

بۇزغۇنچىلارنىڭ جازالىرى:

بۇزۇقچىلىق ۋە بۇزغۇنچىلىق ھاياتلىقتا ھارام ۋە چەكلەنگەن ئىكەن، كىشلەر ۋە ئاممىنىڭ ھاياتىغا زىيان سالىدىغان بۇزغۇنچىلىققا مۇناسىپ دۇنيالىق جازا بەلگىلەش ھېكمەتنىڭ جۈملىسىدىن. مانا ئاللاھ:«ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى بىلەن ئۇرۇش قىلىدىغانلارنىڭ، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلارنىڭ جازاسى شۇكى، ئۇلار ئۆلتۈرۈلۈشى ياكى دارغا ئېسىلىشى ياكى ئوڭ قوللىرى ۋە سول پۇتلىرى كېسىلىشى ياكى سۈرگۈن قىلىنىشى كېرەك»،(مائىدە سۈرىسى، 33-ئايەت) دېگەن.

بۇ ئايەتتە ئاللاھ تائالا ئومۇمى ۋە خوسۇسىي بىخەتەرلىككە تەسىر يەتكۈزگەن ۋە ئابروينى دەپسەندە قىلغانلىق جىنايىتىگە 4 جازا بېكىتتى. بۇ جىنايەتلەر ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بىلەن قارشىلاشقان ۋە زېمىندا بۇزغۇنچىلىق پەيدا قىلغانلىق جىنايەتلىرى ئىدى.

زىنا قىلىش ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بىلەن ئۇرۇش قىلغانلىق ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىق:

زىنا ياكى پاھىشە ئادەمگەرچىلىك ۋە شەرەپنى يوقىتىپ تاشلايدىغان ئەخلاقى جىنايەتلەرنىڭ ئەڭ ناچىرى، شۇڭا ساماۋى دىنلار بۇ جىنايەتنىڭ ئېغىر گۇناھلىقىغا بىرلىككە كەلگەن.

مائىدە ئايىتىدە كەلگەن 4 تۈرلۈك جازاغا تېز نەزەر تاشلايدىغان بولسىڭىز، قۇرئان كەرىم جازانىڭ بىرىنچى تۈرىنى «ئۆلتۈرۈش»دەپ بەلگىلىگەن. مەسىلەن، زىنا زېمىندىكى بۇزۇقچىلىق ۋە بۇزغۇنچىلىقنىڭ ئەڭ ئەسكىسىدۇر.

سۈننەتتە(يەنى ھەدىس شەرىپتە) توي قىلىپ تۇرۇپ زىنا قىلغانلارغا بەلگىلەنگەن رەجىم جازاسى«مائىدە» ئايىتىدە كەلگەن «ئۆلتۈرۈش» جازاسىنىڭ بىر تۈرىدۇر، چۈنكى «زىنا» دېگەن ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن قارىشلاشقانلىق ۋە زېمىندا بۇزۇقچىلىق تېرىغانلىقتۇر.

دېمەك، قۇرئان كەرىم ۋە سۈننەت بۇ جازانى بەلگىلەشتە بىر بىرىگە تولۇق ئۇيغۇن. سىزنىڭچە سۈننەتتە كەلگەن بۇ جازانىڭ قۇرئانغا خىلاپ تەرىپى بارمۇ؟

«رەجىم» بىلەن ئۆلتۈرۈش دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى ئارىسىدىكى ئۇيغۇنلۇققا قاراڭ. رەجىم دېگەن ئۆلگۈچە تاش ئېتىپ ئۆلتۈرۈش دېگەن بولىدۇ، ئۆلۈمنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ بەزىسى تېز يەنە بەزىسى ئاستا بولىدۇ. مەزكۇر ئايەتتىكى«قتّل» دېگەن سۆز تەكرار ۋە ئارقىمۇ ئارقا بولۇشنى ئىپادىلەيدۇ، رەجىم دېگەن سۆز ئۆلگۈچە ئارقىمۇ-ئارقا تاش ئېتىشنى كۆرسىتىدۇ.

ئۇنداقتا سۈننەت قۇرئانغا زىت كېلىدۇ، دەيدىغانلار نېمە دەيدىكىن.

باياندىرچىلارمۇ سۈننەت قۇرئانغا زىت دېگەن گۇمان بىلەن رەجىمنى رەت قىلىشىدۇ..

