2024-يىل 4-ماي

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

ھەدىس ئۆلىمالىرى نەزىرىدىكى سۈننەتنى تەكشۈرۈش ۋە تەتقىق قىلىش پرىنسىپى

ھەدىس ئۆلىمالىرى نەزىرىدىكى سۈننەتنى تەكشۈرۈش ۋە تەتقىق قىلىش پرىنسىپى

 

سۈننەت(يەنى رەسۇلۇللاھغا نىسبەت بېرىلىدىغان رىۋايەتلەر)نى تەتقىق قىلىش پرىنسىپى مۇھىم پرىنسىپلارنىڭ بىرىدۇر. چۈنكى مۇسۇلماننىڭ ھاياتى مۇشۇ رىۋايەتلەرگە تايىنىدۇ، شۇنىڭغا قارىتا ئىبادەت ۋە تۇرمۇش ئىشلىرى ئىنتىزامغا سېلىنىدۇ. سۈننەتنى تەكشۈرۈش ۋە ئۇنى قوغداش شەرئى مەجبۇرىيەتتۇر، چۈنكى رەسۇلۇللاھ سۈننەتنى بۇرمىلاشتىن قوغداشقا بۇيرۇپ:«بۇ ئىلىمنى ئادىل (دىيانەتلىك)كىشلەر كۆتۈرىدۇ. ئادىل كىشلەر چېكىدىن ئاشۇرۇۋەتكۈچىلەرنىڭ چېكىدىن ئېشىشىنى، نائەھلىيلەرنىڭ يالغانچىلىقى ۋە جاھىللارنىڭ تەتۈر ئىزاھاتىنى توسىدۇ»دېگەن،(دارى قۇتنى رىۋايەت قىلغان).

رەسۇلۇللاھ سۈننىتىنى قوغدىغان ۋە ئۇنى باشقىلارغا يەتكۈزگەن كىشلەرگە دۇئا قىلىپ:«بىزدىن بىر نەرسىنى ئاڭلاپ، ئۇنى ئۆز ئەينى يەتكۈزگەن كىشىلەرنى ئاللاھ بەخىتلىك قىلىۋەتسۇن، يەتكۈزۈلگۈچى يەتكۈزگۈچىدىن ئاڭلىق بولىشى مۇمكىن»دېگەن،(تىرمىزى، ئەبۇداۋۇد ۋە ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان).

رەسۇلۇللاھ سۈننىتى توغرىسىدا يالغان سۆزلىگەن ئادەمنى ئاگاھلاندۇرۇپ: «مەن ھەققىدە يالغان سۆزلەش باشقىلارغا يالغان سۆزلىگەنگە ئوخشىمايدۇ، كىم ماڭا قەستەن يالغان سۆزلىگەن بولسا ئورنىنى دەۋزەختىن ھازىرلاپ قويسۇن» دېگەن، (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

شۇڭا ساھابىلار رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىنى قوغداش ۋە ئۇنى ھەر قانداق بۇرمىلىنىشتىن ساقلاشقا قاتتىق ھېرىس ئىدى، ئۇلار رەسۇلۇللاھدىن ئاڭلىغان ھەر بىر سۆزنى تەكشۈرەتتى ۋە رەسۇلۇللاھدىن ھەدىس سۆزلەشتە ئىنچىكە ئىزدىنەتتى. ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ۋە ھەزرىتى ئۆمەر كۆپىنچە ئەھكاملاردا ھەدىسكە ئىككى گۇۋاھچى تەلەپ قىلىشاتتى، ھەزرىتى ئەلى ئۆزى ئاڭلىمىغان ھەدىس بولسا، ھەدىس سۆزلەپ بەرگەن ئادەمدىن قەسەم قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلاتتى.

