2024-يىل 3-ماي

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

قۇرئاندىكى ئىسلام ئەقىدىسىنىڭ ئاساسلىرى(1)

قۇرئاندىكى ئىسلام ئەقىدىسىنىڭ ئاساسلىرى

 

مۇقەددىمە

ئەقىدىنىڭ ئاساسلىرى دىننىڭ بىرىنچى پرىنسىپلىرىنى تەمسىل قىلىدۇ. ئۇ ئىنساننىڭ خاراكتېرى، ئەقىل ۋە نەقىلدىمۇ بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئەقىدىنىڭ ئاساسلىق پرىنسىپلىرى ئاللاھغا، پەيغەمبەرلەرگە ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىشتە خۇلاسىلىنىدۇ. ئەقىدىنىڭ بۇ ئاساسلىرى شۇنداق روشەن كەلگەن بولۇپ ئۆزگەرمەس پرىنسىپلارنىڭ ئاساسىي ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن، ئاللاھقا ئىشىنىش بىرىنچى بولۇپ ئەخلاق مەسىلىسىگە چېتىلىدۇ، ياراتقۇچىنى ئېتىراپ قىلىش توغرا يۆلىنىش، ھايا قىلىش ۋە ئەخلاقنىڭ جۈملىسىدىن سانىلىدۇ، ئىنكار قىلىش چوڭچىلىق ۋە تەرسالىقنى كۆرسىتىدۇ. ياراتقۇچى ئاللاھنى ئېتىراپ قىلىش ئىنساننىڭ ھۆرمىتى، ئابرويىنى ئىسپاتلايدۇ، ئىززەت-شەرەپ ۋە بەخت-سائادەت ئاتا قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھنى ۋە گۈزەل سۈپەتلىرىنى تونۇش ئىنسان ئىستىلىنى يۈزلەندۈرۈشتىكى باشلىنىش نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ.

ئىسلامنىڭ ئەقىدە ئاساسلىرى ئىسلام شەرىئىتىنىڭ بىرىنچى مەنبەسى سانىلىدۇ، چۈنكى شەرىئەت ئەقىدىدىن تارماقلىنىدۇ، ئىستىلمۇ ئەقىدىدىن تارماقلىنىدۇ. دېمەك،ئەقىدىنىڭ ئاساسلىرى ئۆزگەرمەس پرىنسىپلاردىن ئىبارەت، ئىسلامنىڭ ئەقىدىسى قۇرۇق پەلسەپىۋى نەزەرىيە ئەمەس، ئەمەلىي ھايات مېتودىدىن ئىبارەت. ئەقىدە ئىنسان ھاياتى ۋە ئىستىلغا تەسىر بېرەلمەيدىغان نەزەرىيە ۋە جېدەل- ماجرا بولۇپ قالسا ئۈنۈمسىز نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ.

ئىسلامدىكى تەۋھىد ئەقىدىسى ئىنساننى ئاللاھدىن باشقا ھەر قانداق بىر نەرسىلەرگە قۇللۇق قىلىشتىن ئازات قىلىدىغان ئىنقىلابتىن ئىبارەت. شۇنداقلا ئىنساننى خۇراپات، زۇلۇم، ئاچكۆزلۈك ۋە شەخسىيەتچىلىكتىن ئازات قىلىدۇ… ئىسلامنىڭ تەۋھىد ئەقىدە ئاساسلىرى مۇسۇلمانلارنىڭ كىملىك يولىنى تەمسىل قىلىپ بېرىدۇ ۋە مەدەنىيەت يولىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. قۇرئان مېتودى ئېنىق غايە ئۈچۈن كەلگەن:«ئى مۇھەممەد، بىز سېنى قۇرئان شەرىئىتى ۋە كۆرسەتمىسى بىلەن پۈتۈن جاھان ئۈچۈن رەھمەت قىلىپ ئەۋەتتۇق» (ئەنبىيا سۈرىسى، 107-ئايەت). قۇرئان كەرىم مۇشۇ غايىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن مېتودىنى يولغا قويغان. بۇ مېتود ئەقىدە بىلەن باشلىنىدۇ، ئەقىدە مۇسۇلماننىڭ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشقا كېتەرلىك بولغان تەسەۋۋۇرلارنى تۈزۈپ چىقىدۇ.