 

(3)

مىراسخورغا ۋەسىيەت قىلىش كەتمەيدۇ

 

سۈننەتنى ئىنكار قىلغۇچىلار، قۇرئانغا زىت دەپ قارىغان ھەدىسلەرنىڭ بىرسى رەسۇلۇللاھنىڭ:«مىراسخورغا ۋەسىيەت قىلىش يوق»(ئەبۇداۋۇد ۋە تىرمىزى رىۋايەت قىلغان) دېگەن سۆزىدۇر. ئىسلام شەرىئىتىدە بۇ ھەدىسنىڭ ناھايىتى زور ئورنى بار، لېكىن سۈننەتنى ئىنكار قىلغۇچىلار بىلمەي قالغان. ئۇلار بۇ ھەدىسنى ئاللاھنىڭ مۇنۇ سۆزى بىلەن قارشىلاشتۇرغان:«ئەگەر سىلەردىن بىرەيلەن ئۆلۈش ئالدىدا كۆپ مال قالدۇرسا، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ۋە خىش-ئەقرىبالىرىغا ئادىللىق بىلەن ۋەسىيەت قىلىشى تەقۋادارلارنىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك بۇرچى سۈپىتىدە پەرز قىلىندى»،(بەقەرە سۈرىسى، 180-ئايەت).

ئۇلار ئايەت بىلەن ھەدىسنى بىر -بىرىگە زىت دەپ خىيال قىلىپ قالغان.

مەسىلە ئۇلار ئويلىغاندەك ئۇنداق ئەمەس، چۈنكى ئايەت ئۆلۈپ كېتىدىغاندا ئاتا-ئانا ۋە تۇغقانلارغا ۋەسىيەت قىلىشقا قىزىقتۇرىدۇ. ئاتا-ئانىلار،قېرىنداشلار، ئاچا-سېڭىللار، پەرزەنتلەر مېيىتنىڭ مىراسخورلىرى ئىكەنلىكىدە شەك يوق، چۈنكى بۇلار مېيىتنىڭ ئەڭ يېقىن تۇغقانلىرى. ئەمما ھەدىس شەرىپ مىراسخورلارغا-مەيلى ئۇلار ئاتا ۋە بوۋا بولسۇن ياكى بالا ياكى نەۋرە بولسۇن- ۋەسىيەت قىلىشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى بايان قىلىدۇ. ئۇلار ھەدىسنى توغرا چۈشەنمىگەنلىكى ئۈچۈن، ھەدىسنى قۇرئانغا زىت دەپ ھۆكۈم قىلىشتى.

ئۇلار بىر نەرسىنى ئېسىدە تۇتقان بىلەن، نۇرغۇن نەرسىلەردىن غاپىل قالغان. ئەگەر ئۇلار ئىسلامنىڭ قانۇنشۇناسلىق تارىخىنى كۆرۈپ چىقىدىغان بولسا، قۇرئان بىلەن سەھى سۈننەتنى سوقۇشتۇرىدىغان مۇنداق خاتالىققا چۈشۈپ قالمىغان بولاتتى. ئايەت بىلەن ھەدىس ئارىسىدىكى زىتلىق زاھىرىي(يۈزەكى) زىتلىقتىن ئىبارەت، ئەمما چوڭقۇر مۇلاھىزە قىلغاندا بۇ ئايەت بىلەن مەزكۇر ھەدىس ئارىلىقىدا زىتلىق كۆرۈلمەيدۇ.

بۇ ئايەت نىسا سۈرىسىدىكى 11-ئايەتتىن باشلانغان مىراس ئايەتلىرىدىن بۇرۇن چۈشكەن. مىراس ئايىتى چۈشۈشتىن ئىلگىرى كىشلەر ئەركىن ئىدى، مىراس تەقسىم قىلىشتا مۇئەييەن نىزامغا ئەگەشمەيدىغان ئىدى، مۇشۇ سەۋەبتىن پەرزەنتىلەرنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنى مىراسلىرىدىن مەھرۇم قىلىپ قويىدىغان ئىشلارمۇ يۈز بېرەتتى. شۇڭا بۇ ئايەت چۈشۈپ ئۇلارغا ئاتا-ئانىلارنىڭ ھەققىنى ئەسلەتتى، ئاتا-ئانىلارغا ياخشىلىق قىلىشنى پەرز قىلدى، ئۇلارغا ۋە يېقىن تۇغقانلارغا مەلۇم مىقداردا مال بۆلۈپ بېرىشنى بۇيرۇدى. مىراس ئايەتلىرى چۈشكەندە ئاللاھ  مېيىتنىڭ مال-مۈلكلىرىنى تۇغقانلىرى ۋە ئەر-ئاياللار ئارىسىدا ئادىل بۆلۈپ بەردى، ئاتا-ئانىلارنىڭ مىراس ئۈلۈشىنى ئۈچتىن بىر ۋە ئالتىدىن بىر قىلىپ بەلگىلەپ بەردى، شۇنداقلا پەرزەنتلەر ۋە قېرىنداشلارنىڭمۇ مىراسلىرىنى بەلگىلىدى.

