2024-يىل 3-ماي

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

ئىسلامنىڭ تەۋھىد ئەقىدىسى

ئىسلامنىڭ تەۋھىد ئەقىدىسى

 

ئاللاھ ئىنسانلارنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلىش ئۈچۈن پەيغەمبەرلەرگە ۋەھىي قىلغان توغرا دىن پەقەت بىر دىن بولۇپ، ماھىيىتى ۋە جەۋھىرىدە تەۋھىد ئەقىدىسى ئۈستىگە قۇرۇلغان. توغرا دىن ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن دىن بولۇپ، ئەقىل ئىگىلىرىگە قارىتىلغان. توغرا دىن پەقەتلا ئەقىدە ۋە شەرىئەت بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئىنساننىڭ ساغلام ھاياتى ئۈچۈن بۇ دۇنيادىكى مۇكەممەل تۈزۈم، ئاخىرەتتىكى بەخت- سائادەتنىڭ كېپىلى.

ئاللاھ تەرەپتىن چۈشۈرۈلگەن دىننىڭ ماھىيىتى: ھەقىقى مەۋجۇد بولغان يەككە-يىگانە بىر ئىلاھنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىشتۇر. ئۇ ئىلاھ ئىنساننى يارىتىپ، ئىنسانغا مەۋجۇدىيەت ئارىسىدا ئالاھىدە ئورۇن ھازىرلاپ بەرگەن. ئىنسانغا بۇ دۇنيادا قىلىشقا تېگىشلىك ۋەزىپىسىنى بايان قىلىپ بەرگەن. بۇ ئىمان ئىنساننىڭ گىن خەرىتىسىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ياراتقۇچىنىڭ بارلىقىنى ئېتىراپ قىلىش ئىنسان يارىتىلىشتىن ئىلگىرى ئىنسان خاراكتېرىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. دېمەك، دىن ئىنسان خاراكتېىرىدە ئاساسلىق نەرسە. نىيەت توغرا ۋە ئەقىل ئازات بولسا ئەسلىدىن تارتىپ ئىنسان خاراكتېرىدە مەۋجۇد بولغان دىننىڭ، ئەسلىدە بىر بولغان دىندىكى خەلقلەر ئارىسىدا يۈز بېرىۋاتقان ئىختىلاپنىڭ سەۋەبى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ئەمەس.

ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن ئىلاھى تەلىمات دىننىڭ ماھىيىتىنى ئاللاھغا ئىشىنىش ۋە كۆرسەتمىلىرىنى تۇتۇپ مېڭىش دەپ تونۇتتى. ئۇ تەلىمات مەرىپەت ئاساسلىرىنى توغرىلاپ بەردى. دىن، ھايات ۋە كائىناتقا مۇناسىۋەتلىك بۈيۈك ھەقىقەتلەر توغرىسدا ئومۇميۈزلۈك چۈشەنچە بەردى.

ئاللاھ پەيغەمبەرلەرگە ۋەھىي قىلغان ئىلاھىي يوليورۇقلار ئىنسانىيەت تارىخىدا يۈز بېرىپ تۇرىدىغان بۇرۇلۇشلارنى ئىسلاھ قىلىش، دىننى بۇددزىم تەسىرلىرى ۋە بۇرۇلۇش ئامىللىرىدىن پاكلاش ئۈچۈن ئارقىمۇ-ئارقا كەلگەن.

ئاللاھ چۈشۈرگەن ساماۋى كىتابلاردىكى ۋەھىي ئېلىپ كەلگەن كۆرسەتمىلەر كائىنات ۋە ھايات ئىشلىرىدا ئېنىق كەسكىن باياندۇر. بۇ دېگەنلىك ھايات ۋە كائىنات ئىشلىرىدا ئەقىلنى ئىزدىنىش ۋە تەپەككۇر قىلىشتىن توسمايدۇ، چۈنكى ئىزدىنىش ئىنساننى ئاخىردا ئاللاھ دېگەن نەرسىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە ئېلىپ بارىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەقىل بىلەن نەقىل ئارىسىنى ياكى تەپەككۇر بىلەن ۋەھىينى ياكى پەلسەپە بىلەن دىننى ياكى دىن بىلەن بىلىم-مەرىپەتنى ئۇيغۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسى دىنىمىزدا مۇقەررەرلەشتۈرۈلگەن. ئاللاھ تەرەپتىن كەلگەن ئاخىرقى دىن ئىسلام دىنى بولۇپ، ئىنسانىيەت ھەرىكىتىنى يېتەكلەش؛ بۇرۇلۇش يۈز بەرگەن دىنلار ۋە پەلسەپىلەردە يۈز بەرگەن نورمالسىزلىقنى ئىلاھى ۋەھىيگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن كەلگەن.