قۇرئان كەرىمنىڭ بىرىنچى غايىسى تەۋھىد ئەقىدىسىدىن ئىبارەت. قۇرئان كەرىم ئوتتۇرىغا قويغان ئەقىدە شۇنداق روشەن، جانلىق ۋە ھەرىكەتچانلىققا ئىگە بولۇپ، مۇسۇلمان كىشى خىزمەت ۋە مەسئۇلىيەت مەيدانىدا مۇھتاج بولىدىغان ئەقىدىنىڭ ئاساسلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. قەلبىنى ھەرىكەتلەندۈرەلەيدىغان ۋە ھىممەتنى روھلاندۇرالايدىغان ساغلام، ئېنىق، مۇكەممەل، رېئاللىققا ئۇيغۇن ۋە تەسىر بېرەلەيدىغان تەۋھىد ئەقىدىسىنى قۇرۇپ چىقىشتا بىرىنچى بولۇپ قۇرئان كەرىمگە تايىنىش لازىم. قۇرئان كەرىمنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە تايانغان ئەقىدە ئاساسلىرى مۇسۇلمانلارنىڭ يۆلىنىشى، كۆز قاراشلىرى ۋە ئاساسلىق پرىنسىپلىرىنى بىرلەشتۈرەلەيدۇ. قۇرئان ئەقىدىسى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن بىخەتەرلىك ئېغىزىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلامنىڭ تەۋھىد ئەقىدە ئاساسلىرىنى قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىنىڭ روھىغا ئاساسەن زەنجىرسىمان چۈشەندۈرىمىز.

قۇرئان كەرىمنىڭ ئەقىدە ئاساسلىرى «ئىمان» دېگەن سۆز بىلەن بايان قىلىنغان. ئىسلام ئاتالغۇسىدا «تەۋھىد، ئىمان ۋە ئەقىدە» دېگەن ئاتالغۇلار ئورتاق مەنىدە قوللىنىلىدۇ.

 

(1)

ئەقىدە ۋە ئىزباسارلىق

ئاللاھ ئىنساننى يارىتىپ، ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىزباسار بولۇشتىن ئىبارەت بۈيۈك غايە ئۈچۈن زېمىنغا چۈشۈردى. زېمىنغا ئىزباسارلىق قىلىش ھاياتتىكى ئىنساننىڭ ۋەزىپىسى، ئىنساننىڭ بۇ ۋەزىپىسىگە ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىجرا قىلىش مىقدارىغا قاراپ باھا بېرىلىدۇ. ئىنسان مەۋجۇتلۇقتىكى غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرالىسا ئۈنۈم قازانغان ياخشى ئىنساندۇر، ئەگەر غايىسىدىن يىراقلىشىپ كەتسە مەغلۇب بولغان ئىنساندۇر:«ئى ئىنسانلار! بىزنى سىلەر ئۆزۈڭلارنى بىكار ياراتتى (يەنى سىلەر بىزنى ھايۋاناتلارنى ياراتقىنىمىزدەك بىز ھېچقانداق ساۋابمۇ بەرمەيدىغان، جازامۇ بەرمەيدىغان قىلىپ ياراتتى), ئۆزۈڭلارنى بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتۇرۇلمايدۇ دەپ ئويلامسىلەر؟. كائىناتنىڭ ئىگىسى بولغان ئاللاھ ئۈستۈندۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ ئۇلۇغ ئەرشنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر»(مۆمىنۇن سۈرىسى، 115-116-ئايەتلەر).

ئىنسان ئۆزىگە سادىق بولسا، ئۆز ئۆزىدىن: مېنى كىم ياراتتى؟ نېمە ئۈچۈن ياراتتى؟ نەتىجە نېمىدىن ئىبارەت؟ دېگەن سوئالنى سورىشى كېرەك. ھاياتلىقتا ھەر قانداق بىر ئىشنى باشلاشتىن ئىلگىرى بۇ سوئاللارغا بېرىلگەن جاۋاب ئېنىق روشەن بولىشى كېرەك.

