2024-يىل 5-ماي

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

«سۈننەتنى ئالماي قۇرئان بىلەن كۇپايىلەنگۈچىلەر»نىڭ شۇبھىسىگە جاۋاب

«سۈننەتنى ئالماي قۇرئان بىلەن كۇپايىلەنگۈچىلەر»نىڭ شۇبھىسىگە جاۋاب

 

سۈننەتنى ئىنكار قىلغۇچىلار قوزغاپ چىققان شۇبھىلارنىڭ ئومۇمىسىغا نەزەر تاشلىغان كىشى، ئۇ شۇبھىلارنىڭ-تۈرلۈك بولسىمۇ- ئىككى تۈرلۈك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ. بىرسى ئاساس، يەنە بىرسى -ئاساسلىق شۇبھىسىدە مەغلۇب بولسا ئىشقا سالىدىغان-ئورۇنباسار شۇبھىدۇر.

بىرىنچى تۈرى:سۈننەتنى-يالغان دېگەن ئېتىبار بىلەن-پۈتۈن يوققا چىقىرىۋېتىش ۋە سۈننەت بىلەن رەسۇلۇللاھنىڭ ئارىسىنى ئۈزۈپ تاشلاشنى مەقسەت قىلىدۇ.

ئىككىنچى تۈرى: ئېھتىياتى چارە بولۇپ، سۈننەتنى يوقىتالماي قالسا، داۋاملىق سۈننەتنىڭ يۈزىگە شەك-گۇماننى تەڭلەپ تۇرىدۇ(يەنى توختىماي شەك-شۇبھە قوزغاپ تۇرىدۇ).

خۇددى ئۇلارنىڭ تىلى ۋە سۆزى: رەسۇلۇللاھغا نىسبەت بېرىلگەن سەھى سۈننەت دىننىڭ قاتارىدىن ئەمەس، مۇسۇلمانلار بۇ سۈننەتكە مۇھتاج ئەمەس دېمەكچى بولغاندەك كۆرۈنىدۇ. ئۇلاردىن:سۈننەتتىن بىھاجەت بولۇشنىڭ نېمە ئاساسى بار؟دەپ سورىسىڭىز، ئۇلار:قۇرئاننىڭ ئۆزى مۇسۇلمانلارنىڭ دىن ۋە دۇنيالىق ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىگە كۇپايە قىلىدۇ، دەپ جاۋاب بېرىدۇ.

بۇ شۇبھە ئىككىنچى تۈردىكى شۇبھىدۇر، يەنى سۈننەتنىڭ رەسۇلۇللاھدىن سادىر بولغانلىقىغا قايىل بولغان ۋاقتىدا سۈننەت بىلەن مۇئامىلە قىلىش نەتىجىسىدۇر. ئەگەر سىز بۇلارغا مۇسۇلمانلار سۈننەتكە تايانمىسىمۇ قۇرئاننىڭ ئۆزىلا كۇپايە قىلىدۇ، دەيدىغانغا نېمە پاكىتىڭىز بار؟ دەپ سورىسىڭىز، ئۇلار سىزگە ئاللاھنىڭ بىر قانچە ئايىتىنى ئوقۇپ بېرىدۇ.

  1. ئاللاھنىڭ سۆزى:«ما فَرَّطْنا فِي الْكِتابِ مِنْ شَيْءٍ»(ئەنئام سۈرىسى، 38-ئايەت).
  2. ئاللاھنىڭ سۆزى:«أَوَلَمْ يَكْفِهِمْ أَنَّا أَنْزَلْنا عَلَيْكَ الْكِتابَ يُتْلى عَلَيْهِمْ إِنَّ فِي ذلِكَ لَرَحْمَةً وَذِكْرى لِقَوْمٍ يُؤْمِنُونَ»ئەنكەبۇت سۈرىسى،51-ئايەت).

مانا بۇ بۇلارنىڭ دەلىلى، ئۇلارنىڭ بۇنىڭدىن باشقا دەلىلى يوق.

(1)

بۇ شۇبھىگە رەددىيە:

 

بىز بۇ شۇبھىگە ئىككى نۇقتىدىن رەددىيە بېرىمىز.

بىرىنچى:ئىككى ئايەتنى دەلىل كەلتۈرۈشنىڭ خاتالىقى،

ئىككىنچى:دەۋرلەر بويى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەمەلىي ھاياتىدىن جاۋاب بېرىمىز.