«ھاكىم نىيسابورى»نىڭ بايان قىلىشىچە: تەنقىدچىلىك ۋە باھالاش ئىلمىنى قۇرغۇچىلار ساھابىلار ئىدى، تەنقىدچىلىك ۋە رىۋايەت قىلغۇچىلارغا باھا بېرىش ساھابىلار دەۋردە بار بولغان قەدىمي ئەسلى ئىشتۇر. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:«ھەدىس رىۋايەت قىلغۇچىلارنى ئاقلاپ بەرگۈچى بىرىنچى تەبىقە:ھەزرىتى ئەبۇبەكرى، ھەزرىتى ئۆمەر، ھەزرىتى ئەلى، زەيد بىن سابىت، ھەزرىتى ئائىشە، ئىبنى ئابباس ۋە مەشھۇر ساھابىلاردۇر، ئۇلار رىۋايەتنىڭ ساغلام ۋە كېسەللىكى توغرىسىدا باھا بەرگەن، تەنقىد قىلغان ۋە ئىزدەنگەن»(1).

ساھابىلار دەۋرىدىن كېيىن، تابىئىنلار ۋە تەبئىي تابىئىنلار سۈننەتنى قوغداش ۋە سۈننەتكە لاياقەتسىز ئادەمنىڭ كېرىپ قېلىشىدىن ھىمايە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالدى، شۇڭا ئۇلار «سەنەد» (رىۋايەت قىلغۇچىلار تېزىملىكى) تەلەپ قىلىش ۋە رىۋايەتچىلەرنى بىلىشتە چىڭ تۇردى، باھا بېرىش ۋە تەنقىدچىلىكتە دەرىجە تۈزۈمى ۋە تەكشۈرۈش قائىدىلىرىنى يولغا قويدى. بۇ خىل شارائىت ھەدىسشۇناسلار نەزىرىدىكى تەنقىدچىلىك پرىنسىپىنى يەككە-يىگانە تەتقىقات پرىنسىپى قىلالىدى، باشقا ئەللەرنىڭ تەتقىقات پرىنسىپىدا بۇنىڭدەك پرىنسىپ تېپىلمايدۇ.

بۇ پرىنسىپنىڭ بەلگىلىرى رەسمى كىتاب شەكىلدە ھىجرىيە ئىككى ئەسىرنىڭ بېشىدىن تارتىپ ئوچۇق روشەنلەشتى ۋە مۇكەممەل شەكىلدە پروگىراممىلاشتى. بۈيۈك ئىككى ئىمام بۇخارى، مۇسلىم ۋە ئۇلاردىن باشقا ئالتە سەھى كىتاب ئىگىلىرىنىڭ قولىدا مېۋە بەردى. بۇ پرىنسىپىنىڭ بۈيۈكلىكى ۋە قائىدە پرىنسىپلىرى تۆۋەندىكى پرىنسىپلاردا كۆرۈنىدۇ.

 

بىرىنچى:ئىسناد(رىۋايەت قىلغۇچىلارنىڭ ئەھۋالى):

ئىمام مۇسلىم سەھى مۇسلىمنىڭ مۇقەددىمىسىدە ساھابە ۋە تابىئىنلارنىڭ سۈننەتنى ھىمايە قىلىش ۋە پىتنە دەۋرى(يەنى ئىبنى سەبەئنىڭ پىتنىسى، شىئە ئېقىمنىڭ پەيدا بولىشى ۋە سۈننەتكە سۈيىقەست قىلىش دەۋرى)دىن كېيىن  ئىسناد(يەنى ھەدىسنى كىمدىن ئاڭلىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىش) تەلەپ قىلىش پرىنسىپى توغرىسىدا توختىلىپ كۆپ خەۋەرلەرنى بايان قىلغان.

مەسىلەن:

(1).«ئىبنى سىرىن»نىڭ سۆزى:«ئالىملار ئىسناد توغرۇلۇق سورىمايدىغان ئىدى، پىتنە يۈز بەرگەندىن كېيىن:«كىمدىن رىۋايەت قىلغىنىڭلارنى دەپ بېرىڭلار دەيدىغان بولدى، شۇڭا ئۇلار ئەھلى سۈننى بولسا ھەدىسىنى ئالدى، بىدئەتچى بولسا ھەدىسىنى ئالمايدىغان بولدى»دېگەن.