ئاتا-ئانىلار ۋە يېقىن تۇغقانلارنىڭ ئۇلىشى بەلگىلەنگەندىن كېيىن، ئاتا-ئانىلار ۋە يېقىن تۇغقانلارنىڭ مىراس ئۇلىشى بىلەن ۋەسىيەت يولى ئارقىلىق كېلىدىغان مال-مۈلكىنى بىرلەشتۈرۈشى زۇلۇم بولىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ئادالەت ۋە ئىنساپنى ۋۇجۇتقا چىقىرىش ئۈچۈن رەسۇلۇللاھنىڭ:«مىراسخورغا ۋەسىيەت قىلىش يوق»دېيىشىگە ۋەھىي قىلغان. شۇڭا ۋەسىيەت ئاتا-ئانا مېيىتنىڭ مىراسىدىن مەھرۇم بولغان چاغدا يولغا قويۇلغان. ئاتا-ئانىلارنىڭ مىراستىكى ئۇلىشى تارقىتىلغاندىن كېيىن ئاتا-ئانىلارغا ۋەسىيەت قىلىشنىڭ ئورنى قالمىدى.

مانا بۇ مەسىلىنىڭ ئۇقۇمى، بۇ چۈشەنچە ئارقىلىق سۈننەتنىڭ قۇرئانغا زىت كېلىش ۋەھىمىسى يوقىلىدۇ، قۇرئان بىلەن سەھى سۈننەت ئارىسىدا ئاشكارا ياكى يوشۇرۇن زىتلىقنىڭ مەۋجۇد بولىشى مۇمكىن ئەمەس.

لېكىن سۈننەتنى ئىنكار قىلغۇچىلار قۇرئان- سۈننەت، ئىسلامنىڭ قىممەت قارىشى ۋە ئالى پرىنسىپلىرىنى بىلمەسلىكى ۋە ئاڭقىرالماسلىقىنى سۈننەتنى ئىنكار قىلىشنىڭ ۋاستىسى قىلىپ قوللىنىدۇ. مۇشۇنداق نادانلىقلىرى بىلەن ئۈممەت ۋە مىللەتنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە كەلگۈسىگە تۈلكىدەك يىغلايدۇ، رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىنى ئۈممەتنىڭ ئارقىدا قېلىشىنىڭ سەۋەبى قىلىپ كۆرسىتىشىدۇ:«ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرىدىن چىققان سۆز نېمىدېگەن چوڭ! ئۇلار پەقەت يالغاننىلا ئېيتىدۇ»،( كەھف سۈرىسى، 5-ئايەت).

(4)

ئۇلارنىڭ خىلاپ دېگەن نۇقتىنى خاتا چۈشىنىشى

 

سۈننەتنى ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ بازار تاپقۇدەك مېلى ياكى تاۋارلىرى يوق، شۇڭا ئۇلار شۇبھە پەيدا قىلىشتىكى ھەر بىر قەدەملىرىدە پۇتلىشىپ يېقىلىدۇ. ئۇلار يېزىۋاتقان نەرسىلەر ۋە قوزغاۋاتقان شۇبھىلار كۆپ بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ قاراشلىرىدا بىرمۇ توغرا قاراشنى تاپالمايسىز، چۈنكى ئەگرى ئېقىم ئۈستىگە قۇرۇلغان ئىدىيە تۈز ماڭمايدۇ.