  1. ئىككى ئايەتنى دەلىل كەلتۈرۈشنىڭ خاتالىقى:

بىرىنچى ئايەتنى دەلىل كۆرسىتىش خاتا، چۈنكى بىرىنچى ئايەتتىكى «كىتاب» دېگەن سۆزدىن مەقسەت«لەۋھۇلمەھفۇز»دۇر. ئۇ(يەنى لەۋھۇلمەھفۇز)دا ئاللاھ بولۇپ بولغان، بولىۋاتقان ۋە بۇندىن كېيىن يۈز بېرىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى چۈشۈرۈپ قويماي تەپسىلى پۈتىۋەتكەن.

ئاللاھ تائالا يۈنۈس سۈرىسىدە مەزكۇر ئايەتتىكى «كىتاب»سۆزىنىڭ لەۋھۇلمەھفۇزنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، يۇقىرىقىغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئايەتتىن يەنە بىرنى نازىل قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:«وَما تَكُونُ فِي شَأْنٍ وَما تَتْلُوا مِنْهُ مِنْ قُرْآنٍ وَلا تَعْمَلُونَ مِنْ عَمَلٍ إِلاَّ كُنَّا عَلَيْكُمْ شُهُوداً إِذْ تُفِيضُونَ فِيهِ وَما يَعْزُبُ عَنْ رَبِّكَ مِنْ مِثْقالِ ذَرَّةٍ فِي الْأَرْضِ وَلا فِي السَّماءِ وَلا أَصْغَرَ مِنْ ذلِكَ وَلا أَكْبَرَ إِلاَّ فِي كِتابٍ مُبِينٍ»يەنى«سەن قايسى ھالەتتە بولمىغىن، قۇرئاندىن قايسى نەرسىنى ئوقۇمىغىن، سىلەر قايسى بىر ئىشنى قىلماڭلار، ئۇنىڭ بىلەن بولۇۋاتقان ۋاقتىڭلاردا ھامان بىز سىلەرنى كۈزىتىپ تۇرىمىز، ئاسمان-زېمىندىكى زەررە چاغلىق نەرسە ۋە ئۇنىڭدىن كىچىك ياكى چوڭ نەرسە بولسۇن، ھېچقايسىسى ئاللاھنىڭ بىلىشىدىن چەتتە قالمايدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى لەۋھۇلمەھپۇزدا خاتىرىلەنگەندۇر»دەيدۇ.(يۈنۈس سۈرىسى، 61-ئايەت).

مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئايەتلەرنىڭ ئوخشىشى بار. مەزكۇر ئايەتتىكى «كىتاب» دېگەن سۆزدىن مەقسەت لەۋھۇلمەھفۇزدۇر. مانا بۇ ئۆتكۈر ئاتاقلىق ئالىملارنىڭ تەپسىرى ۋە كۆز قارىشىدۇر. دېمەك، ئۇلارنىڭ كەلتۈرگەن بىرىنچى دەلىلى ئورۇنسىز دەلىل بولۇپ تارازىدا توختىمايدۇ.

گەرچە بىرىنچى ئايەتتىكى «كىتاب»دېگەن سۆزدىن مەقسەت قۇرئان دېيىلگەندىمۇ، قۇرئان كەرىم سۈننەتتىن بىھاجەت بولىدۇ، دەيدىغان ئۇقۇمنى بەرمەيدۇ. چۈنكى قۇرئان كەرىم ئازغىنا بىر قىسىم ئەھكاملارنى بايان قىلدى. قۇرئاننىڭ ھەممە نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقىنىڭ مەنىسى:قۇرئان كەرىم ئاساسلىق پرىنسىپال مەسىلىلەر، شەرىئەتنىڭ ئاساسلىق كۆرسەتمىلىرى ۋە ئومۇمى قائىدىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالدى، دېگەن بولىدۇ. قانداقتۇر ئۇ سۆزدىن قۇرئان كەرىم ھايات ساھەسىدىكى بارلىق ئەھكاملارنى تەپسىلى بايان قىلدى، دېگەن ئۇقۇم ھەرگىز چىقمايدۇ. كىم شۇنداق دەۋا قىلسا ئەخمەق، نادان ياكى گەپ قىلىپ يۈرۈشكە يارىمايدىغان تەرسا ئادەمدۇر. دېمەك، ئۇلارنىڭ:«ما فَرَّطْنا فِي الْكِتابِ مِنْ شَيْءٍ»(ئەنئام سۈرىسى، 38-ئايەت)كەلتۈرگەن دەلىلى خاتا ۋە ئورۇنسىزدۇر.