(2).«ئىمام زۆھرى»:«ئىبنى ئەبى فىرۋە لەنەت ساڭا، سەن نېمىدېگەن جاسارەتلىشىپ كەتتىڭ!، ھەدىس سۆزلىسەڭ ئاساسى ياكى تۇتقۇچى يوق ھەدىسنى سۆزلەيدىكەنسەن يا!»دېگەن.

مانا بۇ ھەدىسنى يېتىپ كېلىش يولى ۋە تېكىست جەھەتتىن پۇختىلاشنىڭ مۇھىم قائىدىسى. چۈنكى ھەدىسنىڭ ساغلام ۋە كېسىلىنى ئاساسسىز بىلگىلى بولمايدۇ.

(3).«ئابدۇللاھ مۇبارەك»:«ئىسناد(ھەدىسنىڭ يېتىپ كېلىش يولى، يەنى نەقىل قىلغۇچىلارنىڭ تېزىملىكى) دىننىڭ قاتارىدىن، ئەگەر ئىسناد بولمىغان بولسا، ھەر بىر ئادەم خالىغىنىنى دېگەن بولاتتى»دېگەن.

 

 

ئىككىنچى: ھەدىسلەرنى تەكىتلەش ۋە ئىسپاتلاش:

 

ھەدىسلەرنى تەكىتلەش ۋە كۈچكە ئىگە قىلىش ساھابىلار، تابىئىنلار ۋە ھەدىسشۇناسلارغا مۇراجىئەت قىلىش، ھەدىسنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن شەھەرمۇ-شەھەر ئاتلاپ سەپەر قىلىش ۋە تۈرلۈك يوللىرىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ھەل بولىدۇ. مىسال ئېلىپ كۆرەيلى:

(1).«سەئىد مۇسەييىب»:«مەن بىر ھەدىسنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن كېچە-كېچىلەپ يول يۈرەتتىم»دەيدۇ.

(2).ھەزرىتى ئەبۇبەكرى چوڭ ئانىنىڭ مىراسىي توغرىسىدا بىرەر ھۆكۈمنى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن توختاپ قالغان، ئاندىن ئۇ پىشىم نامىزىدىن كېيىن بۇ مەسىلە توغرىسىدا كىشلەردىن سورىغاندا، «مۇغىيرە» دېگەن كېشى:رەسۇلۇللاھنىڭ چوڭ ئانىغا ئالتىدە بىر قىسمىنى بېرىدىغانلىقىنى ئاڭلىدىم»دېگەندە، ھەزرىتى ئەبۇبەكرى:بۇ ھەدىسنى سەندىن باشقا ئاڭلىغانلار بارمۇ؟دەپ تەكىتلەيدۇ، دەل شۇ چاغدا «مۇھەممەد بىن مەسلەمە» ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆزىنىڭمۇ شۇ ھەدىسنى ئاڭلىغانلىقى توغرىسىدا گۇۋاھلىق بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ھەزرىتى ئەبۇبەكرى مىراسنى بۇ ھەدىسكە ئاساسەن بۆلۈپ بېرىدۇ.