ئىسلام دىنى بۇ سوئالنىڭ ھەر بىرىگە تەپسىلى روشەن جاۋاب بەرگەن. مەسىلەن، ئاللاھ ياراتقۇچى زات، ئۇ بىزنى زېمىندا ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىزباسارلىق قىلىشتىن ئىبارەت چوڭ غايە ئۈچۈن ياراتتى. ئىزباسارلىق پەقەت ئاللاھقا يالغۇز ئىبادەت قىلىش ئاساسىدا ۋۇجۇتقا چىقىدۇ:«جىنلارنى، ئىنسانلارنى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈنلا ياراتتىم»(زارىيات سۈرىسى،56-ئايەت). ئىبادەت قىلىش ئىنساننىڭ بۇ دۇنيادا يارىتىلىشىدىكى ئاساسلىق بىرىنچى غايىدۇر. پەيغەمبەرلەرنىڭ بىرىنچى ۋەزىپىسىمۇ ئىنسانلارغا ئاللاھنى تونۇشتۇرۇش، ئۇلارنىڭ قەلبى ۋە ئەقلىدە ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ئىدىيىسىنى سىڭدۈرۈشتىن ئىبارەت.  ئىبادەت دېگەن ئاللاھنىڭ شەرىئىتى ۋە كۆرسەتمىسىگە تولۇق بويسۇنۇش دېگەنلىكتۇر. ئۇ ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىسىگە تايىنىپ تۇرۇپ ھاياتنى ئىسلاھ قىلىشقا يۈزلىنىش دېمەكتۇر. ئاللاھقا يالغۇز ئىبادەت ۋە ئىتائەت قىلماي تۇرۇپ زېمىننى گۈللەندۈرگىلى بولمايدۇ.

ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىسىنى بىلمەي تۇرۇپ ئاللاھنى نەزەرىيە جەھەتتىن بىلىپ قويۇش خىزمەت مەيدانىدا ئۈنۈم بەرمەيدۇ. شۇڭا پەيغەمبەرلەر ياراتقۇچى ئاللاھقا قارىتا قەلبى ئىمان كەلتۈرۈش بىلەن زېمىندا ئەمەلىي قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار ئارىسىنى باغلاپ تۇرىدىغان ۋاسىتىدۇر. پەيغەمبەرلەر ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئىنسانلارغا يەتكۈزىدۇ.

بۇ دۇنيادا جاپا تارتىپ ئەمەل قىلىشنىڭ نەتىجىسى ئىتائەت قىلغان مۆمىنلەرگە ئەبەدىي نېمەت، ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىسىگە بويسۇنمىغان كاپىرلارغا دوزاخ ئازابى بولىدۇ. ئىنسان جاپا تارتىش ۋە بەدەل تۆلەشنىڭ ئارقىسىدا ماددى ياكى مەنىۋى نەتىجە بولمىسا جاپا تارتمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئان كەرىم ئىنساننىڭ ۋەزىپىسىنى تولۇق ئىجرا قىلىشى ئۈچۈن جەننەتنىڭ نېمەتلىرى، ئاللاھنىڭ رازىلىقى ۋە بەخت-سائادەتنىڭ ئەبەدىيلىكىنى تەپسىلى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەگەر ئىنسان خاتا يولغا كىرىپ، مۇشۇ دۇنيانىڭ ماددى مەنپەئەتىنى تاللىغان بولسا، قۇرئان كەرىم بۇ ئىنساننىڭ نەزىرىنى دوزاخ ئازابى ۋە ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچرايدىغانلىقىغا دىققىتىنى قاراتماقتا.

مانا بۇ جاۋابلارنى»ئەقىدە»دەپ ئاتايمىز. «ئىسلام ئەقىدىسى»دېسەك ئىسلامنىڭ بۇ سوئاللارغا بەرگەن جاۋابلىرى دېگەن بولىدۇ. ئەقىدە ئىسلامنىڭ ئاساسىي، تېمىسى ۋە بىرىنچى ئاساسىي. ئەقىدىنىڭ مەقسىتى ئاللاھقا يالغۇز ئىبادەت قىلىش، ئىستىلنى تۈزۈتۈش، زېمىننى ۋە ھاياتنى بىلىم-مەرىپەت ۋە ئەمەل قىلىش ئارقىلىق گۈللەندۈرۈشتۇر.

 

 

(2)

ئەقىدىنىڭ تەسىرى

قۇرئان كەرىم ئەقىدە ئۇقۇمىدا ئىنسانلارنى مۆمىنلەر ۋە كاپىرلار (غەيرى مۇسۇلمانلار) دەپ ئايرىم ئىككى دائىرىگە بۆلدى. مۆمىنلەر ئاللاھغا، پەيغەمبەرلەرگە، كىتابلارغا، پەرىشتىلەرگە، تەقدىرگە ۋە قىيامەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرۈش ئاساسىدا ئۇچرىشىدۇ. كاپىرلار مۆمىنلەر بىلەن مۇشۇ ئاساسلارنىڭ بىرەسىدە ياكى ھەممىسىدە باشقىچە كۆز قاراشتا بولىدۇ.