ئۇلار سۈننەتنىڭ قۇرئانغا زىت كېلىشى دېگەن شۇبھىسىدە ئاتالمىش خىلاپ ياكى زىتلىقنى خاتا چۈشەنگەنلىكىنى كۆرەلەيسىز. ئۇلار ئۈممەت ئۆلىمالىرى ئىسلامنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدىن تارتىپ ھازىرغىچە چۈشىنىپ كەلگەن قاراشلىرىنىڭ ئەكسىچە بۇ ئۇقۇمنى كېڭەيتىدۇ. ئۇلارنىڭ خىلاپ ياكى زىت دېگەن ئۇقۇمنى چۈشىنىشتىكى ئەگرىلىكى ئۇلارنى پاتقاققا تىقىپ قويدى.

ئۇلارنىڭ نەزەرىدە سۈننەتنىڭ قۇرئانغا ئۇيغۇن كېلىشى، سۈننەتنىڭ قۇرئان كەرىمنىڭ مەنىلىرىنى سۆزلىرى بىلەن تەكرارلشىدۇر. يەنى قانداقلىكى بىر ھەدىس بولسا شۇنىڭغا قۇرئاندىن سۆز جەھەتتە ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئايەتنىڭ تېپىلىشى دېمەكتۇر.

مەسىلەن، رەسۇلۇللاھنىڭ:«ئامانەتنى ئامانەت قويغان ئادەمگە قايتۇرۇپ بەرگىن»دېگەن ھەدىسى قۇرئان ئۇيغۇن، چۈنكى ئاللاھ:«شۈبھىسىزكى،ئاللاھ سىلەرنى ئامانەتلەرنى ئىگىسىگە قايتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ»،(نىسا سۈرىسى،58-ئايەت)دېگەن.

ئۇنىڭدىن باشقىسى قۇرئانغا ئۇيغۇن كەلمىگەن، خىلاپ كەلگەن بولىدۇ. ئۇلار سۈننەتنىڭ قۇرئانغا ئۇيغۇن كېلىش دائىرىسىنى تارايتىپ، خىلاپ كېلىش دائىرىسىنى كېڭەيتتى، نەتىجىدە ئاخىرى يوق خەتەرگە چۈشۈپ قالدى. چۈنكى سۈننەت(يەنى ھەدىس)نىڭ قۇرئانغا سۆز ۋە مەنىلىرى بىلەن تەڭ ئۇيغۇن كېلىشى نادىر ئەھۋال، بۇ قاراشقا ئېسىلىش قۇرئان بىلەن سۈننەت ئارىسىدا چوڭقۇر يوچۇق پەيدا قىلىدۇ.

شۇڭا بۇ قاراش سۈننەتنى ئىنكار قىلغۇچىلارنى ئەقىللىق كىشلەر نەزىرىدە كۈلكىگە ئايلاندۇرۇپ قويدى، ئۇلارنىڭ تەرسالىرى ئۇ خاتا قاراشلىرىنى قەستەن كۆزلەپ ماڭىدۇ، چۈنكى ئۇ ئىسلام دۈشمەنلىرىنىڭ ئېھتىياجلىرىنى رېئاللىققا ئاشۇرۇشقا ياردەمچى بولىدۇ.

 

 

(5)

ئۈچ خىل دەرىجىدە سېلىشتۇرۇش

 

ھەقىقەت(ئەھلى سۈننى)ئالىملىرى سۈننەت بىلەن قۇرئان كەرىم ئارىسىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى ئۈچ دەرىجىگە بۆلگەن، ئۇلار:

* سەھى ھەدىس.

* ياخشى ھەدىس.

* ئاجىز ھەدىس.

* ئويدۇرما ھەدىس.

 

ئۈچ دەرىجە:

بىرىنچى دەرىجە:قۇرئانغا ئۇيغۇن كەلگەن ھەدىسلەر.

ئىككىنچى دەرىجە: قۇرئانغا ئۇيغۇن كەلمىگەن ھەدىسلەر.

ئۈچىنچى دەرىجە: قۇرئانغا ئۇيغۇن كەلمىگەن ھەم خىلاپمۇ كەلمىگەن ھەدىسلەر.

بىرىنچى دەرىجىنىڭ ھەدىسلىرى: سەنىدى(راۋىلار ئەھۋالى) سەھى، مەزمۇنى توغرا بولۇپ قۇرئانغا ئۇيغۇن كەلگەن سۈننەتتۇر.