(3). ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ ئۆيگە كىرىشتىن ئىلگىرى رۇخسەت سوراش ھەققىدە «ئەبۇمۇسا ئەشئەرى» بىلەن قىلغان ئىشىمۇ گۇۋاھتۇر، رەسۇلۇللاھ بۇ توغرىدا: «سىلەردىن بېرىڭلار ئۈچ قېتىم رۇخسەت سورىسىمۇ رۇخسەت بېرىلمىسە قايتىپ كەتسۇن»دېگەنىدى، ھەزرىتى ئۆمەر ئەبۇمۇساغا:پاكىت كەلتۈر، بولمىسا خاپۇلاپ قالىمەن دېگەندە، «ئەبۇسەئىد خۇدرى» ھەدىسنىڭ سەھىلىقىغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ. يەنە بىر يول بىلەن رىۋايەت قىلىنغان بۇ ھەدىستە ھەزرىتى ئۆمەر ئەبۇمۇساغا:«مەن ساڭا ئىشەنمەيمەن ئەمەس، لېكىن كىشىلەرنىڭ رەسۇلۇللاھغا يالغان گەپنى توقۇپ چىقىشىدىن ئەنسىرىدىم»دېگەن(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

(4). «جابىر ئابدۇللاھ» دېگەن ساھابە «ئابدۇللاھ بىن ئەنىس ئەنسارى»دىن زۇلۇم ھەققىدە بىر ھەدىسنى ئاڭلاش ئۈچۈن شام دىيارىغا سەپەر قىلغان، بۇ ھەدىسنى جابىر ئابدۇللاھ رەسۇلۇللاھدىن ئاڭلىيالماي قالغان ئىكەن. ئۇ ھەدىسنى ئاڭلاپ، جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن مەدىنىگە قايتىپ كېلىدۇ ۋە «مۇشۇ ھەدىسنى ئاڭلاشتىن ئىلگىرى ئۆلۈپ كېتىشتىن ئەنسىرىگەن ئىدىم» دەيدۇ.

(5). «ئەبى ئەييۈب ئەنسارى»دېگەن ساھابە «ئۇقبە بىن ئامىر جۇھەنى» دېگەن ساھابىدىن مۆمىننىڭ ئەيىبىنى يېپىش توغرىسىدا بىر ھەدىسنى تەكىتلەش ئۈچۈن مىسىرغا سەپەر قىلغان(ئىمام زەھەبىنىڭ «كاشىف» ناملىق كىتاۋىغا قاراڭ).

 

 

ئۈچىنچى: رىۋايەت قىلغۇچىلارنى تەنقىد قىلىش(تەكشۈرۈش):

 

توغرا ھەدىسنى كېسەل ھەدىستىن ئايرىش ئۈچۈن رىۋايەتچىلەرنىڭ راستچىل ياكى يالغانچىلىق ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش؛ رىۋايەتچىلەرنىڭ ئەھۋالى، تارىخى، تەرجىمىھالى ۋە ئىستىلىنى تەتقىق قىلىش ئىشى ساھابىلار دەۋرىدىلا خېلى بۇرۇن باشلانغان ئىدى، ئۇلار ئادەملەرگە باھا بېرىشتە مۇجامىلە قىلمايدىغان ئىدى. ئىمام بۇخارىنىڭ ئۇستازى ئەلى بىن مەدىنى دادىسى توغرۇلۇق سورالغاندا:»بۇ دېگەن دىن مەسىلىسى، دادام ئاجىز(يەنى تايانغىلى بولمايدىغانلار قاتارىدىكى) ئادەم» دېگەن.

ھەدىسشۇناس ئالىملار ئىنچىكە تەنقىد (تەكشۈرۈش) ئۆلچىمىدە رىۋايەتچىلەرنى بىر قانچە تۈرگە ئايرىغان. ئۇلارنىڭ قاتارىدا ھەدىسى پەقەتلا قوبۇل قىلىنمايدىغانلار، ھەدىسى قوبۇل قىلىنىشتىن توختاپ قالغانلار ۋە ھەدىسى قوبۇل قىلىنىدىغانلار بار…

ھەدىسى قوبۇل قىلىنمايدىغانلار:

(1). رەسۇلۇللاھغا يالغان سۆزلەيدىغانلار،

(2). ئومۇمى ھەدىسلەردە يالغاننى توقۇيدىغانلار،

(3). بىدئەتچىلەر،

(4). پاسىقلار،

(5). غاپىللار…دىن ئىبارەت.

