2024-يىل 5-ماي

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

«سۈننەت مۇستەقىل قانۇن چىقىرالمايدۇ» دېگەن شۇبھىگە جاۋاب

«سۈننەت مۇستەقىل قانۇن چىقىرالمايدۇ» دېگەن شۇبھىگە جاۋاب

 

سۈننەتنى ئىنكار قىلغۇچىلار سۈننەتتىن شەكلەندۈرۈش ۋە ئۇنى يوقىتىۋېتىشتىن ئۈمىدسىزلەنگەن ۋاقتىدا سۈننەتنىڭ مۇستەقىل قانۇن چىقىرىش سالاھىيىتىنى ئىنكار قىلىشىدۇ. شەكلەندۈرۈشتىن ۋە يوقىتىۋېتىشتىن ئۈمىدسىزلەنگەن ھەر ئىككى ئەھۋالدا بۇ ھىيلىگەرلەر سۈننەتكە شۇبھە قوزغايدۇ، ئۇلارنىڭ شۇبھىسى سۈننەتنىڭ رەسۇلۇللاھدىن سادىر بولغانلىقىغا تەسىر يەتكۈزۈپ قالماستىن بەلكى سۈننەتنى مومىيالاپ قاتۇرۇپ قويۇشقا ۋە سۈننەتتىكى روھىي كۈچ-قۇۋۋەتلەرنى يىغىشتۇرۇۋېتىشكە ئۇرۇنىدۇ. سۈننەت ئۈممەتكە نىسبەتەن سۇغا ئوخشاپ كېتىدۇ، ئەگەر بۇ سۇ بولمىسا ئۈممەت ھايات كەچۈرەلمەيدۇ .

ئۇلار(يەنى سۈننەتنى ئىنكار قىلغۇچىلار) قۇرئان كەرىمدىن ئاساسى بولمىغان ھەر قانداق سۈننەت مۇستەقىل قانۇن چىقىرىش سالاھىيىتىگە ئىگە ئەمەس دەپ قارايدۇ، ئۇلارنىڭ نەزەرىدە سۈننەت قۇرئاننىڭ بايانى خالاس. ئۇلار سۈننەت مۇستەقىل چىقارغان قانۇن ۋە ئەھكاملارنى قۇرئانغا زىت دەپ ئېتىبارغا ئالىدۇ، قۇرئانغا زىت بولغانلىقى ئۈچۈن باتىل دېمەكچى بولىشىدۇ.

 

بىز ئىلگىرى سۈننەت-مەيلى ئۇ بايانى سۈننەت بولسۇن ياكى مۇستەقىل قانۇن چىقىرىشقا ئالاقىدار سۈننەت بولسۇن- بىلەن قۇرئان ئارىسىدا ھەرگىز زىتلىق مەۋجۇد ئەمەس، دېگەن ئىدۇق. شۇنداقلا «سۈننەتنىڭ مۇستەقىل قانۇن چىقىرىش سالاھىيىتى» دېگەن تېمىدا تەپسىلى توختالغان ئىدۇق، شۇنداق بولسىمۇ بۇ تېمىدا يەنە بىر ئاز توختىلىشنى توغرا تاپتۇق.

 

بۇ شۇبھىگە جاۋاب:

 

سۈننەتنىڭ شەرىئەت ئەھكاملىرىنىڭ كۆپ قىسىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقىنى ئەقىللىق ۋە ئىنساپلىق ئادەم ئىنكار قىلمايدۇ، قۇرئان كەرىم بۇ مەسىلىلەرنى ئىخچام ئىشارەت قىلغان بولسىمۇ تەپسىلاتى توغرىسىدا ھېچقانداق ھۆكۈم بايان قىلمىغان. مانا بۇ-گەرچە جاھىللار ۋە تۇزكورلار تانسىمۇ- ئىلگىرىكى ۋە كېينىكى ئالىملارنىڭ بىردەك قارىشىدۇر.

مەسئۇلىيەتكە تارتىلىدىغان ئىنسانلارنىڭ ئىشلىرىغا ئالاقىدار سۈننەت يولى بىلەن كەلگەن ئەھكاملار ساناقسىز، مەسىلەن:

* فىتىر زاكىتى ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار ئەھكاملارنىڭ ۋاجىپلىق دەلىلى سۈننەت يولى ئارقىلىق ئىسپاتلاندى.

 

*  قىز ۋە ئۇنىڭ ھاممىسىنى بىر ۋاقىتتا بىرلەشتۈرۈپ نىكاھ قىلىشنىڭ ھاراملىقى سۈننەتتە ئىسپاتلانغان.