ئىسلام ئەقىدىسىكى تەۋھىد ئاللاھغا يەككە-يىگانە ئىمان كەلتۈرۈشتۇر. تەۋھىد ئىسلامنىڭ تېمىسى ۋە ئاساسى. ئاللاھنىڭ يەككە-يېگانىلىق سۈپىتىنىڭ مەنىسى ئاللاھ زاتىدا ياكى سۈپەتلىرىدە ياكى ئىش-ھەرىكەتلىرىدە بىرەر نەرسىنىڭ شېرىكچىلىك ياكى ئورتاقچىلىقنى قوبۇل قىلمايدۇ. ئىش-ھەرىكەتلىرىدىمۇ يەككە-يېگانىدۇر، شۇڭا ياردەم ياكى ھەمكارلىقنى قوبۇل قىلمايدۇ. كائىناتتىكى بارلىق نەرسىلەر ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ تەسىرىدۇر. يارىتىش ۋە كائىناتنىڭ ئومۇمىي تەدبىر ئىشلىرىدا يەككە-يىگانىدۇر. يەنى ئىلاھ بىر قانچە ئەمەس، ئاللاھنىڭ زاتى ۋە سۈپەتلىرىگە ئوخشايدىغان بىرەر نەرسە مەۋجۇد ئەمەس، ئاللاھ يېگانە زات بولۇپ بىرەر نەرسە بىلەن بىرلەشمەيدۇ ياكى بىرەر نەرسىگە چۈشمەيدۇ ياكى بىر قانچە نەرسىدىن تەركىپ تاپمايدۇ.

ئاللاھ ئىلاھلىقىدا يەككە-يىگانە، كائىنات ۋە مەۋجۇدىيەتنىڭ ياراتقۇچسى، ھەممە ئىشلارنى بىلپ تۇرغۇچى، كۆرۈپ تۇرغۇچى، ئاڭلاپ تۇرغۇچى ۋە تەقدىر قىلغۇچىدۇر. كامالەت سۈپەتلىرىگە ئىگە زات بولۇپ، بارلىق ئەيىب نۇقساندىن پاكتۇر. ھېچقانداق نەرسە ئۇ زاتقا ئوخشىمايدۇ. ياراتقۇچى زات بىلەن يارىتىلغان مەخلۇقنىڭ سۈپەتلىرى ئارىسىدا ئوخشاشلىق بولمايدۇ. ئۇ زات ئەزەلدىن تارتىپ بار ئىدى، ئۇنىڭ بىلەن ھېچ بىر نەرسە يوق ئىدى. ئۇ زات ئەزەلدىن قانداق بولغان بولسا ھازىرمۇ شۇ ھالىتىدە. ئۇ زات زامان، ماكان ۋە كائىناتتىن سىرتقى زات بولۇپ بىرەر نەرسىگە ئېھتىياجى چۈشمەيدۇ.

ئىسلام تەسەۋۋۇرىدا ئىلاھى زاتنىڭ ھەقىقىتى، ماھىيىتى ۋە سالاھىيىتىنى بەلگىلەشتە تەۋھىد پاكلىق ۋە ئەيىب-نۇقساندىن خالى ئىكەنلىكىدە تىل ئىپادىلەپ بولالمىغۇدەك دەرىجىگە يەتكەن. شۇڭا ئۇ زات ھېچقانداق بىر نەرسىگە ئوخشىمايدۇ.

ئاللاھدىن باشقا ھەر قانداق نەرسە ئىككىلىك، جۈپلۈك، ئورتاقلىق، ھەمكارلىق ۋە يار-يۆلەك بولۇش قائىدىسى ئۈستىگە قۇرۇلغان. ئەمما ياراتقۇچى ئاللاھنىڭ ئۆزىلا جۈپلۈكتىن، ئىككىلىكتىن، ئورتاقچىلىقىتىن، ئوخشاشلىقتىن ياكى ئېھتىياجىنىڭ چۈشۈپ قېلىشىدىن پاكتۇر. شۇڭا ئۆزىنى (ئەھەد) دېگەن سۆز بىلەن يەككە-يېگانە دەپ سۈپەتلىگەن.