ئۇلارنىڭ:«أَوَلَمْ يَكْفِهِمْ أَنَّا أَنْزَلْنا عَلَيْكَ الْكِتابَ يُتْلى عَلَيْهِمْ»يەنى(بىزنىڭ ساڭا ئۇلارغا تىلاۋەت قىلىنىپ تۇرىدىغان كىتابنى نازىل قىلغانلىقىمىز ئۇلارغا(مۆجىزە بولۇشقا) كۇپايە قىلمىدىمۇ؟»(ئەنكەبۇت سۈرىسى، 51-ئايەت).

ئۇلارنىڭ ئىككىنچى دەلىلىنىڭ بايانى ۋە ئىزاھاتى بۇ ئايەتتىن ئىلگىرىكى ئايەتكە مۇناسىۋەتلىك.ئىلگىرىكى ئايەت:«ئۇلار:«نېمىشقا ئۇنىڭغا پەرۋەردىگارىدىن مۆجىزىلەر نازىل قىلىنمايدۇ»دېدى. ئېيتقىنكى«مۆجىزىلەر ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر(مېنىڭ قولۇمدا ئەمەستۇر)، مەن پەقەت بىر ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن» (ئەنكەبۇت سۈرىسى، 50-ئايەت).

بۇ يەردە قۇرئان كەرىم مۇشرىكلارنىڭ:«ئاللاھ نېمە ئۈچۈن مۇھەممەدكە مۆجىزىلەرنى چۈشۈرمەيدۇ» دەپ ئۆز ئارا سورىشىۋاتقان سۆزىنى ھېكايە قىلىپ بېرىۋاتىدۇ. ئۇلار بۇ سۆزنى دېگەن چاغلىرىدا قۇرئان كەرىمدىن كۆپ سۈرىلەر ۋە ئايەتلەر چۈشۈپ بولغان، رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا بۇ قۇرئاننى تەكرار ئاڭلاتقان، قۇرئان كەرىمنىڭ بالاغەت ئۇسۇلى ئۇلارنى ئاجىز كەلتۈرگەن ئىدى. ئۇلار قۇرئان كەرىمنىڭ قەلب، ئەقىل ۋە تۇيغۇلارغا تىز تەسىر كۆرسەتكەنلىكىدىن قۇرئان كەرىمنى سېھىر ۋە شېئىر دەپ سۈپەتلەشكەن ئىدى. ئۇلار يۇقىرىقى تۆھمەتلىرى ئارقىلىق قۇرئان كەرىمنى-بالاغەت مۆجىزلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ تۇرۇقلۇق-بالاغەت مۆجىزە كۆرسەتمىلىرىدىن ئايرىۋېتىشتى ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى مۆجىزىسىز ھالدا پەيغەمبەرلىكنى دەۋا قىلغۇچى، دەپ قاراشتى.

مانا شۇ چاغدا ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ شۇبھىلىرىنى مات قىلغۇچى سۆزىنى چۈشۈردى:«بىزنىڭ ساڭا ئۇلارغا تىلاۋەت قىلىنىپ تۇرىدىغان كىتابنى نازىل قىلغانلىقىمىز ئۇلارغا (مۆجىزە بولۇشقا)كۇپايە قىلمىدىمۇ؟»(ئەنكەبۇت سۈرىسى، 51-ئايەت).

يەنى قۇرئان كەرىم مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى تەستىقلاشقا يېتەرلىك مۆجىزە ئەمەسمۇ؟ ھالبۇكى ئۇلار قۇرئان كەرىمنىڭ ئەڭ ئەقىللىق ۋە ئەڭ پاساھەتلىك كىشىلەرنىڭ سۆزىدىنمۇ ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى كەسكىن بىلىشەتتىغۇ!

مانا يۇقىرىقى پاكىتلىرىمىزدىن كۆرۈپ تۇرۇپسىزكى، ئۇلار ئايەتنى ئۆز ماقامىدىن يۆتكىۋتىشتى، مەنىسىنى قەستەن بۇرمىلاشتى، مەنىلەرنى بۇرمىلاش سۆزلەرنى بۇرمىلاشتىن قەبىھلىك جەھەتتە تۆۋەن كەلمەيدۇ. دېمەك، ئۇلارنىڭ كەلتۈرگەن ئىككى دەلىلى نەزەردىن ساقىتتۇر.