* قۇرئان كەرىم نەسەب ئالاقىسى ئارقىلىق يېقىن تۇغقانلار بىلەن توي قىلىش ھارام بولغانلارنى بايان قىلغان بولسا، سۈننەت ئېمىلداشلىق يولى ئارقىلىق ھارام بولغانلارنى بايان قىلىپ:«نەسەبتىن ھارام بولغان نەرسە ئېمىلدەشلىكتىمۇ ھارام بولىدۇ»دېگەن.(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

قۇرئان كەرىمدە ئېمىلدەشلىكتىن توي قىلىش ھارام دەپ بايان قىلىنغانلار پەقەت ئانىلار ۋە ئاچا-سېڭىللار ئىدى(نىسا سۈرىسىنىڭ 23-ئايىتىگە قاراڭ).

* قۇرئان كەرىم يېيىش ھارام بولغان ھايۋانلاردىن ئۆلۈك نەرسە، چوشقا گۆشى، قان…نى بايان قىلغان بولسا، سۈننەت يىرتقۇچ خاراكتېردىكى قۇشلارنى، ئېزىق چىشقا ئىگە يىرتقۇچ ھايۋانلارنى ۋە ئۆي ئىشەكلىرىنى يېيىشنى ھارام قىلدى.

* سۈننەت خوشنىلارغا«شۇپئەتچىلىك»(خوشنىدارچىلىق ھەققى) نى قارار قىلدى، شۇپئەتچىلىك دېگەن بىر ئادەم ئۆي ۋە يەر زېمىنلىرىنى ساتماقچى بولسا دەسلەپتە خوشنىسىغا بىلدۈرۈشى كېرەك، خوشنىسى ئۇ يەر زېمىنلارنى سېتىۋېلىشقا باشقىلاردىن بەكرەك ھەقلىق دېگەن بولىدۇ. قۇرئان كەرىمدە بۇ ئەھكام توغرۇلۇق ھېچقانداق ھۆكۈم يوق.

* قۇرئان كەرىم مۇتلەقلەشتۈرۈپ ئۆلۈپ قالغان نەرسىلەرنى يېيىشنى ھارام قىلدى. سۈننەت بولسا دېڭىزدا ئۆلۈپ قالغان نەرسىلەرنى مۇستەسنا قىلىپ(ئايرىپ چىقىرۋېتىپ) ھالال دەپ ھۆكۈم قىلدى، بۇ ھۆكۈم بۈگۈنگىچە ئەمەل قىلىنىپ كەلمەكتە.

* قۇرئاندا ھايۋاننىڭ قورسىقىدىكى تۆرەلمىنىڭ ھۆكمى كەلمىدى، يەنى ئۇنى يېيىش ھالالمۇ ياكى ھاراممۇ بۇ توغرىدا قۇرئاندا ھۆكۈم يوق ئىدى. سۈننەت بۇ مەسىلىنى بايان قىلىپ:«ئانىسىنىڭ بوغۇزلانغانلىقى تۆرەلمىنىڭ بوغۇزلانغىنىدۇر» (ئەبۇداۋۇد ۋە تىرمىزى رىۋايەت قىلغان)دەپ بايان قىلىپ بەردى.

مانا بۇ سۈننەت مۇستەقىل ھالەتتە ئوتتۇرىغا قويغان قانۇن ۋە ئەھكاملاردىن تامچە…

سۈننەتنىڭ مۇستەقىل قانۇن چىقىرىشىنىڭ مەنىسى سۈننەت ھۆكۈمنىڭ دەلىلى ۋە پاكىتى بولالايدۇ دېگەنلىكتۇر، رەسۇلۇللاھ ئاللاھنىڭ رۇخسىتىسىز خالىغانچە قانۇن يولغا قويىدۇ دېگەنلىك بولمايدۇ. مۇئەييەن ھۆكۈمنى سۈننەت مۇستەقىل يولغا قويسا يەنىلا ئاللاھنىڭ رۇخسىتى ۋە بۇيرۇقى بىلەن بولىدۇ، چۈنكى-ئۇ قانۇننىڭ ھۆكمى قۇرئان بولسۇن ياكى سۈننەت بولسۇن-قانۇن چىقىرىش ئىگىسى ئاللاھدۇر.

لېكىن سۈننەتنى ئىنكار قىلغۇچىلار بۇ مەسىلىلەر شۇنداق روشەن تۇرسىمۇ كۆز يۇمۇشىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ نەزىرىدە غايە ۋاستىنى ئاقلاپ بېرىدىغانلىقىدا شەك يوق…

 

 

2006- 12- 25  كۈنى يېزىلغان

 

ئابدۇراخمان جامال كاشىغەرى

مىسىر، قاھىرە شەھىرى.