ئاللاھنى يەككە-يىگانە دەپ ئېتىقاد قىلىش ئىنساننىڭ ھەر قانداق ئىشلىرىنى يۈزلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە تومۇرلىرىدا ئېقىۋاتقان روھتۇر. شۇڭا ئىنساننىڭ پايدىلىق ئىجادىيەتلىرى كائىنات مېھرابىدىكى خالىس ئىبادەت سانىلىدۇ.

ئىسلامنىڭ تەۋھىد ئەقىدىسى ئىنساننى ياراتقۇچى ۋە مەۋجۇدىيەت بىلەن باغلايدۇ. چۈنكى ئىنسان ئاللاھنىڭ مەخلۇقى بولۇپ، شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرى ۋە كۆرسەتمىسىگە قارىتا دۇنيانى گۈللەندۈرۈشكە تەكلىپ قىلىنغان ئىزباسارى (ۋەكىلى). ئىنسان، كائىنات ۋە تەبىئەت كۈچلىرى ئارىسىدا بىر بىرىنى يۆلەش ۋە دوستلۇق ئالاقىسى تېپىلىدۇ. ئىنسان بىلەن كائىنات ياكى تەبىئەت بىر بىرىگە دۈشمەن ئەمەس. كائىنات ياكى تەبىئەتتىكى ھەر قانداق نەرسە ئاللاھقا بويسۇنۇش ۋە ئۇلۇغلاش ئالاقىسى بىلەن باغلانغان. شۇنداقلا جىسىم بىلەن روھ، دىن بىلەن دۇنيا، دىن بىلەن بىلىم-مەرىپەت، بىلىم-مەرىپەت بىلەن ئەخلاق، دۇنيا بىلەن ئاخىرەت، ماددى دۇنيا بىلەن مېتافىزىكا دۇنياسى، سەۋەب بىلەن غايىلەرنىڭ ھەممىسى تەۋھىد ئالاقىسى بىلەن تەڭپۇڭ باغلانغان. تەبىئەت ياكى كائىنات ئاللاھنىڭ مەخلۇقى بولۇپ، پەقەت ئاللاھنىڭ تەدبىرى بىلەن ھەرىكەتلىنىدۇ، ئاخىرىدا ئاللاھ بەلگىلەن دائىرىدە توختايدۇ.

خالىس تەۋھىد ئۇقۇمى غايىب بولسا، ئۇ چاغدا ئىنساننى مال-دۇنيا، مەنسەپ-ھوقۇق، كۆڭۈلنىڭ لەززىتى ۋە باشقا نەرسىلەرگە ئىبادەت قىلىشتىن ساقلاپ قالىدىغان نەرسە تېپىلمايدۇ.

دىندارلىقنىڭ ماھىيىتى ۋە كائىنات پەلسەپىسى ئۆز-ئارا مېھرىبان بولۇش، زالىملارغا قاتتىق قول بولۇشتۇر. ھەقىقى مۇۋەھھىد دىنىي ياكى دۇنيالىقى توغرىسىدا خارلىقنى قوبۇل كۆرمەيدۇ.

ئىسلامدىكى تەۋھىد پەقەتلا ياراتقۇچى ئاللاھغا بويسۇنۇش دېمەكتۇر، ئاللاھنىڭ ئۆزى ۋە پەيغەمبىرى سۈپەتلەپ بەرگەن سۈپەتلىرىگە ئىشىنىش دېمەكتۇر. تەۋھىد ئىنساننى ئاللاھدىن باشقا ھەر قانداق نەرسىگە قۇلچىلىق قىلىشتىن ئازات قىلىش دېمەكتۇر. ئىسلامنىڭ تەۋھىد كۆز قارىشى مۇسۇلمانلارنىڭ كىملىك يولى، ئويغىنىشنىڭ ھەقىقى تۈرتكىسى ۋە توقۇنۇش قاينىمىدىكى پوزىتسىيىنىڭ بىرلىكىدۇر.

 

ئابدۇراخمان جامال كاشىغەرى

2015.7.20 كۈنى. قاھىرە