 

ھەدىسى قوبۇل قىلىنىشتىن توختاپ قالغانلار:

(1). ئادالىتى(يەنى دىيانىتى ۋە تەقۋالىقى) ۋە لاياقىتى توغرىسىدا ئىختىلاپ بار كىشلەر،

( 2). تولا ئۇنتۇپ قالىدىغان كىشلەر،

(3). ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئازغاشتۇرۇۋىتىدىغانلار،

(4). ئېسىدە تۇتۇۋېلىش قابىلىيىتى ئاجىزلار،

(5). كۆپ خاتالىشىدىغانلار ۋە ئىشەنچىلىك كىشىلەرنىڭ رىۋايىتىگە زىت رىۋايەت قىلىدىغانلار،

(6).ئىشەنچىلىك ۋە ئاجىزلارنى پەرقلەندۈرمەي ھەدىس قوبۇل قىلىدىغانلار …دىن ئىبارەت.

 

ھەدىسلىرى قوبۇل قىلىنىدىغانلار:

ئادالەت (دىيانەتلىك) خىسلىتى تېپىلىدىغان، پاسىقلىق ۋە ئادىمىگەرچىلىككە تەسىر يەتكۈزىدىغان ئىللەتلەردىن خالى بولغان، يادلاش، ئېسىدە تۇتۇش ۋە رىۋايەت قىلىشتا پۇختىلىققا ئىگە كىشىلەرنىڭ ھەدىسلىرى قوبۇل قىلىنىدۇ. راۋىنىڭ ئادالىتى(يەنى تەقۋالىقى ۋە دىيانىتى)، يادلاش ۋە ئېسىدە تۇتۇش قابىلىيىتى باھا بېرىشتىكى ئاساستۇر. باھا بېرىش دەرىجىلىرى ئادالەت ۋە ئېسىدە تۇتۇۋېلىش قابىلىيىتىگە قارىتا ئوخشاشمايدۇ.

 

تۆتىنچى: ھەدىسنى تۈرگە ئايرىش:

ئالىملار ھەدىس شەرىپنى تۈرلۈك ئېتىبار ئۆلچەملەر ئارقىلىق بىر قانچە تۈرگە ئايرىشتى:

(1). ھەدىسنىڭ يېتىپ كېلىش يوللىرى ئېتىبارى بىلەن :مۇتەۋاتىر، ئاھاد ۋە مەشھۇر دەپ تۈرگە ئايرىدى.

(2).ھەدىسنى قوبۇل قىلىش ۋە رەت قىلىش ئېتىبارى بىلەن: «سەھى ھەدىس»، باشقا ھەدىسلەر بىلەن «كۈچلەندۈرۈلگەن سەھى ھەدىس»، «ھەسەن(ياخشى) ھەدىس»، باشقىسى بىلەن «كۈچلەندۈرۈلگەن ھەسەن ھەدىس» ۋە «ئاجىز ھەدىس» دەپ تۈرگە ئايرىدى.

(3). ھەدىسنى سەنىدىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىش ئېتىبارى بىلەن: مۇئەللەق(يەنى ئىسنادنىڭ بېشىدىن بىر ياكى بىر قانچە راۋىنىڭ چۈشۈپ قېلىشى)، مۇرسەل(يەنى ساھابىنىڭ چۈشۈپ قېلىشى)، مۇنقەتى(يەنى سەنىدىدە ئۈزۈلۈش ھالىتىنىڭ پەيدا بولىشى) ۋە مۇئزەل(يەنى ئىسنادىدىن ئىككى ئادەمنىڭ ئارقىمۇ-ئارقا چۈشۈپ قېلىشى) دەپ تۈرگە ئايرىشتى.

(4). ھەدىسنى سەنىدىنىڭ يېتىپ بېرىش ئېتىبارى بىلەن: مەرفۇ(يەنى رەسۇلۇللاھغا تۇتاشقان ھەدىس)، مەۋقۇف(يەنى ساھابىگە تۇتاشقان ھەدىس)، مەقتۇ(يەنى تابىئىنگە تۇتاشقان ھەدىس) دەپ تۈرگە ئېرىشتى.