 

(2)

 

ئىككىنچى: مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسلامنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدىن تارتىپ قۇرئان ۋە سۈننەت بىلەن تەڭ ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتقانلىقتىكى ئەمەلىي رېئاللىقتۇر.

قۇرئان بىلەنلا كۇپايىلىنىش مۇمكىن ئەمەس.

ئاللاھ بىلەن قەسەمكى سۈننەت بولمىسىمۇ قۇرئاننىڭ ئۆزىلا كۇپايە دېگەن سۆز  زادى مۇمكىن ئەمەس. قۇرئان كەرىم مۇسۇلمانلار ھاياتىدا مۇھتاج بولىدىغان چوڭ-كىچىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىدى.

بەلكى سۈننەت(ھەدىس)مۇ-گەرچە كۆپ تەپسىلاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولسىمۇ- مۇسۇلمانلار ھاياتىدا مۇھتاج بولىدىغان بارلىق نەرسىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمىدى.

شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ ئىسلام ئۈممىتىنى قۇرئان ۋە سۈننەتتىن بوش قالغان تارماق بوشلۇقلارنى -ھېكمەت سەۋەبىدىن- قۇرئان ۋە سۈننەت روھىدىن ئېلىنغان باشقا ۋاسىتىلەر بىلەن توشقۇزۇشقا دەسلەپكى ئەسىردىن تارتىپ ھىدايەت قىلدى.

باشقا ۋاسىتىلەر:

ئىجما(ئالىملارنىڭ بىرلىككە كېلىشى)، قىياس، ئومۇمىي مەنپەئەت… لەر(يەنى قۇرئان-سۈننەتكە تەۋە قوشۇمچە مەنبەلەر) بولۇپ بۇ ۋاسىتىلەر فۇقاھالار ئىچىدە ئوخشاشمىغان دەرىجىدە ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ، چۈنكى ھايات ئىشلىرى كەڭرى ۋە يېڭىلىقلار ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ. شۇڭا ئىسلام شەرىئىتى قۇرئان ۋە سۈننەتتىن ئېلىنغان تارماق ۋاستىلىرى ئارقىلىق يېڭى ۋەقەلەر ۋە ھادىسىلەرگە تاقابىل تۇرىدۇ ۋە تۇرالايدۇ.

شۇڭا شەرىئەتنىڭ قانۇن چىقىرىش مەنبەسىنى يالغۇز قۇرئانغىلا چەكلەپ قويۇش دۆتلۈكتۇر. قۇرئان كەرىم قانۇن چىقىرىش مەنبەسىنىڭ ئەسلى ئاساسى ئىكەنلىكىدە شەك يوق، ئەمما قۇرئان كەرىم يۇقىرىقى ئۆزىدىن ئېلىنغان بارلىق پرىنسىپال ئاساس ۋە ۋاسىتىلەردىن بىھاجەت بولىدۇ، دېگەن سۆزنى بىر ئاز بىر نەرسە بىلىدىغان ئۇقۇمۇشلۇق ئادەم دېمەيدۇ.

قۇرئاننىڭ ئۆزىلا كۇپايە دېگەن قاراش قۇرئاننى مۇمىيالاش(قاتۇرۇپ قويۇش) ۋە ئۈممەتنى ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشتىن مەھرۇم قىلىشقا چاقىرىقتۇر. سۈننەتنى ئىنكار قىلغۇچىلار بۇ نۇقتىنى ئوبدان بىلىدۇ، بىراق ئۇلار ئىسلامنىڭ ئەشەددى دۈشمەنلىرىنىڭ تەمە ۋە خام-خىياللىرىنى ھېس قىلماستىن ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىرادە قىلىشىدۇ.

 

ئىسلامنىڭ ئەمەلىي ئاساسلىرىنى يوققا چىقىرىپ تاشلاش:

 

ئەگەر سۈننەت بولمايدىغان بولسا ئىسلامنىڭ: ناماز، زاكات، رامىزان ۋە ھەجدىن ئىبارەت تۆت ئاساسى يوققا چىقىدۇ.