ئىككىنچى دەرىجىنىڭ ھەدىسلىرى: ئۇ قۇرئانغا زىتلىقى ئىسپاتلانغان ھەدىسلەر بولۇپ، بۇ ھەدىسلەر سۈننەتنىڭ قاتارىدىن ئەمەس. بۇ ھەدىسلەرنىڭ رەسۇلۇللاھغا نىسبەت بېرىلىشى مۇمكىن ئەمەس، بۇ ھەدىسلەر شەكسىز «ئويدۇرما ھەدىسلەر» دەپ ئاتىلىدۇ.

ئۈچىنچى دەرىجىنىڭ ھەدىسلىرى: ئۇ قۇرئانغا خىلاپمۇ كەلمىگەن ھەم ئۇيغۇنمۇ كەلمىگەن ھەدىسلەر بولۇپ، بۇ ھەدىسلەرنىڭ سەنىدى سەھى ۋە ماددىسى ساغلام بولسا، بىرىنچى دەرىجىدىكى ھەدىسلەرگە ئوخشاش. بۇ تۈردىكى ھەدىسلەر ئەمەلىيەتتە سۈننەتنىڭ كۆپ قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ.

ئالىملارنىڭ«قۇرئانغا ئۇيغۇن كەلمىگەن ھەم زىتمۇ كەلمىگەن» دېگەن سۆزى زىت ئىككى نەرسىنى جۇغلىغانلىق ئەمەس، بەلكى قۇرئان سۇكۇت قىلغان ۋە ئۇ توغرىدا ھېچقانداق ھۆكۈم قىلمىغان نەرسە مەقسەتتۇر، بۇ تۈردىكى ھەدىسلەردە قۇرئانغا ئۇيغۇنلۇق ياكى زىتلىق كۆرۈلمەيدۇ.

مەسىلەن، رەسۇلۇللاھنىڭ:«ئەگەر سىلەر مۇئەززىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىساڭلار، مۇئەززىن نېمە دېسە، سىلەرمۇ شۇنداق دەڭلار»دېگەن ھەدىسىدە قۇرئانغا ئۇيغۇنلۇق يوق، چۈنكى قۇرئان كەرىم بۇ سۆزنى بايان قىلمىدى. شۇنداقلا قۇرئانغا قارشىلىقمۇ يوق، چۈنكى قۇرئان كەرىم مۇسۇلمان كىشىنىڭ ئەزان توۋلىشىنى چەكلىمىدى.

يەنە بىر مىسال، رەسۇلۇللاھنىڭ:«ئاتنىڭ چېكىسىگە ياخشىلىق پۈتۈلگەن» دېگەن ھەدىسىدە قۇرئانغا ئۇيغۇنلۇق ياكى قارشىلىق يوق. چۈنكى قۇرئان كەرىم بۇ توغرىدا سۇكۇت قىلدى، يەنى بىرەر ھۆكۈم بايان قىلمىدى، رەسۇلۇللاھنىڭ قارارىغا بىرەر خىلاپ ئايەت كەلمىدى.

مانا بۇ قوياش نۇرىدەك روشەن ھەقىقەت، مۇھەققىق بۈيۈك ئالىملار ھەدىس بىلەن قۇرئان كەرىم ئارىسىدا زىتلىقنىڭ يۈز بېرىشى مۇمكىن ئەمەس دېگەن قاراشقا بىرلىككە كەلگەن. چۈنكى سۈننەت قۇرئان كەرىمنىڭ راستچىل ۋە ئىشەنچىلىك بايانى. راستچىل ۋە ئىشەنچىلىك بايان بايان قىلىنغۇچى(يەنى قۇرئان كەرىم)نىڭ مەقسەتلىرىگە ھەرگىز زىت كەلمەيدۇ.

ئۈچىنچى دەرىجىنىڭ ھەدىسلىرى ساناقسىز، چۈنكى بۇ ھەدىسلەر ھاياتنىڭ بارلىق ئىشلىرىدا قۇرئان كەرىم مەقسەتلىرى بىلەن ئايلىنىدۇ.

سۈننەتنى ئىنكار قىلغۇچىلار سۈننەت بىلەن قۇرئان كەرىم ئارىسىدىكى خىلاپ (يەنى زىتلىق)نىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتكەندە ئۈچىنچى دەرىجىنىڭ ھەدىسلىرىنى(يەنى قۇرئان كەرىم سۇكۇت قىلغان مەسىلىلەر ئۈستىدە توختالغان ھەدىسلەرنى) يوققا چىقىرۋېتىشتى ۋە ئۇ ھەدىسلەرنى باتىل دەپ ھۆكۈم قىلىشتى. چۈنكى بۇ ھەدىسلەر ئۇلارنىڭ نەزەرىدە قۇرئانغا زىت، خىلاپ ۋە باتىل. شۇڭا بۇلار مەخسۇس سۈننەت بىلەن ئىسپاتلانغان ئېتىقاد ۋە ئەھكاملارنى رەت قىلىشىدۇ.