ئەقىدىنىڭ تەقەززاسى بويىچە مۇسۇلمانلار چىن قەلبىدىن بولغان سەمىمىي مۇھەببەتنى ۋە كۆيۈنۈشنى مۆمىنلەرگە تەقدىم قىلىدۇ. مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى ئەڭ كۈچلۈك ئالاقە ئەقىدە ئاساسىدا شەكىللىنىدۇ. ئىنسانىي قېرىنداشلىق ئالاقىسى ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. مۆمىنلەر ئارىسىدىكى سەمىمىي دوستلۇق ئالاقىسى باشقا دىنىدىكىلەر بىلەن توقۇنۇش پەيدا قىلىش ئالاقىسىنى ئىپادىلىمەيدۇ. بەلكى ھەقنى باتىلدىن ۋە توغرا پوزىتسىيىنى ناتوغرا پوزىتسىيىسىدىن ئېنىق بىلىش ئۈچۈن پەرقلىنىپ تۇرۇشنى تەقەززا قىلىدۇ. باشقىلار كاپىر بولغانلىقى ئۈچۈن توقۇنۇشۇش پەيدا قىلىش ياكى زۇلۇم قىلىش ئىسلامنىڭ يولى ئەمەس. تاجاۋۇز قىلمىغان بولسا ھەمكارلىشىش ۋە چىقىشىپ ياشاش ئىسلامنىڭ كۆرسەتمىسىدۇر. بۇ مەسىلە ئايدىڭلاشقان بولسا قۇرئان كەرىمنىڭ ئىنسانىي ئورتاقچىلىق نەزىرىيىسى ۋە كۆرسەتمىلىرى ئاساسىدا چىقىشىپ ياشىسا بولىدۇ.

قۇرئان كەرىمنىڭ غەيرى مۇسۇلمانلارغا قارىتا بەلگىلىگەن خەلقئارا سىياسىتىنى بۇ ئايەتتىن ناھايىتى ئېنىق كۆرەلەيمىز:«(كۇففارلاردىن) سىلەر بىلەن ئۇرۇش قىلمىغان ۋە سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارمىغانلارغا كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلاردىن، ئۇلارغا ئادىل بولۇشۇڭلاردىن سىلەرنى توسمايدۇ، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئادىللارنى دوست تۇتىدۇ.

ئاللاھ دىن ئۈچۈن سىلەر بىلەن ئۇرۇشقان، سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارغان ۋە سىلەرنى ھەيدەپ چىقىرىشقا ياردەملەشكەنلەرنى دوست تۇتۇشۇڭلاردىن سىلەرنى توسىدۇ، كىمكى ئۇلارنى دوست تۇتىدىكەن، ئۇلار زالىملاردۇر» (مۇمتەھىنە سۈرىسى، 8-9-ئايەتلەر).

قۇرئان كەرىم كاپىرلار (غەيرى مۇسۇلمانلار)نى كۇپۇرلۇقى ۋە ئازغۇنلىقىدىن قۇتقۇزۇۋېلىشىنى مۇسۇلمانلارنىڭ ۋەزىپىسى قىلىپ بەلگىلىگەن. مۇسۇلمانلارنىڭ كاپىرلارغا قارىتا مەجبۇرىيىتى كۆيۈنۈش ۋە ئۇلارنىڭ دۇنيا-ئاخىرەتتە زايە بولۇپ كېتىشىدىن ئىچ ئاغرىتىشتۇر:«ئى قەۋمىم! سىلەرنىڭ ماڭا قارشى تۇرغانلىقىڭلار سىلەرنى نۇھنىڭ قوۋمى ياكى ھۇدنىڭ قوۋمى ۋە ياكى سالىھنىڭ قوۋمى دۇچار بولغان ئازابقا دۇچار قىلمىسۇن. لۇت قوۋمى(نىڭ دىيارى) سىلەر(نىڭ جايىڭلار)دىن يىراق ئەمەس»(ھۇد سۈرىسى، 89-ئايەت).

ئىمان ۋە ئەقىدىنىڭ يولى قانائەتلىنىش ۋە تەستىقلاش بولغانلىقى ئۈچۈن مەجبۇرلاش ئىماننىڭ يولى ئەمەس:«دىنغا كىرىشكە زورلاشقا بولمايدۇ، توغرا يول بىلەن خاتا يول ئېنىق ئايرىپ كۆرسىتىلدى»(بەقەر سۈرىسى، 256-ئايەت). ئىمان ۋە ئەقىدىنىڭ يولى دەۋەت قىلىش، سۆھبەت ئېلىپ بېرىش، پاكىت كۆرسىتىش ۋە بايان قىلىپ بىرىش ئاساسىدا بولىدۇ.