* چۈنكى قۇرئان كەرىمدە ناماز ئەھكاملىرىنىڭ پەرزلىكى ۋە نامازنى ياخشى ئادا قىلىشتىن باشقا ئەھكاملىرى تېپىلمايدۇ.

* قۇرئان كەرىمدە زاكاتنىڭ پەرزلىكى ۋە زاكات بېرىلىدىغان سەككىز تۈرلۈك ئادەمدىن باشقا ئەھكاملىرى تېپىلمايدۇ.

* قۇرئان كەرىمدە رامزاننىڭ پەرزلىكىدىن باشقا ئاز بەزى بىر ئەھكاملىرىدىن باشقىسى تېپىلمايدۇ.

* قۇرئان كەرىمدە ھەجنىڭ بەك ئاز ئەھكاملىرىدىن باشقا ئەھكاملىرى تېپىلمايدۇ.

ئەمما نامازنىڭ ئەركانلىرى، ۋاجىبلىرى، سۈننەتلىرى، پەرز نامازلارنىڭ رەكەت سانلىرى؛ رۇكۇنىڭ تاق، سەجدىنىڭ جۇپ قىلىنىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ شەكلى؛ پەرز، سۈننەت ۋە نەپلە نامازلار، ئۇلاردىكى قىرائەت شەكلى؛ نامازغا قانداق كىرىش ۋە نامازدىن قانداق چىقىش شەكلى… قۇرئان كەرىمدە يوق، بۇ ئەھكاملار سۈننەت ئارقىلىق ئىسپاتلىنىدۇ.

زاكاتنىڭ قايسى ماللارغا كېلىدىغانلىقى، زاكاتنىڭ شەرتلىرى، ئۆلچەملىرى… قۇرئاندا تېپىلمايدۇ، بۇ ئەھكاملار سۈننەت ئارقىلىق بىلىنىدۇ.

رامىزان ۋە ھەجنىڭ ئەھكاملىرىمۇ شۇنداق. ئۇنداقتا ئۈممەت قۇرئان بىلەن كۇپايىلىنىپ سۈننەتتىن قانداقمۇ بىھاجەت بولالايدۇ؟

سۈننەت دېگەن قۇرئاننىڭ روھى، قۇرئاننى چۈشنىش ۋە ئەمەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچلىرى…

سۈننەتنى ئىنكار قىلغۇچىلاردىن سوراپ باقايلى:

ئەزاننىڭ شەكلى قۇرئان كەرىمنىڭ قەيېرىدە بار؟

روزا ھېيىت (فىتىر)سەدىقىسى قۇرئاننىڭ قەيېرىدە بار؟

شەرئى نىكاھ كېلىشىمى (يەنى نىكاھ شەرتلىرى) قۇرئاننىڭ قەيېرىدە بار؟

مىڭلىغان ئەقىدە، ئىبادەت، مۇئامىلە(ئىقتىسادى مەسىلىلەر) ۋە ئەخلاق ئەھكاملىرىنىڭ قۇرئان كەرىم-گەرچە ئىخچام كۆرسەتمە بەرسىمۇ-دە تەپسىلى بايانى يوق. ئۇنداقتا قانداقمۇ سۈننەتتىن بىھاجەت بولغىلى بولسۇن؟

 

(3 )

ئەمەلىي سۈننەتلەرنى ئېلىش، قەۋلى(سۆز) سۈننەتلەرنى ئالماسلىق:

سۈننەتنى ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ بىر قسىمى رەسۇلۇللاھنىڭ ئەمەلىي سۈننىتىنى ئالىدۇ، سۆزگە ئالاقىدار سۈننەتلىرىنى ئالمايدۇ، شۇڭا بۇلار ئىسلامنىڭ بۇ تۆت ئاساسىدا رەسۇلۇللاھنى دورىساق بولىدۇ، چۈنكى بۇ ئەمەلىي سۈننەتلەر بىزگە مۇتەۋاتىر يولى بىلەن يېتىپ كەلگەن دېيىشىدۇ.