 

سۈننەتنىڭ قۇرئان كەرىمگە ئۇيغۇن كېلىشى ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ

 

ئۈممەت ئۆلىمالىرىنىڭ ھەممىسى رەسۇلۇللاھدىن سەھى سادىر بولغان ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ قۇرئانغا ئۇيغۇنلىقىغا ئىتتىپاق. بۇ ئالىملار سۈننەتنىڭ قۇرئانغا ئۇيغۇن كېلىشى ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ، دېيىشتى:

1.پىكىر يۈرگۈزۈشكە مۇھتاج بولمايدىغان دەرىجىدە ئېنىق ئاشكارا ئۇيغۇن كېلىدۇ. مەسىلەن، جازانىنىڭ ھاراملىقى، ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىش، قۇرئان ۋە سۈننەتكە ئېسىلىش…قا ئوخشاش ھەدىسلەر قۇرئان كەرىمگە قوياش نۇرىدەك ئېنىق ۋە روشەن ئۇيغۇن كېلىدۇ.

  1. بىر ئاز يوشۇرۇنلىقى بىلەن تەپەككۈر قىلىشقا مۇھتاج بولىدىغان دەرىجىدە ئىنچىكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ھەدىسلەر. مەسىلەن، سۈننەتتە ئىسپاتلانغان توي قىلغان زىناخورلارنى رەجىم قىلىش ھۆكمى بىلەن قۇرئان كەرىمنىڭ جىنايى ئىشلارغا جازا بەلگىلەشتىكى ئومۇمى پرىنسىپلىرى ئۇيغۇن كېلىدۇ. بۇ تېما يۇقىرىدا زىكىر قىلىندى.

 

 

ئاساسلىق ئىككى قائىدە:

ئەگەر سەھى ھەدىس بىلەن قۇرئان ئايىتىنى ئۇيغۇنلاشتۇرۇش مۇمكىن بولمىسا، ئۇ چاغدا قۇرئان كەرىمدە ئومۇمى قائىدە بار، بۇ قائىدە ھەدىسكە ئۇيغۇنلۇق سۈپىتىنى قوشىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن زىتلىق سۈپىتىنى ئېلىپ تاشلايدۇ.

بىرىنچى: ئاللاھنىڭ ئەھزاب سۈرىدىكى سۆزى:«ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىرەر ئىشتا ھۆكۈم چىقارغان چاغدا، ئەر-ئايال مۆمىنلەرنىڭ ئۆز ئىشىدا ئىختىيارلىقى بولمايدۇ(يەنى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى بىرەر ئىشتا ھۆكۈم چىقارغان ئىكەن، ھېچ ئادەمنىڭ ئۇنىڭغا مۇخالىپەتچىلىك قىلىشىغا بولمايدۇ), كىمكى ئاللاھغا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلسا ، ھەقىقەتەن ئۇ ئوپئوچۇق ئازغان بولىدۇ»( ئەھزاب سۈرىسى، 36-ئايەت).

ئىككىنچى: ھەشىر سۈرىسىدىكى ئاللاھنىڭ سۆزى:«پەيغەمبەر سىلەرگە ئېلىپ كەلگەننى ئېلىڭلار، پەيغەمبەر چەكلىگەن نەرسىدىن چەكلىنىڭلار»(ھەشىر سۈرىسى، 7-ئايەت).

مانا بۇ ئىككى قائىدە سۈننەتنى ئىنكار قىلغۇچى ۋە سۈننەتنى قۇرئانغا زىت كېلىدۇ دەپ داۋا قىلىۋاتقان دەۋر زىندىقلىرى قوزغاۋاتقان شۇبھە ۋە جېدەلگە قارىشى تۇرۇشقا كۇپايە قىلىدۇ.