ئۇرۇش قىلىش باشقىلارنى دىنغا كىرگۈزۈشنىڭ شەرىئەتكە ئۇيغۇن يوللۇق يولى ئەمەس. ئۇ مۇسۇلمانلارنى ھىمايە قىلىش، خەتەردىن قوغداش ۋە دەۋەت قىلىش ئەركىنلىكىگە ئېرىشىش ئۈچۈن دەۋەت قىلىش يولىدىكى توسالغۇلارنى ئېلىپ تاشلاشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى چارىسىدىن ئىبارەت.

تىنچلىق ئىسلامدىكى ئەسلى قائىدە، ئۇرۇش قىلىش شارائىت سەۋەبىدىن بولىدىغان ئايرىم ئەھۋال. غەيرى مۇسۇلمانلار بىلەن چىقىشىپ ياشاش ئىسلامنىڭ خەلقئارا ئالاقىسىدىكى ئاساسلىق سىياسىتى ئىكەنلىكى توغرىسىدا «بىز سىلەرنى تونۇشۇڭلار ئۈچۈن ياراتتۇق»دېگەن ئايەتنىڭ تەپسىرى، «ئىسلامنىڭ ئالەم نەزىرىيەسى» ۋە «چىقىشىپ ياشاش ۋە ئىنسانىي ھەمكارلىقنىڭ ئومۇمىي پرىنسىپلىرى» ناملىق ماقالەمگە قاراڭ.

 

 

(3)

قۇرئان كەرىمنىڭ ئەقىدىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىكى ئالاھىدىلىكى

1.قۇرئان كەرىم ئېلىپ كەلگەن ئەقىدە ئەمەلىي ئەقىدە:

قۇرئان كەرىم ئىنساننىڭ ئەقلى، روھى، پىسخىكىسى ۋە تەكلىپ قىلىنغان ۋەزىپىگە قارىتا ئىمكانىيىتى ۋە ئىقتىدارىغا ئۇيغۇن ئەقىدە ئېلىپ كەلگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئاندا كەلگەن ئەقىدە مەسىلىلىرىنىڭ ھەممىسى ئىنساننى ئاللاھ بەلگىلىگەن غايىنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشقا ئۈندەپ تۇرىدۇ. قۇرئان كەرىم ئەمەلىي مەيداندىن يىراق سۆزلىمەيدۇ. بەزى غەيبى(مېتافىزىكا) مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆزلىگەن بولسىمۇ ياخشى ئەمەل ۋە گۈزەل ئىستىل ئىشلەپچىقىرالايدىغان مىقداردا توختالغان. غەيبى ئىشلار توغرىسىدا قۇرۇق پەلسەپە نەزەرىيىسى شەكلىدە توختالمىغان. مەسىلەن، ئاللاھنىڭ قۇرئان كەرىمدە كەلگەن ئىسىم سۈپەتلىرىگە قارىساق ئىنساننىڭ ئىستىلىدا ئەمەلىي تەسىرى بار. پەيغەمبەرلەرنى قوللاش يۈزىسىدىن ئۇلارنىڭ مۆجىزىلىرى توغرىلىق سۆزلىگەن. ئۇلارنىڭ ۋەقەلىكلىرىنى سۆزلىگەندە ھەقىقەت يولدىكى كۈرەشلىرى، سەۋرچانلىقى ۋە كۈرەشنىڭ نەتىجىلىرىنى تەڭ سۆزلەپ بەرگەن. قىيامەت كۈنى، پەرىشتىلەر ۋە جىنلار توغرىسىدا سۆزلىگەن بولسا ئىنسانغا پايدىلىق بولغان ۋە ئەمەل قىلىشقا تۈرتكە بولىدىغان يوسۇندا سۆزلىگەن. قىيامەت كۈنى توغرىسىدىكى بايانلىرىنىڭ كۆپىنچىسى قىزىقتۇرۇش، قورقۇتۇش ۋە ئاگاھلاندۇرۇشتىن ئىبارەت بولغان.