ئۇلارنىڭ رەسۇلۇللاھنىڭ ئەمەلىي(ئىش-ھەرىكەت) سۈننىتىنى ئېلىپ، سۆز خاراكتېرلىك سۈننىتىنى ئالماسلىق دەۋاسى قوبۇل قىلىنمايدۇ، چۈنكى ئەمەلىي سۈننەتلەرنىڭ سۆز خاراكتېرىدىكى سۈننىتى بار. مانا بۇ رەسۇلۇللاھنىڭ سۆز خاراكتېرلىك سۈننەتلىرى رەسۇلۇللاھنىڭ ناماز ئوقۇغان، زاكات بەرگەن، رامىزان تۇتقان ۋە ھەج قىلغانلىقىنى كۆرۈش بىلەن ھېس قىلىنمايدۇ.

مەسىلەن، رەسۇلۇللاھ:«سىلەر مېنىڭ قانداق ناماز ئوقۇغانلىقىمنى كۆرگەن بولساڭلار، نامازنى شۇنداق ئوقۇڭلار»دەيدۇ.

يەنە:«ھەج پائالىيەتلىرىنى مەندىن ئېلىڭلار» دەيدۇ.

بۇ ئىككى ھەدىس ئەمەلىي سۈننەت ئەمەس، بەلكى سۆز خاراكتېرلىك سۈننەتلىرىدىن قاتارىدىن.

سۆز خاراكېترىدىكى سۈننەتلەر ئەمەلىي سۈننەتلەرنىڭ ئاساسى، ئۇنداقتا قانداقمۇ ئەمەلىي سۈننەت ئىسپاتلانغان ئاساس(يەنى سۆز سۈننەتلىرى)دىن بىھاجەت بولغىلى بولسۇن؟!

ئەگەر رەسۇلۇللاھ:«سىلەر مېنىڭ قانداق ناماز ئوقۇغانلىقىمنى كۆرگەن بولساڭلار، نامازنى شۇنداق ئوقۇڭلار»دېمىگەن بولسا، نامازدا رەسۇلۇللاھنى دوراپ ئوقۇشنىڭ ۋاجىبلىقى ئىسپاتلانمىغان بولاتتى.

ئەگەر رەسۇلۇللاھ:«ھەج پائالىيەتلىرىنى مەندىن ئېلىڭلار»دېمىگەن بولسا، رەسۇلۇللاھنىڭ ھەج پائالىيەتلىرى ۋە سۆزلىرىگە ئەگىشىشنىڭ ۋاجىبلىقىنى بىلمىگەن بولاتتۇق. ھەج پائالىيىتى رەسۇلۇللاھ كۆرسەتكەن بويىچە بولمىسا ئىناۋەتسىز بولىدۇ.

 

(4)

رەسۇلۇللاھنىڭ سۆز خاراكتېرلىك فىقھىسى:

پەرەز قىلىپ باقايلى، ئەگەر بىز رەسۇلۇللاھنىڭ خۇپتەن نامىزىنى باشلىغاندىن تارتىپ ئاخىرلاشتۇرغانغا قەدەر كۆرسەك، مۇشۇ كۆرىشىمىز بىزگە خۇپتەن نامىزىنىڭ ئەركانلىرى، سۈننەتلىرى، مۇستەھەبلىرىنى ئايرىپ بېرەلەمدۇ؟

نامازدا سۈرە پاتىھەنى ئوقۇشنىڭ پەرزلىكى، باشقا بىر سۈرىنى ئوقۇشنىڭ سۈننەتلىكىنى بىلەلەمدۇق؟

رەسۇلۇللاھنىڭ نامازنىڭ رۇكۇسىدا «سبحان ربي العظيم»نى ئۈچ قېتىم، سەجدىدە «سبحان ربي الأعلى»نى ئۈچ قېتىم دېگەنلىكىنى قەيەردىن بىلەتتۇق؟ نامازدا ئوڭ تەرەپكە سالام بېرىشنىڭ ۋاجىبلىقىنى، سول تەرەپكە سالام بېرىشنىڭ ۋاجىب ئەمەسلىكىنى كىم ئۇقتۇرۇپ بېرىدۇ؟ ھەر بىر ئەمەلىي سۈننەتنىڭ سۆز خاراكتېرلىك سۈننەتلىرى بار. دېمەك، بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئەمەلىي سۈننەتنى ئېلىپ ۋە سۆز خاراكتېرىدىكى سۈننەتلىرىنى ئالماسلىق شۇبھىسى تارازىدا جىڭ باسمايدۇ.

 

 

 

 

(2006- 12- 8  كۈنى نەشىر قىلىنغان.)

 

ئابدۇراخمان جامال كاشىغەرى

مىسىر، قاھىرە شەھىرى.