ھەزرىتى ئۆمەر بۇنداق ئادەملەر توغرىسىدا:«كەلگۈسىدە بىر تۈرلۈك ئادەملەر پەيدا بولىدۇ، ئۇلار سىلەر بىلەن قۇرئان مۇتەشابىھاتلىرىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ جىدەللىشىدۇ، سىلەر ئۇلارنى ھەدىسلەر بىلەن تۇتۇڭلار، چۈنكى سۈننەت ئەھلى ئاللاھنىڭ كىتاۋىنى ياخشى چۈشىنىدۇ»دېگەن ئىدى.

 

(6)

سۈننەتنىڭ قۇرئانغا ئۇيغۇن كېلىشى قاچان ۋاجىپ بولىدۇ؟

 

ئۈممەت ئۆلىمالىرى ئىچىدە سۈننەتنىڭ قۇرئانغا ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقىدا، سۈننەتنىڭ قۇرئان كەرىمدىكى قائىدە ۋە پرىنسىپلار ئاساسىدا چۈشىنىلىدىغانلىقى توغرىسىدىمۇ خىلاپ يوق. قۇرئانغا كەسكىن زىت كەلگەن ھەدىسلەر رەسۇلۇللاھغا نىسبەت بېرىلىشى توغرا بولمىغان ئويدۇرما ھەدىسلەردۇر. ئۈممەت ئۆلىمالىرى مېتودىنىڭ سۈننەتنى ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ تەسەۋۋۇرلىرىغا ئوخشىمايدىغانلىقى يۇقىرىدا بايان قىلىندى.

ئەمدى ئۇلار بىلەن ئىشارەت قىلىش تېگىشلىك بولغان بىر تارماق مەسىلە قېلىپ قالدى.  ئۇ بولسىمۇ ئېتىقاد، ئىبادەت، مۇئامىلات(يەنى ئىقتىسادى ئەھكاملار) ۋە ئەخلاق ئىشلىرىدا بەندىلەرنىڭ ئىشلىرىغا ئالاقىدار بولغان ھەدىسلەردە سۈننەتنىڭ قۇرئانغا ئۇيغۇن كېلىشى ۋاجىپ. بۇ قاراش ئىسلام ئۆلىمالىرى ئىچىدە تۈرلۈك تەخەسسۇسلىرى بىلەن بىرلىككە كېلىنگەن مەسىلە، يەنى مۇپەسسىرلەر، ھەدىسشۇناسلار، قانۇنشۇناسلار ۋە ئەقىدەشۇناسلار ئارىسىدا ئىتتىپاق مەسىلە.

 

گەپنىڭ خۇلاسىسى:سۈننەتنىڭ قۇرئانغا ئۇيغۇن بولىشى ئېتىقادى (ئېتىقادنىڭ ئاساسلىرى) ۋە ئەمەلىي تەكلىپ(يەنى مەسئۇلىيەت)لەردە ۋاجىپ بولىدۇ. ئەمما بۇنىڭدىن باشقا ئىشلاردا ئۇيغۇن كېلىشى(يەنى قۇرئاندا ئاساسىنىڭ تېپىلىشى) ۋاجىپ ئەمەس. چۈنكى سۈننەت قۇرئان كەرىمدە بايانى كەلمىگەن ئەھكاملارنى مۇستەقىل يولغا قويىدۇ، بەزى ئەھكاملارنىڭ قۇرئان ۋە سۈننەتتە تەڭ ئاساسى بولىدۇ، بەزى ئەھكاملارنىڭ تەڭ بولمايدۇ. ھەر بىر ھەدىسنىڭ قۇرئاندىن ئاساسى بولىشى شەرت ئەمەس.

مەسىلەن، سەھى ھەدىسلەردە بايان قىلىنىشىچە بىر ئادەم 99 ئادەمنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ، ماڭا تەۋبە قىلىش يولى بارمۇ؟دەپ سورىسا، بىرسى: ساڭا تەۋبە قىلىش يولى قالمىدى دەپ جاۋاب بەرگەندە، ئۇ ئادەمنىمۇ ئۆلتۈرۈپ يۈزنى تولۇقلىغان. يەنە بىر ئادەمدىن تەۋبە قىلىش يولى بارمۇ دەپ سورىغاندا، ئۇ ئادەم: بار، دەپ جاۋاب بەرگەن. بۇ قىسسە قۇرئان كەرىمدە بايان قىلىنمىدى، شۇنداقتىمۇ بۇ قىسسىنى بايان قىلغان ھەدىس قۇرئانغا زىت دەپ قارالمايدۇ.

 

 

2007.1.14 كۈنى

 

ئابدۇراخمان جامال كاشىغەرى