2.قۇرئان ئەقىدىسى ھەممە ئىنسانلارغا ئۇيغۇن كېلىدىغان دۇنياۋى ئەقىدە:

ئىسلام دىنى بارلىق ئىنسانلارغا خىتاب قىلىپ كەلگەن دىن بولغانلىقى ئۈچۈن ئەقىدىسى دۇنياۋى ئەقىدىدۇر. ئىسلام ئەقىدىسى كائىنات، ھايات، ئىنسان ۋە ياراتقۇچى ئاللاھ ئارىسىدىكى ئالاقىگە قارىتا تولۇق تەسەۋۋۇر قويۇپ بەرگەن. شۇنداقلا ئىسلام ئەقىدىسى ئىنسان ھاياتىنىڭ بارلىق تەرەپلىرىگە تەسەۋۋۇر ئاساسلىرىنى يولغا قويغان.

قۇرئان كەرىم«پۈتۈن جاھان ئەھلىنى(ئاللاھ نىڭ ئازابىدىن) ئاگاھلاندۇرغۇچى بولۇشى ئۈچۈن، بەندىسىگە(يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىغۇچى قۇرئاننى نازىل قىلغان ئاللاھنىڭ بەرىكىتى بۈيۈكتۇر»دەيدۇ(فۇرقان سۈرىسى،1-ئايەت). قۇرئان ئەقىدىسىنىڭ ئىدىيە ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتىن تۈرلۈك بولغان ھەر خىل ئىنسانلارنى قانائەتلەندۈرۈپ، بۈيۈك غايىگە ئىتتىرەلىگەنىلىكىگە نەزەر تاشلاپ بېقىڭ…

  1. ئومۇمىيلىق:

قۇرئان كەرىم ئىنسان مۇھتاج بولىدىغان نۇقتىلاردىن بىرەر نۇقتىنى قالدۇرۇپ قويماي ئېنىق بايان قىلغان. ئەقىدىنىڭ ئاساسلىرى ۋە مۇھىم مەسىلىلىرىنى قۇرئان كەرىم چالا قويماي بايان قىلىپ بەرگەن. سۈننەتتە بايان قىلىنغان ئەقىدە مەسىلىلىرى قۇرئاندىكى ئەقىدە مەسىلىلىرىنى تەكىتلەپ ياكى بەزى مەزمۇنلارنى كېڭەيتىپ ياكى ئەقىدىنىڭ تارماق مەسىلىلىرىنى بايان قىلىپ كەلگەن.

4.قۇرئان كەرىم ئوتتۇرىغا قويغان ئەقىدە دىنىمىزنىڭ باشقا تەپسىلاتلىرىغا چېتىلىپ كەلگەن.

ئەقىدە ئەمەلدىن ئايرىلسا ئۈنۈمسىز قۇرۇق نەزەرىيىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەمەلىي ئىشلارغا ئالاقىدار مەسئۇلىيەت تەرەپلىرى ئەقىدە مەسىلىلىرىنىڭ تولۇق بويسۇنۇشقا ئىتتىرىدىغان مەسىلىلىرىگە باغلىنىپ كەلگەن. مەسىلەن، ئىبادەت، ئەخلاق، مۇھەببەت-نەپرەت، سىياسەت ۋە تۈزۈم، ئىقتىساد ۋە شەخسى ئەھۋاللار ئەھكاملىرىمۇ ئەقىدىگە باغلىنىپ كەلگەن.

5.قۇرئان كەرىمنىڭ ئەقىدە ئالاھىدىلىكى قانائەتلەندۈرۈش ئۇسۇلىغا تايانغان:

قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇسلۇبىمۇ مۆجىزە بولۇپ، ئەقىدە ساھەسى تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان. قۇرئان كەرىم ئەقىدىنى تونۇشتۇرۇشتا ئەقىل بىلەن ھېسسىياتقا تەڭ خىتاب قىلغان. ئەقىدە ئايەتلىرى ئەڭ ئىلغار ئۇسۇلدا مول مەزمۇنلۇق كەلگەن بولسىمۇ ھەممە ئىنسان چۈشىنەلىگۈدەك ئاددى روشەن ھالەتتە كەلگەن. ئەقىدە ئايەتلىرىنىڭ مەقسەت ۋە مەزمۇنلىرى ئېنىق بولۇپ، ئىزاھلاشقا ئېھتىياج چۈشمەيدۇ. ئىسلام ئەقىدىسى بارلىق ئىنسانلارنىڭ ئەقىدىسى بولغانلىقى ئۈچۈن ھەممە كىشىلەرگە روشەن ئېنىق كەلگەن.

 

ئابدۇراخمان جامال كاشىغەرى

2015- يىلى. مىسىر.