 

(5). ھەدىستىكى ئاجىزلىقنى بىر قانچە تۈرگە بۆلۈشتى:

* سەنىدىنىڭ ئۈزۈلۈش ئېتىبارى بىلەن ئاجىز دەپ قارالغان ھەدىسلەر.

* پاسىق، نامەلۇم ۋە ئەھۋالى نورمال ئادەمنىڭ رىۋايىتىگە ئوخشاش «ئادالەت شەرتى»نى يوقاتقانلىق سەۋەبى بىلەن ئاجىز دەپ قارالغان ھەدىس.

* ئارىلاشتۇرۇۋېتىش، غاپىللىق، ئېسىدە تۇتۇۋېلىشىنىڭ ئاجىزلىقى ۋە كۆپ خاتالىشىشقا ئوخشاش زابىت(يەنى يادلاپ ئېسىدە تۇتۇش ۋە يېزىپ ساقلاش) شەرتىنىڭ يوقۇلۇش ئېتىبارى بىلەن ئاجىز دەپ قارالغان ھەدىسلەر.

* ئىشەنچىلىك ئادەمنىڭ رىۋايىتى، ئۇنىڭدىنمۇ ئىشەنچىلىك ئادەمنىڭ رىۋايىتىگە زىت كېلىشىگە ئوخشاش شۇزۇز(قائىدىنىڭ ئەكسىچە) ئىللەت ئېتىبارى بىلەن ئاجىز دەپ قارالغان ھەدىسلەر.

* سەنەدتە مۇرسەلنى مەۋسۇل قىلىپ قويغان ياكى مەۋقۇفنى مەرفۇ قىلىپ قويغانغا ئوخشاش ئىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى ياكى مۇدرەج ھەدىسكە ئوخشاش ھەدىسنىڭ ماددىسىغا سۆز قوشۇلۇپ قالغان ھەدىسلەر.

(6). ئويدۇرما ھەدىسلەرنى بىلىش ئۈچۈن بەلگە ۋە قائىدىلەرنى بېكىتىش:

ھەدىسنىڭ ماددىسىدىكى ئويدۇرمىچىلىق ئالامىتى: مەنىسىنىڭ پاسىدلىقى ياكى قۇرئان ۋە ئېنىق سۈننەتكە خىلاپ كېلىشى ياكى تارىخى ھەقىقەتلەرگە زىت كېلىشى ياكى سۆزىنىڭ جانسىزلىقى ياكى مۇتەئەسسىپ راۋىنىڭ مەزھىپىگە ئۇيغۇن كېلىشى ياكى ساۋاب ۋە جازا ئىشلىرىدا چېكىدىن ئاشۇرۇۋىتىشتىن ئىبارەت.

سەنەدتىكى ئويدۇرمىچىلىق ئالامەتلىرى: راۋىنىڭ يالغانچىلىقىنىڭ ئېنىق بولىشى ياكى ئۆزى ئېتىراپ قىلىشى ياكى ئۆزى ئۇچرىشىپ باقمىغان ئادەمدىن رىۋايەت قىلىشىدۇر…

 

مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئالىملارنىڭ ھەدىسنىڭ ماددىسى (يەنى تېكىست)غا ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنىڭ دەلىلىدۇر. ئالىملارنىڭ ھەدىسنىڭ ماددىسىغا ئەھمىيەت بېرىشى سەنەدگە ئەھمىيەت بېرىشتىن قېلىشمايدۇ، مانا بۇ پەن ھەدىس ئىلمىدە «رىۋايەت قىلىش ۋە چۈشنىش»دەپ ئاتىلىدۇ.

مانا مۇشۇ زور ئەمگەكنىڭ نەتىجىسىدە تۆۋەندىكىدەك زور نەتىجىلەر قولغا كەلدى:

  1. سۈننەتنىڭ توپلىنىشى: سۈننەت دەسلەپتە «مۇسنەد» ئاندىن «سەھى كىتابلار» ئاندىن «سۈنەن كىتابلىرى» ئاندىن «جاۋامى كىتابلىرى» ئاندىن «مائاجىم كىتابلىرى» ئۇسۇلى بويىچە توپلاندى. بۇ ئارقىلىق سۈننەت زايا بولۇپ كېتىشتىن ساقلاندى.
  2. مۇستەلەھ ھەدىس(ھەدىس پەنلىرى ئاتالغۇلىرى) ئىلمى پەيدا بولدى: بۇ ئىلىم ئالىملار يالغان ھەدىسنى ئايرىش، سەھى ھەدىسنى كېسەل ھەدىستىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن قويغان قائىدىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ پەن ھەدىسنىڭ تۈرلىرى، ھەدىسلەردىكى ئىزتىراپ(ئېنىقسىزلىق) ۋە شۇزۇز(قائىدىنىڭ ئەكسىچە بولغان)ئىللەتلىرى، ھەدىسلەرنى رەت قىلىشقا سەۋەب بولىدىغان ئامىللار، باشقا يۆلەنچۈكى بولمىسا قوبۇل قىلىنمايدىغان ھەدىسلەر، شۇنداقلا راۋىنىڭ شەرتلىرى، قوبۇل قىلىنىدىغان ھەدىسنىڭ شەرتلىرى، ئاڭلاش شەكلى، نەقىل قىلىش ئۇسۇلى ۋە ساقلاش يولى، مۇھەددىسنىڭ ئەخلاقلىرى ۋە ئۇندىن باشقا تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
  3. ھەدىس ئىلىملىرى: بۇ ئىلىمنىڭ تەتقىقاتلىرى ھەدىس سۆزلىگۈچىنىڭ راستچىل ياكى يالغانچىلىقى، مۇسنەدلەرنى بىلىش، مۇرسەل ھەدىسلەرنى بىلىش…ساھابە ۋە تابىئىنلارنى دەرىجىسى بويىچە بىلىش، ھەدىسنىڭ ئۇقۇمىنى بىلىش، ناسىخ-مەنسۇخ، مەشھۇر- غەربنى بىلىش، ھەدىسنىڭ ئىللەتلىرىنى بىلىش… پەنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
  4. باھالاش ۋە تەنقىد قىلىش ئىلمى: بۇ ئادەملەرنى باھالايدىغان ئىلىم بولۇپ، بۇ ئىلىمدە رىۋايەتچىلەرنىڭ ئەھۋالى تەتقىق قىلىنىدۇ. ئادەملەرنى باھالايدىغان پەندە 500 مىڭدىن ئارتۇق ئادەملەرنىڭ ئۆلچەملىك ياكى ئۆلچەمسىز ئەھۋالى تىلغا ئېلىنىدۇ.

بۇئىلىم ناھايىتى مۇھىم بولغانلىقى ئۈچۈن ھەدىسشۇناسلار بۇ ئىلىمنى ھەدىس ئىلمىنىڭ يېرىمى دەپ قارىغان، چۈنكى ھەدىس سەنەد(رىۋايەت قىلغۇچى) ۋە مەتنى(يەنى تېكىست ياكى ماددىسى)دىن تەركىپ تاپىدۇ. شۇڭا ئالىملار تەنقىدچىلىكتە قائىدە ۋە پرىنسىپ بېكىتتى، تەنقىدچىلىك بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار بۇ پەننى ياخشى بىلىشى شەرت قىلىنىدۇ، تەنقىد قىلىش ۋە باھالاشنىڭ ئالتە تۈرلۈك دەرىجىسى بار…

 

 

(2006. 11.25 كۈنى يېزىلغان)

 

ئابدۇراخمان جامال ئەزھەرى